قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2151|ئىنكاس: 14
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

1931-يىلىدىكى قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ بىۋاستە سەۋەبچىسى جاڭ گ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

0

دوست

1108

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26579
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 58
تۆھپە : 462
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
1931-يىلىدىكى قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ بىۋاستە سەۋەبچىسى جاڭ
گوخۇنىڭ تەقدىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش
激起1931年哈密农民起义的战犯张国琥的消失之谜
خوجا سالى
ئابلىمىت ئابدۇللا


     20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىداشىنجاڭدا دېھقانلارنىڭ مىللىي زۇلۇمغا، فېئۇداللىق قۇللۇققا قارشى قۇراللىق كۈرەشلىرى توختىماي دېگۈدەك داۋام قىلىپ كەلدى. شۇلارنىڭ ئىچىدە 1931-يىلى ئەتىيازدا پارتىلىغان قومۇل دېھقانلىرىنىڭ قۇراللىق قوزغىلىڭىنىڭ كۆلۈمى بىر قەدەر  زور، تەسىرى بىر قەدەر چوڭ  بولۇپ،تىغ ئۇچى شىنجاڭدىكى مىللىتارىست جىن شۇرېن (1878-1941) نىڭ ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيىتىگە قارىتىلدى.
   1931- يىلىدىكى قومۇل دېھقانلارقوزغىلىڭىنىڭ قومۇلدىكى ئون ئىككى تاغنىڭ بىرى شوپۇلدىن باشلانغانلىقى ھەممىمىزگەمەلۇم. ئەمما قوزغىلاڭنىڭ باشلىنىشىغا تۇترۇق بولۇپ بەرگەن جاڭ گوخۇ (张国琥) نىڭ تەقدىرى توغرىسىدا تاكى ھازىرغا قەدەرئىككى خىل كۆزقاراش مەۋجۇت. بەزىلەر:«سالى دورغىنىڭ قىزىنى مەجبۇرى خوتۇنلۇق قائالماقچى بولغان قاراۋۇل (چازا-卡子) ئەمەلدارى جاڭ گوخۇنى نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈۋەتكەن» دېسە، بەزىلەر:«جاڭ گوخۇ قېچىپ كەتكەن» دېيىشىدۇ. بىزبۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىلگىرى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا قاراپ باقايلى:
«قومۇل ۋىلايىتى تەزكىرىسى» نىڭ1718-بېتىدە تۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بېرىلگەن:
    «...مىنگونىڭ19-يىلى (1930-يىلى) 6-ئايدا قومۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇت كېسەل بىلەن ئۆلدى، قومۇل ئۇيغۇرلىرى ۋاڭلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىش، يەر تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى.7-ئايدا جىن شۇرېن تەكشۈرۈش، تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش كومىتېتى قۇرۇشنى تەستىقلىدى. 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش كومىتېتىدىكى لۇڭ شېيلىن، چېن داشىڭ، جۇ يوشيا قاتارلىق ھەيئەتلەر قومۇلغا كېلىپ، قومۇل ۋاڭىنىڭ مال-مۈلكى، ۋاڭ ئوردىسىنىڭ يەرلىرىنى ئېنىقلىدى. يەر ئېنىقلاشقا مەسئۇل خەنزۇ ئەمەلدارلار بىلەن تەكشۈرگۈچىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ياخشى يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۇيغۇرلارنى بوزەك قىلىپ، ئۇلارنى يەر تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشكە ئىشەنمەس قىلىپ قويدى.
    يۇقىرىقى سەۋەبلەر دېھقانلارنىڭ جىن شۇرېننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، يەنى مىنگونىڭ 20- يىلى (1931-يىلى)2-ئاينىڭ 27-كۈنى سالى دورغا شوپۇلدا تۇرۇشلۇق تەكشۈرگۈچىلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ،قوزغىلاڭنىڭ  پىلتىسىغا ئوت ياقتى. بۇ ۋەقە شوپۇلدا تۇرۇشلۇق تەكشۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ گوخۇنىڭ سالىنىڭ قىزىنى مەجبۇرى خوتۇنلۇققا ئېلىش سەۋەبىدىن يۈزبەردى. 4-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە، سالى دورغا كالتەك-توقماق بىلەن قوراللانغان 40نەچچە كىشىنى يىغىپ، شۇ يەردە تۇرۇشلۇق تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىكى چېدىر ۋە گەمىلەرگە ئورۇنلاشقان ئەسكەرلەرنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، پەقەت جاڭ گوخۇلا قېچىپ كەتتى...».
   «قومۇل ناھىيەسى تەزكىرىسى» نىڭ 691-، 692-بەتلىرىدە تۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بېرىلگەن:
   «...يەر بېجى ئېلىش چارىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇردېھقانلىرى زارلىنىشقا باشلايدۇ، ئۇلار ۋەكىل ئەۋەتىپ، جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىدىن باج ئېلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنى چىرىكلەشكەن جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى كەسكىن رەت قىلىدۇ. ئۇيغۇر دېھقانلىرى غەزىپىنى باسالماي، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش خىيالىغا كېلىدۇ. دەل شۇ چاغدا شوپۇلدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر قىزىنى زورلۇق بىلەن خوتۇنلۇققا ئېلىش ۋەقەسى قوزغىلاڭنىڭ ئوموميۈزلۈك پارتىلىشىغا سەۋەبچى بولدى.
    شوپۇللۇق سالى دورغىنىڭ بىرچىرايلىق قىزى بار ئىدى، شوپۇل جىساسى جاڭ گوخۇ بۇ قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىش ئۈچۈن نەچچە قېتىم زورلۇق ئىشلىتىپ باققان بولسىمۇ، سالى دورغا دىنىي ئېتىقاد ۋەمىللەتنىڭ ئوخشىاشماسلىقىنى سەۋەب قىلىپ رەت قىلىدۇ. مەقسىتىگە يېتەلمىگەن جاڭگوخۇ ياۋۇزلىقىنى ئاشكارىلاپ:‹قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقىڭدىن قەتئىينەزەر پالانچى كۈنى قىزىڭنى چوقۇم خوتۇنلۇققا ئېلىپ كېتىشكە كېلىمەن› دەپ بىلجىرلايدۇ. جاڭ گوخۇ گەنسۇلۇق، ليۇ شىزىڭ بىلەن يۇرتداش ئىدى، ئۇ، ليۇ شىزىڭنىڭ كۈچىگە تايىنىپ پۇقرالارنى قاقتى-سوقتى قىلىپ، قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىغان ئىدى. بۇقېتىمقى:‹ئەمەل ۋارىسلىقىنى بىكار قىلىپ، ئالمىشىپ تۇرۇدىغان ئەمەلدار قويۇش›جەريانىدا، ئۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ 100 نەچچە مو مۇنبەت يەرنى ئىگىلىۋالغان،يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلار ئۇنىڭغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەنىدى. جاڭ گوخۇكەتكەندىن كېيىن سالى دورغا جاڭ گوخۇنىڭ ئارقىسىدىن:‹سەن قىزىمنى ئالىمەن دەيدىكەنسەن مەن كاللاڭنى ئالالمىسام سالى بولماي كېتەي› دەپ قەسەم ئىچىدۇ. سالى دورغا نوملۇق سالى دورغا ۋە تۈركۆللۈك باقى نىياز دورغىلار بىلەن بىرلىكتەقوزغىلاڭ كۆتۈرۈش توغرىسىدا خۇپىيانە مەسلىھەتلىشىدۇ. ئۇلاردا قورال-ياراق كەمچىل بولغانلىقتىن، ئۇلار يەنە ئابدۇنىياز مىرابنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.(ئابدۇنىياز ۋاڭنىڭ شەرقىي تاغقا ئەۋەتكەن ئۈچ بېگى بولۇپ، ئىككى ليەن ئاتلىق ئەسكەر بىلەن توخۇلۇدا تۇراتتى). ئۇلار بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ۋاقتىنى جاڭ گوخۇ قىزنى ئالغىلى كېلىدىغان كۈنگە بېكىتىدۇ.
   شوپۇللۇق سالى دورغا يوشۇرۇنچە سۆجى، قارامۇقچا قاتارلىق جايلارنىڭ دورغا، قورمال ۋە مۇھتىسىپلىرىنى چاقىرىپ يىغىن ئېچىپ مەسلىھەتلىشىدۇ. تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن، جاڭ گوخۇنىڭ تەلىپىگەيالغاندىن ماقۇل بولغان بولىدۇ ھەمدە قىزنى 4-ئاينىڭ 12- كۈنى كۆچۈرۈپ كېتىشكەرازىلىق بېرىدۇ. جاڭ گوخۇ 32 نەپەر قوراللىق ئەسكەرنى باشلاپ دېگەن ۋاقىتتا قىزنى كۆچۈرۈشكە كېلىدۇ. جاڭ گوخۇ قىز بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۆيگە كىرىشى بىلەنلا ئايالچەياسىنىۋالغان ئەركەك (قىز) ئۇنى قۇچاقلىۋالىدۇ. ئۇيغۇر دېھقانلىرى جاڭ گوخۇنى ۋەئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن ئسكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرىدۇ. 30 نەچچە تال مىلتىق سالى دورغا قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشىدۇ.
   شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نوملۇق سالى دورغا، سەدەن قورمال ۋە ناسىر مۇھتىسىپلار جىسا پونكىتىنى مەخپى مۇھاسىرىگەئېلىپ، ئۇنىڭ باشلىقى شى جېنفېڭنى تۇتۇپ كېتىدۇ، ئىككى قاراۋۇلنى ئېتىپ تاشلايدۇ،16 قاراۋۇلنى ئەسىر ئالىدۇ، پەقەت بىرلا قاراۋۇل قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار شى جېنفېڭنى ۋە قاراۋۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئېتىپ تاشلايدۇ. ئارقىدىنلا سالى دورغا قاتارلىقلاريېقىن ئەتراپتىكى كۆچمەنلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، باشقا جايلاردىكى قوزغىلاڭچى دېھقانلار بىلەن بىرلىشىپ، ھۆكۈمەت قوشۇنىغا زەربە بېرىشكە پائال تەييارلىق كۆرىدۇ...».
  «قومۇل شەھىرىنىڭ تارىخ ماتېرىيالىرى» نىڭ بېرىنچى قىسىم 31-،32-بەتلىرىدە تۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بېرىلگەن:
