قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1658|ئىنكاس: 38

ئۇقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆددىگىرىمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

2

دوست

942

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   88.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32760
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 286
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 16:09:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئوقۇتقۇچى  ئوقۇغۇچىلارنىڭ   ھۆددىگىرىمۇ   
ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش



     ھەرقىتىملىق ھېيت-بايرام،تەتىل مەزگىلى يىتىپ كىلىش ئالدىدا مەكتەپ بىلەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدا تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاش پائالىيىتى ئىلىپ بىرىلىپ،ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنى بايرام،تەتىلگە قويۇپ بىرىش جەنۇبى شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ خىزمىتىنىڭ موھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.
    ئۇلارنىڭ ئىمزالاۋاتقىنى مەسئۇلىيەتنامە دىگەندىن كۆرە،ئوقوغۇچىلارنىڭ بايرام، تەتىلدىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنى ئوقۇتقۇچىلار ھۆددىگە ئالىدىغان   ھۆددىگەرلىك كىلشىمى،دىگەن تۈزۈك. مەكتەپ نىمە ئۈچۈن بايرام،تەتىل مەزگىلىدە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدا مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالايدۇ؟    بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابى تۆۋەندە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتىمەن.
    يۈزنەچچە نەپەر ئوقۇتقۇچىسى بولغان مەلۇم مەكتەپنىڭ يىغىن زالى ناھايىتى سۈرلۈك تۈس ئالغان ئىدى. ئەمدىلا بايرامنى تۈخىتىپ كىلىپ دەرىسكە كىرىشكەن ئوقۇتقۇچىلار تۇيۇقسىزلا زالغا چاقىرتىلغان بۇلۇپ،ھەممە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  چىرايىدىن <<دەرىس تاشلاپ يىغىن ئاچمىسا بولايدىغان نىمە ئىش بولغان بولغىيتتى؟ >> دىگەندەك ھەيرانلىق چىقىپ تۇراتتى.مەكتەپ مۇدىرى چىرايىنىمۇ ئاچماي، بىر خىل خاپا ھالدا يۇقۇرنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى ئوقىۋاتاتتى. ئۇقتۇرۇشتا دىيىلىشچە، مەزكۇر مەكتەپنىڭ 8-يىللىق سىنىپتىكى مەلۇم بىر x ئوغۇل  ئوقۇغۇچى دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە دوسلىرى بىلەن  باغچىدا ئويناۋىتىپ ئاۋال باشقا بىر بالا بىلەن  تەگىشىپ قاپتۇ كىيىن ئىش چىڭىغا چىقىپ  ئۇرۇشۇپ ھېلىقى بالا قارشى تەرەپنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۋىتىپ ماڭالماس قىپ قويۇپتۇ. نەتىجىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلىپ  بالىنىڭ داۋالىنىش راسخوتى قاتارلىق زىيانلارنى قارشى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى  ئۈستىگە ئالىدىغان،  بۇندىن كىيىن كىلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتكە  ئىگە بولىدىغان بولۇپ كىلىشىپتۇ. ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمەي  مائارىپ  تارماقلىرى   مەكتەپنى مائارىپ سىستېمىسى بويىچە ئومومى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىتلەش، بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئۇرشۇپ جىدەل-ماجرا  تىرىپ باشقىلارنى يارلاندۇرغانلىقى، جەمىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ يىللىق<<مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرى>>،<<مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى>> بولۇپ سايلىنىش ھوقوقىنى بىكار قىلىش، يىللىق ئىش ئۈنۈم مائاشىنى تۇتۇپ قىلىش جازاسى بىرىشنى قارار قىپتۇ.
       ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپنىڭ بۇ جازاسىدىن نارازى بولۇپ:<<ئۇئوقۇغۇچى مەكتەپ ئىچىدە ئەمەس، سىرىتتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بايرام مەزگىلىدە مەسىلە سادىر قىلغان تۇرسا، نىمە دەپ سىنىپ مۇدىرىنى جازالايسىلەر؟ بىرىلگەن جازامۇ بەك ئىشىپ كىتىپتۇ>> دەپ پىكىر قىلغاندا، مەكتەپ مۇدىرى:<<بىز بايرامغا قويۇپ بىرىشنىڭ ئالدىدا ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدا مەسىلە  سادىر قىلماسلىق  ھەققىدە مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىغان.مەكتەپ بىلەن سىنىپ مۇدىرى ئوتتۇرسىدا مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالانغان ئىكەن، كىمنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەسىلە سادىر قىلسا، شۇئوقۇتقۇچىنىڭ  مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئۇ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا بولغان تەلىم-تەربىيەنى ياخشى ئىشلىگەن بولسا بۇنداق ئىش يۈش بەرمەيتتى.بۇئىش تۈپەيلى مەكتىپىمىز باشقا مەكتەپلەرنىڭ ئالدىدا ئومومى ئۇختۇرۇش چىقىرىپ تەنقىتلەندى، مەكتەپنىڭ يىللىق باھالىنىشى ۋە باشقا ئىشلىرى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن تەسىرگە ئۇچرايدىغان بولدى، مەكتەپمۇ جازانى يۈز بەرگەن مەسىلىنىڭ خارەكتىرىگە قاراپ بىكىتتى>> دەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ ئىشقا بولغان ناارازىلىقىنى ئويلاشماستىن ئۆزلىرىنىڭ گىپىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش تەرەپتارى بولۇشتى.
      يازلىق تەتىل مەزگىلىدە مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچ ئوغۇل ئوقۇغۇچىسى شەھەر سىرتىغا بىرىپ ئۆستەڭگە سۇغا چۈمۈلگەن.  ئۆستەڭنىڭ ئىگىز جايىدىن  پەس جايىغا چۈشىدىغان قىسمىدا بىر شاقىراتما شەكىللەنگەن بولۇپ، شاقىراتمىدىن سەكىرەپ چۈشۈش بىر بالىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان چىغى، ئۇبالا تىز سۈرەتتە ئېقىپ  چۈشىۋاتقان سۇ بىلەن تۆۋەنگە  قاراپ چۈشكەن، نەتىجىدە ئۇبالىنىڭ بىشى  سۇ قاينام بولۇپ چۈشىدىغان جاينىڭ تىگىدىكى قورام تاشقا ئۇرۇلۇپ ئۆلۇم ۋەقەسى كىلىپ چىققان. سۇغا چۈشۈپ ئويناش بالىنىڭ ئۆزىنىڭ خائىشى بولسىمۇ،  مەكتەپ رەھبەرلىكى  بۇ ئۆلۈم ۋەقەسىنىڭ كىلىپ چىقىشىدا سىنىپ مۇدىرىنىڭمۇ بىركىشلىك مەسئۇلىيتى بار، ئەگەر بۇ سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارغا بولغان  بىخەتەرلىك  تەربىيسىنى ياخشى ئىشلىگەن بولسا، بالىلار ئۇنداق خەتەرلىك جايغا بىرىپ سۇغا چۈشمەيتى،بالىمۇ جىنىدىن ئايرىلىپ قالمايتتى،  دەپ ئۆلۈپ كەتكەن بالىنىڭ سىنىپ مۇدىرىغا چارە كۆرگەن。 رەھبەرلىكنىڭ نەزىرىدە ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەربىيىسىدە بولغانكەن، مەيلى قانداق ۋاقىتتا، قانداق جايدا ئوقۇغۇچىلار مەسىلە سادىر قىلسا  مەسىلىنىڭ يۈزبىرىش سەۋەنلىكى شۇئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغىمۇ ئارتىلىدىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەۋىپ-خەتەر ئېڭىنىڭ قانداق بولىشى،ياخشى-يامان ئىشلارغا ئارلىشىش دەرىجىسى  سىنىپ مۇدىرىغا  باغلىق ئىكەن. مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىسىدىن  ئاسانلىقچە  چاتاق چىقمايدىكەن.شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ھۇشيارلىقنى ھائىم ئاشۇرۇپ تۇرۇشى كىرەككەن.
     ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق،مەكتەپلىرىمىزدە قانۇنغا،تۈزۈمگە ئۇيغۇن بولمىغان،  ئىلمىيلىكتىن چەتنەپ ئوقۇتقۇچىلارغا گۇناھ ئارتىش، ئولارنى جازالاش ئىشلىرى قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەكتەپ ئىچىدە، ئوقۇش ۋاقىتىدا ئوقۇغۇچى مەسىلە سادىر قىلسا ئۇنىڭ سەۋەنلىكى ئوقۇتقۇچى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، بۇھادىسىدە  ئوقۇتقۇچىنىڭ  ھىچقانداق مەسئۇلىيىتى بولمىسىمۇ، ئوقۇتقۇچىسىنى چىتىۋىلىپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ   ئادەمنىڭ  ئىدىيەسىدىن ئۆتمەيدىغان يەردە، ھېيت-بايرام،  تەتىل مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىدىن مەسسىلە چىقسا ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىر يەردە قىلىپ ئوقۇتقۇچىسىغا گۇناھ ئارتىشتەك بىمەنە ئىشنى كىممۇقوبۇل قىلالىسۇن؟
     مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارغا ئوقۇغۇچىلارغامەۋسۇملۇق، يىللىق نەتىجىلىرىنى<<مانچەپىرسەنىتكە يەتكۈزىسەن>>، دەپ كۆرسەتكۈچ بىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى شۇكۆرسەتكۈچكە يەتمىسە جازا ھىسابىغا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتىدىغان ئىش بىرقىسىم مەكتەپلەردە ئادەتكە ئايلىنىپ قالغىلى خېلى يىللار بولۇپ قالدى. بۇكارخانىلاردىكى  <<مەھسۇلاتنى مانچىگە يەتكۈزىسىلەر>>،   دەپ  خادىملارغا ھۆددىگە بەرگەن بىلەن ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ ئوقۇتقۇچىلارغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى ھۆددىگە بىرىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئادەم ئىكەنلىكىگەھۆرمەت قىلمىغانلىق بولامدۇ-قانداق؟ تەلىم-تەربىيە، ئوقۇتۇشتا ئوقۇتقۇچىنىڭ رولىنىڭ موھىم ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ، ئەمما ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدە بىردىنبىر ئامىل بولۇپ  كىتەلمەيدىغانلىقىنىمۇ ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز كىرەك. نەتىجە يالغۇز ئوقۇتقۇچىنىڭلا تىرىشچانلىقىغا باغلىق بولماستىن،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ  قىزىقىشى،  ئىزدىنىشى، ئائىلە موھىتى، كەلگۈسىدىكى غايىسى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارغا چىتىلىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىنىڭ قىزىقىشى يىتەرلىك بولمىسا  ئوقۇتقۇچى ھەرقانچە كۈچىگەن بىلەنمۇ <<مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرگەن>> دەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇرى كۆتۇرگىلى بولمايدۇ. مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارغا بېرىلدىغان<<نەتىجە ھۆددىگەرلىكى>>دىن باشقا يەنە سىنىپتىكى پارتا-ئورۇندۇق، ئىشىك-دىرىزە  ئەينەكلىرى ئوقۇتقۇچىلارغا ھۆددە بىرىلگەن. ئەگەر بىرەر نەرسە ئوقۇغۇچىلار تەرپىىن بۇزۇلسا شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاشىدىن تۇتۇپ قىلىنىپ بۇزۇلغان نەرسە تۆلتىۋىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن ئائىلىگە بىرىپ كىلىشتە بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلار ۋېلسىپىت(ھازىر ۋېلسىپىت مىنىدىغان بالىلار  كۈنسىرى ئازىيىپ كىتىۋاتىدۇ،بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋېلسىپىت مىنىشتىن نۇمۇس قىلىدىغان بولۇپ كىتىۋاتىدۇ)، موتوسىكىلىت،توكسىكىلىت مىنسە، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئوقۇتقۇچىغا ھۆددىگە بىرىپ ئوقۇتقۇچى بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالايدۇ. قانداق ئىش بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئوقۇتقۇچىلارغا، بولۇپمۇ سىنىپ مۇدىرىغا ھۆددىگە بىرىلگەن. قايسى بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىسىنىڭ يامان ئىشلارشا ئارلىشىپ قىلىشىنى خالايدۇ دەيسىز؟سىنىپ مۇدىرلىرى ھەرھەپتىدە ئېچىلىدىغان سىنىپ يىغىنى ۋاختىدىلام ئەمەس،مۇزاكىرە ۋاختى، ئون مىنۇتلۇق تەنەپبۇس ۋاقتىدا بولسىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا تۈرلۈك تەلىم-تەربىيەلەرنى بارىدۇ. ئۇلارنىڭ نىمىگە ئەھمىيەت بىرىپ، نىمىلەردىن ئۆزىنىتارتىش كىرەكلىكى، قايسى ئىشنى قىلىش، قايسى ئىشلارنى قىلماسلىقى كىرەكلىكى ھەققىدە ئاغزىنىڭ يەتتە قات تىرىسى چۈشۈپ كەتكىچە سۆزلەيدۇ. ئىلگىرى كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى مىسال قىلىپ، ئۇنىڭدىن ساۋاق ئىلىشقا ئۈندەيدۇ. شۇنداقتىمۇئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئازدۇر-كۆپتۇر مەسىلە سادىر بولۇپ تۇرىدۇ، مەكتەپنىڭ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدىن قۇتۇلغان ھېيت-بايرام،تەتىل كۈنلىرىدە مەسىلەسادىربولماسلىقىنى تېخىمۇ توسۇپ بولغىلى بولمايدۇ. ئوقۇتقۇچى ئۇزاقراق دەم ئىلىشقا،تەتىلگە قويۇپ بىرىشتىن ئاۋال ئوقۇغۇچىلارغا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى ھەرقانچە تاپىلاپ ئۇلارنى ئۆيلىرىگە يولغا سالسىمۇ مەسىلە سادىر قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار يەنىلا كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. نىر ئوقۇتقۇچى سىنىپنىكى 50-60بالىنىڭ مەكتەپتىكى ئىش-پائالىيەتلىرىنى كۈزىتىپ يىتىشىپ بولالمايۋاتسا،ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسىگە قايتقاندا ئۇلارنىڭ بىرەر سەۋەنلىكنى سادىرقىلىش-قىلماسلىقىنى قانداقمۇ ھۆددىگە ئالالايدۇ؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئىشىغا ئىگە بولغىنى يەتمىگەندەك، مەكتەپ سىرتىدىكى،بولۇپمۇ دەم ئىلىش،تەتىل كۈنلىرىدىكى ئىشلىرىغا ئوقۇتقۇچىلارنى مەسئۇل قىلىپ قۇيسا قايسى ئوقۇتقۇچى  سىنىپ  مۇدىرى بولۇشنى خالايدۇ؟ كىمنىڭمۇ<<يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ>>ئوقۇغۇچى سادىر قىلغان ئىش ئۈچۈن ئۆزىنى زىيان تارتقۇزغىسى بار دەيسىز؟ ھېلىمۇ ئوقۇتقۇچىلارغا ئۇنداق قىلمىساڭ بۇنداق جازالايمەن، بۇنداق قىلمىساڭ ئىش ھەققىڭنى تۇتىمەن، دەپ بىسىم پەيدا قىلىشلار تولىمۇ ئاۋۇپ كىتىۋاتىدۇ. بىسىم پەيدا قىلىش، ھەيۋە كۆرسىتىشلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆزىنى بالىلارغا بىغىشلاش روھىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە سۈپتىنىڭ چىكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىلارغا ئائىلىدەئاتا-ئانىلار، مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىگە بولدىغانلىقى ئىنىق بولسىمۇ،بالىلارنىڭ ئائىلىدىكى ئىشلىرى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىنى چىتىۋىلىش ئوقۇتقۇچىغىمۇ، ئوقۇغۇچىغىمۇھۆرمەتسىزلىك بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىمۇ ئادەم، ئۇلارنىڭمۇ ئازىدىغان،قىڭغىر-سىڭغىر يوللاردا ماڭىدىغان، ھېسياتقا بىرلىپ يامان ئىشلار بىلەن مەشخۇل بولۇپ قالىدىغان چاغلىرى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار،ئوقۇتقۇچىلار مەسئۇل بولىشى كىرەك، ئوقوغۇچىنىڭ مەكتەپتىكى خاتالىقىغا ئوقۇتقۇچى مەسئۇل بولۇشتىن سىرىت ئاتا-ئانىلارمۇ مەسئۇل بولىدۇ. ئەمما، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىدىكى،جەمىيەتتىكى ئىشلىرىغا ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساسلىق مەسئۇل بولغۇچى، دەپ چىقىرۋىلىش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ. ئوقۇغۇچىنىڭ باھارلىق ئىشلىرىنى ئوقۇتقۇچىغا ھۆددىگە بەردى،دىگەنلىك ئوقۇغۇچىغا ئادەم سۈپتىدەمۇئامىلە قىلماي، ئۇنىڭغا بىر نەرسە ياكى ھايۋان سۈپتىدە مۇئامىلە قىلغانلىق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ھەممە ئىشتا ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ چات كېرۋىلىشىنى خالىمايدۇ،ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ مۇستەققىل، ئەركىن ئىش قىلىشنى بولۇپمۇ مەكتەپتىن قايتقاندىنكىيىنكى ئىشلىرىنى ئۆز خاھىشى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈمۈت قىلىدۇ.     
      ئوقۇغۇچىلارئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا ئارلىشىۋىلىشىنى ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچسىزلىكنىڭ ئالامىتى، دەپ ھېس قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدا بەلگىلىك دەرىجىدە ئىشەنچ بولىشى كىرەك. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىشىنچىسىگە ئىرىشكەندىلا ئاندىن ئۈگۈنىش ۋە باشقا ئىشلاردا ئالغا باسالايدۇ،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشىدۇ. ئۆزىگە بولغان ئىشەبچى كۈچلۈك بالىلار مۇستەققىل ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىشقىلىش داۋامىدا يولۇققان مەسىللەرنى ئۆز ئىقتىدارىغا تاينىپ ھەل قىلىشقا ماھىر بولىدۇ. ھەل قىلالمىغانلىرىنى تارتىنماي ئوقۇتقۇچىسىدىن،ئاتا-ئانىسىدىن سوراپ ئۆزىنىڭ داغدام ئالغا ئىلگىرلىشىگە يول ئاچالايدۇ.ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشەلمىگەن ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مەسلەھەت بىرىشىنىمۇ خالىمايدۇ، زور خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ بۇ خاتالىقنى ئۆزىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى بوينىغا ئالماي سەۋەنلىكنى ئەتراپتىكىلەردىن ئىزدەيدۇ.
     مەكتەپ ئادەم تەربىلەيدىغان ئورۇن بولغان ئىكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادىمىلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ مەسىلە سادىرقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز دەپ،بارلىق ئىشلىرىنى ئوقۇتقۇچىسىغا ھۆددىگە بىرىشتەك ئىلمى بولمىغان ئۇسۇلنى قوللىنىشتىن ساقلىنىپ،<< سۇكەلگىچە توغان سال>> دىگەندەك،تەلىم-تەربىيە شەكلىنى رەڭدارلىققا، تەربىيە مەزمۇنىنى چوڭقۇرلۇققا، قوبۇل قىلىشقائىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىگە بولغان تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئاساسىدا مەسىلەسادىر بولۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك. مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدايازمىچە مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاش بىلەنلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئوقۇتقۇچىلارغا ئارتىپ ئۆزلىرى مەسئۇلىيەتتىن قىچىشتەك يولىنى تۇتسا قەتئى بولمايدۇ. مەكتەپ رەھبەرلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلە سادىر قىلىشىنى تىزگىنلەپ،ئۇلارنىڭ ساغلام يىتىلىشىنى تەكشۈرۈپ تەتقەق قىلىپ، ئۇلارغا ماس كىلىدىغان تەلىم-تەربىيە ئۇسۇلىنى يولغا قويۇشتا باشلامچى بولۇشى كىرەك.ئەگەر ئوقوغۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى ئىشلىرىغا ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار دىيىلسە، مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭمۇ بۇنىڭدا باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى بولۇشى كىرەك.
      بالىلارنى تەربىيلەش مەكتەپنىڭلا ۋەزىپىسى ئەمەس، ئۇ مەكتەپ، ئائىلە ۋە جەمىيەتتىن ئىبارەت ھەرقايسى جەھەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشىدىغان جاپالىق ئىش. بالىلارنى ئەخلاقى،ئەقلى، جىسمانى ۋە گۈزەللىك قاتارلىق جەھەتلەيدىن ئەتراپلىق يىتىلگەن ياراملىق،ئىقتىدارلىق، ۋىجدانلىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشتا ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆزمەسئۇلىيتىنى ۋە مەجبۇرىيتىنى تولۇق، ئەستايىدىل ئادا قىلىشى كىرەك. بۇ ئۈچ تەرەپنىڭ بىرى ياكى ئىككىسىلا مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىپ يەنە بىرى سەل قارىساياكى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا، تەلىم-تەربىيەدە كۆزلىگەن مەخسەتكە ۋە ئۈنۈمگە يەتكىلى بولمايدۇ. گەرچە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ۋە ئالاقىدار كىشىلەر مەشھۇرمائارىپچى چېن خېچېننىڭ<<پەقەت ياخشى ئوقۇتالمايدىغان ئوقۇغۇچى باركى، ياخشى ئوقۇتقىلى بولمايدىغان ئوقۇغۇچى يوق>> دىگەن سۆزىنى دەستەك قىلىپ،تەلىم-تەربىيەدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئوقۇتقۇچىغىلا دۆڭگەپ قويسىمۇ، لىكىن ئوقۇغۇچىنىڭ تەربىيلىنىشىدە ئەقلى ئامىل باشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، ئائىلە ئەھۋالى، ئەتراپتىكى موھېت، ئاتا-ئانىلارنىڭ ساپاسى ۋە ئۇلارنىڭ بالىسىنىڭ تەربىيلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئەھۋالى قاتارلىقلار ئوخشاش بولمىغاچقا،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىينى قۇبۇل قىلىش ئەھۋالىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا بىرسىنىپتىكى 50 ئوقۇغۇچىغا ئوقۇتقۇچى ئوخشاش تەربىيە ئىلىپ بارسىمۇ، ئوخشاش ئوقۇتۇش ئىلىپ بارسىمۇ، بۇ تەربىيەنىڭ 50 ئوقۇغۇچىدا ئۆزلىشىش ئەھۋالى ۋە ئۈنۈمى 50خىل بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولغانكەن تەلىم-تەربىيەدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئوقۇتقۇچىغا دۆڭگەپ قويۇش قىلچىمۇ ئاقىلانە بولمىغان، قىلچە ئاساسى يوق بىمەنە ئىش.
    ئوقۇتقۇچى يەر ھۆددىگە ئالىغۇچى دېھقان ياكى مەھسۇلاتنى ھۆددىگە ئالغۇچى كارخانچى ئەمەس، ئۇ ئادەم تەربىيلىگۈچى، روھى دۇنيا يىڭىلىغۇچى، ئىددىيە ئۆزگەرتكۈچى، ئىز باسارلارنى گۈزەل كېلەچەككە باشلاپ ماڭغۇچى سەركىدۇر. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمگىكىگە ماددى نەرسىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك ئەمەس،بەلكى مەنىۋى يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىش، ئۇنىڭ تەربىيەسىدىكى ئوبىيكتىلارنى چىن ئىنسان دەپ تونۇپ يىتەكلەش پىلانى تۈزۈش زۆرۆر.
     
مەنبە 2014-12-سان شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى.

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1634
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4805
توردىكى ۋاقتى: 1399
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 13:04:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى ئىشلار ئاشۇنداق داۋاملىشىدۇ.بۇنى ھېچكىم بۇنداق بولسا بولمايتى دېمەيدۇ.ھەم دېيەلمەيدۇ.يۇقىردىن بەزى قارالمىلار بىر چۈشسە ،مىختەك قېقىلىپ كېتىدۇ.بۇنى يۇلۇپ ئالاي دېسە، زەخمە يېتىدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

337

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   18.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23432
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 94
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 13:31:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوقارقى بايانلار مەكتەپلەردىكى ھازىر بولۇۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋاللار ،قارىغاندا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەممە مەكتەپلەرنىڭ تۈزۈمى ئوخشاشكەن

0

تېما

0

دوست

934

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33827
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 13:37:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  ... ئىچكىردە بىر توردا،- مەلۇم بىر قىز ‹‹جالاپ بولسام مەيلىكى ھەرگىزمۇ ئوقۇتقۇچى بولمايمەن››دەپ زور غولغۇلا قوزغاپتۇ...؟!

0

تېما

0

دوست

311

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   5.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33878
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 13:57:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بۇنداق ئەھۋاللار جەنۇبى شىنجاڭدا پۇتۇنلەي مۇشۇنداق ئەھۋاللار مەۋجۇت ھەتتا ئۇقۇتقۇچىلار تەتىل مەزگىلدىمۇ دەم ئالماي يىزىلىق ھۇكمەت ئۇرۇنلاشتۇرشى بۇيىچە كىچىك ئالما ئۇسسۇلى دۇلان ئۇسسۇلى ئۇينايدىغان ئەھۋاللارمۇ يۇق ئەمەس ئۇقۇتقۇچى ھارماس ئىنسانما

0

تېما

1

دوست

2228

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1069
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 688
توردىكى ۋاقتى: 120
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 15:06:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەككىز سائەتلىك ئوقۇتۇشتىن كىيىنكى بالىنىڭ ئىشلىرىغا ئائىلە ئەزالىرى ئىگە بولۇشى كېرەك. مەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپتىمۇ ئۇنداق ئىشلار ئۇچراپ تۇرىدۇ. بىراق مۇشۇ كەمگىچە مەسئۇلىيەتنىڭ سىنىپ مۇدىرىدىن سۈرۈشتۇرۇلگىنىنى بىلمەيمەن. بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىقتىن ئىككى قىز ئوقۇغۇچى تەتىل مەزگىلىدە قىچىپ كەتكەن.( قانۇنسىز نىكاھلانغان) مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ ئىشنى سىنىپ مۇدىرىدىن كۆرۈپ تەربىيە ياخشى ئەمەس دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان. شۇ چاغدا شۇ سىنىپ مۇدىرى نەق مەيدان چوڭ يېغىندىلا :« تۆت ئاي مەكتەپتە ئوقۇتقۇنىمىزنى ئاز دەپ تەتىلدە ئۆيىگە بىرىپ ياتاتتىممۇ ؟ بالىسى قىچىپ كەتسە ئاتا -ئانىسى مەسئۇل بولماي مەن نېمە دەپ بۇنىڭغا ئىگە بولاتتىم، ئەگەر تۈزۈم مۇشۇنداق دېسەڭلەر بولدى مەن بۈگۈنلا ئېرىمدىن تالاق خىتىمنى ئېلىپ ، بۈگۈندىن باشلاپ بۇ قانجۇقلارنىڭ ھەر كۈنى بىرسىنىڭ ئۆيىدە يېتىپ بېقىپ بېرەي»دېگەن ئىدى. زالدا كۈلكە ھەم چاۋاڭ ئۇزۇنغىچە توختىمىغان. رەھبەرلىكمۇ كۈلۈپ كەتكەن ئىدى. شۇندىن بىرى بۇنداق تۇترۇقسىز تۇزۇم قايتا پەيدا بولۇپ باقمىدى.

0

تېما

2

دوست

612

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   22.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33226
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 16:18:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەھۋال جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەكتەپلەردە ئۇمۇمىلاشقان .

ئۇنۇڭدىن باشقا سىنىپتىكى بىر ئوقۇغۇچى ئاغرىپ قالسىمۇ

مەسئۇلىيەت ئۇقۇتقۇچدىن سۈرۈشتە قىلنىدۇ تېخى !!!!!!!!!

0

تېما

0

دوست

1911

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24196
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 17:02:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
TOR يوللىغان ۋاقتى  2015-2-17 13:37
... ئىچكىردە بىر توردا،- مەلۇم بىر قىز ‹‹جالاپ بولسام م ...

ئەلۋەتتە جالاپ بولۇش ئاساندە .ھەم جاپاسى يوق ئىش تۇرسا ،كاللا ئىشلىتىش كەتمەيدۇ  .راھىتى كۆپ،دەسمى كەتمەيدۇ.دىپلۇم كەتمەيدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )