قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: alnur

ئەگەر سىز ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز...........

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   20.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  383
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4095
تۆھپە : 2771
توردىكى ۋاقتى: 904
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-4

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 22:30:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى - ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئەڭ ئېغىر مەسئولىيەتنى زىممىسىگە ئالغۇچى بولۇش سۇپىتى بىلەن موشۇ مەسئولىيەتنىڭ ۋەزنىنى ھەقىقى ھېس قىلىپ يېتەلەيدىغان چىن ئىنسانىي تۇيغۇغا ئىگە بولىشى ،شۇنداقلا  ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۆز-ئۆزىنى كەسىپ جەھەتتىن ۋە ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن ئۇزلۇكسىز مۇكەممەللەشتۇرگۇچى بولىشى كېرەك.
   مېنىڭمۇ دەيدىغىنىم :  ئەگەر ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز  ئۆز كەسپىڭىزنى قىزغىن سۆيۇڭ. ئوقۇتقۇچى بولمىسىڭىز  ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمىتىنى قوللاڭ ، ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىڭ!.....
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .

30

تېما

6

دوست

7362

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   47.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1679
تۆھپە : 1099
توردىكى ۋاقتى: 336
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-1 00:46:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى dilkuyiدە2011-01-17 18:22يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
  بۇ ئۆمرۈمدە ئوقۇتقۇچى بولۇشتىن بىر ساقلىسۇن  !!!!!!!!!!!!!!!!!  

ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  دىل كۈيى،ئوقۇتقۇچى  بولۇپ  قالماسلىقنى  خۇدادىن  تىللەۋاتامسىز  ياكى  ھۆكۈمەتتىنمۇ؟ئەگەر   خۇدادىن  تىللىگەن  بولسىڭىز  قاتتىق  خاتالىشىسىز،چۈنكى  تەربىيە خىزمىتى  مەيلى  تەرىقەت،مەيلى  شەرىئەت  ئۈچۈن  ھەم ساۋاپلىق  ھەم  جاپالىق  ئىش،پەخىرلىك  دېگەن  كونا  سوسكىنى  قويۇپ  تۇرايلى،بىزدە  مائارىپقا  سەل  قارالغاچقا،مائارىپ  خىزمەتچىلىرىگە  نىسبەتەن  تونۇش  يېتەرلىك  بولمىغاچقا،ئوقۇتۇشنىڭ  مۇھىملىقى  تېخى  تولۇق  تونۇپ  يېتىلمىگەچكە  سۈت  ئۇيقىمىز  تېخىچىلا  ئېچىلمايۋاتىدۇ،ئۇيغۇرلار  نوپۇسىنىڭ  %70نى  ئىگەللەيدىغان  جەنۇبى  شىنجاڭدىكى   نۇرغۇنلىغان  پاجىئەلەرنىڭ  يىلتىزى  مائارىپنىڭ  ئومۇملىشىش  نىسبىتىنىڭ  تولىمۇ  تۆۋەنلىكىدىن،مېنىڭچە  ھازىرقى مائارىپقا  بولغان تونۇشنىڭ  تۆۋەن بولىشىدىكى  سىر  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بەھرىمان  بولۇشقا  تېگىشلىك  نەرسىلەردىن  باشقا  كەسىپتىكىلەرگە  قارىغاندا  تۆۋەنرەك بەھرىمان  بولىشى،ھالال  ئەجرى  بىلەن ئۆزىنىڭ  قەدىر  قىممىتىنى  يارتىشى.سىزگە  تەۋسىيەم  بۇنىڭدىن  كېيىن  مەيلى  مەقسەدلىك بولسۇن،مەقسەدىسىز بولسۇن  بۇنداق  روھى  چۈشكۈنلۈك  كەلتۈرۈپ  چىقىردىغان تىلەكلەرنى  تىلىمىسىڭىز،چۈنكى  خەلقىمىز  ئارسىدا<<ئادەمنىڭ  روھى  چۈشسە،ئېتى  يۈگىرەلمەيدۇ>>دېگەن ھېكمەت  بار.بارلىق  قېرىنداشلارنىڭ  <<مائارىپلا  بىر  مىللەتنىڭ  بەخت-تەختىنى  يارىتالايدۇ>>دېگن  شۇئارنى  توۋلىشىنى  ئۈمىد  قىلىمەن.
4.JPG
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئىنسانسەن، ئىنس

32

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62
يازما سانى: 707
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 3923
تۆھپە : 2342
توردىكى ۋاقتى: 738
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-22

ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-2-3 20:22:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
oyganganzimn  ئوقۇتقۇچىلىق كەسىپىنى سۆيمىگەن، قىزىقمىغان ئادەمنىڭ ئەڭ ياخشىسى  مۇنبەردىن يىراق تۇرغىنى ياخشى، چۈنكى بۇنداق ئادەمنىڭ  مائارىپ ئۈچۈن، ئەۋلادلار ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھىمۇ بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا  يۈز كېلەلمەي قالىمىز. مېنىڭچە جەمئىيىتىمىزدىكى خىزمەت تېپىش كويىدىلا بولۇپ قىلچە قىزغىنلىقى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئوقۇتقۇچىلىق ساھەسىگە قەدەم بېسىۋاتقانلار ئەڭ ئالدى بىلەن «مەندە كەسىپنى قىزغىن سۆيۈش ئېڭى بارمۇ يوق، ئالغان مائاشىمغا چۇشلۇق ئىش قىلالايمەنمۇ يوق..................» دېگەنلەرنى ئويلىشىپ كۆرۈشى كېرەك. ھازىرقى بىر قىسىم ئىش ئورنىغا تەكلىپ بىلەن قويۇلغان ئوقۇتقۇچىلاردا بىرەر يىل بولا بولمايلا يۆتكىلىشنى ئويلايدىغان، خىزمىتىدىن ۋايسايدىغان، پۇشايمان قىلىدىغان.......... ئەھۋاللار نۇرغۇن. مەن ئۇنداقلارغا جىق تەربىيە ئىشلىگەن بولساممۇ بەزىلىرى قايىل بولغان، بەزىلىرى پىسەنتمۇ قىلمىغان. بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇلارنى قانداقمۇ ياخشى ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ دېگىلى بولسۇن.....................

2

تېما

0

دوست

2651

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  80
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 637
تۆھپە : 377
توردىكى ۋاقتى: 323
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-4 00:01:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كىچىكىمدىلا ئوقۇتقۇچى بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم ئەپسۇس ئوقۇتقۇچى  بولالماي قالدىم ،ئوقۇتقۇچى بەكمۇ جاپاكەش  ئەممائۇلۇغ بىر ئىنسان .مېنىڭ بۇ يەردە دەيدىغىنىم ئوقۇتقۇچىلار ؛ئۆزەڭلارنىڭ بۇ كەسپىدىن پەخىرلىنىڭلەر ھەرگىز ئاغرىنماڭلار چۇنكى  جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى ،مىللەتنىڭ كەلگۈسى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا . ئوقۇتقۇچى ئەمەس قېرىنداشلار سىلەرمۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ھۈرمەتلەڭلار  ئۇلارنى قوللاڭلار. ئۇلارنى ھاقارەتلىمەڭلار ،توغرا بىز ئوقۇپ بولدۇق بىزگە بەلكىم ئوقۇتقۇچى لازىم ئەمەستۇ ،بىراق بالىلىرىمىز ،كەلگۇسىمىز  ،جەمىيىتىمىز يەنىلا ئوقۇتقۇچىغا مۇھتاج.ئاخىرىدائوقۇتقۇچىلارغا تەلىپىم؛
   1.ئۆزىنىڭ بىلىمىنى يەنىمۇ تولۇقلىسا .    2 .  كىيىنىشىگە دىققەت قىلسا.      3.گەپ -سوزگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرسە.     4 .ئۆزىنىڭ ئەخلاقىنى تۈزەتسە (بۇ بەكمۇ مۇھىم)
كەچۇرۇڭلار ئالدىڭلاردا بىلەرمەنلىك قىلىپ قويدۇم.
،
قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن.

0

تېما

1

دوست

348

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  512
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 77
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-4 16:31:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 15قەۋەتتىكى anwarkapakدە2011-01-29 13:54يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    
          مەن يۇقۇرقى بىر قىسىم ئىنكاسلارنى كۆرۈپ سەل ئەپسۇسلاندىم چۈنكى:ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى يۇقۇرىدا تورداشلار ئېيتقاندەك ھەقىيقەتەن جاپالىق ۋە شەرەپلىك ئىكەنلىگى ھەمىمىزگە بەش قولدەك ئايان. لېكىن مۇشۇنداق ھەر ساھە ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان شارائىتتا يەنى ھۆكۆمىتىمىز  ئېتىبار سىياسەتلىرىمۇ كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقان شارائىتتا  بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى ساپاسىغا، ئىستىقپالىغا   ۋە بىر دۆۋلەتنىڭ قۇدرەت تېپىپ تەرەققى قىلىشىدا ئەڭ يادرۇلۇق رول ئوينىشىغا مۇناسىۋەتلىك  بۇ ئۇلۇغۋار خىزمەتنى ھەمىمىزلا جاپالىق، مېھنەتسىز ھەمدە سىڭدۈرگەن ئەجىرگە چۇشلۇق مۇئاش ئالالمايدىغان كەسىپ  دەپ  ،ۋايسىساق ،ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ يەكلىسەك بۇ ئۇلۇغۋارخىزمەتكە نىسپەتەن  قىلچىلىكمۇ  بېغىشلاش روھىمىز بولمىسا  يەنە كىلىپ كەلگۈسى پەرزەنتلىرىمىزنىمۇ ئامال بار ئوقۇتقۇچى بولمايسەن دەپ تەربىيلىسەك ۋە سەبى ئېڭىگە سىڭدۈرۋەتسەك....... ئەمسە بۇ خىزمەتنى كىم قىلىش كىېرەك   ؟             ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولمىسا ،شۇ كەسىپكە بولغان ئىنتىلىش  ۋە كۆڭلىمىزدىن سۆيىدىغان چىن قەلبىمىز بولمىسا نەتىيجىسى قانداق بولماقچىدى  ؟   نىشان ،ئىستىقپال ۋە ئۇلۇغۋار غايىلەردىن سۆز ئېچىش تېىخمۇ مۇمكىن بولماي قالمامدۇ؟  

 توغرا دەيسىز  ئۆز كەسپىنى سۆيمىگەن  ئادەم  زىمىسىدىكى ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن قانداقمۇ چىقالىسۇن .

0

تېما

0

دوست

5

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   1.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  529
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 3
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 13:52:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش تورىدىكى تېمىلار خۇددى قۇمۇل مۇقاملىرىدەك مېنڭ ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالدى .بۇنداق مۇنازىرە سەينىسىغا تولىمۇ كېچىكىپ كىرىپتىمەن،ئۆزۈم ئوقۇتقۇچى،ھازىر ئوقۇتقۇچىلار بىر كۆڭۈللۈك ئوقۇتۇش بىلەن شوغۇللانسا كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈن چەككەن جاپالىرىمىزغا ۋايسىمايتتۇق ،ئوقۇتۇشتىن باشقا تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئوبېكىتلىرى ئاساسەن مەكتەپلەردە بوپ قالدىغۇ،يۇقۇرىدىن ئىقتىسادى مەسەلىلەرنى ،پاكلىق قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈشكە كەلسە مەكتەپلەر بىلەن كەنتلەر ئاساسلىق تەكشۈرۈلىدىغان ئوبېكىت ،بىخەتەرلىك ،قانۇن تۈزۈم،مەنىۋى مەدەنىيەت،ئەخلاق قۇرۇلىشى،ئىستىل قۇرۇلۇشى،پارتىيە قۇرۇلۇشى،ئەخلاق قۇرۇلۇشى....ئىشقىلىپ تەكشۈرۈشنىڭ تولىلىقىدىن (بىزنىڭ بۇ يەردە شۇنداق،قۇمۇلدا قانداقكىن؟) ئوقۇتۇشنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشى تەسىرى بەك چوڭ بولىۋاتىدۇ،ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىنىڭ كۆپىنچە زېھنى كۈچى مۇشۇ تەكشۈرۈشلەرگە تاقابىل تۇرۇش،مۇدىر شۈجىلەرنىڭ كۆپرەك ۋاقتى ھەر خىل يىغىنلاردا بولۇش سەۋەبىدىن مەكتەپتىكى ئوقۇتۇش پۈتۈنلەي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىدىنلا ىېلى ياخشى كېتىۋاتىدۇ.ئوقۇتقۇچى بولغانغا ئۆكۈنمەيمىز،تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەرنىڭ تولىلىقىدىن زارلىنىدىغان،ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمىزدىن ۋايسايدىغان بوپ قالدۇققۇ ......بىز پەقەت ۋايساپلا قالىمىز.

1

تېما

0

دوست

105

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   35%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  580
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 105
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2012-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-10 19:00:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بولسا، ئوقۇتقۇچى بولغۇچ(ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت ھەم جاپالىق،ھەم ئۇلۇغ كەسىپنى تاللىغۇچى) ئالدى بىلەن  <مائارپ>تىن ئىبارەت ئۇقۇمنى ياخشى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشى ، يەنە بىرسى،<ئوقۇت+قۇچى>لا  بولۇپ قالماي،ھەقىقىي مائارپچى بولۇشقا تىرىشىشى   كېرەكمىكىن ...دەپ ئويلايمەن.

22

تېما

0

دوست

9928

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   98.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  545
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2135
تۆھپە : 1610
توردىكى ۋاقتى: 1003
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-10 20:01:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلىق ئۇلۇغ خىزمەت .قاقشىماڭلار ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى دىگەن شەرەپلىك نام ئالغان ئوقۇتقۇچىلار .قاقشىساق بىز قاقشىساق بولاتتى ، مىڭ مېتىر يەرنىڭ تېگىگە چۇشۇپ كۆمۈر قازىدىغان جاپاكەش كان ئىشچىلىرى . ئادەتتە ئورىغاساقلاشقا  قويۇپ قويغان سەينى ئەچىق دىسىمۇ ئاران چۇشىمىز 2 مېتىر شۇ يەرگىمۇ . قىزلارمۇ كاندا ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلسە قاراپمۇ قويمايدىغان بوپ كېتىپتۇ ھازىر . ئىستىراخۇا نىيەگىمۇ قاتناشتۇرمايدىكەن چۇنكى ئۇلار نىڭ ھاياتىغا كۈندە خەۋپ بار دەيدىكەن . ئوقۇتقۇچىنى ھەممىمىز ھۆرمەتلەيمىز.                            مەنچە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ مۇئامىلە قىلماي ھەممە ئوقۇغۇچىنى ئوخشاش ياخشى كۆرىدىغان بولسا دەيمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )