قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2263|ئىنكاس: 30

بىلىمخۇمار: تېز ئەسلىگە قايتىش ئىقتىدارى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

148

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1153
تۆھپە : 4107
توردىكى ۋاقتى: 1543
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 09:53:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەندىشە، چۈشكۈنلۈك، ۋە ئوڭۇشسىزلىقتىن تېز ئەسلىگە قايتىش ئىقتىدارى

بىلىمخۇمار


     ئىلاۋە: بۇ بۇرۇن يېزىلغان بىر پارچە ماقالە بولۇپ، مەن مەزكۇر ماقالىنى بۇرۇن تورلارغا يوللاپ بولغان، دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدىم.  بۈگۈن تورلارنى ئىزدەپ كۆرسەم، تورلاردا بۇ ماقالە يوق ئىكەن.  شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ ھازىر ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇم دەرىجىدە ياردىمى تېگىدۇ، دەپ ئويلاپ، ئۇنى بۇ مۇنبەرگە چىقىرىپ قويدۇم.
       بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن، يەنى1988-يىلى، مىڭچېبى (موڭغۇل) ئەپەندى بىلەن لولۇلۇ خانىم ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالى ئۈستىدە چوڭقۇر تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئاساستا ئۆزلىرىنىڭ «ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش» دېگەن ماۋزۇدىكى ئەدەبىي ئاخباراتىنى يېزىپ چىقتى. ئۇلار بۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى روھىي ھالىتى ئۈستىدە «قېيىداش روھىي» دېگەن، ئۇيغۇر پسىخىكىسى ئۈستىدە بولسا «يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىسى» دېگەن يەكۈننى چىقارغان ئىدى. بۇ ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنغىنىغا مانا ھازىر 20 يىل بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى روھىي ھالىتى بىلەن پسىخىكىسى قانداق؟ ئۇلارنى نېمە دەپ ئاتاشقا بولىدۇ؟ مەن يېقىنقى يىللاردا بۇ ھەقتە يېزىلغان ماقالىدىن بىرەرىنى ئۇچراتمىدىم. ئۆزۈم بۇ ھەقتە يېتەرلىك تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، مەلۇم قىممەتكە ئىگە بىر نەرسە يېزىپ چىقىشقا ئاجىزلىق قىلىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، مەن بىر ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەن مۇتەخەسسىسى سالاھىيىتى بىلەن ئەمەس، پەقەت چەت ئەلدە ياشاۋاتقان بىر ئوپتىكا ئىنژېنېرى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن، يېقىنقى بىر قانچە يىل مابەينىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، مۇنداق بىر خۇلاسىگە كەلدىم: پۈتۈن مىللەت مىقياسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى روھىي ھالىتىنى «ئەنسىرەش روھىي» دەپ ئاتاش مۇمكىن. ئۇيغۇر ياشلىرى قاتلىمىدىكى زور بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىنى بولسا «چۈشكۈنلىشىش روھىي» دەپ ئاتاش مۇمكىن. بۇ يەردىكى «ئەنسىرەش روھىي» ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆرپ - ئادىتى، مەدەنىيىتى، تىلى، دىنى، ئەخلاقى، روھىي ۋە جىسمانىي سالامەتلىكى قاتارلىقلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان زور دەرىجىدىكى تەھدىتتىن، ھەمدە ئۇيغۇرنىڭ ياشاش بوشلۇقى ۋە مىللىي كىملىكى ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپتىن كېلىپ چىققان. بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى «چۈشكۈنلىشىش روھىي» بولسا خىزمەت پۇرسىتى بىلەن ئۆز ئىقتىدارىنى مۇۋاپىق جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىنىڭ يوقلۇقى، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىنسانىي غۇرۇرى ۋە كىشىلىك ۋىجدانى بىلەن ياشاش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىدىن كېلىپ چىققان.

1. ئەنسىرەش روھىي
      مىللەتنىڭ ھازىرقى ئەنسىرەش روھىي ھالىتىنى تەپسىلىي تەھلىل ۋە بايان قىلىش كەم دېگەندە بىر مەخسۇس يېزىلغان ئۇزۇن ماقالىنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ مەسىلە مېنىڭ ئۇشبۇ يازمامدا توختالماقچى بولغان ئاساسىي مەزمۇن ئەمەس. شۇڭا مەن بۇ يەردە بۇ مەسىلە ئۈستىدە قىسقىچىلا توختىلىپ ئۆتىمەن. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بەزى يازمىلار ۋە ماڭا كەلگەن ئېلخەتلەردە بەزىلەر «مەن بۇرۇن كىم ئىدىم؟ كەلگۈسىدە كىم بولىمەن؟ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەن نېمە ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك؟»، دېگەندەك سوئاللارنى سوراۋاتىدۇ. مېنىڭچە ئۇيغۇرنىڭ مىللىي كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم نەرسىلەرنىڭ ھازىرقىدەك تەھدىتكە ئۇچرىشىدا، بۇ يەردە تىلغا ئالغىلى بولىدىغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدە مۇنداق 3 تۈرلۈك سەۋەب بار. ئۇنىڭ بىرىنچىسى، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمىدىكى ئاجىزلىق. ئىككىنچىسى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى سىياسەت تۈزۈشكە ياكى ئۇنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولغان ھەر دەرىجىلىك ئەمەل ئەھلىلىرىنىڭ قانۇن كۆز - قارىشىنىڭ ئاجىز بولۇشى. ئۈچىنچىسى، پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تېخىچە «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بىر باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقى (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ «ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت» دېگەن ماقالىسىگە قاراڭ: http://www. meripet. com/Academy/MAbduxukur. htm . تۆۋەندە يۇقىرىقى 3 مەسىلە ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي.
       1. ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋروپادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەل ئەھلىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزى باشقۇرماقچى بولغان خەلقنىڭ سايلىمى ئارقىلىق ئۆز خىزمەت ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىدۇ. شۇڭا بىرەر يېڭى خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىش، ئېرىشكەن خىزمەت ئورنىنى ساقلاپ قېلىش، ياكى بۇرۇن ئېرىشكەن خىزمەت ئورنىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلار ئاشۇ خىزمەتنىڭ ئەھدىسىدىن چىقالىغۇدەك سۈپەتكە ئىگە بولۇشى، ھەمدە شۇ ئاساستا ئۆزىنى سايلايدىغان خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمىسە، كېيىنكى سايلامدىكى رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقالمايدۇ. كۆزلىگەن خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار كېيىنكى سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالىدۇ. خەلقنىڭ تەلىپىنى ۋە ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. ھەممە ئىشتا خەلقنى چىقىش نۇقتىسى قىلىدۇ. بۇ دۆلەتلەردىكى سىياسەت ئەمەلىيەتتە «سايلام سىياسىتى» (ئىنگلىزچە «election politics») بولۇپ، دۆلەتنىڭ نۇرغۇن سىياسىي پائالىيەتلىرى سايلام ئېھتىياجىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان بولىدۇ. جۇڭگودا، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا بولسا، كۆپىنچە ئەھۋالدا، كىشىلەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەل ئەھلىلىرى تەرىپىدىن يېڭى خىزمەتكە تەيىنلىنىدۇ ياكى يېڭى، بۇرۇنقىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خىزمەت ئورنىغا ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بۇرۇنقى خىزمىتىدىن ياخشىراق خىزمەت ئورنىغا ئېرىشمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ قول ئاستىدىكى خەلققە مەسئۇل بولۇشىنىڭ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى ۋە ئۇلارنىڭ تەلىپىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىشنىڭ ھېچ بىر ھاجىتى بولمايدۇ. پەقەت ئۆزىدىن بىر ياكى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى ئەمەل ئەھلىلىرىگە مەسئۇل بولسا، شۇلارغا ياخشى كۆرۈنسىلا كۇپايە. مانا بۇ ھازىر ئۇيغۇر ئەمەل ئەھلىلىرى قوشۇنىدا ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان، ئۆزىدىن يۇقىرىدىكىلەرگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خۇشامەتچىلىك ۋە تەخسىكەشلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا، دەرد - پەريادىغا، ئەندىشىسىگە ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن قۇلاق سالماسلىق ئەھۋالىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبىدۇر. ئۇيغۇر خەلقى ھازىر گىرىپتار بولغان «ئەنسىرەش روھىي» ھالىتىدىن بۇ ئەمەل ئەھلىلىرىنىڭ ئانچە خەۋىرى يوق. خەۋىرى بولغاندىمۇ بۇ ئەھۋال بىلەن ئانچە كارى يوق. سىياسىي تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرنى ئاشۇ تۈزۈمنى ياخشىلاش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. بۇ يەردە بۇ مەسىلە توغرىسىدا بۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ قىلىش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس.
        2. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي قانۇنى شۇ دۆلەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك، مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنىي جەھەتتىكى مىللىي كىملىكىنى قوغدايدۇ. بىر مىللەت ئۆزىنى ساقلاپ قالماقچى بولىدىكەن، چوقۇم ئالدى بىلەن قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگىنىشى، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداشنى بىلىشى كېرەك. جۇڭگودا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئېلان قىلىپ كۈچكە ئىگە بولغان قانۇن-بەلگىلىمىلەر خېلى كۆپ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىكلىرىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىي» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھۆكۈمەت بەلگۈلىمىلىرىمۇ بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ۋە پايدىلىق نەرسىلەرمۇ ئاز ئەمەس. لېكىن، ھازىر دۆلەتنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىشى دېگەندەك مۇكەممەل ئەمەس. مەلۇم بىر سىياسىي مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قانۇننى خالىغانچە بىر تەرەپكە قايرىپ قويسىمۇ، خالىغانچە ئاياق-ئاستى قىلسىمۇ بولۇۋېرىدىغان بىر خىل سىياسەت يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر ئەمەل ئەھلىلىرىنىڭ ئىچىدە قانۇندا چىڭ تۇرغانلار، قانۇن بويىچە ئىش كۆرمەكچى بولغانلار ھېچ قانداق ھىمايىگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ، يالغۇز قالدۇرۇلۇۋاتىدۇ، ھەتتا ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەمەل ئۈچۈن ئۆز ۋىجدانى ۋە ئىنسانىي غۇرۇرىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەن، ياخشىچاقلىق، خۇشامەتچىلىك ۋە تەخسىكەشلىكنى ئوبدان قاملاشتۇرىدىغان بەزى كىشىلەر يېڭىدىن ئەمەلگە ئولتۇرۇۋاتىدۇ ياكى خىزمەتتە ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھازىر ئۇيغۇرلاردىكى ئەمەل ئەھلىلىرىنىڭ ئىچىدە خەلقنىڭ ساداسىغا قىلچە قۇلاق سالمايدىغان، ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىگە ئازراقمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى «قانداق قىلسام يەنە بىر بالداق ئۆسەلەيمەن» دېگەنگە ئاتا قىلىۋەتكەن، «شەپكىسىنى ئەكەل» دېسە بېشىنى كېسىپ كېلىدىغان، قانۇن-تۈزۈم بىلەن ئىلمىي يوسۇندا ئىش قىلىشنىڭ ئورنىغا خوشەمەتچىلىك بىلەن نادانلىقنى دەسسەتكەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال شەكىللەنگىلى تۇرۇپتۇ. دوكتۇر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي يازغان «"مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين"دىن "مەئارىفۇل لۇغەتەين"گىچە» دېگەن ماقالە (بىلىك: http://www. bilik. cn/bbs/viewthread. php?tid=5359 , مەرىپەت: http://www. meripet. com/Söhbet1/Erkinb2. htm ) ۋە بۇ ماقالە دۇچ كەلگەن ئېچىنىشلىق تەقدىر بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالىدۇر. مەن بۇ ماقالىنى دەسلەپتە ئوقۇغاندا ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتتىم. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا قانداق رول ئوينىغانلىقىنى بىلىشكە تەقەززا بولۇپ كەتتىم. لېكىن، بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن بىر قىسىم ئەھۋاللارنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھال-ئەھۋالىنىڭ نەقەدەر ناچارلىقىغا ئىنتايىن ھەيران قالدىم. قاتتىق ئېچىندىم. ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرلار ھازىر ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا ئىكەن. لېكىن ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ ھېچ ئىش قىلمىسا، خۇددى ئۆلمەي تۇرۇپ تەييار گۆرگە كىرىۋالغاندەك بىر ئىش بولىدۇ. «بالا يىغلىمىسا ئانا ئەمچەك سالمايدۇ». شۇڭا ئۇيغۇرلارنى ھازىرقى خەتەرلىك يولدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن چوقۇم كۆپ ساندىكى ئەمەل ئەھلىلىرى شەرتسىز ھالدا خۇشامەتچىلىك بىلەن بەند بولۇپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئەمەل ئەھلىلىرىلا قانۇنغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، قانۇن بىلەن ئىش كۆرمەكچى بولغانلار يالغۇز قالدۇرۇلىدىغان يۈزلىنىشنى 180 گرادۇس بۇراپ، قانۇن بويىچە ئىش كۆرمەكچى بولغانلار ۋە ئىش كۆرگەنلەر ھىمايە قىلىنىدىغان ۋە مۇكاپاتلىنىدىغان، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار، تەخسىكەشلىك يولى بىلەن يۇقىرىغا ياماشماقچى بولغانلار ئەيىبلىنىدىغان ۋە زەربە بېرىلىدىغان بىر خىل ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
      3. ياپونلۇق، گېرمانىيىلىك ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ھازىر نەقەدەر تەرەققىي قىلىپ كەتكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. مەن ئۆز كۆڭلۈمدە ئۇيغۇرلارنى مۇشۇ 3 مىللەت بىلەن داۋاملىق سېلىشتۇرىمەن. بىزنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان پەرقىمىزنى توغرا ۋە تولۇق چۈشىنىشكە داۋاملىق تىرىشىمەن. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، بىر قانچە ئەسىردىن بۇرۇن مەدەنىي گۈللىنىش ۋە مەدەنىي تەرەققىيات جەھەتتە ئۇيغۇرلار ئۇلاردىن ئانچە قېلىشمايتتى. ياپونغا ئوقۇشقا بارغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەقىل جەھەتتىن ئۆزلىرىنىڭ ياپونلۇقلاردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ۋە ئىسپاتلاپ كېلىۋاتىدۇ. باشقا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ۋە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ئەقىل جەھەتتىن ئۆزلىرىنىڭ باشقىلاردىن كېيىن تۇرمايدىغانلىقىنى، ھەتتا باشقا خېلى كۆپ مىللەتلەرنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىدۇ. لېكىن، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، خۇددى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغاندەك، ياشاش رىقابەت كۈچى، تۈركۈم ئېڭى، مىللەتنىڭ قاتتىق ھەمدەملىكى (ياكى بىر-بىرىنى يۆلەش ۋە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش جەھەتتىكى مىللەت ئېڭى)، ئۆز زېمىنىدىكى ۋە چەت ئەلدىكى ھەر بىر قەدىمى، ھەر بىر سۆزى، ھەر بىر ھەرىكىتىگە مىللىي نومۇس-ئىپتىخارىنى ئۆلچەم قىلىش جەھەتتە ھازىر ئۇيغۇرلار يۇقىرىقى 3 مىللەتتىن جىق ئاجىز ۋە جىق ئارقىدا. يۇقىرىقى مىللەتلەر بىر ياكى بىر قانچە ئەسىر ۋاقىتنى مائارىپ ئارقىلىق مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە سەرپ قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ھازىرقىدەك بىر «سىياسىي مىللەت» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلەلىدى. ئۇيغۇرلارچۇ؟ مەن تورداشلارنى «سالام دۇنيا» دېگەن ئىسىملىك قېرىندىشىمىز يازغان «ھەقىقىي قۇدرەت تېپىش دېگەن نېمە؟» دېگەن ماقالىنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشقا چاقىرىمەن. ئۇنىڭ بىلىكتىكى تور بەت ئادرېسى: http://www. bilik. cn/bbs/viewthread. php?tid=15389&extra=page%3D1 . مەن بۇ يازمىدىكى ئىلغار مىللەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقىدەك پەرقنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، ھەمدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى قانداق چۈشىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى بايانلارنى خېلىلا ياقتۇردۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپى ۋە ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشىغا باشقىلار ھەقىقىي تۈردە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ساپاسى تۆۋەن بىرسى باشقىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم قىلىمەن، دېسىمۇ بۇ ئىش ئۇنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ ئىشتا ئۇيغۇرلار پەقەت ئۆزىگىلا تايىنىشى كېرەك. بىر مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىر قانچە ئەۋلادلارنىڭ قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە بىر قانچە ئەسىر ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ بولدى. بۇنداق ئىسراپچىلىق بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىشىۋەرمىسە بولاتتى.
يۇقىرىقىلار ھازىر ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرلىك يۈزلىنىشنى توسۇشقا ئامالسىز قالدۇرۇۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردا «ئەنسىرەش روھىي» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىر قىسمى.

2. چۈشكۈنلۈك روھىي

     ھەممەيلەننىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان 1-دەرىجىلىك ئېغىر مەسىلە خىزمەت پۇرسىتىنىڭ بولماسلىقى. ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، ھەمدە جەمئىيەتتە خىزمەت كۈتۈپ ياشاۋاتقان ياشلار ئىش پۇرسىتىنىڭ كەملىكى ۋە خىزمەت تېپىشنىڭ تەسلىكى تۈپەيلىدىن روھىي جەھەتتە ئىنتايىن چۈشكۈن ئۆتۈۋاتىدۇ. ئۆز ئىرادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان، تىرىشىشتىن ۋاز كەچكەنلەرمۇ بار. بۇ ياشلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بولسا بالىسىنىڭ خىزمىتىنىڭ غېمى بىلەن ئىنتايىن ئېغىر روھىي بېسىم ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. مەن ئاڭلىسام دەرد ۋە ئازاب ئىچىگە تۇغۇلىدىغان بالىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىگە بېرىلگەن، ئىككى ياكى ئۈچ پەرزەنت كۆرسە بولىدىغان نورمىنىمۇ تولدۇرماي ئۆتۈپ كېتىدىغانلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيگىلى تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنداقلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىمەن. ئۇلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىمەن. لېكىن ئۇلار تاللىغان بۇنداق يولنى ھەرگىزمۇ مۇۋاپىق كۆرمەيمەن. ئەگەر ھەممە ئۇيغۇرلار سىزدەك قىلغىلى تۇرسا، مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى نېمە بولۇپ كېتىدۇ؟
يۇقىرىقىلار ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر.


3. ئوڭۇشسىزلىققا باش ئەگمەي، تېز ئەسلىگە قايتىش ئىقتىدارى

      مەن 2006- ۋە 2007-يىلى يازدا يۇرتقا ئىككى قېتىم بېرىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ئۇچراشتىم. بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئېلخەت ئارقىلىقمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن سۆزلەشتىم. مۇشۇ جەرياندا ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن خىزمەت تېپىشنىڭ قىيىنلىقى ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن زور دەرىجىدە زەخمىلەندۈرىۋاتقانلىقىنى، ئاتا-ئانىلارغىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك روھىي بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، زور بىر قىسىم ياشلار ئوقۇشقا قىزىقماي ۋە ئۆگىنىشكە تىرىشماي، ئۆز ۋاقتىنى روھىي چۈشكۈنلۈك ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. يېقىندا قۇتبىلىك ئۇكىمىز «ئۆتمۈشۈم، كەلگۈسىم ۋە كومپيۇتېر» ( http://www. bilik. cn/bbs/viewthread. php?tid=15509&extra=page%3D1 ) دېگەن يازمىسىدا « مەن كەلگۈسىنى قانداق بەلگىلەيمەن، مەن يەنە نېمىلەرنى ئۆگىنىمەن، مەن ھازىر كىم، بۇرۇن كىم ئىدىم، كىمنىڭ ئەۋلادى ئىدىم، بۇندىن كىيىن كىم بولىمەن، كىمنىڭ ئەۋلادى بولىمەن ،...، يەنە نېمىلەرنى ئۆگىنىمەن، كىملەرگە ئۆگىتىمەن (...)، قانداق ئۆگىنىمەن، قانداق ئۆگىتىمەن، ئانام ئۆگەتكەن دادام ئۆگەتكەن ئاشۇ ئېسىل خىسلەتلەرنى قانداق قىلىپ ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئۇلايمەن، قانداق قىلسام ئانامغا دادامغا يۈز كېلەلەيدىغان بولىمەن؟» دېگەن ئەھمىيەتلىك ۋە چوڭقۇر مەنىلىك سوئاللارنى سوراپتۇ. مەن بۇ سوئاللارنى كۆرۈپ، ھەمدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەھۋالىنى ئويلاپ، ئۆز-ئۆزۈمدىن «مەن ئۇلار ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەرمەن؟» دەپ سوراپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرسىدە، يەنى 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، بىزنىڭ ئىدارە ئورۇنلاشتۇرغان، «يېڭى يىلدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇڭ» (ئىنگلىزچە «Thriving in the New Year») دېگەن تېمىدىكى بىر سائەتلىك لېكسىيىگە قاتناشتىم. بۇ لېكسىيە كىشىلەردە بولىدىغان بىر خىل ئالاھىدە ئىقتىدار توغرىسىدا بولۇپ، بۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە كىشىلەر بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ياكى بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچرىغاندا ئاسانلىقچە روھىي چۈشكۈنلۈككە پېتىپ قالمايدىكەن. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئاشۇنداق كېلىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان روھىي زەخمىدىن ئوڭۇشلۇق ساقلىنىپ، روھىي ھالىتىنى تېز سۈرئەتتە ئوڭشاپ، ئۆز ئىشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ ماڭالايدىكەن. بۇ ئىقتىدار ئىنگلىز تىلىدا «Resilience» ۋە «Resiliency» دەپ ئاتىلىدىكەن. كوپ ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە بىر كونا مەسىلە ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىدىغان بۇ ئىلىمنىڭ غەرب ئەللىرىدە بىر رەسمىي پەن بولۇپ شەكىللەنگىنىگە تېخى ئاران 25 يىل بولۇپتۇ. ئامېرىكىدا بۇ پەن توغرىسىدا يېزىلغان بىر قانچە كىتاب ۋە نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەر بار ئىكەن. مەن بۇ پەننى بىر دەرس سۈپىتىدە رەسمىي ئوقۇمىدىم. بۇ پەن توغرىسىدىكى كىتابلاردىن بىرەرىنىمۇ ئوقۇپ باقمىدىم. پەقەت قۇتبىلىك ئۇكىمىزدەك ھازىر جىددىي ئېھتىياجى بار ياشلىرىمىزغا بىر ئاز پايدىسى تېگىدىغان، باشقا ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن بىر دەسلەپكى تونۇشتۇرۇش بولۇپ قالىدىغان بىر نەرسە تەييارلاش ئۈچۈن، ئىنتېرنېتتىن بىر قىسىم ماقالىلەرنى تېپىپ ئوقۇدۇم. مېنىڭ بۇ يەردە يازىدىغىنىم مۇشۇ پەننىڭ خۇلاسە خاراكتېردىكى ئومۇمىي ئۇقۇمى بولۇپ، مەن ئۇنى ئۆزۈمنىڭ چۈشىنىشى بويىچە تەرجىمە قىلىپ ۋە رەتلەپ چىقتىم. مەن ئىنگلىز تىلىدىكى ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ بىر نەرسە يازغاندا، بىر قىسىم ئىنگلىزچە سۆزلەرگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزنى تېپىشتا بەزىدە ناھايىتى قىينىلىمەن. مەسىلەن، «Resiliency» دېگەن پەندە دۇنياغا ئەڭ تونۇلغان ئامېرىكىلىق دوكتۇر ۋە پروفېسسور Al Siebert ئەپەندىنىڭ ئىنگلىزچە «The Survivor Personality» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىتابى بار بولۇپ، ئۇ كىتاب ھازىر جەمئىي 15 قېتىم بېسىلىپتۇ. مەن ئىنتېرنېتتا كۆرگەن بەزى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ كىتاب خەنزۇچىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپتۇ (ئۇنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىنى جۇڭگو، تەيۋەن ياكى شياڭگاڭنىڭ بىرسىدىن چوقۇم تاپقىلى بولىدۇ). ئىنگلىزچىدا «survivor» دېگەن سۆز ھەر خىل مەنىدە ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، بىرەر ئۇرۇشتا ئۆلمەي ساق قالغان كىشى «survivor» بولىدۇ. بىرەر تەبىئىي ئاپەتتە ئۆلمەي ساق قالغان كىشىمۇ بىر «survivor» بولىدۇ. ھازىرقى ئۇيغۇر دىيارىدا پۈتۈنلەي تۈگىشىپ كەتمەي، ئىنتايىن كەمچىل خىزمەت پۇرسەتلىرى ئىچىدىن بىر پۇرسەت تېپىپ، غايەت زور قىيىنچىلىق ئىچىدىن بىر خىزمەت تېپىپ، نورمال ياشاپ كېتىۋاتقان بىر ئادەممۇ بىر «survivor» بولىدۇ. يۇقىرىقى كىتاب مانا مۇشۇ ئەڭ ئاخىرىدا تىلغا ئېلىنغان «survivor» لەر توغرىسىدا بولۇپ، باشقا مۇۋاپىق سۆز تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈن، مەن يۇقىرىقى كىتابنىڭ ئىسمىنى «يەڭگۈچىنىڭ مىجەز - خاراكتېرى» دەپ تەرجىمە قىلسا بولامدىكىن، دەپ ئويلىدىم. يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مەن يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە تەييارلىغان يازمىلىرىمدا بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئىنگلىزچىسىنىمۇ ماقالەمگە كىرگۈزۈپ قويدۇم. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىمەن.
     ئەمدى گەپنى بۇ يېڭى پەنگە قايتۇرۇپ كېلەي. ئىنگلىزچە «resilience» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇنىڭ ئىنگلىزچىدىكى مەنىسى:
«بۈگۈنكى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان دۇنياغا ئەڭ ماسلىشالايدىغان كىشىلەر "resile" قىلالايدىغان كىشىلەردۇر».
تەلەيسىزلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ روھىي جەھەتتىن تېز ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى.
بىر نەرسە ئېگىلگەن، قىسىلغان ياكى سوزۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى شەكلىگە تېز قايتىپ كېلەلەيدىغان ئىقتىدارى.
بىر ئىنسان بۇزۇش خاراكتېرىدىكى بىر ئۆزگىرىشكە ياكى تەلەيسىزلىككە يولۇققاندا، ئۇ ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويماي، ياكى ئۆز ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ياكى ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھالەتتە ئىش ئېلىپ بارماي، نورمال روھىي ھالىتىگە تېز قايتىپ كېلىش ئىقتىدارى.
يۇلغۇن تور بېتىدىكى ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت ( http://dict. yulghun. com/ ) تە «resilience» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى مۇنداق بېرىلگەن: «ئېلاستىكلىق، تەۋرەنمەسلىك، سوزۇلۇشچانلىق».
    يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈلگەن ئالاھىدە ئىقتىدارنى ئۇيغۇرچە نېمە دەپ ئېلىش كېرەك؟ بۇ سوئالغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تىلشۇناس ۋە جەمئىيەتشۇناسلار جاۋاب بەرسۇن. مەن بۇ ماقالىنى يېزىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نېمە دەپ ماۋزۇ قويۇش توغرىسىدا كۆپ ئويلاندىم. «روھىي جەھەتتىن تېز ئەسلىگە كېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟»، «چۈشكۈنلۈكتىن ئۈنۈملۈك قۇتۇلۇپ چىقىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟»، ۋە «چۈشكۈنلۈكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك» دېگەن كاندىداتلارنى تىزىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھازىرقى تېمىنى تاللىدىم. دېمەكچىمەنكى، مەن تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئاساسلىق نەرسە «روھىي زەخمىدىن تېز ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى»، «چۈشكۈنلۈكتىن ئۈنۈملۈك قۇتۇلۇپ چىقىش ئىقتىدارى»، «چۈشكۈنلۈكتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى»، «ئوڭۇشسىزلىققا باش ئەگمەي، داۋاملىق ئالغا ئىنتىلىش ئىقتىدارى» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاشۇ بويىچە چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سىز مەلۇم بىر تەلەيسىزلىك ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن قانچىلىك روھىي چۈشكۈنلۈك، روھىي ئازاب ۋە روھىي زەخمىگە ئۇچرايسىز؟ بۇ سىزنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىڭىزغا، بىر ۋەقەگە بولغان ئۆز روھىي ئىنكاسىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئاڭلىق ھالدا قانچىلىك كونترول قىلالىشىڭىزغا باغلىق. سىز مەلۇم بىر ئېغىر بېسىمغا ۋە بۇزۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشكە يولۇققاندا، سىزنىڭ پوزىتسىيىڭىز بىلەن ئادىتىڭىز سىز ئۈچۈن يا بىر توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ، يا بىر ياخشىراق ئىستىقبالغا ئېلىپ بارىدىغان كۆۋرۈكنى ھازىرلاپ بېرىدۇ. شۇڭا سىز تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ئۇقۇملارنى تولۇق چۈشەنسىڭىز، ھەمدە ئۆزىڭىزدە تۆۋەندە تەسۋىرلىنىدىغان ئىقتىدارلارنى ئىمكان قەدەر كۆپرەك يېتىلدۈرسىڭىز، ئۆزىڭىز بۇنىڭدىن كېيىن يولۇقىدىغان يېڭى ئەھۋاللارنى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلالايسىز. يەنى، «resiliency» سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ روھىي سالامەتلىكى بىلەن خۇشاللىقىنى ساقلىغان ھالدا ھەر قانداق ئەھۋالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش جەھەتتە سىزگە نۇرغۇن، باشقىلاردا يوق ئارتۇقچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى مۇنداق 3 تۈرگە ئايرىش مۇمكىن:
1) بالىنىڭ ئاتا-ئانىدىن، ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىدىن، ۋە يېڭى باشلىغانلارنىڭ بىلىملىكلەردىن ئۆگىنىش ئۇسۇلى. بۇ ھازىر ئەڭ كەڭ قوللىنىلىۋاتقان، ئەنئەنىۋى ئۆگىنىش ئۇسۇلىدۇر.
2) ئىلغار شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى.
3) ئۆز-ئۆزىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ۋە ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇپ تۇرۇپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى.
«resiliency» ئىقتىدارىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن پەقەت 3-ئۇسۇلدىنلا پايدىلىنىش كېرەك. يەنى، ئۇ ئىقتىدارلارنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ، لېكىن ئۆگەتكىلى بولمايدۇ. ئەنئەنىۋى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچى بىر دەرسنى ئۆتىدۇ. ئوقۇغۇچى بۇ دەرسنى ئۆگىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار بىر ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ دەرسنى قانچىلىك سەۋىيىدە ئۆگەنگەنلىكىنى باھالايدۇ. «resiliency» ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش بولسا بىر مۇتەخەسسىس ۋە كەسىپ ئەھلى دەرىجىسىدىكى ئۆگىنىش بولۇپ، بۇ ئۆگىنىشنىڭ تەرتىپى يۇقىرىقىنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. يەنى، ئالدى بىلەن «تۇرمۇش» دەپ ئاتىلىدىغان مەكتەپ سىزدىن بىر ئىمتىھان ئالىدۇ، ئاندىن سىز يېڭى بىلىم ۋە ئىقتىدارلارنى ئۆگىنىسىز.
تۆۋەندە يېزىش ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، مەن بۇ ئالاھىدە ئىقتىدارنى «تەۋرەنمەس ئىقتىدارى» دەپ ئالىمەن.


4. «تەۋرەنمەس ئىقتىدارى» نى يېتىلدۈرۈش ئۇسۇلى

يۇقىرى دەرىجىلىك «تەۋرەنمەس ئىقتىدارى» گە ئىگە كىشىلەرنىڭ ئىچكى خاراكتېرى ئۈستىدە نۇرغۇن يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل قابىلىيەتنىڭ كىشىلەردە قانداق يېتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. سىز ئۆزىڭىزدە ئاشۇنداق قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىڭىزدىكى تۆۋەندىكى سۈپەتلەرنى كۈچەيتىڭ:

1) شوخ ۋە خۇشال-خۇرام، كىچىك بالىلاردەك ھەممە ئىشقا قىزىقىدىغان بولۇش. كۆپلەپ سوئال سوراش. ھەر ۋاقىت «نېمە ئۈچۈن» دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدەش. يېڭى تەرەققىياتلار بىلەن ئۇچرىشىش. كىچىك بالىلاردەك ئۆز-ئۆزىدىن ھۇزۇر ئېلىشنى بىلىش. ھەر قانداق يەردە ھۇزۇرلىنىشنى بىلىش. ھەر خىل ئىشلارغا قىزىقىش، تەجرىبە قىلىش، خاتالىق ئۆتكۈزۈش، يارىدارلىنىش، ۋە كۈلۈش. «بۇ قېتىم قايسى تەرەپلىرى ئوخشىمايدۇ؟ بۇنى قىلسام نېمە بولىدۇ؟ سوئالىمغا كىم جاۋاب بېرەلەيدۇ؟ بۇنىڭ نېمىسى قىزىقارلىق؟» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى سوراپ تۇرۇش.

2) ئۆز سەرگۈزەشتلىرىدىن يېڭى بىلىم ئىگىلەپ تۇرۇش. يېڭى ياكى تاسادىپى كەچۈرمىشلەرنى تېز سۈرئەتتە ھەزىم قىلىش، ھەمدە شۇلار ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆزگەرتىش. «بۇ ئىشتىكى تەجرىبە-ساۋاق نېمە؟ مەن دەسلەپكى ئىشارەتلەردىن قايسىلىرىنى نەزەرگە ئالمىدىم؟ ئەگەر بۇ ئىش يەنە يۈز بېرىپ قالسا، مەن چوقۇم نېمە قىلىشىم كېرەك؟» دېگەن سوئاللارنى سوراپ تۇرۇش.

3) يېڭى ۋەزىيەتكە تېز ماسلىشىش. روھىي جەھەتتە ماسلىشىشچان بولۇش. بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى مىجەز-خۇلق بىلەنمۇ چىقىشالايدىغان بولۇش. كۈچلۈك ھەم مويسىپىت، نازۇك ھەم چىداملىق، لوگىكىلىق ھەم ھېسسىي تۇيغۇسى بويىچە ئىش قىلىدىغان («intuitive»)، ئېغىر بېسىق ھەم ھېسسىياتچان، كەسكىن ھەم خۇشال-خۇرام بولۇش. بۇنداق ئىقتىدارلارغا قانچە باي بولسا شۇنچە ياخشى. بىر ئىشنىڭ سەلبىي تەرىپىنى ئويلاپ تۇرۇپ ئىجابىي نەتىجە چىقىرالايدىغان بولۇش. «بۇ ئىشنى قىلسام قانداق يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ ئۇنداقتا مەن نېمىلەردىن ساقلىنىشىم كېرەك؟» دەپ سوراپ تۇرۇش.

4) ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى («self-esteem») نى ساقلاش ۋە ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىش. ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىززەت-ھۆرمەت ياكى غۇرۇر دېگەن ئۆزىگە بولغان ھېسسىياتتىن ئىبارەت. بىرەر ئوڭۇشسىزلىق يۈز بەرگەندە سىز ئۇنىڭدىن قانچىلىك نەرسە ئۆگىنىدىغانلىقىڭىزنى ئاشۇ غۇرۇر بەلگىلەيدۇ. غۇرۇر سىزنىڭ ماختاش ۋە مەدھىيىنى توغرا قوبۇل قىلىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇ سىزنى يامان سۆز-باھالارنىڭ زىيىنىدىن ساقلاپ قالىدۇ، شۇنداقلا سىزنى پايدىلىق تەنقىدنى توغرا قوبۇل قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ سىزگە «مەن ئۆز-ئۆزۈمنى ياخشى كورىمەن، ئۆز-ئۆزۈمنى قەدىرلەيمەن، ۋە ئۆز-ئۆزۈمنى سۆيىمەن» دېگەن تۇيغۇلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

5) ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچ ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان ھۆرمىتىڭىزدۇر. ئۇ سىزنىڭ باشقىلارنىڭ تەستىقى ياكى كاپالىتىگە ساقلاپ تۇرمايلا تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا («take risks») ئۈندەيدۇ. سىزدە بۇرۇن قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، «يېڭى ئەھۋاللارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايمەن» دەپ ئويلىيالايسىز. «مېنىڭ ئىشەنچلىك ئارتۇقچىلىقلىرىم ... »

6) باشقىلار بىلەن ياخشى دوستلۇق ۋە بىر-بىرىگە كۆيۈنىدىغان مۇناسىۋەت ئورنىتىش. بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بىر خىل زەھەرلىك مۇھىتتا ئىشلەيدىغان كىشىلەرمۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ناھايىتى كۆيۈمچان ئائىلىسى بولسا ۋە بىرگە ئىشلەيدىغانلار بىلەن بولغان دوستلۇقى ياخشى بولسا، ئۇلار روھىي بېسىمغا ياخشىراق بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن، ھەمدە ئازراق كېسەل بولىدىكەن. يالغۇزچىلىق ئىچىدە ياشايدىغان كىشىلەر روھىي بېسىمغا ئاسانلىقچە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. دوستلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كوپ پاراڭلىشىش قىيىنچىلىقنىڭ روھىي تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ھەمدە ئۆز قىممىتى ۋە ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىدۇ. ئۇيغۇرلار باشقىلار بىلەن كوپ ئارىلىشىدىغان، مېھماندوست، ناخشا-ئۇسۇل، مۇزىكا ۋە پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر مىللەت بولۇپ، بۇ جەھەتتە باشقا نۇرغۇن مىللەتلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

7) ئۆز كۆڭلىدىكى ئىشلارنى باشقىلارغا سەمىمىي ھالدا ئىپادىلەش. غەزەپ، مۇھەببەت، ياخشى كۆرمەسلىك، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ۋە قاتتىق ئېچىنىش قاتارلىق ئىنسانلىق ھېسسىياتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئۇلارنى باشقىلارغا سەمىمىيلىك بىلەن ھەم شۇ پېتىچە ئىپادىلەش. شۇنداق قىلسا ئەڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا، ئۆز ھېسسىياتىنى بېسىۋېلىشقىمۇ قادىر بولۇش.

8) «بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ» دېگەن ئۈمىدتە بولۇش. ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى قىممەت ۋە ئۆلچەم يېتەكچىلىكىدىكى ھەممە ئىشلارنى ياخشى تەرەپكە ئويلايدىغان («optimism») ئىقتىدار بولۇش. قاراڭغۇ ۋە چۈشىنىكسىز ئىشلارغا نىسبەتەن يۇقىرى دەرىجىلىك سەۋرچانلىقى بولۇش. خىزمەت چۈشەندۈرۈلۈشى بولمىسىمۇ ئۆز ئىشىنى تېپىپ قىلالايدىغان بولۇش. كەسىپ ئەھلىلىكى جەھەتتە باشقىلارغا بىر ياخشى ئۈلگە بولۇش. ھەممە ئىشلارنى يۈرۈشتۈرەلەيدىغان ۋە ھەممە ئادەملەرنى ياراشتۇرالايدىغان («synergistic») تەسىرگە ئىگە بولۇش، كرىزىس ۋە قالايمىقانچىلىققا نىسبەتەن مۇقىملىق ئېلىپ كېلەلەيدىغان بولۇش. «بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلسام ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەممەيلەن ئۈچۈن ياخشى بولۇپ چىقىدۇ؟» دەپ سوراش.

9) ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاش. ئىشلارغا مۇئامىلە قىلىشتا باشقىلارنىڭ ئۇ ئىشلار توغرىسىدا قانداق ئويلايدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىش. توقۇنۇش بولغاندا چوقۇم ئۇتۇپ چىقىش پوزىتسىيىسىدە بولۇش. "بۇ ئىشقا قارىتا باشقىلار قانداق ئويلايدۇ ۋە قانداق ھېسسىياتتا بولىدۇ؟ مەن ئۇلارنىڭ ئورنىدا بولسام قانداق قىلاتتىم؟ مەن ئۇلارغا نىسبەتەن قانداق تۇيىلىمەن؟ ئۇلارنىڭ ھېسسىياتى، سۆزى ۋە ھەرىكىتىنىڭ قايسىلىرى ئورۇنلۇق؟" دېگەن سوئاللارنى سوراش.

10) كۆڭۈلدىكى توغرا تۇيغۇغا ئەگىشىش («use intuition»)، پايدىلىق ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىش. «بەدىنىم ماڭا نېمە دەۋاتىدۇ؟ ھېلىقى كۈندۈزدە كۆرگەن چۈشۈمنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بارمۇ؟ باشقىلار ماڭا دېگەن سۆزگە مەن نېمە ئۈچۈن ئىشەنمەيمەن؟ ئەگەر مەن بۇ ئىشنى قىلسام نېمە بولىدۇ؟» دېگەن سوئاللارنى سوراش.

11) ئۆز-ئۆزىنى ئوبدان قوغداش. ھۇجۇمدىن ساقلىنىش ۋە ھۇجۇمنى توسۇش، ھەمدە قايتۇرۇپ زەربە بېرىش. باشقىلار ئۆزىگە ئېلىپ كەلمەكچى بولغان پايدىسىز ئىشلارنى، ئويۇنلارنى ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيدىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرالايدىغان بولۇش. ئۆزىگە دوست، ياردەم ۋە پايدىلىنىش مەنبەلىرى تېپىش.

12) بىر ئىشنى قوغلىشىش جەريانىدا يەنە بىر ئىشقا ئېرىشەلەيدىغان تالانتقا ئىگە بولۇش. «تۇرمۇش» دەپ ئاتىلىدىغان مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملەر باشقىلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ياخشى قورالدۇر. ئۇ بىلىملەر باشقىلار ئۈچۈن روھىي جەھەتتىكى زەھەرگە ئوخشاش بىر ئەھۋالنى ئۆزى ئۈچۈن روھىي ئوزۇق بولالايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ. ئاشۇنداق بىلىمگە ئىگە كىشىلەر ناچار سەرگۈزەشتلەردىن ياخشى تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئېرىشكەن بولغاچقا، باشقىلار ئۈچۈن كۈچلۈك روھىي بېسىم بولۇپ تۇيۇلغان ئەھۋاللار ئىچىدىمۇ ئۆز ئىشلىرىنى يەنىلا ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ كېتەلەيدۇ. ئۇلار بىتەلەيلىكنى بىر ياخشى تەلەيگە ئايلاندۇرالايدۇ، ھەمدە ناچار ئەھۋال ئىچىدىن يېڭى كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشەلەيدۇ.

13) ئادەتتىن تاشقىرى روھىي ساغلاملىقنىڭ بىر ئىپادىسى، بىر ئادەم ئۆزى يولۇققان بىر ناچار ئەھۋال ئۈستىدە توختالغاندا، «مەن بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق ئەھۋالنى ھەرگىزمۇ ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن قايتا سادىر قىلمايمەن. لېكىن بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ئەھۋال مېنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئۆمرۈمدە ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئەڭ ياخشى ئىشلارنىڭ بىرسى بولدى»، دەپ ئويلاش. ئۆز-ئۆزىدىن: «قانداق قىلسام بۇ ئەھۋالنى ئۆزۈمگە پايدىلىق ئەھۋالغا ئۆزگەرتەلەيمەن؟»، «بۇ ئىش يۈز بەرگەنلىكىنىڭ ياخشى تەرىپى نېمە؟»، «بۇ ئىشتىن ماڭا كەلگەن سوۋغات نېمە؟» دەپ سوراش.

14) يىلمۇ-يىل ياخشىلىنىشقا قاراپ مېڭىش. تۇرمۇشتىكى رىقابەت ئىقتىدارىنى، ئوڭۇشسىزلىققا تەن بەرمەسلىك مىجەزىنى، چىداملىقىنى، شوخ ۋە خۇشال-خۇراملىقنى، ۋە روھىي ئەركىنلىكىنى يىلمۇ-يىل كۈچەيتىپ مېڭىش. تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش دەرىجىسىنىمۇ يىلمۇ-يىل ئۆستۈرۈپ مېڭىش.


5. «تەۋرەنمەس ئىقتىدارى» ئۈستىدە بىر سىناق

مەن ئىدارىمىزدە قاتناشقان «تەۋرەنمەس ئىقتىدارى» توغرىسىدىكى بىر سائەتلىك لېكسىيە جەريانىدا ئوقۇتقۇچى بۇ لېكسىيىگە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسىدىن بىر سىناق ئالدى. بىز بۇ سىناقتا تۆۋەندىكى 20 جەھەتتە ئۆز-ئۆزىمىزگە نومۇر قويۇپ، ئاخىرىدا ئۆز نومۇرىمىزنى قوشۇپ چىقتۇق. ھەر بىر ئىقتىدارغا قويۇلىدىغان نومۇرنىڭ دائىرىسى 1 دىن 5 گىچە بولۇپ، ئەگەر سىزنىڭ مەلۇم بىر ئىقتىدارىڭىز ئىنتايىن ياخشى بولسا، سىز ئۇنىڭغا 5 نومۇر بېرىدىكەنسىز. ئەگەر سىزنىڭ مەلۇم بىر ئىقتىدارىڭىز ئىنتايىن ناچار بولسا، سىز ئۇنىڭغا 1 نومۇر بېرىدىكەنسىز. ئىنتايىن ياخشىمۇ ئەمەس ئىنتايىن ناچارمۇ ئەمەسلىرىگە 2 بىلەن 4 نىڭ ئارىلىقىدىكى بىر نومۇرنى بېرىدىكەنسىز. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىڭىزنىڭ ھەممە نومۇرىنى قوشۇپ چىقىدىكەنسىز. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر سىزنىڭ جەمئىي نومۇرىڭىز 85 تىن يۇقىرى بولسا، سىزنىڭ «تەۋرەنمەس ئىقتىدارى» ڭىز ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئەگەر سىزنىڭ نومۇرىڭىز 45 تىن تۆۋەن بولسا، سىزنىڭ بۇ ئىقتىدارىڭىز بەك ئاجىز ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. مەن بۇ سىناقتا «ئەلا» نومۇر ئالدىم. ئەگەر خالىسىڭىز، سىزمۇ تۆۋەندىكى سىناق بويىچە ئۆزىڭىزنى باھالاپ، ئۆزىڭىزگە نومۇر قويۇپ بېقىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، سىز ئۆزىڭىزنىڭ قايسى جەھەتتە كۈچلۈك، قايسى جەھەتلەردە ئاجىزلىقىنى كۈرىۋالالايسىز. شۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىز ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشىش نىشانىسىنى تېپىپ چىقالايسىز.

[1]. بىرەر كرىزىس ياكى جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە، مەن ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ، ئۆز زېھنىمنى بۇ ئەھۋالنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا مەركەزلەشتۈرەلەيمەن.

[2]. مەن ئادەتتە ھەممە ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلايمەن. «دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق بىر ۋاقىتلىق ھادىسە» دەپ ئويلايمەن، ھەمدە ئۇ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ كېتەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.

[3]. مەن يۇقىرى دەرىجىدىكى مۈجمەللىككىمۇ چىداپ تۇرالايمەن.

[4]. مەن يېڭى ئەھۋاللارغا تېز ماسلىشالايمەن. ھەمدە قىيىن ئەھۋال ئىچىدىن تېز ئەسلىمگە قايتالايمەن.

[5]. مەن شوخ ۋە خۇشال-خۇرام ياشايمەن. قىيىن ئەھۋاللار ئىچىدىنمۇ ئۆزۈمگە خۇشاللىق تاپالايمەن، ھەمدە ئۆزۈم قىلغان ئىشقا ئۆزۈم كۈلەلەيمەن.

[6]. مەن بىر مەغلۇبىيەتكە ۋە پېشكەللىككە دۇچ كەلگەندە، روھىي جەھەتتىن ئۆز ئەسلىمگە كېلەلەيمەن. مېنىڭ سىرداش دوستلىرىم بار. مەن كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى باشقىلارغا ئېيتالايمەن ھەمدە ئۇلاردىن ياردەم سورىيالايمەن. مەن خاپا بولۇپ قالسام ۋە بىرەر ئوڭۇشسىزلىق تۈپەيلىدىن چۈشكۈنلىشىپ قالسام، مېنىڭ ئۇنداق روھىي ھالىتىم ئانچە ئۇزۇنغا داۋاملاشمايدۇ.

[7]. مەن ئۆز-ئۆزۈمگە ئىشىنىمەن، ئۆزۈمنى قەدىرلەيمەن، ھەمدە ئۆزۈمنىڭ كىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىر ساغلام چۈشەنچەم بار.

[8]. مەن ھەممە ئىشلارغا قىزىقىمەن، ھەمدە داۋاملىق باشقىلاردىن سوئال سورايمەن. ھەر بىر نەرسىنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا قىزىقىمەن. بىر ئىشنى قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى سىناپ بېقىشنى ياخشى كورىمەن.

[9]. مەن ئۆز بېشىمدىن ئوتكەن ۋە باشقىلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلاردىن قىممەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئېرىشىپ تۇرىمەن.

[10]. مەن ھەر خىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر. لوگىكىلىق پىكىر قىلىش، ئىجادكارلىق بىلەن ئىش قىلىش، ياكى بۇرۇن ئىسپاتلانغان چارىدىن پايدىلىنىش («use practical common sense») قا ماھىر.

[11]. مەن ئىشلارنى يۈرۈشتۈرۈشكە ماھىر. باشقىلار داۋاملىق مەندىن بىر گۇرۇپپا كىشىلەرگە ۋە بىر پروجېكتقا يېتەكچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ.

[12]. مەن ناھايىتى ماسلىشىشچان. مەن ئۆزۈمنىڭ غەلىتە مۇرەككەپلىكى بىلەن چىقىشالايمەن. مەن بەزىدە ئۈمىدۋار بەزىدە ئۈمىدسىز بولىمەن، بەزىدە باشقىلارغا ئاسان ئىشىنىمەن بەزىدە باشقىلاردىن ئېھتىيات قىلىمەن، بەزىدە شەخسىيەتچىلىك قىلىمەن بەزىدە ئۇنداق ئەمەس.

[13]. مەن ھەر ۋاقىت ئۆزۈمگە خاس ياشايمەن، لېكىن ئوخشىمىغان ئەھۋالدا مەنمۇ ئۆزگىرىمەن.

[14]. مەن يازما خىزمەت تەلىپى يوق ھالدا ئىشلەشنى ياخشى كورىمەن. مەن بىر ئىشنى ئۆزۈم «ئەڭ ياخشى» دەپ تاللىغان ئۇسۇل بىلەن قىلسام ياخشىراق ئۈنۈمگە ئېرىشىمەن.

[15]. مەن باشقىلارنى ياخشى چۈشىنەلەيمەن، ھەمدە ئۆزۈمنىڭ ھېسسىي تۇيغۇسىغا ئىشىنىمەن.

[16]. مەن بىر ياخشى تىڭشىغۇچى. مەندە باشقىلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ تېگىگە يېتەلەيدىغان قابىلىيەت («empathy skills») بار.

[17]. مەن باشقىلارغا باھا بېرىشكە ئامراق ئەمەس، ھەمدە باشقىلارنىڭ ھەر خىل مىجەز - خاراكتېرىگە ئاسان ماسلىشىمەن.

[18]. مەن ناھايىتى چىداملىق. قىيىن ئەھۋالغا ياخشى بەرداشلىق بېرىمەن. مەن ھەم باشقىلار بىلەن ياخشى ھەمكارلىشىپ ئىشلىيەلەيمەن، ھەم بىر مۇستەقىل روھ ۋە مۇستەقىل خىسلەت ساقلايمەن.

[19]. مەن قىيىن ئەھۋاللارنىڭ تاۋلىشى بىلەن تېخىمۇ قابىلىيەتلىك ۋە تېخىمۇ ياخشى بولغان.

[20]. مەن يامان ئىشلارنى ياخشى ئىشقا ئايلاندۇرۇپ باققان، ھەمدە يامان سەرگۈزەشتلەردىن پايدىلىق نەرسىلەرگە ئېرىشىپ باققان.


6. ئاخىرقى سۆز

ساقلانغان بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇ مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئۇ مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى توغرا تونۇپ يېتىش كېرەك. مەن يۇقىرىدا ئۇيغۇرلاردا ھازىر ساقلىنىۋاتقان «ئەنسىرەش» ۋە «چۈشكۈنلۈك» روھىي ھالىتى ۋە ئۇلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەر توغرىسىدىكى ئۆز پەرىزىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈم. ئوڭۇشسىزلىققا تىز پۈكمەي، داۋاملىق ئالغا ئىنتىلىش روھىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان «تەۋرەنمە ئىقتىدارى» توغرىسىدىكى ھازىرقى زامان يېڭى ئىلىمىدىن بىرنىمۇ قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. مېنىڭ مۇشۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم ھازىر «مەن قانداق قىلىمەن؟ بىز قانداق قىلىمىز» دېگەن سوئاللارنى سوراۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئۆز سوئاللىرىغا مۇۋاپىق جاۋاب تېپىۋېلىشىغا بىر ئاز ياردەمدە بولۇشتۇر. مېنىڭ ھەر بىر كىشىگە بېرىدىغان تەكلىپىم، سىز يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان يېڭى ئىلىم ئاساسىدا ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى كىشىلىك مىجەزى ۋە روھىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى بىر باھالاپ كۆرۈپ، ئىنگلىزچە «resilience» ۋە «resiliency» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئىقتىداردىكى كەم ئورۇنلارنى تولدۇرۇشقا تىرىشىڭ. ھەرگىز ئۇيغۇرلاردىكى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلارنىڭ بىرسى بولۇپ قالماڭ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇرلاردىكى مەسىلىلەرنى ئازايتىۋاتقان ياكى ھەل قىلىۋاتقانلارنىڭ بىرسى بولۇشقا تىرىشىڭ. يېقىندا بىر قېرىندىشىمىز مۇشۇ تور بېتىدە ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سىنىپتا دەرس سۆزلىگەندە، ئۆز پەرزەنتىنىڭ تىلى پۈتۈنلەي خەنزۇچە چىققانلىقىدىن پەخىرلىنىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئامېرىكىدا بىزنىڭ بىر ئەر-ئايال تۇغقىنىمىز بار. ئۇلارنىڭ بىر 4 ياشلىق قىزى ۋە بىر 2 ياشلىق ئوغلى بار. ئۇلار بالىلىرىنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچە چىقىرىش ئۈچۈن ئۆيىگە سىملىق تېلېۋىزور ئورناتماي، بالىلىرىغا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۇيغۇرچە VCD لارنى ئەكېلىپ قويۇپ بېرىپ، ھەمدە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ بالىلىرىغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بېرىپ تەربىيىلىدى. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ تىلى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە چىقتى. ئۇيغۇرچە تىلى چىققاندىمۇ خېلى چىرايلىق ۋە خېلى تولۇق چىقتى. بىز بۇ ئىككى بالىدىن ئىنتايىن سۆيۈنىمىز. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز. سىز ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاپ تۇرۇپ، بالىڭىزنىڭ تىلى ئازراقمۇ ئۇيغۇرچە چىقمىسا، سىز ئۇنىڭغا پەخىرلىنەمسىز؟ سىز كىمۇ؟ مەن بۇ يەردە بۇنىڭدىن باشقا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.

ئاخىرىدا مېنىڭ ھەممە تورداشلارغا مۇنداق بىر ئۈمىدىم بار. ئۇ بولسىمۇ مەن تەھلىل يۈرگۈزگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە يالغۇز مەن ئۆزۈملا ئەمەس، ئىمكان قەدەر ئۇيغۇر دىيارى ۋە چەت ئەلدىكى قېرىنداشلاردىن كۆپرەكى ماڭا قوشۇلۇپ بىرلىكتە ئىزدىنىش. مەن ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلغىلى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇ يەردىكى ئەھۋالنى تولۇق ۋە ھەقىقىي يوسۇندا چۈشىنىشتە ۋەتەندىكىلەردىن جىق ئاجىزلىق قىلىمەن. شۇڭلاشقا مەن تەييارلىغان ئۇشبۇ يازما، ھەمدە مەن بۇنىڭدىن كېيىن تەييارلايدىغان يازمىلارنىڭ ھەممىسىگە ئوقۇرمەنلەر ئۆزى بىلىدىغان ۋە ھېس قىلغان نەرسىلىرىنى قوشۇمچە قىلسا، شۇ ئارقىلىق بۇ تېمىلارنى يەنىمۇ بېيىتساق. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوت يۈرەك قېرىنداشلارنىڭ بۇ كۆڭلۈمنى يەردە قويماسلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن سورايمەن. رەھمەت.  

(2008-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى)

ئاپتوردىن رۇخسەتسىز باشقا توربەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.

o01_erkin.JPG

1-رەسىم: مەن چوڭقۇر خىياللارغا پەتىپ قالغان ۋاقىتلاردا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى يول مېڭىش.  بۇ رەسىمدىكىسى مەن ئالدىنقى شەنبە (2015-2-7) كۈنى ئۆيىمىزگە يېقىن يەردىكى بىر تاغدا ماڭغان ۋاقىتتىكى بىر كۆرىنىش.  بۇ كۈنى ئايالىم بىلەن ئىككىمىز تاغدا 9.5 كىلومېتىر يول ماڭدۇق.

o02_erkin.JPG

2-رەسىم: تۈنۈگۈن (2015-2-14) ئايالىم بىلەن چىققان يەنە بىر تاغدىكى بىر كۆرىنىش.  بۇ قېتىم 11 كىلومېتىردىن كۆپرەك يول ماڭغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 قەۋەتلىك بىنا بىلەن ئوخشاش كېلىدىغان ئېگىزلىككىچە چىقىپ چۈشتۇق. (مەن ھازىر ئىشلىتىۋاتقان « iPhone 6 Plus» تىپلىق يانفۇندا بىر خىل يۇمشاق دېتال بار بولۇپ، ئۇ بىز ماڭغان ئارىلىق بىلەن چىققان ئېگىزلىكنى ئۆلچەپ بېرىدۇ)
o03_erkin.JPG

3-رەسىم: بىز چىققان تاغنىڭ يەنە بىر كۆرىنىشى



ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1634
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4807
توردىكى ۋاقتى: 1400
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 13:20:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر تېتىملىق يازمىدىن بىرنى ئوقۇدۇم. ئۇستازغا خاتىرجەملىك تىلەيمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1634
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4807
توردىكى ۋاقتى: 1400
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 13:20:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir107 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 13:21  

تەۋسىيەلىك  يازما

0

تېما

0

دوست

19

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34301
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 15:41:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالىكەن

0

تېما

1

دوست

1441

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27636
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 452
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 16:03:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئەركىنكا،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن. سىز تىلغا ئالغان ئاۋۇ ماقالىلەرنى شۇنداق كۆرگۈم بار ئىدى،ئەممە كۆرەلمىدىم،مومكىن بولسا باغداشقا يوللاپ قۇيۇلسا.

5

تېما

1

دوست

2143

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6259
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 185
تۆھپە : 557
توردىكى ۋاقتى: 331
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 16:23:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىسىل ھەم قىممەتلىك يازمىكەن، ئەركىنكا ،قىممەتلىك ۋاختىڭىزنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى تەييارلاپ كۆپچىلىككە سۇنىۋاتىسىز،سزگە كۆپ رەھمەت.

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34302
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 16:35:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر!

8

تېما

2

دوست

1832

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33848
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 558
توردىكى ۋاقتى: 397
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 17:12:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرتەرەپتىن خىزمەتتىكى تەتقىقات، يەنەبىر تەرەپتىن باشقاتۈردىكى كىتاپ-ماتىريال كۆرۈش، ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىكى ماقالىلەرنى ئوقۇپ ئۆتۈش، كومپىيۇتىردا ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا ماقالە يىزىپ بىزلەرگە يەتكۈزۈش، يەنە ماخاببەت(ئايالىڭىز)بىلەن  سەيلە قىلىش، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرسىڭىزغا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم.  يۇرىتتا ئۇزۇن تۇراممىسىڭىزمۇ لىكىن يۇرىتتا تۇغانلار بىلەن ئوخشاش تەھلىل قىلىپسىز، سالامەت بولۇڭ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )