قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 5608|ئىنكاس: 120

ھەركەت ئەگرىلىكى ۋە تەدبىقلىنىش دائىرىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

79

تېما

40

دوست

10 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 11835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2628
تۆھپە : 29050
توردىكى ۋاقتى: 10297
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-26

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 12:09:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-19 00:25  

ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى:

مەن بۇ تېمىنى ئېچىلغۇسى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۇزۆش ئۈچۈن تەييارلاۋاتىمەن.شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسىنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىش پىلانلانغان مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇشۇنداق بىر تېمىنىڭ بولىشى زۇرۇر دەپ قارىدىم.ماقالىلەر توپلىمى يىغىندىن ئىلگىرى مۇتەخەسىسلەرگە يەتكۆزۆپ بېرىلىدۇ.يىغىندا ماقالىلەرنىڭ جەۋھەر قىسمى PPT ھۇججىتىگە ئايلاندۇرۇلۇپ ئوقۇلىدۇ.بۇنداق قىلىشتا ۋاقىت تىجەش ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ پىكىر بايان قىلىشىغا كۇپرەك ئورۇن قالدۇرۇش نەزەردە تۇتۇلغان.
مەن بۇ تېمىنى يېزىش جەريانىدا قايتا-قايتا تەھرىرلەپ پىششىقلايمەن.پىرىنسىپال قاراشلىرىمدا ۋە ئىپادىلەش جەھەتتە مەسىلە بايقىغان كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ تەنقىدى پىكىر بىرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

ھەركەت ئەگرىلىكى ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى

__ شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-41تىئورمىلىرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى،چېتىلىش دائىرىسى قاتارلىقلار

قاسىم سىدىق


ئاساسى مەزمۇنى:
ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئەگرى بولىدۇ.بۇ بىر ئىنىرىتسىيىلىك ئەگرىلىك بۇلۇپ،بۇنداق ئەگرىلىكنىڭ فىزىكىلىق سەۋەبى 29-41-تىئورمىچە ئېغىشتىن ئىبارەت.ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچىدىن تارتىپ،پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسى،بىر پۈتۈن ماكرۇ ئالەم بۇنداق ئېغىشقا قاتنىشىدۇ ۋە ئۇنى ئىپادىلەيدۇ. ھەركەت ئەگرىلىكى ئىدىيىسىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ.كىۋانىت فىزىكىسى بىلەن كىلاسسىك فىزىكىنى ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن بىرلىككە كەلتۆرۆشتىن ئۈمىت بار.29-تىئورما تەجىربە نەتىجىلىرى نۇۋەتتىكى فىزىكىدىكى ئېنىرىتسىيە قانۇنى،تەڭ ئۈنۆم پىرىنسىپى،ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنى،ئېينىشتېيىن ماكان ئەگرىلىگى ئىدىيىسى،دولقۇن- زەررىچە ئىككى ياقىلىمىلىق خارەكتىر،دەۋرىلىك،سىممىتىرىكلىك ۋە ئۇنىڭ بۇزۇلىشى   قاتارلىقلار ئۈستىدە قايتا ئويلۇنۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۇزلەر:ھەركەت ئەگرىلىگى.29-41-تىئورما.ئالاقىدار تەجىربىلەر.

شەكىل نەزەريىسىدىكى ئىدىيە ۋە تەشەببۇسلارنىڭ چېتىلىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ،بىر مۇنچە يېڭى ئۇقۇملارنى ئۇز ئىچىگە ئالغان بولغانلىغى ئۈچۈن،بىر قېتىلىق ئىلمى مۇھاكىمىدە ئۇلار ھەققىدە تەپسىلى توختۇلۇش مۆمكىن ئەمەس.شۇڭا مەن ئېچىلغۇسى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا پەقەت بۇ نەزەريىنىڭ  نۇرغۇن مۇنازىرىلەرگە سەۋەپ بولغان29-تىئورمىسى ،بۇنداق لوگىكىلىق ئىدىيەنىڭ ئىلمى،تارىخى ئاساس ۋە يىلتىزلىرى ھەققىدە قىسقا ۋە نۇقتۇلۇق توختۇلىمەن.
مىنىڭ بايانىم تۆۋەندىكىچە تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ:

1.مىنىڭ 29-تىئورمىنى كەلتۆرۆپ چىقىرىشتىكى تەپەككۆر جەريانىم .
2.     29-ۋە 41-تىئورمىلارنىڭ بايانى ھەققىدە.
3.بۇ تىئورمىچە ئېغىشقا ئالاقىدار كىلاسسىك ۋە ھازىرقى زامان قوللۇنۇشچان فىزىكىسىدىكى قاراشلار،ئىدىيەلەر،قانۇن ۋە ئىففىكىتلار.
4.ئاخىرقى سۇز.

1.مىنىڭ 29-تىئورمىنى كەلتۆرۆپ چىقىرىشتىكى تەپەككۆر جەريانىم


بۇ جەريان مۇنداق ئۈچ باسقۇچنى ئۇز ئىچىگە ئالىدۇ:
1.فىزىكىلىق شەكىل ئۇقۇمىنى تۇرغۇزۇش جەريانى.
2.ئارقا كۇرۇنۈش ئۇقۇمى ۋە ئاق قەغەز مودىلىنى تۇرغۇزۇش جەريانى.
3.مۇتلەق ھەجىم ئۇقۇمى ۋە “ئېن”غا ئىرىشىش جەريانى.

مەن ۋاقىت ۋە سەھىپە چەكلىمىسى سەۋەبىدىن بۇ يەردە 29-تىئورمىنىڭ ئەڭ بېۋاستە مەنبەسى بولغان 3-باسقۇچ ھەققىدىلا قىسقىچە توختىلىمەن.

ئالاھىزەل بۇنىڭدىن 45يىللار ئىلگىرى بولسا كىرەك،يەنى 1967-يىلى ئەنگىليەلىك بىر ئالىمە ئەڭ دەسلەپ نېتىرۇن يولتۇزنى بايقىدى.مۇشۇ بايقان مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلغان “ئېمپۇلىس يۇلتۇزلار”سەرلەۋھەلىك كىتاپنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى مىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدا ئىچكى تۆزۆلۈشكە ئىگە بولمىغان،قايتا پارچىلانمايدىغان ۋە پارچىلىغىلى بولمايدىغان ھەقىقى مەنىدىكى بىر ئېلىمىنتار بىرلىك بار دىگەن ئىدىيىگە كېلىشىمگە تۇرىتكىلەرنىڭ بىرى بولدى.ئەلۋەتتە بۇ يەردە نەزەريىۋى مودىل بولمىش قارا ئۇڭكۆر،غەيرى نۇقتا قاتارلىقلارنىڭ ئىشتىراكىمۇ بار. مەن پەرەز قىلىنغان مۇشۇنداق بىرنەزەريىۋى، ماددى ئىلىمىنتار بىرلىككە “ئېن”دەپ نام بەردىم.بۇ نامنى بېرىشتە مىنىڭ فىزىكىلىق شەكىل ئۇقۇمىنى تۇرغۇزۇشتىكى ئىلھام مەنبەلىرىمنىڭ بىرى بولغان ئېينىشتېيىننى خاتىرلەش ئۈچۈن ئىدى.
ئەمدى قالغان تەپسىلات ۋە مۇھاكىمىلەرنى باشقا تېمىغا قالدۇرۇپ قويۇپ،بۇ تېمىنىڭ ئېھتىياجىنى كۇزدە تۇتۇپ،مۇشۇ “ئېن”نىڭلا ھەركەت شەكلى ئۈستىدە نۇقتۇلۇق توختىلىمەن.

ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە (“ئېن”)مەۋجۈت دەپ قارالسا ،بۇھالدا ساقلىنىش قانۇنلىرى،بۇلۇپمۇ بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنى نەزەرگە ئالغان ئەھۋالدا ئۇنىڭ ھەركەت شەكلىنى مۇقەررەر ھالدا ئەگرى بولىدۇ،دىگەن يەكۈنگە ئىرىشىمىز.بۇنداق يەكۈننىڭ بىر قانچە ئاساسى بار،ئەڭ مۇھىملىرى:
1.ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچىلەر ئۇزىدە كۈچ توشۇغۇچى زەررىچە دىگەندەك زەررىچىلەرنى ئۇز ئىچىگە ئالمىغان بولىدۇ.بۇنداق زەررىچىلەرنى ئۇز ئىچىگە ئالسا بۇ ھالدا بۇنداق زەررىچە ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە بولمىغان بولىدۇ.
2.بۇنداق زەررىچىلەرنىڭ سىتىخيىلىك(ماھىيەتتە قانۇنىيەتلىك)ھەركەت شەكلى جەزمەن ئەگرى بولىشى كېرەك.مۇبادا ئۇلارنىڭ ھەركىتى تۇز بولىدۇ،دەپ قارالسا بارلىق ھاسىلى زەررىچىلەر ۋە ئاندىن بىز،ھاياتلىق،فىزىكىلىق ئالەم،ئاسمان جىسىملىرى مەۋجۈت بولمىغان بولاتتى.

يۇقۇرقى يادىرولۇق ئىككى سەۋەپ مىنىڭ ھەركەت ئەگرىلىگى ئىدىيىسى(ئەسلى بۇ ئىدىيەمۇ بىر لوگىكىلىق ئەقلى ھۆكۈم،بىر لوگىكىلىق تىئورماسۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان) ۋە 29-41-تىئورمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمغا سەۋەپ بولدى.
قەدىمقى گىرىكلارنىڭ ئاتۇم ئىدىيىسى بىلەن پىلانىك ئۇلچەملىرى بۇنداق بىر پەرەزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا دالالەت قىلاتتى.گەرچە شەكىل نەزەريىسدىكى “ئېن” پىلانىك ئۇلچەملىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئوچرىمايدىغان بىر ئۇقۇم بولسىمۇ.
يەنىلا سەھىپە ۋە ۋاقىت چەكلىمىسى سەۋەبىدىن “ئېن” ھەققىدىكى تەپسىلى بايانلارنى بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئولتۇرمايمەن.شۇنىڭ بىلەن بىر مۇنچە ئۇقۇملارنى ئۇلاپ تەپەككۆر قىلىشتىن دەسلەپتە  ئىرىشكەنلىرىم مانا مۇنداق قىسقا ئىككى جۆملىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە مەۋجۈت دەپ قارالغان ئەھۋالدا بۇنداق زەررىچىلەرھەركىتىنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئەگرى بولىدۇ.مۇبادا ئەگرى بولمىسا ھەرقانداق جىسىم ۋە ھاسىلى زەررىچە شەكللەنمەيدۇ.

يۇقۇرقىچە ئەقلى خۇلاسە پەقەت بىر پەلسەپە ،لوگىكىلىق يەكۈن بولۇپ،تېخى ئۇنى يارقىن ۋە بېۋاستە فىزىكىلىق مەنادا نەزەريىۋى جەھەتتىن ئىپادىلەش ۋە ئىسپاتلاشقا توغرا كېلەتتى.مەن دەسلەپتە ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئەگرى بولىدۇ،دىگەن ئەقلى يەكۆنگە ئىرىشكەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزىدە بۇنداق ئەگرىلىكنىڭ فىزىكىلىق سەۋەپلىرى ئۈستىدە ئېنىق بىر قاراشقا كەلمىگەن ئىدىم.

كىيىن مەن بۇنداق ئەگرىلىكنىڭ فىزىكىلىق سەۋەپلىرى ئۈستىدە ئىزدەندىم ۋەنەتىجىدە بۇنداق ئەگرىلىكنىڭ سەۋەپلىرىنىڭ بايانى بولغان29-41-لوگىكىلىق تىئورمىلارغا ئىرىشتىم.تۈپ فىزىكىلىق سەۋەپ تۆۋەندىكىچە:

ھەم ئوقىدا ئايلىنىدىغان ھەم سىزىقلىق ئىلگىرلىمە ھەركەت قىلىۋاتقان،سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشى بىلەن ئۇزىنى ئايلىنىش ئوقى بىر تۇز سىزىق ئۆستىدە ياتمايدىغان(ئۈسىتمۇ-ئۈسىت چۈشمەيدىغان) زەررىچە ۋە جىسىملار ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.بۇنداق ئېغىشنى زەررىچە ۋە جىسىمنىڭ سىممىتىرىيە ئوقىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سىزىقلىق تېزلىك پەرقى كەلتۆرۆپ چىقىرىدۇ.زەررىچە ۋە جىسىم سىزىقلىق تېزلىك ئاستا تەرەپكە ئاغىدۇ.بۇنداق تېزلىك پەرقىگە زەررىچە ۋە جىسىمنىڭ سىممىتىرىيە ئوقىنىڭ بىر تەرىپىدىكى سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىگە قارشى ئايلىنىشى سەۋەپ بولىدۇ.يەنى،جىسىم ياكى زەررىچە سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىگە قارشى ئايلىنىۋاتقان تەرەپكە ئاغىدۇ.

مەن بۇ يەردە يۇقۇرقى نۇقتىئىنەزەرلەرنى چۈشەندۇرۇش ئۈچۈن تىپىكرەك بىر پايدىلىنىش ماتىريالىنى دېققىتىڭلارغا سۇنىمەن:


كۇرۇنۆپ تۇرۇپتىكى، يەرشارىنىڭ كۈنگەي تەرىپى سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىگە(ئوربىتا يۆنىلىشىگە)قارشى ئايلىنىۋاتىدۇ.دەل مۇشۇ تەرەپنىڭ سىزىقلىق تېزلىكى تەسكەي تەرىپىنىڭ سىزىقلىق تېزلىكىدىن ئاستا.ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى ئەلۋەتتە ھەر ئىككى يېرىم شارنىڭ ئوخشاش.




ئەركىن سىدىق ئەپەندىم ئىشلىگەن يۇقۇرقى گىراپىكتا ئېغىۋاتقان توپ ۋە موھىت ئامىللىرى يارقىن ئەكىس ئەتتۆرۆلگەن.بۇ گىراپىك،29-تىئورمىچە ئېغىشنى چۈشەندۇرۆشتە بىر ياخشى كۇرسەتملىك قورال بولالايدۇ.مەن مۇشۇ گىراپىك ئارقىلىق 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ ھاۋا ئېقىمى ۋە ھاۋا بېسىم پەرىقلىرىنىڭ يايىسىمان توپلاردىكى بۇنداق ئېغىشنىڭ دېنامىكىلىق سەۋەبى ئەمەسلىكىنى ئىزاھلاپ ئۆتىمەن.

كۇرۇنۆپ تۇرۇپتىكى،توپنىڭ ئېغىش يۆنىلىشى تەرەپتىكى(قارا يۆنىلىش كۇرسەتكۈچى تەرەپتىكى) سىزىقلىق ھەركەت تېزلىكى (يىشىل يۆنىلىش كۇرسەتكۈچىدىكى تېزلىكى)ئاستا،سىزىقلىق تېزلىكنىڭ ئوڭ تەرەپتە بۇنداق ئاستا بولىشىغا ئوڭ يېرىم شارنىڭ سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىگە قارشى يۆنىلىشتە ھەركەت قىلغانلىغى سەۋەپ بولغان.توپ شۇنىڭ ئۈچۈن ئوڭغا ئېغىۋاتىدۇ،بېرنوللى قانۇنىنى كۇزدە تۇتقاندا ئېغىۋاتقان تەرەپتە  ھاۋانىڭ تېزلىكى ئاستا ۋە بېسىمى چوڭ بولىدۇ.توپنى ئاغدۇرۇۋاتقىنى ھاۋا بولسا بۇ ھالدا بۇ توپ،ئوڭغا ئەمەس،سولغا ئېغىشى كىرەك ئىدى.ئەلۋەتتە بۇ يەردە ھاۋانىڭ قارشىلىغىنىڭ توپنىڭ سىزىقلىق تېزلىكىگە تەسىر كۇرسىتىپ توپنى ئاستىلىدىغانلىغى  ۋە سىزىقلىق تېزلىكنىڭ بۇنداق ئاستىلىشىنىڭ ئېغىش قىممىتىگە مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر قىلىدىغانلىغىنى ئىنكار قىلمايمىز.

مىنىڭچە،جىسىمنىڭ تۆز سىزىقلىق ھەركىتى ئەڭ كەم بولغاندىمۇ تۆۋەندىكىچە شەرىت ئۈستىدە كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ:
سىزىقلىق ئىلگىرلەش يۆنىلىشىدە جىسىمنىڭ ھەممە نۇقتىلىرى ماس قەدەملىك ۋە ئوخشاش يۆنىلىشلىك بولۇش.
ئەگرى سىزىقلىق ھەركەتچۇ؟:
سىزىقلىق ئىلگىرلەش يۆنىلىشىدە جىسىمنىڭ ھەممە نۇقتىلىرى ئوخشاش يۆنىلىشلىك،ماس قەدەملىك بولماسلىق.سىزىقلىق تېزلىك پەرقىگە ۋە يۆنىلىش پەرقىگە ئىگە بولۇش.

ئەگرى سىزىقلىق ھەركەتتە مەيلى تاشقى كۈچ تەسىرىدىن بولسۇن،مەيلى ئىچكى كۈچ - ئىنىرىتسىيىلىك كۈچ سەۋەبىدىن بولسۇن يۇقۇرقىچە سىزىقلىق ئىلگىرلەش يۆنىلىشىدە جىسىمنىڭ ھەممە نۇقتىلىرى ئوخشاش يۆنىلىشلىك،ماس قەدەملىك بولماسلىق.سىزىقلىق تېزلىك پەرقىگە ۋە يۆنىلىش پەرقىگە ئىگە بولۇش ھالىتى كاپالەتلەندۆرۆلگەن بولىشى كىرەك.

29-تىئورمىچە ئېغىشقا دەل مانا مۇشۇنداق “ئىككى بولماسلىق” تەلەپ قىلىنىدۇ.بىز بۈگۈن سىزلەرگە كۇرسىتىدىغان تەجىربىلەرنىڭ ھەممىسىدىلا  “ئىككى بولماسلىق”قانائەتلەندۆرۆلگەن.

قىسقىچە خۇلاسە:

بىز يۇقۇرقى بايانلار ۋە دەلىللەردىن 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ ئۇز شەرىتلىرىگە ئاساسەن زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ھەركىتى جەريانىدا تاشقى كۈچ تەسىرى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ ،ھەقىقى بۇشلۇقتا يۇز بېرىۋىرىدىغانلىغىنى كۇرۇپ ئالالايمىز.ئەلۋەتتە بۇ يەردە بۇنداق ئېغىشقا دەسلەپكى سەۋەپ بولغان ئىزچىل بولمىغان،پەيىتلىك تاشقى كۈچنىڭ رولىنى چەتكە قاقمايمىز.بۇنداق تاشقى كۈچنى بېكھامچە يايىسىمان توپلاردا بېكھامنىڭ تېخنىكىلىق تېپىكى دەپ قاراشقىلا بولىدۇ.كىيىنكى جەريانلار پەقەت ئىنىرىتسىيە قانۇنىنى قانائەتلەندۇرىدىغان  29-تىئورمىچە ئىنىرىتسىيىلىك ئېغىشتىن ئىبارەت.

2.  29-تىئورمىنىڭ ئىككى خىل بايان شەكلى ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەر

شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسىنىڭ بايانى :

زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.
ئېغىشنىڭ قىممىتى ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.


ئىككىنجى بايان شەكلى:

ئۇزىنى ئايلىنىش ئوقى بىلەن سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشى بىر سىزىق ئۈستىدە ياتمايدىغان زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.


قوشۇمچە پايدىلىنىش - شەكىل نەزەريىسىنىڭ 41-تىئورمىسىنىڭ بايانى :

زەرىچە ۋە جىسىملارنىڭ سىزىقلىق ھەركەت مىقدارى بىلەن بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى تەتۆر تاناسىپ ،ئومۇمى ھەركەت مىقدارى تۇراقلىق بولىدۇ.



مەن 1990-يىللارنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىلا يۇقۇردىكى 1-بايان شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيىگە ئىرىشكەن ۋە ئاندىن ئۇنى ئېلان قىلغان ئىدىم.كىيىن 2-بايان شەكلىدە بايان قىلىشنىڭ زۇرۇرىلىگىنىمۇ ھېس قىلدىم.ئالدىنقىسى بىر پەلسەپەۋى ئابىستىراكىتىيە سۈپىتىدە ئورۇنلۇق بولسا،كىيىنكىسى فىزىماتلىق مېتۇتلارنى قوللۇنۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن،شەرىتلىرى رۇشەن بولغان بايان ئىدى.بىر پەيلاسۇپ ياكى لوگىكىچى ئالدىنقى بايان بىلەن قانائەتلىنىدۇ،لىكىن بىر كەسپى مۇتەخەسىس 2-خىل بايان شەكلىنى تەلەپ قىلىدۇ.ماھىيەتتە تەبىئەت دۇنياسىدا ئۇزىنى ئايلىنىش ئوقى بىلەن سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشى مۇتلەق مەنىدە بىر تۇز سىزىق ئۈستىدە ياتىدىغان زەررىچە ۋە جىسىم ھازىرغىچە بايقالمىدى.بار دېيىلگەن تەقدىردىمۇ بۇ ئىزچىل بولمىغان ، بەكمۇ پەيىتلىك ھالەت.

ئەمدى بۇ ئابزاس ۋە تېمىغا 41-تىئورمىنى قىستۇرۇپ قويۇشۇمدىكى سەۋەپنى ئىزاھلايمەن:

ماھىيەتتە 41-تىئورمىنى 29-تىئورمىنىڭ تولۇقلىمىسى ۋە كېڭەيتىلگەن شەكلى دەپ قاراشقا بولىدۇ.29-تىئورمىدا پەقەت ئېغىشنىڭ شەرىت ۋە يۆنىلىشلىرى بايان قىلىنغان.ناھايتى قىسقا بىر ياي بولسىمۇ 29-تىئورما قانائەتلىنىدۇ.ئۇنىڭدا بىر دەۋرى جەريان بېۋاستە ئەكىس ئەتتۆرۆلمىگەن.41-تىئورمىنىڭ بايانىدا بولسا دەۋرى جەريان ئەكىس ئەتتۇرۆلگەندىن باشقا ،ساقلىنىش قانۇنلىرىغا تۇتۇلغان پوزىتسىيەمۇ ئەكىس ئەتتۇرۆلگەن.
يەنە شۇنداقلا ،29-تىئورمىچە ئېغىش 41-تىئورمىچە ئەگرىلىك ۋە ئېغىشنىڭ بىر تەركىپلىگۆچىسىدىن ئىبارەت.شۇ ۋەجىدىن مەن 29-تىئورمىنى مۇھاكىمە قىلغاندا 41-تىئورمىنىمۇ قوشۇپ ئويلۇشۇش تەكلىۋىنى بىرىمەن.ئۇيغۇن ئەپەندى سىزغان بۇ رەسىمنىڭ  تەشەببۇسلىرىمنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىشكە ياردىمى بار دەپ قارايمەن:




ئەسكەرتىش:
مەن قىزىل يۆنىلىش كۇرسەتكۆچىنىڭ سول تەرىپىدىكى سىفرال ھالقىلاردىن تۇزۇلگەن ياي تەركىۋىدىكى ھەر بىر دانە سىفرال ھالقىنى ئېلىمىتار سىفرال،بۇ،ياي ۋە سىفراللاردىن تۆزۆلگەن بىر پۈتۈن ھالەتنى ھاسىلى سىفرال - تېخىمۇ ئېنىق ھالدا 1-دەرىجىلىك ھاسىلى سىفرال دەپ ئاتايمەن.نەزەريىۋى يەكۈن ۋە ئەمەلى پاكىتلارغا ئاساسەن،شۇ تەرىقىدە 2-3-4-....دەرىجىلىك ھاسىلى سىفراللار تەرتىۋىنى تۇرغۇزۇشقا بولىدۇ.


رەسىمدىكى ھەر بىر سىفرالنىڭ ئەڭ قىسقا بۆلىكى 29-تىئورمىچە ئېغىشنى ئىپادىلەيدۇ ۋە قانائەتلەندۆرىدۇ،سىفرال ھالقىلاردىن شەكىللەنگەن ياي ۋە ۋە ئىككىلەمچى سىفرال 41-تىئورمىچە ئېغىشنى ئىپادىلەيدۇ ۋە قانائەتلەندۆرىدۇ.

