قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 715|ئىنكاس: 16
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كىتاب ئوقۇش يىلىدىكى مەنىلىك باشلىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

6

دوست

859

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   71.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21261
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 256
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolimiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-13 22:42  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداشتىكى مۇنبەرداشلار
     بۇ يىل ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلى تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشۇش، ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىلىمگە ئىنتىلىش، بىلىمىنى پۇختىلاش، كىتاب مەدەنىيىتى ۋە كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش مەدەت بېرىش ئۈچۈن، 2-ئاينىڭ 13-كۈنى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە گۇما ناھىيەمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك كىتاب ئوقۇش بايرىمى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، پائالىيەتنى ناھىيەمىزدىن ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ تەتىلگە قايتىپ كەلگەن ياش ستۇدېنتلىرىمىز مۇنبەرلەردىكى كىتاب ئوقۇش يىلىغا ئاتاپ تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەت ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ باشچىلىقى، ستۇدېنتلارنىڭ نەچچە كۈنلۈك تەييارلىق كۆرۈشى، ھەرقايسى ساھەدىكى مەرىپەتلىك كىشىلىرىمىزنىڭ قوللاپ ياردەم بېرىشى بىلەن بۈگۈن ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلدى.
    پائالىيەتتە كىتاب ئوقۇش يىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى تونۇشتۇرۇش، كىتاب ئوقۇشتىن تەسىرات سۆزلەش، شىئىر ئوقۇش، ئاۋازلىق ئەسەر ئاڭلاپ ئەسەر نامىنى تىپىش، ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىنى ساناپ بېقىڭ، ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنى ساناپ بېقىڭ، يۇرت تارىخىنى سۆزلەپ بېقىڭ، يۇرتىمىزدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قانچىنى بىلىسىز، ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىنى تونۇشتۇرۇش، كىتاب ھەدىيە قىلىش، كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق تەرتىپلەر بولدى.
    بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ماددىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەن كوللىكتىپلار، شەخسلەر قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى:  يەنى شىنجاڭ كۈيچى مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى (بەش مىڭ يۈەن قىممىتىدە كىتاب ماتېرىيال ياردىمى)، ئۈرۈمچى بۇلاق كىتابخانىسى (كىتاب ياردىمى)، گۇما بۇلاق كىتابخانىسى (14-يانۋار كىتاب سىتىۋېلىش ئېتىبار باھا ياردىمى، ئىلىم سۆھبىتى)، گۇما شىنخوا كىتابخانىسى (كىتاب سىتىۋېلىش خەتچۈك ياردىمى)، دەۋر ئېلانچىلىقى، ئەنزار ئېلانچىلىقى، ئۈمىدۋار ئېلېكترون چەكلىك شىركىتى، يېشىل مەرۋايىت ھەمكارلىق كوپراتىپى قاتارلىق كوللىكتىپلار ماددىي جەھەتتىن قوللاپ ساخاۋەتلىك ياردىمىنى ئايىمىغان.
     ئاخىرىدا ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىللىگۈچىسى ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك ئەپەندى كىلەر نۆۋەتلىك (كىلەر يىللىق) كىتاب ئوقۇش بايرىمىنىڭ 2-ئاينىڭ 21-كۈنى دۇنيا ئانا تىل كۈنىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جۇشقۇنلۇق بىلەن ئېلان قىلدى. پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى قىزغىن ئالقىشلار بىلەن كىلەر نۆۋەتلىك كىتاب ئوقۇش بايرىمىنى ئالدىن قۇتلۇقلاشتى ھەمدە ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق ناملىق ناخشىغا كوللىكتىپ مەشرەپكە چۈشۈشتى.
    پائالىيەتكە ناھىيەگە قاراشلىق بىر قىسىم ئورۇنلاردىن تەكلىپ قىلىنغان مھېمانلار، ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيتى، مائارىپ سىستېمىسىدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بولۇپ 160 كە يىقىن ئامما قاتناشتى.  
تەكلىپنامىگە يېزىلغان مۇنۇ شىئىر بەك ياخشىكەن: كۆزى كورنى كەمسىتمەڭ، كور كىشىگە كۆز كىتاب.
                                                              كۈچسىزلەرگە كۆپ كايىماڭ، كۈچسىزلەرگە كۈچ كىتاب.
                                   كىتابنى كۆپ كۆرسىڭىز، كىر كۆڭۈللەر كېتىدۇ.
                                   كۈلىدىغان كۈنلەرمۇ، كېچىكمەيلا كىلىدۇ.
                                                            كىتاب كۆرۈڭ كىشىلەر، كىتاب كامال كەلتۈرۈر.
                                                           كۆپرەك كىتاب كۆرگەننىڭ، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ كىلۇر.




DeepinScreenshot20150213213409.png (449.96 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

DeepinScreenshot20150213213409.png

11

تېما

2

دوست

4059

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1692
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 404
تۆھپە : 1022
توردىكى ۋاقتى: 282
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:46 |ئايرىم كۆرۈش
سېھىرلىك ماكان گۇمىدىكى بۇ پائالىيەت ئىنتايىن ياخشى باشلىنىش بوپتۇ. پائالىيەت تەشكىللىگۈچى دوستۇم بەگتۈركنىڭ پاراسىتىگە تەشەككۇر. بىزدە ئەۋلادلار قەلبىگە مانا مۇشۇنداق مەرىپەت ئۇرۇقى چېچىش روھى بولۇشى تەخىرسىزدۇر.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

896

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   79.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9843
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 251
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:41 |ئايرىم كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ. باشقا جايلاردىمۇ مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپلەپ بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

0

تېما

1

دوست

2096

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 626
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يەر
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:14 |ئايرىم كۆرۈش
سەل كۆپەيسە قىلغىلى بولماسمىكىن، كىچىك ئالمىغا ئۇسۇل ئوينايدىغان ئىش بولسا تەشكىللەپ بېرىدۇ لېكىن

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34272
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
5#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:43 |ئايرىم كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ.

يوق

1

تېما

1

دوست

472

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27688
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 146
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
6#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:04 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇتىماڭلار ئىنتايىن ياخشى تىما بوپتۇ.داۋاملىق مۇشۇنداق مەزمۇندا بىزنى خەۋەرلەندۇرۇپ تۇرۇڭ.

2

تېما

0

دوست

1927

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18448
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 600
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
7#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:20 |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ.

0

تېما

0

دوست

547

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   9.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9901
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
8#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:24 |ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى خەۋەرلەرنى كۈندە ئاڭلاپ تۇرسام دەيمەن.بارىكاللا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )