- تىزىملاتقان
- 2015-2-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 344
- نادىر
- 0
- يازما
- 17
ئۆسۈش
22%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار
مەن ئۆزەمنىڭ پىراۋا ئېلىش جەريانىدا يۇلۇققان ئشلىرىمىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچى
مەن 2013يىلى يېڭى قاتناش قائىدىسى يۇلغا قۇيۇلغان ۋاقىتتا پىراۋا ئېلىش ئۈچۇن مارالبىشى ناھىلك خۇڭفۇ شۇپۇرلۇق مەكتەپكە 2013-يىلى 1-ئايدا تىزىملاتىم شۇ جەرياندا بۇمەكتەپتە ئۇقۇپ 2013يىلى11-ئايدا مەكتەپنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشى بىلەن قەشقەر شەھەرلىك قاتناش تارماق چۇڭ ئەترەتكە بىرىىپ (چىكەنسۇغا)نەزىرىيە ئىمتاھاندىن لاياقەتلىك ئۆتتىم .
نەزىرىيە ئىمتاھاندىن ئۆتكەندىن كىيىن مەكتەپكە كىلىپ ئەملىيەت يۇل ئمتاھانغا تەييارلىق قىلغان بۇلساقمۇ بۇمەكتەپ پەقەتلا ئەمىلىيەتئمتاھانغا ئۇرۇنلاشتۇرمىدى .
2014-يىلى 1-ئايدا بۇمەكتەپ تاقالدى ! مەكتەپ تاقالغاندىن كىيىن خۇڭفۇ شۇپۇرلۇق مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچىللرىغا ئىگە بولدىغان ئۇرۇن چىقمىدى
بىز خۇڭفۇ شۇپۇرلۇق مەكتەپتىكى ئۇقۇغۇچىلا مەكتەپنىڭ تاقالغىنى دەپ ناھىلىك ھۆكىمەتكە كىردۇق ئۇلار سوت مەككمسگە ئەرىزقىلڭلا دەپ يۇلغا سىلىپ قۇيدى شۇنىڭ بىلەن بىز ناھىلىك ئابباس ئادۇكاتلىق ئۇرنىغا كىرىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلساق ئۇلار بىز داۋالىشىپ پۇلۇڭلارنى ئېلىپ بىرىمىز دىدى ھەربىر ئۇقۇغۇچىدىن 400يۇۋەندى پۇل ئېلىپ سوت مەككمىسىگە ئەرىز سۇنىدى لىكىن بۇنىڭمۇ پايدىسى بۇلمىدى .
بۇ مەكتەپكە c1پىراۋىغا (4000يۇۋەن)B2پىراۋىغا(4500يۇۋەن)دىن تاپشۇرۇپ ئۇقۇشقا كىرگەن بەزى ئۇقۇغۇچىلا ئمتاھانغىمۇ قاتناشمىغان بەزىلەر مەندەك نەزىريە ئمتاھاندىن ئۆتكەن يەنە بەزىلەر يۇل ئمتاھانىسىمۇ تۇگەپ ئاخىرقى ئەخلاق ئمتاھانىسى قالغان ئۇقۇغۇچىلار بۇنداق ئۇقۇغۇچىلاردىن 400دىن ئاشىدۇ .
مەن باشقا مەكتەپتە ئۇقۇش قارارغا كىلىپ ناھىمىزدە يېڭدىن ئېچىلغان بىر مەكتەپ بار ئىدى . شۇنىڭدا ئۇقاي دەپ بارسام بۇرۇنقى ئارخىۋىمىز خۇڭفۇ شۇپۇرلۇق مەكتەپتە بۇلغاچقا ئالمايدىكەن نەزىريەدىن ئۆتكەن نەتىجىمىزنى ئۇچۇرۋەتسەك ئاندىن ئالىدىكەن بۇنى ئۇچرەش ئۇچۇنمۇ 300يۇۋەن ئەتراپىدا پۇل خەجلەيدىكەنمىز .
بۇئشلارنى ناھىلىك ئەرزىيەت ئشخانىسغا ئىلتىماس سۇندۇم ئۇلارنىڭمۇ يەنىلا كارى بۇلمىدى شۇنىڭ بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق رەدىيۇ ئستانسى (كەسىپ ئستىلى )(09912507355)(09912507255)پىرگرامىسغا ئەھۋالنى ئنكاس قىلدىم . ئۇلار بىز مۇناسۋەتلىك ئۇرۇنلارغا ئنكاسڭىلارنى مەلۇم قىلايلى دىد ى كىيىن جاۋابى پات يېقىن كىلدىغان بۇلدى دىدى لىكىن ھازىرغىچە 1يىل بۇلدى جاۋابى كەلمىدى .شۇنىڭ بىلەن يەنە شىنجاڭ خەلىق رەدىيۇئستانسى قاتناش پىرگىرامسىغا (09912500650)ئەھۋالنى ئنكاس قىلدىم ئۇلار بۇئشنى قاتناش تىرنسپۇرت ئۇرنى باشقۇردۇ شۇلار بىلەن ئالاقىلشىڭ دىدى .
شۇنىڭ بىلەن بىرقانچىمىزناھىلىلىك قاتناش تىراسپۇرت ئۇرنىغا كىرىپ شۇ ئۇرۇننىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۇشتۇم ئۇ ئادەم ئۇ مەكتەپتە ئىگە بۇلىدىغان ئادەم يۇق شۇڭا ئمتاھانغا ئۇرۇنلاشتۇرغىنى بۇلمايدۇ دىدى شۇنىڭ بىلەن بۇئشمۇ ئاقمىدى ، نۇرغۇن ئۇقۇغىچىلار قەشقەر شەھەرلىك قاتناش چۇڭ ئەترەتكە ، قەشقەر شەھەرلىك قاتناش تىرانسپۇت ئۇرنىغا بارغان بۇلسىمۇ ئۇلارمۇ مەكتەپنىڭ قەرزى بار شۇ پۇلنى تاپشۇرسا ئمتاھانغا ئۇرۇنلاشتۇرمىز دەپتۇ .
بۇ مەكتەپنىڭ تاقلىپ قىلشغا سەۋەپچى بۇلغان ئۇرۇنلار خۇڭفۇ شۇپۇرلۇق مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى (ئۇمۇدىر بىر قىمارۋازئىكەن )ناھلىك قاتناش تىرنسپۇرت ئۇرنى بۇلار بۇمەكتەپنى ياخشى نازارەت قىلمغان قەشقەرۋىلاريەتلىك قاتناش چۇڭ ئەترەت ھەرقىتىم خۇڭفۇ شۇپۇرلۇق مەكتەپنى ئمتاھانغا ئۇرۇنلاشتۇرغاندا ئمتاھانغا قاتنىشىش پۇلىنى ۋاقتىدا يېغۋالمىغان شۇنىڭ بىلەن بۇمەكتەپ قاتناش تارماق چۇڭ ئەترەتكە قەرىز بۇلۇپ قالغان مۇشۋا ئۈچ ئۇرۇن مەكتەپنىڭ تاقلىپ قىلشغا سەۋەپچى شۇڭا بۇئۇرۇنلارنىڭ بىزگە ئىگە بۇلاپ قالغان ئمتاھانغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ داۋامىنى بىرشىمىزگە ياكى پۇلىمىزنى قايتۇرۇپ ئېلىپ بىرشىنى سۇرايمىز ؟
2يىل جەرياندا ۋاقىتن پۇلدىن زىيان تارتتۇقبەلكىم بەزى ئۇقۇغۇچىلار پىراۋا ئېلىپ تاكسى ياكى باشقا ماشنىلارنى ئىجارىگە ئېلىپ ئۆزنىڭ تۇرمۇشنى قامدايدىغان بۇلاتتى يەنە بەزىلەر ئائىلەئىشلىرىغاياكى باشقا ئشلارغا ئشلىتەتتى بۇ مەكتەپنىڭ بانكدا قىرزى بۇلغاچقا بانكىدىن تارتىۋاپتۇ ناھىيە ن ياكى قەشقەر شەھردىكى ئۇرۇنلار بىز ئىگە بۇلمغاچقا قانداق قىلشنى بىلەلمىدۇق
شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇنداق مەسىنى قايسى ئۇرۇننىڭ ھەل قىلدىغىنىنى بىلىش ئۈچۇن بۇ تىمىنى يېزىپ ئۇلتۇرۇپتىمەن .
|
|