تەنھا ئەپەندىم ئۇزىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن تەييارلاۋاتقان 29-تىئورمىنىڭ ماتىماتىكىلىق مودىلى سەرلەۋھەلىك ماقالىسىغا تۆۋەندىكى ئىككى پارچە رەسىمنى 41-تىئورمىچە ھەركەت شەكلىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قىستۇرغان:




مىنىڭ بۇ يەردە قىستۇرۇپ قويىدىغىنىم شۇكى:
1.بۇ سىفرال تىرايىكتورىيىنىڭ تەركىۋىدە يەنە سىفرال بار.
2.بۇ مودىل ئالەمگە تەدبىقلانغاندائۇنىڭ تەركىۋىدىدىكى سىفراللار كەم بولغاندىمۇ 5ھاسىلى دەرىجىگە يېتىشى مۆمكىن.
3.بۇ سىفراللارنىڭ ھەممىسى ئوچۇق سىفرال،تۇيۇق ئەمەس.
4.يۇقۇرقى رەسىم  كېڭىيىۋاتقان سېستىمىغا،تۆۋەندىكىسى تارىيىۋاتقان سېستىمىغا توغرا كېلىدۇ.

مەسىلەن:

يەر شارى 1يىل ئىچىدە ئۇز ئوربىتىسىدا 365دانە سىفرال ھالقا ئىزى قالدۇرۇدۇ.قوياش بىلەن سامانيولى ئوربىتىسىدا،سامانيولى بىلەن ئالەمدە ئوخشاشلا بەلگىلىك سىفرال ۋە ياي ئىزلىرىنى قالدۇرۇدۇ.يەرشارىنىڭ تەركىپلىگۆچىلىرىمۇ تاكى ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچىدىن تارتىپ مالىكولىغىچە ئوخشاشلا سىفرال ئىز قالدۇرۇدۇ.بۇنداق سىفرال قاتلاملىرىنى سىتاتىكىلاش مەخسۇس تېما تەلەپ قىلىدۇ.بۇ سىفراللارنىڭ ھېچقايسىسى تۇيۇق ئەمەس.

مەن ماي قەلەمنى ئوق قىلىپ ئۇزەم  ياسىۋالغان نۇرنى(پېقىرىغۇچنى) تەكشىلىك ۋە يانتۇ تەكشىلىكلەردە سېرىلدۇرۇش ئارقىلىق يۇقۇرقىدەك ئىلىمىنتارسىفرال تەركىپلىگۈچلەردىن شەكىللەنگەن    ھاسىلى سىفرال ۋە يايلارغا ئىرىشكەن ئىدىم.بىز بۇ خىل تەپەككۆر ۋە ئۇسۇلنى ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمنتار دۇنيادىن تارتىپ،پۈتۈن فىزىكىلىق ئالەمگىچە قوللۇنۇپ،تەدبىقلاپ كۇرسەك بولىدۇ.بۇنداق ھەركەت شەكلىنىڭ ماكرۇ  ۋە مىكرۇ دۇنيانىڭ ھەممىسىگە ئورتاقلىغىنى دەلىللەيدىغان پاكىتلار ئاز ئەمەس.تۇۋەندىكى رەسىمنىڭ بۇ تەشەببۇسلارغا نىسبەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بار،مەسىلەن:

ئىلىمگەرلەرزەررىچە سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلاش مەنزىرىسىنى قايتا زاھىر قىلدى


رەسىمدىكىسى نۆلدىن تۆۋەن 271 گىرادۇستىكى ھەقىقى بوشلۇق شارائىتىدا زەررىچە سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئىرىشىلگەن زەررىچىلەرنىڭ تىرايىكتورىيىسى.

مەنبە:
http://tech.sina.com.cn/d/2011-08-03/08015874496.shtml



رەسىم ھەققىدە قىستۇرمىلار:
تېمىدا بۇنداق زەررىچىلەرنىڭ ئۇزىنى بېۋاستە كۇرگىلى بولمايدۇ،بۇلار زەررىچىلەرنىڭ ماكاندا بېسىپ ئۆتكەن يولى،قالدۇغان “ئىزى” دەپ چۈشەندۆرۆلگەن.  29-نۇقتىسىداتۇرۇپ  يۇقۇرقى رەسمدىكى ئوڭ ۋە سول سىفرال ئىز قالدۇرىۋاتقان زەررىچىلەرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش(سىپىن) يۆنىلىشىگە ھۇكۆم قىلغىلى بولىدۇ.ئوڭغا ئاغقان زەررىچىلەر سائەت سىتىرىلكىسى يۈنىلىشى بويىچە ئوقىدا ئوڭغا ئايلىنىۋاتقانلىغىغا،سولغا ئاغقان زەررىچىلەرنىڭ سائەت سىتىرىلكىسىغا قارشى يۆنىلىشتە ئوقىدا سولغا ئايلىنىۋاتقانلىغىغا ھۇكۆم قىلغىلى بولىدۇ.
بۇنداق مېتۇدنى يايىسىمان تىرايىكتورىيىدە ھەركەت قىلىۋاتقانلىغى  ئېنىق،لىكىن،ئوقىدا قايسى يۆنىلىشتە ئايلىنىدىغانلىغى ئېنىق بولمىغان يىراقتىكى ئاسمان جىسىملىرىغىمۇ تەدبىقلاپ،ئۇلارنىڭ ئوقىدا قايسى يۆنىلىشتە ئايلىنىۋاتقانلىغىغا ھۇكۆم قىلغىلى بولىدۇ.
يەنى،  تىرايىكتۇرىيە يۆنىلىشى ئېنىق بولغان بارلىق زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش(سىپىن)يۆنىلىشىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.


كۇرۇنۈپ تۇرۇپتىكى،ئۇيغۇن ئەپەندى سىزغان يۇقۇرقى نۇر ئويناۋاتقان بالا رەسىمىدىكى ئوبرازلار بىلەن بۇ رەسىمدىكى ئوبرازلارنىڭ ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن قارىغاندا پىرىنسىپال پەرقى يوق.بۇ يەردە قىستۇرۇپ قويىدىغىنىم،يۇقۇرقىچە تىرايىكتۇرىيىنىڭ ئۇزىدە يەنىلا زەررىچە قالدۇرغان،بىزگە كۇرۇنمىگەن سىفرال تەركىپلىگۆچىلەر بار.

بۇنداق سىفرال ھەركەت شەكلىنىڭ ماكرۇ دۇنيا بىلەن مىكرۇ دۇنياغا ئورتاقلىغىنى،ماھىرجان مىنىڭ تەلىۋىمگە ئاساسەن ئىشلىگەن تۆۋەندىكى گىراپىك ۋە ئۇنىڭ ئىزاھلىرىدىن تېخىمۇ رۇشەن ھېس قىلالايمىز:

ناۋادا سامان يولىدا قۇياش سىستېمىسىنىڭ ھەركىتىنى كۆزەتسەك ، قۇياش سىستېمىسىنى يۆتكىلىش تېزلىكىنىڭ سېكونتىغا 250 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى بايقىيالايمىز. ئۇھالدا يەرشارىنىڭ قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىۋاتقان پەيتتىكى ھەركەت تىرايېكتورىيسىنى سىزساق بىردانە بوشلۇقتىكى بۇرمىسىمان ۋېنت ترايېكتورىيسى پەيدا بولىدۇ، بۇ سترولۇق شەكىلنى 2 ئۆلچەملىك تەكشىلىككە ئەكرىپ ئانالېز قىلسا ئاددى بىر دانە كىلاسسىك فىزىكىدىكى دولقۇن پەيدا بولىدۇ. دولقۇن تېزلىكى دەل قۇياش سىستېمىسىنىڭ يۆتكىلىشى تېزلىكى ، دولقۇن ئۇزۇنلىقى بىرلىك دەۋىردىكى يەنى 365.6 كۈن دىكى تاماملىغان مۇساپىسى بولىدۇ. دولقۇم گىرافىكى ئېنىق قىلىپ تۆۋەندىكىدەك بېرىلدى:  





بۇ دولقۇن گىرافىكى ئوبرازلاشتۇرۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئامپىلتۇدا كۆرۈشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئېگىزلىتىپ لاھىيلەپ قويدۇم، ئەممەلىيەتتىكى دولقۇن شەكلى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك :



ئەمەلىيەتتىكى دولقۇن گىرافىكى بولسا دولقۇن ئۇزۇنلىقى ناھايىتى ئۇزۇن بولغان، ئامپىلتۇدىسى كىچىك بىردانە دولقۇندىن ئىبارەت.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار 1-رەسىمدىكى دولقۇن گىرافىكىدا بېرىلدى.

