قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1877|ئىنكاس: 12

خوتەن كارخانىچىلىرىنىڭ ئىلىم چېيى دەستىرخىنىدىن تەرمىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

48

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24529
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 18:45:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kitabxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-15 19:47  

خوتەن كارخانىچىلىرىنىڭ ئىلىم چېيى دەستىرخىنىدىن تەرمىلەر

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: كارخانىچىلارنىڭ ھەقسىز ئىلىم چېيى دەستىرخىنى    كارخانا ئىجتىمائىي ئۈنۈمى     مېڭىنى مەبلەغ سېلىش   ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆزگەرتىش دەۋرى    ئادىمىيلىك رىلىسى    كەسپىي ئەخلاق   جەمئىيەتنىڭ بىر پۈتۈن مەنپەئەتى   ئېلان ئەخلاقى    كارخانىچىنىڭ ماھىيىتى    كارخانىچىنىڭ بايلىقى   كارخانىچىلىق روھى    بازارئىستىراتىگىيىسى   كارخانىچىنىڭ ئاجىزلىقى    كارخانىچىدىكى پەزىلەت

Unnamed QQ Screenshot20150215192056.png



2015-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى (شەنبە) خوتەن «راۋان» كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خوتەندىكى ھەمبەھىر تورتېخنىكىسى، ئاق چېچەك قەغەزچىلىكى، پارلاق ماشىنا مۇلازىمىتى، ئەلزەپەر ئاپتوموبىل مۇلازىمىتى، ئەلمۇراد (جۇڭدا) نىمكەش ئاپتوموبىلچىلىقى، قابىل تېلېگىراف ئالاقىسى،كائىنات ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، لوپ قەلبداشلار دوختۇرخانىسى قاتارلىق سەككىزئورۇننىڭ ھەمكارلىقىدا بارلىق چىقىمنى يۇقارقى كارخانىچىلىرىمىز ئۈستىگە ئېلىپ خوتەن خەلقىگە بىر مەيدان ھەقسىز ئىلىم چېيى دەستىرخىنى ھازىرلىدى.
بۇ قېتىملىق لېكسىيەگە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات ئەخلاق تەربىيە يېتەكچىسى، ئاسپىرانت، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى،ئادۋۇكات، مېھرىبان ئاتىلار جەمئىيىتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ھەرخىل تېمىلاردا 500 مەيداندىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلەپ خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئاتاقلىق مائارىپچى تۇرسۇن ھەسەن مۇئەللىم ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسىنتى، ياپۇنىيە توكيو خەلقئارائۇنىۋېرىستېتىدا ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ ئەلانەتىجىگە ئېرىشكەن، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۈەۈنكى سۆھبەت پىروگراممىسىنىڭ تەكلىپلىك مۇلاھىزىچىسى دوكتور ئابلىمىت كېرەم ئۈرۈمچىدىن كېلىپ ئۆزىنىڭ سەرخىل نوتۇقلىرى سۇندى. لېكسىيەگە 400دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلىپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن ئىنتايىن مىننەتدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

Unnamed QQ Screenshot20150215191221.png

چۈشتىن بۇرۇن تۇرسۇن ھەسەن مۇئەللىم «كارخانىچى ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ كەسپىي ئەخلاقى» تېمسىدا ئىنتايىن جانلىق، ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئوبرازلىق ھالدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىرمەيدان نوتۇق سۆزلىدى. لېكسىيە مەيدانىدا ئارقا-ئارقىدىن ئالقىش چاۋاكلىرى ياڭراپ تۇردى. ھەممە كىشى سۆيۈنگۈدەك ياخشى مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۇرسۇن ھەسەن مۇئەللىمنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى خاتىرىلىۋېلىش نىسىپ بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما تۆۋەندە مەن لىكسىيەدە بولۇنغان گەپلەردىن خاتىرەمگە يېزىۋالغان قىسقىغىنە جۈملىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ مەنىلىك ئىشتىن كۆپچىلىكنى ئازراق بولسىمۇ خەۋەردار قىلغۇم كەلدى:
1.     كارخانا پۇل تېپىشنىلا مەقسەت قىلماي،ئىجتىمائىي ئۈنۈمنىمۇ ئويلىشىشى كېرەك.
2.     قانداق ئادەم بولۇشىمىز ئىككىنچى بىرئىنسان ئارقىلىق ئەمەس، ئۆزىمىز ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ.
3.     دۇنيادىكى ھەرقانداق ئادەمگە نىسىپ بولىدىغان ئەڭ چوڭ ئىككى نېمەت: چوڭ مېڭە ۋە بىر كۈندىكى 24 سائەت ياشاش ۋاقتى. بۇ ئىككىسى ھەممە ئادەمدە بار، ھەممە ئادەمگە ئوخشاش بېرىلگەن. شۇنداق تۇرۇپ بىزئۇيغۇرلار يەنە نېمىشقا باشقىلارنىڭ كەينىدە قالدۇق؟ ئېتىمىز تىز چاپمايۋاتىدۇ،شۇڭا بۇ بەيگىدە باشقىلارنىڭ كەينىدە قالدۇق...
4.     ئادەم دۇنيادا ئۈچ نەرسە ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىكەن: ساغلاملىق، خۇشاللىق ۋە ئىجتىمائىي ئورۇن.
5.     بىلگەيتىس بىر كۈندە بىر مىليوندىن پۇلىنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاپ ماڭسىمۇ 218 يىلدا ئاندىن بارلىق پۇللىرى يوقايدىكەن.
6.     ئىنسانلار ۋە مىللەتلەرنىڭ پەرقى ھازىر مال-دۇنيا، بىلىم بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. ھازىر ئىنسانلار تەپەككۇر ئۇسۇلىدا پەرقلىنىدۇ.
7.     ئەڭ چوڭ مەبلەغ- چوڭ مېڭە. ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش- چوڭ مېڭىگە مەبلەغ سېلىشتۇر.   –مايۈن
8.     بۈگۈن ئۆگىنىش ئۈچۈن پۇل خەجلىمىسەڭ،ئەتە نامراتلىق ئۈچۈن پۇل خەجلەيسەن.
9.     نامراتلار ھەرقانداق جاپانى تارتىشنى خالايدۇ، ئەمما ئۆگىنىش قىلىشتىكى جاپانى تارتىشنى خالىمايدۇ. بايلار بولسا ئۆگىنىش قىلىشتىكى جاپانى تارتىشنى خالايدۇ، ئەمما باشقا جاپانى تارتىشنى خالىمايدۇ.
10.   سىزنىڭ نېمىڭىز بار؟نېمىلەر سىزگە تەۋە؟ ھېچقانداق نەرسە سىزنىڭ ئەمەس. «يانچۇقۇمدا پۇلۇم بار»دەمسىز، ياق، ئۇ پۇل سىزنىڭ ئەمەس. ناۋادا سەل تۇرۇپ كېسىلىڭىز تۇتۇپ كېتىپ قالسىڭىز، ئۇ پۇل يېنىڭىزنى كىم بۇرۇن ئاختۇرسا شۇنىڭ بولىدۇ. خوتۇن،بالا-چاقىلىرىڭىز، ئامراق ماشىنىڭىز، ھەشەمەتلىك ئۆيىڭىز...ھېچقايسىسىنى بىللەئېلىپ كېتەلمەيسىز. ئەگەر بار دېيىلسە سىز خەجلەپ بولغان پۇللار ئاندىن سىزنىڭ پۇلىڭىز.
11.  ئەتە بارغۇ، دەپ ياشىسىڭىز نۇرغۇن گۇناھقا شىرىك بولىسىز. ئەتە ئۈچۈن ئەمەس، بۈگۈن ئۈچۈن ياشىشىڭىز كېرەك.
12.  دۇنيادىكى بارلىق ئادەملەر ھەم مۇلازىمەتچى ھەم مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولغۇچى. مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشنى بىلىپ، مۇلازىمەتچى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنۇتمايلى.
13.  دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بايلىق: سەمىمىيەت،چىن ئەقىدە، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش.
14.   غەرىپتە «سەمىمىيەت بايرىمى» دەپ بايرام بار، ئەجەبا «ئاشق-مەشۇقلار بايرىمى» ئۆتكۈزمەي سەمىمىيەت بايرىمى ئۆتكۈزسەك بولمامدۇ؟!!
15.  ئانىنىڭ قىلغان ھەربىر سۆزى بالىنىڭ قەلب ئېتىزىغا تېرىلغان ئۇرۇق.
16.  جىسمىنى تويۇندۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلساچىرايىدىن توپا ياغىدۇ، چۈنكى ئادەم توپىدىن يارالغان. روھىنى تويۇندۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلسا، چىرايىدىن نۇر ياغىدۇ. چۈنكى روھ نۇردىن يارالغان.
17.  مۇلازىمەت بىلەن مۇلازىمەت ئوتتۇرىسىدامۇھىم رول ئوينايدىغىنى مەدەنىيەتنىڭ بىر-بىرىگە ئۆتۈشى.
18.  قانۇن زىققا  توشقاندا سوتقا تارتىدۇ. ئەخلاق بولسا ھەرمىنۇت،ھەر دەقىقىدە ۋىجدانىي سوتقا تارتىپ تۇرىدۇ.
19.  تەڭرى پەرىشتىنى ياراتقاندا ئەقىل بېرىپ،ھېسسىيات بەرمەپتىكەن. ھايۋانلارنى ياراتقاندا ھېسسىيات بېرىپ، ئەقىل بەرمەپتىكەن.ئادەمگە بولسا ھېسسىيات، ئەقىل ھەر ئىككىسىنى بېرىپتىكەن. شۇڭلاشقا ئادەم ئىككىيۈزلىمىلىك بولىدۇ. ھېسسىياتقا بېرىلسىڭىز ھايۋانىي قىسمىڭىزغا قايتىسىز، ئەقىلگە بېرىلسىڭىز پەرىشتە قىسمىڭىزغا قايتىسىز.
20.  بەزى ھايۋانلار ھېسسىيات، مېھىر-مۇھەببەت جەھەتتە ئادەملەرنى بېسىپ چۈشىدۇ. تەسىرلىك ۋەقە: قەشقەردە تۇرۇشلۇق بىر جۈپ ئەر-ئايال بىر قېتىم ئۆي كۆچۈشكە توغرا كېلىپ ئون يىل بۇرۇن ئۆزى قول سېلىپ ياسىغان ئۆيىنىڭ ياغاچلىرىنى يۆتكەپ كەتمەكچى بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يولدىشى تورۇستىكى بىر لىمنى ئاجراتماقچى بولۇپ ئەڭ ئاخىرقى بىر تال مېخنى ئاجرىتاي دەپتۇرسا، «تىرىق-تىرىق» قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قاپتۇ. سەپسېلىپ قارىغۇدەك بولسا، ئۇمېخ قېقىلغان ۋاقتىدا بىر كەسلەنچۈكنىڭ قۇيرۇق قىسمىنى تېشىپ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ كەسلەنچۈك ئون يىلدىن بېرى شۇ يەردە ھايات تۇرۇپتۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران بولغان ئەر، لىمنى شۇنداق يانتۇ قىلىشىغا لىمنىڭ بىر كاۋاك تۈشۈكىدىن بىر ئەركەك كەسلەنچۈك يۈگرەپ چىقىپتۇ. دېمەك، بۇ ئەركەك كەسلەنچۈك مېخقا ئورناپ قالغان چىشى كەسلەنچۈكنى ئۇدا ئون يىل سۇ ۋە يېمەكلىك تۇشۇپ بېرىپ شۇ يەردە باققان ئىكەن...ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ كىشىنىڭ ئايالى مېڭە قان-تومۇر كېسەللىكى بىلەن يېتىپ قالىدىكەن. خۇددى بۇ بىر قىسمەتتەك بىر جۈپ كەسلەنچۈكنىڭ ئىشى قاتتىق تەسىر قىلغان يولدىشى كەسلەنچۈك چېغىدا جۈپتىنى ئون يىل بېقىپتۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ جان-جىگەر ئايالىنى،باللىرىمنىڭ ئانىسىنى چوقۇم ياخشى بېقىشىم كېرەك دەپ ئويلاپ تا ھازىرغىچە ئايالىنىڭ بارلىق ھاجىتىدىن چىقىپ بېقىپ كېلىۋاتقىنىغا 13 يىل بوپتۇ.
21.  نېمە قىلىش، نېمە قىلماسلىقنى سىزبەلگىلىمەيسىز، قانۇن، ئەخلاق، مەدەنىيەت بەلگىلەيدۇ.
22.  شاگىرتى: دۇنيادا قانداق ئادەم ئەڭ بەختلىك؟
پەيلاسوپ:تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى قىلالىساڭ ئۆزۈڭنى ئەڭ ئەھمىيەتلىك، بەختلىك ياشىدىم دەپ قارىساڭ بولىدۇ.
شاگىرتى:قايسى ئۈچ ئىش، ئۇستاز؟
پەيلاسوپ:بىرىنچىدىن،  يېقىنلىرىڭغا ئىگىلىك تىكلەپ قويۇپ كەتسەڭ.ئەگەر ئۇنداق قىلالمىساڭ، ئىكككىنچىسى، ئەۋلادلىرىڭغا ياخشى بولغان كىتاب، دەستۇر يېزىپ قويۇپ كەت. ئەگەر ئۇنىمۇ قىلالمىساڭ، ئۈچىنچىسى، ساڭا ئەڭ چوڭ نېمەت قىلىپ بېرىلگەن پەرزەنتىڭنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەلىسەڭ.
23.  بىز ھەممىمىز كارخانا قۇرالمايمىز، ئەمماھەممىمىز كارخانا قۇرۇشقا قاتنىشىمىز.
24.  يارامسىز بولۇپ خاتالىق سادىر قىلغان پەرزەنت بۇ دۇنيادا جازالانسا، ئۇنى ياراملىق قىلىپ تەربىيىلىمىگەن ئادەم ئۇ دۇنيادا جازالىنىشى مۇمكىن.
25.  بۇ ئەسىرنى بەزىلەر بىئولوگىيە دەۋرى دېسە، بەزىلەر پىسخولوگىيە دەۋرى دەيدۇ، يەنە بەزىلەر ئۇچۇر دەۋرى دەيدۇ. بىزئاۋۋال ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىش دەۋرىگە كىرىشىمىز كېرەك. شۇندىلا بىئولوگىيە، پىسخىلوگىيە ۋە ئۇچۇر دەۋىرلىرىگە كىرەلەيمىز.
26.  پاسسپ ئۇچۇر ئادەمنى ئادىمىيلىك رىلىسىدىن چىقىرىۋېتىدۇ.
27.  ئائىلە نەدە؟ نۇرغۇن كىشىلەر ئائىلىنى قۇرۇپ قويۇپ، خۇشاللىقنى سىرتتىن ئىزدەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي خۇشاللىق سىزقۇرغان ئائىلىدە ئىدى.         – سۈنپىروففىسور
28.  ئىنسانلار ھېسسىياتسىز ئېلېكتىرون بۇيۇملىرىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كەتتى.
29.  ئىنسانىيەت تارىخدىكى تۇنجى كەسپ-ئوۋچىلىق، ئاندىن چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق، قول-ھۈنەرۋەنلىك...
30.  كەسپ-تەن، كەسپىي ئەخلاق-روھ.
31.  بىر ناۋاي بىر تال ناننى يالغان سۆزلەپ يەرلىك خېمىرتۇرۇچتا ياققان دەپ ساتقان بولسا، ئۇ بىر ناننى سېتىش بىلەن تەڭ يەنە دوزاخنىڭ ئاچقۇچىنىمۇ سېتىۋالغان بولىدۇ.
32.  ياخشىلىق كائىناتتىكى بانكىغا(جەننەتكە)قويغان ئامانەت؛ يامانلىق دوزاخقا قويغان ئامانەت.
33.  ئىرادە- تۈۋرۈك، ئەقىدە ۋە ئىتىقاد ئۇنىڭ بىر جۈپ قانىتى. كۈچلۈك ئىرادە ۋە چىن ئەقىدە، ئىتىقاد بولغاندىلا ئاندىن مۇۋەپپىقىيەت كۆكىدە زەپەر قۇچقىلى بولىدۇ.
34.  مەنپەئەتكە چېتىلغاندىلا ئەخلاق مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ.
35.  پۇل تېپىشقا 50% ئەقىل كەتسە، پۇلنى جايىدا خەجلەشكە 100% ئەقىل ۋە جاسارەت كېتىدۇ.
36.  ئانىلار ئۇلۇغ، ئەمما ھەممە ئانىلارئۇلۇغ ئەمەس. ئۇلۇغ بالىلارنى تەربىيىلەلىگەن ئانا ئۇلۇغ.
37.  تىجارەتچىنىڭ پۇل تېپىشى ئالىم بولۇشقا ئوخشايدۇ.
38.  ئالىم بولۇش ئۈچۈن ئۆگەنگەن ئادەمدىن ئەلگە نەپ تەگمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئۆگەنگەن ئادەمدىن ئەلگەنۇر ياغىدۇ. پۇل تاپقاندىكى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئالىم بولۇشقا ئوخشىسا، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ئادەم بولۇشقا ئوخشايدۇ.
39.  ئىلان-گۇۋاھلىق. ئىلاندا يالغان گۇۋاھلىق قىلىپ زىيادە كۆپتۈرۈۋېتىش ئاسىيلىقتۇر.
40.  ھازىر بەزى تىجارەتچىلەر خېرىدارلارنى بېلىققا ئوخشىتىپ قارىماققا يەمچۈك يۆگەپ تاشلاپ بېقىۋاتىدۇ. ئەگەر خېرىدارلار قارماققا ئىلىنىپ قالسا ئۆزىنى قالتىس ئەقىللىق چاغلاۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل نەپكە ئېرىشىش ئۇسۇلىنىڭ بىر خىل سەمىمىيەتسىزلىك ۋە ئەخلاقسىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ.

Unnamed QQ Screenshot20150215191512.png

چۈشتىن كېيىن ئالدى بىلەن  خوتەن پىداگوگىكا ئالى تېخنىكومىنىڭ دوتسىنتى،ئوقۇتۇش نازارەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ئاتاقلىق ئەدىب، تونۇلغان شائىر مۇختارسۈپۈرگى ئەپەندىم تەكلىپ بىلەن سۆز قىلىپ «يامانلىق قىلماسلىقنىڭ ئۆزىلا ياخشىلىق.ئوقۇشتىن قاچقانلىق ئادەم بولۇشتىن قاچقانلىق. دوزاخنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك يېرى ئەۋلادلىرىنى نادانلىقتا تاشلاپ قويغانلارغا ئېلىپ قويۇلىدىكەن...» دېدى. ۋەرىياسەتچىنىڭ تەلىپى بىلەن تۆۋەندىكى «ئوقىغىن» ناملىق شىئىرىنى دىكىماتسىيە قىلدى. تولىمۇ مەنىلىك يېزىلغان بۇ شىئىرغا ھەمممەيلەن بارىكاللاھ ئېيتتى.
ئوقىغىن
مۇختار سۈپۈرگى
تەقدىرىڭگە جەڭ ئوقى ئاتاي دېسەڭ ئوقىغىن،
كائىناتنىڭ سىرىنى ئاچاي دېسەڭ ئوقىغىن.
ئەل-ۋەتەنگە تۆھپە-تەر قاتاي دېسەڭ ئوقىغىن،
نىسىۋەڭنى ئىلكىڭگە ئالاي دېسەڭ ئوقىغىن،
بۇ دۇنيادا ئىنساندەك ياشاي دېسەڭ ئوقىغىن.

«ساۋاتسىزلىق شەرەپ ئىش» دېگەنلەرگە مىڭ لەنەت،
ئەل غېمىنى يالغاندىن يېگەنلەرگە مىڭ لەنەت،
تىرىكتاپقا ئاش بەرگەن لىگەنلەرگە مىڭ لەنەت،
نادانلارنى ئىشەك قىپ مىنگەنلەرگە مىڭ لەنەت،
ئادىمىيلىك قەدرىنى تاپاي دېسەڭ ئوقىغىن.

ئەجدادىمىز ياراتقان قەغەز، كومپاس، مەتبەئە،
چىققان بىزدە روياپقا ئالەمشۇمۇل مۆجىزە،
نەسلى ئىدۇق ئەشۇنداق زېرەكلەرنىڭ ئەسلىدە،
بىز جاھانغا تۇنۇلغان ئىلىم بىلەن دەرۋەقە،
كەلگۈسۈڭنى ئەجدادقا چاتاي دېسەڭ ئوقىغىن.

كۈلپىتىڭدىن ۋايسايسەن، «نە ئۈچۈن» دەپ باقمايسەن،
قاراڭغۇ دىل خانەڭگە ئىلىم نۇرى ياقمايسەن،
ئۆزگىلەرگە ئۆزۈڭدىن خۇشپۇراقلار چاچمايسەن،
تۇرۇپ بىر دىل، بىر تىللىق، بىر كوچىغا پاتمايسەن،
خىسلىتىڭدىن نۇر-زىيا چاچاي دېسەڭ ئوقىغىن.

نىجاتلىقنى ئىلىمگە باغلىغانلار باياشات،
ئۇچتى، ئايغا، مارىسقا، قاقتى ئەركىن پەر-قانات،
ئەمما سېنى يالمىدى ۋاقتى ئۆتكەن خۇراپات،
ھەل بولمىدى تىلىكىڭ قىلىپ شۇنچە مۇناجات،
چىن ھىدايەت يولىدا ماڭاي دېسەڭ ئوقىغىن.

مەكتەپ دېسە داجىيسەن، قىيامەتتىن قاچقاندەك،
گويا ساڭا زاۋاللىق ئاغزىنى چوڭ ئاچقاندەك،
قېنى روھىڭ، جۈرئىتىڭ، ئەجداد بەرگەن قاپلاندەك،
يېتىپ كەتتىڭ نادانلىق بۆشىكىدە مېھماندەك،
قورغىنىنى غەپلەتنىڭ، چاقاي دېسەڭ ئوقىغىن.

بۇ دۇنيادا تۇغۇلۇپ، ئۇ دۇنيا دەپ ياشايسەن،
بىساتىڭنى، بالاڭنى كىملەرگىدۇ ئاتايسەن،
ماڭىسەنۇ-ماڭىسەن، لېكىن قىردىن ئاشمايسەن،
مۇشۇ ھالىڭ تۇرقۇڭدىن سەن كىملەرگە يارايسەن،
ياراتقۇچى ئىگەمگە ياراي دېسەڭ ئوقىغىن.

يارالغاندا لاي-خاكى ئەسلى بىردۇر ئىنساننىڭ،
يىراق ئىرا-ئۆتمۈشتە نەسلى بىردۇر ئىنساننىڭ،
بېقىپ كەلدى يەرشارى، يەسلى بىردۇر ئىنساننىڭ،
يىراق بولسا ئىلىمدىن قەلبى كىردۇر ئىنساننىڭ،
يىلتىزىڭنى-ئەسلىڭنى تاپاي دېسەڭ ئوقىغىن.

يىراق قىلما دىلىڭنى ئىلىم نۇرى-خىسلەتتىن،
ئالغىن ساۋاق قېرىنداش، تالاي ئاچچىق ئىبرەتتىن،
كىم قۇتقۇزار سېنى بۇ ئۆزۈڭ تاپقان كۈلپەتتىن،
يارىلىشىڭ قىسمەتتىن، يارالمىشىڭ ھېكمەتتىن،
دەرياسىدا ھېكمەتنىڭ ئاقاي دېسەڭ ئوقىغىن.

Unnamed QQ Screenshot20150215191410.png

ئارقىدىن دوكتور ئابلىمىت كېرەم مەخسۇس تەييارلىغان «كارخانىچىلارنىڭ بايلىقى ۋە ئاجىزلىقى» تېمىسىدىكى نوتۇقىنى سۆزلىدى.گەرچە نوتۇق مەزمۇنىنىڭ كەسپىي ۋە نەزىرىيىۋى سالمىقى يۇقىرى بولسىمۇ،دوكتور ئابلىمىت كېرەم لېكسىيە جەريانىدا پىروژىكتىر بىلەن ئىكرانغا نوتۇق مەزمۇنىنى چىقىرىپ قويۇپ سۆزلىگەن بولغاچقا ھەم ئەمەلىي مىساللارنىمۇ جايىدائالغاچقا كىشىلەرگە نەپ بېرىدىغان، پايدىلىنىشچانلىقىنى تولىمۇ يۇقىرى بىر مەيدان نوتۇق بولدى. بولۇپمۇ دوكتۇر ئابلىمىت كېرەم سۆزلەپ بەرگەن  SONY,FORD  شىركەتلىرىنىڭ تارىخى ماڭا ھەقىقىەتەن چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.  تۆۋەندىكىسى مەن لىكسىيەجەريانىدا ئاز بولسىمۇ خاتىرىلىۋالغان قىسقىچە جۈملىلەر:
1.     بىر دۆلەت ياكى رايوندا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچىلار بولىدىكەن، ئاندىن شۇ يەردە ئۈمىد بولىدۇ.
2.     كارخانىچىلارنىڭ ماھىيىتى نامرات بولغانلىقتىن كارخانا قۇرۇش ئارقىلىق باي بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
3.     كارخانىچى ئۇ-باشقىلارغا قارىغانداخەتەرگە تەۋەككۈل قىلالىغان كىشى. ئۇ باشقىلار ئويلاشقا ياكى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىشنى قىلالىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ باشقىلارغا قارىغاندا كۆپرەك بايلىققائىگە بولالايدۇ.
4.     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا 15مىڭدىن ئارتۇق كارخانا بار. سىتاتېستىكىغا قارىغاندا بىر كارخانىنىڭ ئوتتۇرىچەئۆمرى 2.7 يىل بولغان.
5.    «كارخانىلىرىمىزنى دۇنياغايۈزلەندۈرەيلى» دەپ شوئار توۋلاشتىن ئاۋۋال« شىنجاڭغا يۈزلەندۈرەيلى» دېگەن تۈزۈك.
6.     شىنجاڭغا پاي چېكىنى بازارغا سالغان 33شىركەت ئىچىدە بىرمۇ مىللىي كارخانا يوق.
7.     كارخانىچىنىڭ بايلىقى ئۇنىڭ جۇغلىغان پۇلى بولماستىن، بەلكى كارخانىچىلىق روھىدۇر.
8.     كارخانىچىلىق روھى بولسا دەل ئۇنىڭيېڭىلىق يارىتىش روھىدۇر.
9.     يېڭىلىق يارىتىش روھى بولسا كاپىتال ۋە ئەمگەك كۈچى بىلەن تەڭ قىممەتكە ئىگە.
10.  ھازىرقى جەمئىيەت بۇرۇنقى تەمىنلەش ئېھتىياجغا يېتىشمەسلىكتىن، تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالىدا، شۇڭلاشقا يېڭىلىق يارىتىپ ئېھتىياجنى تېپىپ چىقىش كېرەك.
11.  جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر چوڭ دەرەخكە ئوخشاتساق كارخانىچىلىق روھى بۇ دەرەخنىڭ يىلتىزى.
12.  كارخانىچى مۇنداق ئۈچ ئىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك: (1) كارخانىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى بىكىتىش (2) كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش (3) قول ئاستىدىكىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ ئىتتىپاقلىق ۋە ئۇيۇشچانلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.
13.  ئىستىراتىگىيە بولمىغان كارخانا - رولى يوق ياكى چاقى يوق ماشىنا.
14.  بازار ئىس-تۈتەكسىز جەڭگاھ، كارخانا مانا بۇ جەڭگاھتا پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن ئادىل رىقابەتتە بولۇشى كېرەك.
15.  كارخانىچىنىڭ بايلىقى بىلەن ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولۇشى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.
16.  مەملىكىتىمىزدە ھەر ئىككى نەپەر كارخانىچىنىڭ بىرسى سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىكەن. ھەر تۆت كارخانىچىنىڭ بىرى ئۈچ كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئىكەن(يۇقىرى قان بېسىم، قانداق ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش، دىئابىت). ھەر 10 كارخانىچىنىڭ توققۇزى كېسەل چىقىدىكەن. ھەر ھەپتىدە بىرياكى بىردىن ئارتۇق كارخانىچى روھىي بېسىم تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئىكەن.
17.  ئالىي مەكتەپنى يېڭىلا پۈتتۈرگەن ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچى بىر شىركەتتە خىزمەت ئىزدەپ كەپتۇ. دىرىكتور ئۇلارنى سىناش مەقسىتىدە ھەربىرىنى شۇ شەھەردىكى بىردىن بۇتخانىغا بېرىپ تارغاق سېتىپ كېلىشكەبۇيرۇپتۇ. بىرىنچى ئوقۇغۇچى « بۇتخانىدىكى راھىپلارنىڭ چېچى بولمىسا تارغاقنى نېمەقىلىدۇ» دەپ ئويلاپ بۇ ئىش بەك بىمەنە تۇيۇلۇپتۇ-دە، ئۆيىگە قايتىپ ئۇخلاپتۇ.ئىككىنچى ئوقۇغۇچى بۇتخانىغا بېرىپ راھىپكالانغا : « بۈگۈن مەن خىزمەت ئىزدەپ بىرشىركەتكە بارغان. دىرىكتور مېنى سىناش مەقسىتىدە سىلەرگە تارغاق سېتىپ كېلىشكە بۇيرىدى. ئەگەر سىز بۇ تارغاقلارنى ئالمىسىڭىز، مەن خىزمەت پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىمەن. ماڭا بىر ياردەم قىلسىڭىز» دەپ ئىچ ئاغرىتىش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ 10دانە تارغاق سېتىپ كەپتۇ. ئۈچىنچى ئوقۇغۇچى بۇتخانىغا بېرىپ باش راھىپكالانغا دەپتۇ:« سىلەر راھىپلار تارغاق ئىشلەتمەيسىلەر، ئەمما بۇ يەرگە تاۋاپ قىلىشقا كەلگەنلەر ھەر قېتىم تاۋاپ قىلغان ۋاقتىدا چېچى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. سىز تارغاق سېتىۋېلىپ بۇ يەرگە قويۇپ قويسىڭىز، ياكى تاۋاپ قىلىدىغان ئورۇنغا تارغاقنى بىرنەرسىگە باغلاپ قويسىڭىز، كىشىلەرنىڭ چېچىنى تۈزەشتۈرۈۋېلىشىغا پايدىلىق بولىدۇ.بۇنىڭ بىلەن بۇتخاناڭلارنى ياقتۇرۇپ قېلىپ دائىم كېلىدىغان بولىدۇ. يەنە ئەگەر سىزبۇ تارغاقلارنىڭ ئۈستىگە ئەقلىيە سۆز، پەند-نەسىھەتلەرنى يېزىپ تاۋاپ قىلغىلى كەلگەنلەرگە سېتىپ بەرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ساۋاپقا ئېرىشىسىز. ئۇلار ھەر قېتىم تارغاققا قارىغاندا ئەقلىيە سۆزلەرنى كۆرسە نۇرغۇن ساۋاپقا ئېرىشمەمسىز...».شۇنداق قىلىپ ئەقىل ئىشلىتىپ ئۈچىنچى ئوقۇغۇچى بۇ ئىبادەتخانىغا 10 مىڭ تارغاق سېتىپتۇ. ئەلۋەتتە دېرىكتور ئاخىرىدا ئۈچىنچى ئوقۇغۇچىنى سېتىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەپتۇ.
18.  ساتقىلى بولمايدىغان مەھسۇلات يوق،ساتالمايدىغان مال ساتقۇچى بار.
19.  سالامەتلىك كارخانىچىنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقلىرىنىڭ بىرى.
20.  ئىنسان ياشايدىكەن ئىككى خىل ئېھتىياج بولىدۇ: ماددىي ئېھتىياج ۋە مەنىۋىي ئېھتىياج. شۇنىڭدەك بايلىقمۇ ماددىي بايلىق ۋە مەنىۋىي بايلىق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئادەمدە ئىككىلا خىل بايلىق بولسا ئاندىن ھەقىقىي باي بولىدۇ.
21.  روھىي بايلىقنىڭ تۈرلىرى: (1) ئىتىقاد ۋەئەقىدە (2) ئىرادە كۈچى (3) ئەخلاق مىزانى، ئەخلاق قارىشى (4) ھەرخىل بىلىم
22.  مەنىۋى بايلىق ماددىي بايلىق يارىتالايدۇ، لېكىن ماددىي بايلىق مەنىۋىي بايلىق يارىتالىشى ناتايىن.
23.  كارخانىچىنىڭ ئاجىزلىقى:
(1) سەمىمىيلىك ئېڭى تۆۋەن
(2) ئۆزگىرىپ تۇرىۋاتقان بازار مۇھىتىنى بىلىشى يېتەرسىز
(3)خەۋىپ-خەتەردىن ساقلىنىشى تۆۋەن
(4) ئۆزىنىتەربىيىلەش ۋە قول ئاستىدىكىلەرنى باشقۇرۇش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئېھتىياجلىق
(5)ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنچى تۆۋەن، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.
24.  كارخانىدىكى ئاجىزلىق:
(1) ھوقۇقۋازلىق، گوروھۋازلىشىش
(2) تەدبىر توغرا بەلگىلەنمەسلىك، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش
(3) قائىدە-تۈزۈم يوق، بولسىمۇ جازالاش بار، مۇكاپات يوق.
(4) گەپ ئاڭلايدىغانلار ۋە قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلىپ ئەتراپىغا ئادەم توپلاش ئېغىر
(5) ئۆزخادىملىرىغا ئىشەنمەسلىك، كۆڭۈل بۆلمەسلىك ئېغىر
(6) ئۆزىنىڭ تۇققانلىرى ۋە يېقىنلىرىغا ھوقۇق تۇتقۇزسا بىخەتەر بولىدۇ دەپ قاراش
(7)...
25.  ياپۇنىيە كارخانا ساھەسىدىكى كارخانا رەھبەرلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك 10 پەزىلەت:
(1) بۇرچ تۇيغۇسى بولۇش
(2) ئىشەنچ تۇيغۇسى بولۇش
(3) سەمىمىي بولۇش
(4) سەۋىرچان بولۇش
(5) قىزغىن بولۇش
(6)مەسئۇلىيەتچان بولۇش
(7)ئاكتىپچانلىق
(8)ئىنتىلىشچان بولۇش
(9) ئادىل بولۇش
(10) باتۇرلۇق
26.  ياپۇنىيە كارخانا ساھەسىدىكى رەھبەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك 10 ئىقتىدار :
(1) تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى
(2) تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى
(3) لايىھىلەش ياكى پىلانلاش ئىقتىدارى
(4)ئىجادچانلىق ئىقتىدارى
(5) ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى
(6) كۆزىتىش ئىقتىدارى
(7) قايىل قىلىش ئىقتىدارى
(8)باشقىلارنى چۈشىنىش ئىقتىدارى
(9)مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارى
(10) قول ئاستىدىكىلەرنى تەربىيىلەپ ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىتىش ئىقتىدارى
27.  شاللىنىپ كەتمەي دېسىڭىز:
(1)   تىرىشىپ ئۆگىنىڭ
ئىدىيە40% +كىشىلىك مۇناسىۋەت40% + كەسپىي ئىقتىدار20% = 100% مۇۋەپپەقىيەت
(2)   يېڭى شەيئىلەرگە ئىنكاسىڭىز تېز بولسۇن،سۆرەلمىلىك قىلماڭ.
(3)   ھەمكارلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. 1+1=2 بۇماتېماتېكا، 1+1=11 مانا بۇ ئىقتىسادشۇناسلىق
(4)   يىراقنى كۆرەر بولۇڭ.
(5)   پاسسىپ كەيپىياتتىن قۇتۇلۇڭ.


ئارقىدىن گۈلنار مەتنىياز خانىم سۆز قىلىپ:« خوتەنلىكلەردە يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى ھەقىقەتەن ئويغىنىش بولۇۋاتىدۇ. كارخانىچىلىرىمىز مۇشۇنداق ئىلىم سورۇنلىرىنى ھازىرلاپ خەلقنىڭ ئويغىنىشى ئۈچۈن پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىۋاتىدۇ. مەن بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق سورۇنلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ بولۇشىنى،ئالىم، مۇتەخەسىس، ئەربابلىرىمىزنىڭ داۋاملىق خوتەنگە كېلىپ بىلىم تارقىتىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ لىكسىيەدىن خۇلاسە چىقاردى.


بۇ قېتىملىق لىكسىيە پائالىيىدىن مەنمۇ ھەقىقەتەن كارخانا، ئىقتىسادقا ئائىت نۇرغۇن ساۋاتقا ئېرىشتىم. دېمىسىمۇ دىيارىمىزدا ھەرخىل چوڭ-كىچىك كارخانىلار بەس-بەستە قۇرۇلماقتا، ئەمما قۇرۇلغان بىلەن ۋەيران بولۇشىمۇ تېز بولماقتا. بۇنى كۆز ئالدىمىزدىكى نۇرغۇن نەرسىلەردىن بىلىۋالالايمىز. چۈنكى نۇرغۇن غوجايىنلار «شىركەت قۇردۇم» دەپ قۇرۇپ قويۇپ ئاخىرىدا ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش، بازارنى قانداق ئىگەللەپ سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىلمەي بىر ئىزدا توختاپ قېلىپ، ھەتتا ۋەيران بولىدىغان ئىشلار يۈزبەرمەكتە. دوكتور ئابلىمىت كېرەم ئېيتقاندەك دىيارىمىزدا شىركەتلەرنى ئوتتۇرىچە ئۆمرى 2.7 يىل ئىكەن، ئاز بىر قىسىم كارخانىلارنى ھېسابقا ئالىمىغاندا نۇرغۇنكارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇش سۈرئىتى بەك تېز بولغان. بۇنىڭ ھەممىسى كارخانا،شىركەتلەرنى باشقۇرۇشنىڭ مۇۋاپىق، ئىلمىي ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىدىن بولغان. خوتەن«راۋان» كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەت چەكلىك شىركىتى دەل مۇشۇنداق مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ تەرەققىي قىلىپ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، داۋاملىق تۈردە چىڭخۇا ئۇنىۋېرىستېتى كارخانا باشقۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى ئىچىپ كۇرسانتلارنى مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسىس، ئالىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوقۇتىۋېتىپتۇ. مەن «راۋان» شىركىتىنىڭكارخانىچىلىرىمىزنىڭ يوللىرىنى راۋان قىلىشنى يولىدا باسقان قەدەملىرىنىڭ تېخىمۇراۋان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن ،بىر مىللەتكە تۈۋرۈك بولىدىغان ئۈچ تۈركۈم كىشىلەر بولىدۇ، ئۇلار ئالىملار، ئۆلىمالار ۋە كارخانىچىلار، دەپ ئاڭلىغان.مېنىڭچە ئالىم، ئۆلىمالارنى مىللەتنىڭ يادروسى دېسەك، كارخانىچىلىرىمىز بۇ يادرونى ئوراپ تۇرغان چەمبەر. بۇنىڭدا يادرونىڭ ئىچى ۋە سىرتى ئۆز-ئارا زىچ ھەمكارلىشى كېرەك. بولۇپمۇ يادرونىڭ سىرتىدىكى چەمبەر چوڭايغاندا، ئاندىن يادرومۇ ماس قەدەمدە چوڭىيىدۇ، مىللەتنىڭ گەۋدىسىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭىيىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ.
كارخانىلىرىمىز ۋە كارخانىچىلىرىمىزنى كۈچەيتىش يولىدا تىرىشىۋاتقانلارنىڭ ئىشلىرى خەيىرلىك بولغاي!



پائالىيەت مەزمۇنىنىڭ فىلىمىنى پات ئارىدا رەتلەپ بولغاندىن كېيىن ھەمبەھىر تورىغا چىقىرىدىكەن، ئادرىسى:
http://hembehir.com/

ماقالىنى تەييارلىغۇچى: خوتەن ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتىن مەردان مەتقاسىم


0

تېما

0

دوست

814

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   62.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23872
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 238
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 13:54:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارخانىچىللىرىمىز ھەقىقەتەن ئىقتىدارلق باشقۇرغۇچىلارغا مۇھتاج.پۇلى بارلاردا ئىلغار بولغان باشقۇرۇش ئىقتىدارى كەمچىل.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

7

دوست

1151

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   15.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13396
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 358
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 15:55:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ دائىم ئېلىپ بېرىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .يوللىغۇچىغا رەخمەت

0

تېما

3

دوست

727

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31176
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 206
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 23:33:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل .

مەن ئالدى بىلەن بۇ ئىلىم چېيىنىڭ ئۆتۈزۈلگىنىنى تەبىرىكلەيمەن .  بۇنىڭىدىن كېيىنكى قېتىملىقلىرىغا يەنىمۇ بەرىكەتلەر يار بولسۇن

1

تېما

0

دوست

1936

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   93.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30232
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 578
توردىكى ۋاقتى: 127
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 23:43:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسان ياشايدىكەن ئىككى خىل ئېھتىياج بولىدۇ: ماددىي ئېھتىياج ۋە مەنىۋىي ئېھتىياج. شۇنىڭدەك بايلىقمۇ ماددىي بايلىق ۋە مەنىۋىي بايلىق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئادەمدە ئىككىلا خىل بايلىق بولسا ئاندىن ھەقىقىي باي بولىدۇ.
================================
ئىسىل

0

تېما

0

دوست

164

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   54.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33374
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 10:58:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭدا پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت 33 ئەمەس،بەلكى 41 دۇر .ماۋۇ 33 شىركەت 3-4 يىل بۇرۇنقى سان-سىفىر ......لىكسىيە سۇزلىگۇچىلەرمۇ ئۇچۇرنى يېڭىلاشقا ئەھمىيەت بەرسىكەن ،كونا كونسىپىكلەردىن پايدىلىنەۋەمەي!!!!

1

تېما

2

دوست

5156

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1528
توردىكى ۋاقتى: 304
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 12:22:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك چايلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى ،تۈرلىرىنىڭمۇ كۆپ ساھەگە چېتىلىشىنى پۈتۈن جەمئىيەتتە تېخىمۇ نۇرلۇق بىر مەنزىرىنىڭ بارىلىققا كېلىشىنى ئاللادىن تىلەيمەن.

1

تېما

5

دوست

2884

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 20:01:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتىمۇ ياخشى بولغان بىر ئۇچرىشىش بولۇپتۇ، مەنمۇ بۇ ئىلىم چېيىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن ، كىيىنكى قېتىم بۇنىڭدىنمۇ مۇكەممەلراق بولغان كەڭ كۆلەملىك ئىلىم چېيىنىڭ ئېچىلىشىغا تىلەكداشمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )