قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2691|ئىنكاس: 24
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

NASA: دۇنيادىكى نېفىت، گاز ۋە كۆمۈر زاپىسى يەنە قانچە ئۇزۇن يېتىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

154

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1165
تۆھپە : 4231
توردىكى ۋاقتى: 1577
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 14:11:56 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

دۇنيادىكى نېفىت، گاز ۋە كۆمۈر زاپىسى يەنە قانچە ئۇزۇن يېتىدۇ؟

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى


بۈگۈن (يەنى ئامېرىكا ۋاقتى بويىچە 2015-يىلى 18-فېۋرال كۈنى) بىزنىڭ باش مەمۇرىي ئىدارىمىز بولغان كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى دوكتۇر دەيۋىد رۇتلېج (David Rutledge) بىزنىڭ ئىدارىدە بىر مەيدان ئىلمىي دوكلات بەردى.  دوكلاتنىڭ تېمىسى «نېفىت، گاز ۋە كۆمۈر يېقىلغۇلىرى يەنە قانچە ئۇزۇن يېتىدۇ؟» بولۇپ، بۇ دوكلات جەمئىي بىر سائەت داۋاملاشتى.

دەيۋىد بۇ ساھەنىڭ بىر تونۇلغان مۇتەخەسسىسى بولۇپ، ئۇ بۇرۇن كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى ئىنژېنېرلىق ۋە قوللانما پەنلىرى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن (ئامېرىكىدا ئوقۇتقۇچىلار بىر مەزگىل پروفېسسور، بىر مەزگىل فاكۇلتېت مۇدىرى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋېرىدۇ.  بۇ ھەرگىزمۇ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەنلىك بولمايدۇ. يەنى فاكۇلتېت مۇدىرى بىلەن پروفېسسورلارنىڭ ئاساسەن ھېچ قانداق پەرقى يوق).  ئۇ نۇرغۇنلىغان ئورۇنلار تەييارلىغان ئىلمىي تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى ۋە كەسپىي ئانالىزلار ئاساسىدا نۇرغۇنلىغان ئۇچۇر توپلىغان بولۇپ، بۈگۈن كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

a1_fossil.JPG
1-رەسىم: دوكتۇر دەيۋىد رۇتلېج ئىلمىي دوكلات بېرىش ئالدىدىكى بىر كۆرىنىش.


ھازىر «نېفىت، گاز ۋە كۆمۈر يېقىلغۇلىرى يەنە قانچە ئۇزۇن يېتىدۇ؟» دېگەن مەسىلىدە كۆپ سانلىق كىشىلەر قوبۇل قىلغان قاراش مۇنداق:  يۇقىرىدىكى يېقىلغۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى ھازىرقى سەۋىيىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، كېيىنكى 100 يىل ئىچىدە نېفىت، گاز ۋە كۆمۈر بايلىق مەنبەسىدە چوڭ بېسىم يۈز بەرمەيدۇ.  يۇقىرىدىكى 3 خىل يېقىلغۇلارنى كۆيدۈرۈشتىن كېلىپ چىققان كاربون تۆت ئوكسىد (ياكى بىر نەرسىنى كۆيدۈرگەندە چىقىدىغان ئىس) مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىمۇ 2150-يىللىرىغىچە يۈز بەرمەيدۇ.  

ئەمما دەيۋىدنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدىكى 3 خىل يېقىلغۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى مۇشۇ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا روشەن ھالدا ئازلايدۇ.  يۇقىرىدىكى 3 خىل يېقىلغۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى تېپىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھېلىقىدەك ئۆزگىرىش ناھايىتى ئاستا يۈز بېرىدۇ. ئەمما، ئاشۇ 3 خىل يېقىلغۇنى كۆيدۈرۈشتىن كېلىپ چىققان يامان ئەھۋاللارنىڭ ھاۋا-كىلىماتىغا بولغان تەسىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھېلىقىدەك ئۆزگىرىشلەر يەنىلا بىر قىسىم جىددىيلىكنى پەيدا قىلىدۇ.

دەيۋىدنىڭ قارىشىچە، كېيىنكى 60 يىلدىن كېيىن دۇنيانىڭ نېفىت، گاز ۋە كۆمۈر زاپىسىنىڭ 90 پىرسەنتى تۈگەپ بولىدۇ.  يەنى، ئاشۇ 3 خىل يېقىلغۇنىڭ زاپىسى ئەسلىدە بار بولغان بايلىق مىقدارىنىڭ 10 پىرسەنتىگە چۈشۈپ قالىدۇ.

2013-يىلى جۇڭگو بىر يىل ئىچىدە كۆيدۈرگەن كۆمۈرنىڭ مىقدارى پۈتۈن دۇنيا شۇ يىلى كۆيدۈرگەن كۆمۈر مىقدارىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن كۆپرەك ئىكەن.

ھازىر تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ كۆپىنچىسى «ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسى» (renewable energy source) دەپ ئاتىلىدىغان، قۇياش نۇرى، شامال، ئېقىۋاتقان سۇ، يامغۇر ۋە دولقۇندىن توك چىقىرىدىغان ئۇسۇل بىلەن ئېرىشىدىغان ئېنېرگىيە مىقدارىنى ئومۇمىي ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ 10 پىرسەنت ئەتىراپىغا ئاپىرىپتۇ.  ئۇ دۆلەتلەردە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىدىن ئېرىشىدىغان ئېنېرگىيە مىقدارىمۇ ئومۇمىي ئېنېرگىيە مىقدارىنىڭ 10 پىرسەنتى ئەتىراپىدا ئىكەن.

a2_fossil.jpg
2-رەسىم: ئامېرىكىنىڭ «نېۋادا» شتاتىدا بىر يىل ئىچىدىكى 365 كۈننىڭ كۆپىنچىسىدە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ.  ناسا بىر قېتىم ھېسابلاش ئېلىپ بېرىپ، ئەگەر نېۋادادىكى كەڭلىكى 440 كىلومېتىر، ئۇزۇنلۇقىمۇ 440 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر جايغا قۇياش نۇرىدىن توك چىقىرىدىغان تاختايلارنى ئورناتسا، ئۇنىڭدىن چىققان توك بىلەن پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  ھازىر نېۋادانىڭ بىر يېرىدە ئاشۇنداق تاختايدىن بىر مىليوندىن كۆپرەكى ئورنىتىپ بولۇندى.  بىز تۇرىۋاتقان لوس ئانژېلىس بىلەن دۇنياغا داڭلىق قىمار شەھىرى لاس ۋېگاسنى تۇتاشتۇرىدىغان يولنىڭ بويىدىمۇ ئاشۇنداق بىر جاي بار بولۇپ، مەن ئۇ جاينى ئۆتكەن يىل 12-ئايدا بىر قېتىم كۆردۈم.  مەزكۇر رەسىمدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما نېۋادادىكى ئاشۇنداق جاينىڭ بىرسىدە نۇتۇق سۆزلىمەكتە.

a3_fossil.JPG
3-رەسىم: بۈگۈن مەن مەزكۇر دوكلاتنى ئاڭلىغىلى بارسام، نۇرغۇن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىزنىڭ ئىدارىدىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىۋېتىپتۇ.  بۇ رەسىمنى شۇ چاغدا تارتىۋالدىم.

a4_fossil.JPG
4-رەسىم: بۈگۈنكى ئىلمىي دوكلات يىغىن زالىنىڭ چۆرىسىگە كۆپلىگەن ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ مودېللىرى قويۇلغان بولۇپ، مەن «1-نومۇرلۇق سەپەرچى» نىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ قالدىم.  شۇنىڭ بىلەن بۇ رەسىمنى تارتىۋالدىم.  بۇ رەسىمدىكى «ئالتۇن تەخسە» ھەققىدە مېنىڭ «تاشقى پلانېتىلاردا جانلىقلار بارمۇ؟» دېگەن ماقالەمدە بىر قىسىم مەزمۇنلار بار بولۇپ، ئۇ ماقالىنى  تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:
http://bbs.izdinix.com/thread-60692-1-1.html

ئىنگلىزچە ئۆگىنىۋاتقان ئۇكىلار ئۈچۈن: تۆۋەندىكى پروفېسسور دەيۋىدنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى:

Professor David Rutledge is the Tomiyasu Professor of Engineering at Caltech, and a former Chair of the Division of Engineering and Applied Science. He is the author of the textbook Electronics of Radio, published by Cambridge University Press, and the popular microwave computer-aided-design software package Puff. He is a Fellow of the IEEE, a winner of the IEEE Microwave Prize, and a winner of the Teaching Award of the Associated Students at Caltech. He served as the editor for the Transactions on Microwave Theory and Techniques, and is a founder of the Wavestream Corporation, a manufacturer of high-power transmitters for satellite uplinks.


0

تېما

0

دوست

1285

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   28.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34244
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 386
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 16:31:19 |ئايرىم كۆرۈش
ئەگەر دۇنيانىڭ ئاشۇ قايتىلانماس ئېنىرگىيە مەنبەلىرى قۇرۇقدىلىپ كىشىلەر ئەنسىرىگۈدەك دەرىجىگە چۈشكىچە بولغان ئارىلىقتا يېڭى تېخىنىكا كەشپىياتلار ئارقىلىق يېڭىچە قىسقا مۇددەتتە قايتا ئېرىشكىلى بولىدىغان ئېنىرگىيە مەنبەلىرى تېپىلمىسا ئۇ بايلىقلار ساقلانغان جايلاردا بايلىق تالىشىش يۈزسىدىن ئۇرۇش يۈز بېرەرمۇ ئاندىن؟ياكى چەكلىك بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىش يېڭى دۇنيا-تەرتىپ لاھىيەسى تۈزۈلۈپ چىقارمۇ؟...چاي ئىچكەچ مۇلاھىزە...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 3293
توردىكى ۋاقتى: 841
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 17:27:40 |ئايرىم كۆرۈش
بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن 50 يىلدىن كىيىن نىفىت زاپىسى تۈگەپ كىتىدۇ دەپ يۈرەتتى.

15 يىلمۇ ئۆتۆپ كەتتى.

يىڭى- يىڭى بايقاشلار، غايەت زور نىفىتلىكنىڭ تىپىلغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر پارت-پات خەۋەر قىلىنىپ تۇرىدۇ.

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   28.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1683
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4945
توردىكى ۋاقتى: 1422
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 18:28:56 |ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇنداق تەبىئىي ھاۋا بۇلغىمايدىغان يېشىل ئېنىرگىيە بولسا بىزنىڭ بىرىنچى تاللىشىمىز بولغۇسى.

0

تېما

1

دوست

3658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31660
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1072
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 19:13:06 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YOQSUL تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-19 20:06  

كەڭلىكىمۇ 440 كېلومېتىر،ئۇزۇنلىقىمۇ 440 كېلومېتىر بولسا نېۋادانىڭ زىمىنى تاركەپقالمامدۇ؟باشقا شتاتلارغىمۇ كېڭىيەمدۇ-يە؟مېنىڭچە بۇنى قۇياش نۇرى تولۇق چۈشۈش نىسپىتى يۇقىرى بولغان شىتاتلارغا تارقاق ئورۇنلاشتۇرسا موۋاپىق بولامدىكىن ،دەيمەن.
تارقاق ئورۇنلاشتۇرسا توپلاشتۇرغانغا قارىغاندا كۈچى ئاجىز بولۇپ قالامدۇ،ياكى ئوخشاشمۇ؟

0

تېما

1

دوست

1138

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33156
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 338
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 19:44:01 |ئايرىم كۆرۈش
ئاۋۇنى «قايتا ھاسىل بولىدىغان بايلىق » ۋە «قايتا ھاسىل بولمايدىغان بايلىق » دەپ يازىمىز ، كىتاپلاردا مۇشۇنداق يېزىلىدۇ .

0

تېما

1

دوست

1138

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33156
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 338
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 19:51:45 |ئايرىم كۆرۈش
مېنىڭچە ، كىشىلەرنىڭ ئېنىرگىيىگە بولغان تونۇشى يىتەرلىك بولمىسا ، مۇھىت ئاسراشقا بولغان تونۇشى ياخشى ، توغرا چۈشەنچە بولمىسا ، بۇ قايتا ھاسىل بولمايدىغان بايلىقلارنىڭ خورۇشى تۆۋەنلىمەيدۇ . مەسىلەن : بىراۋنى سەن توكنى ئۆچۈر ، ئىسراپ قىلما ، دىسەڭ ، ئۇ قوپۇپ : پۇلىنى ئۆزۇم تۆلەيمەن ، مېنىڭ پۇلۇم بار ، دەپ قارشى تۇرىدۇ ، قانۇنىي جەھەتتىن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ ، راست . ئەمما «يەر شارى » ئانىمىزنى ئويلاشقاندا ، بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى مەنپەتىمىز نىمىگە ئەرزىيدۇ ؟  ساپا ئۆستى  دەپ باشقا نىمىگە قارىتىپ ئېيتىلغان ئەمەس ، شۇ ئۇنۋېرسال بىلىمنى كۆزدە تۇتىدۇ . ئاشۇنداق كىچىك ئىشلاردا ، قايسى بىرىمىز قېنى «مەن دىگەن » ساپالىق دەپ مەيدىمىزگە ئۇرالايمىز ؟

0

تېما

3

دوست

1078

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34298
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 310
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 20:17:36 |ئايرىم كۆرۈش
ياخشې ماقالئ   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )