- تىزىملاتقان
- 2015-1-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 207
- نادىر
- 0
- يازما
- 7
ئۆسۈش
69%
|
20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئامېرىكىنىڭ خارۋاد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياپونىيە مەسلىسى مۇتەخەسىس، پروفېسور ۋوگېل «ياپونىيە – بىرىنچى» ناملىق تەتقىقات ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىدا داغدۇغا پەيدا قىلدى، ئەينى چاغدا بۇ كىتاب ئامېرىكىدا ئەڭ بازارلىق كىتابلارنىڭ بىرسى بولۇپ قالدى. بۇنى ئاددىي ئامېرىكا پۇقرالىرى، ئوقۇمۇشلۇق زاتلاردىن تارتىپ پالاتا ئەزالىرىغىچە؛ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن تارتىپ بەش بۈرجەكلىك بىنادىكى ھەربىيلەرگىچە تالىشىپ ئوقۇدى، ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ بۇنى ھە دەپ كۆككە كۆتۈردى.
ۋوگېل كىتابىدا مۇنداق يازغانىدى: «ياپونىيەنىڭ يېرى ئازا، ئادىمى كۆپ، بايلىق مەنبەسى كەمچىل. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكا تەرىپىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ھەمدە ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ۋاكالىتەن باشقۇرغان، ئەمما ئۇرۇشتىن كىيىنكى ياپونىيە ئىقتىسادىي جەھەتتە مۆجىزە يارىتىپ، نۇرغۇن جەھەتلەردە ئۆزىنى دۇنيانىڭ خوجىسى چاغلايدىغان ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتتى. گەرچە ياپونىيەھەربىي ئۇرۇشتا ئامېرىكىنى مەغلۇپ قىلالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادىي ئۇرۇشتائامېرىكىنى مۇۋەپىقىيەتلىك يەڭدى.»
بۇ ئىش ياپونىيەدە تېخىمۇ زور ئىنكاس پەيدا قىلدى. بۇ ئىنكاس ئامېرىكىلىقلارغا ئۆزىنىڭ دۇنيا بويىچە 1-بولغانلىقىدەك ئىپتىخارىنى بىلدۈرۈشتىن بولماستىن، ئەكىسچە ئومۇمىي مىللەتنىڭ ھوشيارلىقىنى ۋە ئۆزى ئۈستىدىكى ئويلىنىشنى قوزغىدى. كىنو – تېلىۋىزىيە ۋە نەشرىياتچىلىق جەھەتلەردە كىشىنى ئەندىشە ۋە ئويغا سالىدىغان بىر يۈرۈش ئەسەرلەرنى، يەنى ياپونىيەنىڭ چۆكۈپ كېتىشى، ياپونىيە پات ئارىدا گۇمران بولىدۇ، ياپونىيە بوھرانى، ياپونىيە خىرىسقا دۇچ كەلدى، ياپونىيەنىڭ ئاجىزلىقى قاتارلىق ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.
ياپونىيەنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاشكارا ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز ئۇنچىۋالا ياخشى ئەمەس، بىزدە يەنە نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەر بار، ئامېرىكىلىقلار نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ كەمچىلىكىمىزنى ئېيتمايدۇ؟ ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىزنى مۇشۇنداق بىخۇدلاشتۇرۇشنىڭ ئارقىسىدا زادى نېمە سۈيقەستى بار؟»
ئەسلىدە بۇ بىر پروفېسور يازغان ئىلمىي ئەسەر بولسىمۇ، ياپونىيەلىكلەر ئۇنى شۇئان دۆلەت يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى چىن دىلىدىن ماختاۋاتقانلىقىدىن گۇمان قىلدى. ئەگەر بىر ئامېرىكىلىق جۇڭگۇنى مەدھىيلەيدىغان ئەسەردىن بىرنى يازىدىغان بولسا، ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىمىز ۋە خەلقىمىز بۇنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، بۇنى خەلقئارادىكى دوستىنىڭ ياخشى كۆڭلى دەپ چۈشىنەتتى.
لېكىن، ياپونىيەلىكلەر مەدھىيەنى زادى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇلار ئەزەلدىن ئۆزلىرىنى پىنھان جايغا يوشۇرىدۇ؛ ئۆزلىرىنى ناھايىتى تۆۋەن ئورۇنغا قويۇپم تۆۋەن مۇقامدا سۆزلىشىدۇ.
ئۇلار «ئۆزىنى كۆرسىتشكە ئامراق كىشىلەر ئاسان ئەدىپىنى يەيدۇ» پەلسەپىسىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇلار بۇرۇنقى باشقىلارغا تەھدىت سېلىپ يوشۇرۇن قەستلەش ۋە زەربە بېرىشتەك ئاچچىق ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ نىقابقا ئالدى، مەقسەتلىك ھالدا ئۆزىنى ئاجىز كۆرسىتىپ، خەلقئارادا تارقالغان ياپونىيە بىرىنچى دەك خەلقئارالىق ئوبرازىنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىى.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سان-سېفىرلار مۈجمەل ۋە يوشۇرۇن مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولغانلىقتىن، دائىم دېگۈدەك غەربلىك ئالىملارنىڭ تەنقىدىي ۋە ئەيىبىە ئۇچراپ كەلدى. ئەمما، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ، نەيراڭۋازلىق قىلىپ ، دۆلىتىنى كۈنسېرى خاراپلاشقان قىلىپ نىقاپلاپ، ئۆزىنىڭ ئورنىنى «خەتەرلىك» ۋە «خاراپلاشقان» قىلىپ كۆرسەتتى. ياپونىيەنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكىلەرمۇ تارىخنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ ۋە ئىلمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قىلچە ئىككىلەنمەي «ئۆتۈپ كەتكەن 10يىل قولدىن كەتكەن 10يىل بولدى » دېدى. يەنە تېخى تەلەي ئوڭدىن كەلمىسە يەنە 10يىل قولدىن كېتشى مۇمكىن، دېدى. بۇنىڭدىن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى جامائەت پىكرى بىردەك «ھەسرەت چەكتى».
ياپونىيە نۇرغۇن ساھەلەردە تۆۋەن مۇقام ۋە پەسكوي ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەيلى ياساش، پەن-تېخنىكا ساھەسىدە بولسۇن ياكى پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىدا بولسۇن، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئىكەنلىك نامىدىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كېچىپ، ئاجىز ھالەتتە كىشىلەر ئالدىدا نامايەن بولدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەردە «ياپونىيە زاۋالغا يۈزلەنگەن دۆلەت» دېگەن ئۇقۇم پەيدا بولۇپ، ياپونىيەگە بولغان ھوشيارلىق سۇسلاپ كەتتى.
ئەمما، دائىم ياپونىيەگە بارىدىغان ئالىم ۋە مۇتەخەسسىلەر ياپونىيەنىڭ قىلچىمۇ خارابلاشمىغانلىقىنى بايقايدۇ. گەرچە ياپونىيە قاتتىق يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنى ۋە پۇل مۇئامىلە كىرىزسىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار كۈنلىرىنى ھېلىھەم باياشات، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزمەكتە.
شەك – شۈبھىسىزكى، ياپونىيەلىكلەردە مۇشۇ خىل «دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتەتۇرۇش» ، «جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەش» ، «خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش» تەك مىللىي ساپا ھازىرلانغانلىقتىن، بۇ مىللەت ئازاب – ئوقۇبەت ئىچىدىن تېزلا باش كۆتۈرۈپ، ئاخىر دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بىز بۇنداق مىللەت ئالدىدا دا ياپونىيەدىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتكىنىمىزدىن پەخىرلىنەلەمدۇق؟
مەنبە: تەرمىلەر ژۇرنىلىدىن ئېلىندى
|
|