   «...1931-يىلنىڭ باشلىرىدا جىن شۇرېننىڭ يۇرتدىشى جاڭ گوخۇ شوپۇل قاراۋۇلىغا ئەمەلدار بولۇپ بارىدۇ. تاغ رايونىنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللا ئاخۇننىڭ گۈلخان ئىسىملىك چىرايلىق بىر قىزى بولۇپ، ئۇنىڭغا جاڭ گوخۇنىڭ كۆزى چۈشۈپ قېلىپ، ئۆز ھوقۇقىغا تايىنىپ بۇ قىزنى مەجبۇرى ئالماقچى بولىدۇ. بۇنداق ئىش ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن ۋە مۇسۇلمانلار نومۇس  دەپ بىلىدىغان ئىش ھەمدە يات مىللەت مۇسۇلمانلىرىدىن خوتۇن ئالماقچى بولساخەلقلەر تاقەت قىلىپ تۇرالمايدىغان ئىش بولغانلىقتىن، جاڭ گوخۇ ئۈچۈن ئەلچى بولۇپ كەلگەن كىشىگە:‹سەن قايسى ۋىجدانىڭ بىلەن بىر مۇسۇلماننى يات بىر مىللەتكە بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ  كەلدىڭ؟›  دەپ قاتتىق سۆكۈپ قەتىئي رەت قىلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ جاڭ گوخۇ گۈلخاننى ئالىمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋاپتۇ.تاغدا ئابدۇللا ئاخۇننىڭ گېپى گەپ ئىدى. ئۇ قىزىنىڭ يولۋاس ئېغىزىغاچۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ھېچنېمىگە قارىماي زالىم جاڭ گوخۇنى جازالاش نىيىتىگەكېلىدۇ. شۇ چاغلاردا سالى دورغا ۋە يېزا مۆتىۋەرلىرى قوزغىلىشنى ئويلىشىۋاتقان چاغلىرى ئىدى. ئۇلار 2-ئاينىڭ 18-كۈنى مەخپىي مۇزاكىرە ئۈتكۈزۈپ، 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان‹توي› پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلىدۇ.
     ‹توي› ئاخشىمى جاڭ گوخۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن 33 نەپەر قوراللىق ئەسكەر بىلەن ئابدۇللا ئاخۇننىڭ ئۆيىگە كېلىدۇ ۋە قىز ھۇجرىسىغا باشلىنىدۇ. قىزھۇجرىسىدا ئالدىن چىرايلىق قىز شەكلىدە ياسىنىپ ئولتۇرغان ئىمىن ئىسملىك ئۇيغۇريىگىت جاڭ گوخۇ ھۇجرىغا كىرىشى بىلەن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئۇنى قۇچاقلاپ ئېلىپ ئۆلتۈرۈدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەتراپتا تەييارلىنىپ تۇرغان كىشىلەر جاڭ گوخۇباشلاپ كەلگەن 33 نەپەر چېرىكنى ئۆلتۈرۈپ، قورال-ياراقلىرىنى تارتىپ ئېلىپ ئۆزىنى قوراللاندۇرىدۇ. ھەمدە قاراۋۇل ئەمەلدارى ئابدۇللام نىيازنىڭ ياردىمى بىلەن قاراۋۇلنى ساقلاۋاتقان 70 دىن ئارتۇق چېرىكنى يوقىتىپ 77 دانە قورالنى ئولجائالىدۇ. ئابدۇنىياز مىراپ، باقىنىياز دورغا، خوجىنىياز ھاجى، قاسىم پالۋان، مەرگەنيەھيا ئىمام، ئىبراھىم قورمال قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدە دېھقانلارنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭى داغ-دۇغىلىق قوزغىلىدۇ.
    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قومۇلدىن سالى دورغىدىن جەرىمانە پۇلىنى ئالغىلى كەلگەن ئۈچ ئەسكەرنىڭ قورالى تارتىۋېلىنىپ ئىككىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ. بىرسى قويۇپ بېرىلىدۇ (باشلىقىغا خەۋەر قىلسۇن دەپ قويۇپ بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىن)، بۇ ئىشنى سالى دورغا ئاقسۇغا ۋالىي بولۇپ تۇرغان كۈنلەردە سۆزلەپ بەرگەن... (مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى پولكوۋنىك سوپاخۇن سۈۋۈروف-ئا).
   «ئاراتۈرۈك تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ بىرىنچى قىسىم 132-،135-بەتلىرىدە تۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بېرىلگەن:
  «...ئاراتۈرۈكنىڭ سۆجى بۇلاق(سىمىخۇا چۇەن) دېگەن جايدا تۇرۇۋاتقان جىسا–جاڭ گوخۇ قومۇلغا چۈشۇپ قايىپ كەلگىچەشوپۇلغا كېلىپ سالى دورغىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالماقچى بولىدۇ. ئۇ ئاخشىمى سالى دورغىنى ماڭا بۈگۈن كىچە ئۇيغۇردىن خوتۇن تېپىپ بېرىسەن دەپ قىستايدۇ. سالىدورغا:‹بىز ئىسلام دىنىدىكى خەلقلەردىن خەنزۇلارغا خوتۇن بولۇش يوق، بىزنىڭ دىنىي ئۆرۇپ-ئادىتىمىزگە خىلاپ بولۇدۇ. ساڭا ئۇيغۇردىن خوتۇن بولۇدىغان ئايال يوق› دەپ جاڭ گوخۇنىڭ تەلىپىنى  رەت قىلىدۇ.جىسا جاڭ گوخۇ سالى دورغىنىڭ ئايىنىساخان دېگەن قىزىنى كۆرسىتىپ:‹بۇ ئولتۇرغان خوتۇن ئەمەسمۇ؟ مۇشۇنى بېرىسەن› دېگەندە، سالى دورغا غەزەپكە كېلىپ جاڭ جىسا بىلەن تاكاللىشىپ قالىدۇ. سالى دورغا مۇنداق دەيدۇ:‹سەن بۇنداق يولسىز تەلەپنى قويۇپ تۇرۇۋالساڭ، يا مەن سېنى ئۆلتۈرۈمەن، يا سەن مېنى ئۆلتۈرۈسەن. بۇ ھايات- ماماتلىق ئىش› لېكىن جىسا جاڭ گوخۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ تەلىپىدە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ: ‹سەن ماڭا بەش كۈن ئىچىدە مۇشۇ قىزىڭنى بېرىشكە كۆنمىسەڭ مەن قايتىپ كېلىپ كاللاڭنى ئېلىپ تاشلاپ،قىزىڭنى خوتۇنلۇققا ئالىمەن. كۈي ئوغلۇڭنى ئەسكەرلىككە تۇتۇپ بېرىمەن› دەيدۇ. بۇئىش سالى دورغىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ. سالى دورغا بۇ خىل قات مۇقات بېسىم ئاستىدا شوپۇلدىكى يۇرت باشلىقلىرى ۋە مۆتىۋەر كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشپ خەلقنى باشلاپ شوپۇلدىن تال تېغىغا كۆچۈپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سالى دورغا ئاراتۈرۈكتىكى ئابدۇنىياز مىراپ، توقسۇن قورمال، تۈركۆللۈك باقىنىياز دورغا، نوملۇق سالى دورغا قاتارلىقلاربىلەن ئۇچرىشىپ، كېڭىشىپ كۆرمەكچى بولۇدۇ. دەل شۇ كۈنلەردە قومۇلدىكى يولۋاس ئابدۇنىياز مىراپقا بىر پارچە ئالاقىنى ئەۋەتىدۇ. بۇ ئالاقىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:‹شوپۇلدىكى سالى دورغا بۇزۇلدى ئۇ شوپۇل خەلقىنى تال تېغىغا كۈچۈرۈپ كەتتى.بۇ ئالاقىنى ئالغان ھامان سالى دورغىنى تىرىك تۇتۇپ ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىڭ›دېيىلگەن. ئابدۇنىياز مىراپ بۇ ئالاقىنى كۆرۈپ بولۇپ، ئالاقىنى ئېلىپ چىققان يارى دورغىغا ئاراتۈرۈكلۈك توقسۇن قورمالنى قوشۇپ تال تېغىغا ماكانلاشقان سالى دورغىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. سالى دورغا ئالاقىنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ.توقسۇن قورمالنى ئاراتۈرۈكتىكى گازارما (يىڭفاڭ-营房) نى ئېلىشقا، باقى نىياز دورغىنى تۈركۆلدىكى قورۇلنى ئېلىشقا، نوملۇق سالى دورغىنى نومدىكى قورۇلنى ئېلىپ جىسالارنى يوقىتىشقا تەكلىپ يېزىپ ئابدۇنىياز مىراپقا ئەۋەتىپ بىرىدۇ. سالى دورغا ئۆزى سۆجى بۇلاقتىكى جاڭ جىسانىڭ قورۇلىنى ئېلىشقا مەسئۇل بولۇپ، 1931-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى شوپۇلدىكى خەلقلەردىن پالۋانلارنى تاللاپ، ئاراتۈرۈكنىڭ باي دىگەن يېرىدىن 10 نەچچە نەپەرپالۋاننى قوشۇپ، جەمئى ئەللىك نەچچە نەپەر پالۋاننى تەشكىللەپ، سۆجى بۇلاقتىكى چېرىكلەر تۇرۇشلۇق قورۇل ئەتراپىنى بىر كېچىدە مۇھاسىرىگە ئېلىپ قويۇپ، ئۆزى ئۈچ نەپەر ئادەم بىلەن جاڭ جىسانىڭ يېنىغا كىرىدۇ.‹مەن ساڭا قىزىمنى خوتۇنلۇققا بېرىشكە رازى بولدۇم، بالدۇر ساڭا بىھۆرمەتلىك قىلىپ سېنى رەنجىتىپ قويغىنىم ئۈچۈن ئەمدى ئەپۇ سوراپ كەلدىم. توي ۋاقتىنى بېكىتسەك قانداق؟› دېگەندىن كېيىن، جاڭ گوخۇخوشاللىقىدا سالى دورغىلارنى يۇقىرى ھۆرمەت بىلەن ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، دەرھال زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپ مېھمان قىلىپ، ھاراق-شاراپنى تازا مەس بولغىچە ئىچىدۇ.ئۇلار(جاڭ جىسالار) راسا مەس بولغاندىن كېيىن، سالى دورغىلار قايتماقچى بولۇپ سىرتقا چىقىپ ئۆزۈنىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقان پالۋانلىرىغا ئەھۋالنى ئېيتىپ، كېچەتۈن-يېرىمدىن ئاشقاندا چېرىكلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. پالۋانلار چېرىكلەرنى تۇتۇۋاتقاندا، جاڭ گوخۇ سېزىپ قېلىپ دەرھال ئاتقا مىنىپ قاچىدۇ. ئۇنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرگەن سالى دورغا مىلتىق بىلەن ئۇنىڭ ئېتىنى ئېتىپ تاشلايدۇ. جاڭ گوخۇ بولسائاتتىن يېقىلىپ چۈشۈپ قاراڭغۇ كېچىدە تاققا قاراپ قاچىدۇ. دەل شۇ چاغدا ئىچكىرىدىن400- 500 دەك تۆگىگە سودا ئارتىپ چىققان سودىگەرلەر ‹قۇم كۆندۆ› دېگەن جايغا چۈشۈپ قونغان ئىكەن. جاڭ گوخۇ كېچىدە شۇ يەرگە قېچىپ بېرىپ، سودىگەرلەرگە يالۋۇرۇپ  ئۆزۈنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتقاندىن كېيىن، بۇ ئىچكىرىدىن چىققان سودىگەرلەر جاڭ گوخۇنى ياغاچ ساندۇقنىڭ ئىچىگە سېلىپ يوشۇرۇپ قويىدۇ. سالى دورغا باشلىق قوزغىلاڭچى پالۋانلارسودىگەرلەردىن سورىغاندا، ئۇلار:‹بىز كۆرمىدۇق، بۇ يەرگە ئادەم كەلمىدى› دەپ جاۋاب بېرىدۇ. پالۋانلار سودا-ماللار ئارىسىنى ئاختۇرۇپمۇ تاپالماي كېتىپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ جاڭ گوخۇ سودىگەر تۆگىچىلەرنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا باركۆلگە قېچىپ بېرىپ ئەھۋالنى ئۈرۈمچىدىكى جىن شۇرېنغا خەۋەر قىلىدۇ. ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان جىن شۇرېن  ئۆزۈنىڭ قومۇلدا تۇرۇشلۇق خادىمى ليۇ سىجاڭغا تېلېگرامما بېرىپ: ‹ئاراتۈرۈكتە يۈز بەرگەن توپىلاڭنى تېزدىن بېسىقتۇرۇپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۇرۇقىنىمۇ قويماي يوقىتىڭلار›دېگەن بۇيرۇقنى بېرىدۇ...».
    ليۇ زىشيا (刘志宵) يازغان «ئۇيغۇر تارىخى» 2-قىسىم 2-كىتاب(شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2003-يىلى6-ئاي نەشرى) نىڭ 998- 1001-بەتلىرىدە تۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بېرىلگەن:
    «...زېڭ ۋېنۋۇ (曾问吾) خاتىرىلىگەن بۇ ۋەقە 1931-يىلى 3-ئايدا يۈز بەرگەن. چۈنكى مۇشۇنىڭدىن كېيىن بۇ جەريان بايان قىلىنغان ھەر خىل ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى بۇ باياننى ئاساس قىلغانلىقى، بۇ باياننىڭ خېلى ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
    لېكىن زىڭ ۋېنۋۇ ئەپەندى يازغان ‹جوڭگونىڭ غەربىي يۇرتنى ئىدارەقىلىش تارىخى› ناملىق ئەسەرنىڭ 598-بېتىدە بايان قىلىنغان شوپۇل ۋەقەسىنىڭ بىۋاستە سەۋەبى، يەنى جاڭ فامىلىلىكنىڭ ئۇيغۇر قىزىنى ئۆزۈگە تېگىشكە زورلىغانلىقى سۆز-چۆچەك ۋە ئىشەنچسىز. زېڭ ۋېنۋۇ شوپۇل ۋەقەسىنى ئومومى جەھەتتىن بايان قىلىشقا  نوپۇزلۇق بولۇپ قالغاچقا، سۆز-چۆچەك ۋە ئىشەنچسىز بۇ بايانمۇ كېيىنكىلەر تەرىپىدىن كەڭ ئىشلىتىلگەن ۋە ئېتىراپ قىلىنغان.
    1991-يىلى 4-ئايدا شوپۇللۇق تۆت بوۋاي شوپۇل ۋەقەسىنىڭ جەريانى ۋە تەپسىلاتىنى كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا قومۇل ناھىيەلىك تەزكىرە ئىشخانىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا شوپۇل ۋەقەسىنىڭ جەريانى ۋەتەپسىلاتىنى سۆزلەپ بەرگەن.
    بۇ تۆت بوۋاي ئادىل ئاخۇن سالىنىڭ مۇھاپىزەتچى ئەسكىرى بولۇپ،سۆزلەپ بەرگەن  چاغدا 81 ياشقا كىرگەن؛ توختى موللا(مۇشۇ كەنتنىڭ ئىمامى) سۆزلەپ بەرگەن چاغدا 76 ياش، ھاپىز سالى(سالىنىڭ ئوغلى)سۆزلەپ بەرگەن چاغدا 72 ياش؛ پازىل بوۋا ئازاتلىقتىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش چوڭ ئەترىتىنىڭ كادىرى بولغان. ھازىر پىېنسىيەدە بولۇپ، 60 يىل ئىلگىرىكى شوپۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەن چاغدا ئادىل ئاخۇن 20 ياشقا، توختى موللا 15 ياشقا، ھاپىز 15 ياشقا،ھاپىز سالى 11 ياشقا، پازىل بوۋا يەتتە ياشقا كىرگەن بولىدۇ. يېشى ئەڭ كىچىك بولغان پازىل بوۋىنى ئېلىپ ئېيتساق، يەتتە ياشلىق بالىنىڭ ئەقلى بىلەن ئۆزى ئەينى چاغدا كۆرگەن ئەھۋاللارنى تولۇق سۈرەتلەپ بەرگەن.
     قومۇل ناھىيەلىك تەزكىرەئىشخانىسىدىن ئابدۇراخمان ۋەلى، شىڭ جىيەنلى، ھاپىز سېيىت قاتارلىق كىشىلەر ‹1931-يىلدىكى شوپۇل ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە جەريانى ئۈستىدە تەكشۈرۈش› دېگەن تېمىدا يۇقىرىقى تۆت بوۋاينىڭ بايانلىرىنى خاتىرىلىۋالغان. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ بايانلىرىنى تولۇقى بىلەن بىرىمىز:
     ‹1931-يىلى ئەتىيازدا (4-ئايلاردا)،شوپۇل سىيمىخۇاچۈەنگە جايلاشقان تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ باشلىقى جاڭ گوخۇ شوپۇلدىكى سالى دورغىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ:‹بىز شوپۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەسكەر تولۇقلايمىز›دېدى، ھەمدە:‹سالى دورغىنىڭ ئىككى قىزىنىڭ بىرىنى (بىرىنىڭ ئىسمى لەيلىخان. يەنەبىرىنىڭ ئىسمى گۆھەرخان ئىدى) خوتۇنلۇققا ئالىمەن› دەپ داۋراڭ سالدى. سالى دورغاجاڭ گوخۇ بىلەن تىللىشىپ كەتتى. سالى دورغىنىڭ ئايالى ئېرىنى تارتىپ تۇردى. جاڭگوخۇ ئاچچىقلانغان ھالدا كېتىپ قالدى. ۋەقەدىن كېيىن سالى دورغا شوپۇلدىكى ئاممىغا:‹جاڭ گوخۇ ئەسكەرلىككە ئادەم تۇتىدىكەن، تېخى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئالماقچى ئىمىش. بىزنىڭ كۈن كۆچۈرىدىغان يولىمىز قالماپتۇ› دېدى.ئارقىدىنلا ئۇ كۆپچىلىك بىلەن جاڭ گوخۇنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتىنى يوقىتىش ئىشىنى مۇزاكىرىلەشتى.كۆپچىلىك قوشۇلغاندىن كېيىن، ھەرىكەتلىنىشتىن ئىلگىرى تال تېغىدانەزىر قىلدى. ھەمدە شۇ كۈنىلا شوپۇللۇق چارۋىچىلار (ئەينى چاغدا شوپۇلدا 42ئائىلىلىك ئۇيغۇر چارۋىچى بار ئىدى) دىن 40 يىگىت تاللىنىپ، سالى دورغا بىلەن بىللە سىمىخۇاچۈەنگە قاراپ يولغا چىقتى. تال تېغى بىلەن سىمىخۇاچۈەننىڭ ئارىلىقى50 چاقىرىم كىلەتتى؛ قاراڭغۇ چۈشكەن چاغدا، سالى باشلاپ ماڭغان بۇ 40 نەپەر يىگىت سىمىخۇاچۈەنگە يىتىپ باردى. تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ خادىملىرى چىدىر ۋە گەمىلەردەئۇيقىغا كەتكەن ئىدى. سالى دورغا يىگىتلەرنى بىر نەچچە گۇرۇپپىغا بۆلگەندىن كېيىن ھەرىكەتنى باشلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن قاراۋۇلنى ئۆلتۈردى، ئارقىسىدىن كەلگەن يىگىتلەر گەمە ۋە چېدىرلارنى سىلاپ يۈرۈپ ئاۋۋال مىلتىق ئوغرىلاپ چىقتى،ئارقىدىنلا چېدىرنى كېسىپ يىقىتىپ، توقماق بىلەن گەمە ۋە چېدىرلاردىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ھەمدە 20 دانە قارا مىلتىق ۋە بىر قارائاتنى قولغا چۈشۈردى. جاڭ گوخۇلا قېچىپ سىمېيخۇاچۈەن تەكشۈرۈش پونكىتىغا يېقىن جايدا تۇرغان كارۋانلارنىڭ تۆگىلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇنىۋېلىپ، تۇتۇلماي قېچىپ كەتتى...».
    يەنە يۇقىرىقى كىتابنىڭ 1006-، 1007-بەتلىرىدەتۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بېرىلگەن:
   «...1994-يىلى 9-ئايدا مەن (ليۇ زىشياۋ) قومۇلغابېرىپ شوپۇل ۋەقەسىنى تەكشۈرگەن چېغىمدا ھايرانلىق بىلەن شۇنى سەزدىمكى ئىلگىرىكى بايانلار بىلەن شاھىت كىشىلەرنىڭ بايانلىرى ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار ئىكەن. ئۇزاق ئۆتمەي مەن قومۇل ناھىيەلىك تەزكىرە ئىشخانىسىدىكى بىر نەچچە يولداش 1991-يىلى9-ئاينىڭ 18-كۈنى تاماملىغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىنى قولغا چۈشۈردۈم.ئۇلار تەكشۈرۈش دوكلاتىدا مۇنداق شەرھىلىگەن: ‹1931-يىل 4-ئايدا قومۇل ناھىيەسىدىكى تاشۋىلىق، شوپۇل دېگەن جايلاردا دېھقانلار قوزغىلىڭى يۈز بەرگەنىدى.بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە جەريانى ھەققىدە  ھەرخىل كىتاب ۋە ژورناللاردا يېزىلغان ماتېرىياللار بىردەك ئەمەس، كۆزقاراشلارمۇھەرخىل. شۇ سەۋەبتىن، بىز شوپۇلغا بېرىپ شۇ جايدىكى 70 ياشتىن ئاشقان بىر قىسىم ئەھۋالنى بىلىدىغان كىشىلەرنى تېپىپ بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە جەريانىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندۇق›. 1994-يىلى 9-ئايدا، ليۇ زىشياۋ قومۇل مەمۇرىمەھكىمە مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قادىر ئابلىز بىلەن بىللە ئەينى يىللاردا قومۇل قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ئىسھاقنىڭ ئوغلى ئابدۇۋەلى ئىسھاقنى زىيارەت قىلغان چاغدا، ئۇمۇ شۇ مەزمۇننى سۆزلەپ بەردى...».
    قومۇل ۋىلايەتلىك پارتىكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ، دەم ئېلىشقا چىققان پىشقەدەم كادىر ھەم يازغۇچى فەنچىڭچۈي (范承渠) يازغان مۇھەممەت يۈسۈپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمەقىلىپ «قومۇل گىزىتى» نىڭ 1993-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى سانىغابېسىلغان:«1931-يىلدىكى شوپۇل خەلق قوزغىلىڭنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىداتۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بېرىلگەن:
    «...1931-يىلى، قومۇل شەھرى (ناھىيە) شوپۇل يېزىسىدىكى قاراۋۇل(چازا-卡子) ئەمەلدارى جاڭ گوخۇ ئۇيغۇر قىزىنى زورلۇق بىلەن خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغانلىقىدىن خەلق قوزغىلىڭى قوزغىلىپ تىزلىك بىلەن تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا يامراپ، پۈتۈن شىنجاڭ قالايمىقانلىشىپ ماجۇڭيىڭنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىن شۇرېن ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇلۇپ، شېڭ شىسەي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ شىنجاڭغا 10يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلدى .                                 
    شوپۇل قوزغىلىڭىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ئۆتكەندە نۇرغۇن ئاشكارىلاشلار بولۇپ، ھەممىلا كىشى    كۆپ گەپلەر قىلىشقان ئىدى. 1984-يىلى ۋىلايەتتىكى بىر قانچە يولداش شوپۇل يېزىسىغاخىزمەتكە باردۇق. 70 ياشلاردىن ئاشقان بىر ئۇيغۇر ئاچىمىز بىلەن سەمىمى پاراڭلىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭ 50 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا زورلۇق بىلەن خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغان ئاشۇ ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدۇق. بىز ھەيران قالغان ھالدا ئۇنى ئەينى يىللاردا شىنجاڭ بويىچە چوڭ داۋالغۇچ قوزغىغان ئۆتكەنكى ئىشلارنى سۆزلەپ بىرىشكەتەكلىپ قىلدۇق.

阿依斯汗·沙利(新).jpg


      مېنىڭ ئىسمىم ئايسىخان سالى. مېنىڭ دادام سالى مەمەتنىيازنى قومۇل ۋاڭى شوپۇلغا دورغا (ئەمەل نامى بولۇپ شياڭيۇ دەپ تەرجىمەقىلىشقا بولىدۇ) قىلىپ تەيىنلىگەن. بۇ يەردە بىر قاراۋۇل بولۇپ قاراۋۇل ئەمەلدارىنى جاڭ ليەنجاڭ دەيتتۇق. ئۆلكە رەئىسى جىن شۇرېننىڭ يۇرتلىقى ئىكەن. ئۇھەمىشە ئۆيىمىزگە كېلىپ تۇراتتى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى مېنى خوتۇنلۇققا ئېلىشقائادەم قويىۋىدى، دادام دەرھال رەت قىلدى. جاڭ ليەنجاڭنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئادەم بوزەك قىلىپ، يولسىزلىق قىلىدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ، ئۇ تەھدىت سېلىپ ئۇنىمىساممۇ ئۇنىتىدىغانلىقىنى، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن خوتۇنلۇققا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
     مەن يۇرتىمىزدىكى داڭلىق گۈزەل قىز بولۇپ،نۇرغۇن يىگىتلەر مېنى چۆگىلەپ، كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ مېنى ئالغۇسى كەلگەندە مېنىڭ ئاتا-ئانام بۇ كىشىلەرنى لايىق كۆرمىگەنلىكتىن كەينىگە سۆرەپ كەلگەنىدى. جاڭليەنجاڭنىڭ مېنى خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغانلىقى ئاممىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. ئامماغەزەپكە كېلىپ دادامنىڭ غەزىپىنى ئاشۇردى.
  بۇ چاغدا قومۇلنىڭ ياشانغان ۋاڭى شامەخسۇتنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئۇزاق بولمىغان ئىدى. رەئىس جىن شۇرېننىڭ قومۇل ۋاڭىنىڭ ئوغلى  نەزەرنىڭ ۋاڭلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشىغا يول قويماي، ۋاڭ تەيىنلىگەن ئەمەلدارلارنى پۈتۈنلەي ئىناۋەتسىز قىلىپ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تەيىنلەشكەئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. بۇنىڭدىن ئىككى ئاي بۇرۇن ئاراتۈرۈكتىكى ئالتەرايوننىڭ ھاكىم بېگى (رايون باشلىقىغا تەڭ كېلىدۇ) ئابدۇنىياز مىراپ دادامغا ئىسيان كۆتەرمەكچى بولغانلىقىنى يەتكۈزۈپتۇ. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ نومدىكى گەنسۇلۇق كۆچمەنلەرگە يەرلىك كىشىلەرنىڭ پىششىق يەرلىرىنى بۆلۈپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى باشقىدىن بوز يەر ئاچسۇن دەپ، ھازىر ئەمەلدارلار بىزنى بۇنىمۇ قىلدۇرمايۋاتىدۇ...قاتارلىق گەپلەرنى دەپتۇ. جاڭ ليەنجاڭنىڭ مېنى خوتۇنلۇققائالماقچى بولغانلىقى ۋەقەسى دەل قوزغىلاڭنىڭ پىلتىسى بولۇپ قالدى.
     مېنىڭ دادام بىر تەرەپتىن كىشىلەرنى تەشكىللەپ، تاقابىل تۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىپ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن قاراۋۇلغا خەت يېزىپ ئۇنىڭ ‹توي› ئىشىغا ماقۇل بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 4–ئاينىڭ 4–كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتى بويىچە يېرىم كېچە بولغاندا جاڭ ليەنجاڭ 32 ئەسكىرى بىلەن مېنى ئېلىپ كىتىشكە كەلدى. بۇ چاغدا مەن ئاللىقاچان يوشۇرۇنۇپ ئۆيدە مېنىڭ ئىزىمغا كۈچلۈك بىريىگىت بېشىنى نىقابلاپ جاڭ ليەنجاڭنى كۈتۈپ ئولتۇردى. بۇ چاغدا قاراۋۇل ئەمەلدارى خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي ئۆيگە كىرگەندە، يالغان كېلىن ئۇنىڭ بېلىدىن تۇتۇپ يەرگە بېسىۋالىدۇ. يوشۇرۇنغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەست بولغان ئەسكەرلەرئۆزىنى قوغداشقا ئۈلگۈرەلمەي ھەممىسى تۇتۇلۇپ شۇ كۈنى ھەممسى ئۆلتۈرۈلىدۇ.
    ئىككىنچى كۈنى نوم، باي، ئازغان بۇلاق، تۈركۆل، قارىمۇقچا قاتارلىق جايلاردىكى دېھقانلارنىڭ ھەممىسى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. بىر كۈن ئىچىدىلا تەكشۈرۈش پونكىتى، باج قاراۋۇلخانىسىدىن 11 ئورۇن پۈتۈنلەي يىمىرىپ تاشلىنىدۇ.
    بىللە كەلگەنلەردىن بىر يولداشيېرىم ئەسىر بۇرۇنقى قوزغىلاڭنىڭ بىۋاستە ئالاقىدار بۇ شاھىدىنى سۈرەتكەتارتىۋالدى. ئايسىخان 70 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەينى يىللاردىكى قىياپىتىنى، قارا قاشلىق گۈزەل جامالىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولاتتى...».
     جىڭ چىڭجيا (郑成加) باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995– يىلى 5–ئايدا نەشىر قىلغان خەنزۇچە«قومۇل ۋاڭلىرى» (哈密回王) ناملىق كىتابنىڭ 318-ۋە 319–بەتلىرىدەتۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بېرىلگەن:
    «...1931–يىلى 2–ئاينىڭ 27–كۈنى شوپۇلدا سالى دورغىنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى خادىملارنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئومۇميۈزلۈك قوزغىلاڭ پارتىلايدۇ. ئۇ ۋاقىتتا خەنزۇلار شوپۇلدا، ئۇيغۇرلارتاللىقتا ئولتۇراتتى. تاللىقتا 42 ئائىلە بار بولۇپ، بىر قىسمى شوپۇلدىكى سۈي (崔) فامىلىلىك پومىچىكنىڭ يېرىنى ئىجارىگە تېرىسا، بىر قىسمى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. قومۇل ۋاڭ ئوردىسىنىڭ بۇيەردىكى ئەمەلدارىنىڭ ئىسمى سالى ئىدى. سۆجە بۇلاقتا تەكشۈرۈش پونكىتى بار بولۇپ،باشلىقنىڭ ئىسمى جاڭ گوخۇ ئىدى. بۇ پونكىتتا 15 نەپەر ئاتلىق، ئون نەپەر پىيادەئەسكەر بار ئىدى. ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئەمەلدارى سالى بىلەن تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ باشلىقى جاڭ گوخۇ دائىم ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن باردى–كەلدى قىلىپ تۇراتتى. بىر قېتىم جاڭ گوخۇ سالىنىڭ ئۆيىدە ھۆكۈمەت ئىشى توغرىلىق سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:‹بىرىنچى مەن تەكشۈرۈش پونكىتىغا خەنزۇلار ئولتۇراقلاشقان شوپۇلدىن ئەسكەر ئېلىپ ئەسكەرلىرىمنى تولۇقلايمەن، ئىككىنچى سېنىڭ قىزىڭنى خوتۇنلۇققا ئالىمەن› دەيدۇ. سالىنىڭ مىجەزى چۇس، ئاچچىقى يامان ئادەم بولغاچقا جاڭ گوخۇنىڭ گىپى تۈگىمەيلا ئۇنىڭ بىلەن تاكاللىشىپ قالىدۇ. كېيىن سالىنىڭ ئايالنىڭ توسۇشى بىلەن ئۇلار بېسىلىشىپ قالىدۇ.
    سالىنىڭ تۆت قىزى بار بولۇپ، چوڭ قىزىنىڭ ئىسمى ئايسىخان، ئىككىنچى قىزىنىڭ ئىسمى مايسىخان، ئۈچىنچى قىزىنىڭ ئىسمى لەيلىخان،تۆتىنچى قىزىنىڭ ئىسمى گۆھەرخان بولۇپ چىرايلىق قىزلار ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا چوڭ قىزى بىلەن ئىككىنچى قىزى ياتلىق بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۈچىنچى قىزى ئون نەچچە ياش،تۆتىنچى قىزى يەتتە ياش ئىدى. جاڭ گوخۇنىڭ سالىنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئېلىش ئارزۇسى كۈچلۈك ئىدى. سالى دىني ئېتىقاد، مىللەت ئوخشىماسلىق سەۋەبلىك جاڭ گوخۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدۇ. جاڭ گوخۇ گەنسۇلۇق بولۇپ قومۇلدا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىمنىڭ باشلىقى ليۇ شىزىڭ (刘希曾) نىڭ يۇرتدىشى ئىدى. ئۇ ھەربىي ھوقۇقىغا تايىنىپ خەلقنىڭ قېنىنى شورايتتى. ئالمىشىپ تۇرۇدىغان ئەمەلدار قويۇش تۈزۈمىدىن پايدىلىنىپ 100 مودىن ئارتۇق پىششىق يەرنى ئىگەللىۋالغاچقا ئۇيغۇر دېھقانلار جاڭ گوخۇغا چىش–تىرنىقىغىچەئۆچ بولۇپ كەتكەن ئىدى. جاڭ گوخۇ سالىنىڭ ئۆيىدىن كېتىشىگە ئۇنىڭ كەينىدىن:‹سەن قىزىمنى خوتۇنلۇققا ئالىمەن دەيدىكەنسەن كاللاڭنى ئالىمەن. ئەگەر كاللاڭنى ئالمىسام سالى بولماي كېتەي› دەپ قەسەم قىلىدۇ. سالى كۆپچىلىككە مۇنداق دەيدۇ:‹جاڭگوخۇ ئەسكەرلىككە ئادەم ئېلىپ تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئەسكەر سانىنى تولۇقلىماقچى ئىكەن، ئۇ يەنە مېنىڭ قىزىمنى مەجبۇرى خوتۇنلۇققا ئالىمەن داۋاتىدۇ. بىزنىڭ كۈنكەچۈرگۈچىلىكىمىز قالمىدى. ئەمدى بىزنىڭ بىردىن–بىر چىقىش يولىمىز ئۇلارنى (جاڭگوخۇ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنى) جايلىۋېتىشتىن ئىبارەت›. سالى جاڭ گوخۇغا تاقابىل  تۇرۇش ئۈچۈن نومدىكى سالى دورغا ۋە تۈركۆلدىكى باقىنىياز دورغا قاتارلىقلارغا خەت يېزىپ، ئۇلار تاللىققا كەلسە مەخپى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى  مەسلىھەتلىشىدۇ.بىراق قورال–ياراق كەمچىل بولغاچقا ئالدى بىلەن ئابدۇنىياز مىراپنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى قارار قىلىدۇ. ئابدۇنىياز مىراپ قومۇل ۋاڭ ئوردىسىنىڭ شەرقى تاغدا تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن ئۈچ بېگى بولۇپ، ئىككى ئاتلىق ئەسكەرلەر ليەنىگەقوماندانلىق قىلىپ تۇخۇلۇدا تۇراتتى. بۇ ئادەمنىڭ ئامما ئارىسىدا ئىناۋىتى بارئىدى. سالى قاتارلىق ئۈچ ئادەم كېچىچە يول يۈرۈپ تۇخۇلۇغا كېلىپ، ئابدۇنىياز مىراپ قاتارلىق ئون نەچچە نەپەر قومۇل ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى توقسۇن قورمالنىڭ ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ. ئۇلار بىردەك جىن شۇرېن ھاكىمىيىتىنىڭ ‹مەمۇرىي تۈزۈم بويىچە ئۆزگەرتىش› سىياسىي ئىسلاھاتى ئۇيغۇردېھقانلىرىنى قاتتىق بىزار قىلدى. جىن شۇرېننىڭ زۇلىمى قومۇل ۋاڭىنىڭ زۇلمىدىن ئېشىپ كەتتى. ئەگەر مۇشۇ پۇرسەتتە قوزغىلاڭ كۆتەرسەك چوقۇم ئۇيغۇرلار ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىمىز. ئابدۇنىياز مىراپمۇ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سالى دورغا يەنە سۆجە، قارىمۇقچا قاتارلىق جايلاردىكى مەلۇم تەسىرى باركىشىلەر بىلەن مەخپى يىغىن ئېچىپ مەسلىھەتلىشىپ ئۇلارنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ.بارلىق تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن، تەخمىنەن 4–ئاينىڭ 20–كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئاممىسى تاللىققا توپلىنىپ، ناماز ئوقۇغاندىن كېيىن سالى دورغا 40 نەپەرخىللانغان چەۋەندازنى تاللايدۇ. ئۇلار قوللىرىغا بۆرە چىشلىق كالتەكنى ئېلىپ سۆجى بۇلاققا بېرىپ تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى ئەسكەرلەرنى ئۆلتۈرىدۇ. ئاتلىق يىگىتلەر سالى دورغىنىڭ باشچىلىقىدا تاغلىق يولدا ئاتلىق ئىككى سائەت ئىچىدە 50 چاقىرىم يوليۈرۈپ، سۆجى بۇلاققا يىتىپ بارىدۇ. بۇ چاغدا قاراڭغۇ چۈشكەن بولۇپ ئەتراپتىكى ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمايتتى. تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى ئەسكەرلەردىن بىر قىسمى چېدىردا، بىر قىسمى گەمىدە بولۇپ، ھەممىسى ئۇخلاپ كەتكەن ئىدى. سالى دورغا يىگىتلەرنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، چېدىر ۋە گەمە ئەتراپىغا بۆكتۈرۈپ قويىدۇ.ئاندىن ئىككى نەپەر يىگىتتىن بىرى پوسنىڭ بېلىدىن قۇچاقلاپ يەرگە باسىدۇ. يەنە بىرى توقماق بىلەن پوسنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىدۇ. ئارقىدىن ئىككى گۇرۇپپا يىگىت ھەرىكەتكەكېلىپ چېدىر ۋە گەمىدىكى ئوفىتسېر–ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ...».
     ما داجېڭ (马大正) بىلەن شۈ جيەنيىڭ (许建英) بىرلىشىپ يازغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007-يىلى 4-ئايدا نەشىر (1-نەشرى) قىلغان «‹شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى› خام خىيالىنىڭ بەربات بولۇشى» ناملىق كىتابنىڭ 79-بېتىدەتۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بېرىلگەن:
    «...1931-يىلى 2-ئايدا قومۇلدا تۇرۇشلۇق قوشۇننىڭ ئوفىتسېرى مىللىي ئۆرپ-ئادەتكە قارىماي پۇقرانىڭ قىزىنى مەجبۇرى خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولۇپ،ئاقىۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭغا تەسىر كۆرسەتكەن ‹شوپۇل ۋەقەسى› نى كەلتۈرۈپ چىقاردى.شوپۇل قومۇلنىڭ شەرقىدىكى تاشۋېلىق يېزىسىدىكى بىر كىچىك بازار بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلارشقانىدى. بۇ بازاردا بىر پەي قوشۇن بولۇپ، پەيجاڭ جاڭ گوخۇجىن شۇرېن بىلەن يۇرتداش ئىكەنلىكىگە تايىنىپ، زورلۇق بىلەن يەر ئىگىلەپ، پۇقرانى بوزەك قىلىپ، قىلمىغان ئەسكىلىكى قالماي يەرلىك خەلقنىڭ قاتتىق ئۆچمەنلىكىنى كەلتۈرۈۋەتكەنىدى. مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇ مىللىي ئۆرپ-ئادەتكە ۋە ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا قارىماي، بۇ بازاردىكى سالى دورغىنىڭ قىزىنى مەجبۇرى خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولدى. بۇنىڭ بىلەن سالى دورغا قىزىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن يېقىن-يورۇقلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا يالغاندىن ماقۇللۇق بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەم يىغىپ قىز كۆچۈرگىلى كەلگەندە ئۇنىڭغا قول سالماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن 1931-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى جاڭ گوخۇ قىز كۆچۈرگىلى كەلگەندە يالغاندىن قارشى ئالغان بولۇپ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنى غەرق مەست قىلىۋەتتى. كەيپ بولغان جاڭ گوخۇ قىزنىڭ ھۇجرىسىغا كىرگەندە كېلىن سىياقىداياسىنىۋالغان ئەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ 32 نەپەر ئەسكىرىمۇ شۇ ھامان يوقىتىلدى...».
      بىز يۇقىرىقى مەلۇماتلارنىڭ قايسىسىنىڭ توغرا، قايسىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 2001–يىلى1–ئاينىڭ 30–كۈنى قومۇل شەھرى تاشۋېلىق يېزىسى خوتۇنتام كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق 90ياشلىق مايسىخان ئانا (سالى دورغىنىڭ 2-قىزى) بىلەن سۆھبەتلەشتۇق مايسىخان ئانىنىڭ يېشى 90 دە بولسىمۇ زېھنى ئوچۇق، خاتىرىسى جايىدا ئىدى. بىز مايسىخان ئانىغامەقسىتىمىزنى دېۋىدۇق خوشال بولغان ھالدا 1931–يىلى ئەتىيازدا پارتىلىغان قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ پىلتىسى بولغان شوپۇل خەلق قوزغىلىڭى توغرىسىدا  ئۆزىبىلىدىغان ئەھۋاللارنى تەپسىلى سۆزلەپ بەردى:

马依斯汗·沙利(新).jpg


    «مېنىڭ ئىسمىم مايسىخان، بۇ يىل 90 ياشقا كىردىم. مەن قومۇل ئون ئىككى تاغنىڭ بىرى شوپۇللۇق سالى مەمەتنىيازنىڭ ئىككىنچى قىزى بولۇمەن. دادام قومۇل ۋاڭى شا مەخسۇت دەۋرى (1882–1930) نىڭ ئاخىرقى يىللىرى شوپۇلنىڭ دورغىسى بولغان ئىكەن. ئانامنىڭ ئىسمى نىيازخان①. بىز بىر ئاتا، بىر ئانىدىن تۆت قىز،ئىككى ئوغۇل بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە (چوڭىدىن كىچىكىگە قاراپ تىزىلدى):ئايسىخان،مايسىخان (مەن)، ھاپىز ئاخۇن②، لەيلىخان③، گۆھەرخان ۋە سەدەن④ ئاخۇنلاردىن ئىبارەت. ھازىر مەن ۋە گۆھەرخان⑤ دىن باشقا قېرىنداشلار ۋاپات بولۇپ كەتتى.
    1930–يىلى6–ئايدا قومۇل ۋاڭى شامەخسۇت 81 يېشىدا ۋاپات بولدى. ۋاڭنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن،قومۇلنىڭ ۋەزىيىتى كۈندىن-كۈنگە جىددىلىشىپ، ئاخىرى 1931–يىلى ئەتىيازدا قومۇل خەلقىنىڭ جىن شۇرېننىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كەڭ–كۆلەملىك دېھقانلار ئىنقىلابىي پارتىلايدۇ. بۇ ئىنقىلاب ئەڭ دەسلەپ بىزنىڭ يۇرت شوپۇلدىن باشلاندى. بۇ ئىنقىلابنى باشلىغان كىشى دەل مېنىڭ دادام سالى دورغا ئىدى. شوپۇل قوزغىلىڭىنىڭ پارتىلاش جەريانى تۆۋەندىكىچە:
     1931–يىلنىڭ بېشىدا شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى جىن شۇرېننىڭ يۇرتدىشى جاڭ گوخۇ شوپۇل قاراۋۇلى (چازا-卡子) غا باشلىق بولۇپ كېلىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي جاڭ گوخۇ بىزنىڭ ئۆيگە كىلىپ ھۆكۈمەت ئىشى ئۈستىدە دادام بىلەن پاراڭلىشىدۇ. بۇ ئارىلىقتا ئۇ ئاچامنى ۋە مېنى كۆرۈپ كۆزى قىزىرىپ، دادامغا:‹مەن بىزنىڭ قورۇلغا ئەسكەر ئالىمەن، ئۇيغۇرلاردىنمۇ ئەسكەرلىككە ئادەم ئالىمەن،قىزىڭنى ۋە كۈيۆ ئوغلۇڭنىمۇ ئەسكەرلىككە ئالىمەن› دەپتۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئاچام ۋە مەن ياتلىق بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئاچامنىڭ يولدىشىنىڭ ئىسمى شوپۇللۇق شانىياز شېرپ⑥،مېنىڭ يولدۇشۇمنىڭ ئىسمى خوتۇن تاملىق ياقۇپ سوپى⑦ ئىدى. بىر قېتىم دادام ئۆيدە جاڭگوخۇ بىلەن تاكاللىشىپ شىرەنى مۇشلىشىپ كەتتى. جاڭ گوخۇ كەتكەندىن كېيىن دادام بىزگە:‹دەرھال ئۆيلىرىڭىزلەرگە كېتىڭىزلەر بۇ جىسا (جاڭ گوخۇ) نىڭ نىيىتى باشقىچەتۇرىدۇ. ئۇ يەنىلا قىزىڭ بىلەن كۈيئوغلۇڭنى ئەسكەرلىككە بېرىسەن دەپ ئەسكىلىك قىلىۋاتىدۇ› دېدى. ئۇ چاغدا بىز ئەر-ئايال شوپۇلغا داداملارنى يوقلاپ بارغان ئىدۇق. كېيىن بىلدىمكى جاڭ گوخۇ ئاچامغا كۆزى قىزارغان ئىكەن. چۈنكى ئاچاملارنىڭ ئۆيى شوپۇلدا بولۇپ، داداملارنىڭ ئۆيىگە دائىم كېلىپ تۇرغاچقا جاڭ گوخۇنىڭ ئاچامغاكۆزى قىزىرىپ، ئاچام بىلەن يولدىشى شانىياز ئاكامنى ئەسكەر قىلىش باھانىسى بىلەن شانىياز ئاكام بىلەن ئاچامنى بىرەر باھانە تېپىپ بىر–بىرىدىن ئايرىپ تاشلاپ ئاچامنى خوتۇنلۇققا ئالماقچى ئىكەن. بىز ئەينى ۋاقىتتا شوپۇل بويىچە ئەڭ گۈزەل قىزلاردىن ئىدۇق. ئىككى سىڭلىم تېخى يېشى كىچىك بولغاچقا ئۆيدە ئىدى. مەن يولدشىم بىلەن خوتۇنتامغا قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي شوپۇلدا قوزغىلاڭ پارتىلىدى. كېيىن دادام ۋە ئاپامدىن ئاڭلىسام، دادام جاڭ گوخۇنىڭ تەلىپىنى قايتا–قايتا رەت قىلغان بولسىمۇ ئۇ يەنىلا جاھىللىق قىلىپ:‹قىزىڭنى ۋە كۈيئوغلۇڭنى قاچۇرىۋېتىپسەن، مۇشۇبىر نەچچە كۈن ئىچىدە نەدىن بولمىسۇن تېپىپ كېلىسەن› دەپ دادامنى قىستىغاندىن كېيىن، دادام دەرغەزەپكە كېلىپ ئاخىرى:‹مەن جاڭ گوخۇ دېگەن ئەبلەخنىڭ بىر قوشۇق قېنىنى ئىچمىسەم سالى بولماي كېتەي› دەپ زالىم، جازانىخور، بۇلاڭچى جاڭ گوخۇنى جازالاش قارارىغا كېلىپ، يۇرت مۆتىۋەرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، جىن شۇرېننىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، جاڭ گوخۇدەك زوراۋان ئەبلەخلەرنى يوقىتىشنى پىلانلاۋاتقان كۈنلەر ئىكەن. ئاخىر دادام يۇرت چوڭلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ جاڭ گوخۇدىن ئىلگىرى ھەرىكەتكە كېلىپ، خىللانغان يىگىتلەرنى باشلاپ كېچىدە جاڭ گوخۇلار تۇرۇشلۇق قاراۋۇلخانىغا باستۇرۇپ بېرىپ، جاڭ گوخۇباشلىق بارلىق ئوفىتسېر–ئەسكەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى تارتىپ ئالغان ئىكەن. دادامنىڭ ئېيتىشىچە چېرىكلەردىن بىرىمۇ ئامان قالمىغان. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن شىنجاڭغا تەسىر كۆرسەتكەن 1931–يىلى ئەتىيازدىكى قومۇل خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى كەڭ–كۆلەملىك دېھقانلار ئىنقىلابىي باشلىنىپ كېتىدۇ. قومۇل دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار توغرىلىق ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان ماقالىلار يېزىلىپ مەتبۇئاتتائېلان قىلىندى. مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى (1923-1995) مۇ شوپۇل  قوزغىلىڭى توغرىلىق مەخسۇس:‹ئويغانغان زېمىن› ناملىق ئىككى كىتاب يازدى. مەن قومۇلدىكى ئۇرۇشلار توغرىلىق قايتا توختالمايمەن.
     ئۇرۇش ئۇدا داۋاملىشىپ 1933–يىلىغاكەلگەندە، قومۇلدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن 3–ئايدا خوجىنىياز ھاجى (1889-1942) نىڭ قوماندانلىقىدا تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى مەخسۇت باي (مەخسۇت مۇھىتى،1885-1933) نىڭ تەكلىپى بىلەن تۇرپان–پىچانلارغا بېرىپ ئۇرۇش قىلدى. تۇرپاندىكى بىر قېتىملىق قوشۇننى تەرتىپكە سېلىشتا مامۇت باي⑧. دادام بىلەن پازىل دارغا(1896-1942) برىگىدا كوماندىرى (لۈيجاڭ-旅长) بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. 1933–يىلى 6–ئايغا كەلگەندە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىغا كىرىپ كېلىشتۈرىشى بىلەن 6-ئاينىڭ 4–كۈنى جاللات شېڭشىسەي (1897-1970) بىلەن خوجىنىياز ھاجى، مامۇت باي ئوتتۇرىسىدا 10 ماددىلىق«جىمىسار كىلىشىمى» ئىمزالىنىپ، قوزغىلاڭچى قوشۇن خوجىنىياز ھاجى بىلەن مامۇتباينىڭ قوماندانلىقىدا جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىدۇ. 1934–يىلى 8-ئايغا كەلگەندەيەنە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىغا كىرىپ كېلىشتۈرىشى بىلەن خوجىنىياز ھاجى شۇ ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مامۇت باي قەشقەركارنىزۇنىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، قوشۇمچە قومۇل–تۇرپان قوزغىلاڭچى قوشۇنى ئاساسىداتەشكىللەنگەن 6–دىۋىيەنىڭ كوماندىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. دادام دەسلەپ 6-دىۋىزىيەبېرىنچى برىگىدا (لۈي) نىڭ كوماندىرلىقىغا، كېيىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيلىقىغاتەيىنلىنىدۇ.
      دادام ئاقسۇغا ۋالىي بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، 1934–يىلى 11–ئايدا دادامدىن ئاپام ۋە بىز بالىلارنى:‹ئاقسۇغا كېلىڭلار›دېگەن مەزمۇندا خەت كەلدى. شۇنىڭ بىلەن  ئاپام،ئاچام (ئايسىخان)، مەن (مايسىخان)، ھاپىز ئاخۇن، لەيلىخان، گۆھەرخان، سەدەن ئاخۇن،خەلىچىخان (دادامنىڭ ئاديۇتانت‹فۇگۇەن› تى تالىپ ئاخۇننىڭ ئايالى)، ئىمەر (تالىپ ئاخۇننىڭ ئوغلى)، تۇردىيا(سىڭلىم لەيلىخاننىڭ يولدىشى)، سالى⑨ قاتارلىق كىشىلەر شوپۇل ۋە خوتۇنتامدىن ئاتلىق قومۇل شەھرىگە كەلدۇق. ئاچامنىڭ يولدىشى بىلەن مېنىڭ يولدۇشىم ئۆيلەرگەقاراپ قومۇلدا قالدى. بىز قومۇلدا 20 كۈن تۇرغاندىن كېيىن، خوجىنىياز ھاجى ئۈرۈمچىدىن قومۇلغا ماشىنا ئەۋەتتى. بىز ماشىنىلىق يولغا چىقتۇق. ئۇ ۋاقىتتائىسمائىل داتۇنىڭ قىزى ئايىمخان ئىسمائىل⑩ نىڭ تويى بولغان ئىدى. ئۇلارمۇ بىزبىلەن بىر ماشىنىدا ماڭدى. بىز قوشتىكەندە بىر كۈن تۇرۇپ يەنە يولغا چىقىپ تۇرپانغا بارغاندا خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئۇكىسى يارى قارى (1906-1942) نىڭ ئۆيىدە 20كۈن تۇرغاندىن كېيىن، بىز ئاقسۇغا قاراپ يولغا چىقتۇق، ئايىمخانلار باشقا ماشىنابىلەن ئۈرۈمچىگە ماڭدى. بىز كۇچادا بەش-ئالتە كۈن تۇرغاندىن كېيىن ئاقسۇغا بېرىپ دادام بىلەن دىدارلاشتۇق. بىز ئاقسۇدا دادام بىلەن بىللە خۇشال–خورام ئۈچ يىل تۇرمۇش كۆچۈردۇق.
     1937-يىلى10–ئايدا جاللات شېڭ شىسەي  ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، خوجىنىياز ھاجى قاتارلىق كىشىلەرنى قولغائالغاندا، داداممۇ شۇ قاتاردا جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدى. دادامنى قولغا ئالغان ئادەمنىڭ ئىسمى ئىسمائىل بولۇپ، بۇ ئادەم شۇ ۋاقىتتا ئاقسۇۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىدى. كىشىلەر ئادەتتە بۇ ئادەمنى:«ئىسمائىل جۈيجاڭ» دەپ ئاتايتتى. بۇ ئادەم تۇرپانلىق بولۇپ، ئايالى تاشكەنتلىك ئىدى. كېيىن شېڭ شىسەي ئىسمائىلنىمۇ قولغا ئېلىپ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈۋەتتى. دادام قولغائېلىنغاندىن كېيىن، ساقچىلار ئۆيىمىزنى ئاختۇرۇپ دادامنىڭ ساندۇقتىكى يان قورالى(تاپانچا) ئېلىپ كەتتى.
     دادام قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، مەن ھەپتىدە بىر قېتىم تۈرمىگە دادامغا تاماق توشۇپ تۇردۇم.  چېرىكلەر  بىزگە:‹قەرزىڭلەربار، قەزرنى  تۆلەڭلەر›  دەپ قىستىغىلى تۇردى. مەن دادامغا تاماق ئېلىپ بارغاندا، ئەھۋالنى دېۋىدىم،دادام:‹ئېغىلدىكى يوغان ئىشەكنى بېرىڭىزلەر، ئىشەكنى  بەرسىڭىزلەرئاندىن چېرىكلەر سىزلەرنى قىستىمايدۇ› دېدى. بىز دادامنىڭ  دېگىنى بويىچە  ئېغىلدىكى يوغان ئىشەكنى بېرىۋىدۇق دېگەندەك چېرىكلەرگە قايتا قەرز تۇتۇپ كەلمەيدىغان بولدى. كېيىن دادامنى ئاقسۇتۈرمىسىدىن ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە يۆتكەپ كەتتى. 1942–يىلى جاللات شېڭ شىسەي دادامنى خوجىنىياز ھاجىلار بىلەن بىللە ستالىن (1879-1953) نىڭ تەستىقى بىلەن ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە مەخپى ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇ ۋاقىتتا دادام 55 ياشتا ئىدى.
     دادامنى ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە يۆتكەپ كەتكەندىن كېيىن، بىز ھەممىمىز  قومۇلغاقايتماقچى بولۇپ،  بىز بىلەن بىللە  ئاقسۇغا  بارغان  سالى(تاشارلىق) ئۈچ ئات قوشۇلغان تۆمۈر ھارۋىغا بىزنى ئولتۇغۇزۇپ  ئىلگىرى ماشىنىلىق ماڭغان يول بىلەن بىر يېرىم ئايدا قومۇلغا قايتىپ كەلدۇق» دەپ سۆزۈنى تۈگەتتى.
     مەن (ئابلىمىت ئابدۇللا) 2001–يىلى 4–ئاينىڭ4–كۈنى ئۈرۈمچىگە چىققاندا پولكوۋنىك سوپاخۇن سۈۋۈروف⑾ بىلەن مەخسۇس شوپۇل خەلق قوزغىلىڭى توغرىلىق سۆھبەتلەشتىم. پولكوۋنىك سوپاخۇن بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:
     «...1936–يىلى 5–ئايدا بىز قومۇل شەھەر ئىچىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ⑿ تەئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا، گومىنداڭ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى 9–شۆبىسىگەئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، بىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن ئابلىز ئەيسا⒁،مۇھەممەت سالى⒂،ھەسەن سوپى⒂،ئىساق پەرىشا⒃،يەنە ئۈچ نەپەر خەنزۇ ئوقۇغۇچى بولۇپ سەككىز نەپەر ئوقۇغۇچى ئۈرۈمچىگە ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇشقا چىقتۇق. ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ، 1937–يىلى 4–ئايدا قەشقەردەتۇرۇشلۇق 6–دىۋىزىيەنىڭ كوماندىرى مەھمۇد مۇھىتى بىر قىسىم يېقىن ئادەملىرى بىلەن ھىندىستانغا چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا 6–دىۋىزىيەنىڭ شىتاب باشلىقى 27 ياشلىق ئابدۇنىياز كامال (1910-1937) 6–دىۋىزىيەنىڭ كوماندىرلىقىغا تەيىنلىنىپ، ما جۇڭيىڭ(马仲英، 1909-1940) نىڭ خوتەنگەئورۇنلاشقان 36–دىۋىزىيەنىڭ مۇئاۋىن كوماندىرى ماخۇسەن⒄بىلەن بىرلىكتە شېڭ شىسەي قىسىملىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىن قوغلاپ كۇچاغا يېتىپ كېلىدۇ. ئابدۇنىياز كامال،ماخۇسەن بىرلەشمە ئارمىيەسىگە تاقابىل تۇرۇشقا كۆزى يەتمىگەن جاللات شېڭ شىسەي سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم سورايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەربىي مەكتەپتەئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ. بىز بۇيرۇق بىلەن كۇچا، ئاقسۇلاردائابدۇنىياز كامال، ماخۇسەن قىسىملىرى بىلەن ئۇرۇش قىلدۇق. ئۇرۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىن، بىز ئاقسۇدا دەم ئالدۇق. بۇ ۋاقىتتا سالى دورغا ئاقسۇنىڭ ۋالىسى ئىكەن. بىزقومۇللۇق ساۋاقداشلار سالى دورغىنىڭ ئۆيىگە بىر قانچە قېتىم بېرىپ سۆھبەتتەبولدۇق، بىر قېتىملىق سۆھبەتتە سالى دورغا بىزگە قومۇل شوپۇل خەلق قوزغىلىڭىنىڭ جەريانىنى تەپسىلى سۆزلەپ بەردى. 1986–يىلى مەن سالى دورغىنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى رەتلەپ قومۇل شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش تارىخ ماتېرىياللىرى خىزمەت كومىتېتىغائەۋەرتىپ بەرگەن ئىدىم. مېنىڭ بۇ ماقالەم ‹قومۇل شەھرىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى›نىڭ 1–قىسمىغا بېسىلدى. كېيىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، قاراۋۇل ئەمەلدارى جاڭ گوخۇزورلۇق بىلەن خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغان قىز ئابدۇللا ئاخۇننىڭ قىزى گۈلخان بولماستىن، سالى دورغىنىڭ ئۆزىنىڭ قىزى ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا سالى دورغا جاڭ گوخۇزورلۇق بىلەن خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغان قىز مېنىڭ قىزىم ئىدى دىيىشنى ھار بىلىپ(بىئەپ كۆرۈپ)، ئابدۇللا ئاخۇننىڭ قىزى دېگەن ئىكەن.
        2002–يىلى 3–ئاينىڭ 17–كۈنى مەن(ئابلىمىت ئابدۇللا)، ئەسەت سۇلايمان⒅، ئابلىز ئۇرخۇن⒆، سەمەت ئەسرا⒇،ئىسكەندەر سەمەت(21) قاتارلىقلاربىلەن بىللە مەرھۇم سەيدۇللا سەيپۇللايوف (1918-2002) نىڭ ئۆيىگە بارغىنىمىزدا ئۇبىزگە مۇنداق دېگەنىدى:
«مەن 1958–يىلىدىن 1978–يىلىغىچە خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن قومۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولۇپ، قومۇلدا خىزمەت قىلدىم.1962–يىلى بىر قېتىم خىزمەت بىلەن شوپۇلغا بارغىنىمدا 62 ياشلىق (ئىسمى ئىسىمدەقالماپتۇ) بىر كىشى بىلەن سۆھبەتلەشتىم. مەن ئۇ كىشىدىن 1931–يىلى ئەتىيازداپارتىلىغان شوپۇل خەلق قوزغىلىڭىنىڭ جەريانىنى سورىغان ئىدىم. ئۇ كىشى مۇنداق دېدى: ‹1931–يىلى ئەتىيازدا مەن شوپۇلدا ئىدىم. قاراۋۇل ئەمەلدارى جاڭ گوخۇنىڭ سالى دورغىنىڭ قىزىنى (قايسى قىزى ئىكەنلىكى ماڭا نامەلۇم) مەجبۇرى خوتۇنلۇققائالماقچى بولغان ئىكەن. سالى دورغا ئۆز يېقىنلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، جاڭ گوخۇتۇرۇشلۇق قاراۋۇلغا كېچىدە باستۇرۇپ بېرىپ جاڭ گوخۇ باشلىق بارلىق چېرىكلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قۇراللىرىنى تارتىپ ئېلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ باشلىنىپ كەتتى. بىراق سالى دورغا جاڭ گوخۇ ئۈچۈن يالغاندىن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەھۋالنى ئاڭلىمىدۇق› دىگەنىدى. مەرھۇم سەيدۇللا سەيپۇللايوف سۆھبەتلەشكەن كىشىنىڭ بايانى بىلەن مايسىخان ئانىنىڭ بايانى ئوخشاش.
1931–يىلى ئەتىيازدا شوپۇل خەلق قوزغىلىڭى پارتىلاش ھارپىسىدا،سالى دورغا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئۈچۈن جاڭ گوخۇغا قىزىنى يالغاندىن بېرىشكە رازى بولۇپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنمۇ ياكى يوق؟ بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالداتەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا توغرا كېلىدۇ.
  جاڭ گوخۇ شوپۇلدا سالى دورغا باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنمۇ ياكى قېچىپ كەتكەنمۇ؟ دېگەن مەسىلىگەكەلسەك، ئايسىخان ئانا بىلەن مايسىخان ئانىلارنىڭ بايانلىرىدا جاڭ گوخۇنىڭ شوپۇلدائۆلتۈرۈلگەنلىكى بايان قىلىنغان. سالى دورغا ئاقسۇدا پولكوۋنىك سوپاخۇن سۈۋۈروفقاجاڭ گوخۇنىڭ نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بايان قىلغان. «قومۇل ناھىيەسى تەزكىرىسى»، خەنزۇچە «قومۇل ۋاڭلىرى»، «‹شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى› خام خىيالىنىڭ بەربات بولۇشى»، «قومۇل گېزىتى»،«قومۇل شەھرىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» ناملىق كىتابلاردىمۇ: «بارلىق چېرىكلەر ئۆلتۈرۈلدى» دېيىلگەن. بىرەر چېرىكنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى توغرىلىق مەلۇمات بېرىلمىگەن. مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ تارىخىي رومانى«ئويغانغان زېمىن» دىمۇ جاڭ گوخۇنىڭ نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بايان قىلىنغان. مايسىخان ئانا دېگەندەك مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى «ئويغانغان زېمىن» رومانىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى يېزىشتىن ئىلگىرى، شوپۇلغا بىر قانچە قېتىم چىقىپ ئايسىخان ئانا بىلەن سۆھبەتلەشكەن. ئەگەر «قومۇل ۋىلايىتى تەزكىرىسى»،«ئويغۇر تارىخىي» (2-قىسىم) بىلەن «ئاراتۈۈرك تارىخ ماتېرىياللىرى» دا بايان قىلىنغاندەك جاڭ گوخۇ راستىنلا قېچىپ كەتكەن بولسا، ئۇ كېيىن قەيەردە ياشىدى؟قانداق ئىشلار بىلەن شوغۇللاندى؟ قەيەردە ئۆلدى؟ ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتى توغرىلىق ھېچقانداق مەلۇمات يوق. ئىلگىرى بىر قاراۋۇل  ئەمەلدارى بولغان ئەسكەر باشلىقى شوپۇلدىن قېچىپ بارىكۆلگە كېتىش بىلەن ئىز–دېرەكسىز غايىپ بولۇپ كەتتىمۇ؟ ئەگەر سالى دورغىنىڭ پولكوۋنىك سوپاخۇن سۈۋۈروفقا، ئايسىخان ئانىنىڭ فەن چىڭچۈي باشلىق كادىرلارغا ۋە مايسىخان ئانىنىڭ بىزگە جاڭ گوخۇنىڭ نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئاغزاكى مەلۇماتلار ھەمدە:«قومۇل ناھىيەسى تەزكىرىسى» بىلەن «قومۇل ئۇيغۇرۋاڭلىرى»، «قومۇل گېزىتى»، «‹شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى› خام خىيالىنىڭ بەربات بولۇشى» ناملىق كىتاب ۋە گېزىتلەردىكى مەلۇماتلار يالغان بولۇپ:«قومۇل ۋىلايىتى تەزكىرىسى»،«ئاراتۈرۈك تارىخ ماتېرىياللىرى» ۋە «ئۇيغۇر تارىخىي» ناملىق كىتابلاردىكى مەلۇماتلار توغرا بولۇپ، جاڭ گوخۇ راستىنلا قېچىپ كەتكەن بولسا، ئەگەر بۇمەلۇماتلارنى توغرا دېگۈچىلەر، كىتابخانلارنى  قايىل قىلارلىق پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويالىسا، بىز ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايمىز.
    ئەمدى ئابدۇراخمان ۋەلى قاتارلىق ئۈچ يولداشنىڭ 1991-يىلى 4-ئايدا 1931-يىلىدىكى شوپۇل ۋەقەسىنى تەكشۈرىش مەسىلىسىگە كەلسەك:
   «قومۇل ناھىيەسى تەزكىرىسى» قومۇل ۋىلايەتلىك پارتىكۇم، مەمۇرى مەھكىمە، قومۇل ناھىيەلىك پارتىكۇم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتنىڭ (1984-يىلى 5-ئايداقومۇل ناھىيەسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قومۇل شەھەرگە قوشۇۋېتىلگەن)، كېيىن قومۇل شەھەرلىك پارتىكۇم بىلەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدە، يولداش ئابدۇراخمان ۋەلى (1929-2007) مۇدىرلىقىدىكى تەزكىرە ئىشخانىسىدىكى يولداشلارنىڭ يەتتە يىلدىن ئارتۇق باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش ئارقىسىدا، قايتا-قايتا تەكشۈرۈش،تۈزىتىشلەردىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ بىكىتىشى بىلەن، 1990-يىلى 3-ئايدا نەشىردىن چىققان، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى تۈزۈلگەن تارىخ تەزكىرىسى بولۇپ، تەغدىرلەشكە ئېرىشكەن تۇرۇپ، يەنە ئابدۇراخمان ۋەلى قانداقسىغا 1991-يىلى 4-ئايدا «قومۇل شەھەرلىك تەزكىرە ئىشخانىسى» نىڭ نامىداشوپۇل ۋەقەسىنى قايتا تەكشۈرۈپ قالغاندۇ؟ ئەگەر بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش پۇت تىرەپ تۇرالىسا، ئابدۇراخمان ۋەلى «قومۇل شەھەرلىك تەزكىرە ئىشخانىسى» غا، قومۇل شەھەرلىك پاتىكوم ۋە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەزكىرىنىڭ ئاشۇ قىسمىنى تۈزۈتىش ھەققىدە بىرەر دوكلات يازمىغانمىدۇ؟ بۇ ئىشلار كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.

ئىزاھەتلەر:
① نىيازخان  1963-يىلى73 يېشىدا قومۇل شەھرىنىڭ تاشۋېلىق يېزىسى شوپۇل كەنتىدە ۋاپات بولغان.
② ھاپىز ئاخۇن 1998-يىلى 8-ئايدا 86 يېشىدا شوپۇلدا ۋاپات بولغان.
③ لەيلىخان 1997-يىلى 8-ئايدا 77 يېشىدا شوپۇلدا ۋاپات بولغان.
④ سەدەن ئاخۇن 1999-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى 72 يېشىدا تاشۋېلىقيېزىسى شوپۇل كەنتىدە ۋاپات بولغان.
⑤ ماقالىنى يېزىۋاتقاندا گۆھەرخان ھايات ئىدى. ئۇ 2004-يىلى1-ئاينىڭ 4-كۈنى (يەكشەنبە) 78 يېشىدا شوپۇلدا ۋاپات بولغان.
⑥  شانىيازشېرىپ 1981-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى 76 يېشىدا شوپۇلدا ۋاپات بولغان.
⑦ ياقۇپ سوپى(ياقۇپ باۋجاڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) گومىنداڭ دەۋرىدە خوتۇنتامغا تۈتۈن بېگى (باۋجاڭ-保长) بولغان. 1953-يىلى 44 يېشىدا قومۇلشەھرىنىڭ تاشۋېلىق يېزىسى خوتۇنتام كەنتىدە ۋاپات بولغان.
⑧ مەھمۇت باي (مەھمۇدمۇھىتى، مەھمۇت شىجاڭ‹师长› دەپمۇئاتىلىدۇ)،  1945-يىلى 58 يېشىدا بېيجىڭدا ۋاپاتبولغان.
⑨ سالى قومۇل تاشارلىق بولۇپ، سالى دورغىلار بىلەن بىللە ئۇرۇشقىلىپ جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغان، كېيىن سالى دورغا بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈنقومۇلغا ئەۋەتكەن.
⑩ ئايىمخان ئىسمائىل (ئىسمائىل داتۇنىڭ قىزى) 1935-يىلىدىن1937–يىلىغىچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇغان،1949-يىلىدىن كېيىن قومۇل ۋىلايەتلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغانيۈنۈس ئىمىنوف (1916-1986) نىڭ ئايالى، 2003-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 84 يېشىداقومۇل شەھرىدە ۋاپات بولغان.
⑾ سوپاخۇنسۈۋۈروف قومۇل شەھرىنىڭ ئاستانە بازىرى ئورداكارىز كەنتىنىڭ ئۈدۈك مەھەللىسى (5-ئەترەت) دىن 2001–يىلى12–ئاينىڭ 17–كۈنى 87 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.
⑿ بۇمەكتەپ 2003–يىلىدىن ئىلگىرى «قومۇل شەھەرلىك 1–باشلانغۇچ مەكتەپ» دەپ ئاتىلاتتى.2003-يىلى 9-ئايدا قومۇل شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن بىرلىشىپ «قومۇل لۇنىڭئۈمىد مەكتەپ» كە ئۆزگەرتىلدى.
⒀ ئابلىزئەيسا قومۇل بازار ئىچىدىن، 1944–يىلى 32 يېشىدا ئالتايدا ئۇرۇشتا قۇربان بولغان.
⒁ مۇھەممەتسالى بازار ئىچىدىن، 1998–يىلى 81 يېشىدا خوتەندە ۋاپات بولغان.
⒂ ھەسەنسوپى قومۇل شەھرى پالۋانتۇر بازىرى قاراسۇ كەنتى تۆۋەن ئاقيەردىن، 1986–يىلى5-ئاينىڭ 31-كۈنى 72 يېشىدا قومۇلدا ۋاپات بولغان.
⒃ ئىساقپەرىشاھ  قومۇل شەھرىنىڭ شەھەر ئىچىيېزىسىدىن، 2000–يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 86 يېشىدا ئۈرۈرمچىدە ۋاپات بولغان.
⒄ ماخۇسەن (马虎山)، ما جۇڭيىڭنىڭ ئاچىسىنىڭ ئېرى، 1958-يىلى51-يېشىدا لەنجودا خەلق ھۆۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.
⒅ ئەسەتسۇلايمان شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسسورى، ھازىرشۋېتسىيەدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتىدۇ.
⒆ ئابلىزئۇرخۇن شىنجاڭ تەزكىرىچىكى كومىتېتىنىڭ تەھرىرى، ھازىر مەركىزى مىللەتلەرنەشرىياتىنىڭ شىنجاڭ خىزمەت پونكىتىنىڭ مۇھەررىرى.
⒇ سەمەتئەسرا قومۇل ۋىلاياتلىك غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزىنىڭمۇدىرى.
(21) ئىسكەندەرسەمەت قومۇل ۋىلاياتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ خادىمى،ھازىر يەككە تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىۋاتىدۇ
بۇ ۋەقەلەرنىڭ شاھىدلىرى:
ئايسخان ئانا 1985-يىلى4-ئاينىڭ 5-كۈنى (جۈمە)76 يېشىدا شوپۇلدا ۋاپات بولغان.


مايسىخان ئانا 2006–يىلى 5 –ئاينىڭ 10–كۈنى(چارشەنبە) 95 يېشىدا خوتۇنتامدا ۋاپات بولغان.
(ئاپتورلار: خوجى سالى: قومۇل ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوتمەھكىمىسىنىڭ پىنسئۇنېرى، ئابلىمىت ئابدۇللا: قومۇل تۆمۈريول ج خ باشقارمىسىدا)
                                                            2008-يىل7-ئاي
مەزكۇر ماقالە «قومۇل شەھرىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ10-قىسمىغا بېسىلغان.


باغداش تورىغىلا خاس ،رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ!

1

تېما

2

دوست

4478

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   82.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 301
تۆھپە : 1178
توردىكى ۋاقتى: 340
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-22
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
يەنە بىر ئېسىل يازمىڭىزنى سىۇنغىىڭىزغا تەشەككۇر.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

13

دوست

3673

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1059
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-22
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
زۇلۇم قىلغۇچى  جىنشۈرىن  دەپلا  شامەخسۇت دىگەن  ئەشەددى زالىمنى  چىرايلىق  ئاتالغۇ بىلەن تىلغا ئاپسىلەر  ،  ئىنقىلاپنىڭ  باشلىنىشىغا  ئىت باش  شامەخسۇت  سەۋەپ بولغان  ،  نۇرغۇنلىغان  پۇقرالارنىڭ قىننى ئىچكەن  .

0

تېما

1

دوست

3015

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   33.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5247
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 880
توردىكى ۋاقتى: 143
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-21
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
زۇلۇم قوزغىلاڭنىڭ پىلتىسىگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ-دە.

6

تېما

3

دوست

1329

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   32.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 386
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-21
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
كونا ناخشا تۈگىمەس ناخشا. ئىت پوق يەيدىغان خۇيىنى ئۆزگەرتكەن ئەمەس ھەم ئۆزگەرتمەيدۇ.

0

تېما

0

دوست

208

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   69.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34244
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-21
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
دۇنيانىڭ ئىشلىرى ھەرخىل يول بىلەن داۋام ئېتىدىغۇ يەنە...

خاتالىقنى بىلىپ

4

تېما

1

دوست

3332

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13216
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 433
تۆھپە : 729
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-21
7#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
   بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي جەريانىنى ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆزىنىڭ « ئويغانغان زېمىن » رومانىدە سۆزلەپ بېرىپ بولغان . يەنە تەكشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق .

0

تېما

1

دوست

504

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27558
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 140
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
قوزغىلاڭ باشلانماستىلا شاماخسوت ۋاڭ 1930 يىلىلا ۋاپات بوپ كەتكەن ،ئ‍ۇ گەرچە زالىم بولسىمۇ ،قومۇل خەلقىقە نۇرغۇن ياخشى ئ‍ىشلارارنى قىلغان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )