قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: alnur

ئەگەر سىز ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز...........

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

0

دوست

3547

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  89
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 852
تۆھپە : 502
توردىكى ۋاقتى: 696
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 22:25:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن مائارىپنى كۈچەيتىش ،راۋاجلاندۇرۇش كېرەك ئەلۋەتتە...گەرچە ئوقۇتقۇچى بولمىساممۇ بىراق يەنىلا شۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدىن چىققان ئوقۇغۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئاز تولا پىكىر بايان قىلىپ باقسام ،پايدىلانغىدەك يېرى بولسا پايدىلىنارسىز ..........
       maxal20دىگەندەك ئەڭ ئالدى بىلەن يۈرۈش - تۇرىشىڭزغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرسىڭىز ،بەك پۇزۇر، بەك ئوچۇق ،بەك 休闲كىيىنىۋالماڭ،ئۆزىڭىزگە لايىق يېقىشلىق كىيىنىڭ ، ئىككىنچىدىن ؛ بىر سۆزنى دائىم تەكرارلاشتىن ساقلىنىڭ .مەسىلەن:بىر ئېغىز گەپ قىپ بولۇپلا «ھە»،«شۇنداق بولغاندا»،«ئۇنىڭ ئۈستىگە»،«نىمە دىمەكچى دىگەندە»دىگەندەك سۆزلەرنى قايتا -قايتا دىيىشتىن ساقلىنىڭ ،چۈنكى سىز بۇنداق گەپلەرنى كىلىدىغان -كەلمەيدىغان يەرگىمۇ دەۋەرسىڭىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتى دەرسكە ئەمەس سىزنىڭ شۇ گەپنى قانچە قېتىم دىگىنىڭىزگە مەركەزلىشىپ قالىدۇ . بىزنىڭ بىر مۇئەللىم بولىدىغان «گەپكە كەلسەك»دىگەن گەپنى بەك كۆپ قىلىدىغان، بىر قېتىم ساناپ باقسام40مىنوتلۇق دەرستە 85قېتىم  دىگەن ئىدى...... ئۈچىنجىدىن:دەرستىن سىرتقى چۈشەندۈرۈشلەرنى بەك كۆپ قىلماڭ ،چۈنكى مۇھىمى يەنىلا دەرس مەزمونى....تولۇقسىزدا ئوقىۋاتقان ۋاقتىمدا گىئومىتىرىيە مۇئەللىمىمىز ئازراقلا دەرسكە دىققەت قىلمىساق بەك ئاچچىقلاپ كىتەتتى -دە ،بىزگە تەنبىھ بىرىشكە باشلايتتى-«بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ساپاسى نىمىشقا تۆۋەن -ھە،نىمىشقا دەرسكە دىققەت قىلمايسىلەر،فىرانسىيەلىكلەرنىڭ مەدىنىيىتىنىڭ نىمىشقا شۇنداق يوقىرى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟؟-»مۇئەللىم فىرانسىيەنى سۆزلەپ ،ئامرىكىغا كەلگىچە سائەت توشۇپ قالاتتى،بولمىسا ئۆزى ناھايىتى ئىقتىدارلىق ،بىلىملىك مۇئەللىم ئىدى، بىزگە قاراپ بەك ئىچى پۇشامدىكىن -يە.....
مەن مۇشۇنچىلىك دەي ،باشقىلارمۇ ئۆزپىكرىنى دەپ باقسۇن ،سىزگە پايدىسى تىگىپ قالا ،كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولىدۇ ئەمەسمۇ ........ياخشى ئوقۇتقۇچى  بولىشىڭىزغا تىلەكداشمەن!!!

3

تېما

0

دوست

3926

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  134
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 940
تۆھپە : 563
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 23:48:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zoha    ئىنكاس بولا مۇشۇنداق بولار !!!!!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئىنسانسەن، ئىنس

32

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62
يازما سانى: 707
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 3923
تۆھپە : 2342
توردىكى ۋاقتى: 738
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-22

ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-19 00:16:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zohal
توغرا دەيسىز، تەكلىپلىرىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن! رەھمەت سىزگە!

0

تېما

0

دوست

15

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  186
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 9
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 23:18:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز شاگىرتلىرىدا ئەمگەكتىن زوقلىنىش خىسلاتلىرىنى ئويغىتالايدىغان مۇئەللىم شەرەپكە لايىق.

      ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن نېمىنى ئوقۇتساڭ شۇنىڭغا، كىمنى ئوقۇتساڭ ئۇنىڭغا مېھىر باغلىشىڭ كېرەك.

       ئوقۇتقۇچىنىڭ پۈتۇن ئۈمىدى ئوقۇغۇچىلاردا، يەنى ئوزى چاچقان ئۇرۇقلارنىڭ ئۆسۈشىدە.

    مەن ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنى ۋە تەربىيىلىگەن ئوقۇغۇچىلىرىمنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن.

   ئوقۇتقۇچى_____ ئىنسان روھىنىڭ ئىنجىنىرى.

    ئوقۇتقۇچى،
    ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت،
     بولدۇممۇ تارتىمەن جاپا- مۇشەققەت.
    لېكىن،
     ئارزۇيۇم، ئۈمىدىم شۇكى،
    ئوقۇغۇچى دىلىغا،
    نۇر- ھېكمەتلەر چاچسام تائەبەد!

0

تېما

0

دوست

50

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   16.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  385
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 50
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2011-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 21:32:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى dilkuyiدە2011-01-17 18:22يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
  بۇ ئۆمرۈمدە ئوقۇتقۇچى بولۇشتىن بىر ساقلىسۇن  !!!!!!!!!!!!!!!!!  

توغرا دەيسىز ئۇقۇتقۇچى بولۇپ قېلىشتىن خۇدايىم ساقلىسۇن.لىكىن مەن يەنىلا ئوقۇتقۇچىدە بۇنىڭغا ئامال يوق.

ئىنسان دىگەن نىم

99

تېما

16

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   18.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  410
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4201
تۆھپە : 2436
توردىكى ۋاقتى: 1278
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 22:42:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئوقۇتقۇچى مەن تۇنجى دەرسكە كىرگەن بىرىنجى سائەتتە بالىلىرىمغا مۇنداق دەيمەن :بىز ئۇلۇغ بىر قەۋمنىڭ ئۇنتۇلغان ئەۋلاتلىرى ،ئالدىمىز تۇمان كەينىمىزمۇ ھەم ،ئالى مەكتەپنى ئۇقۇش ئارزۇسىنى قىلىش نادانلىق ،چۇنكى بۇ نىشانسىز بىر يول. ئالى مەكتەپ- ئاغرىپ تۇرغان يۇرەكتە ،ئالى مەكتەپ ھەرگىزمۇ سىلەر كەلگۇسىدە ئوقۇيدىغان ئۇلۇغ مەكتەپلەردە ئەمەس ،بەلكى ۋەتەن-مىللەت ئۇچۇن زەرداب بۇلغان مەسئوليەتچان يۇرەكتە،قاچانكى بىز بىلىمدىن مەھرۇم قالدۇق دۇنيادىن ،ئۆزلۇكتىن مەھرۇم قالدۇق،شۇڭا ئۆزلۇكسىز كىتاپ ئوقۇش.ۋەتەن ئۇچۇن ئۇيغاق پىكىر بوشلۇغى شەكىللەندۇرۇش بۇ سىلەر ئۇچۇن ئەڭ ئۇلۇغ ئالى مەكتەپ دەيمەن ،راست ئەمەسمۇ ئالى مەكتەپ بالىلىرىمىزغا ئاداققى نىشان بولۇپ قالسا بىزگە ئۇۋال بولمامدۇ،خۇددى:
                  ئۇۋال ئەمەسمۇ -
دەريادەك كۆز يېشىمدا ئاقسام .
دىگەندەك .بىلىم بىزنىڭ چەكلىك ئۆمىرىمىزدىكى -ھۆرلۇك،پۇل،ۋە قىممەت ئەمەسمۇ.
شۇڭا ئۇلۇغ ئوقۇتقۇچى -داڭلىق شائىرۋە يازغۇچىلاردىن كەم ئەمەس ،ئۇنىڭ بىر سائەتلىك ئىسىل دەرسى ياخشى بىر پارچە شىئر ياكى ھىكايە.
20100213195051244.jpg

0

تېما

0

دوست

15

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  248
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 9
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-29 00:30:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى پەننى بىلىم بېرىش بىلەنلا چەكلەنسە ، ئادەم  ئۈچۈن  ئەڭ موھىم بولغان ئادىمىلىك تەربىيىسىگە سەل قارالسا ، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك . ئەپسۇس ھەقىقى ئادىمىلىكى بىلەن سەبىلىرىمىزنىڭ  قەلبىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالالايدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىز قانچىلىكتۇ ...

3

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2738
تۆھپە : 1670
توردىكى ۋاقتى: 353
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-29 13:54:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    
          مەن يۇقۇرقى بىر قىسىم ئىنكاسلارنى كۆرۈپ سەل ئەپسۇسلاندىم چۈنكى:ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى يۇقۇرىدا تورداشلار ئېيتقاندەك ھەقىيقەتەن جاپالىق ۋە شەرەپلىك ئىكەنلىگى ھەمىمىزگە بەش قولدەك ئايان. لېكىن مۇشۇنداق ھەر ساھە ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان شارائىتتا يەنى ھۆكۆمىتىمىز  ئېتىبار سىياسەتلىرىمۇ كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقان شارائىتتا  بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى ساپاسىغا، ئىستىقپالىغا   ۋە بىر دۆۋلەتنىڭ قۇدرەت تېپىپ تەرەققى قىلىشىدا ئەڭ يادرۇلۇق رول ئوينىشىغا مۇناسىۋەتلىك  بۇ ئۇلۇغۋار خىزمەتنى ھەمىمىزلا جاپالىق، مېھنەتسىز ھەمدە سىڭدۈرگەن ئەجىرگە چۇشلۇق مۇئاش ئالالمايدىغان كەسىپ  دەپ  ،ۋايسىساق ،ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ يەكلىسەك بۇ ئۇلۇغۋارخىزمەتكە نىسپەتەن  قىلچىلىكمۇ  بېغىشلاش روھىمىز بولمىسا  يەنە كىلىپ كەلگۈسى پەرزەنتلىرىمىزنىمۇ ئامال بار ئوقۇتقۇچى بولمايسەن دەپ تەربىيلىسەك ۋە سەبى ئېڭىگە سىڭدۈرۋەتسەك....... ئەمسە بۇ خىزمەتنى كىم قىلىش كىېرەك   ؟             ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولمىسا ،شۇ كەسىپكە بولغان ئىنتىلىش  ۋە كۆڭلىمىزدىن سۆيىدىغان چىن قەلبىمىز بولمىسا نەتىيجىسى قانداق بولماقچىدى  ؟   نىشان ،ئىستىقپال ۋە ئۇلۇغۋار غايىلەردىن سۆز ئېچىش تېىخمۇ مۇمكىن بولماي قالمامدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )