قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2017|ئىنكاس: 25
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز سېسىتمايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

55

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   18.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32741
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:53 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئۆزىمىزنى    ئۆزىمىز  سېسىتمايلى

ئابدۇۋەلى ھۈسەيىن


          ئىختىساسلىق خادىملار  مىللەتنىڭ بايلىقى .قايسى مىللەتنىڭ ئىختىساسلىق خادىملىرى كۆپ ، ساپاسى يۇقىرى بولسا  شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىياتى تېز ، خەلقئارادىكى ئورنى يۇقۇرى ، تەسىرى كۈچلىك ، مۇھىم  مەسىلىلەرنى قارار قىلىشتا  پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى  شۈنچە چوڭ بولىدۇ . ئەكسىچە بولسا ،ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ئاز،  ئۆزى ھېچنىمە يارىتالمىغانلىقتىن  باشقىلار  ياراتقان پەن ـ تېخنىكا يېڭىلىقلىرىدىن پايدىلىنىدىغان ،  باشقىلار ئېچىپ بەرگەن كېچىكتىن ئۆتمىسە باشقا كېچىك تاپالمايدىغان ، ساداسىنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم ئاڭلىمايدىغان بىچارە مىللەتكە ئايلىنىپ  قالىدۇ .بۇنىڭدىن بۈگۈنكى دۇنيادا  ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ خەلقئارا جەمىيەتتىكى ئورنى بىلەن   قوشقان تۆھبىسىنىڭ    شۇ مىللەتنىڭ  ساپاسى تەرىپىدىن   بەلگىلىنىدىغانلىقىنى ئوچۇق   كۆرىۋالغىلى بولىدۇ  . ئۇنداقتا مىللەتنىڭ ساپاسى نىمىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ ؟ مىللەتنىڭ ساپاسى شۇ مىللەتنىڭ ئىختىساسلىق خادىملىرى ، ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھبىسى  ، مۇھىم پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى نەتىجە،  كەشپىياتلىرىغا قاراپ   بېكىتىلىدۇ . مەسىلەن: يەھۇدىلارنىڭ  نۇپۇسى ئاران 13 مىليون( بۇنىڭ ئىچىدە 6 مىليونى ئامېركىدا ، 2 مىليونى باشقا دۆلەتلەردە ، 5 مىليونى ئىسرائىلىيەدە ياشايدۇ ) غا  يېتىدۇ . شۇنداق تۇرۇقلۇق  پۈتۈن دۇنيا بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئىچىدە  يەھۇدىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى   %22كە يېتىدۇ .2 ـ دۇنيا ئۇرىشىدىن كېيىن ئامېركىدا 50 نەپەر ئالىم نوبىل مۇكاپاتىغا  ئېرىشكەن بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمىنى  يەھۇدى ئالىملار ئىگىلەيدۇ .بۇ يەردە بىز  ماركىس ، ئەينىشتىيىن ، چارلىز چاپلىن ، كېسىنگىر قاتارلىق خەلقئارادىكى مەشھۇر  شەخىسلەرنىڭ  يەھۇدى ئىكەنلىكىدەك كۆپلىگەن ئادەم بىلىدىغان پاكىتنى دەپ ئولتۇرمىساقمۇ  ئامېركىنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى يەھۇدىلار ئىگىلىۋالغانلىقتىن  دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ چوڭ دۆلەتنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە   ئىسرائىلىيەگە پايدىسىز گەپ قىلالمايدىغان ، ھەر نۆۋەتلىك  ئىسرائىلىيەنى جازالاش قارار لايىھەسى   ئاۋازغا قويۇلغان ب د ت يىغىنىدا    قارىشى بېلەت تاشلايدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالغانلىقىنى دېمەي تۇرالمايمىز   . دېمىسىمۇ كىچىككىنە ئىسرائىلىيە دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان 60نەچچە يىلدىن بۇيان  نەچچە 100 مىليون نوپۇسى بار ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىمۇ مەزمۇت ياشاپ كېلىۋاتىدۇ . ھەر قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى ئۇنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلىشىپ  زامانىۋى ئۇرۇش دەۋرىدە  كىمنىڭ غەلىبە قىلىشىنى ئادەمنىڭ سانى ئەمەس بەلكى ساپاسى ، قورال-جابدۇقلارنىڭ سۈپىتى بەلگىلەيدىغانلىقىنى  بارغانسىرى تولۇق ئىسپاتلىماقتا !  بۇلار  ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ  مىللەتنىڭ ئومۇرتقىسى ،جېنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان پولاتتەك پاكىت ئەمەسمۇ ؟  بىزمۇ باشقا مىللەتلەر ئالدىدىكى ئىناۋىتىمىزنى ئۆستۈرىمىز ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا  پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان مىللەتكە ئەمەس  ، بەلكى تۆھبە قوشىدىغان مىللەتكە ئايلىنىمىز دەيدىكەنمىز  ھەر ساھەدىكى ئىختىساسلىق خادىملارنى چۈشىنىش ، ھۆرمەتلەش، قوللاش ۋە ياردەم بېرىشنى  ئۆزىمىزنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرىشىمىز كېرەككى ،ھەرگىزمۇ  ئۇلارنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدىغان ،خىزمەت ۋە ئىجادىيەت ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بولمىغور گەپ ـ سۆز ۋە قىلىقلاردا بولماسلىقىمىز كېرەك.
          مەن يېقىندا ئۈرۈمچىگە بېرىپ كەلگەن بىرسىدىن : ‹‹يازغۇچى   XX  بىراۋنىڭ 300دوللار ئامانىتىنى بەرمەي خەجلىۋاپتۇ›› دېگەن ئاتالمىش «يېڭى خەۋەر»نى ئاڭلاپ غەزەپلەنگىنىمدىن ئۆزەمنى باسالمىغان ھالدا يۇقۇرىقىدەك  سۆزلە پ كەتتىم . دېمىسىمۇ باشقىلارغا تۆھمەت چاپلاش ،يوق يەردىن قۇسۇر تېپىپ  غەيۋىتىنى قىلىش ئەخلاقسىزلىق بولۇپلا قالماي ،قانۇنىي جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ كىشىلەرنىڭ ئىززەت -ئابرويىغا دەخلى ـ تەرۇز يەتكۈزۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىك بولۇپ ھېساپلىنىدۇ  . ئەجىبا بۇ كىشىلەر بۇلارنى چۈشەنمەمدىغاندۇ ؟ياكى چۈشەنسىمۇ بىلمەسلىككە سېلىپ ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلاپ يۈرىۋېرەمدىغاندۇ ؟مەن مۇشۇلارنى ئويلىغانچە غەزىپىم ئۆرلەشكە باشلىدى ، ئۆزەمنى بېسىۋالالمىغان ھالدا  بايىقى كىشىگە قاراپ تۇرۇپ  سۆزۈمنى  داۋاملاشتۇدۇم  :
           ــ سىز دېگەن ئۇ يازغۇچىنى مەن ناھايىتى ياخشى بىلىمەن ،ئۇ چوڭقۇر ھېسسىيات ،يۈكسەك بەدىئىي ماھارەت بىلەن بىر نەچچە رومان ،نەچچە ئونلىغان پوۋىست ۋە ھېكايىلەرنى يېزىپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ  تەرەققىياتىغا ،ئۇنى مەملىكەت ۋە دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشكە بەلگىلىك تۆھپە قوشقان.ئۇنىڭ مائاشىنى تىلغا ئالمىغاندىمۇ ،يىلدا ئالىدىغان قەلەم ھەققىلا بىر نەچچە مىڭ يۈەندىن كەم بولمىسا كېرەك . مىللەتنىڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش   ئۈچۈن كېچە ـ كۈندۈز دېمەي ئۆزىنىڭ  يۈرەك قېنىنى  سەرپ قىلىۋاتقان بىر يازغۇچىنى  مۇشۇنداق باشقىلارنىڭ ئامانەت پۇلىنى خەجلىۋاپتۇ دېيىش نېمە دېگەن بېمەنىلىك ـ ھە ؟   گېپىم خېلى تەسىر قىلغان چېغى ھېلىقى كىشى ھۈپپىدە قىزىرىپ كېتىپ  لام ـ جىم دېمەي تۇرۇپ  قالدى.مەن بۇنىڭغا قاراپ قاچانمۇ خەلقىمىز ئارىسىدا مۇشۇنداق  باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش، تۆھمەت چاپلاشتىن  يۈزى قىزىرىدىغان  ھالەت  شەكىللىنىپ بولار ، ئەگەر شۇنداق بولسا ئۆزىمىزنىڭ يېغىرىنى ئۆزىمىىز تاتىلىمىغان ،  ئۆزىمىزنىڭ ئىختىساسلىق خادىملىرىنىڭ شەنىنى ئۆزىمىز بولغاپ  بۇ يۇرتتا تۇرالمىغىدەك  قىلىۋېتىپ ، كېرەك بولغاندا يەنە ئۆزىمىز ھەريانغا  پالاقلاپ ئىزدەپ يۈرمىگەن بولاتتۇق  ! دېگەنلەرنى كۆڭلىمدىن كەچۈردىم .
         ئەمەلىيەتتە بۇنداق  مىساللار ناھايىتى كۆپ . پەقەت ئۆزەمنىڭ ئاڭلىغانلىرىنىلا دەيدىغان بولسام بۇ ئويدۇرمىلارنىڭ ئاجايىپ ـ غارايىپلىقىدىن ئادەم يا يىغلىشىنى ،يا كۈلۈشىنى بىلمەي قالىدۇ. تۆۋەندە سۆزۈمنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئوقۇرمەنلەرگە  بۇ خىل «يېڭى خەۋەر» ۋە «يېڭى ئۇچۇر» لاردىن بىر نەچچىنى مېسال كەلتۈرۈپ ئۆتىمەن  :
« XX  چەت ئەلدىن خىروئىن يۆتكەپ چېگرىدا قولغاچۈشۈپ قاپتۇ .» ،« XXبىلەن XX  چەتتىن ئەتكەس مال يۆتكەپ تاموژنىدا سېزىلىپ قاپتۇ » ،« XX  ناخشىچى ئۇنداق قىپتۇ ›› ‹‹ پالانچى شائىر مۇنداق قىپتۇ» ،« ئاپتونۇم رايوننىڭ پالانچى رەھبىرى مۇنداق دەپتۇ » ،« پۇكۇنچى ئۇسۇلچىنىڭ بىر قاسساپ بىلەن غەيرى مۇناسىۋىتى باركەن  »،«XXنى ھېچكىم  ئادەم  دەپ ھېساپلىمايدىكەن » ۋە باشقىلار .مانا مۇشۇنداق ئىغۋا تۈسىنى ئالغان ئويدۇرمىلار پارتلاش خاراكتىرىنى ئېلىپ بىردەمدىلا ئۈرۈمچىدىن ھەرقايسى ۋىلايەت ،ئوبلاست ،ناھىيە ھەتتا يېزىلارغا قەدەر تاراپ ،ئەشۇ ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ نامىغا داغ چۈشۈرۈپ ،كىشىلەر قەلبىدە ئۇلارغا نىسبەتەن بىر خىل خاتا  قاراش ، خاتا چۈشەنچە  پەيدا قىلماقتا  .
        يۇقىرىدا ئۇلار ئىسمىنى ئاتىغان  ئختىساس ئېگىلىرى راستىنلا  ئەشۇنداق نامۇۋاپىق   ئىشلارنى سادىر قىلىدىغان كىشىلەرمۇ ؟مېنىڭچە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس ،ئەكسىچە ئۇلار  ئاپتونوم رايون ،مەملىكەت ھەتتا خەلقئارادا بەلگىلىك ئىناۋەت ۋە تەسىرگە ئىگە كىشىلەر . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل ياشلىقى ۋە ھاياتىنى  ئۆزلىرى تاللىۋالغان  كەسپكە بېغىشلاپ ،ئۈزلۈكسىز تۈردە  ئىزدىنىش ۋە تەر تۆكۈش ئارقىلىق كىشىلەرگە روھىي ئوزۇق ئاتا قىلغان   ،بارلىقىنى ۋەتەن ،خەلق ،مىللەتكە بېغىشلىغان   ،  بەزىلىرى ئىلگىرى ھەرخىل بوران-چاپقۇن ۋە سىناقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن ،نامۇۋاپىق مۇئامىلە ۋە زەربىگە  ئۇچرىغانلار ،شۇنداق تۇرۇپ ئۇلار ۋەزىيەت ئوڭشىلىشى بىلەن قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىدىيە جەھەتتىكى بوپىنى چۆرۈپ تاشلاپ  باش چۆكۈرۈپ  ئىشلەپ جەمئىيەت  تەرەققىياتى ، ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ئۈچۈن  تۆھپە قوشىۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ بىزگە دېمىگەن يۈكسەك پىلانلىرى ۋە كىشىلەر تېخى ئويلاپ باقمىغان گۈزەل  ئىستەكلىرى بار . بىز ئۇلارنىڭ روھىدىن تەسىرلىنىشىمىز ، ئۈن - تۈنسىز تۆھبە يارىتىش ،ئىجاد قىلىش جاسارىتىدىن ئۆگىنىشىمىز ، ئىپتىخارلىق  ھېس قىلىشىمىز ،مۈمكىن بولسا  ماددى جەھەتتىن ياردەم بېرەلمىسەكمۇ مەنىۋى جەھەتتىكى  ياردىمىمىزنى ئايىماسلىقىمىز كېرەك . شۇنداق قىلساق ئۇلار خەلقىم مېنىڭ قىلغانلىرىمنى بىلىدىكەن،مەن ئۇلارغا ئېھتىياجلىق ئادەم ئىكەنمەن ، دېگەن تۇيغۇغىغا كېلىدۇ ـ دە تېخىمۇ زور غەيرەتكە كېلىپ ئۆز خىزمىتىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ . ئىلغار مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىختىساس ئىگىلىرىنى سۆيىدۇ ، قەدىرلەيدۇ ،داڭلىق جايلارنى ئۇلارنىڭ نامى بىلەن ئاتايدۇ ، بىرەر يېڭى نەرسە ئىجاد قىلىنسا ئۇنىڭغا شۇ ئالىمنىڭ نامىنى بېرىدۇ ،ئالىملار ،ئەمگەك قەھرىمانلىرى ،داڭلىق يازغۇچى- شائىرلار ،ئاتاقلىق مائارىپچىلار ئۆز ئىشىدا مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشسە ئەڭ بولمىغاندا ئاترىتكا ،خەت ،تەبرىك  تىلىگراممىسى ئەۋەتىپ  قۇتلۇقلايدۇ ، تۈرلۈك مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ شۇ ئالىمنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ داۋاملىق تۈردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ .ھەتتا ئۆز روزىغارىدىن ئېشىنىپ ئۇلارنىڭ بىلىم ئاشۇرۇشى ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن خاتىرجەم شۇغۇلللىنىشى ئۈچۈن  پۇل ئىئانە قىلىدۇ . بۇ نېمىدېگەن ياخشى روھ  ـ ھە ! شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ  ئارىسىدا ئىختىساس ئىگىلىرى تۈركۈملەپ بارلىققا كېلىپ ،مائارىپ ،ئىلىم ـ پەن ، مەدەنىيەت ۋە تېخنىكا ئىشلىرى يۈكسەك دەرىجىدە  تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ . بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپلا قالماي مەنىۋىي قىياپىتى ،خالقئارادىكى ئىناۋىتى ھەسسىلەپ يۇقۇرى كۆتۈرىلىۋاتىدۇ  . مىللەتنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ئېشىپ كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى  ۋە قايىللىقىغا ئېرىشىۋاتىدۇ .
     بىزدىمۇ ئختىسساس ئېگىلىرىگە نىسبەتەن ئەنە شۇنداق قوللاش ،ھېسداشلىق قىلىش روھى بولۇشى كېرەك ئىدى .ئارىمىزدا  بەزىلەر ئەتىدىن كەچكىچە بىلىم ،تېخنىكا، دۇنيادىكى يېڭىلىقلار ھەققىدە گەپ ساتىدۇ ، ئادەم توپلاشقان جامائەت سورۇنلىرىدا كاتتا مىللەتپەرۋەر قىياپىتىدە  ئوتتۇرىغا چىقىپ « بىز ئەزەلدىنلا بىر ـ بىرىمىزنى  كۆرەلمەيمىز ،خۇدايىم بىز خەقنى ياراتقاندا قولىمىزغا بىر جۈپتىن چوكا تۇتقۇزۇپ قويۇپتىكەن » دېيىشىپ ئاغزى كۈپۈكلىشىپ كېتىدۇ .ئەمەلىيەتتە دەل ئەشۇ كىشىلەر باشقىلارنىڭ بىرەر نەتىجىگە ئېرىشكىنىنى كۆرگەندە ئۆڭۈپ ،تاتىرىپ ئولتۇرالماي قالىدۇ ، ئىختىساسلىق خادىملار ئۈستىدىن پىتنە -پاسات تارقاتقۇچىلارغا دەرھال رەددىيە بېرىپ ،ئىككىنچى ئېغىز ئاچالماس قىلىۋېتىشنىڭ  ئورنىغا ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ دوست تارتىشىپ بېرىدۇ ، ئۇنىڭ يالغان  ـ ياۋىداق گەپلىرىنى ئالاھىدە بىر « ئۇچۇر» سۈپىتىدە جەمىيەتكە  تارقىتىدۇ .مانا بۇنداق ئىللەتلەر بىزنىڭ ئالغا بېسىشىمىزغا كاشىلا پەيدا قىلىپ پېشىمىزدىن تارتىپ كەلمەكتە، ئارىمىزدا ئارازلىق  ـ نىزا پەيدا قىلىپ خاتىرجەملىكىمىزنى بۇزماقتا .بىر ـ بىرىمىز بىلەن ياقا سىقىشىشقا سېپ قويۇپ  باشقىلار ئالدىدا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا .ھازىر بۇنداق ئىللەتلەرنى تەلتۆكۈس تۈگىتىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى . بىز مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر قاتارىدا ساغلام روھ ،ساغلام ئىدىيە بىلەن تەرەققىياتنىڭ يېڭى تېڭىنى  كۈتۈۋالىمىز دەيدىكەنمىز ئىختىساسلىق خادىملىرىمىزنى مىللەتنىڭ بايلىقى سۈپىتىدە قەدىرلىشىمىز  ،ئۇلارنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈرىدىغان بولمىغۇر  گەپ ـ سۆزلەرنى قىلماسلىقىمىز لازىم . ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشى ۋە ئەمگىكى بولماي تۇرۇپ بىزنىڭ كۈچلۈك پەن-تېخنىكا بىلەن قوراللانغان ،مەدەنىيەتلىك مىللەتكە ئايلىنىشىمىز مۇمكىن ئەمەسلىگىنى ، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئىلىم ـ پەن دۇنياسى ، ئىختىساسلىقلار دۇنياسى ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزدە مەھكەم تۇتىشىز كېرەك  .شۇنداقلا  يەنە  ئىختىساس ئىگىلىرىنى چۈشىنىشىمز ،ھۆرمەتلىشىمىز،   ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشىمىز ، ئۇلارنىڭ جەمىيەت تەرققىياتىنىڭ پاراۋۇزى ئىكەنلىكىدەك كاتولىزاتورلۇق رولىنى  ھەر ۋاقىت ئېتىراپ قىلىشىمىزلازىم .ئۇلارنى سېسىتقانلىق ماھىيەتتە ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز سېسىتقانلىق  بولىدۇ !

0

تېما

1

دوست

802

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   60.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23614
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 17:28 |ئايرىم كۆرۈش
پىكىرىڭىزنى قوللايمەن ،ئۇلار قوللاشقا چۈشۈنۈشكە مۇھتاج.
لىكىن «بارلىقىنى ۋەتەن ،خەلق ،مىللەتكە بېغىشلىغان » دىگەن سەل كونا گەپ بولۇپقاپتۇ،ھازىرقى جەمىئيەتتە مىنىڭچە بارلىقىنى مىللەتكە بىغىشلايدىغان ئادەممۇ يوق ،ھەم ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتمۇ يوق ،بىر ئادەم ئۆزىنىڭ كەسپىنى ياخشى قىلسا ئۆزىنى تاكامىللاشتۇرسا چوقۇم مىللەتكە جەمىيەتكە بەلگىلىك جەھەتتىن تۆھپە قوشىدۇ،شۇ بۇنداق مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىكى بۇنداق ئىدىيەنى ماقالىڭىزگە قوشۇۋىلىپ توغرا قىلماپسىز ،چۈنكى ئادەمنىڭ بارلىقىنى مىللەتكە بىغىشلاش ھازىرقى زامان ئىدولوگىيەسىگە چۈشمەيدۇ دەپ ئويلايمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

14

تېما

26

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 4038
توردىكى ۋاقتى: 1537
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 17:38 |ئايرىم كۆرۈش
  دۆلىتىمىز پەن-تېخنىكا ساھەسىدىمۇ مۇشۇ 90-يىللاردىلا تەرەققى قىلىشقا باشلىغان، تۇلا ىلىكتىرون مەھسۇلاتلار ياغاچچى تەييارلىغان ياغاچ قاپقا ئورنىتىلاتتى. كىيىن دۆلەتنىڭ بىر قىسىم رايونلاردا باج كەچۈرۈم قىلىش، سۇ-توك پۇللېرىنى ئەڭ تۈۋەن باھادا ھىساپلاش، بانكىدىن كاڭكىلاپ يۈلەش قاتارلىق تەدبىرلەر بىلەن يۈلىشىدە بىر-بىرىنى تۇلۇقلايدىغان كەسىپلەر تەييارلىنىپ، ئەمگەك كۈچلېرىنىڭ ئەرزانلىقىدىن دۆلەت سىرتىنىڭ مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ كۈپىيىشى بىلەن شۇلارغا ئىشلەش جەريانىدا تېخنىكىدا يىتىشكەن نۇرغۇنلىغان پۇخرالار مەيدانغا كىلىپ، 2000-يىللاردىن كىيىن چەت ئەللەردەن قايتىپ كەلگەن ئۇقۇغۇچىلار ۋە شۇ قۇشۇننىڭ تەسىرى بىلەن ئىلگىرلەشمۇ تىزلەشتى...
  

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 2961
توردىكى ۋاقتى: 796
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يەر
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 18:16 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-15 19:54  

‹‹سۇپىر كىلىنچەك ›› فىلىمىدىكى سۇپىر كىلىنچەك ئارتىسنىڭ ئىشلىرى يالغانمىدۇ؟

4

تېما

4

دوست

4147

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14556
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 1183
توردىكى ۋاقتى: 167
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
5#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 18:24 |ئايرىم كۆرۈش
بەزى ئىشلار سېسىتمىسىمۇئۆزىنىڭ سېسىق پۇرىقىدىن ئەتراپتىكى ئادەملەرنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان .

0

تېما

0

دوست

1163

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24196
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 344
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
6#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 19:40 |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز.بولۇپمۇدەسلەپى بۆلەك. «     ئىختىساسلىق خادىملار  مىللەتنىڭ بايلىقى .قايسى مىللەتنىڭ ئىختىساسلىق خادىملىرى كۆپ ، ساپاسى يۇقىرى بولسا  شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىياتى تېز ، خەلقئارادىكى ئورنى يۇقۇرى ، تەسىرى كۈچلىك ، مۇھىم  مەسىلىلەرنى قارار قىلىشتا  پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى  شۈنچە چوڭ بولىدۇ . ئەكسىچە بولسا ،ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ئاز،  ئۆزى ھېچنىمە يارىتالمىغانلىقتىن  باشقىلار  ياراتقان پەن ـ تېخنىكا يېڭىلىقلىرىدىن پايدىلىنىدىغان ،  باشقىلار ئېچىپ بەرگەن كېچىكتىن ئۆتمىسە باشقا كېچىك تاپالمايدىغان ، ساداسىنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم ئاڭلىمايدىغان بىچارە مىللەتكە ئايلىنىپ  قالىدۇ .بۇنىڭدىن بۈگۈنكى دۇنيادا  ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ خەلقئارا جەمىيەتتىكى ئورنى بىلەن   قوشقان تۆھبىسىنىڭ    شۇ مىللەتنىڭ  ساپاسى تەرىپىدىن   بەلگىلىنىدىغانلىقىنى ئوچۇق   كۆرىۋالغىلى بولىدۇ  . ئۇنداقتا مىللەتنىڭ ساپاسى نىمىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ ؟ مىللەتنىڭ ساپاسى شۇ مىللەتنىڭ ئىختىساسلىق خادىملىرى ، ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھبىسى  ، مۇھىم پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى نەتىجە،  كەشپىياتلىرىغا قاراپ   بېكىتىلىدۇ . مەسىلەن: يەھۇدىلارنىڭ  نۇپۇسى ئاران 13 مىليون( بۇنىڭ ئىچىدە 6 مىليونى ئامېركىدا ، 2 مىليونى باشقا دۆلەتلەردە ، 5 مىليونى ئىسرائىلىيەدە ياشايدۇ ) غا  يېتىدۇ . شۇنداق تۇرۇقلۇق  پۈتۈن دۇنيا بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئىچىدە  يەھۇدىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى   %22كە يېتىدۇ .2 ـ دۇنيا ئۇرىشىدىن كېيىن ئامېركىدا 50 نەپەر ئالىم نوبىل مۇكاپاتىغا  ئېرىشكەن بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمىنى  يەھۇدى ئالىملار ئىگىلەيدۇ .بۇ يەردە بىز  ماركىس ، ئەينىشتىيىن ، چارلىز چاپلىن ، كېسىنگىر قاتارلىق خەلقئارادىكى مەشھۇر  شەخىسلەرنىڭ  يەھۇدى ئىكەنلىكىدەك كۆپلىگەن ئادەم بىلىدىغان پاكىتنى دەپ ئولتۇرمىساقمۇ  ئامېركىنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى يەھۇدىلار ئىگىلىۋالغانلىقتىن  دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ چوڭ دۆلەتنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە   ئىسرائىلىيەگە پايدىسىز گەپ قىلالمايدىغان ، ھەر نۆۋەتلىك  ئىسرائىلىيەنى جازالاش قارار لايىھەسى   ئاۋازغا قويۇلغان ب د ت يىغىنىدا    قارىشى بېلەت تاشلايدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالغانلىقىنى دېمەي تۇرالمايمىز   . دېمىسىمۇ كىچىككىنە ئىسرائىلىيە دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان 60نەچچە يىلدىن بۇيان  نەچچە 100 مىليون نوپۇسى بار ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىمۇ مەزمۇت ياشاپ كېلىۋاتىدۇ . ھەر قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى ئۇنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلىشىپ  زامانىۋى ئۇرۇش دەۋرىدە  كىمنىڭ غەلىبە قىلىشىنى ئادەمنىڭ سانى ئەمەس بەلكى ساپاسى ، قورال-جابدۇقلارنىڭ سۈپىتى بەلگىلەيدىغانلىقىنى  بارغانسىرى تولۇق ئىسپاتلىماقتا !  بۇلار  ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ  مىللەتنىڭ ئومۇرتقىسى ،جېنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان پولاتتەك پاكىت ئەمەسمۇ ؟  بىزمۇ باشقا مىللەتلەر ئالدىدىكى ئىناۋىتىمىزنى ئۆستۈرىمىز ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا  پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان مىللەتكە ئەمەس  ، بەلكى تۆھبە قوشىدىغان مىللەتكە ئايلىنىمىز »

0

تېما

0

دوست

34

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   11.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34287
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
7#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 22:06 |ئايرىم كۆرۈش
بىز قولاشقا مۇھتاج

0

تېما

0

دوست

666

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   33.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33827
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 196
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
8#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 22:15 |ئايرىم كۆرۈش

...سىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق ئەخمىقانە  قىتىغورلىقلارنى يازىدىغان،سىز يۇقاردا تىلغا ئالغان ئاتالمىش ‹‹ئىخسىساس››ئىگىلىرىنىڭ ئەشۇنداق سېسىق نامىنىڭ كېپ چىقىشى يەنىلا سىز ئوقۇپ، سىز ئۈگۈنۈپ چوڭ بولغان مائارىپىڭىزنىڭ مەخسۇلاتىدۇر...70-يىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىرادەنامىسىنى يېزىپسىز...مەسىلەن ئۆزىڭىز مەلۇم دەرجىدە بىر لايەقەتلىك خادىممۇ؟ ...ئەخلەقىڭىز قانداق؟...ئويلۇنۇپ كۆرگەيسىز؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )