قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1137|ئىنكاس: 16
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يەنە شۇ ۋاقىتنىڭ گېپى- ئالتۇن ئىچىدىكى نامراتلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

3

دوست

4923

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1377
توردىكى ۋاقتى: 299
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
                      يەنە شۇ ۋاقىتنىڭ گېپى- ئالتۇن ئىچىدىكى نامراتلىق
                                                      
                                                ئاپتورى: پەرھات ئەمەت

                                                                   QQ截图20150217143246.png


   ئۆيۈمگە كىرگەن باغاقىچلارنىڭ ئاستىدا دائىملا: ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت دېگەن خەتلەرنى كۆرگىنمدە ۋاقىت ھەققىدە بىر دەقىق ئويلىنىپ قالىمەن، ۋاقىت ھەققىدە نۇرغۇن يازمىلار بار،شۇنداقتىمۇ يەنىلا ۋاقتىنىڭ گېپنى بىر ئاز قىلغۇم كەلدى، دۇنيادا ھېچىنمىسى يوق ئادەم بولمايدۇ،ئەگەر راستىنلا ھېچ نەرسىسى بولمسىمۇ ئۇنىڭ ۋاقتى بار،مانا بۇ ئالتۇن ئەمەسمۇ؟ ئالتۇن ھەققىدىكى قاراشلارنى سۆزلەپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز، بىزدە كۆپىنچە ئاياللارنىڭ نەزىرىدە ئالتۇن پەقەت سېرىق ئالتۇن ئۈزۈك،بىلەيزىك،مارجاندىن ئىبارەت.
   مەيلى كىشلەر ۋاقتىنى قانداق سۈپەتلىسۇن،ۋاقىت ھەققىدە قانداق چۈشەنىچىدە بولسۇن ،ۋاقىت دېگەن نېمە ؟ئۇنى زادى چىڭ تۇتۇشقا بولامدۇ؟ۋاقىت بىلەن تۇرمۇشىمىز،ھاياتىمىزنىڭ زادى قانداق مۇناسىۋىتى بار دېگەنلەر ئويلاپ بېقشىقا توغرا كېلىدۇ.
   ۋاقىت ئالدى بىلەن بىر خىل مەۋھۇم ئۇقۇم ئۇ يەرشارنىڭ قۇياشنى ئايلىنشىدىن پەيدا بولغان،يەرشارى ناۋادا ئايلانماي جىم تۇرغان بولسا ياكى قۇياش يەرشارنى ئايلىنىپ قالغان بولسا ئۇ چاغدا ئىنسانلارنىڭ ۋاقىت ئۇقۇمى باشقىچە بولۇشى مۇمكىن،لىكىن بىزگە ئايانكى بىز كۈندۇز ۋە كىچىدىن ئىبارەت 24 سائەتلىك ئايلىنشىنى ھەركۈنى باشتىن كەچۇرىمىز،
   ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بارلىق جانلىقلار ئۆسۈپ يېتىلىدۇ،ئۇنىڭ باشلنىش ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتسى ئوخشاش بولمسىمۇ  لىكىن ۋاقىتتىن مۇستەسنا ياشاش مۇمكىن ئەمەس، ئىنسانلار جەمئىيتنىڭ تەرەققىياتىمۇ دەل  يىللار ،ئەسىرلەر بىلەن ئالغا ئىلگىرلەپ ماڭماقتا.
    ۋاقىتنى كىچىك جەھەتتىن ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا تەدبىقلاپ باقساق،بىز  ھەركۈنى قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ نەتىجسى ،مىقدارى  ۋاقىت بىلەن تەقسىملەنگەنلكىنى بايقايمىز.،مەسىلەن ،خىزمەتچىلەر،ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ھەركۈنى 8 سائەت ئىشلەيدۇ،ئوقۇيدۇ،ئۇلارنىڭ ھەر بىر سائەتى پەنلەر بويىچە،ئىش تۈرلىرى بويىچە تەقسىملەنگەن،ئۇلارنىڭ ۋەزىپسسى شۇكۈنلۈك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشى چوقۇم شۇ چەكىلىك ۋاقتتا ئورۇندلىپ بولۇشى كېرەك،ئەگەر سىز ئەركىن تىجارەتچى بولسىڭىزمۇ چوقۇم خېرىدارلارغا بەلگىلگەن ۋاقىت ئىچىدە مەھسۇلات بىلەن ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلشىڭىز كېرەك.ناۋادا ۋاقتىدا ئىش بېجىرلىمسە چوقۇمكى نارازلىق ،تەنقىدلەرگە دۇچار بولسىز،بۇنىڭ نەتىجسى مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بىرىدۇ.شۇڭلاشقا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش دېگەنلىك دەل بەلگىلگەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىپ بولۇش دېگەنلىك،ۋاقنىڭ قولى ياكى پۇتى يوق ئېسلىۋىلىپ كەتمە دەپ يالۋۇرساق بىر ئاز ساقلاپ تۇرمايدۇ. شۇڭلاشقا ئاۋال بىجرىمگەن ئىشلارنى كەينىدىكى ۋاقتتا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.كەيندىكى ۋاقىتتا قىلشقا تېگشلىك ئىشلار يەنە كەينگە چېكنشكە مەجبۇر بولىدۇ،مەسىلەن كىنوخانىغا كۆپ ئادەم ئولتۇرغان بولسا ئارلىقتا پەقەت بىر ئورۇن بىكار لىكىن سىز ۋاقتىدا كەلمگەن بولغاچقا ،يېنڭىزدىكى بىرەيلەننى قوزغايسىز،ئۇ كىشنى يېندىكى كىشنى قوزغايدۇ ،پۈتۈن بىر رەتتىكى ئادەملەر سىز ئۈچۈن بىر قېتىم ئورۇن ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
   بۇنى ھاياتىمىزدىكى ۋاقىت سۈرۈكچىلىكى دەپ قارسىاقمۇ بولىدۇ،ناۋادا سىز بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويسڭىز،ۋاقتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمسڭىز،ھەربىر كۈنىڭىز سىز ئۈچۈن بىر قېتىم يۆتكلىپ تۇرىدۇ ئەمما سىز بۇنى ھېس قىلالمايسىز.
   مانا بۇ نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ۋاقىتنى نېمە ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا بېغشلاپ تەرەققى قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبى بىز بۇ يەردە ئادەملەرنى مەنىۋى جەھەتتىن ھەيدەكچلىك قىلدىغان پسىخكا،ئەقىل پاراسەتلەرنى تىلغا ئالمىدۇق.مېنڭچە ئادەملەردىكى قابىليەت ئانچە پەرقىلنىپ كەتمەيدۇ،گەرچە بەزى مىللەتلەر  ياكى بەزى ئادەملەردە ھەقىقەتەن چۈشكۈنلۈك ياكى ئىللەت قاتارلىق ساپاسزلىقلار مەۋجۇت بولسىمۇ لىكىن ئادەملەرنىڭ چوڭ مىڭسىنىڭ ئىقتىدارى يۈزدە يۈز ئوخشاش، ئۇلاردىكى جاسارەت،مىللى روھ،
    ئەقىل پاراسەتمۇ ئاساسەن پەرىق يوق، بەلكى ۋاقىتنى پايدىلىنشتىكى پەرىق ناھايىتى زور.
    ئەگەر سىز ئەتىگەندىلا كوچا پاراڭلىرىغا داخىل بولۇپ ئۆيدىن چىقسىڭىز،كوچىدا بىر دوستىڭىز بىلەن 10 مېنۇتتىن ئارتۇق سالامشلىپ ھال ئەھۋاللاشسىڭىز،ئەگەر بىر قىزچاق بىلەن يان تېلغوندا ھېكايە ئېتيىپ مۇڭدشىپ يۈرسىڭىز،ئەگەر مەقسەتسىز بازار ئايلانسڭىز،ئازىراق پۇلنى تېجەيمەن دەپ توردىن مال سېتىۋىلپ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ھەپتە كىرا مۇددىتىنى كۈتۈپ ئولتۇرسىڭىز ۋاقىت ھەققىدىكى قاراش سىزدە قىلچىمۇ يوق دېسەك خاتالاشمىغان بولىمىز.
ۋاقىت  ھەقىقەتەن بىر قارىسا ئېتىبار قىلىشقا ئەرزىمەيدىغاندەك، قانداقلا قىلسا ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ لىكىن ئۇنى ھەقىقەتەن چىڭ تۇتقىلى بولىدىغان قەدىرلسە ۋاقتىدا پايدىلانسا ئالتۇن تاپقىلى بولدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز.
    بۈگۈنكى كۈن نوقول 21-ئەسىر ئەمەس،بۈگۈنكى كۈن كەلگۈسدىكى ھەرقانداق كۈندىنمۇ مۇھىم، ئۇ بۇرۇنقى ئەسىرلەردەك پالانچى ئەسىر دەپلا ئاتاپ قويۇشقا بولمايدۇ.بۈگۈنكى دەۋرىدە كىشلەردە بىر خىل بىئاراملىق بار بۇ دەل ئارلىق مۇساپسى قىسقاردى، يەرشارىنى كەنتىكە ئايلاندى دېگەندەك ئوخشتىشلاردىن پەيدا بولغان. بەزى ئادەملەر چۆچۈپ كەتمەكتە.ۋاقىت گويا ئالقاندىن ئاللىقاچان قېچىپ كەتكەندەك ھېس قىلماقتا.كشىلەردە بولىۋاتقان روھى كىرزىس نېمە دېگەندە دۇنياغا ئەمدى يېتىش مۇمكىن ئەمەس  دەيدىغان ئەخمىقانە قاراش. بۇ خىل ئۈمۈتسىزلىك كىشلەرنىڭ ۋاقىت قاراشلىرىنى سۇسلاشتۇرۇپ ئۇلار ۋاقتنى،ھەربىر كۈننى زادى قانداق ئۆتكۈزۇشنى بىلمەي كىشلەردە ناھاييتى زور ۋاقىت سۈرۈكچىلىكىنى پەيدا قىلماقتا. بۈگۈندىن پايدىلنشىنى خاتا ھالدا بۈگۈندىن ھوزور ئېلش ئۇنى ئىسراپ قىلىۋىتىشكە بۇرىماقتا.ئۇلار ئەتراپىدىكى كىشلەر قانداق ياشاۋاتقا بولسا شۇلارنى دوراپ ياشىماقتا. ۋاقىت سىزدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدۇ بولۇپمۇ ھازىرقى چاغدا ئۆز ئۆزىڭىزگە مۇستەقىل ئىش قىلمسىڭىز،باشقىلارنى دورسىڭىز قەتئى بولمايدۇ،شۇڭلاشقا  ئۆز ئالدىغا بېكتىپ ،ئۆزنىڭ نشانىنى بىكتىپ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردىغان ئادەملەر ۋاقىتنىڭ يەنىلا ئۆز ئالقىندا ئىكەنلكىگە چەكسىز ئىشندۇ. بايلىق ئەقىل پاراسەت ۋە ۋاقتنىڭ بىرلەشمسى دېيش كېرەك.ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزۋاتقانلىقىمىز بىزنىڭ بايلىق ۋە نامراتلىقمىزنى تەكشۇرۇپ بېرلەيدىغان 2 ئەسۋاپ. ۋاقتىىزنى ئۆزىمىز نىشان قىلغان ئىشلارغا قارىتايلى،بەزىدە جىمجىت ياشاش،ئۇندىمەسلىك كېرەك.بۇنداق بولغاندا داۋراڭدىن،قۇرۇق ھاياجاندىن،
كىشلەر بىلەن بولغان ئالاقىمىزدىكى ئىسراپچلىقتىن، ئارتۇق سورۇنلاردىن خالى بولالايمىز.

2015-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
باغداشقا يوللاندى.

0

تېما

0

دوست

134

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   44.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34254
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تەڭرى تائالا قىيامەتتە ئىنساندىن ئەڭ دەسلەپتە ئىنسانغا بېرىلگەن ئالتۇندەك  قىممىتى بار ۋاقتىمىزدىن ھىساپ ئالىدۇ...شۇڭا چەكلىك ۋاقىتىمىزنى قەدىرلەپ..يىراق كەلگۈسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرايلى..ۋاقىتلىرىنى قەدىرلىەنلەرگە ۇلۇغ ئىھتىراملار بولسۇن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

69

دوست

6049

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 564
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1812
توردىكى ۋاقتى: 394
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكوم دوسلار :
    ئىنىمىز بىر توربەت قۇرۇپتىكەن قوللاش يۈزسىدىن ‹‹تەلەپ ۋە تەقدىم ››پىروگىراممىسىنى يوللاپ قويدۇم قانداق مەسىللار ۋە ئىھتىياج بولسا مۇنبەرگە قالدۇرساڭلار دەل ۋاختىدا پىقىر كەمىنە ياردەم قىلىمەن باشقىلارنىڭمۇ بۇر توربەتنى قوللاپ قويۇشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن !!!
توربىكىتىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئادرىسى ماكانىمىز مۇنازىرە مۇنبىرى

1

تېما

5

دوست

2809

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 806
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ، ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ئويلاندۇردىغان ، چۇقۇم بىلىشىمىز زۆرۈر بولغان مەزمۇن يوللاپسىز، تېمىڭىزدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ بىلىپ بىلمەي ۋاقىتنى قەدىرلىمەي ئۆتكۈزۈۋەتكەن چاغلىرىم توغرىسىدا ئويلىنىش قىلىپ قالدىم .

1

تېما

0

دوست

516

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7275
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-18
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان تېمىكەن، شۇڭا « ۋاقتىڭ كەتتى، بەختىڭ كەتتى » دەيدۇ كونىلار...
‹‹ ئالتۇن ئىچىدىكى نامراتلىق ››...

                                        ماۋۇ گەپ بەك ئوبرازلىق بولۇپتۇ.

0

تېما

1

دوست

492

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33156
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ۋاقىت ئالدى بىلەن بىر خىل مەۋھۇم ئۇقۇم ئۇ يەرشارنىڭ قۇياشنى ئايلىنشىدىن پەيدا بولغان،يەرشارى ناۋادا ئايلانماي جىم تۇرغان بولسا ياكى قۇياش يەرشارنى ئايلىنىپ قالغان بولسا ئۇ چاغدا ئىنسانلارنىڭ ۋاقىت ئۇقۇمى باشقىچە بولۇشى مۇمكىن،لىكىن بىزگە ئايانكى بىز كۈندۇز ۋە كىچىدىن ئىبارەت 24 سائەتلىك ئايلىنشىنى ھەركۈنى باشتىن كەچۇرىمىز،


ماۋۇ چۇشەندۇرۇش بەك ئىلمىي بولماپتۇ ، مېنىڭچە سىزنىڭ ۋاقىت توغرىسىدىكى ئىزدىنىشىڭىز تېخى كەمچىل ئىكەن ، ۋاقىت ھەرگىزمۇ ئاللىقانداقتۇر يەرشارىلارنىڭ ئايلىنىشىدىن شەكىللەنمىگەن...

0

تېما

0

دوست

504

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33477
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 150
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
7#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:32 |ئايرىم كۆرۈش
قۇياشنى يەر شارى ئايلانسۇن ياكى  ئايلانمىسۇن ۋاقىت ھامان  ۆتىۋىرىدۇ ئۇنى ئىگىسىدىن باشقا  ھىچكىم ۆزگەرتەلمەيدۇ  توختىتالمايدۇ قېرىندىشىم .

0

تېما

0

دوست

504

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33477
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 150
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
8#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:36 |ئايرىم كۆرۈش
   ( ئىنىمىز بىر توربەت قۇرۇپتىكەن قوللاش يۈزسىدىن ‹‹تەلەپ ۋە تەقدىم )
   
بوزقىردەك  مۇنبەر بولىشىنى ئۈمۇت قىلىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )