قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 780|ئىنكاس: 14

ئىلىكتىرماتورنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپلېرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4344
توردىكى ۋاقتى: 1725
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 10:21:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئادەتتە كۈپىنچىمىز تۇلۇقسىز 3- يىللىقتىكى فىزىكا دەرسىدىن ئىلىكتىرماتور تۇغرىلىق ئۈگەنگەنلېرىمىز ئارقىلىق ئىلىكتىرماتورنىڭ ئوخشىمىغان ماگىنىت قۇتۇپلېرىنىڭ تارتىشىشى ۋە ئوخشاش قۇتۇپلارنىڭ تىپىشىش قانونىيتىدىن پايدىلىنىپ ئىلىكتىر ئىنىرگىيسىنىڭ ھەركەت ئىنىرگىيسىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز.
  ئوڭ قول ۋېنت قائىدىسىدە بىراۋنى ماختىغاندەك (خو) ھالەتتە باش بارمىقىمىز كۆرسەتكەن تەرپى N، تۆت بارمىقىمىز ئورالغان سىمدا ئۈتىۋاتقان توكنىڭ تۈنىلىشى بۇلىدۇ. توك يۈنىلىشى مۇشۇ رەسىمدىكىدەك بولغاندا ئاۋۇ كۆرۈنۈپ تۇرغان بولتا N قۇتۇپ بۇلىدۇ، ئاستى تەرپى S قۇتۇپ بۇلىدۇ.

   ئاددى ئىلىكتىرماتور ئايلىنىشى تۇغرىلىق ھەممە يەرلەردە بالىلار ئۇيۇنچۇقلېرىدىن چىقىدىغان ئىلىكتىرماتورلارنى كۆرۈپ بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئايلىنىش يۈنىلىشىنى بىكىتىشتە ماگىنى مەيدانىدا تۇرغان ئۈتكۈزگۈچتىن توك ئۈتسە بىر تەرەپكە ئاغىدۇ. ئوڭ ياكى سول قول ئالقانلېرىنى يىيىپ باش بارماقنى 90 گىرادوس تىك قىلغاندا بارماقلېرىمىز توك يۈنىلىشىنى ئىپادىلىگەندە ئۈتكۈزگۈچ S قۇتۇپقا يىقىن بولغاندا ئوڭ قول باش بارمىقىمىز ئېغىش يۈنىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۈتكۈزگۈچ N قۇتۇپقا يىقىن بولغاندا سول قول باش بارمىقىمىز ئېغىش يۈنىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.  



تۇراقلىق توكلۇق ئىلىكتىرماتور ھەققىدە بۇرۇن ‹‹توكسىكىلىت قوزغاتقۇچىنىڭ ئىش پىرىنسىپى›› دىگەن تىمىدا تۇختالغان ئىدۇق. بوشلۇق سەۋەبىدىن بۇ يەردە قايتىلىماي. شۇ تىمىدىن كۆرسىڭىز بۇلىدۇ.

  ئۆزگىرىشچان توكلۇق ئىلىكتىرماتورلار ھەققىدە تۇختىلايلى.
ئايلىنىش پىرىنسىپى؛
   كۈپىنچە ئىلىكتىرماتورنىڭ توك مەنبەگە ئۇلىنىدىغان ئورامى سىتاتور(ئىلىكتىرماتور قاپ قىسمىدىكى مۇقىم ئۈزەك) سىم ئۇقۇرىغا ئورىلىدۇ.
   
سىرىتقى قاپتىكى ئورامدىن سىكونتىغا 50 گىرتىسلىق ئۆزگىرىشچان توك ئۈتكەندىن كىيىن ياكور ئۇقىدىن ئۈتۈپ يەنە بىر تەرەپكە ماگىنىت كۈچىنى ئۇزىتىدۇ، بۇ جەرياندا ياكور ئۈزىكى ئىچىدىكى تۇيۇق يوللۇق ئورامدا ئىندوكسىيلىك توك ھاسىل بۇلۇپ، ئىككى باشتىكى تۇتاشتۇرۇلغان قىسمى ۋە ئۈزەك ئارقىلىق ماگىنىت قاينىمى ھاسىل قىلىپ ياكور ئۈزەكتە كۈچلۈك ماگىنىت مەيدانى ھاسىل بۇلىدۇ ھەم ئىشچى ئورامنىڭ يۈكىنى ئاشۇرىدۇ، ئىككى سىملىق ئىلىكتىرماتورلاردا ئىندوكسىيلىك ئورام ئارقىلىق ھاسىل بولغان ماگىنىت بۆلگۈچ ئورام ماگىنىت ئىقىمىنى بۈلىشى بىلەن ياكور ئوق بىلەن سىتاتور ئارسىدا ئېغىش كۈچى ھاسىل بۇلۇپ شۇ كۈچنىڭ تەسىرىدە ياكور ئايلىنىپ ماگىنىت مەيدانىدا تۇختىماي يۈتكىلىۋاتقان ئۈتكۈزگۈچ ھاسىل بۇلىدۇ، ھەم ئىشچى ئورامنىڭمۇ قارشىلىقى كىچىكلەپ ئۈتىدىغان توك ئىقىمى ئازلايدۇ.
   
  ئەگەر ئايلانمىسا ياكور ئىندوكسىيە كۈچىنىڭ قارشىلىقى بىلەن ئىشچى ئورامنىڭ قارشىلىقى چوڭىيىپ توك ئىقىمى كۈچىيىپ كىتىشى بىلەن ئىلىكتىرماتور ئىشچى ئورامى 15 مىنوتقا بارمايلا كۈيۈپ كىتىدۇ.

ئورام ئوراش ئادەم كۈچى بىلەن بۇلىدۇ، باشقا نەرسىلەر ماشنىلاشقان بولسىمۇ ئىلىكتىرماتورلارنىڭ كۈپىنچىسىنىڭ ئۇقۇرى تار بولغاچقا ئادەم كۈچى بىلەن ئىشلەيدۇ. ئايرىم بىر قىسىم ئىلىكتىرماتورلارنىڭ سىم ئۇقۇرى كەڭ بولغاچقا ئۇ خىلدىكىلەرنى ماشنىلاشقان ئوراش ئەمەلگە ئاشقان.

ئەگەر ئىلىكتىرماتورلارنىڭ دىئامىتىرى چوڭ ئورامى ۋە دىئامىتىرى كىچىك ئوراملېرىنىڭ سانىنى ئۇخشاش قىلىپ ھەممىسىنىلا ئايرىم ئۇقۇرغا سالغاندا ئېغىتىش كۈچى بەك ئىشىپ كىتىپ ئىلىكتىرماتور قىزىيدىغان بۇلۇپ قالىدۇ،
  يەنى سىم ئوراملارنىڭ ئۈتۈشكەن يېرىدە بىر ئورامنىڭ كۈچلۈك ماگىنىت مەيدانىنى يەنە بىر ئورام ماگىنىت مەيدانى بىر تەرپىنى كۈچەيتسە يەنە بىر تەرپىنى يەنە بىر ئورامنىڭ چىشلەشكەن يېرى ئاجىزلىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇتتۇردا ئىندوكسىيە ماگىنىت قارشىلىقىدىن لەيلىمە ھالەتتە تۇرغان ياكورنىڭ بىر تەرپىنى تارتىپ بىر تەرپىنى تارتمايدىغان ھالەت شەكىللىنىپ ياكور ئايلىنىدۇ.
يەككە فازىلىق ئىلىكتىرماتور
ئىككى سىملىق ئىلىكتىرماتور يەككە فازىلىق ئىلىكتىرماتور دىيىلىدۇ، ئادەتتە كۈپىنچە قوزغىتىش ئۇسولى كوندىساتورلۇق قوزغىتىش ئۇسولىدا بۇلۇپ ، يەنە بەزىلېرىدە ماگىنىت ئىقىمىنى قىسقا يوللۇق ئىندوكسىيە ئورامى ئارقىلىق بۈلىدىغانلېرىمۇ بار.
  كوندىساتورلۇق قوزغىتىشتا ئىككى ئورام گۇرۇپپىسى بۇلىدۇ، بىرى ئىشچى ئورام، يەنە بىرى ئىندوكسىيە ئورامى. ئىككى ئورام گۇرۇپپىسى بىر-بىرىگە 90 گىرادوسلۇق ھالەتتە چىشلىشىپ تۇرىدۇ.
   
  ئۈچ سىملىق ئىلىكتىرماتور
  ئۈچ سىملىق ئىلىكتىرماتوردا ئۈچ گۇرۇپپا سىم ئورامىغا كىرىدىغان توك بىسىمى بىرىنىڭ يۇقىرىراق بولسا بىرىنىڭ تۈۋەنرەك،يەنە بىرىنىڭ تىخىمۇ تۈۋەن. بىرىنىڭ يۇقىرى بولغاندا بىرىنىڭ يوق، بىرىنىڭ مۇسبەت بىسىم بولغاندا يەنە بىرىنىڭ مەنفى بىسىم يەنە بىرىنىڭ يېرىم بىسىم ھالىتىدە تۇرۇپ ھەر-بىر ئورام گۇرۇپپىسى نۇۋەت بىلەن ئىشچى ئورام ۋە ئېغىتقۇچى ئورام بۇلۇپ ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ.
1- 2- u=2230555684,3376765772&fm=21&gp=0.jpg

   يۇقىرىدىكى رەسىمنىڭ بىرىنچىسى كۆپ قۇتۇپلۇق ئىلىكتىرماتورنىڭ ياكور ئۇقىنىڭ ئايلىنىشى، ئىككىنچىسى بولسا ئىلىكتىر ئىستانسىنىڭ گىزراتورىدىن كەلگەن توك مەنبەنىڭ دۇلقۇن كۆرسىتىلىشى. ئىككى قۇتۇپلۇق ئىلىكتىرماتورغا بۇ مەنبە بېرىلگەندە ئايلىنىشى گىنراتورمۇ ئىككى قۇتۇپلۇق بولغان ھالەتتە گىنراتور بىلەن پۈتۈنلەي ئۇخشاش بۇلالمايدۇ. چۇنكى ئىلىكتىرماتورنىڭ سىتاتىر ۋە ياكور ئۈزەكلېرىدە بىر قىسىم ئىنىرگىيە ماگىنىت ئىقىمى بۇلۇپ خوراپ تۈگەيدۇ. شۇڭا گىنراتوردىن  چىققان توك چاستوتىسى 50گىرتىسلىق بولغان ھالەتتە ئىلىكتىرماتورغا بىۋاستە بېرىلسە ئايلىنىشى 3000دىن ئىشىپ كىتەلمەيدۇ. ياپونىيەدە ئىشلىتىدىغان توك چاستوتىسى 100 گىرتىس بولغاچقا ئىككى قۇتۇپلۇق ئىلىكتىرماتور ئايلىنىشى 5800 دىن ئىشىپ كىتىشى مومكىن، ئىلىكتىرماتورغا نىسبەتەن توك چاستوتىسى يۇقىرى بولسا ئۈنۈمى يۇقىرى بۇلىدۇ، ئەمما چاستوتىسى يۇقىرى توك ئۇزىتىشتا ئاسان خورايدۇ. ئەلۋەتتە ئۇنداق ئىلىكتىرماتورلارنىڭ سىتاتىر ۋە ياكور ئۈزەكلېرىنىڭ ماتىريالىمۇ بىز ئىشلىتىۋاتقان 50 گىرتىسلىق .ماتورنىڭكىگە ئۇخشىمايدۇ. بىز ئىشلىتىۋاتقنلېرىمىز 60گىرتىسقىچە نورمال ئىشلەيدۇ.
  كۆپ قۇتۇپلۇق ئالىكتىرماتور  
   ئادەتتە مۇقىم ئاستا سۈرئەتتە ئايلىنىدىغان ئايلىنىش مەنبەسىگە ئېھتىياجىمىز بولغاندا ئىلىكتىرماتورنى كۆپ قۇتۇپلۇق قىلىش ئارقىلىق ئېھتىياجىمىزغا لايىق ئايلىنىشنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ. بەزىلېرىڭلار بۇرۇنقى چوڭ كىنو لېنتىسىدەك ماگىنىتلىق ئۈن لېنتىسى قويغۇچلارنى كۆرگەن بۇلۇشۇڭلار مومكىن، شۇنىڭ ئىلىكتىر ماتورىمۇ مىنوتىغا 330نى ئايلىناتتى. كىرىدىغان توك ئۇخشاشلا 50 گىرتىسلىق.
ئىككى قۇتۇپلۇق  2850
تۆت قۇتۇپلۇق   1480
ئالتە قۇتۇپلۇق   1100
سەككىز قۇتۇپلۇق 750
   گەرچە ئىلىكتىرماتورنى خالىغان ئايلىنىشقا كەلتۈرگىلى بولسىمۇ ئايلىشى تۈۋەن بولغانچە ئىش ئۈنىمى تۈۋەنلەيدىغان يېرى بار، مەسلەن ئالغاندا ياكور سىتاتىردىكى ھاسىل بولغان ئىككى قۇتۇپنىڭ ماگىنىت ئۈتۈش يۇلى دىسەك ئۇ چاغدا كۆپ قۇتۇپلۇق بولغاندا ھەر-قايسى قۇتۇپلارنىڭ ماگىنىت سىزىقلېرى ماڭىدىغان بوشلۇق ۋە بىر قىسىم ياكور ئېغىتقۇچى ئورامىدا ھاسىل بۇلىدىغان ئىندوكسىيلىك توكتىن چىقىدىغان قارشىلىق كۈچىنىڭ بىر قىسمى ئۆز ئىچىدە خوراپ تۈگەيدۇ.  يەنە 16 قۇتۇپلۇق ئىلىكتىرماتور مىنوتىغا 330 نى ئايلىنىدۇ دىسەك شۇ ئىلىكتىرماتور ئىچىدىكى سىم ئۇقۇرلېرى ئىچىدىكى ھەر-بىر قۇتۇپ بۈلۈنگەن يەردىكى بىر تۈۋرۈك تۈمۈر ئۈزەك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماي قالىدۇ. ھەم ماگىنىت كۈچىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىسراپ بۇلۇپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈنىمىمۇ تۈۋەنلەپ كىتىدۇ.
   يۇلتۇز ئۇلاق، ئۈچ بۇلۇڭلۇق ئۇلاق ئۇسوللېرى بولسا ئىلىكتىر ماتورغا سالىدىغان سىمنىڭ دىئامىتىرىغا بولغان ئۆلچەم سەۋەپلىك مەيدانغا چىقىدۇ، ئىنچىكەرەك سىمنى ئورام سانى كۆپ قىلىپ ئوراپ ئۈچ بۇلۇڭلۇق ئۇلاق قىلسا ھەر-بىر ئورامغا كىلىدىغان بىسىم 380 ۋولىت بۇلىدۇ، يەنە دىئامىتىرى كىچىكرەك سىمنى ئورام سانى ئازراق قىلىپ ئوراپ يۇلتۇز ئۇلاق قىلغاندا بىسىم ئىككى ئورامغا بۈلۈنۈپ يەنىلا شۇ 380 ۋولىت بىسىمغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.
  ئىلىكتىرماتور ئوراش
مەن ئىلىكتىرماتور ئوراپ باقمىغىلىمۇ، كىتاپلارنى كۆرمىگىلىمۇ 20 يىلدىن ئىشىپتۇ، شۇڭا كۈپىنچە فورمۇلا ۋە باشقا تەپسىلاتلار ئىسىمدىن كۈتۈرلۈپ كىتىپتۇ. بۇ تۇغرىدا ئارتۇقچە سۆزلىمەي. ئادەتتە ئىلىكتىرماتور رىمونتچىلىقىدا بەك يۇقىرى تەلەپمۇ يوق، شارائىت بولسا ھەممە مەشغۇلاتنى كۆرۇپ ئۈگەنسە ياخشى، شارائىت بولمىغاندا كىچىكرەكلېرىدىن باشلاپ ئۈگەنسە بۇلىدۇ. سىمنىڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى ئىزۇلياتور سىرىنىڭ بۇزۇلماسلىقى ۋە سىملارنى رەتلىك سىلىش مۇھىم. ئورامى بۇزۇلغان ئىلىكتىرماتورلارنىڭ كۈيۈپ كەتكەن سىمىنى چىقارغاندىن كىيىن سىم دىئامىتىرى ۋە ھەر قايسى گۇرۇپپا سىم ئورامنىڭ ئورام سانىنى ياخشى ساناپ خاتىرلەپ قۇيۇپ شۇ بۇيىچە تەييارلاپ سېپ قويسىلا بۇلىدۇ. سىم ئۇچلېرىنى ئۇلاش ۋە سىم ئورامنىڭ يۈنىلىشىنىڭ ئالمىشىپ قالماسلىقى مۇھىم. ھەر بىر ئورامنى سالغاندا ئورام يۈلىنىشىگە دىققەت قىلىپ سالمىسا كىيىن سىم ئۇچىنى تىپىپ بۇلالماي ئالماشتۇرۇپ ئۇلاپ قويسا ئايلىنىشى ياخشى بولمايدۇ.  يىڭى ئۈگەنچىلەر بولسا كونا توك سائەتلېرىنىڭ ئوراملېرىنى قايتا ئورام قىلىپ كىچىك ئۇچاقلارغا ئىشلىتىدىغان شامالدۇرغۇچ ۋە يازلاردا ئۆيدە ئىشلىتىدىغان شامالدۇرغۇچلارنى ئوراپ بىر-نەچچە قىتىم سىناپ باقسا بۇلىدۇ. خەنزوچە بىلىدىغانلار 单相电动机绕线方法图解، 三相电动机绕线方法图解 的, دىگەن خەتلەرنى ئىزدەتسە رەسىملىك پايدىلىنىش ماتىرياللېرىنى تاپقىلى بۇلىدۇ.
   تۈۋەندىكى فىلىمنى تەپسىلىرەك كۆرۈپ بىقىڭ .
   
   

http://v.youku.com/v_show/id_XNDkwNDQ3MDcy.html
مۇناسىۋەتلىك تىما ئىلىكتىرماتور ۋە ئىش ئۈنىمى
u=4254844215,2713185150&fm=21&gp=0.JPG

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4344
توردىكى ۋاقتى: 1725
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 23:08:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

443

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   71.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21358
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 138
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 08:28:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما

0

تېما

19

دوست

3974

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1149
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 10:59:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ۋۇي بۇنى    زىرىكمەي  قانداقمۇ قىپ بولغانسىز ،        مەن بۇنداق نەرسىلەرگە  بەك قىزىقمەن  لىكىن بىر دەم قاراپ تۇرسام  بىشىم قىيىپ كىتىدۇ  ،  

كۆپىنچە  رىمۇنىتچىلار بۇ قائىدىلەرنى بىلمەمدىكىن دەيمەن  ،  مەن  بۇزۇلۇپ قالغان ئۆسكۈنىلەرنى رىمۇنىتچى ئۇستامنىڭ قىشىغا ئاپارسام  ئوڭشاپ بەرمەي  سايمان  قاتارى بوپ كىتىدۇ  .

ئەجرىڭىزگە  كۆپ تەشەككۇر  

0

تېما

0

دوست

347

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   23.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32942
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 113
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 13:21:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر .ما باش رەسىمىڭىز كۆمۈرماتورنىڭ شەكلىما

0

تېما

12

دوست

4153

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22001
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1270
توردىكى ۋاقتى: 232
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 14:58:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت!

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4344
توردىكى ۋاقتى: 1725
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 15:52:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
etiwa يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 13:21
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر .ما باش رەسىمىڭىز كۆمۈرماتورنىڭ ش ...


ئاۋىئاتسىيە ماتورى
航空发动机

搜狗截图 7年01月01日0007_1.jpg

0

تېما

2

دوست

396

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25893
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 128
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 18:03:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 15:52
ئاۋىئاتسىيە ماتورى
航空发动机

ئىلىكتىر ساھەسىدە  كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىسىز  يازغان ھەر بىر تىمىڭىز نورغۇن ئەجر ۋاقىت  زىھىن سەرپ قىلىپ روياپقا چىقىدۇ. .. لازىملار ئىزدەپ كۆرىمىز تور شارائىتىدا    ئەمما  ئويلاپ قالدىم    بولسا شۇ تىمىلېرىڭىزنى كىتاپ قىلىپ  نەشر قىلدۇرساق قانداق بولار  ؟بۇنداق بولسا ئەجرىڭىزمۇ بوشقا كەتمىگەن ئوگەنگۈچىلەرگە مەنپەئەت بەرگەن بولاتتى.   
بۇ ھەقتە ئويلىشىپ باقسىڭىز. ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )