قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1655|ئىنكاس: 17

نۇري تېيىپ: كەپتەرلەر-(16)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 915
تۆھپە : 4453
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 01:54:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                      كەپتەرلەر-(16)
                                                 نۇري تېيىپ


  ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئادەم دېگەن ھەممىگە كۆنىدىكەن. يېڭى كونىرايدىكەن، ئادەمنى ھەيران - ھېس قالدۇرىدىغان خەۋەرلەرمۇ
ئاستا - ئاستا كىشىلەر ئۇنتۇيدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ
:
– ھەراست، شۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بىر ئىشمۇ بولغان - ھە …، دېيىشىپ، يەنە يېڭىنى بەرپاقىلىش، يېڭى - يېڭى خۇشاللىق ۋە ئازابلارنى دوست قىلىپ ياشاۋېرىدىغان گەپ ئىكەن. مانابۇ ئىنسان ھاياتى بولسا كېرەك.
   تاكاھاشىدىن ئايرىلىپ كۆڭلۈم ئۇزۇنغىچە يېرىم يۈردۈم. ئۇنىڭ گەپ - سۆزلىرى، ھەرىكەتلىرى، گۈزەل قىز ھاناكونىڭ يىغىلىرى، تاكاھاشىنىڭ ئانىسىنىڭ نالە - پەريادلىرى، بۇرۇن پات - پاتلاكۆز ئالدىمغا كېلىۋالغان بولسا، مانا ھازىر باشقا ئىشلار بىلەن مەلىكە بولۇپ،ئاندا - ساندا ئېسىمغا كېلىدىغان بولۇپ، يۈرەكمۇ قاتتى.
    بىر كۈنى، ئۇزۇن يىللىق ئادىتىم بويىچە كەچلىك بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن قايتىپ، كىچىككىنە ياتاق ئۆيۈمدە ھاۋاغا مۇشت ئېتىپ، يەر بېغىرلاپ تازا تەر ئاققۇزغاندىن كېيىن، يۇيۇنۇش ئۆيىگە كىردىم. ياپونىيىنىڭ ئۆيلىرىمۇ كىچىك، ئۇنىڭغا ماسلىشىپ مونچىلىرىمۇ،سېمىزراق، كالانپاي ئادەملەر بولسا، بىمالال - ئەركىن ھەرىكەت قىلالمايدىغان چوڭلۇقتا. چېنىقىشتىن ئاققان تەرلەردە پارقىراپ كەتكەن بەدەنلىرىمنىڭ ئۇ يەر بۇيەرلىرىنى تەكشۈرگەچ ئەينەككە قاراپ "پوزا" چىقىرىپ كۆردۈم.
   ۋاھ ... مۇسكۇللارتەرەققىمۇ قىلىپ قاپتۇ جۇمۇ ... ھۈررەك - ھۈررەك قېتىۋاتقان مۇسكۇللىرىمنى ساناپ،قورساق ئەتراپىغا چىققان بارى - يوقى ئاران سەككىز دانە مۇسكۇلنى قولۇمنىڭ ئۇچىدا بېسىپ، قويۇپ بېرىپ، يەنە بەدەننى كۈچ بىلەن چىڭايتىپ، ئۇ ياققا ئۆرۈلۈپ، بۇ ياققا ئۆرۈلۈپ، بەزىدە بىلەكلىرىمنى چىڭ قىلىپ، ئازراق كۆتۈرۈلگەن مۇسكۇللارنى سىلاپ ...
   ئاخىرى ۋاي بولدىلا ...ئەتە - ئۆگۈن تېخىمۇ يوغىناپ، كۈچىيىپمۇ كېتەرمەن دەپ قويۇپ، مۇنچىغا كىرىپ كەتتىم.
   ئىسسىق سۇداراھەتلىنىپ يۇيۇنۇپ:
   ئۇف ۋاييەي... دەپ بەدەن لۆڭگىسىگە يېرىم ئۇرۇنۇپ، ياتاق ئۆيۈمگە چىقىشىمغا، ئۆي تېلېفونى جىرىڭلىدى.بەدىنىمگە يېرىم ئورالغان لۆڭگىنى قولتۇقۇمغا جەينىكىم بىلەن قىسىپ، يەنە بىر قولۇمدا لۆڭگىنىڭ بىرئۇچى بىلەن باشلىرىمنى سۈرتكەش تېلېفوننى ئالدىم.
– ئالو... ھە مەن.
ئوھ ... تونۇشلا ئاۋاز. چۆچۈپ كەتتىم. قارىسام قولتۇقۇمغا قىسىۋالغان لۆڭگە ئاللىقاچان چۈشىدىغان يېرىگە چۈشۈپ بوپتۇ.
– ھە،بىلدىم. خوش .... نېمە گەپلىرى بارىكىن؟ جىددىيلەشتىم.
ھە نېمىشقا دەمسىز ؟ۋاھ ... بۇ ھېلىقى سۈرلۈك ئادەم ئەمەسمۇ؟ ھېلىقى، بېشىڭغا كۈن چۈشۈپ قالسا مېنى ئىزدە دېگەن، مەھەللىمىزنىڭ داڭلىق ئادىمى ئەمەسمۇ !؟....
– مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بار. ئەگەر "ھە" لا دېسەڭ، يەنە يېرىم سائەتتە ئالدىڭغا ماشىنابارىدۇ. قانداق؟
    ياق دېگىلى بولامدۇ دەيسىز. قايتا كىيىنىپ بىر دەمدىلا تەييار بولدۇم. كىچىككىنە ئۆيۈمنىڭ ئىچىدە مەقسەتسىز ئۇ ياق، بۇ ياققا مېڭىپ،
ئەگەر مۇنداق دېسە،مۇنداق دەي .... ئۇنداق دېسىمۇ مۇنداق دەي ... ۋاي خۇدايىم بۇ ئادەم مېنى، بۇكەچتە نېمىشقا ئىزدەپ قالغاندۇ ئەمدى ....
بالكونغا چىقىپ:
– ھەجەپ كەلمەيدا؟ دېگىنىمچە تاماكىدىنمۇ بىر نەچچىنى كەينى - كەينىدىن چېكىۋەتتىم.
    ھەيۋەت بىر ماشىنا ياتاق ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا توختىدى. ئىچىدىن بەدىنىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان قارامايكىنىڭ ئۈستىگە، قارا كاستۇم كىيگەن، چاچلىرىنى قىسقا ياسىتىۋالغان ... قىسقىلىقىغا قارىماي، چاچ بۈدرە جۇمۇ تېخى ... ( ياپونچە بۇنداق پاسوندىكى بۈدرە چاچنى پانچىپاما دەپ قويىدىكەن) تېتىك بىر يىگىت چۈشتى. ئۇ ئىتتىك - ئىتتىك قەدەملەر بىلەن ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىنى ئېچىپ، مېنى چىقىشقا دەۋەت قىلدى.
    ۋاھ .... ئۆمرۈمدەبىرسى ماڭا "چىقسىلا غوجام" دەپ ئىشىك ئېچىپ بەرگىنى يوقتى. سەل دەككە- دۈككە ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە ماشىنىغا چىقىپ "موسسىدە" ئولتۇردۇم.ماشىنا ئەنگلىيىنىڭ جاگۇار ماركىلىق ماشىنىسى بولۇپ، سىرتتىن قارىماققىلا ئالىي، ئېغىر - بېسىق،خېلىلا كۆركەم، ھەيۋەت كۆرۈنەتتى. ئىچى تېخىمۇ دەھشەت ئىكەن. مېغىز رەڭ خۇرۇم بىلەن قاپلانغان ئورۇندۇقلىرى، ئاجايىپ ....
   يىگىتكە چاندۇرماي، ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىنى سىلاپمۇ قويدۇم تېخى. لۆم - لۆم ئولتۇرغاق كىچىككىنە كاتاڭلارغا چۈشسە، "موسسىدە" چۆكۈپمۇ قويىدۇ. ماشىنىنىڭ ئۇ يېرى بۇيېرىنى سىلاپ، كۆرۈپ بولغۇچە، ماشىنا قايناق بازارغا كىرىپ، يول بويىدىكى دۇكانلارئالدىغا توختاپمۇ بوپتۇ.بۇ بازار كوچىسى ماڭا تونۇش. بىز كۆپ ۋاقىتلاردا ئىشتىن يېنىپ، ئاۋۇ قىزىل پانۇسلار ئېسىلغان،بېلىق، توخۇ كاۋاپلىرىنىڭ تازا ئىس چىقىرىپ پىشۇرۇلۇۋاتقان رەسىملىرىنى چىقىرىپ قويغان، ئەرزان ئاشخانىغا كىرىپ، تاڭ ئاتقۇچە ئولتۇرۇشۇپ قويۇشاتتۇق. بۇنداق دۇكانلارغا ئاساسەن خىزمەتچىلەر، ئوقۇغۇچىلار كىرىشەتتى. چۈنكى، بەكلا ئەرزان، ھەم زاكوسكىلارنى ئالدىڭىزغا كېلىشىمۇ ئالامەت تېز ... (بۇنداق ئىچىدىغان ئورۇنلارنى ياپون تىلىدا ئىزاكايا دەپ ئاتايدىكەن.)
     خوش .... ماشىنا توختىغان ھامان، يىگىت يۈگۈرۈپ كېلىپ، ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىنى ئاچتى. مەنمۇ بىردەمدىلا كۆنۈپ قالدىممۇ، ۋە ياكى نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپ قالدىممۇ،ئىش قىلىپ ماشىنا ئىشىكىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن.يىگىت ئىتتىك- ئىتتىك مېڭىپ، مېنى بىر ئادىغىنە كىرىش ئىشىكىدىن ئەكىرىپ، پەلەمپەي تەرەپكە "مەرھەمەت"دەپ يېرىم ئېگىلىپ تۇرۇپ، سول قولىنى ئارقا بەل تەرىپىگە قويۇپ، ئوڭ قولى بىلەن پەلەمپەي تەرەپنى كۆرسىتىپ، ئىككى پۇتىنى جۈپلەپ تۇردى.
    قىزىل گىلەم سېلىنغان تار پەلەمپەيدىن ئۈستىگە چىققانچە، بۇ بىنا، سىرتقى كۆرۈنۈشىدىكى ئاددىيلىقىنى يوقىتىپ باردى. غۇۋا چىراغ نۇرىدا تامدىكى رەسىم- كۆرۈنۈشلەرنىمۇئېنىق كۆرەلمىدىم. ئىككىنچى قەۋەتكە چىققىنىمىزدا، بىزنى كۈتۈۋالغىنى ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانىلارنىڭ ئىشىكىدەك ھەيۋەت، قوش قاناتلىق ئىشىك بولدى.خىيالىمدا بۇ قايناق بازار ئىچىگە جايلاشقان دۇكان - ئاشخانىلارنىڭ ھەممىسى ۋاراڭ - چۇرۇڭ، چىر - چارۋاقىرشىپ، قەدەھلىرىنى قىزغىن "ھوي ھوي ھوي" لار بىلەن، چېلىنغان چاۋاكلار ئىچىدە كۆتۈرشىدىغان،  ياشلارلا كېلىدىغان كوچا، دەپلا ئويلاتتىم.
    ئىشىك ئېچىلدى. مېنى باشلاپ كەلگەن يىگىتنىڭ خىزمىتى مۇشۇ يەردە تۈگىدى بولغاي، دۇكانغىمۇ كىرمەي،ئارقىغا بۇرۇلۇپلا پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كېتىپ قالدى. ئاپپاق ئۇزۇن يەڭ كۆينىكىگە،قارا رەڭلىك كېپىنەك گالستۇك تاقىغان، بىر يىگىت مېنى كۈتۈۋالدى.دۇكان ئىچى ھەر خىل چىراغلارنىڭ ئېقىۋاتقاندەك نۇرلىرى بىلەن تولىمۇ گۈزەل، ئازادە ... . مۇڭلۇق مۇزىكا قويۇقلۇق، ئۆينىڭ تورۇسى خۇددى كۆپكۆك ئاسمان، يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرغاندەك ...ئاندا - ساندا، دۇكاننىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغا "غۇيت " قىلىپ، ئاققان يۇلتۇزدەك نۇرمۇ كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ تۇرۇپتۇ. مەن خۇددى ئۆزۈمنى، 007 كىنوسىدىكى ئادەملەردەك ھېسمۇ قىلىپ قالدىم جۇمۇ ... ئىچىمدە:
– ئىسىم– شەرىپىڭىز؟ دەپ سوراپ قالسا:
– جەمىس..... جەمىس بوند، دەپ جاۋاب بېرىۋېتەيمۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ، كۈلگۈممۇ كەلدى.
    ئۇزۇن كەتكەن يىلان باغرى بار(بار-قاۋاقخانا دىگەن مەنىدە)  دا بىر يىگىت، بىر قىز مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇشۇپ كېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇتقۇچى ئىنچىكە، ئۈستۈنكى تەرىپى ئۈچ بۇرجەك ئىستاكاندىن ئىككىسى تۇرۇپتۇ. ئىستاكاننىڭ ئىچىدە بىرسىدە قىپ - قىزىل ئالۇچىمۇ ئىش قىلىپ بىر تاللا مېۋە تۇرۇپتۇ. ئاۋۇيىگىتنىڭ ئالدىدىكى ئىستاكاندا، چىش كولىغۇچقا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تال زەيتۇن،ئىچىملىكىگە چىلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار كالپۇكىنى ئىستاكانغا تەگكۈزۈپ قويۇپ گۇڭۇر - مۇڭۇرپاراڭغا چۈشۈپ "مۇڭ" بولۇپ كېتىپتۇ.مەن ئويلىدىم. ئەگەربۇ ئىچىملىكنى مېنىڭ ئالدىمغا قويۇپ قويسا، بىرلا كۆتۈرشۈمدە تۈگىتىۋېتىپ، قىزنى جۈرە كاۋاپ يەيمىز دەپلا ئېلىپ چىقىپ كېتەتتىم جۇمۇ ....
    يىگىت مېنى يىلان باغرى سوزۇلغان بار نىڭ تۈگىگەن يېرىگە باشلاپ كېلىپ، ئوڭغا ئېگىلدى. كەڭرى،ئازادە زالدەك يەردىن يەنە بىر قېتىم ئوڭغا ئېگىلىپ، بار نىڭ ئارقىغا توغراكېلىدىغان يەنە بىر زالغا كېلىپ، سولدىن بىر ئىشىكنى يېنىك چەكتى- دە جاۋاب كۈتمەيلا ئىشىكنى ئېچىپ، مېنى باشلاپ كىردى.
   ئۆي ئىچىدە بەش-ئالتە ئەر كىشى ، سەتەڭ قىزلاردىن ئوندەك ئولتۇرۇشۇپ كېتىپتۇ. ئەمما سورۇن بەكمۇ ۋاراڭ -چۇرۇڭ ئەمەس. ئۆي ئوتتۇرىسىغا بىزنىڭ ۋەتەننىڭ چاي ئۈستىلىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان،ھەم ئۇزۇن، ھەم كەڭ بىر ئۈستەل قويۇقلۇق. باداشقانلىرىنى قۇرۇشۇپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كىشىلەر ئىچىدە، ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن ئۆپكىدەك بولۇپ كەتكىنىدىن ئىككىسى بار. قىزلار بولسا "ھا ھا ھا ھى ھى ھى" دەپ يالغان كۈلۈپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئەرلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋېتىپتۇ. بىرلىرى تېخى بىر تال تاماكا قالدۇقى چۈشكەن كۈلدانلارنى يىغىشتۇرۇپ، يېڭىنى ئالماشتۇرۇپ قويسا، بىرلىرى ئەرلەرگە پىۋا لىقلاپ، بىرلىرى تەرلەپ كەتكەنلەرنىڭ پېشانىلىرىنى سۈرتۈپ، يەنە بىرلىرى بولسا،ئەرلەر تاماكىغا قولىنى ئۇزاتقان ھامان چاقماقلىرىنى تەييارلىشىپ تۇرۇشۇپتۇ.ئۈستەلنىڭ تۆرىدەھېلىقى مېنى چاقىرتقان سۈرلۈك ئادەم، قىزىل ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى گۈزەللەر گۈزەللەرنىڭ گۈزەللىرى ئىكەن.ئۇ ئادەم مېنى ئورنىدىن تۇرمايلا، يېنىغا كېلىشكە ئىشارەت قىلدى. ئىككى گۈزەلنى ئىشارەت بىلەنلا يۆتكەپ تاشلىدى.
    ۋاي ئىسىت، ئولتۇرىۋەرسىچۇ بۇ گۈزەللەر، دېدىم ئىچىمدە. ئالدىمغا قول ياغلىقتەك چوڭلۇقتىكى ئىسسىق لۆڭگە كەلتۈرۈلدى.
– نېمە ئىچىسەن؟ دەپ سورىدى، ئۇ ئادەم مەندىن ئەھۋالمۇ سورىمايلا ...
– نېمە بولسا شۇنى ئىچىمەن، دەپ جاۋاب بەردىم.
– ھاھا ھا.... مۇشۇنداق يېرىڭنى بىلگەچكە، سېنى بۇ يەرگە چاقىردىم ... قارا ماۋۇلارنىڭ ئازراق پىۋا ئىچىپ، بولۇپ كەتكىنىنى. مەن مۇشۇ قىزىل ئۈزۈم ھارىقىغا كۆنگەن قارا. ئاۋۋال پىۋىدىن بىرەنى كۆتۈرۈۋەت، ئاندىن خالىغىنىڭنى ئىچمەمسەن ....
    باشقىلار يەرتېگىدىن ماڭا كۆزىنى ئۈزمەي قارىغىنىچە، بىرمۇ ئېغىز گەپ قىلماي ئولتۇرۇشۇپ كېتىشتى. سورۇندىكى گەپنى ئۇ ئادەم ئىككىمىزلا قىلىشتۇق. بەلكىم ئۇلار مېنى قايسى شەھەرنىڭ نوچىسىدۇ بۇ، دەپمۇ قالغاندۇ ...
    سەتەڭلەر مېنىڭ خىزمىتىمنىمۇ قىلماقتا. قولۇمنى تاماكىغا سوزا - سويماي، چاقماقلار يېنىپتۇرۇۋاتىدۇ. پىۋىلار كۆپۈكى بىلەن تەڭشىلىپ قۇيۇلۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. سەل ئۆزۈمگە تاركەلگەن ئىشتان كىيىۋاپتىكەنمەن. باداشقان قۇرۇپ ئۇزۇن ئولتۇرۇشۇم شۇنچە قۇلايسىزبولدىكى، مۇنداقلا مىدىرلىسام:
– بىرنېمە كېرەكمۇ؟ دەپ سوراپ تۇرۇۋاتىدۇ قىزلار.
پاھ ... مەنمۇ ئاۋۇ ئادەمنىڭ سايىسىدا، مۇشۇ پۇلدارلارغا ئوخشاش مۇلازىمەتكە ... ياق ئاۋۇ ئەركىشىلەردىنمۇ ئالاھىدىرەك كۈتۈۋېلىشقا ئىگە بولۇپ ئولتۇرۇپتىمەن.ئارلاپ – ئارلاپ،چۈشۈممۇ، ئوڭۇممۇ بۇ، دەپ قولاشمىغان پۇتلىرىمنى يۆتكىگەچ پاچاقلىرىمنى چىمداپمۇ قويۇۋاتىمەن. چىمدىغان يەرلەر ھەر ھالدا ئاغرىۋاتىدۇ. دېمەك، چۈشۈم ئەمەسكەن ....
    تاغدىن باغدىن پاراڭلار بىلەن ئىچىشىش داۋام ئەتتى. ئۇ ئادەم مېنىمۇ سورۇندىكىلەرگە يۈزەكى تونۇشتۇرۇپمۇ ئۆتتى. ئەمما گەپ ئارىسىغا:
– مېنىڭ خېلى يېقىن ئاغىنەم بولىدۇ جۇمۇ ماۋۇ يىگىت ھە .... ھىم
  دېگەن گەپنى ئۇرغۇلۇق قىلىپ قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن سورۇندىكى ئىچىۋالغان ئەرلەربولسۇن، كۈتكۈچىلىك قىلىۋاتقان سەتەڭلەر بولسۇن، ماڭا بولغان يېقىنچىلىقىنى باشلىۋەتتى. سورۇن كەيپىياتى كۆتۈرۈلدى. مەنمۇ ئۇ ئادەمنىڭ سايىسىدە خېلىلا "سۈرلۈك"ئادەم بولۇپمۇ قالدىم.
   بۇ سورۇندا، ئۇئادەم مەندىن ھېچقانداق ئىشتىن مەسلىھەت ئالمىدى. گەپ ئارىلىرىدا كەچۈرمىشلىرىم ھەققىدە، ئاددىيلا بىر نەچچە سوئال سورىغان بولدىيۇ، لېكىن مېنى بۇ كېچىدە چاقىرتىپ ئەكېلىپ سورىغۇدەك، تارازا باسقىدەك بىرەر گەپ - سۆزلەرنى قىلمايلا:
– ئورۇننى يۆتكەپ، ئىككىنچى بىر يەرگە بېرىپ ئازراق ئوينىمامدۇق؟ ھە سىلەر مۇشۇ يەردىن قايتساڭلار بولىدۇ، دەپ سورۇندىكى باشقا كىشىلەرنى سورۇندىن ئايرىدى.
    بايا مېنى ئېلىپ كەلگەن يىگىتنىڭ ماشىنىسى پەستە ساقلاپ تۇرۇپتۇ. يىگىت ئەدەپ بىلەن ئېگىلىپ تۇرۇپ، ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىنى ئاچتى. بىز ماتسۇدو شەھىرىدىن ئايرىلىپ ناگارىياما شەھىرىگە كىرىپ كەتتۇق.
   بۇ قېتىم ماشىنا ،توكيو تەرەپتىن كېلىدىغان جوباڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا چىقىپ، ماتسۇدو شەھىرىنى بويلاپ ئاقىدىغان دەريا كۆۋرىكىدىن ئۆتتى. دەريا ئەتراپىنىڭ كەچلىك مەنزىرىلىرىمېنى ئۆزىگە تارتتى. ئاندا - ساندا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان تولىمۇ يىراقتىكى، توكيو شەھىرىنىڭ ئېگىز بىنالىرىنىڭ چىراغلىرى، دەريا بويىدىكى ياپ - يېشىل چىم بىلەن ياسالغان توپ مەيدانلىرىنىڭ كىشىنى ھەيرانۇ - ھېس قالدۇرىدىغان چىراغلىرى ... ئىچىمدە ئويلىدىم:
   – توۋا،قاراڭ ماۋۇ ئىشنى. توپ مەيدانىدا ئېشىپ كەتسە، ئوندەك ئادەم باردۇ ... ئاشۇ ئوندەك ئادەمنىڭ توپ ئوينىشى ئۈچۈن يېنىلىۋاتقان چىراغلارنى قاراڭ ... مەن ئاۋۇ،ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا، ئالىي مەكتەپلەر ۋالىبول مۇسابىقىلىرىنىمۇ، سېمونت ۋە ياكى توپا مەيداندا ئويناپ كەلگەنتىم ... قاراڭ ماۋۇلاردىكى تولۇق شارائىتنى، كەڭ كەتكەن دالا مەيدانلىرى مۇنداق گۈزەل بولسا، ۋالىبول مەيدانلىرى قانداقتۇ-ھە، بۇلارنىڭ …!
     توخۇ داڭگال، ئۆچكە جاڭگال دېگەندەك، مەن خىيالىمدا يەنىلا ئۆزۈمگە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى، خىيال  قىلىپ ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن. ئەگەر بىزگىمۇ مۇشۇنداق ياخشى شارائىتلار ھازىرلىنىپ قالسا پەۋقۇلئاددە، ئىشلار قانداق بولۇپ كېتەر-ھە ... داڭلىق تەنتەربىيە چولپانلىرى چىقىپمۇ قالار بولغىيتتى بىزدىنمۇ....
    ماشىنا ئىككى كوچا كېسىشكەن دوقمۇشقىلا توختىدى. ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكى ئېچىلدى. سىم - سىم يامغۇريېغىۋېتىپتۇ. تازىمۇ يوغان قارا كۈنلۈك تۇتقان ئىككىسى، بىرىمىزگە بىردىن كۈنلۈكنى تۇتۇپ، دوقمۇشقا جايلاشقان بىناغا بىزنى باشلىدى.ۋاھ، ئۆمرۈمدە بىرسى ماڭا كۈنلۈك تۇتۇپ بەرگىنىنى ئۇقمايمەن جۇمۇ ...
   ۋەتەندە بولسا، "ھەجەپ ياغدا ماۋۇ يامغۇر، ئاناڭنى" دەپ يۈگە... يۈگە بىلەنلا كېتىۋېرەتتۇق مۇنداق سىم- سىم يامغۇردا ... "چەتئەللىك دېگەننىڭ ھەجەپ ئىشى تولىكىنا" دېگەنلەرنى بىردەمنىڭ ئىچىدە ئويلىۋەتتىم. لېكىن بىرسى يېنىڭىزدا قەدەملىرىنى سىزنىڭكىگە ماسلاشتۇرۇپ، كۈنلۈك تۇتۇپ يۈگۈرۈپ يۈرسە، ئادەم خىجىلمۇ بولۇپ قالىدىكەنيا ...
   بىنا دوقمۇشقا، ياي شەكىلدە سېلىنغان بولۇپ، مۇنداقلا قارىماققا تۆت قەۋەتتەك كۆرۈندى. لېكىن بىنانىڭ ئۈستىدە تازىمۇ يوغان، ئېلېكترونلۇق رىكلام تاختىسى، لاپ - لوپ قىلىپ يېنىپ تۇرۇپ ،بۇ بىنانى تېخىمۇ ئېگىز كۆرسىتىۋېتىپتۇ. رىكلامغا چىقىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ بەزىلىرى بىزچە ئېيتقاندا خېلىلا "قېلىن" نەرسىلەر ... ئەمما ئۆزگىرىشىمۇ ئالامەت تېز. بۇلارمۇ يامانكەن، تازا "مۇھىم" جايلار "شارتلا" قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان قىلىپ قويۇپتۇ ...
بىر نەچچە ئادەمنىڭ "ماياققا ماڭسىلا، ئاياققا ماڭسىلا، ئاياغلىرىغا ھەزەر بولغايلا غوجام" دېگەندەك تەكەللۇپ گەپلىرى ئاستىدا بىنانىڭ ئىچىگە كىردۇق.
لىفىت بىلەن بىراقلا بىنانىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە چىقىپ كەتتۇق.
ياي شەكىللىك بىنانىڭ تۆتىنچى قەۋىتى، توۋا دېدىم ئەمما، پۈتۈنلەي ئەينەك بىلەن ياسالغاندەكلا ...تالاغا قاراپ تۇرغان دېرىزىلىرىنىغۇ مەيلى دەيلى، ئاۋۇ بار نىڭ ئۈستەللىرى، ھەتتا ئادەم دەسسەپ ماڭىدىغان پولنىڭ بەزى يەرلىرىمۇ ئەينەك. سۇس كۆك چىراغلارئورۇنلاشتۇرۇلغانمۇ، ئىش قىلىپ، سۇس بىر يېنىپ، بىر ئۆچۈپ تۇرۇپتۇ.
    خىزمەتچىلىرى يېرىم يالىڭاچ.  تۆۋىنىگە "مۇھىم" يېرىنى ئالدى- ئارقىدىن ئارانلا توسۇپ تۇرىدىغان قىسقا ئۈچ بۇرجەك  ئىشتان. تېخى كېلىشتۈرۈپ يامپىچىنىڭ ئۈستىگە يوغان گۈلدىن بىرنى تاقاپتۇ تازا... شۇ گۈلنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈنمۇ، قىزچاقلاريامپاچلىرىنى راسا تولغاپ مېڭىشىپ يۈرۈشۈپتۇ. ئۈستىگە بولسا، ئۆزىگە كىچىك كېپقالغانمۇ، ۋە ياكى شۇنداق پاسونمۇ؟ تولىمۇ كىچىك لىپتىك ... ئۇنى نېمە ئۈچۈن تاقىۋالدى، ئۆزىدىن سورىمىساق، ئۇققىلى بولمايدۇ. خەقنىڭ ئىشىغا ئەڭ ياخشىسى ئارىلاشمايلا قوياي جۇمۇ ...
كەلگۇسىدىكى ئىشلارتوغرىسىدىكى مەسلىھەتلەرنىڭ قانداق بولغانلىقىنى، كېيىنكى بۆلەكتىن ئوقۇغايسىز.

2

تېما

0

دوست

3853

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   61.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11648
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 418
تۆھپە : 930
توردىكى ۋاقتى: 297
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 15:26:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ساقلايمىز ، سەۋىرچانلىق بىلەن .رەھمەت
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

8

تېما

3

دوست

2327

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24773
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 710
توردىكى ۋاقتى: 193
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 18:32:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان تەستە چىقتا بۇ بۆلىكى كۆزلەر سەككىز بولدىغۇ

8

تېما

3

دوست

2327

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24773
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 710
توردىكى ۋاقتى: 193
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 18:33:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى چىقتى بۇ بۆلىكى،

1

تېما

5

دوست

2884

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 19:46:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى مەزمۇن ئىكەن  . . .   داۋامىنى ساقلايمەن .

5

تېما

2

دوست

2346

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15646
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 10:50:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئوقۇۋالدىم دە-. داۋامىنى تېزراق...

0

تېما

5

دوست

1807

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   80.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10542
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 159
تۆھپە : 450
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 18:10:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشتنىلا   ئۇقماي   كىيىن تۇلۇق  چىققاندا  ئۇقسام بوپتكەن   ...  ساقلاپ ساراڭ  بولدۇم ،،،،،،چىققاندا بەك  ئاز ،،،
    لىكىن  ياقتۇرۇپ ئۇقىۋاتمەن ،،،  رەخمەت  ،،

1

تېما

1

دوست

365

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   32.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32334
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 05:51:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداشنى ھەممەيلەن ياختۇرىمىز، مەن بۇ ئەسلىمىنى ئىگىسىدىن سوراپ ئوقۇپ چىققانىدىم لىكىن كىيىنكى بۆلەكلىرىدە مۇشۇنداق بىزنىڭ ‹پەدىشەپ›لىرىمىزگە ماس كەلمەيدىغان يىزىلىپ قالغان يەرلەرمۇ باركەن،مۇنبەرگە كىچىكلەرمۇ كىرىدۇ،ئۇ تەسۋىرلەر تەسۋىرلەر كىچىكلەرگىلا ئەمەس بىزگىمۇ ماس كەلمەيدۇ.شۇنداق يەرلەرنى يوللىمىسڭىز قەيسەر ئەپەندىم،مەن ئۈندىداردا سىز بىلەن تونۇشقان ئۇكاش بولىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )