ئۆزىڭىزنىڭ باي بولالىشغا ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟
ئاپتورى:پەرھات ئەمەت
باي بولۇش ياخشى ئىش،باي بولغاندا تۇرمۇشنى خاتىرجەم كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ،ئەگەر سىز ياخشى نىيەتلىك كىشى بولسڭىز باشىقلارغا بايلىقىڭىز ئارقىلىق ياردەم قىلىپ نامراتلارنىڭ قەلبىگە ئىللىقلىق،جەمئىيەتكە تۆھپە قوشالايسىز،باي بولۇش ھېچقاچان يامان ئىش ئەمەس،مۇسۇلمانلارغا ئايانكى ،ئاللاھنىڭ نەزىرىدە كۈچلۈك مۇسۇلمان ئاجىز مۇسۇلماندىن ئارتۇق،يەنى بىر مۇسۇلمان باي بولسا ئۇ چوقۇم ياخشىلىق ئىشلارنى،ساۋابلىق ئىشلارنى تېخىمۇ كۆپ قىلالايدۇ، ساۋابنىمۇ ئەلۋەتتە كۆپ ئالىدۇ،
لىكىن بايلىق بارلىق نەرسىلەرگە ئىرشكەنلىكىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ،دۇنيادا ھەقىقى مۇھەببەتنى،چىن دوستلۇقنى مېھىرى مۇھەببەتنى ،پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ،پۇل بايلىق مۇشۇ دۇنيادا خۇددى نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئوخشاش بىر ۋاستە،بىر ئادەمنىڭ باي بولۇشنى ئارزۇ قىلىشى ناھايىتى ياخىشى ئىش،خۇددى ناپالىيون ئۆز ئەسكەرلىرىگە نۇتۇق سۆزلگەندە: قوماندان بولۇشنى ئارزۇ قىلمىغان ئەسكەر مەڭگۈ ئەسكەر بولۇپ قالىدۇ ،دېگەندەك كەلگۈسىدە پۇلدار،باي ئادەم بولۇشنى ئارزۇ قىلمىغان ئادەممۇ نامراتلىق ھالتدىن قۇتۇلالمايدۇ. چۈنكى ئارزۇ ئادەمنىڭ ئىچكى ئېنىرگىسى ئۇ ئادەمنى ئالغا ئېنتىلدۈردىغان ھەرىكەتلەندۇرگۈچ كۈچ،ئەقىل بۇلقىمىزنى ئاچىدىغان روھى ئوزۇق.نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزلىرنىڭ ھازىرقى ئىقتسادى ئەھۋالىدىن رازى ئەمەس، چۈنكى ئەتراپىدىكى نۇرغۇن كىشلەر ئاللىقاچان يول تېىپىپ ئۆزنىڭ ئىگلىكىنى يارىتىپ نەتىجە قازاندى، نۇرغۇن ئادەملەرگە سېلشتۇرغاندا ئۆزنىڭ ھال ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، ئۇنداقتا بۇخىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشتە نېمگە تايىنىش كېرەك؟
بىزگە مەلۇمكى باي بولۇشنى ئويلاش، دەسلەپتە بىر خىل خىيالدىن دېرەك بىرىدۇ،بۇنداق خىيال ھەرگىزمۇ ئارزۇ ئەمەس،دىمەكچى بولغىنىمىز ئارزۇ قىلىش شۇ كىشنىڭ ئىچىدە كۈچلۈك بىر تۇيغۇنى ئويغۇتالىشى ئاندىن ئۇ توغرا بولغان يول،پىلاننى سىزىپ چىقالشى كېرەك.
ئەگەر سىز دە 1000 يۈەن پۇل بولسا باشقا ھېچقانداق ئىقتىسادى مەبلىغىڭىز بولمسا كۆپىنچە كىشلەر بەلكىم مەسىخىرە قىلىپ 1000 يۈەن بىلەن قانداقمۇ بىر ئىشنى باشلغىلى بولسۇن؟كۈلۈشى مۇمكىن،باي بولۇشنى ئارزۇ قىلىغان كىشلەر دەل بۇخىل ئادەتكە ئايلانغان مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارغا غايەت زور ئۈمىد،ئىشەنچە بىلەن قارىيالايدۇ،
مۇنداق بىر ئىشنى ئوقۇغىنىم ئېسمدە: مەلۇم بىر ئادەمنىڭ يانچۇقىدا پەقەت 1 يۈەن پۇل قاپتۇ،ئۇ ئۆيگە قايتىشى كېرەك لىكىن بىر يۈەن پۇلغا قانداقمۇ پويىز بىلىتى ئالالىسۇن؟قورساققا قانداقمۇ تاماق ئېلىپ يېيەلىسۇن؟ مۇشۇنداق ئادەمنىڭ قېينچلىق مەزگىلىدەئۇكىشنىڭ كاللسىغا تۇيۇقسىز بىر ئەقىل كەپتۇ: ئۇ دەرھال بىر يۈەن پۇلغا بىر توم قەلەم سېتىۋاپتۇ. ئاندىن پىركازچىكتىن سوراپ بىر چوڭراق كاردون يەشكنى ئاپتۇ،ئۇ كىشى ۋوگزالدا قېرىنداشلارنى تاپالمايۋاتقان كىشلەرنىڭ كۆپلىكىنى بايقاپ قالغان بولۇپ ،،كاردون قەغەزنى كىچىك پارچە قىلىپ كىشلەرگە ئۇرۇق تۇغقانلىرنىڭ ئىسمنى يېزىپ مەن بۇيەردە دېگەن خەتنى 1 يۈەندىن يېزىپ بېرىشكە باشلاپتۇ،ئەتراپتىكلەر 1يۈەندىن بۇ لوزوىنكىنى ئېلشقا باشلاپتۇ، ئاخىرقى ئاپتوۋۇز قالغۇچە ھېلقى كىشى 100 يۈەنلىك سېتىپ بوپتۇ،دە پويىز بىلتىنمۇ ئاپتۇ،قورساققمۇ تويغۇدەك تاماق يەپتۇ.دېمەك ئادەمنىڭ ئەقىل پاراسىتى ھەقىقەتەن ئاجايىپ،ئىنسانلارنىڭ يول تېپىشى،مەيلى تېجارەتتە بولسۇن مەيلى تۇرمۇش قېينچلىقىدا بولسۇن بۇ ئەقىل ئاجايىپ ئەزقاتقان،
لىكىن بۇيەردە بىز پويىزغا ئولتۇرغۇدەك،قورساق تويغۇدەك پۇل تاپسىلا ئاندىن بېخەتەرلىككە ئېرشكەندىن كېيىن ھېچقانداق ئارزۇسى بولمايدىغان كىشلەرنى باي بولۇش ئارزۇسى بار كىشلەر دەپ ھېسابلىمايىمىز، بۇ قېين ئۆتكەلدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ تېخى يېراق مەنزىلنى كۆرەلەيدىغان ھېچ بولمسا غۇۋا سېزەلەيدىغان سىزىم كېرەك،يەنە قاتمۇ قات تاغلاردىن ھالقىپ چىقىپ باشقىلاردىن ئۇزاپ كۆپلەپ نەتىجە يارىتىشنى ئويلايدىغان ئۇنى خام خىيال ئەمەس بەلكى ئۆز ئەمەلىيتىدە كۆرستەلەيدىغان بولغان ئەقىل كېرەك بۇنداق بولالسىڭىز سىزنىڭ باي بولۇشىڭىزدە گەپ يوق.
لىكىن پۇل تاپىمەن ،باي بولىمەن دەپ باشقىلارغا ھەدسىلا ياللىنىپ ئىشلىڭسىز،ھارامدىن ،قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق بىراقلا باي بولماقچى بولسىڭىز ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئاقىۋىتى باي بولۇش ئەمەس بەلكى لاي بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ،ئېسڭىزدە بولسۇنكى باي بولۇش ساغلام ئىدىيگە،مۇستەھكەم ئېتىقاتقا،زىيان تارتسىمۇ ۋايسمايدىغان ئېسل پىسخىكىغا باشقلارنىڭ تەنقدلىرىدن قوروقمايدىغان روھ ،جاسارەتكە مۇھتاج.
2015-يىلى2-ئاينىڭ17-كۈنى چۈشتە يېزىلدى
|