كۇرۇنۆپ تۇرۇپتىكى،دولقۇنلۇق خاراكتىر يالغۇز مىكرۇ زەررىچىلەرنىڭلا پاتىنتى ئەمەس.ئۇ بىر ھەركەت شەكلى سۆپتىدە شەرىتلىرىنى قانائەتلەندۆرگەن بارلىق ماكرۇ جىسىملارنىڭمۇ ئورتاق ھەركەت شەكلى.دولقۇن -زەررىچە ئىدىيىسىنى ئاسمان جىسىملىرى ھەركىتىگە كېڭەيىتسەك دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتنىڭ ھەركەت شەكلى ئىكەنلىگى ئىنىق زاھىر بولۇشتىن باشقا،ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىنىقسىزلىق پىرىنسىپلىرىغىمۇ ھاجەت قالمايدۇ.بۇ يەكۈن مىكرۇ دۇنيادىكى ئىنىقسىزلىقنىڭمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىغىنى مۇلچەرلەشتە ئەھمىيەتكە ئىگە.بۇنىڭدىن باشقا مىنىڭچە بۇ يەكۆننىڭ  فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۆرۆشتە ئەھمىيىتى چوڭ.

خۇلاسە:

سىفرال ھەركەت شەكلى مىكرۇ ۋە ماكرۇ بىر پۈتۈن ئالەمنىڭ تۈپ ھەركەت شەكلى.29-41-تىئورمىچە ئېغىش بۇنداق ھەركەت شەكلىنىڭ كونكىرىت شەرىتلىرى ۋە ئىپادىسى.29-41-تىئورملارنى دولقۇن-زەررىچىلىك مۇناسىۋىتى،سىممىتىرىكلىكنىڭ بۇزۇلۇش ۋە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت دەۋرى جەريانلار ۋە ئالەمنى ئۇز ئىچىگە ئالغان بارلىق دەۋرى جەريانلارغا تەدبىقلىغىلى بولىدۇ.تەنھا ئەپەندىم ئۇز ماقالىسىدا“ بىز29-تىئورما بىلەن 41- تىئورمىنى بىرلەشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلساق ، ئاتوم ئەتىراپىدىكى ئېلىكتىرونلارنىڭ ھەرىكىتىنى ۋە بۇ ئېلىكتىرونلارنىڭ ئىنىرگىيە دەرىجىلىرىنى ، لامپۇچىكا قىلىنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىشىنى ، ئېلىكتىروماگىنىت دولقۇنىنىڭ ھاسىل بولۇشى......قاتارلىق ھادىسىلەرنى باشقىچە  چۇشەندۇرۇپ بىرەلەيمىز.دەپ يازىدۇ.مەن بۇ تەشەببۇسلارنىڭ مۇبالىغە ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن.


3. ئالاقىدار قاراشلار،قانۇن ۋە ئىففىكىتلار


مەن ھەركەت ئەگرىلىگى ئىدىيىسى ۋە 29-41-تىئورمىلارنى مۇتلەق ھەجىم ئۇقۇمىدىن لوگىكىلىق ئەقلى خۇلاسە سۈپىتىدە كەلتۆرۆپ چىقارغان ۋاقتىمدا، تېخى بۇ ئىدىيەلەرگە ئالاقىدار فىزىكىلىق ئىدىيەلەرنىڭ بارلىغىنى بىلمەيتىم.مەن ئۇز قاراشلىرىمنى ئېلان قىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئىدىيە تارىخىدا ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان بىر نەرسىلەرنى قايتا كۆتۆرۇپ چىقىپ يۇرگەن بولماي يەنە، دىگەن بىرخىيالنىڭ تۆرىتكىسىدە بۇ ھەقتە خېلى بىر مەزگىل ئىزدەندىم.مەن كىلاسسىك ۋەسىقىلەردىن تاپقان ئالاقىدار ئىدىيە،قانۇن،ئىففىكىت،قاراشلارنى تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قويۇمەن.كەسىپ ئىگىلىرى يەنە مەن بايقىمىغان 29-41-تىئورمىلارغا،ھەركەت ئەگرىلىگى ئىدىيىسىگە  مۇناسىۋەتلىك باشقا ئىدىيە قاراشلارنىڭ بارلىغىنى بىلسە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.مىنىڭ بايقىغانلىرىم تۇۋەندىكىلەر:

1

نىيوتۇننىڭ ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ مۇپەسسەل بايانى:

ھەر بىر جىسىم ئۆزىنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۆز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ،پەقەت تاشقى كۈچ تەسىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

نىيوتۇن يۇقۇرقى قۇرلاردىن كىيىنلا شۇنداق يازىدۇ:

تاشلانغان جىسىم ئەگەرھاۋانىڭ قارشىلىغى ۋە ئېغىرلىق كۈچىنىڭ يۇقۇرى - تۆۋەنگە يېتەكلىشى بولمىسا ئۇزى تاشلانغان پەيىتتىكى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا،توختىماي پىقىراۋىرىدۇ.سەييارىلەر ۋە كۇمىتىلارغا ئوخشاش چوڭ جىسىملار ئەركىن بوشلۇقتا ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىسا،ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرلىمە ھەركەت ۋە ئايلانما ھەركىتىنى ساقلايدۇ.

ئادەتتە دەرىسلىك كىتاپلاردا يۇقۇرقى باياننىڭ 1-ئابزاسىلا ئۆزۆپ ئېلىنىپ 1-قانۇن(ئىنىرىتسىيە قانۇنى)سۈپىتىدە ئۆتۆلىدۇ.لىكىن 2-ئابزاسنىڭ دىققەتكە سازاۋەر قىلىنماسلىغىنىڭ سەۋەبىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى مەن ھازىرغىچە بىلەلمەيۋاتىمەن.ماھىيەتتە 2-ئابزاسمۇ ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ شەرھى ۋە مەزمۇنى سۈپىتىدە تونۇلىشى كېرەك ئىدى.بۇنداق قىلىش تەجىربە پاكىتلىرىغىمۇ ئۇيغۇن كىلەتتى.شۇڭا مەن 1-قانۇننىڭ ئۇقۇم دائىرىسى كەڭ،لىكىن بايان شەكلى قىسقا بولغان بىر بايانىنى ئوتتۇرىغا قويۇش زۆرۆر ئىكەن دەپ قارىغان ئىدىم .

ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ شەكىل نەزەريىسى خارەكتىرلىك بايانى:

زەررىچە ۋە جىسىملار كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىمىسا ئۇزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلايدۇ،داۋاملاشتۇرىدۇ.


2

ماگنۇس ئىففىكىتى:

ئايلىنىۋاتقان بىر جىسىمنىڭ بۇلۇڭلۇق تىزلىكىنىڭ ۋىكتۇرى ،بۇ جىسىمنىڭ ئۆچۆش(سىزىقلىق)تىزلىكىنىڭ ۋىكتۇرى بىلەن ئۆسىتمۇ-ئۆسىت چۈشمىگەندە(不重合时)،ئايلىنىۋاتقان بۇلۇڭلۇق تىزلىك ۋىكتۇرى ۋە سىزىقلىق تىزلىك ۋىكتۇرىدىن شەكىللەنگەن تەكشىلىكتە بىر ۋىرتىكال كۈچ پەيدا بولىدۇ.بۇ ۋىرتىكال كۈچنىڭ تەسىرىدىن جىسىملارنىڭ سىزىقلىق تىرايىكتورىيىسىدە ئېغىش يۇز بېرىدىغان ھادىسە ماگنوس ئىففىكىتى دەپ ئاتىلىدۇ.

3

چاقنىڭ ئەڭ ئاستا قىسمى

مېڭىۋاتقان ھارۋا چاقىنىڭ ھەممە نۇقتىلىرىنىڭ ئوخشاش تىزلىكتە ھەركەتلەنمەيدىغانلىغىنى بىلىۋالدۇق.ئۇنداقتا ھەركەت قىلىۋاتقان چاقنىڭ زادى قايسى قىسمى ئەڭ ئاستا ھەركەت قىلىدۇ؟
چاقنىڭ ئەڭ ئاستا ھەركەت قىلىدىغان نۇقتىلىرى چاقنىڭ دەل يەرگە تەككەن قىسمىدىكى نۇقتىلار ئىكەنلىگىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەس.ئېنىقراق ئىتقاندا بۇ نۇقتىلار چاق يەرگە تەككەن پەيىتتە پۆتۆنلەي ھەركەت قىلمايدۇ.
يۇقۇردا ئىتىلغانلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ئىلگىرلىمە ھەركەت قىلىۋاتقان چاققا نىسبەتەن توغرا بولۇپ،قوزغالماس ئوقتا ئايلىنىۋاتقان چاققا توغرا كەلمەيدۇ.ئەلۋەتتە ،مەسىلەن،ئۇچقۇر چاقنىڭ ھەممە نۇقتىسى بىرلىكتە ھەركەت قىلىدۇ.


___ يا.ئى پېرېلمان

خۇلاسە:

يۇقۇرقىلاردىن كۇرۇۋىلىشقا بولىدۇكى،ھەركەت ئەگرىلىگى ئىدىيىسى ۋە 29-41-تىئورمىلارغا نىيوتۇن ئىنىرىتسىيە قانۇنى يول قويۇدۇ.نىيوتۇن 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ ھەقىقى بوشلۇقتىمۇ يۈز بېرىدىغانلىغىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان،ھالبۇكى، ئالاقىدار يۆنىلىشلەرنى ئېنىق كۇرسەتمىگەن.ماگنۇس يۆنىلىشنى ئېنىق كۇرسەتكەن لىكىن بۇنداق ئېغىشنى ئاقار جىسىملار مېخانىكىسى نۇقتىسىدىلا ئىزاھلاپ،ھەقىقى بوشلۇققا كېڭەيىتمىگەن.پېرېلمان چاقنىڭ ئاستا نۇقتىسىنى توغرا تەسەۋۋۇر قىلغان ،لىكىن بۇنى 29-تىئورمىچە ئېغىش نۇقتىسىدىن ئاساسى شەرتى ئوخشاش بولغان ئەھۋالدا ئوخشىمىغان تەكشىلىك ۋەھەرخىل بوشلۇقتىكى بارلىق ھەركەتلەرگە كېڭەيىتمىگەن.بۇنداق چاقلار،ئوقى ۋېرتىكال ۋە گۇرزىناتال ھالەتلەردە تەكشىلىك ،يانتۇ تەكشىلىك ۋە ھەرخىل بوشلۇقلارغا(ھەقىقى بۇشلۇقمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) قويۇلسا سىزىقلىق تېزلىك ئاستا تەرەپكە-ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغقان ھالدا ئىلگىرلەيدۇ.

مىنىڭ قوشۇپ قويىدىغىنىم:ئەمدى بىلدىمكى،ھەركەت ئەگرىلىگى ئىدىيىسى،29-41-تىئورمىلار پەقەت ئالاقىدار كىلاسسىك ئىدىيەلەرنىڭ مەنتىقى رىۋاجىدىن ئىبارەت ئىكەن.




4.ئاخىرقى سۇز


بىز نىيوتۇننىڭ 1-قانۇنىنىڭ مۇپەسسەل بايانى ۋە ماگنۇس ئىففىكتىنى بىرلەشتۆرۈپ قارىساق،كىلاسسىك نەزەريىلەرنىڭ 29-41-تىئورمىلارغا يول قويىدىغانلىغىنى،شەكىل نەزەريىسى پەقەت بۇ كىلاسسىك قاراشلارنى ئۇز ئارا كىرىشتۆرۈپ،قايتا رەتلەپ چىققانلىغىنى كۇرۇپ ئالالايمىز.مەن بۇ رەتلەش،قايتا كىرىشتۆرۈش جەريانىنى نىيوتۇننىڭ ھەقىقى بوشلۇقتىكى نۇرىغا(پېقىرىغۇچىغا) ماگنۇسنىڭ يۆنىلىش كۇرسەتكۈچىنى چاپلاپ قويۇش جەريانى دەپ ئاتىدىم.گەرچە ئەينى ۋاقىتتا مەن بۇلارنى بىلىپ يەتمىگەن بولساممۇ ،ھازىر بۇ نۇقتا ئېنىق بولدى.بۇ ھەقتىكى قالغان مۇلاھىزىلەرنى مەخسۇس كەسىپ ئەھلى ئۇستازلارنىڭ ئۇزىگە قالدۇرىمەن.
ھازىر ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك نۇقتىلارنىڭ بىرى- ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئەگرى بولىدۇ دەيدىغان بۇنداق ئىدىيە ۋە بۇ ئىككى تىئورمىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسىدىن ئىبارەت.ئەلۋەتتە، ئېنىق دائىرە كونكىرىت تەدبىقلاش ئەمليىتىدىن كىيىنلا ئاشكارە بولىدۇ.شۇنداقتىمۇ،ھازىر ھېچبۇلمىغاندا بۇ ھەقتە بەزى پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويالىشىمىز مۇمكىن.بۇنداق پەرەزلەر شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتىغا كونكىرىت يۆنىلىش بەلگىلەشتە زۇرۇرى ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن.
گالىلىنىڭ ئېغىرلىغى پەرىقلىق بولغان ئىككى شارى يەرگە تەڭ چۈشكەن شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ،ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلغان دەپ قارىلىدۇ.گالىلىنىڭ دەل مۇشۇ تەجىربىسى ۋە ئۇ دەسلەپ ئىشلىگەن،كىيىن نىيوتۇنمۇ تەكرارلىغان ماياتنىك تەجىربىسى،يانتۇ تەكشىلىك تەجىربىسى قاتارلىق تەجىربىلەر،ئىنىرىتسىيە قانۇنى،تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى قاتارلىقلارنىڭ تۇرغۇزۇلىشىنى پاكىت ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى.ھالبۇكى،بۇ تەجىربىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئوقىدا ئايلاندۇرۇلغان شارلار بىلەن ئېلىپ بېرىلمىغان.ئەينى ۋاقىتتا گالىلى قاتارلىقلار بۇ تەجىربىلەرنى ئوقىدا ئايلاندۇرۇلۇپ تاشلانغان شارلار بىلەنمۇ  ئېلىپ بارغان بولسا ھازىرقى زامان فىزىكا تارىخى باشقىچە يېزىلغان بولاتتى،دەپ قارايمەن.
ھازىر كىۋانىت نەزەريىسى گاللى ،نىيوتۇنلارغا مەلۈم بولمىغان بىردۇنيانى،مىكرۇ دۇنيانىڭ ھەركەت قانۇنلىرىنى بىزگە ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ.بىز ھازىر سىپىنغا ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇئەييەن ئوربىتىغا(بۇ يەردە سىپىن ۋە ئوربىتا ئۇقۇمىنى قايتا شەرىھلەشكە تېگىشلىك ئاز بولمىغان ئاساسلار بار)ئىگە بولمىغان بىرەر زەررىچىنىڭ بارلىغىنى بىلمەيمىز.ئاسمان جىسىملىرى،يۇلتۇز سېستىمىلىرى...قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇئەييەن ئوقنى يادىرۇ قىلىپ ئايلىنىدىغانلىغىدىن خەۋەردارمىز.دىمەكچىمەنكى،ئوقىدا ئايلاندۇرۇلغان شارلار ئارقىلىق ئېلىپ بىرىلغان تەجىربىلەرلا پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسى،پۈتكۈل فىزىكىلىق ئالەمنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بىرشتە ئەڭ كەڭ تەدبىقلىنىش قۇدرىتىگە ئىگە.

ماكرۇ دۇنيادا 29-تىئورمىچە ئېغىشقا قانداق فىزىكىلىق شەرىتلەر سەۋەپ بولغان بولسا،مىكرۇ دۇنياغا نىسبەتەنمۇ شۇنداقلىرى سەۋەپ بولىدۇ.پەقەت مىقدار پەرقىلا بار،خالاس.ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ھەممىسى ئوخشاش.
مەسىلەن:



يۇقۇرقى رەسىم ئامرىكا«ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسى«يورنىلىنىڭ 205-يىللىق 9-سانىدا ئېلان قىلىنغان ئالاقىدار ماقالىنىڭ قىستۇرماسۈرىتى ئىكەن.يېزىلىشىچە "B1508+55"ناملىق بىر ئېمپولىس يۇلتۇز ناھايتى يۇقرى تېزلىكتە سامان يولى سېستىمىسىدىن چىقىپ كېتىۋىتىپتۇ.
يوقۇرقى قىزىل يۆنىلىش كۇرسەتكۈچى شۇ نىتىرون يۇلتۇزنىڭ ھەركەت تىرايىكتۇرىيىسىكەن.لىكىن،تېمىدا ئۇنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشىگە ئالاقىدار ئۇچۇر بېرىلمەپتۇ.شۇنداقتىمۇ بىز 29-تىئورمىغا ئاساسلىنىپ ئۇنىڭئوقىدا سائەت سىتىرىلكىسىغا قارشى ھالدا ئايلىنىۋاتقانلىغىغا ھۆكۈم قىلالايمىز.

بەزى يازمىلاردا ۋېنېرا قاتارلىقلارنىڭ  تەتۆر ئايلىنىشى ئالىملارنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان قىيىن مەسىلە،دەپ يېزىلسا،بەزىلىرىدەھازىر بۇنداق نورمال بولمىغان تەتۆر ئايلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلىدىغان  ئادەم يوق،دەپ يېزىلغان.ئاستىرولۇگلار ۋېنېرادىن بېشارەتچىلىك،پالچىلىققا ئالاقىدار تېمىلارنى ئويلاپ تېپىشقان.
ھازىر مەلۈم بولدىكى،ۋېنېرا ئاللىقانداقتۇر سىرلىق پىلانىت ئەمەس.ۋېنېرانى مەنبە قىلغان ئاستىرولۇگىيىلىك سىرلىقلاشتۇرۇشلارنىڭمۇ قىلچە ئاساسى يوق. ۋېنېرا نىڭ تەتۆر ئايلىنىشى 29-تىئورما نۇقتىسىدىن قارىغاندا بىر مۇقەررەلىك!.
ئىنىرىتسىيىلىك سۆرەش ئففىكىتى دېيىلىدىغان بۇ ئۇقۇم ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ مەھسۇلى ئىدى.قوياش سېستىمىسىدىكى تەتۆر ئايلىنىدىغان ۋېنېرا،ھاللى كومىتىسى قاتارلىق پىلانىتلار بۇ ئۇقۇمنىڭ چەكلىمىلىكلىگىنى ئىسپاتلىدى.

بۇ بىر نۇقتا دىققەتكە سازاۋەر بولسۇنكى،ھازىر 29-تىئورمىنىڭ ئورۇنلۇقلىغىنى،29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ ھەقىقى بوشلۇقتىمۇ يۆزبېرىدىغانلىغىنى نىيوتۇن ئىنىرتسىيە قانۇنىنىڭ مۇپەسسەل بايانى،پۈتكۈل قوياش سېستىمىسى،بىز ئىشلىگەن  تەجىربىلەر ۋە بىز كۆزەتكەن تەجىربىلەردىكى بايقالغان ھادىسىلەر قوللاۋاتىدۇ.


مەن يۇقۇرقى ئاساسلار مەۋقەسىدە تۇرۇپ،29-41-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ بىزگە بىشارەت بېرىدىغان ئويلۇنۇش نۇقتىلىرى ھېچبولمىغاندا تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت،دەپ قارايمەن:
1.كىلاسسىك تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى ئۈستىدە قايتا ئويلۇنۇش.
2.ئالەملىك تارتىش كۈچى ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مىقدارلار ھەققىدە قايتا ئويلۇنۇش.
3.ئېينىشتېيىن ماكان ئەگرىلىگى ئىدىيىسى ھەققىدە قايتا ئويلۇنۇش.
4.كىلاسسىك فىزىكا بىلەن كىۋانىت فىزىكىسىنى ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن بىرلىككە كەلتۆرۈشنىڭ مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئويلۇشۇپ كۆرۈش.

5.كىلاسسىك ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى كېڭەيتىپ،بايانىنى ئىخچاملاش ھەققىدىكى تەشەببۇسۇم ئۈستىدە ئويلۇشۇپ كۇرۇش.
29-41-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ ھازىرقى زامان تەبىئەت پەنلىرىگە ،جۈملىدىن فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىققا كۇرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە كونكىرىت توختۇلۇش مەخسۇس تېما تەلەپ قىلىدۇ.بۇ ھەقتە تەييارلانغان مەخسۇس ماقالە شۇ ماقالىنىڭ ئاپتۇرى تەرىپىدىن ئايرىم ئوقۇلىدۇ.

29-تىئورما ۋە ئالاقىدار تەجىربىلەر شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتىنى ئىزچىل ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە زۇرۇرىيىتىنى بېكىتىشتىكى ھالقىلىق مەسىلە.بۇ ھەقتە،ئۇستازلارنىڭ،مۇتەخەسىس،كەسىپ ئېگىلىرىنىڭ ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ،بىرلىككە كەلگەن نۇقتىلاردا بىرەر يازمىچە قارار چىقىرىشىنى سەمىمى ئۈمىت قىلىمەن.


پايدىلانمىلار:
1.قاسىم سىدىق_«فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسىنىڭ تەتقىقات
رامكىسى ۋە تەتقىقات يۆنىلىشى»-جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسى شىنجاڭ جۇغراپىيە-ئېكىلوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ نەشىر ئەپكارى قۇرغاق رايۇن جۇغراپىيىسى يورنىلى 2011-يىل 3-سان ، ئۇيغۇرچە نەشىرى.
2.
ئىسائاك نىيوتۇن« «تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»-بىجىڭ ئونۋىرىستىتى نەشىرياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشىرى 2011-يىلى 9-قىتىملىق باسمىسى 8-بەتتىن.
3.ماگنۇس ئىففىكىتى _ ۋېكىپىدىيە تور قامۇسى سۇزلۆكى.
4.
يا.ئى پېرېلمان_ "قىزىقارلىق فىزىكا" 1-كىتاپ،بىرىنجى باب _"تىزلىك ۋە ھەركەتلەرنىڭ قوشۇلىشى" بابى"27-28-بەتلەر.
5.ئالاقىدار تەجىربىلەر:
(1).سىرىتقى قېپى پېقىرىمايدىغان ئىلىكتىر ماتۇرنى باش قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ماياتنىڭ تەجىربىسى
(2).دېسكا ۋا چاقلاردا ئېلىپ بېرىلغان ئانتى ئېغىرلىق كۈچى تەجىربىسى ۋە پرېتسىيە تەجىربىلىرىدىكى 29-تىئورمىچە ئېغىش.
6.ئالاقىدار تور يازمىلىرى.

2015.2.18


bagdax

79

تېما

40

دوست

10 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 11835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2628
تۆھپە : 29050
توردىكى ۋاقتى: 10297
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-26

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 00:23:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-19 03:12  

  تورداشلارنىڭ تېمىدا سەھۋە - خاتالىقلارنى بايقىسا دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

——————————————
    震撼金属陀螺仪 反重力现象,角动量,1万5千转 分钟,战机声音



http://www.56.com/u91/v_MTI2NTIwNjcy.html

فىلىمدىكىسى  ئانتى ئېغىرلىق كۈچى،پېرېتسىيە تەجىربىسى.ھەرئىككىسى 29-تىئورمىچە ئېغىش شەرتى ئاستىدىلا يۆز بېرىدۇ.

______________

摆- 维基百科,自由的百科全书


ئىلىكتىر ماتۇر ماياتنىك بېشى قىلىنىپ،ماتور ھەركەتلەندۆرۆلۆپ ئىشلەنگەن تەجىربىدە ئادەتتىكى ماياتنىكلاردا شەكىللىنىدىغان يۇقۇرقىچە بۇلۇڭدىن باشقا،يەنە بىر بۇلۇڭلۇق تەۋرىنىش بار.بۇ بۇلۇڭنى ئىلىكتىر ماتۇرنىڭ ئايلىنىپ تەۋرىنىشى جەريانىدىكى 29-تىئورمىچە ئېغىش شەكىللەندۇرىدۇ.

79

تېما

40

دوست

10 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 11835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2628
تۆھپە : 29050
توردىكى ۋاقتى: 10297
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-26

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 10:29:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-19 10:36  

ئىككى بېشىنىڭ دىيامىتىرى ئوخشاش بولمىغان غالتەكنى يانتۇ تەكشىلىكتىن دۇمىلاتتىم.غالتەك دىيامىتىرى قىسقا تەرەپكە ئېغىپ ياي ياساپ دۇمىلىدى.بۇ ھال زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ سىزىقلىق تېزلىك ئاستا تەرەپكە ئاغىدىغانلىغىنى دەلىللەيدۇ.ئاپتۇمۇبىللارنى ئايلاندۇرغاندىمۇ ئوخشاش ئەھۋال كۆرۆنىدۇ.ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپتىكى چاق قالدۇرغان ياي ئىزى قىسقا بولىدۇ.
ئىككى بېشىنىڭ دىيامىتىرى ئوخشاش غالتەك يانتۇ تەكشىلىكتىن دۇمىلىتىلسا تۈز سىزىق بويىچە دۇمىلاپ چۈشىدۇ.
ئىككى بېشىنىڭ دىيامىتىرى تەڭ بولمىغان غالتەك يانتۇ تەكشىلىكتە ياي ياساپ دۇمىلاتقان پەيىتنىڭ ئۆزىدە ،دەرھال تەكشىلىكنى ئادەتتىكى تەكشىلىك ھالىتىگە كەلتۆردۆم.بۇ چاغدا غالتەك چەمبەرسىمان تىرايىكتۇرىيىدە دۇمىلاشقا باشلىدى.

1

تېما

6

دوست

3105

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 894
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 21:31:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   نىمانچە جىق يازمىلار بۇ چۈشنەلمەيلا قالدىمغۇ ؟
bagdax

79

تېما

40

دوست

10 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 11835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2628
تۆھپە : 29050
توردىكى ۋاقتى: 10297
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-26

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 23:28:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەرمە:


ئېينىشتېين 1915-يىلى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇ بۇ نەزەرىيىدە ئېنېرگىيە بىلەن زامان- ماكاننىڭ ئەگرىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئېينىشتېين تەڭلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ ئوز تەڭلىمىسىدىن "ئالەم  بولسا تۇراقلىق دېگەن ئالەم پرىنسىپىنى "قانائەتلەندۈرىدىغان يېشىمنى تاپقان بولسىمۇ، بىراق تاپقان يېشىم، ئالەم زامانىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن كېڭىيىدىغانلىقىنى ياكى  تارىيىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئېينىشتېين باشتا ئالەم تۇراقلىق دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تاپقان يېشىمىگە ئۆزگەرتىش قىلىپ ئالەم تۇراقلىق دېگەننى ساقلاپ قالىدۇ. بىراق ئاز ئۆتمەي بۇ قارىشىدىن يېنىۋالىدۇ.


——————————

ئالەم كېڭىيىپ-تارىيىپ ئىزچىل دەۋرى قىلىدۇ.ھەر قېتىملىق كېڭىيىش ۋە تارىيىشنىڭ بىر چېكى بولىدۇ،چەكسىز بولمايدۇ.تۇراقلىقلىق مۇشۇ چەك ئىچىدەئىپادىلىنىدۇ،دېسەك بۇمۇ بىر ئويلۇشۇپ كۆرۈشكە تېگىشلىك تەپەككۆر يولى.شەكىل نەزەريىسىنىڭ فىزىكىلىق ئالەم قارىشى مانا مۇشۇنداق.

41-تىئورما مانا مۇشۇنداق يەكۈنگە ئېلىپ كېلىدۇ.يەنى،بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى بىلەن سىزىقلىق ھەركەت مىقدارى تەتۆر تاناسىپ،ئومۇمى ھەركەت مىقدارى تۇراقلىق بولىدۇ.ئالەم كېڭەيگەندە سىزىقلىق ھەركەت مىقدارى بارغانسىرى ئېشىپ بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى
مۇناسىپ كېمىيىدۇ.ئالەم تارايغاندا بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى بارغانسىرى ئېشىپ ،سىزىقلىق ھەركەت مىقدارى مۇناسىپ كېمىيىدۇ.

ئېينىشتېيىن ۋاز كەچكەن ئەشۇ يېشىم ۋە ئالەم تۇراقلىقى شەكىل نەزەريىسىگە پايدىلىقتەك قىلىدۇ.


تەنھا ئەپەندىم ئۇزىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن تەييارلاۋاتقان 29-تىئورمىنىڭ ماتىماتىكىلىق مودىلى سەرلەۋھەلىك ماقالىسىغا تۆۋەندىكى ئىككى پارچە رەسىمنى 41-تىئورمىچە ھەركەت شەكلىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قىستۇرغان:




يۇقۇردىكى رەسىم ئارقىلىق كېڭىيىۋاتقان ئالەمنى ئوبرازلىق چۈشەندۆرگىلى،تۆۋەندىكى رەسىم ئارقىلىق تارىيىۋاتقان ئالەمنى ئوبرازلىق چۈشەندۆرگىلى بولىدۇ.

مەنبە:

./thread-20777-6-1.html

79

تېما

40

دوست

10 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 11835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2628
تۆھپە : 29050
توردىكى ۋاقتى: 10297
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-26

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 15:00:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 18:23  


دەم ئېلىشقا چىققان ئىنژىنىر نىيوتۇن ئالەملىك تارتىش كۈچىدە يوچۇق بارلىغىنى بايقىدى
退休工程师实验证明牛顿万有引力有漏洞



http://www.tudou.com/programs/view/nSNt2nfvBtY



بۇ فىلىمدە ، ماگىنىتتىن پايدىلىنىش  ئارقىلىق تارتىشىش يۆز بەرگەندە ئېغىرلىق ئاشىدىغانلىغى،تېپىشىش يۆز بەرگەندە ئېغىرلىق كېمىيىدىغانلىغى.بۇ تەجىربىگە چىيەنشۈسىن قاتارلىقلارنىڭ دىققەت قىلغانلىغى،جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىن فەن پىروفېسۇرنىڭ چۇڭچىڭغا ئۇچۇپ كېلىپ،تەجىربىگە يىتەكچىلىك قىلغانلىغى ،بۇنىڭ بىر يېڭى فىزىكىلىق ھادىسە ئىكەنلىگى بايان قىلىنىپتۇ.

7

تېما

3

دوست

1484

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   48.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31176
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 462
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-22 02:01:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۆپ نەرسىنى چۈشەنمىدىم ، ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ نۇرغۇن ئىزدىنىشتىن كەلگنلىكىنى پەملىدىم. دېمەكچىمەن يارقىن نەتىجە، مۇۋاپىقىيەت يار بولسۇن، جاپا تارتىڭلار...

79

تېما

40

دوست

10 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 11835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2628
تۆھپە : 29050
توردىكى ۋاقتى: 10297
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-26

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2015-2-22 12:06:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-31 15:13  

مىنىڭ قارىشىمچە،نىيوتۇننىڭ 1-قانۇنىنىڭ مۇپەسسەل بايانىدا ئېيىتقانلىرى بىلەن،ئۇنىڭ تارتىش كۈچى ئىدىيىسى ئوتتۇرىسىدا كېلىشتۇرگىسىز زىدىيەت بار ئىكەن.كەسىپ ساھاسىدىكى تورداشلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ كۇرۇشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.مانا 1-قانۇنىدىكى ئالاقىدار بايانلار:

ھەر بىر جىسىم ئۆزىنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۆز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ،پەقەت تاشقى كۈچ تەسىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
تاشلانغان جىسىم ئەگەرھاۋانىڭ قارشىلىغى ۋە ئېغىرلىق كۈچىنىڭ  تۆۋەنگە يېتەكلىشى بولمىسا ئۇزى تاشلانغان پەيىتتىكى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا،توختىماي پىقىراۋىرىدۇ.سەييارىلەر ۋە كۇمىتىلارغا ئوخشاش چوڭ جىسىملار ئەركىن بوشلۇقتا ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىسا،ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرلىمە ھەركەت ۋە ئايلانما ھەركىتىنى ساقلايدۇ.

يۇقۇرقى ئىككىنجى ئابزاستا سەييارىلەرنىڭ تارتىش كۈچى بولمىسىمۇ ئايلانما ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويغان.تارتىش كۈچى قانۇنىدا  بولسا بۇنداق ئايلانما ھەركەت تارتىش كۈچى ۋەجىدىن يۆز بېرىدۇ،دەپ چۈشەندۆرىلىدۇ.قېنى كىىم بۇ قاراشلارنىڭ زىدىيەتلىك ئەمەسلىكىنى چۈشەندۇرۆپ بېرەلەيدۇ؟.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )