قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5102|ئىنكاس: 90
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

NASA: بىر ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ دېگەنلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

154

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1165
تۆھپە : 4231
توردىكى ۋاقتى: 1577
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 10:53:15 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بىر ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ دېگەنلىرى

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى

بۈگۈن (يەنى ئامېرىكا ۋاقتى بويىچە 2015-يىلى 17-فېۋرال كۈنى) بىزنىڭ ئىدارىمىز ج پ ل نى زىيارەت قىلىپ كەلگەن بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى بىزگە بىر سائەت دوكلات بېرىپ، ئۆزىنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى ھاياتى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.  

ئۇ رۇسىيىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئالىكزاندېر مىسۇركىن ئىكەن.  ئالىكزاندېر باشقا بىر قانچە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن 2013-يىلى 28-مارت كۈنى خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا چىقىپ، ئۇ يەردە جەمئىي 166 كۈن ئىشلىگەن.  ئاشۇ قېتىم ئىشلىتىلگەن ئالەم كېمىسى بۇرۇنقىلىرىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئاشۇ قېتىمقى سەپەردە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۇرۇن 2 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىدىغان سەپەرنى تۇنجى قېتىم 6 سائەتتە تاماملىغان.  بۈگۈن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بىرى ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن ئاشۇ قېتىم خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا 6 سائەت چىقالىغانلىقىنى سورىغاندا، ئالىكزاندېر «ئۇ قېتىم ئىشلىتىلگەن، ئالەم كېمىسىنى كونترول قىلىدىغان كومپيۇتېر كونترول سىستېمىسى بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى بولدى»، دەپ جاۋاب بەردى.  

p02_misurkin_nasa.png
1-رەسىم: رۇسىيە ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالىكزاندېر مىسۇركىن (Alexander A. Misurkin)


ئالىكزاندېر مۇشۇ قېتىملىق سەپەرگە جەمئىي 2 يىل تەييارلىق قىلغان.

بۇنداق سەپەردە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر شارىدىن خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئۇتتۇرلا قونمايدۇ.  بەلكى خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا يېتىپ بارغان ئالەم كېمىسى يەر شارىنى بىر قانچە قېتىم ئايلىنىپ، تېزلىكىنى خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ ئۇچۇش تېزلىكى بىلەن قەدەملەشتۈرۈپ، ئاندىن ئۇنىڭغا قونىدۇ.  ئالىكزاندېر بارغان ئاشۇ قېتىم ئۇلار ئالدى بىلەن يەر شارىنى 2 قېتىم ئايلىنىپ، ئاندىن خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا قونغان.

ئالىكزاندېر خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا بىر ئۇچۇش ئىنژېنېرى بولۇپ بارغان بولۇپ، ئاشۇ قېتىملىق مەشغۇلات جەريانىدا ئۇ 3 قېتىم، جەمئىي 20 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىپ، فىزىكىلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارغان.  ئالەم بوشلۇقىدا بىر قېتىمدا ئەڭ ئۇزۇن تۇرغان ۋاقتى 7 سائەتتىن كۆپ بولغان.  خەلقئارا ئالەم پونكىتى يەر شارىنى يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 330 – 435 كىلومېتىر كېلىدىغان ئوربىتلاردا ئايلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ يەر شارىنى ھەر 93 مىنۇتتا بىر قېتىم تولۇق ئايلىنىپ بولىدۇ.  ئۇنىڭ مېڭىش تېزلىكى سائىتىگە 27600 كىلومېتىر.  شۇنداق بولغاچقا ئالىكزاندېر ئالەم بوشلۇقىدا 7 سائەتتىن ئۇزۇنراق ۋاقىت مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، خەلقئارا ئالەم پونكىتى يەر شارىنى 4.5 قېتىم ئايلىنىپ بولغان.  يەنى، كۈندۈز بىلەن كېچە تۆت يېرىم قېتىم ئالمىشىپ بولغان.  ئەمما ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا كىيىدىغان كىيىمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن قاتتىق كونترول قىلىنىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئالىكزاندېر تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشلىرىنى ئاساسەن ھېس قىلمىغان.  ئۇنىڭ بېشىغا كىيىۋالغان باش كىيىمىنىڭ ئالدى تەرەپتىكى ئەينىكى 2 قەۋەت بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتقى بىر قەۋىتىدە نۇر سۈزگۈچ (نۇرنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ماددا) بار ئىكەن.  ئالىكزاندېر ئۇ سۈزگۈچ بار قەۋەتنى كۈندۈزى ئىشلىتىپ، كېچىسى ياخشىراق كۆرۈش ئۈچۈن ئۈستىگە قايرىپ قويىدىكەن.


p03_erkin.JPG
2-رەسىم:  ئالىكزاندېر مىسۇركىن بىلەن مەن، يەنى بىلىمخۇمار.  بۇ رەسىم 2015-يىلى 17-فېۋرال كۈنى تارتىلغان. مەن كەلگۈسىدە ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ چۈشكەن بىر ئۇيغۇر يىگىتى ياكى بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن مۇشۇنداق بىر خاتىرە رەسىمى چۈشۈۋېلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن.


خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا تۇرغان 166 كۈن جەريانىدا، ئالىكزاندېر ھەر كۈنى كەم دېگەندە ئىككى يېرىم سائەت يۈگۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ئۈستىدە چېنىققان.  ھەمدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 35 پىرسەنت ۋاقىتتا ئۇخلىغان.  ئۇخلىغان ۋاقىتتا دۇمبىسى «كارۋات» قا، بېشى «ياستۇق» قا تەگكەن-تەگمىگەنلىكىنى ئانچە ھېس قىلالمىغان.  يەنى، خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا ئادەمنىڭ ئېغىرلىقى يوقاپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇ يەرگە چىققان ئادەملەر تۇرۇبا شەكلىدىكى ئۆيلەردە ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ.

ئەگەر تارتىش كۈچى فورمۇلاسىغا سېلىپ ھېسابلاپ باقسىڭىز، خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى يەر يۈزىدىكى تارتىش كۈچىنىڭ تەخمىنەن 97 پىرسەنتىگە تەڭ ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.  ئەمما خەلقئارا ئالەم پونكىتى بىر چەمبەرسىمان ئوربىتتا ئىنتايىن تېز ئايلىنىپ تۇرغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىدە يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن مەركەزدىن قېچىش كۈچى ئوز-ئارا يېيىشىپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئادەمنىڭ ئېغىرلىقى يوقاپ كېتىدۇ.  شۇڭلاشقا سىز خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ ئىچىدە بىر تال بارماق قولىڭىز بىلەن بىر كىچىك ماشىنىنى كۆتۈرەلەيسىز.

خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىن قايتىپ چۈشكەندە، ئالىكزاندېر قازاقىستاندىكى ئالەم مەركىزىگە قونغان بولۇپ، ئالەم كېمىسىدىن يېڭى چۈشكەندە ئۆزى يول ماڭالماي، ئۇنى باشقىلار كۆتۈرۈپ ماڭغان.  ئولتۇرۇش ۋە ئورنىدىن تۇرۇش، ۋە بىر كىچىك دۆڭگە چىقىش قاتارلىقلارنى ئازراق مەشىق قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇ ئۆزى يول ماڭالىغان.  ئالەم بوشلۇقىدىن قايتىپ چۈشۈپ 6 ئاي ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۆزى ماشىنا ھەيدىيەلىگەن.  

«سىزنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى بولغۇسى بار ياشلارغا نېمە تەۋسىيە سۆزىڭىز بار؟» دەپ سورىغاندا، ئالىكزاندېر «ھەرگىز «مەن ئۇنداق ئىشنى قىلالمايمەن»، دەپ ئۆزۈڭلاردىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئالەم بوشلۇقىغا چىقمۇغىچە بەلنى قويۇۋەتمەڭلار»، دېدى.

ئالىكزاندېر 1977-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ دەسلىۋىدە رۇسىيىنىڭ ھاۋا ئارمىيىسىدە بىر ئۇچقۇچى بولغان.  كېيىنچە كەسپىنى ئالەم ئۇچقۇچىسى كەسپىگە ئۆزگەرتكەن.  ئۇ ھازىر كەلگۈسىدە ئاستېرويد (كائىنات ئۇچار تاشلىرى) ۋە مارسقا بېرىشنى نىشانلاۋېتىپتۇ.  ھەمدە خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا قىلىدىغان 2-قېتىملىق سەپىرىگە تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ.

ئالىكزاندەر بۈگۈن بىزگە ئۆزى خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا تۇرۇپ تارتقان خېلى كۆپ رەسىملەر بىلەن بىر 30 مىنۇتلۇق فىلىمنىمۇ كۆرسەتتى.  لېكىن مەن تورنى ئىزدەپ، ئۇ تارتقان رەسىملەرنى تاپالمىدىم.  ئەمما ئۇ ئالەم بوشلۇقىدا تۇرىۋاتقان ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈشلەر تورلاردا كۆپ ئىكەن.  تۆۋەندىكىسى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە پارچە رەسىملەر.

p04_misurkin_nasa.png

p05_nasa_misurkin.jpg
p06_nasa_misurkin.jpg
p07_nasa_misurkin.jpg

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 3293
توردىكى ۋاقتى: 841
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 13:11:51 |ئايرىم كۆرۈش
ئالەم پونكىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى زادى قانچىلىك كىلىدۇ؟

يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

154

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1165
تۆھپە : 4231
توردىكى ۋاقتى: 1577
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 13:26:45 |ئايرىم كۆرۈش
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 13:11
ئالەم پونكىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى زادى قان ...

خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئۆلچەملىرى: ئۇزۇنلۇقى 109 مېتىر، كەڭلىكى 71 مېتىر.  ئالەم ئۇچقۇچىلىرى پەقەتلا تۇرۇبا شەكىللىك قۇرۇلما ئىچىدە مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئۇ قۇرۇلما ئانچە چوڭ ئەمەس.

0

تېما

1

دوست

1138

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33156
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 338
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 15:25:53 |ئايرىم كۆرۈش

标题

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   LAQIN610 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-18 15:28  

ئۆتكەندە ، خەلقئارا ئالەم پونكىتى ئۇرۇمچى ئاسمىنىدىن ئۆتكەندە ، مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم، خۇددى يورۇق ئاقار يۇلتۇزغا ئوخشايدىكەن ، ناھايىتى تىزلا ئۆتۈپ كەتتى . مېنىڭ كۆرۈش دائىرەمدىم ئۆتكىچە بىر مىنۇتمۇ ۋاقىت كەتمىدى ، مەن بۇنداق ئىسىل كۆرنۇش ، ئىسىل ۋاقىتلارنى توردىن تېپىپ ، ئاشۇلارنى كۆز بىلەن كۆرۈشكە تەييارلىق قىلىپ تۇرىمەن ، ئالەم پونكىتى باشقا سۇنئىي ئۇچار جىسىملارغا قارىغاندا ، ئىگىزلىكى جىق تۆۋەن ، ئاران 370 كىلومېتردىن 500 كىلومېتر ئارلىقىدا بولىدۇ ، كۆز بىلەن كۆزەتكىلى بولىدۇ ،  قىزىقىدىغان تورداشلارنىڭ شۇ ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

66

تېما

24

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13594
توردىكى ۋاقتى: 6677
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 16:07:00 |ئايرىم كۆرۈش

ۋاڭ ياپىڭنىڭ ئالەم بوشلىغىدىمۇ 74كىلوگىرام كېلىشى،ئېغىرلىق(ماسسا) ۋە ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تاشقى تەسىرنىڭ مەھسۇلى،يەنى ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭ مەھسۇلى دىگەن ئەنئەنىۋى قاراشنى ئىنكار قىلىپ،ئېغىرلىق ۋە ئىغىرلىق كۈچىنىڭ جىسىم ئۇزىگە خاس ئىچكى رىياللىق،ئىچكى كۈچ ئىكەنلىگىنى،ئۇنىڭ ساقلىنىدىغانلىغىنى كۇرسەتسە كىرەك.....

3

تېما

1

دوست

1459

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7407
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 218
تۆھپە : 324
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 16:07:10 |ئايرىم كۆرۈش
نۆۋەتتە روسىيەدىن باشقا دۆلەتلەردە بوشلۇق پونكىتى يوقمۇ؟ ياكى بوشلۇق پونكىتى قۇرىدىغان پىلان يوقمۇ؟ بوشلۇق پونكىتىدىن بىرنى قۇرۇش ئۈچۈن نەچچە ئون يىل ۋاقىت كىتىدۇ توشۇغۇچى راكىتادىن نەچچە ئوننى قويۇپ بىرىپ   توشۇپ ئاچىقىلغان بوشلۇق پونكىتىنىڭ بۆلەكلىرى بوشلۇقتا تەدرىجى قۇراشتۇرىلىدۇ دەپ ئاڭلىغان.ھازىرقى تىخنىكا سەۋىيەسىدىمۇ شۇنداق ئۇزان ۋاقىت ۋە ھىسابسىز خىراجەت كىتەمدۇ؟بىر زامانلاردا ئىسىمدە قىلشىچە روسىيەدە بوشلۇق پونكىتىدىن ئىككىسى بولىدىغان.بىرىنىڭ ئىشلىتىش مۇددىتىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى سەۋەپلىك پارچىلاپ چۈشۈرىۋەتكەنلىكى يەنە بىرىنىڭ بولسا ئىشلىتىلىش مۇددىتى 15 يىل بولۇپ بىرقىتىم رىمونت قىلىنغاندىن كىيىن تەخمىنەن 25 يىلغا ئۇزارتىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرگەنىدىم.ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان خەلقئارا بوشلۇق پونكىتى شۇمۇ؟ ئۇنىڭدىن پايدىلانغۇچى ئەللەر روسىيەگە ئىجارە تۆلەمدۇ؟ شۇنىڭغا قارىغاندا روسىيەنىڭ ئالەم قاتنىشى تىخنىكىسى يەنىلا ئىزچىل ئالدىنقى سەۋىيەدە كىتىۋاتىدۇ دەپ چۈشەنسەك بولامدۇ؟(بۇنداق سورىشىمغا بىرچاغلاردا ئامىرىكىنىڭ روسىيە بىراك قىلغان بىر ئالەم ئايرۇپىلانىنىڭ ماتورىنى سىتىۋالغانلىقى مىنى قىزىقتۇردى)

145

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5789
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 2670
تۆھپە : 2717
توردىكى ۋاقتى: 2348
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 16:14:00 |ئايرىم كۆرۈش
بىلىمخۇمار ئەپەندىم سىزگە كۆپ رەخمەت،ئاللاھ سىزنى،ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ئامان قىلسۇن.

145

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5789
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 2670
تۆھپە : 2717
توردىكى ۋاقتى: 2348
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 16:14:04 |ئايرىم كۆرۈش
بىلىمخۇمار ئەپەندىم سىزگە كۆپ رەخمەت،ئاللاھ سىزنى،ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ئامان قىلسۇن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )