قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1616|ئىنكاس: 11

ھۇنلارنىڭ گۈللىنىشى، خارابلىشىشى (I)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

10

دوست

4119

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1349
توردىكى ۋاقتى: 1045
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 05:55:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan1001 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 05:58  

ھۇنلارنىڭ گۈللىنىشى، خارابلىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى(1)


ئاپتۇرى: لىن گەن



1. چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرى ھۇنلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى


چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرى ھۇنلار باش كۆتۈرۈپ چىققان، ئۇنداقتا ئۇلار ئەڭ ئاۋال قايسى ۋاقىتتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن مۇناسىۋەت قىلغان؟ بۇ مەسىلىگە نۆۋەتتە تېخى ئېنىق جاۋاب بەرگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق يىپ ئۇچىمۇ يوق ئەمەس.
قەدىمكى ھۆججەتلەر ئىچىدە چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرى ھۇنلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئارىسىدا مۇناسىۋەت بولغانلىقىغا دائىر خاتىرىلەردىن ئىشەنچىلىكىرەكلىرىدىن ئۈچى بار①: بىرىنچىسى، ليۇشياڭ يازغان «پەندى-نەسىھەتلەر» (1-جىلىد) دە يەن بېگى جاۋ ۋاڭنىڭ تۇنجى يىلى (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 312-يىلى) جاۋ ۋاڭ گوۋېي بىلەن سىياسىي ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلغاندا، گوۋېي «ھۇنلار ئالوبانلارنىڭ تۆۋىنىگە كەتتى» دېدى، دەپ خاتىرىلەنگەن. ئىككىنچىسى، «تارىخى خاتىرىلەر» 81-جىلىد «لى مۇنىڭ تەرجىمھالى» دا جاۋ بېگى شياۋ چىڭۋاڭنىڭ دەسلەپكى يىلى (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 265-يىلى) لى مۇ دەيجۈن، يەنمېن ئايماقلىرىدا ھۇنلاردىن مۇداپىئە كۆرۈپ، ھۇنلارنىڭ ئون تۈمەندىن ئارتۇق چەۋەندازىنى تارمار قىلدى، دەپ خاتىرىلەنگەن.
ئۈچىنچىسى، 31-جىلىد «يەن بەگلىكىنىڭ تەدبىرلىرى» دە يەن بېگى شىنىڭ 27-يىلى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 228-يىلى) چىن بەگلىكى سەركەردىسى پەن ۋۇجى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويۇپ يەن بەگلىكىگە قېچىپ كەلگەندە، ۋەلىئەھد دەن ئۇنى ئېلىپ قالماقچى بولدى، ئۇنىڭ ئۇستازى چۈۋۇ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ، سەركەردە پەن ۋۇجىنى ھۇنلارغا ئەۋەتىپ بېرىپ كۆزدىن يوقىتىش كېرەك ھەم غەربتە چىن بەگلىكى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، جەنۇبتىكى چى ۋە چۇ بەگلىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ، شىمالدا ھۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، چىن بەگلىكىنى يوقىتىش كېرەك دېدى» دەپ خاتىرىلەنگەن. يۇقىرىقى ئۈچ ماتېرىيالدىن ھۇن چەۋەندازلىرىنىڭ ناھايتى بۇرۇنلا، يەنى مىلادىيدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىلا، شۇ چاغدىكى ئالوبانلارنىڭ ئەتراپىدا (ھازىرقى شىمالىي سەنشىدە) ② پائالىيەت قىلغانلىقى ۋە يەن، جاۋ بەگلىكىگە ناھايىتى زور تەھدىت سالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. شۇنداق بولغانىكەن، ئەينى چاغدا ھۇنلار بىلەن يەن، جاۋ بەگلىكلىرى ئارىسىدا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ئالاقە بولغان بۇلۇشى مۇمكىن. ئالوبانلار ياشىغان رايونلار جاۋ بەگلىكىنىڭ ئىچكى سېپىلى بىلەن چېگىرداش بولۇپ، كېيىنكى جاۋ بېگى ۋۇلىڭۋاڭ (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 325-299-يىللار تەختتە ئولتۇرغان) شىمالدا ئالوبانلار ۋە ئورمانلىق غۇزلىرىنى (بۇلار ئالوبانلارنىڭ غەربىي شىمالىدا ئىدى) تارمار قىلىپ، تاشقى سېپىلنى ياساپ، چوغاي تېغىنىڭ (ھازىرقى يىنشەن تېغى، بۇرۇن داچىڭشەن تېغى دەپمۇ ئاتالغان) تۆۋەندىن تاكى گاۋچۆگىچە بولغان ئارلىقنى چېگرا قىلىپ، ئالوبانلار ۋە ئورمانلىق غۇزلىرى پائالىيەت قىلدىغان رايونلاردا يۈنجۇڭ، دەيجۈن ۋە يەنمېندىن ئىبارەت ئۈچ ئايماق تەسىس قىلغان③. شۇنىڭدىن باشلاپ جاۋ بەگلىكى تاشقى سېپىلنى پاسىل قىلىپ ھۇنلار بىلەن قارىشىپ تۇرغان. ئۇ چاغدا ھۇنلار پائالىيەت قىلدىغان دائىرە ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، شەرقتە يەنمېن، دەيجۈندىن غەربتە دەريانىڭ شىمالىغىچە (خېتاۋنىڭ شىمالى) بولغان رايونلاردا ئۇلارنىڭ ئىزى بار ئىدى. شۇڭا «تارىخى خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دە، ئەينى چاغدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە يەتتە «ئورۇشقاق بەگلىك» بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ بەگلىك (يەن، جاۋ، چىن) ھۇنلار بىلەن قوشنا ئىدى، دەپ خاتىرىلەنگەن. ھۇن كۈچلىرىنىڭ تەھدىت سېلىشى تۈپەيلىدىن، جاۋ بەگلىكىنىڭ بېگى شياۋ چىڭۋاڭ لى مۇنى دەيجۈن، يەنمېن ئايماقلىرىنى ساقلاشقا ئەۋەتكەن. لى مۇ بۇ يەرلەرنى ياخشى قوغداپ، قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈش، دۈشمەن ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش، ئالدىراپ ھۇجۇمغا ئۆتمەسلىك قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقتىن، ھۇنلار مەقسىتىگە يېتىشكە ئامالسىز قالغان. كېيىن جاۋ بېگى لى مۇنىڭ ئورنىغا باشقا كىشىنى قويغاندا، ھۇنلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە بەرداشلىق بېرەلمەي چەت چېگرالاردا دېھقانچىلىق قىلالمىغان. شۇنىڭ بىلەن جاۋ بېگى يەنە لى مۇنى ئىشىلتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ ھۇنلارنىڭ ئون نەچچە تۈمەن چەۋەندازىنى تارمار قىلىپ، ئۇلارغا قاتتىق زەربە بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون نەچچە يىل ئىچىدە ھۇنلار جاۋ بەگلىكى چېگىرىسىغا يېقىن كېلىشكە پېتىنالمىغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ھۇنلار كۆپ قېتىم بىۋاستە جاۋ بەگلىكى بىلەن ئالاقە قىلغان.
بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن قورقۇپ ۋەلىئەھد دەنگە ئۇنى تېزدىن ھۇنلارغا ئەۋەتىپ بېرىپ، ھۇنلار بىلەن بىرلىشىپ چىن بەگلىكىنى يوقىتىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان.ئەگەر ئەينى چاغدا ئىككىلا تەرەپ بۇرۇندىن ئالاقىلىشىپ تۇرمىغان بولسا، چۈۋۇ بۇنداق تەدبىرنى تېپىپ چىقالمايتتى.
يېغىلىق دەۋرىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەردىن ھۇنلار رايونىغا كىرگەنلەر ناھايىتى كۆپ بولغان، چىن سۇلالىسى دەۋرىدە تېخىمۇ كۆپەيگەن. شۇڭا، شىگۇ «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» گە ئىزاھ بەرگەندە، « چىن بەگلىكى دەۋرىدە ھۇنلارغا قېچىپ بارغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرمۇ «چىنلىقلار» دەپ ئاتىلىدۇ، دېگەن. يېقىن دەۋىردە ياشىغان ۋاڭ گوۋېيمۇ «گۈەنتاڭ توپلىمى» 18-جىلد «ھۇن مۇشاۋۇرىنىڭ مۆھۈرى ھەققىدە» دە، ھۇنلارنىڭ ئۆزلىرى ياسىۋالغان مۇشاۋۇرلۇق قاشتېشى مۆھۈرى بار، ئۇنىڭ شەكىلى ۋە خېتى چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى مۆھۈرلەرگە ئۆخشايدۇ، دېگەن. بۇنىڭدىن ھۇنلارنىڭ ناھايىتى بۇرۇنلا ئۆز زېمىنىغا كەلگەن ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكلەردىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئەمەلدارلىق تۈزىمىنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
يۇقىرىقى چۈشەنچىلەردىن شۇنى كۆرۇۋېلىشقا بولىدۇكى، يىغلىق دەۋرىدىكى ھۇنلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ئەڭ بالدۇر دېگەندە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3-،4-ئەسىرگە ۋە ھۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنغا سۇرۇشكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھۇنلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش مۇناسىۋىتىلا بولۇپ قالماستىن، يەنە مەدەنىيەت مۇناسىۋىتى (مەسىلەن، قاشتېشى مۆھۈر) ھەم ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتمۇ بولغانلىقىنىمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ (ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چۆللۈكنىڭ شىمالىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تارقالغان، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرگە تەئەللۇق بولغان تاش ياغۇنچاق بايقالغان)④.
يەنە «ھۇن» نامىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھۆججەتلىرىدە ئەڭ بالدۇر كۆرۈلىشىمۇ چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىدىكى ھۇنلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. قەدىمكى ھۆججەتلەردە «ھۇن» نامى ئەڭ بالدۇر «جۇ سالنامىسى» (7-جىلد)، «تاغ-دەريالار قۇرئى» (10-جىلد) ۋە «يېغىلىق دەۋرىدىكى تەدبىرلەر» دە كۆرۈلىدۇ. «جۇ سالنامىسى» ۋە «تاغ- دەريالار قۇرئى»نىڭ كىتاب بولۇپ چىققان ۋاقتى نۆۋەتتە تېخى بېكىتىلمىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرى يېزىلغانلىقى شۈبھىسىز. ئەمما، ئۇنىڭدا خاتىرىلەنگەن «ھۇن» نامىنى كېيىنكىلەر قوشۇپ قويغان بولۇشى، ئىشەنچىلىك بولماسلىقى مۇمكىن. «يېغىلىق دەۋرىدىكى تەدبىرلەر» دىكى خاتىرىدىن بولسا گۇمانلىشىقا بولمايدۇ. «يېغىلىق دەۋرىدىكى تەدبىرلەر» دېگەن ئەسەر شەرقىي خەن دەۋرىدىكى ليۇشياڭ تەرىپىدىن توپلىنىپ تۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەسلى مەزمۇنى يېغىلىق دەۋرىدىكى كىشلەرنىڭ قولىدىن چىققان، بۇ نۇقتا ئالىملار ئارىسىدىمۇ ئوموميۇزلۇك ئېتىراپ قىلىنغان. غەربىي خەن دەۋرىدە ئۆتكەن سى ماچيەن « تارىخى خاتىرىلەر» نى يازغاندا بۇ ئەسەردىن پايدىلانغان. يېغىلىق دەۋرىدىكى «ھۇن» نامىنىڭ كۆرۈلۈشى دەل بۇ دەۋردە (ياكى بۇ دەۋردىن تېخىمۇ بۇرۇن) ھۇنلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئارىسىدا كۆپ قېتىملىق ئالاقىنىڭ بولغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
چىن شىخۇاڭ ئالتە بەگلىكنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 221-يىلى) كېيىن، ھۇنلار بىلەن چىن سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تارىخي كىتابلاردا بىرقەدەر ئېنىق خاتىرىلەنگەن.«تارىخى خاتىرىلەر» 5-جىلد «چىن بەگلىرى ھەققىدە خاتىرە» ۋە 110-جىلد «ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، چىن شىخۇاڭ 32-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 215-يىلى)تۈمەن باشچىلىقىدىكى ھۇن قۇلدارلىرى جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلغاندا، چىن شىخۇاڭ مېڭ تيەن باشچىلىقىدا 300 مىڭ كىشلىك قوشۇن ئەۋەتىپ ھۇنلارغا جازا يۈرۈش قىلىپ، «دەريانىڭ جەنۇبىدىكى يەر» نى تارتىۋېلىپ (ھازىرقى ئىچكى قوڭغۇل خېتاۋدىكى ئىكىجاۋ ئايمىقى ئەتراپى)، ھۇنلارنىڭ شىمالغا 700 چاقىرىمدىن ئارتۇق چېكىنىشكە مەجبۇ قىلغان، شۇنىڭدىن باشلاپ «غۇزىلار جەنۇبقا كېلىپ ئاتلىرىنى بايلىتالمايدىغان، ئەسكەرلىرى ئوقيا كۆتۈرۈپ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان»⑤. شىمالىي چېگرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، چىن شىخۇاڭ «دەرياقېشىدا توسالغۇلارنى ياسىتىپ» (خۇاڭخېنىڭ خېتاۋ ئەتراپلىرىدا ياسالغان قورغان ۋە ئەلئەلەرنى كۆرسىتىدۇ)⑥ ئىچكىرىدىن 30 مىڭ ئائىلىلىكنى دەريانىڭ شىمالغا (ھازىرقى خېتاۋدىكى ئۇكا دەرياسىنىڭ شىمالى) ۋە يۈجۇڭ (ھازىرقى خېتاۋنىڭ شەرقىي شىمالى) ⑦ غا كۆچۈرۈپ كېلىپلا قالماي، 33-يىلى بۇرۇنقى يەن، جاۋ، چىن ئۈچ بەگلىك شىمالىدا ياساتقان سېپىللارنى تۇتاشتۇرۇپ ھەم شەرق، غەرب تەرەپلەرگە كېڭەيتىپ «سەددىچىن سېپىلى» نى ياساپ چىققان. ئۇ غەربتە لىنتاۋدىن (ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى مىنشيەن ناھىيسى باشلىنىپ خۇاڭخېنىڭ شىمالى، خېتاۋنى بويلاپ چوغاي تاغلىرىغا يانداشقان ھالدا شەرقتە لياۋدۇڭ ئايمىقىغىچە (ھازىرقى يالۇجياڭ دەرياسى بويى) تۇتىشىدىغان بولۇپ، 10 مىڭ چاقىرىمغا سوزۇلغان. يەنە مېڭ تيەننى شاڭجۈن ئايمىقىدا تۇرغۇزۇپ مۇداپىئە كۆرگەن، كېيىن (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 210- يىلى) مېڭ تىيەن ئۆلگەن. كېيىنكى يىلى چېن شېڭ، ۋۇگۇاڭ دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ، چىن سۇلالىسى پارچىلىنىپ سەركەردە-جەڭچىلەر تاراپ كېتىپ، شىمال تەرەپ بوش قالغان. شۇنىڭ بىلەن، ھۇن قۇلدارلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دەريانىڭ جەنۇبىغا قايتا ئۆتۈپ بۇرۇنقى چېگىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىۋالغان.


2. غەربى خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھۇنلارنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەن سۇلالىسىنىڭ ھۇنلار بىلەن قۇدىلىشىشى ۋە ئۇرۇشۇشى


غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ كۈچى مىسلىسىز قۇدرەت تېپىپ، باتۇر تەڭرىقۇت رەھبەرلىكىدە «ساۋۇتلۇق چەۋەنداز»لارنىڭ سانى 300 مىڭدىن ئېشىپ، توختىماستىن ئەتراپتىكى مىللەتلەرگە تاجاۋۇز قىلدى. باتۇر تەڭرىقۇت ئەينى چاغدىكى چۇ-خەن ئۇرۇشى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى قالايمىقان ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، جەنۇبتا سەددىچىن سېپىلىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ھازىرقى شىمالىي خېبىي، سەنشى، شەنشى ۋە خېتاۋ ئەتراپىلىرىنى پاراكەندە قىلىپ، ئەمدىلا قۇرۇلغان غەربىي خەن سۇلالىسىگە زور تەھدىت سالدى.
خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ۋە چۇ-خەن ئوتتۇرسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش تۈپەيلىدىن، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكى خاراپلىشىپ، ئەمگەك كۈچى ئازىيىپ، دۆلەت خەزىنىسى قۇرۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت ئاجىزلىشىپ كەتكەن ئىدى. خۇددى «تارىخىي خاتىرىلەر» 30-جىلدتا ئېيىتىلغىنىدەك، خەن سۇلالىسى يېڭى قۇرۇلغان چاغدا چىن سۇلالىسىنىڭ خارابىسىگە ۋارىسىلىق قىلغان بولۇپ، ياشلارنىڭ ھەممىسى ئەسكەرلىككە قاتنىشىپ يۈرۈشكە چىقىپ كەتكەچكە، ھاشار- ئالۋڭنى قېرى- ئاجىزلار ئۆتەيتتى، ئىشلەپچىقىرىش ۋەيرانچىلىققا ئۇچىرىغاچقا، دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىمى يوق دېيەرلىك ئىدى. ھەتتا پادىشاھنىڭ ھارۋىسىغا قوشقىلى بىر خىل رەڭلىك تۆت ئات تاپقىلى بولمايتتى، ۋەزىر، سەركەردىلەر ئاران كالا ھارۋىسىدىلا ئولتۈرالايتتى، ئاددىي خەلقنىڭ قولىدا ھېچىنمە قالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە يەرلىكتە «يات فامىلىلىك» لەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بىلەن ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈلمەي، ھۇنلارغا قارشى تۇرۇشقا مادار قالمىغانىدى. گاۋدى (ليۇباڭ) نىڭ 6-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 201-يىلى) كۈزدە، ھۇنلار مايىغا (ھازىرقى سەنشىدىكى سۇشيەن ناھىيىسى) كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغىدى، ماينى ساقلاپ تۇرغان سەركەردە خەن ۋاڭشىن ھۇنلارغا تەسلىم بولدى. ھۇنلار داۋاملىق قوشۇن تارتىپ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ گوۋجۇ (تاغ، ھازىرقى سەنشىدىكى دەيشيەن ناھيىسىنىڭ غەربىدە) غا بېسىپ كىرىپ، تەييۈەنگە ھۇجۇم قىلىپ، جىنياڭغا (ھازىرقى سەنشىدىكى تەييۈەننىڭ غەربىي جەنۇبىدا) قىستاپ كەلدى. 7-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 200-يىلى) قىشتا، گاۋدى شەخسەن ئۆزى قوشۇن باشلاپ ھۇجۇمغا ئاتلاندى، باتۇر تەڭرىقۇت 400 مىڭ كىشىلىك سەرخىل ئاتلىق قوشۇنى بىلەن پىڭچېڭدىكى (ھازىرقى سەنشىدىكى داتۇڭنىڭ شەرقىي شىمالىدا) بەيدېڭ تېغىدا ئۇنى قورشىۋېلىپ، خەن قوشۇنلىرىنىڭ ئىچكى- تاشقى ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. كېيىن گاۋدى چىن پىڭنىڭ تەدبىرى بىلەن باتۇرنىڭ ئالچىسىغا ئاستىرتتىن سوۋغا-سالام ئەۋەتىش ئارقىلىق ئاران قورشاۋدىن قۇتۇلۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن، ليۇجىڭ ھۇنلارنىڭ قېشىغا بېرىپ قۇدىلىشىش ئەھدى تۈزدى ⑨. شۇنىڭدىن كېيىن، گاۋدى زامانىسىدىن باشلاپ شياۋدى، خۇيدى، لۈ خانىشتىن تاكى ۋېندى، جىڭدى زامانىسىغىچە بولغان 60 ~70 يىل ئىچىدە، قۇدىلىشىش غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ھۇنلارغا قاراتقان بىر خىل سىياسىتى بولۇپ قالدى.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قۇدىلىشىش سىياسىتىنى خەن سۇلالىسى ھۇنلار بىلەن بولغان كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا زور پەرق بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ھۇنلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن ۋاقتىنچە ساقلىنىشىنى ئويلاپ يولغا قويغان، بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن خەن سۇلالىسى زور بەدەل تۆلىدى. گاۋدىنىڭ 9-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 198-يىلى) ليۇجىڭ ھۇنلار بىلەن قۇدىلىشىش ئەھدى تۈزگەندىن تارتىپ ۋۇدىنىڭ يۈەنگۇاڭ 2-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 133-يىلى) ھۇنلارغا ھۇجۇم قوزغىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى قۇدىلىشىش ئەھدىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈچكە بۆلۈشكە بولىدۇ.
بىرىنچى، گاۋدى ليۇجڭنى ئەلچىلىكە ئەۋەتىپ قۇدىلىشىش ئەھدى تۈزگەن دەسلەپكى چاغلاردا، تەڭرىقۇتقا مەلىكىلەرنى ياتلىق قىلىپ، بىر قېتىمدىلا مىڭ جىڭ ئالتۇن بېرىشتىن باشقا يەنە، ھەر يىلى بەلگىلىك مىقداردا شايى- كىمخاپ، ھاراق-شاراب، گۈرۈچ ۋە يېمەكلىكلەرنى ئەۋەتىپ بەرگەن.
خۇيدىنىڭ 3-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 192-يىلى)، ۋېندىنىڭ 6-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 174-يىلى)، جىڭدىنىڭ 1-يىلى ۋە 5-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 156-ۋە 154-يىللار) ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بىر نەچچە مەلىكىنى ياتلىق قىلغان ۋە مال- مۈلۈكلەرنى يىلمۇيىل ئەۋەتىپ تۇرغان. ۋېندىنىڭ جۇۋيۈەن 2-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 162-يىلى) ئەۋەتىلىدىغان شايى-كىمخاپ، ھاراق-شاراپ، گۈرۈچ ۋە يېمەكلىكلەر ھاراق ئېچىتقۇسى، ئالتۇن، يىپەك، پاختا قاتارلىق نەرسىلەرگە ئۆزگەرتىلگەن، ھەم يەنىلا ھەر يىلى بەلگىلىك مىقداردا ئەۋەتىلىپ تۇرغان.
ۋېندىنىڭ بۇنچە زور قۇربان بېرىشىكە چىدىشى ئەسلىدە بۇنىڭدىن كېيىن ئەسلىدە بۇنىڭدىن كېيىن «ھۇنلار قورۇلغا كىرگۈزمەي ئۇزاق مۇددەتكىچە تۇغقاندارچىلىقنى ساقلاش» ئۈچۈن ئىدى. كېيىن بۇ ماللار خۇۋيۈەن 6-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 158-يىلى) ھۇنلارنىڭ بېسىپ كىرىشى تۈپەيلىدىن بىر مەھەل ئەۋەتلىمىگەن. شۇنداقتىمۇ جىڭدىنىڭ 1-يىلى (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 156-يىلى) باش تەپتىش بېگى تاۋچىڭ دەيجۈنگە بېرىپ ھۇنلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، قۇدىلىشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھەر يىلى مال ئەۋەتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. بۇ تاكى مىلادىيدىن بۇرۇنقى 133-يىلى خەن ۋۇدى ھۇنلارغا ھۇجۇم قوزغىغىچە داۋاملاشقان⑩.
ئىككىنچى، خەن سۇلالىسى «چېگرا بازىرى» ئېچىپ، ئىككى مىللەت خەلقىنىڭ سودا قىلىشىغا يول قويغان. بۇ ليۇجىڭ قۇدىلىشىش ئەھدى تۈزگەندىن كېيىنلا يولغا قۇيۇلغان. ئەينى چاغدا چېگرا بازىرى ئارقىلىق ھۇنلار خەنزۇلار رايونىدىن ئاز بولمىغان تاۋارلارنى ۋە مېتال بۇيۇملارنى، بولۇپمۇ مىسنى ئۆز تاۋارلىرىغا ئالماشتۇرغان. شۇڭا، ۋېندىنىڭ 6-يىلى جيايى مەكتۇپ سۇنۇپ مىس قوراللار ۋە رۇدىسنىڭ قورۇلدىن چىقىشىنى مەنئى قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ھۇنلارنى چەكلەش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان [11]. كېيىن چېگرا بازىرى خۇۋيۈەن 6-يىلى ھۇنلارنىڭ بېسىپ كىرىشى تۈپەيلىدىن بىر مەھەل تاقىلىپ قالغان بولسىمۇ، جىڭدىنىڭ 1-يىلى قۇدىلىشىشنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ قايتىدىن ئېچىلغان. چېگرا بازىرى ئىچىدە خەنزۇ، ھۇن ئىككى مىللەت خەلقىنىڭ ئالاقىلىشىشىغا ۋە ئىقتىساد، مەدەنيەت ئالماشتۇرۇشىغا پايدىلىق بولۇپ، خەن سۇلالىسىنىڭ بۇنداق قىلىشى توغرا ئىدى.
ئۈچىنچى، خەن سۇلالىسى ھۇنلار بىلەن قېرىنداش بولۇپ، سەددىچىن سېپىلىنى پاسىل قىلىپ، شىمال «ئوقياچىلار» رايونى بولۇپ، ھۇنلار چارۋىچىلىق قىلىدىغان ۋە تەڭرىقۇتنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە بولىدىغان، جەنۇب «ئۇتۇغاتلىقلار» رايونى بولۇپ، خەنزۇلار دېھقانچىلىق، توقۇمىچىلىق قىلىدىغان ۋە خەن سۇلالىسى پادىشاھىغا تەۋە بولىدىغان بولغان[12] . بۇنىڭ بىلەن بىر دۆلەت-جۇڭگونىڭ تېرىتورىيىسىدە خەنزۇلار بىلەن ھۇنلار ئەسىلدىن ياشاپ كەلگەن رايونلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇپ، بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشمىغان. ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپ ئەھدىنامىگە ھەقىقىي رىئايە قىلىشقان بولسا، ئۇ ھالدا ئىككى مىللەت خەلقى تىنچ، خاتىرجەم ئۆز تىرىكچىلىكىنى قىلغان، بازار ئارقىلىق ئۆزئارا بېرىش-كېلىش ۋە ئىقتىساد، مەدەنيەت ئالماشتۇرغان بولاتتى.
لېكىن، مەلىكە، مال-مۈلۈك ۋە بازار ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ نەپسىنى قاندۇرالمايتتى، شۇڭا خەن سۇلالىسى گەرچە غايەت زور قۇربان بېرىشلەرگە چىدىغان بولسىمۇ، يەنىلا شىمالىي چېگرىسىنىڭ خاتىرجەملىكىگە ئېرىشەلمدى ۋە خەنزۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، مال-مۈلۈكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمىدى. ئەينى چاغدا لوڭشى، بېيدى، شاڭجۈن، يۈنجۇڭ، شاڭگۇ ۋە لياۋدۇڭ قاتارلىق جايلاردا داۋاملىق پاراكەندىچىلىككە ئۇچراپ تۇردى. ھۇن ئاتلىق ئەسكەرلىرى بارغانلا يېرىدە زىرائەتلەرنى ۋەيران قىلىپ، مال-مۈلۈكلەرنى بۇلاپ-تالاپ، ئەمەلدار-پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈپ، زور تۈركۈمدىكى ئاھالىلەرنى بۇلاپ قۇل قىلىۋالدى. پەقەت يۈنجۇڭ، لياۋدۇڭدىلا ھەر يىلى ھەر ئايماقتىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە بۇلاپ كېتىلگەنلەرنىڭ سانى ئون مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ خۇددى ۋېندىنىڭ 6-يىلى تەڭرىقۇتقا ئەۋەتىلگەن خەتتە: «خەن پادىشاھى بىلەن ھۇن ئېلى قېرىنداشلىق ئەھدى تۈزدى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەڭرىقۇتقا چوڭ سوۋغا-سالاملار ئەۋەتىلدى، ۋاھالەنكى ئەھدىنامىگە خىلاپلىق قىلىپ قېرىنداشلىق، تۇغقانچىلىقنى بۇزغۇچىلار ھەر قاچان ھۇن ئېلى تەرەپتىكىلەردىن بولۇپ كەلدى»[13] دېيىلگەندەك ئىدى.
ۋۇدىنىڭ يۈەنگۇاڭ 2-يىلىدىكى پەرمانىدىمۇ: «مەن پەرزەنتىلىرىمنى تەڭرىقۇتقا ياتلىق قىلدىم، ئالتۇن-كۈمۈش، تاۋار-دۇردۇنلاردىنمۇ كۆپ ئەۋەتتىم، لېكىن تەڭرىقۇت داۋاملىق تەكەببۇرلۇق، ئۆكتەملىك قىلىپ، پاراكەندىچىلىكنى توختاتماي چېگرىغا زىيان كەلتۈردى، بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەبلەنمەكتىمەن»[14] دېيىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ۋۇدى تەخىتكە چىققاندىن كېيىنمۇ، ھۇنلارنىڭ توختىماستىن شىمالىي چېگرىغا پاراكەندىچىلىك سالغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، بولمىسا خەن ۋۇدى «پاراكەندىچىلىكنى توختاتماي، چېگرىغا زىيان كەلتۈردى» دېگەن گەپنى قىلمىغان بولاتتى. ئەمەليەت ئىسپاتلىدىكى، خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قۇدىلىشىش سىياسىتى ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىغان. پەقەت خەنزۇ ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق يارىتىلغان بايلىقلارنى قۇدىلىشىش شەكىلى ئارقىلىق ھەر يىلى ھۇن قۇلدار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ تېخىمۇ ھەشەمەتلىك ۋە ئەيىش-ئىشىرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ئەۋەتىپ بەرگەن، بۇنىڭدىن ھۇن خەلقى ھىچقانداق نەپكە ئېرىشەلمىگەن.
يۇقىرىدىكى بايانلاردىن خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قۇدىلىشىش سىياسىتىنىڭ بىر خىل پاسسىپ سىياسەت، بىر خىل شەكىلى ئۆزگەرگەن ئولپان تاپشۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ئەينى چاغدىكى تارىخى شارائىت ئاستىدىكى مەجبۇرىي تۈزۈلگەن بىر خىل سۈلھى ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ تەبئىيكى خەنزۇلارنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كەلمەيتتى ھەم خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە زور زىيان سالاتتى. بۇ سىياسەت ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ نەپسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە قاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن خەنزۇ خەلقىگە خاتىرجەملىك، ھۇن-خەنزۇ خەلقلىرىگە دوستلۇق ئېلىپ كېلەلمىدى. شۇڭا، خەن ۋۇدىنىڭ دۆلەت كۈچى كۈچىيىپ ھۇنلارغا زەربە بەرگىدەك بولغاندا فىئودال ھۆكۈمرانلىقنى قوغداش مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزىنى تىكلەش مەقسىتىدە ئاكتىپ ئۇرۇش فاڭجىنىنى پاسسىپ قۇدىلىشىش سياسىتىنىڭ ئورنىغا دەسىتىشى خەلىقنىڭ ئارزۇسى ۋە مەنپەتىگە ئۇيغۇن ئىدى. بۇ خۇددى ئۇرۇش قىلىشنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلغان ۋەزىر ۋاڭ خۇينىڭ خەن ۋۇدىنىڭ پەرمانىغا جاۋاب قايتۇرغاندا: «ھازىرئالىيلىرىنىڭ كۈچ-قۇدىرىتى بىلەن سەركەردە-لەشكەرلەر چېگرا-قۇراللارنى ساقلاشقا ئەۋەتىلىۋاتقان، چېگىرىغا ئاشلىق توشۇلۇپ مۇداپىئە كۆرۈلۋاتقان بولسىمۇ، ھۇنلار بۇلاڭچىلق ۋە تاجاۋۇزچىلىقنى قىلچە توختاتمىدى. بۇ باشقا سەۋەبتىن ئەمەس،پەقەت ئۇلارنى ھۇجۇم بىلەن قورقىتىپ قويمىغانلىقتىن بولغان. شۇڭا مېنىڭچە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان ياخشى»[15] دېگىنىدەك ئىدى.
غەربىي خەن سۇلالىسى 60 ~70 يىللىق ھاللاندۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق ۋۇددى تەخىتكە چىققاندا كۈچەيدى. «تارىخىي خاتىرىلەر» 30-جىلدتا خاتىرىلىنىشىچە، ۋۇدىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى، ئاستانە ۋە چېگىرىدىكى ئامبارلار ئاشلىققا لىق تولغان، ھۆكۈمەت خەزىنىسىدىكى بايلىق ئىنتايىن كۆپەيگەن، ئاستانە خەزىنىسىدىكى پۇللارنىڭ ھىسابىنى ئالغىلى بولمغان. خانلىق ئامبىرىدىكى ئاشلىقلار ئۇزۇن يىل بېسىلىپ قېلىپ، سېتىپ كېتىپ يېگىلى بولمغان، خەلىقنىڭ قولىدىكى ئات-كالىلارمۇ كۆپىيىپ ھەممىلا يەردە يايلاپ يۈرىدىغان بولغان. ئۇنىڭ ئۇستىگە «يات بەگ» لەرنىڭ توپىلىڭىنىڭ تىنچىتىىلىشى ھەم ۋېندى، جىڭدىلارنىڭ ۋاسساللارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، «ئوخشاش فامىلىلىك بەگ» لەر كۆتۈرگەن «يەتتە بەگلىك توپىلىڭى» نى تىنچىتىشى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى يەرلىك بۆلۈنمە كۈچلەر قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ، ھوقوقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈش كۈچەيدى ھەم مۇستەھكەملەندى. يەنە كېلىپ خەن ۋۇدى ئۇرۇش قىلىشنى ياقلايدىغان ۋەزىرلەرنىڭ تەشەببۇسنى قوللىدى. شۇنىڭ بىلەن ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا زەربە بېرىشنىڭ شەرت-شارائىتى پىشىپ يېتىلدى.
ۋۇدىنىڭ ھۇنلارغا قارىشى ئۇرۇشى يۈەنگۇاڭ 2-يىلىدىن (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 183-يىلى) باشلاندى. شۇ يىلى 10-ئايدا، ۋەزىر ۋاڭ خۈي «بۆكتۈرمە قۇيۇپ تەڭرىقۇتقا ھۇجۇم قىلىش» تەدبىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. خەن سۇلالىسى 300 مىڭ كىشىلىك خىللانغان قوشۇننى مايى ئەتراپىدىكى جىلغىغا بۆكتۈرمە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، مايىلىق نيې يىنى يالغاندىن شەھەرنى تاپشۇرماقچى بولغاندەك قىياپەتتە تەڭرىقۇتنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى، تەڭرىقۇت مايىدىكى بايلىقلارغا قىزىقىپ بۇنىڭغا ئىشەندى. 6-ئايدا [16] 100 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ ۋۇجۇ قورۇلىغا كەلدى، كېيىن قولغا چۈشكەن خەن سۇلالىسىنىڭ كۆزەتچى بېگى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلاپ قويغاچقا، تەڭرىقۇت چېكىنىپ كېتىپ خەن سۇلالىسىنىڭ بۇ پىلانى ئەمەلگە ئاشمىدى[17]. بۇنىڭ بىلەن ھۇنلار يوللارغا ۋە قورۇللارغا زور كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ، «دائىم خەن چېگرىسىدا بۇلاڭچىلىق قىلدى ھەم بۇلاپ كەتكەن نەرسىلىرى ناھايىتى كۆپ بولدى». بۇنىڭ ئىچىدە يۈياڭ، شاڭگۇ ئەتراپى ناھايىتى ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ، بۇلانغان، ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرا ۋە ئەمەلدارلار ھەر قېتىمدا مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. كېيىن ۋۇدى قوشۇن چىقىرىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. خەن سۇلالىسى سەركەردىسى ۋېي چىڭ شاڭگۇدىن يولغا چىقىپ ھۇنلارنىڭ ئەجدەربالىق شەھىرىگىچە بېرىپ، 700 كىشىنىڭ كاللىسىنى ئالدى؛ لى گۇاڭ يەنمېندە مەغلۇپ بولۇپ يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى، ھۇنلار ئۇنى ئىككى ئاتقا چېتىلغان تورغا سېلىپ ئېلىپ ماڭغاندا، ئۇ يالغاندىن ئۆلگەن بۇلۇۋېلىپ، ھۇنلارنىڭ دىققەت قىلمغان پەيتىدىن پايدىلىنىپ تۇيۇقسىز سەكرەپ تۇرۇپ يېنىدا كېتىۋاتقان ھۇن جەڭچىسىنىڭ ئېتىغا مىنىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئوقياسىنى تارتىۋېلىپ جەنۇپقا چېپىپ كەتتى ۋە تەلىيىگە ئامان قېلىپ قۇتۇلۇپ قالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي لى گۇاڭ يۇبېيپىڭنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەندە، ھۇنلار ئۇنى «خەنلىكلەرنىڭ ئۇچار سانغۇنى» دەپ ئاتىشىپ نەچچە يىلغىچە يۇبېيپىڭغا بېسىپ كىرىشكە پېتىنالمىدى [18].
ۋۇدى ھۇن قۇلدارلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىنى تۈپتىن يوقىتىش ئۈچۈن ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ بىر نەچچە قېتىملىق ھەل قىلغۇچ خاراكتىرلىك چوڭ ئۇرۇش قوزغىدى. بۇنىڭ بىرىنچىسى دەريانىڭ جەنۇبىدىكى ئۇرۇش (چۆللۈكنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇرۇشمۇ دىيىلىدۇ)، ئىككىنچىسى دەريانىڭ غەربىدىكى ئۇرۇش، ئۈچىنچىسى چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇرۇش ئىدى. «دەريانىڭ جەنۇبى» ھۇنلار بارلىققا كەلگەن يەر، ھۇنلارنىڭ «بۆشۈك» ى بولۇپ، سۈيى، ئوت-چۆپى مول ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم ئورۇن ئىدى. بۇ يەرنى بۇرۇن چىن سۇلالىسى سەركەردىسى مىڭ تىيەن تارتىۋالغان بولسىمۇ، خەن سۇلالىسىنڭ دەسلىپىدە باتۇر تەڭرىقۇت يەنە قايتۇرۋالغان ئىدى. خەن ۋېندىنىڭ 3-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 177-يىلى) ھۇنلارنىڭ ئوڭ قول بىلىك خانى بۇ يەرنى بازا قىلىپ، دائىم شاڭجۇن ئايمىقىغا بېسىپ كىرىپ خەلقلەرنى ئۆلتۈرىدى ۋە بولىدى، يەنە كېلىپ بۇ يەر بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەننىڭ ئارىلىقى بىر قەدەر يېقىن بولغاچقا، خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئىغىر تەھدىتكە ئۇچىرىدى، شۇڭا ۋۇدى ئالدى بىلەن دەريانىڭ جەنۇبىدىكى ئۇرۇشنى قوزغىدى.
يۈەنسۇ 2-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 127-يىلى) 1-ئايدا ۋېي چىڭ، لى شى چوڭ قوشۇننى باشلاپ چاڭئەندىن يولغا چىقىپ، يۈگۇ قورۇلى ئارقىلىق شىمالدا يۈنجۇڭدىن ئۆتۈپ غەربىي شىمالغا يۈزلىنىپ، تاشقى سەدىچىننى بويلاپ مېڭىپ ئۇدۇل گاۋچۆگە باردى، ئاندىن جەنۇپقا بۇرۇلۇپ بېيخي دەرياسىدىن (ھازىرىقى خېتاۋنىڭ شىمالىدىكى ئۇكا دەرياسى) كۆۋرۇك سېلىپ ئۆتۈپ، خۇاڭخېنى بويلاپ، خېلەن تېغىنىڭ يېنىدىن لوڭشىغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار بۇ جەرياندا ئات تۇيۇقى شەكلىدە يۈرۈپ، ھۇنلارغا قارام ئالوبان خان ۋە بايان خاننىڭ قوۋمىنى قوغلىۋېتىپ، دەريانىڭ جەنۇبىدىكى يەرنى ئىگىلەپ، نەچچە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ۋە ئەسىرگە ئېلىپ، مىليون تۇياقتىن ئارتۇق كالا- قوي ئولجا ئالدى.ئالوبانلار ۋە بايانلار ئەسلىدە ھازىرقى شىمالىي شەنشى ۋە ئىچكى موڭغۇلنىڭ جەنۇبىدا ياشىغان بولۇپ، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 209-يىلنىڭ ئالدى – كەينىدە باتۇر تەڭرىقۇت تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ يەرگە كۆچۈرلۈپ ئوڭ قول بىلىك خانغا تەۋە قىلىنغانىدى. ۋېي چىڭ قاتارلىقلارنىڭ ئات تۇيۇقى شەكلىدە يۈرۈش، ئاساسلىقى ئوڭ بىلىك خاننىڭ تۇرۇشلۇق يېرى گاۋچۆنىڭ شىمالىدا بولغاچقا، ئۇدۇل گاۋچۆگە بېرىپ، ئوڭ قول بىلىك خاننىڭ جەنۇبقا چۈشۈپ ئالوبان خان ۋە بايان خانغا ياردەم يولىنى ئۈزپ تاشلاش ئىدى. ئارقىدىنلا خەن ۋۇدى جۇ فۇيەننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن دەريانىڭ جەنۇبىدىكى يەردە سۇفاڭ ئايمىقىنى تەسىس قىلىپ، سۇجىيەننى يۈز نەچچە مىڭ كىشىنى باشلاپ سۇفاڭ شەھىرىنى سېلشقا، چىن سۇلالىسى دەۋرىدە مېڭ تيەن ياسىغان قەلئە- خەندەكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەۋەتتى ھەم يازدا ئىچكىرىدىن يۈز مىڭ ئاھالىنى سۇفاڭغا كۆچۈرۈپ ئاھالىنى تولۇقلاپ ھۇنلارنىڭ قايتا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى[19].
ھۇنلارمۇ دەرۋەقە قايتا ھۇجۇمغا ئۆتتى، تەڭرىقۇت ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ نەچچە تۈمەن كىشلىك ئاتلىق قوشۇننى دەيجۈن، يەنمېن ۋە دىڭراڭغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىپ، ھەر قېتىمدا نەچچە مىڭلىغان كىشىنى ئۆلتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە تارىخى ئەسەرلەردە خاتىرىلەنگىنىدەك: «ئوڭ قول بىلىك خانمۇ ىەن سۇلالىسىنىڭ دەريانىڭ جەنۇبىنى تارتىۋېلىپ سوفاڭ قەلئەسىنى سالدۇرغانلىقىنىدىن غەزەپلىنىپ، نەچچە قېتىم چىگرىغا تاجاۋۇز قىلىپ، بۇلاڭچىلىق قىلدى ۋە دەريانىڭ جەنۇبىغا بېسىپ كىرىپ سۇفاڭنى پاراكەندە قىلىپ، ناھايىتى نۇرغۇن ئەمەلدار، پۇقرانى بۇلاپ كەتتى ۋە ئۆلتۈردى» [20] تۈەنسۇ 5-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 124-يىلى) ئەتىيازدا، ۋۇدى ھارۋا ئاتلىقلارنى سانغۇنى ۋېي چىڭنى ئالتە سەركەردە 100 مىڭدىن كۆپ ئەسكەر بىلەن سۇفاڭدىن چىقىپ گاۋچوگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. بۇ چاغدا ئوڭ قول بىلىك خان گاۋچۇڭنىڭ شىمالىدا جا بولغاچقا، خەن قوشۇنلىرىنى كېلەلمەيدۇ دەپ قاراپ، شاراپ ئىچىپ مەس ياتقانىدى. ۋېي چىڭ قورۇلدىن چىقىپ 600 ~ 700 چاقىرىم يولنى جىددىي بېسىپ، ئويلىمىغان يەردىن كېچىدە ئوڭ قول بىلىك خاننىڭ ئوردىسىنى قورشىۋالدى. ئوڭ قول بىلىك خان بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈپ ئۆزى يالغۇز يۈزدەك ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ كېچىلەپ قېچىپ قورشاۋنى يېرىپ شىمالغا كەتتى. ۋېي چىڭ ئوڭ قول بىلىك خاننىڭ قول ئاستىدىكى كىچىك خانلاردىن ئون نەچچىنى، ئەر- ئايال بولۇپ 15 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئەسىرگە ئېلىپ، مىليۇن توياققا يېقىن چارۋىنى ئولجا ئالدى [21]. ۋۇدى ۋېي چىڭنى ئۇرۇشتا شانلىق غەلبە قىلغاچقا، ئۇلۇغ سانغۇنلۇققا ئۆستۈرۈپ، باشقا سەركەردىلەرگىمۇ زور ئىنئام بەردى. لېكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەلمۇ ئاز بولمىدى. تارىخىي ماتېرياللاردا خاتىرلىنىشىچە، خەن سۇلالىسى ھۇنلارغا قارىشى ئۇدا نەچچە يىل يۈز مىڭلاپ قوشۇن تارتىۋەرگەچكە، جەڭچىلەر ۋە ئاتلاردىن ئۆلگىنىمۇ يۈز مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. دۇبۇلغا- ساۋۇت ئىشلەش ئۈچۈن ۋە ئاشلىق توشۇش ئۈچۈن ھەددى- ھېسابسىز پۇل كەتكەن. كۆپ يىللىق جۇغۇللانما خوراپ تۈگەپ، غەزنە قۇرۇپ كەتكەن[22]. ھۇنلار ھەر يىلى دېگۈدەك دىڭراڭ ئەتىراپىغا باستۇرۇپ كىرىۋەرگەنلىكتىن ھەم دىڭراڭنىڭ غەربى سۇفاڭغا يېقىن بولغانلىقتىن، خەن سۇلالىسى سۇفاڭنىڭ شىمالىدىكى ئوڭ قول بىلىك خاننى يوقاتقاندىن كېيىن، ئۇلۇغ سانغۇن ۋېي چڭ يۈەنسۇ 6- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 123- يىلى) 2- ئايدا يەنە ئالتە سانغۇننى باشلاپ دىڭراڭدىن يولغا چىقىپ، سۇفاڭنىڭ شەرىقىدىكى تاجاۋۇزچى كۈچلەرنى داۋاملىق يوقاتتى. گەرچە ئۇرۇشتا زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمەي پەقەت بىر نەچچە ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قايتقان بولسىمۇ، ئەسكەر ۋە ئاتلارنى دىڭراڭ، يەنمېن ۋە يۈنجۇڭدا ئارام ئالدۇرۋالدى. 4- ئېيىدا، ۋېي چىڭ يەنە دىڭراڭدىن يولغا چىقىپ ئون مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆتۈردى ۋە ئەسىر ئالدى. لېكىن، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئوڭ قانات سانغۇن شۇجىيەن ۋە ئالدىچى سانغۇن جاۋشىن تەڭرىقۇت ئۆزى باشچىلىق قىلغان قوشۇنغا ئۇچراپ قېلىپ، ئىككى تەرەپ بىر كۈن ئۇرۇش قىلىپ، ئاخىرى خەن قوشۇنلىرى ئۆلۈپ تۈگەپ، سۇجىيەن ئۆزى يالغۇز قېچىپ كەلدى. جاۋشىن ئەسلىدە ھۇنلارنىڭ كىچىك خانى بولۇپ، بۇرۇن خەن سۇلالىسىگە تەسلىم بولغان ۋە خەن سۇلالىسى ئۇنىڭغا يابغۇ ئۇنۋانىنى بەرگەن ئىدى. بۇ قېتىم ئۇ مەغلۇپ بولغاچقا، قېلىپ قالغان 800 دەك ئەسكىرى بىلەن ھۇنلارغا قايتىدىن ئەل بولدى. تەڭرىقۇت ئۇنى خەن سۇلالىسىدە ئۇزۇن تۇردى، خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدۇ دەپ قاراپ، يانداش خان قىلىۋالدى ۋە ئۆزىنى ھەدىسىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مەسلىھەتلەشتى. جاۋشىن تەڭرىقۇت قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى يىراق يەرلەرگە چېكىنىش، خەن قوشۇنلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ چارچىتىپ ئاندىن تارمار قىلىش، قورۇلغا يېقىن بارماسلىق توغرىسىدا مەسلىھەت بەردى. تەڭرىقۇت ئۇنىڭ پىكىرىگە قوشۇلدى [23]. دەريانىڭ جەنۇبىدىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋۇدى ئارقىدىنلا دەرياىنىڭ غەربىدىكى ئۇرۇشنى قوزغىدى. دەريانىڭ غەرىبىدىكى (ھازىرقى گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىلىرىدىكى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ غەربىي ئەتراپى،يەنى خېشى كارىدورى ۋە خۇاڭشۈي دەرياسى ۋادىسى) ئورنى ناھايتى مۇھىم بولۇپ، ئۇنىڭ شىمالىدىكى جۈيەن كۆلى ھۇن ئاتلىق قوشۇنلىرىنىڭ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىشىدىكى مۇھىم تۆگۈن ئىدى. ھۇنلارنىڭ قۇنشارخان ۋە شۇتۇق خاننىڭ قوۋمىدىكىلەر خېشى كارىدورىدا چارۋىچىلىق قلىدىغانلىقتىن، سۇفاڭنىڭ غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇپ تەرىپى ۋە لوڭشىنىڭ شەربىي شىمالى پۈتۈنلەي ھۇن تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنىڭ مۇھاسىرسىدە تۇراتتى. شۇڭا، سۇفاڭ ۋە لوڭشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەم ھۇن تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنىڭ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىشنى توسۇش ئۈچۈن دەريانىڭ غەربىدىكى جايلارنى چۇقۇم تارتىۋېلىش زۆرۈر ئىدى.
يۈەنشۇ 2- يىلى ( مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 121- يىلى) 3- ئايدا قىران چەۋەنداز سانغۇن خۇچۈبىڭ ئون مىڭ كىشلىك ئاتلىق قوشۇن بىلەن لوڭشىدىن يولغا چىقىپ، ھۇنلارغا زەربە بېرىشكە ئاتلاندى. ئۇ ھۇنلارنىڭ بەش خانغا تەۋە يەرلەردە ئالتە كۈن ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلىپ، غەربتە ئالچى تېغىدىن ئۆتۈپ، 10 مىڭ چاقىرىمدىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، شەرەن خاننى ئۆلتۈرۈپ، رۇقۇ خاننىڭ كاللىسىنى ئالدى. قۇنشار خاننىڭ ئوغىلى، ۋەزىرنى، كاھ بېگىنى تىرىك قولغا چۈشۈرۈپ، 8900 دىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈردى ۋە ئەسىرگە ئالدى. شۇتۇق خاننىڭ «كۆك مەبۇدى» نى ئولجا ئالدى. قىران چەۋەنداز سانغۇننىڭ قول ئاستىدىكى شۇڭقار سەركەردە جاۋپون يەنە سۇپۇ خاننىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، جىكە خاننى تۇتىۋالدى. چېرىكچى بەگ گاۋبۇشى قۇيۇنچى خان ۋە 11 كىشىنى تۇتۇپ، 1768 كىشىنى قولغا چۈشۈردى. يازدا خۇچۈبىڭ يەنە نەچچە تۈمەن ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ بېيىدىن چىقىپ، ھۇنلار رايونىغا 2000 چاقىرىمدىن ئارتۇق ئىچكىرلەپ كىرىپ، كىچىك ياۋچىلارنىڭ [24] يېرىدىن ئۆتۈپ، چىليەن تېغىغا ھۇجۇم قىلىپ سانشان خان، تۇتۇ خان ۋە ئۇنىڭ ۋەزىر، كاھبەگ قاتارلىق 2500 كىشىنى ئەل قىلدى. 30 مىڭ 200 كىشى ئەسىر ئېلىندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى. تۇتۇلغان كىچىك خانلار 70 تىن ئېشىپ كەتتى[25].
قىران چەۋەنداز سانغۇن ئۆتكەن يۇقىردىكى رايونلار ھۇنلارنىڭ قۇنشارخان ۋە شۇتۇق خانغا تەۋە يەرلەر ئىدى. كۈزدە تەڭرىقۇت قۇنشارخان ۋە شۇتۇق خانلارنىڭ خەن قوشۇنلىرىدىن يېڭىلىپ، نەچچە تۈمەن ئادىمىنىڭ ئەسىرگە چۈشكەنلىكى ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى چاقىرتىپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى. قۇنشارخان بىلەن شۇتۇق خان بۇنىڭدىن قورقۇپ، ئۆز- ئارا مەسلىھەتلىشىپ، خەن سۇلالىسىگە ئەلچى بولماقچى بولدى. خەن سۇلالىسىمۇ كۈتىۋېلىشقا قىران چەۋەنداز سانغۇننى ئەۋەتتى. شۇتۇق خان كېيىن قىلغانلىرىدىن پۇشايمان قىلغاچقا، قۇنشارخان ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ قوۋمىدىكى 40 مىڭ كىشىنى باشلاپ چاڭئەنگە باردى. خەن سۇلالىسى ئۇنىڭغا تايىن تۆرىسى دېگەن مەرتىۋىنى بېرىپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى كىچىك خانلاردىن قۇدۇن، يانبى، چىنلى ۋە تۇڭرى قاتارلىق تۆت كىشىگە تۆرىلىك مەرتىۋىسىنى ئىنئام قىلدى. خېشى كارىدورى شۇنىڭ بىلەن تىنجىدى. خەن سۇلالىسى ھۇنلاردىن ئەل بولغانلارنى چېگىردىكى لوڭشى، بېيدى، شاڭجۈن، سۇفاڭ ۋە يۈنجۇڭدىن ئىبارەت بەش ئايماق سىرتىدىكى قورۇلارغا يۆتكىدى. بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسى دەريانىڭ غەربىدە ئىدى. شۇندىن باشلاپ جىنچېڭ دەرياسى (خۇاكخېى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى) نىڭ غەربى، غەربتە نەنشەن تېخى (چىليەنشەن تېغى) دىن تۇز كۆلىگىچە (ھازىقى شىنجاڭدىكى لوپنۇر كۆلى) بولغان ئارلىقتا ھۇنلار قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسى لوڭشى، بېيدى، شاڭجۈن ئايماقلىرىدىكى قوشۇنلىرىنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىپ ئەلنى خاتىرجەم قىلدى[25].
چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇرۇش يۈەنشۇ 4- يىلى (مىلادىيىدىن بۇۇرنقى 119- يىلى) بولدى. شۇ يىلى يازدا ۋۇدى تەڭرىقۇتنىڭ يابغۇ جاۋشىننىڭ پىلانى بويىچە خەن لەشكەرلىرى بارالمايدىغان يىراق جايلارغا قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ زور قوشۇن ئەۋەتىپ ، ئۇنى ئۈزۈل- كېسىل يۇقاتماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلۇغ سانغۇن ۋېي چىڭنىڭ دىڭراڭدىن، قىران چەۋەنداز خۇچۈبىڭنىڭ دەيجۈندىن يولغا چىقىپ، ھەر بىرىنىڭ بەش تۈمەندىن ئاتلىق قوشۇن بىلەن ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا يارلىق چۈشۈردى. پىيادە ئەسكەرلەردىن ئاشلىق توشۇيدىغان نەچچە مىڭ كىشىمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئاتلىنىپ، چۆللۈكتىن ئۆتۈپ، ھۇنلارغا زەربە بېرىشكە ماڭدى.
تەڭرىقۇت خەن لەشكەرلىرى قۇملۇقتىن ئۆتكىچە ئادەم ۋە ئاتلىرى چارچاپ ھالدىن كېتىدۇ دەپ قاراپ، سەر خىل قوشۇنى بىلەن چۆللۈكنىڭ شىمالىدا كۈتۈپ تۇردى. ئۇلۇغ سانغۇن قورۇلدىن چىقىپ مىڭ چاقىرىمدىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، تەڭرىقۇت قوشۇنلىرىنىڭ سەپ تۈزۈپ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئەتراپنى قورشاپ قورغان ھاسىل قىلدى ۋە تەڭرىقۇت ھۇجۇم قىلىقشقا بەش مىك چەۋەنداز ماڭدۇردى. تەڭرىقۇت ئۇنىڭغا قارىشى ئون مىڭ چەۋەنداز ماڭدۇردى. شۇ چاغ گۈگۈم مەزگىل بولۇپ، بوران چىقىشقا باشلاپ، قۇم- تاشلار يۈزگە ئۇرۇلۇپ تۇرغاچقا، ئىككى قوشۇن بىر- بىرىنى كۆرەلمىدى. خەن قوشۇنلىرى ئوڭ- سولدىن تەڭرىقۇتنى مۇھاسىرىگە ئالدى. تەڭرىقۇت خەن قوشۇنلىرىنىڭ كۆپ ھەم كۈچلۈكلىكىنى كۆرۈپ،ئۇرۇشنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى پەملەپ، بىر نەچچە يۈز قاۋۇل چەۋەندازلىرى بىلەن «خېچىر» غا مىنىپ مۇھاسىرىنى بۇزۇپ، غەربىي شىمال تەرەپكە قېچىپ كەتتى. قاراڭغۇ چۈشكەندە ئىككى تەرەپ قوشۇنى گىرەلەشمە جەڭ قىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ چىقىم تارتتى. خەن قوشۇنلىرى قولغا چۈشكەن ھۇن ئەسكەرلىرىنى تەڭرىقۇتنىڭ گۈگۈم كېچىدە قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ، يېنىك چەۋەندازلار بىلەن ئۇنى قوغلىدى. ھۇن ئەسكەرلىرى تەرەپ- تەرەپكە قېچىپ كەتتى. قوشۇن تاڭ سۈزۈلگىچە 200 چاقىرىمدىن ئارتۇق ئىلگىرلەپ، تەڭرىقۇتنى قولغا چۈشۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھۇنلارنىڭ 19 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى ئۆلتۈردى ۋە ئەسىرگە ئالدى. ۋېي چىڭ تىيەنيەنشەن تېغىدىكى جاۋشىن قەلئەسىگىچە قوغلاپ بېرىپ، ھۇنلانىڭ زاپاس سۆكلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ، قوشۇننىڭ ئۇزۇق- تۆلىكىنى تولۇقلىدى. قوشۇن جاۋشىن قەلئەسىدە بىر كۈن تۇرغاندىن كېيىن، قېلىپ قالغان ئاشلىقنى كۆيدۈرۋېتىپ قايتتى.
قىران چەۋەنداز سانغۇن قورۇلدن چىقىپ ئىككى مىڭ چاقىرىمدىن ئۇشۇق يول مېڭىپ قۇملۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، سول قول بىلىك خان بىلەن ئۇچراشتى. سول قول بىلىك خان مەغلۇپ بولۇپ قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، خەن قوشۇنلىرى 70 مىڭدىن كۆپ كىشىنى ئەسىرگە ئالدى. خۇچۈبىڭ لاڭجۈشۇ تېغىدا نەزىر قىلىپ، خەنخەيگىچە (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغۇل ئايمىقىدىكى سۇنت سول خوشۇنىنىڭ شىمالى ئەتراپى) بېرىپ قايتىپ كەلدى.
بۇ ئۇرۇشتا خەن قوشۇنلىرى ھۇنلاردىن جەمئىي سەككىز- توققۇز تۈمەن كىشىنى ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ، خەن لەشكەرلىرىدىن ئۆلگىنىمۇ نەچچە تۈمەنگە يەتتى. ئاتلاردىن ئۆلگىنى يۈزمىڭدىن ئېشىپ كەتتى. شۇندىن كېيىن ھۇنلار يىراققا كۆچۈپ كېتىپ، خېتاۋ ۋە ئۇنىڭ غەربىدىكى رايونلاردىن چېكىنىپ، «چۆللۈكنىڭ جەنۇپىدا تەڭرىقۇت ئوردىسى قالمىدى». خەن سۇلالىسى دەريادىن ئۆتۈپ، سۇفاڭنىڭ غەرىبىدىن لىڭجۈگىچە (ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكسى يۇڭدىڭ ناھىيىسىنىڭ غەبىي شىمالىدا) بولغان ئارلىقتا ئۆستەڭ چېپىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ بەش ~ ئالتە تۈمەن پۇقرا ۋە ئەمەلدارنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، زىمىننى ھۇنلارنىڭ شىمالىغىچە تۇتاشتۇرۋالدى [27] خەن سۇلالىسى شەرقى تەرەپتىن خەن سۇلالىسى زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. خەن سۇلالىسى ھۇنلارنىڭ سول تەرەپ رايونىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن، ئىلگىرى ھۇنلارغا قارام بولغان ئوغانلارنى يۆلەپ، ئۇلارنى قورۇلنىڭ سىرتىدىكى شاڭگو، يۇياڭ، يۇبېپىڭ، لياۋشى ۋە لياۋدۇڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئايماققا كۆچۈرۈپ، ئۇلارغا ھۇنلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئوغان چېرىكچى بېشى قويۇپ ئۇلارنى نازارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھۇنلار بىلەن بولغان قاتناش ئالاقىسىنى چەكلەپ، بۇ ئارقىلىق ھۇنلارنىڭ «سول قول» ىنى كېسىپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە خەن سۇلالىسى جاڭ جىيەننى غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ، ياۋچىلار [28] ۋە پەرغانە (ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پەرغانە ئويمانلىقى) بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇيسۇنلار خانىغا مەلىكىلەرنى ياتلىق قىلىپ [29]، ھۇنلارنىڭ غەربتىكى ئىتتىپاقىنى بۇزۇپ، ھۇنلارنىڭ «ئوڭ قول» ىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. يەنە خېشىدا جيۈچۈەن، ۋۇۋېي، جاڭخې ۋە دۇنخۇاڭدىن ئىبارەت تۆت ئايماق تەسىس قىلىپ، بىر تەرەپتىن ھۇنلارنىڭ چياڭلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن خېشى ۋە شاڭجۈن، سۇفاڭ، شىخې قاتارلىق جايلاردا بوز يەر ئۆزلەشتۈردى. شۇنىڭدىن باشقا، مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىپ، تۇز كۆلىگىچە (لوپنۇر كۆلى) كېڭەيتتى [30]. بۇ بىر قاتار ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تەھدىتى ئاساسىي جەھەتتىن يوقىتىلدى.
خەن ۋۇدى ھۇن قۇلدارلىرىغا بەلگىلىك دەرىجىدە زەربە بەرگەندىن كېيىن، ئەسلىدە چېگىرنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا، يەنە ئىلگىرلەپ زەربە بېرىلمىسىمۇ بۇلاتتى. چۈنكى خەن سۇلالىسى ئىزچىل ھالدا ھۇنلار كۆچمەن چارۋىچى مىللەت، دائىم كۆچۈپ يۇرۇپ مۇقىم تۇرمايدۇ. ئۇلارنى بويسۇندۇرۇش تەس. ئەگەر ئۇلار چېگرا رايونلارغا قايتا پاراكەندىچىلىك سالمىسىلا ئۇلار بىلەن ئۇزاققىچە قارىشلىشىش ھاجەتسىز، دەپ قارايتى. ئەمما، ھىن قۇلدارلىرى تىنچلىق ۋاستىسى بىلەن قاقتى- سوقتى قىلىشنى ۋە ھەربىي جەھەتتە تاجاۋۇزچىلىق قىلىشنى توختاتمايتتى. شۇڭا، ئۇلارغا ئۇنىڭغا يەنە زەربە بەرمەي بولمايتتى.
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 87- يىلى ۋۇدى ئۆلدى. بۇندىن بۇرۇن خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى ھۇنلارغا 20 نەچچە يىىل توختماي زەربە بېرىپ، ھۇنلاردىكى ئۆلۈم- يېتىم ۋە زىيان ناھايتى ئېغىر بولدى. تەڭرىقۇتنىڭ تۆۋىنىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاقسۆڭەكلەر قۇدىلىشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلىمىغان بولسىمۇ، خەن سۇلالىسىنىڭ شىمالىي چېگرلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىشىنى يەنىلا توختاتمىدى. بىراق جاۋدى دەۋرىدە ھۇنلارنىڭ زور كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلغۇدەك كۈچى قالمىدى. بىر تەرەپتىن خەن سۇلالىسى چېگرا رايونلاردا «تۇرلارنى تەسىس قىلىپ» قاتتىق ھۇشيار بولغانلىقتىن، ھۇن قۇلدارلىرى چېگرا رايونلارغا باستۇرۇپ كىرىپ ھىچقانچە نەپكە ئېرىشەلمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن قۇياندى تەڭرىقۇتنىڭ يېشى كىچىك بولغانلىقى، تەختكە يېڭى چىققانلىقى، ئانا ئالچىنىڭ پەزلىتىنىڭ دۇرۇس بولمىغانلىقى، ئىچكى قىسىمنىڭ داۋالغۇپ تۇرۇشى، خەن سۇلالىسىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشىدىن دائىم ئەنسىرگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ھۇنلار ئامالسىز شەھەر- قەلئەلەرنى سالدۇرۇپ، ئاشلىق توپلاپ مۇداپىئە كۆرۈشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەرنى تەسلىمچلەرنى قۇبۇل قلىش شەھىرىگە (خارابىسى ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى يىشىن تېغىنىڭ شىمالىدىكى ئويرات ئوتتۇرا ئاراق بىرلەشمە خوشۇنىنىڭ شەرىقىدە) ئەۋەتىپ، خەن قوشۇنلىرىدىن مۇداپىئە كۆردى ھەم شىمالدىكى يۈۋۇ دەرياسىغا (ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى تۇرا دەرياسى) كۆۋرۈك سېلىپ، ھەر ۋاقىت قېچىشقا تەييارلق كۆردى. شۇنىڭ بىلەن بىلللە تۇتۇپ قېلىنغىنىغا 19 يىل بولغان خەن ئەلچىسى سۇۋۇنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ياخشى كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ، خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان دۈشمەنلىك كەيپىياتىنى پەسەيتىپ، قۇدىلىشىشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى. ئەمما، ھۇن ئاقسۆڭەكلىرى قۇدىلىشىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ھۇن ئاتلىق ئەسكەرلىرى دائىم دېگۈدەك خەن سۇلالىسىنىڭ شىمالىدا پەيدا بولۇپ تۇردى. ئۇلار جەنۇپقا يۈرۈش قىلىشتىن نەپ چىقمىغاچقا، نىشاننى خەن سۇلالىسىنىڭ غەربتىكى ئىتتىپاقدىشى—ئۇيسۇنلارغا قاراتتى.
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 74- يىلى ھۇنلار چېگىغا بىر نەچچە قېتىم تاجاۋۇز قىلدى ھەم قۇش بىلەن بىرلىشىپ ئۇيسۇنلارغا ھۇجئۇم قىلدى. كېيىنكى يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 73- يىلى) زور قوشۇن باشلاپ ئۇيسۇنلارنىڭ يەرلىرىدىن چەيان ۋە ئۇشنى تارتىۋېلىپ، خەلقنى ئەسىر قىلدى ھەم ئۇيسۇن خانىكىسىنى (جيې يۈ مەلىكىنى) سوراپ، «خانىكىنى تېزدىن ئەۋەتىپ بېرىش» نى تەلەپ قىلىپ، قوراللىق تەھدىت ئارقىلىق ئۇيسۇنلارنىڭ خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى بۇزماقچى بولدى. ئۇيسۇن كۈنبېگى ۋە مەلىكە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ مەكتۇپ سۇنۇپ ياردەم تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسى بەش يول قوشۇن تەشكىللەپ، ئۇيسۇنلار بىلەن بىرلىشىپ 200 مىڭ كىشلىك زور قوشۇن بىلەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 71- يىلى كۆلىمى زور بىر قېتىملىق ئۇرۇشنى قوزغىدى.
ئەتىيازنىڭ تۇنجى ئېيىدا يول قوشۇن يولغا چىقتى. ھۇنلار خەن سۇلالىسىنىڭ زور قوشۇنلىرىنىڭ ئاتلانغانلىقىنى ئاڭلاپ، قېرى- چۆرىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، مال- چارۋىلىرىنى ھەيدەپ يىراققا كۆچۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ بەش قوشۇن كۆپ نەتىجە قازىنالمىدى. لىياۋ شۈيدىن ئۆتكۈرچى سانغۇن فەن مىڭيۈ جاڭيېدىن يولغا چىقىپ 1200 چاقىرىمدىن ئارتۇق يول يۈرۈپ پۇلىخۇ دەرياسى (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى ئېجىنا دەرياسى) غا يېتىپ باردى. ئالدىچى سانغۇن خجەن زېڭ يۈنجۇڭدىن يولغا چىقىپ 1200 چاقىرىمدىن ئارتۇق يول يۈرۈپ ۋۇيۈەنگىچە (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلىدىكى قارقۇن دەرياسىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى قونا خالخا چوڭ خوشۇنىنىڭ شىمالىدا) باردى.بارىكۆل سانغۇنى جاۋچۇڭگو جيۈچۈنەدىن يولغا چىقىپ 1800 چاقىرىمدىن ئاتۇق يول يۈرۈپ، غەربتىكى خۇشەنگىچە (ھازىرقى ئورنى ئېنىق ئەمەس) يېتىپ باردى. چىليەن (تىلەن) سانغۇنى تيەن گۇاڭمىڭ شىخېدىن يولغا چىقىپ 1600 چاقىرىمدىن ئارتۇق يول يۈرۈپ جىجى تېغىغا (ھازىرقى ئورنى ئېنىق ئەمەس) يېتىپ باردى. بارس سانغۇن تيەن شۈن ۋۇيۈەندىن (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى باۋتۇ شەھرى) يولغا چىقىپ 800 چاقىرىمدىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، دەينۈۋۈ دەرياسى (يۈۋۇ دەرياسى) غىچە يېتىپ باردى. ھەممىسى پەقەت نەچچە يۈز ياكى نەچچە مىڭدىنلا كىىشنى ئۆلتۈردى ياكى ئەسىر ئېلىپ قايتىپ كەلدى.
ئۇيسۇنلار شانلىق غەلبىگە ئېرىشتى. ئۇيسۇن كۈنبېگى 50 مىڭ كىشلىك ئاتلىق ئەسكەر ۋە خەن سۇلالىسىنىڭ چېرىكچى بېگى ئوردىسىغىچە يېتىپ بېرىپ، تەڭرىقۇتنىڭ تاغىسى، يەڭگىسى، مەلىكىسى، ئاتاقلىق خانلىرى، كاھبېگىسى، مىڭ بېشى، سەركەردىلىرىدىن بولۇپ 39 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئەسرى ئېلىپ، 700 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق ئات، كالا، قوي، خېچىر ۋە تۆگە ئولجا ئالدى. ھۇن ئاھالىلىرى ۋە مال- چارۋىلىرىدىن ئۆلگەن، پىتراپ كەتكەنلىرى سان- ساناقسىز بولدى.
بۇ غەربىي خەن سۇلالىسىدىن بۇيانقى خەن- ھۇن ئۇرۇشلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق چوڭ ئۇرۇش ئىدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنى پۈتۈنلەي ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، خەن سۇلالىسى بىلەن ئۇيسۇنلارنىڭ قوشۇن چىقىرىشى بىر قېتىملىق قايتۇرما زەربە بېرىش ئىدى. نەتىجىدە ھۇنلار قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ ئاجىزلىشىپ، قۇدىلىشىشنى تېخىمۇ بەك ئويلايدىغان بولدى. شىمالىي چېگرىمۇ بارا- بارا تىنجىدى[31].
خەن سۇلالسىىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن باشلاپلا خەن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قاتلىمىدا «ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا زەربە بېرىش كېرەكمۇ- يوك» دېگەن مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇرۇشپەرەسلىك ۋە تىنچلىقپەرەسلىكلەردىن ئىبارەت ئىككى گورۇھنىڭ كۆرىشى ئۇزاق مۇددەتكىچە داۋاملاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ۋۇدى ۋە جاۋدى دەۋرىدىكى كۈرەش ئەڭ كەسكىن بولدى. «خەننامە» نىڭ ئاپتورى بەن گۇنىڭ «ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دەئەينى چاغدىكى كۈرەش ئەھۋالىنى بايان قىلىشىچە، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەرنى ئايرىپ چىققان. تىنچلىقپەرەس كۇڭزىچىلار قۇدىلىشىشنى ياقلىغان. ئۇرۇشپەرەس ئەمەلدارلار جازا يۈرۈشى قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا. «تۇز ۋە تۆمۈر ھەققىدە» دېگەن ئەسەردىمۇ بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ ھۇنلارغا جازا يۈرۈشى قىلىشنىڭ پايدا- زىيىنى ھەققىدىكى بەس- مۇنازىرسى تەپسىلىي بايان قىلىغان. كېيىنكىسى ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 133- يىلى خەن ۋۇدى ئۇرۇش قوزغىغاندىن باشلاپ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 71- يىلى چوڭ ئۇرۇشقىچە بولغان 60 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە خەن سۇلالىسى «دۆلەت غەزنىسى» قۇرۇپ كەتكەن. نوپۇسنىڭ يېرىمى ئازىيىپ كەتكەن» [32] لىكتەك زور بەدەل تۆلىگەن بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ھۇنلارنىڭ تەھدىتىنى تەل- تۆكۈس يوق قىلدى. ئەگەر بۇ 50 ~ 60 يىللىق تاجاۋۇزچىلىققا قارىشى ئۇرۇش ۋە ئۇنىڭ غەلبىسى بولمىغان بولسا، خەن سۇلالىسىنىڭ شىمالىنىڭ خاتىرجەملىكى، خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشنىڭ بىخەتەرلىكى، مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرى، فېئوداللىق ئىجتىمائىي، ئىقتىساد مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. شۇڭا، غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھۇنلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇش ماھىيەتتە فېئوداللىق تۈزۈم بىلەن قۇللۇق تۈزۈم ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشنىڭ ھەقىقىي خاراكتېرىنى ۋە ئىلغار رولىنى مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ۋۇدى دەۋرىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېينكى ھۇنلارغا قارىشى ئۇرۇشنىڭ ئىلغار رولى ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ خەنزۇلارغا قىلغان تاجاۋۇز چىلىقىنى چەكلىگەنلىكىدە ئىپادىلىنىپ قالماي، يەنە ئوغان، دىڭلىڭ، شىرۋى، ئۇيسۇن ۋە غەربىي تۇرتتىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ قۇل قىلىشىدىن ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشىدىن قۇتۇلدۇرۇپ (گەرچە بۇ ۋۇدىنىڭ قوشۇن تارتىشتىكى مەقسىتى بولمىسىمۇ) ، ئۇلارنى ھۇنلارنىڭ قالاق قۇلدارلىق تۈزۈمىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتقۇزۇپ، خەنزۇلارنىڭ ئىلغار فېئوداللىق ئىقتىسادىي مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچراشتۇرغانلىقىدىنمۇ ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ئەينى چاغدىكى تارىخىي شارائىتتا ئىلغار ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.
3. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشى ۋە شىمال بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ بىرلىككە كېلىشى
ھۇن قۇلدار ھۆكۈمرانلار گوروھىنىڭ غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ شىمالىي چېگرىسىغا قىلغان تاجاۋۇزلچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇرۇش ھۇن مىللىتىگە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، بولۇپمۇ ھۇن خەلقى ئۇچرىغان ئاقىۋەت ئەڭ ئېغىر بولدى.
بىرىنچىدىن، ھۇنلارنىڭ ئاھالىسى ۋە چارۋا-ماللىرى زور تۈركۈمدە ئولجا ئېلىندى ۋە ئۆلدى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 127-يىلىدىكى ئۇرۇشتىلا ھۇنلاردىن ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئەسىرگە چۈشۈپ، مىليون تۇياقتىن ئارتۇق قوي كالا ئولجا ئېلىندى[33]. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 121- ۋە 119-يىللىرىدىكى ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتا ھۇن جەڭچىلىرىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئەسىر ئېلىنغانلىرى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، 130 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى[34] (قۇنشارخاننىڭ قوۋمىدىن ئەسىرگە چۈشكەن ۋە ئۆلتۈرۈلگەن نەچچە تۈمەن ئادەم ۋە خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان 40 مىڭ ئادەم بۇنىڭ سىرتىدا). بۇنىڭ بىلەن باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدىكى 300 مىڭ ئوقياچى چەۋەندازنىڭ يېرىمى ئازىيىپ كەتتى. مىلاديدىن بۇرۇنقى 71-يىلىدىكى ئۇرۇشتا ئوڭ قول خاننىڭ قوۋمىدىن 39 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئەسىر ئېلىنىپ، 700 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا-مال ئولجا ئېلىندى. قېلىپ قالغان ئاھالىلەردىن ئۆلگەن، چېچىلىپ كەتكەنلىرى ۋە چارۋىلاردىن ئۆلگەن، پىتىراپ كەتكەنلىرىنىڭ ھەددى-ھېسابى يوق[35] بولۇپ، بۇ ھۇنلارنى قاتتىق ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى.
ئىككىنچىدىن، ھۇنلار ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چارۋىچىلىققا باب كېلىدىغان رايونلاردىن چېكىنىپ چىقىپ (مەسلەن، ئالوبان خان، بايان خان قوۋمى، ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلدىكى خېتاۋدىن، قۇنشارخان قوۋمى ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى خېشى كارىدورىدىن چېكىنىپ چىققان) چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى سۇ ۋە ئوت-چۆپ يوق رايونلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇنىڭ بىلەن چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشى تەبئىي ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە خېشىدىكى چىليەن (تىلەن) تېغى، ئالچى تېغى (ھازىرقى گەنسۇدىكى شەندەن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) خېتاۋنىڭ شىمالدىكى چوغاي تېغىدىن چېكىنىپ چىقىشنىڭ تەسىرى بىر قەدەر زور بولدى. چۈنكى، چىليەن تېغى ۋە ئالچى تېغى قارىغايلار كۆپ، ئوت-سۈيى مول، قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن بولۇپ، چارۋىچىلىق قىلىشقا ناھايىتى باب كېلەتتى ھەم ھۇن خەلقنىڭ تىرىكچىلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زور ئىدى. شۇڭا، ھۇنلار بۇ ئىككى تاغدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن:

ئايرىلىپ قالغاندا تىلەن تېغىدىن،

ئاۋۇماس بولۇپ قالدى چارۋا-مېلىمىز.

ئايرىلىپ قالغاندا ئالچى تېغىدىن،

مۇڭلىنىپ سارغايدى قىز-ئايالىمىز[36] .


دەپ قوشاق توقۇشتى. چوغاي تېغىدىمۇ ئوت-چۆپ، دەل-دەرەخلەر قويۇق، ياۋايى ھايۋانلار كۆپ بولۇپ، چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىققا باب كېلىپلا قالماستىن، يەنە زور مىقداردىكى ياغاچ ماتېرىياللىرىدىن ھەربىي ئىشلاردا پايدىلىنىشقا (ئوقيا ياساشقا) بولاتتى. بۇ يەر باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئارقا سەپ ئامبىرى ۋە جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشتىكى مۇھىم بازىسى ئىدى[37]. ھۇنلار چوغاتاي تېغىنىڭ شىمالىغا چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن، تاغنىڭ شىمالىدىكى، شەرقتىن غەربكىچە نەچچە مىڭ چاقىرىم، جەنۇبتىن شىمالغىمۇ نەچچە مىڭ چاقىرىم كېلىدىغان چوڭ قۇملۇقتا ئوت-سۇ بولمىغاچقا، چارۋىچىلىق قىلالمىدى[38]. بۇ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە بايلىق مەنبەسىنى زور دەرىجىدە چەكلەپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەن سۇلالىسى چوغاي تېغىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن بۇ يەردە قەلئە-قورۇللارنى قۇرۇپ، تۇرلارنى سېلىپ، تاشقى سېپىلنى ياساپ، ئەسكەر تۇرغۇزۇپ مۇداپىئە كۆرگەچكە، ھۇنلار جەنۇبقا كېلەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭا، «ھۇنلاردىن چوغاي تېغىنى قولدىن بېرىپ قويغاندىن كېيىن ئاھ ئۇرمىغان ھېچكىم قالمىدى»[39]. كېيىن خەن سۇلالىسى يەنە غۇزلارنى يوقاتقۇچى سانغۇن گوچاڭ ۋە ياۋايىلارنى تۇتقۇچى تۆرە جاۋپونۇنى سۇفاڭنىڭ شەرقىدە تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئېچىشقا ئەۋەتىپ، ھۇن كۈچلىرىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالغاچقا، ئۇشلۇ تەڭرىقۇت تەختتە ئولتۇرغاندىن (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 105-يىلى) كېيىن، ھۇنلار بارغانسېرى غەربىي شىمالغا يۆتكىلىپ، سول تەرەپتە يۈنجۇڭ ئايمىقىغا، ئوڭ تەرەپتە جيۇچۈەن، دۇنخۇاڭ ئايماقلىرىغا ئۇدۇل كېلىدىغان بولۇپ قالدى (ئەسلىدە ھۇنلارنىڭ سول تەرپى شاڭگۇ ئايمىقىغا، ئوڭ تەرپى شاڭجۈن ئايمىقىغا ئۇدۇل كېلەتتى). بۇنىڭ بىلەن چارۋىچىلىق رايونلىرى تېخىمۇ تارىيىپ كەتتى. ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىشى، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ زور كۆلەمدە تارىيىشى ئىشلەپچىقىرىشنى چېكىندۈرۈۋەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قار ئاپىتى (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 104-، 89-، 71-يىللىرى) تۈپەيلىدىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 68-يىلى ھۇنلاردا زور قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ خەلقنىڭ ئوندىن ئالتە-يەتتىسى ئۆلۈپ، ئىجتىمائىي ئىگىلىك ۋەيران بولۇپ، مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى زور تەھدىتكە دۇچ كەلدى[40].
ئۈچىنچىدىن، قارام ئەللەر بۆلۈندى. باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدىن بۇيان بويسۇندۇرۇلغان نۇرغۇنلىغان قەبىلە ۋە قوۋمىلار ھۇن قۇلدار ھۆكۈمرانلار گوروھىنىڭ ئېغىر بېسىمى ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىگە چىدىماي بەس-بەستە ئىسيان كۆتۈردى. ھۇنلارنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن پايدىلىنىپ دىڭلىڭلار شىمالدىن، ئوغانلار، ئۇيسۇنلار غەربتىن، شەرقتىن ھۇجۇم قىلدى، سول تەرەپتىكى شىرۋى قەبىلىسى جەنۇبقا بېرىپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى، غەربىي يۈرتتىكى ھەر قايسى مىللەتلەرمۇ بىرلىكتە ھۇنلارغا ھۇجۇم قوزغىدى[41]. بۇنىڭ بىلەن غايەت زور ھۇن قۇلدارلىق ھاكىمىيىتى بىر مەھەل بۆلۈنۈش ۋە نىزا ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى.
تۆتىنچىدىن، ھۇن ھۆكۈمرانلار گوروھىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىمۇ بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. ھۇن يۇقىرى قاتلام ئاقسۆڭەكلەر گۇروھىنىڭ ئىچكى قىسىمدا ئەسلىدىمۇ ھوقۇق تالىشىش، بولۇپمۇ «تەڭرىقۇت» لۇقتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىق ھۇقۇقىنى تالىشىش يۈزىسىدىن نۇرغۇن زىددىيەت يوشۇرۇنغان بولۇپ، دائىم دېگۈدەك تەخىت تالىشىش كۈرەشلىرى بولۇپ تۇراتتى[42]. بۇ چاغدا ھۆكۇمرانلىق دائىرىسىنىڭ تارىيىشى، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ چېكىنىشى، قوۋمىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە قارام ئەللەرنىڭ بۆلۈنىشى بىلەن يوقىرى قاتلام ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئىچىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىشكە باشلىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 60-يىلىدىن باشلاپ تەڭرىقۇتلۇق تەختىگە ۋارسلىق قىلىش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى پارچىلىنىش تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 57-يىلغا كەلگەندە «بەش تەڭرىقۇتنىڭ ھاكىمىيەت تالىشىشى» كېلىپ چىقىىپ، ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمى قالايمىقانلىشىپ كەتتى. بۇ ھون قوۋمى، جەمئىيىتى ۋە ھاكىمىيىتىنى ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىردى. مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئالدىدا قوغۇشار تەڭرىقۇت تارىخ سەھنىسىگە چىقىپ، ھۇنلارنى بۇرۇلۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.
قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ ئەسلى ئىسمى جىخۇشان بولۇپ، تۈمەن تەڭرىقۇتنىڭ 7-ئەۋلادى، شۈرۇچانچۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ يۇقىرى تەبىقىدىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ھۇنلارنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئىچىدىكى شەخىس ئىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 60-يىلى شۈرۇچانچۇ تەڭرىقۇت ئۆلگەندىن كېيىن، تەڭرىقۇتلۇقىقا ۋارىسلىق قىلىش قائىدىسىگە ئاساسەن ئۇ ئاتىسىنىڭ تەڭرىقۇتلۇق ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى شۈرۇچانچۇ تەڭرىقۇتنىڭ ھوقۇقلۇق ۋەزىرى خۇسۇر خان شىنۋىيان ھەر قايىسى جايلارغا ئادەم ئەۋەتىپ ھەر قايىسى ئۇرۇق ئاقساقاللىرىنى كېڭەشكە چاقىرىپ، تەڭرىقۇتنىڭ ۋارىسىنى مەسلىھەتلىشىپ قارار قىلماقچى بولغاندا، شۈرۇچانچۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئايالى- جۈەنچۇ ئالچى ئىنىسى سول قول جورچى دۇرۇنچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇرۇق ئاقساقاللىرىنىڭ تېخى كېلىپ بولالمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزنىڭ ئاشىنىسى ئوڭ قول بىلىك خان تۇغتاننى ئۇيانجۇت تەڭرىقۇت قىلىپ تىكلىدى. ئۇيانجۇت تەڭرىقۇت ئىنتايىن ياۋۇز تەبىئەتلىك بولغاچقا شىنۋىياننى ئۆلتۈرۋېتىپ، دۇرۇنچىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتتى ھەم شۈرۇچانچۇ تەڭرىقۇتنىڭ پەرزەنتلىرى، ئىنىسى ۋە يېقىنلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆزنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە ئىنىلىرىنى قويدى. تەختىكە ۋارىسلىق قىلالمىغان ۋە چەتكە قېقىلغان جىخۇشان ئامالسىز ھۇنلارنىڭ سول تەرىپىدىكى قېيناتىسى ئۇجانمۇنىڭ يېنىغا پاناھلىق تىلەپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.
جىخۇشان ناھايىتى قابىلىيەتلىك بولغانلىقى ھەم تەڭرىقۇت ئەۋلادى بولغانلىقتىن، گەرچە سول پاناھلىق تىلگۈچى سۈپىتىدە قېچىپ بارغان بولسىمۇ، يەنىلا سول تەرەپتىكى ھۇن ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆرمىتى ۋە قوغدىشىغا ئېرىشتى. ھالبۇكى، ئۇيانجۇت تەڭرىقۇت زوراۋانلىق قىلىپ قالايمىقان ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكتىن، خەلقنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنى قوزغىدى.
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 58-يىلى سول تەرەپتىكى ئاقسۆڭەكلەر ئۇجانمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جىخۇشاننى قوغۇشار تەڭرىقۇت قىلىپ تىكلەپ، ئارقىدىنلا سول تەرەپتىكى لەشكەرلەر بىلەن ئۇيانجۇت تەڭرىقۇتقا ھۇجۇم قىلدى. ئۇيانجۇت تەڭرىقۇت ئىچكى جەھەتتە خەلىقنىڭ نەزىرىدىن قالغانلىقى، تاشقى جەھەتتە ياردەمگە ئېرشمىگەنلىكى ئۇچۇن، قارشىلىق كۆرسىتەلمەي ئۆزىنى ئۆلتۇرۈۋالدى، ئۇنىڭ قوۋمى پۈتۈنلەي قوغۇشار تەڭرىقۇتقا ئەل بولدى. قوغۇشار تەڭرىقۇت ئۇيانجۇت تەڭرىقۇتنى يەڭگەندىن كېيىن تەڭرىقۇت ئوردىسىغا قايتىپ بېرىپ، تەڭرىقۇتقا بىۋاستە قاراشلىق يەرلەرنى تەرتىپكە سېلىپ، ھەر قايسى جايلارنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشنى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ھاكىمىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۇچۇن، بىر نەچچە ئايدىن كېيىنلا قوشۇنلارنى قىسقارتىپ، ئاقسۆڭەكلەرنى ئەسلىدىكى يەرلىرىگە قايتىشقا بۇيرۇق قىلدى. لېكىن، بۇ چاغدا ئوڭ قول بىلىك خاننىڭ يېنىغا قېچىپ بارغان دورۇنچى ئوڭ قول بىلىك خان بىلەن بىرلىشىپ ئۇيانجۇتنىڭ ئىنىسى باتىسخان بوشتاننى تۇغ تەڭرىقۇت قىلىپ تىكلەپ، قوشۇن تارتىپ قوغۇشار تەڭرىقۇتقا ھۇجۇم قىلدى. قوغۇشار تەڭرىقۇت يېڭىلىپ چېكىندى. تۇغ تەڭرىقۇت ئىككى ئوغلىنى تەڭرىقۇت ئوردىسىنى ساقلاشقا بۇيرۇپ، شەرق تەرەپتە نۇرغۇن قوشۇن تۇرغۇزۇپ قوغۇشار تەڭرىقۇتتىن مۇداپىئە كۆردى. ئەمما، تۇغ تەڭرىقۇت ئىقتىدارسىز بولغانلىقى، پىتنە-پاساتقا ئىشىنىپ ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ھەر قايسى ئاقسۆڭەكلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، بەس-بەس بىلەن ئۆزلىرىنى تەڭرىقۇت دەپ ئاتاشتى. غەربتە ئوغۇز تەڭرىقۇت، شەرقتە چەلى تەڭرىقۇت ۋە ئۈجە تەڭرىقۇت باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇلار تۇغ تەڭرىقۇت ۋە قوغۇشار تەڭرىقۇت قوشۇلۇپ تارىختا «بەش تەڭرىقۇتنىڭ ھاكىمىيەت تالىشىشى» دەپ ئاتالدى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 57-يىلى). بەش تەڭرىقۇت قالايىمقان ئۇرۇش قىلىش جەريانىدا ياكى مەغلۇپ بولۇپ ئەل بولۇپ، ياكى ئۆزىنى ئولتۈرۈۋېلىپ، ئەڭ ئاخىرى غەلىبە قوغۇشار تەڭرىقۇتقا مەنسۇپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن قوغۇشار تەڭرىقۇت تەڭرىقۇت ئوردىسىغا يەنە قايتىپ كەلدى. لېكىن ، بۇ قېتىمقى قالايىمقان ئۇرۇش تۈپەيلىدىن ئاھالە زور دەرىجىدە ئازىيىپ، پەقەت نەچچە تۈمەن ئادەملا قالدى. بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئادەم ئۇرۇشتا ئۆلۈپ، چارۋىلارنىڭ ئوندىن سەككىز-توققۇزى زىيانغا ئۇچراپ، خەلق ئاچارچىلىقتا قېلىپ، بۇلاڭچىلىق ئەۋەج ئالدى[43]. قوغۇشار تەڭرىقۇت ئىنتايىن تەس كۈنگە قالغانلىقتىن قالايمىقانچىلىقتىن كېيىنكى ئېغىر ۋەزىيەتنى ئوڭشىماقچى بولدى، ئەمما بۇ چاغدا ئويلىمىغان يەردىن تۇغ تەڭرىقۇتنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى شۈشۈن خان غەربتە ئۆزىنى رۇنجىن تەڭرىقۇت دەپ ئاتىدى، قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ ئاكىسى سول قول بىلىك خان قۇتىئۇشمۇ شەرقتە ئۆزىنى قۇتىئۇش تەڭرىقۇت دەپ ئاتىدى. (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 56-يىلى) ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قۇتىئۇش رۇنجىننى ئۆلتۈرۈپ، قوغۇشارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ تەڭرىقۇت ئوردىسىنى ئىگىلۋالدى.
قوغۇشار يەنە بىر قېتىم قېچىشقا مەجبۇر بولدى. بۇنداق ۋەزىيەت ۋە ئەھۋال ئالدىدا ئۇ خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتىگە ئەل بولۇپ، خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قۇبۇل قىلىپ، خەن سۇلالىسىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى بىلەن ئۆزىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قۇتىئۇشنى تىنچىتىپ ھۇنلار رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھۇنلارنى خەتەرلىك ۋەزىيەتتىن قۇتقۇزۇش ئويىغا كەلدى.
ھۇنلار باتۇر تەڭرىقۇتتىن باشلاپ 150يىل جەريانىدا (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 209~ 56-يىللار) شىمالىدا سەلتەنەت سۈرۈپ، چوڭ چۆللۈكنىڭ جەن – شىمالىدىكى ھەرقايىسى مىللەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەنلىكتىن، ئۆزلىرىنى «تەڭرىنىڭ ئەركە ئوغلى» دېيىشىپ خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى بىلەن پۇت تېپىشىپ تۇرغانىدى. ئارىدا قۇدىلىشىش بولغان بولسىمۇ، پەقەت خەن سۇلالىسى مەلىكىلىرىنى بېرىپ، ھەر يىلى شايى-كىمخاپ، كىيىم-كېچەك ئەۋەتىپ بېرىپ تۇرغاچىقىلا، ۋاقىتلىق ھالدا چېگرىغا پاراكەندىچىلىك سالمىغان ئىدى. كېيىن خەن سۇلالىسىنىڭ ھەربى جەھەتتىكى قاتتىق زەربىسى بىلەن ھۇن قۇلدارلىرى چۆچۈپ قۇدىلىشىشنى ئويلىغان بولىسمۇ، خەن سۇلالىسىگە بېقىنىشنى خىيالىغا كەلتۇرمىگەنىدى. بۇ چاغدا قوغۇشار تەڭرىقۇت كۈچ – ماغدۇرىدىن كەتكەچكە، ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى ئارقىسىدا ئوغلىنى بارىمتايلىققا ئەۋەتىپ ئۆزىنى قارام دەپ تونۇپ، مەركەزنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلماقچى بولدى. خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى بۇنداق تۇپ ئۆزگىرىش ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئىش ئەمەس ئىدى. بۇ يۇقىرى قاتلام ھۆكۈمرانلارنىڭ سىياسىي نوپۇزى ۋە ئورنىغىلار چېتىلىپ قالماي، يەنە مەنپەئەتىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. شۇڭا، قوغۇشار تەڭرىقۇت «خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇش كېرەكمۇ-يوق» دېگەن مەسىلىنى ئۇرۇق ئاقساقاللىرىنىڭ ئالىي كېڭىشىگە قويغاندا قوللىغۇچىلار ۋە قارشى تۇرغۇچىلاردىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھ بارلىققا كېلىپ، «ۋەزىرلەر ناھايىتى ئۇزۇن بەس-مۇنازىرە قىلىشتى». قارشى تۇرغۇچىلار: «ھۇنلارنىڭ ئادىتىدە ئەزەلدىن كۈچلۈكلۈك ئەتىۋارلىنىپ، قوللۇق پەس كۆرۈلىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئەجدادلىرىمىزنىڭ قائىدە –تۈزۈملىرىنى بۇزۇپ، خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغۇدەكمىز؟ ئۇنداق قىلىساق ئۆتكەن دەۋىرلەردىكى تەڭرىقۇتلارنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزۈپ قويمامدۇق؟ بۇنداق قىلىپ ئەمىنلىككە ئېرىشكىنىمىز بىلەن يات قوۋملارنى قانداق باشقۇرىمىز» دېيىشەسە، سول ئىجىز خان باشچىلىقىدىكى قوللىغۇچىلار: «ھازىر خەن سۇلالىسى كۈچلۈك، ئۇيسۇنلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى بەگلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا بېقىندى. چەتقۇ تەڭرىقۇتتىن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 101~96-يىللار) بۇيان ھۇنلار كۈندىن-كۈنىگە ئاجىزلىشىپ كەتتى، دەماللىققا ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن ئەمسە، بۇنداق تەرسالىق قىلغىنىمىز بىلەن بىر كۈنمۇ ئەمىنلىك تاپالمايمىز، خەن سۇلالىسىگە بېقىنساق تىنچ-ئامان ياشايمىز، ئەگەر بېقىنمىساق دۆلەت ھالاك بولىدۇ»[44] دېيىشتى.
ۋەھالەنكى، ئەينى چاغدا شىمالدا قۇتئۇش باش كۆتۈرگەن، جەنۇبتا خەن سۇلالىسى تەھدىت سېلىپ تۇرغان، غەرب-شەرقتىكى بېقىندى ئەللەرمۇ بۆلۈنگەن، ئەھۋال ناھايىتى روشەن بولغاچقا، ئەگەر قوغۇشار تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسىگە ئەل بولمىسا ئىككى تەرەپتىن (قۇتىئۇش بىلەن خەن سۇلالىسىدىن) ھۇجۇمغا ئۇچراش خەۋپىدىن ساقلىنالمايتتى. ناۋادا تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەن سۇلالىسىگە ئەل بولسا، خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ قۇتىئۇش بىلەن قارشىلىشىپ، ئۆزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيتتى. يەنە كېلىپ قۇتئۇشتىن ئىبارەت قوغۇشار تەڭرىقۇتمۇ ۋە خەن سۇلالىسىگىمۇ دۈشمەن بولغان كۈچ چۆللۈكنىڭ شىمالىدا تۇرىۋاتقاچقا، قوغۇشار تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسىنىڭ ئۆزىنى قارىشى ئالدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا سول ئىجىز خاننىڭ پىكىرىنى قوللاپ قوۋمىنى باشلاپ جەنۇبقا بېرىپ، خەن سۇلالىسى چېگرىسىغا يېقىنلاشتى ھەم مىلادىيدىن بۇرۇنقى 53-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئوغلى ئوڭ قول بىلىك خان جۇلقۇتان ۋە ئىنىسى سول قول بىلىك خاننى خەن سۇلالىسىگە ئەۋەتىپ، بۇ ئارقىلىق خەن سۇلالىسىنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە ئىنكاسىنى بىلىپ باقماقچى بولدى. خەن سۇلالىسىنىڭ قارىشى ئېلىش سەمىمىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ مىلادىيدىن بۇرۇنقى 51-يىلى ئەتىيازنىڭ 1-ئېيىدا ئۆزى خەن سۇلالىسى پادىشاھى بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزىنىڭ مەركىزىي ھاكىميەتكە ئەل بولۇش سەمىمىيىتى ۋە خەن ھۆكۈمرانىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى.
خەن سۇلالىسى قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ ئەل بولۇشىنى ئىنتايىن قىزغىن قارشى ئالدى. چۈنكى، خەن سۇلالىسى ئەزەلدىن ھۇنلارنى بويسۇندۇرۇش بەك تەس دەپ قارىغان، شۇڭا گاۋدىدىن باشلاپ ھۇنلار بىلەن ئەھدىلىشىپ، ھۇنلار شىمالغا پاراكەندىچىلىك سالمىسىلا، يەڭگىللىك بىلەن ئۇلارغا قورال ئىشلەتمىگەنىدى. ۋۇدى دەۋرىدىن باشلاپ غەلبىلىك مۇداپىئە ئۇرۇشى قىلىنغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن زور بەدەل تۆلىگەنىدى. ئەمدىلىكتە ھۇنلارنىڭ ئىچكى مالىمانچىلىقى تۈپەيلىدىن قوغۇشارنىڭ ئۆزلۈكىدىن بېقىنىپ، خەن ئوردىسىغا كېلىشى ئەلۋەتتە خۇشاللىنارلىق ئىش ئىدى. يەنە كېلىپ قۇتىئۇش شىمالدا بولغاچقا، قوغۇشار ئارقىلىق قۇتىئۇشنى چەكلەش خەن سۇلالىسىنىڭ شىمالىنى تىنجىتىشتىكى تۈپ سىياسىتى ئىدى. خەن سۇلالىسى تەڭرىقۇتنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن،ئۇ كېلىشتىن ئاۋۋال ھارۋا-ئاتلىقلار سانغۇنى خەن چاڭنى مەخسۇس ئەلچى قىلىپ ۋۇيۈەن قورۇلىغا قارشى ئېلىشقا ئەۋەتتى ھەم ۋۇيۈەن، سۇفاڭ، شىخې، شاڭجۈن،بېيدى ۋە فېڭشىياڭ ئايماقلىرىدىن چاڭئەنگىچە بولغان يول بويىغا ئەسكەرلەنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىلدى. ئۇ كەلگەندە يەنە تەنتەنىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ھەرقايىسى بەگ- تۆرىلەرنىڭ ئورنىدىن يۇقىرى قىلدى. ئۇ خەن پادىشاھى كۆرشۈشتە ئۆزىنى «ئەئىيانىڭىز»دەپ ئاتاپ، نامىنى ئاتىمىدى. ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ياسالغان «ھۇن تەڭرىقۇت مۆھۈرى» ۋە يېشىل مۆھۈر بېغى ئىنئام قىلىنىپ، ئۇنىڭ ھۇنلارنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن قانۇنىي جەھەتتىن (يازما بولمىسىمۇ) پادىشاھ- پۇقرالىق مۇناسىۋىتى تىلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە قوغۇشار تەڭرىقۇت ھاكىمىيىتى- ھۇنلارنىڭ يەرلىك ھاكىمىيىتى بىلەن خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىميىتىنىڭ بېقىندىلىق سىياسىي ئورنىمۇ تىكلەندى[45]. بۇنىڭدىن باشقا خەن سۇلالىسى يەنە زور مىقدارىدىكى قىممەتلىك سوۋغىلارنى، يەنى كەمەر، تون، يان خەنجەر، ئوقيا، يالمان، ھارۋا-ئات، ئالتۇن- كۈمۈش، كىمخاپ- تاۋار قاتارلىقلارنى سوۋغا قىلدى. قوغۇشار تەڭرىقۇت شىمالغا قايتىدىغان چاغدا ئۆزنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، قۇتىئۇشنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتنىڭ كۈچىگە تايىنىش ھەم ئۆز ساداقتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزى ئىلتىماس قىلىپ گۇاڭليۇ قورۇلىدا (ھازىرقى باۋتۇ شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا) تۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، جىددىي پەيىتلەردە خەن سۇلالىسىنىڭ تەسلىمچىلەرنى قۇبۇل قىلىش شەھىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدى. خەن سۇلالىسىمۇ ئۇنى ئوبدان چەكلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ تەلىپىنى قۇبۇل قىلىپ گاۋچاڭ تۆرىسى دۇڭ جۇڭ ۋە ھارۋا-ئاتلىقلار سانغۇنى خەن چاڭ قاتارلىقلارغا قوشۇن باشلاپ ئۇنى سوفاڭنىڭ جىلۇ قۇرۇلىغىچە (ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلدىكى كاڭجىن ئارقا خوشۇنىنىڭ غەربىدە) قوغداپ ئۇزۇتۇپ قويۇشنى ھەم قوشۇنلارنى قۇرۇلنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ تەڭرىقۇتقا بويسۇنمىغانلارنى باشتۇرۇشنى بۇيرىدى. يەنە ھۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ۋەيران بولغانلىقى، خەلقنىڭ ئاچ-يالىڭاچلىقتا قالغانلىقىنى بىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 34 مىڭ پاتمان ئاشلىق يەتكۈزۈپ بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇردى.[46].
بۇ چاغدا قۇتئۇش قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغانلىقى ھەم خەن سۇلالىسىنىڭ ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنى كۆرۈپ، قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ خەن سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىشىدىن قورقتى، شۇڭا ئۇمۇ خەن سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ سوۋغا تەقدىم قىلىپ (مىلادىيدىن بۇرۇنقى50~51-يىللاردا)، ئوغلىنى بارىمتايلىققا ئەۋەتىپ دوستانىلىقىنى بىلدۈرىدى. خەن سۇلالىسى قوغۇشار تەڭرىقۇت بىلەن قۇتئۇشنىڭ نىزاسىغا نىسبەتەن ئوتتۇردىن پايدا ئېلىشنى كۆزلىمەي، بەلكى ھەر ئىككىلىسىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن قۇبۇل قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولدى، شۇڭا قۇتئۇشنىڭ ئەلچىسىنىمۇ كاتتا كۈتۋالدى. قوغۇشار قۇتئۇشنىڭ ھەرىكىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ تۇردى. ئۇ مىلادىيدىن بۇرۇنقى 50-يىلى خەن سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ سوۋغا تەقدىم قىلدى. كېيىنكى يىلى (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 49-يىلى) شەخسەن ئۆزى ئوردىغا بېرىپ خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتمەكچى بولدى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 48-يىلى خەن سۇلالىسى قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يەنە 20 مىڭ پاتمان ئاشلىق ياردەم قىلدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 43-يىلى يەنە ئۇنىڭ شىمالدىكى تەڭرىقۇت ئوردىسىغا قايتىشىقا رۇخسەت قىلدى. قۇغۇشار تەڭرىقۇت بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى باشتىن- ئاخىر دوستانە ۋە مۇستەھكەم بولغاچقا، قۇتىئۇش بۇزغۇدەك يۇچۇق تاپالمىدى.
قۇتىئۇش دەسلەپتە قۇغۇشار خەن سۇلالىسىگە تەسلىم بولدى، ھەربىي كۈچى ئاجىز، شىمالغا قايتىپ كېلەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ، غەربكە قوشۇن تارتىپ ئۇنىڭ ئوڭ تەرەپ زېمىنىنى ئىگىلىۋالماقچى بولغانىدى. شۇ چاغدا تۇغ تەڭرىقۇتنىڭ كىچىك ئىنىسى قوغۇشار تەڭرىقۇتتىن يۈز ئۆرۈپ[47]، ئوڭ تەرەپكە بېرىپ ئىككى ئاكىسىنىڭ ئادەملىرىنى يىغېۋېلىپ ئۆزىنى ئىلىم تەڭرىقۇت دەپ ئاتىۋالدى.
قۇتىئۇش ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، 50 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىنى قۇشۇۋالدى. كېيىن خەن سۇلالىسىنىڭ قۇغۇشار تەڭرىقۇتقا ئەسكەر ۋە ئاشلىق ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئوڭ تەرەپ زېمىنىدا تۇرۇپ قالدى ھەم ئۆزىنىڭ ھۇنلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، غەربكە كۆچۈپ ئۇيسۇنلارغا يېقىنىلىشىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىشىشنى ئويلاپ ئۇيسۇنلارنىڭ كىچىك كۈنبېگى ئۇجۇتقا ئەلچى ئەۋەتتى. قۇتىئۇشنىڭ قېچىپ يۈرگەنلىكىنى بىلگەن ئۇجۇت ئۇنىڭ ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۈپ، كاللىسىنى غەربىي يۇرت قورۇقچىبېگىگە ئەۋەتىپ بېرىپ، سەككىز مىڭ چەۋەنداز چىقىرىپ، يالغاندىن چىچىنى قارشى ئالماقچى بولغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالدى. قۇتىئۇش ئۇنىڭ سۇيقەستىنى سېزىپ قېلىپ، ئۇنى مەغلۈپ قىلدى. ئارقىدىنلا شىمالغا ھۇجۇم قىلىپ ئوغۇزلارنى، دىڭلىڭلارنى (غەربىي دىڭلىڭلارنى)[48]، قىرغىزلارنى يېڭىپ، بۇ ئۇچ مىللەتنىڭ يەرلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، قىرغىزلار يېرىدە پايتەخت قۇردى، كۈچىمۇ خېلىلا كۈچەيدى.
كېيىن، قۇتىئۇش ئۆزىنىڭ تۇرغان يېرىنى خەن سۇلالىسىدىن يىراقتا دەپ قاراپ، خەن سۇلالىسىنىڭ قوغۇشار تەڭرىقۇتنى قوللاپ ئۆزىنى قوللىمىغانلىقىدىن نارازى بولۇپ، خەن سۇلالىسى ئەلچىسى جاڭ نەيشى قاتارلىقلارنى ھاقارەتلىدى ھەم بارىمتايلىقتا تۇرۋاتقان ئوغلىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئوغلىنى ئەكېلىپ قۇيۇشقا كەلگەن گۇجىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئارقىدىن ئۆزىنىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانلىقىنى بىلىپ ھە قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن قورقۇپ تېخىمۇ يىراققا كۆچۈپ كەتتى. كانگىيە خانى (كانگىيە ھازىرقى قازاقىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) ئىلگىرى ئۇيسۇنلاردىن كۆپ قېتىم يېڭىلگەنىدى. ئەمدىلىكتە ئۇ قۇتىئۇشنىڭ قېچىپ يۇرگەنلىكىنى ئۇقۇپ، ئۇنى كانگىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىشىپ بىرلىكتە ئەسكەر چىقىرىپ ئۇيسۇنلارنىڭ يېرىنى تارتىۋېلىپ، ئاندىن ئۇنى شۇ يەرگە جايلاشتۇرۇش غەرىزىدە قىرغىزلارغا ئەلچى ئەۋەتىپ، بۇنى قۇتىئۇشقا يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى. قۇتىئۇش بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى خوش بولۇپ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ غەربكە يۇرۇش قىلدى، لېكىن يول ئۈستىدە كۆپ ئادىمى توڭلاپ ئۆلگەچكە، كانگىيەگە كەلگەندە ئاران 3000 ئادىمى قالدى. كانگىيە خانى قىزىنى قۇتىئۇشقا ياتلىق قىلدى، قۇتىئۇشمۇ قىزىنى كانگىيە خانىغا ياتلىق قىلدى. كانگىيە خانى قۇتىئۇشنى ناھايىتى ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئەتراپتىكى ئەللەرگە تەھدىت سالدى، قۇتىئۇش كانگىيەنىڭ قوشۇنىدىن پايدىلىنىپ ئۇيسۇنلارغا زەربە بېرىپ، ئۇيسۇنلارنىڭ پايتەختى قىزىل قورغان شەھىرىگىچە بېسىپ بېرىپ، پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈپ، چارۋا ۋە مال-مۈلۈكلەرنى بۇلاپ كەتتى. ئۇيسۇنلار قوغلاپ زەربە بېرىشكە پېتىنالمىغاچقا، غەربتە مىڭ چاقىرىمدەك ئارىلىق بوش قالدى. شۇ ۋاقىت تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 44-يىلى ئىدى. قۇتىئۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن غەلبىسىدىن كۆرەڭلەپ، كانگىيە خانىنى كۆزگە ئىلمىدى ھەم كېيىن كانگىيە خانىنىڭ قىزىنى ھەم بەگىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ياكى پۇت-قولىنى كېسىپ تاشلاپ تالاس دەرياسىغا تاشلىۋەتتى. يەنە خەلقنى ھاشارغا تۇتۇپ قورغان سالدۇرۇپ، ھەر كۈنى 500 ئادەمنى ئىشلىتىپ قورغاننى ئىككى يىلدا پۈتتۈردى. ئەتراپتىكى ئائورىسى، پەرغانە قاتارلىق ئەللەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ ئولپان تاپشۇرۇشقا يارلىق چۈشۈردى. ئۇلار ئولپاننى تاپشۇرماسلىققا پېتىنالمىدى. خەن سۇلالىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كانگىيەگە ئۈچ قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ گۇجى قاتارلىقلارنىڭ جەسىتىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، قۇتىئۇش ئەلچىلەرنى خورلاپ يارلىقنى كۆزگە ئىلمىدى. بۇنىڭدىن خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى چېرىكچى بېگى گەن يەنشۇ ۋە ئورۇنباسار چېرىكچى بەگ چېن تاڭ قاتارلىقلار قاتتىق غەزەپلەندى. ئەمما، قۇتىئۇشنىڭ كۈچىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئويلىشىپ، غەربىي يۇرتتىكى بەگلىكلەرنىڭ قوشۇندىن پايدىلانماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن، قوشتىكى تېرىقچى لەشكەرلەر ۋە غەربىي يۇرتتىكى 15 بەگلىكنىڭ قوشۇنلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 40 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر يىغىدى. پۈتۈن قوشۇننى ئالتە بۆلەككە بۆلۈپ، ئۈچ بۆلەك قوشۇن پامىردىن ئېشىپ پەرغانە ئارقىلىق ماڭدى، ئۈچ بۆلەك قوشۇن شىمالىي يول بىلەن مېڭىپ، ئۇنسۇن ئارقىلىق كانگىيەگە كىردى. ئۇلار قۇتىئۇشنىڭ ئوردىسىغا نەچچە ئون چاقىرىم كېلىدىغان جايغا قارارگاھ قۇرۇپ، كانگىيەنىڭ بىر بېگىنى تۇتۇۋېلىپ يول باشلىغۇچى قىلىپ، قۇتىئۇشنىڭ بارلىق ئەھۋالىنى ئۇقۇۋالدى. نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن گەن يەنشۇ، چېن تاڭ قاتارلىقلار قۇتىئۇشنىڭ ئوردىسى يېنىدىكى تالاس دەرياسىغا يېتىپ كەلدى ۋە ئوردىغا ئۈچ چاقىرىم كېلىدىغان جايغا قارارگاھ قۇردى. قۇتىئۇش شەھەر سېپىلىغا تۇغ-ئەلەملەرنى تىكلەپ، لەشكەرلەرنى تەقلەپ مۇداپىئە كۆردى. ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ئوقىيا ئېتىشتى، قۇتىئۇشنىڭ ئالچىلىرىمۇ ئوقيا ئاتتى. قۇتىئتشنىڭ بۇرنىغا ۋە ئالچىلىرىدىن بىرنەچچىسىگە خەن لەشكەرلىرىنىڭ ئوقى تەگدى. كېچىدە شەھەر ئېلىنىدى، كانگىيە قوشۇنىدىن ئون مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئون نەچچە بۆلەككە بۆلۈنۈپ سېپىلنى ئوراپ ياردەم بەرمەكچى بولغان بولىسىمۇ ئوڭۇشلۇق بولمىدى. تاڭ يورۇش بىلەن سېپىلىنىڭ تۆت تەرىپىدىن ئوت كۆتۈرلۈپ خەن لەشكەرلىرى چۇقان كۆتۈرگىنىچە كانگىيە لەشكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى، ناغرا-دۇمباق ساداسى يەر-جاھاننى لەززىگە سالدى، كانگىيە قوشۇنلىرى چېكىندى. خەن لەشكەرلىرى شەھەرگە باستۇرۇپ كىردى، ئېغىر يارىلانغان قۇتىئۇش تەڭرىقۇت ئۆلدى. چاۋۇش بەگ دۇشۈن ئۇنىڭ كاللىسىنى كېسىۋالدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا قۇتىئۇشنىڭ ئالچىسى، ئوغلى، داڭلىق خانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1500 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرلۈپ، 140 دىن ئارتۇق ئادەن ئەسىرگە ئېلىنىپ، مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئەل قىلىندى. بۇ ۋاقىت مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 36-يىلى ئىدى[49]. شۇنىڭ بىلەن، ھۇنلارنىڭ خەن سۇلالىسى بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان كۈچى ئاخىر يوقىتىلدى. ھۇنلارنىڭ ئىچىكى قىسىمدىكى ئۇيانجۇت تەڭرىقۇتتىن باشلانغان 20 نەچچە يىللىق قالايمىقان ۋەزىيەت خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىميىتىنىڭ كۈچى ۋە ياردىمى ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھۇنلارنىڭ قايتا بىرلىككە كېلىشى 100 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتى (شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە يەنە پارچىلىنىپ كەتتى). قۇتىئۇش تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسى بىلەن دۈشمەنلىشىش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، مەركىزىي ھاكىمىيەتتىن بۆلۈنۈش يولىدا چىڭ تۇرغانلىقتىن، ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلدى. قوغۇشار تەڭرىقۇت بولسا خەن سۇلالىسىغا ئەل بولغان چاغدىكى دەسلەپكى ئارزۇسىغا سادىق بولغاچقا ئاخىرى مەقسىتىگە يەتتى.
قۇتىئوشنىڭ ئۆلۈمىدىن قوغۇشار تەڭرىقۇت ھەم خۇشال بولدى. ھەم قورقتى. خۇشاللىقى قۇتىئۇشنىڭ ئۆلۈشى بىلەن سىياسىي رەقىبى يوقىلىپ غەمدىن خالاس بولغانلىقىدىن بولسا، قورقۇشى قۇتىئۇشتىن ئىبارەت خەن سۇلالىسىنى چەكلەپ تۇرىدىغان كۈچنىڭ يوقۇلۇپ، خەن سۇلالىسىنىڭ ھەيۋىسىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئۆزى يالغۇز ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، كېيىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپ قۇتىئۈشتەك ئاقىۋەتكە قېلىشتىن ئەنسىرىگەن ئىدى. ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەن سۇلالىسىگە يېقىنلاشقاندىلا، ئاندىن بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايتتى. شۇڭا، ئۇ مەكتۇپ سۇنۇپ: « مەن خان بىلەن كۆرۈشۈشنى دائىم ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بولساممۇ، لېكىن قۇتىئۇش غەربتە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشىدىن قورقۇپ، خان ئالىيلىرىنى زىيارەت قىلالمىدىم. ھازىر قۇتىئۇش ئۆلتۈرۈلدى، شۇڭا خان ئالىيلىرىنى زىيارەت قىلغىلى بارماقچىمەن» دېدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 33-يىلى ئەتىيازنىڭ 1-ئېيدا ئۇ ئوردىغا زىيارەتكە كەلدى (بۇ ئۇنىڭ شىمالدىكى تەڭرىقۇت ئوردىسىغا قايتقاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى ئىدى) ئۇنىڭغا قىلغان قائىدە –يۇسۇن ۋە ئىنئاملار بۇرۇنقىدەك بولدى. ھەم كىيىم –كېچەك، تاۋار-دۇردۇن، سەرناق قاتارلىق نەرسىلەر خۇاڭلۈڭ 1-يىلىدىكىگە قارىغاندا بىر ھەسسە كۆپ تەقدىم قىلىندى. زىيارەت مەزگىلىدە قوغۇشار تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسىگە كۈيئوغۇل بولۇشنى ۋە دوستلۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يۈەندى ئارقا ھەرەمدىكى «ياخشى ئائىلىنىڭ پەرزەنتى» راڭ چياڭنى (يەنە بىر ئىسمى جاۋجۈن) ئۇنىڭغا ياتلىق قىلدى. قوغۇشار تەڭرىقۇت بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشاللىنىپ، جاۋجۈنگە «ھۇنلارنى ئەمىن قىلغۇچى ئالچى» نامىنى بەردى. ئارقىدىنلا يەنە خەن سۇلالىسىگە مەكتۇپ سۇنۇپ خەن سۇلالىسى ئۈچۈن شاڭگۇنىڭ غەربىدىن دۇنخۇاڭغىچە بولغان جايلارنى قوغداپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يەردىكى قۇرۇللارنى بىكار قىلىپ ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى. خەن سۇلالىسى «خاتىرجەملىك ئىچىدە خەۋپنى ئۇنتۇپ قالماسلىق»تەك ھوشىيارلىق بىلەن ئۇنىڭ تەلپىنى سىيلىق رەت قىلدى. ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 31-يىلى) ئۇ ئۆلدى[50].
قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. بۇ ئۇنىڭ شەخسى ئارزۇسىنىڭ نەتىجىسى بولماستىن، بەلكى خەنزۇ، ھۇن ئىككى مىللەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تارىخى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەرەر مەھسۇلى. ئەمما، ئۇ ئەينى چاغدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تارىخ ئېقىمىغا ئەگىشىپ، ھۇن خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈردى ھەم ئۆزىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى يىراقنى كۆرەرلىكى، قابىليىتى ۋە جاسارىتى ئارقىلىق ئاخىر خەنزۇ، ھۇن مىللەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شىمال بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق خەنزۇ ۋە ھۇن مىللىتى ئوتتۇرسىدىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتتى.
ھۇنلار كۆچمەن چارۋىچى مىللەت سۈپىتىدە قۇللۇق تۈزۈمدە تۇرۇۋاتقان، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە تۆمۈر قوراللار مەدەنىيىتى دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، چارۋىچىلىقى تەرەققىي قىلىپ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئايرىلىپ چىققان بولسىمۇ، ئومۇمىي ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يەنىلا كۆلىمى كىچىك، تېخنىكىسى تۆۋەن، قول ھۈنەرۋەنچىلىك تولۇق تەرەققىي قىلمىغان، مەدەنىيىتى ئارقىدا بولۇپ، ئەينى چاغدىكى خەنزۇلارنىڭ يۈكسەك تەرەققىي قىلغان فىئوداللىق ئىقتىسادى، مەدەنىيىتىگە سېلىشتۇرغاندا پەرقى ناھايتى زور ئىدى. «تۇز ۋە تۆمۈر ھەققىدە» دە ھۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئەھۋالى تەسۋىرلىنىپ: «ھۇنلارنىڭ يۇقىرىدا قانۇن- قائىدىسى، تۆۋىنىدە يېزىق- بەلگىسى يوق ئىدى. چېدىر- كەپىلەردە ئولتۇرۇپ كېگىزلەرنى تام قىلاتتى. شەھەر- قەلئەلىرى يوق بولۇپ، ئوردا- سارايلارنى قۇرمايتتى. كىيىم- كېچەك تىكەلمەيتتى. زىننەت بويۇملىرىنى ياسىيالمايتتى» دېيىلگەن. شۇڭا، ھۇنلار ئۆزلىرىنىڭ چارۋا ماللىرى ۋە يۇڭ- تېرىلىرىنى خەنزۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بويۇملىرىغا ئالماشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىدى. شۇ سەۋەبتىن باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدىن بۇيان ھۇنلار خەنزۇلار بىلەن چېگرا بازىرى ئېچىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ۋېندى دەۋرىدە جيايى: «ھۇنلار بازار ئېچىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق» دېگەنىدى [51]. جىڭدى دەۋرىدە ھۇنلار خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان چېگرا بازىرىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ۋۇدى تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللەردىمۇ بازار داۋاملىق ئېچىلىپ تۇردى. بازار ھۇنلارنى ئىنتايىن جەلپ قىلغان بولۇپ، تارىخىي ئەسەرلەردە «ھۇنلانرىڭ تەڭرىقۇتتىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى خەن سۇلالىسىگە يېقىنچىلىق قىلىپ، سەددىچىن ئارىلىقىدا بېرىپ- كېلىپ يۈرەتتى» دەپ خاتىرلەنگەن. كېيىن خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلار ئارىسىغا كەڭ- كۆلەملىك ئۇرۇش پارتلىغان بولسىمۇ، ھۇنلار خەنزۇلار رايونىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ياخشى كۆرگەچكە، بازاردىن ۋاز كېچىشنى خالىمىدى [52]. بۇنىڭدىن ھۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي ئېھتىياجى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بۇ خىل زۆرۈر مۇناسىۋەت دەل ھۇنلار بىلەن خەنزۇلار، شىمال بىلەن جەنۇبنىڭ بىرلىككە كېلىش ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى ئىدى.
ھۇنلار ئىقتىسادىي جەھەتتىلا خەنزۇلار بىلەن بازار ئېچىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالماستىن، يەنە مەدەنىيەت جەھەتتىمۇ خەنزۇلارنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق ئىدى. مەسلەن، ھۇنلارنىڭ خەنزۇلاردىن ھېسابلاش ۋە تىزىملاش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاھالە، چارۋا ماللىرىنىڭ ھېسابىنى قىلغان [53]. يەنە شەھەر سېلىش، قۇدۇق قېزىش [54]، مۆھۈر ياساش [55] قاتارلىقلارنى ئۆگىنىۋالغانىدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئەسىلىدىكى قالاق ھالەتتىن قۇتۇلۇپ، ئىجتىمائىي مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدا زور رول ئوينىغانىدى.
چېگرا بازىرى ئېچىش، ئەلچىلىك قىلىش، قۇدىلىشىش، ئۇرۇش، ئەسىرگە چۈشۈرۈش، ئەل بولۇش ۋە ئۆز- ئارا ئالاقە قىلىش قاتارلىق ھۇنلارئارىسىدا نۇرغۇنلىغان كىشلەر تەدىرجى ھالدا خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلدى. ۋېندى دەۋرىدىن بۇرۇنلا، تارىخىي ئەسەرلەردە «ھۇنلار خەنزۇلارنىڭ كىيىم- كېچەك ۋە يىمەك- ئىچمىكىگە ئامراق» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇنىڭدىن شۇ چاغدىكى ھۇنلارنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن قاتلىمىدىكىلەرنىڭ خەنزۇلارنىڭ ماددىي مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، ۋۇدى دەۋرىدىن كېيىن، كۆپلىگەن ھۇنلار خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان قۇدىلىشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مايىل بولدى ھەم نۇرغۇن خان، بەگلەر قوۋملىرىنى باشلاپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى [56]. بۇنىڭدا باشقا سەۋەب مەسلەن، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇش، ئىچكى زىددىيەت قاتارلىقلار بولسىمۇ، لېكىن خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلارغا بولغان ئۇززاق مۇددەتلىك كۈچلۈك تەسىر يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىسپاتقا ئېرىشتى [57]. مەسلەن، خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن ھۇنلارغا توشۇلغان تاۋار- دۇردۇن ۋە قول ھۈنەۋەرنچىلىك بۇيۇملىرى كېيىنچە تەدرىجىي ھالدا ھۇن ئاقسۆڭەڭلىرى ۋە ئادەتتىكى خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى بولۇپ قالغان بولۇپ، ھۇن قەبىرلىرىدىن دائىم دېگۈدەك خەنزۇچە ئۇسلۇپتىكى يىپەك كىيىملەر، بىرونزار ئەينەك، ئۈزەڭگە ۋە سىرلانغان ئەسۋاپلار تېپىلغان. بۇ خىل ئەھۋال خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلارنىڭ چېگرىداش جايلىرىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغان.
غەربىي خەن سۇلالسىىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھۇنلار گەرچە خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچىرغان بولسىمۇ، لېكىن ئىجتىمائىي ئىگىلىك ۋە تۇرمۇش جەھەتتە يەنىلا ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالدى. خەن سۇلالىسى ھەر قېتىم زور تۈركۈمدىكى ھۇنلارنىڭ ئەل بولۇشىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قورۇلغا يېقىن جايلاردا «قارام ئەل» (خەن سۇلالىسىگە تەۋەلىك بىلدۈرگەن، لېكىن مىللىي ئۆرۈپ-ئادىتىنى ئۆزگەرتمىگەن) تەسىس قىلىپ، ئۇلارنى «ئەسلىدىكى ئادىتى» (ئەسىلدىكى چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى) بويىچە ئورۇنلاشتۇردى [58] . بۇ دەل ھۇنلارنىڭ ئىگىلىك، تۇرمۇش ۋە ئۆرپ- ئادەت جەھەتتە يەنىلا ئۆزىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ھۇنلار بىرلا قوۋم بولماي، كۆپلىگەن قوۋمى ياكى قەبىلىلەردىن تۈزۈلگەن ئورتاق گەۋدە بولغانلىقى، ھەر قايسى قىسىملىرى نەچچە مىڭ چاقىرىم دائىرىگە تارقالغانلىقى ئۈچۈن، ئىجتىمائىي سەۋىيىسى ئوخشاش بولۇشى مۇمىن ئەمەس ئىدى. رايون جەھەتتە بەزىلىرى خەنزۇلارغا يېقىن بولغانلىقى (مەسلەن، خېتاۋ رايونىدا پائالىيەت قىلغان ئالوبان خان ۋە بايان خانلارنىڭ قوۋمى، كېيىن جاڭيېنىڭ يېقىن ئەتىراپىدا پائالىيەت قىلغان ئۇنىئۇت خاننىڭ قوۋمى) [59]، يەنە بەزىلىرى خەنزۇلاردىن يىراق جايلاشقلىقى (مەسلەن، بايقال كۆلى بويىدىكى ئۇكەن خاننىڭ قوۋمى، غەربىي يۇرتتىكى باتىس خان شانشانچاننىڭ قوۋمى، شەرقىي بارىكۆل خانى سىلىجىنىڭ قوۋمى) [60] ئۈچۈن، خەنزۇلارنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش دەرىجىسمۇ بىردەك ئەمەس ئىدى. بۇ خىل ئىقتىسادى، مەدەنىي، جۇغراپىيۋى ئامىللار ھەم سىياسىي، ھەربىي ئاممىلار ھۇنلاردا تەدرىجىي ھالدا قۇتىئۇش ۋە كىللىكىدىكى ۋە قوغۇشار ۋەكىللىكىدىكى خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئوخشىمغان پوزىتسىيە تۇتىدىغان ئىككى خىل ئىجتىمائىي كۈچنى شەكىللەندۈرىدى. ھالبۇكى، قوغۇشارنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشى يەنە بىر جەھەتتىن ھۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كۈچەيتىۋەتتى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرىۋەتتى. كېيىن شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە كەلگەندە، ھۇنلار رەسمىي ھالدا جەنۇب-شىمالدىن ئىبارەت ئىككىگە پارچىلىنىپ كەتتى. جەنۇبىي ھۇنلار كېيىنچە تەدرىجىي ھالدا فېئوداللاشقان بولسا، شىمالىي ھۇنلار قۇللۇق جەمئىيەتتىن ئىبارەت تارىخىي باسقۇچتا توختاپ قالدى.
ئەمما، بۇ خىل ئەھۋال-ـ ھۇنلارنىڭ قۇتىئۇش ۋە قوغۇشاردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈشى-بىلەن قوغۇشارنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشنىڭ غايەت زور تارىخى ئەھمىيىتىنى ھەرگىز تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ ھەم قوغۇشارنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشى پۈتكۈل ھۇن خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ھەرگىز ئۇيغۇن كەلمەيتتى، دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، ھۇن ئەمگەكچى خەلقى، جۈمىلىدىن قۇتىئۇش ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئەمگەكچى خەلق بىلەن خەنزۇ ئەمگەكچى خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەت توقۇنۇشى يوق بولۇپ، ئۇلار ئوخشاشلا ھۆكۈمرانلارنىڭ ئېكىسپىلاتاتىسىيىسى ۋە ئېزىشىگە ئۇچرايتتى، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت دوستانە ئىدى. ھۇنلاردا خەنزۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش دەرىجىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، خەنزۇ مەدەنىيىتىگە ئىنتىلىش دەرىجىسى بىردەك بولمىسىمۇ، خەنزۇلارغا ئەل بولۇش-بولماسلىق مەسىلىسىدە ئىختىلاپ بولسىمۇ، ئۇلار خەنزۇلار بىلەن ئۆزلىرى ئارىسىدا دۈشمەنلىك ھالەتنىڭ پەيدا بولۇشنى، بولۇپمۇ ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي خالىمايتتى. چۈنكى، ئۇرۇش ئىككى مىللەتنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ، ئىككى مىللەت خەلقىگە، بولۇپمۇ ھۇن خەلقىگە ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كېلەتتى. شۇڭا، ھۇن ئەمگەكچى خەلقى تىنچلىق، خاتىرجەملىكنى، خەنزۇلار بىلەن دوستانە ئۆتۈپ، بازار ئېچىپ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. بۇ نۇقتىدا مەيلى قوغۇشارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھۇن ئەمگەكچى خەلقى بولسۇن ياكى قۇتىئۇشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى بىردەكلىككە ئىگە ئىدى. قۇتىئۇش ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھۇن ئەمگەكچى خەلقىنىڭ ئۆز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالماسلىقى قۇتىئۇش باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ خەلقنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا مىلادىيدىن بۇرۇنقى 87-يىلى ۋۇدى ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئىككى تەرەپ 20 نەچچە يىل ئۇرۇش قىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر ئۆلۈم-يىتىم ۋە زىيانغا ئۇچراپ، ھۇنلار ھالىدىن كېتىپ، تەڭرىقۇتنىڭ تۆۋىنىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاقسۆڭەكلەر قۇدىلىشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىشقان بولۇپ، قۇلىقۇ تەڭرىقۇت (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 96~85-يىللار) ۋە غۇياندى تەڭرىقۇت (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 85~68-يىللار) خەن سۇلالىسى بىلەن قۇدىلىشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلاشقان. يەنە قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ ئاتىسى شۈرۇچانچۇ تەڭرىقۇتمۇ تىرخان تۇلقۇز قاتارلىقلارنى ئەۋەتىپ يارىشىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما تەڭرىقۇت ئۆلۈپ كەتكەچكە (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 60-يىلى) بۇ ئىش نەتىجىسىز قالغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى، خەنزۇ، ھۇن ئىككى مىللەتنىڭ ئەسكەرلەرنى ئارام ئالدۇرۇپ دوستانە بېرىش-كېلىش قىلىش خاھىشى ۋە شىمال بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە يۈزلىنىشى قوغۇشار تەڭرىقۇت تارىخ سەھنىسىگە چىقىش ھارپىسىدىلا پىشىپ قالغان، ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى قوغۇشار تەڭرىقۇت جىخۇشاندەك بىر سىياسىي جەھەتتە يىراقنى كۆرەرلىككە، قابىليەتكە ۋە ئىقتىدارغا ئىگە كىشىنىڭ بۇ تارىخىي ۋەزىپىنى ئۇرۇنلىشىنىلا كۈتۈپ قالغان ئىدى.
قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشى زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ تارىخىي ئەھمىيەت يەنە ئۆز نۆۋىتىدە قوغۇشارنىڭ خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.
بىرىنچىدىن، مىللىي مۇناسىۋەت جەھەتتە ئۇ خەنزۇ مىللىتى بىلەن ھۇن مىللىتى ئوتتۇرسىدىكى 150 يىللىق (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 201-يىلىدىن 51-يىلىغىچە) ئۇرۇش ھالىتىنى تىنچ، دوستانە مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى ھەم كېيىنكى جەنۇبىي ھۇنلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك دوستانە ھەمكارلىقىغا ئاساس سېلىپ، ئىككى مىللەت مۇناسىۋىتى تارىخىدا پارلاق سەھىپە ئاچتى.
ئىككىنچىدىن، سىياسىي جەھەتتە ئۇ «ئۈچ دەۋر(شيا، شاڭ، جۇ سۇلالىلىرى)دىن بۇيان غۇز، يۆلەر مەركىزىي ھاكىميەتكە بويسۇنماسلىق»تەك كونا ئەنئەنىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى يەرلىك ھاكىميەتلەرنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەركىزى ھاكىميىتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قۇبۇل قىلىشنى باشلاپ بەردى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئىلغار سىياسىيسى شىمالغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ، شىمال بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتىنى قۇيۇقلاشتۇرۇپ، شىمال بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۈچىنچىدىن، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتە خەنزۇ، ھۇن ئىككى مىللەتنىڭ تىنچ، دوستانە ئۈتۈشى، چېگرا بازارلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىماسلىقى ياكى ئاز ئۇچرىشى بىلەن ئىككى مىللەت ئەمگەكچى خەلقى بازار ئارقىلىق كۆپلەپ ئالاقە قىلىپ، ھۇنلار خەنزۇلاردىن كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئىگە بولۇپ، خەنزۇ مەدەنىيىتى ھۇنلارغا تېخىمۇ كۆپ تارقالدى. بۇنىڭ بىلەن، ھۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشى تېز يۈكسىلىپ، قالاق ھالەتتىن تېزلا قۇتۇلدى.
تۆتىنچىدىن، قوغۇشارنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇپ قۇتىئۇشنى يېتىم قالدۇرۇپ، ئۇنى غەربكە كۆچۈشكە مەجبۇر قىلىشى خەن سۇلالىسىنىڭ ئۇنى بويسۇندۇرۇشغا پايدىلىق بولدى. بۇنىڭ بىلەن ھۇنلارنىڭ 20 نەچچە يىللىق بۆلۈنمە ھالىتى ئاخىرلىشىپ، سىياسىي جەھەتتىكى قالايىمقانلاشقان ۋەزىيىتى تىنچىدى، بۇ ھۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە نۇپۇسىنى ئاۋۇتۇشقا پايدىلىق شارائىت ئىدى. شۇڭا، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 51-يىلى قوغۇشار تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇپ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 43-يىلى تەڭرىقۇت ئوردىسىغا قايتىپ كەتكۈچە بولغان ئارلىقتا ئاران ئالتە-يەتتە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، تارىختا خاتىرلەنگەن ”تەڭرىقۇتنىڭ خەلقى گۈللەنگەن‘‘ ھالەت شەكىللەندى ھەم قوغۇشارنىڭ ئۇرقىمۇ ” ئاتا -بوۋىلىرىنىڭ سەلتەنىتىنى ساقلاپ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇردى“ . يەنە قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ ئۇيانجۇت تەڭرىقۇت ۋە قۇتىئۇش تەڭرىقۇتقا قارىغاندا مۆتىدىل ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپ، خەن سۇلالىسى بىلەن دوستانە- ئىتپاق ئۆتۈپ ئۇرۇشنى توختاتقانلىقى، سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى ھۇن خەلقىگىمۇ پايدىلىق ئىدى. شۇڭا، قوغۇشار تەڭرىقۇت ئوردىسىغا قايتقاندا ھۇن خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تەۋە بولۇشنى ئارزۇ قىلىشتى ۋە ئارقا-ئارقىدىن ئۇنىڭغا تەۋەلىك بىلدۇرۇشتى. تارىخى ئەسەرلەردە قەيت قىلنىشچە، ”تەڭرىقۇت ئوردىغا قايتقاندىن كېيىن خەلق ئاستا-ئاستا يىغىلىپ، دۆلەت ئەمىنلىك تاپقان“. قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەچكە، قوغۇشار ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇقىدىكىلەرنىڭ خەنزۇلار بىلەن ھۇنلارنىڭ ئىتتىپاقىلىقى ۋە ھەمكارلىقىغا بولغان تونۇشىمۇ چوڭقۇرلاشقان. قوغۇشارنىڭ ئالچىسى جۈەنچۇ ” ھۇنلار ئون نەچچە يىللىق قالايمىقانچىلىقتا قىل ئۈستىدە قالغان ئىدى، خەن سۇلالىسىنىڭ ياردىمىدە ئاران ئەمىنلىككە ئېرشتى“ دىگەن بولسا، قوغۇشارنىڭ ۋاڭ جاۋجۈنگە ” ھۇنلارنى ئەمىن قىلغۇچى ئالچى“نامىنى بېرشىمۇ ھۇنلارنىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمىنلىككە ئېرشكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ ئوردىسىغا قايتقاندىن كېيىن خەن سۇلالىسى ئەلچىسى خەن چاڭ ۋە جاڭ مىڭلار بىلەن تۈزگەن ئىتتىپاقلىق ئەھدىمۇ ”بۇنىڭدىن كېيىن خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى بىر ئائىلىدەك يېقىن ئۆتىدۇ، ئەۋلادتىن –ئەۋلاتقا بىر –بىرىنى ئالدىمايدۇ“ دىگەننى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن. سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندىمۇ نەۋرە-چەۋرىلىرىگە ۋەسىيەت قىلىپ خەن سۇلالىسى بىلەن تۈزگەن ئەھدىنامىگە رىئايە قىلىپ خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، خەن پادىشاھىغا جاۋاپ قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. تاكى شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھۇنلار جەنۇب، شىمال ئىككىگە پارچىلىنىپ كەتكەن چاغدا (مىلادىيە 48-يىلى)، ئۇنىڭ نەۋرىسى شىلوشىيۇت تەڭرىقۇتنىڭ يەنىلا ”قوغۇشار“ نامىنى قوللىنىپ، خەن سۇلالىسى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمۇ ئۇنىڭ ”بوۋىسى خەن سۇلالىسىنىڭ شاپائىتىدە ئەمىنلىككە ئېرىشكەچكە نامىغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئويلىغانلىقى[61]“دىن بولغانىدى. بۇنىڭدىن قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇپ، خەن سۇلالىسى مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ياردىمىنى قۇبۇل قىلىشنىڭ ھۇنلارغا قانچىلىك چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا خەن سۇلالىسىنىڭ ھۇنلارغا كۆپلەپ كىيىم-كېچەك تەقدىم قىلىپ، نۇرغۇن ئاشلىق بېرىپ، ئۇلارنى ئەسكەر چىقىرىپ قوغدىشى، ھۇن تەڭرىقۇتى، شاھزادىسى، ئاقسۆڭەكلىرى، ۋەزىرلىرى، ئەلچىلىرى، مەلىكىلىرى ۋە ئاياللىرىنىڭ ئۈزۈلمەستىن خەن سۇلالىسىگە بېرىپ ئىنئاملارغا ئىگە بولۇشى ياكى خەن سۇلالىسى پادىشاھلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى، ئۇزۇن مۇددەت ياكى قىسقا مۇددەت خان ئوردىسى ياكى چاڭئەندىكى گاۋجيې كوچىسىدا (غەربىي خەن دەۋرىدىكى چېگرىدىكى مىللەتلەرنى كۈتۈۋالدىغان مېھمان ساراي تۇرۇشلۇق جاي) تۇرۇشىمۇ ئىككى مىللەتنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، تىل، ئۆرپ-ئادەت، كىيىم-كېچەك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە تەسىرىنى كۈچەيتتى. بۇلۇپمۇ ۋاڭ جاۋجۈننىڭ ياتلىق قىلىنىشى ئىككى مىللەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى ۋە مۇستەھكەملىدى. بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە ئىككى مىللەت ئوتتۇرسىدىكى قۇشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.
بەشىنچىدىن، قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشى خەنزۇ خەلقىگىمۇ ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. شىمال تىنىچلانغانلىقتىن، ”چېگرا-قۇرۇللاردىكى شەھەر قۇۋۇقلىرى ناھايىتى كەچ يېپىلدىغان، ئات ۋە كالىلار ھەممىلا يەردە يايلاپ يۈرىدىغان، ئۈچ ئەۋلات كىشىلەر جەڭ سىگىنالىنى ئاڭلىمايدىغان ۋە پۇقرالار ئۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدىغان بولدى“[62]. شىمالدىكى خەلقلەر 60 يىلغىچە (ۋاڭ ماڭ خەنزۇلار بىلەن ھۇنلار مۇناسىۋىتىنى بۇزۇۋەتكىچە) ئارام ئېلىپ ھاللىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇ تەبئىيكى خەنزۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا ناھايىتى پايدىلىق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خەنزۇ، ھۇن ئىككى مىللەت مەدەنيىتىنىڭ زور كۆلەمدە ئالمىشىشى ۋە ئىككى مىللەت خەلقىنىڭ قويۇق ئالاقىسى بىلەن خەنزۇ مەدەنىيتىمۇ ئوخشاشلا ھۇن مەدەنىيتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى ھەم خەنزۇلارنىڭ ئىقتىسادى، مەدەنىي تۇرمۇشى تېخىمۇ تولۇقلاندى ۋە بېيىدى. مەسلەن، خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ۋە خەنزۇ خەلقىنىڭ يىلىقچىلىقىنىڭ مىسلىسىز راۋاجلىنىشى ھۇنلار رايونىدىن ئاتنىڭ كۆپلەپ كىرگۈزۈلىشى ۋە ئات بېقىش تېخنىكىسىنىڭ تارقىلىپ كىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەن شىگۇ «خەننامە، جىڭدى ھەققىدە خاتىرە» گە ئىزاھ بەرگەندە «خەن يۇسۇنلىرىغا ئىزاھ» دېگەن ئەسەردىن نەقىل ئېلىپ، ئوردا مىراقۇلىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى 36 ئاتخانا شىمال ۋە غەربكە تارقالغان بولۇپ، جەمئىي 300 مىڭ ئات بېقىلاتتى، دېگەن. يەنە «تارىخىي خاتىرىلەر. ۋېي چىڭ ۋە قىران چەۋەنداز سانغۇننىڭ تەرجىمھالى» خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، يۈەنشۇ 2-يىلىدىكى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ھۆكۈمەت ۋە شەخسىلەر 140 مىڭ ئات چىقارغان. بۇنىڭدىن ئەينى چاغدا ھۆكۈمەت خەلقنىڭ يىللىقچىلىقىنىڭ ناھايىتى گۈللەنگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. يەنە «تۇز ۋە تۆمۈر ھەققىدە» 1-جىلىد «تېرىقچىلىق»دا، ھۇنلارنىڭ قېچىر تۆگە قاتارلىق ئۇلاغلىرىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىلىپ كىرگەنلىكى، ئاتنىڭ يەرلىك چارۋىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭدىكى ئەينى چاغدا ھۆكۈمەت ۋە خەلقنىڭ يىلىقچىلىقىنىڭ ناھايتى گۈللىنىشىنىڭ ھۇنلار رايونىدىن ئاتنىڭ كۆپلەپ كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ھۇن جىن مىتى ئات بېقىشقا ئۇستا بولۇپ، خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئات بېقىپ بەرگەن، «باققان ئاتلىرى سېمىز بولغاچقا »، خەن ۋۇدى ھەيران قېلىپ ئۇنى مىراخور كەھبەگلىككە تەيىنلىگگن، بۇ ئات بېقىش تېخنىكىسىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىلىشىنىڭ تىپىڭ بىر دەلىلى بولالايدۇ [63] خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تاش ئويما سەنئىتىدىنمۇ ھۇنلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇش تېمىسى ۋە ئۇسلۇبىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسى شىڭپىڭ ناھىيىسى ماۋلىڭدىكى خۇچۈبىڭ قەبرىسى ئالدىدىكى ھۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك زور تاش ئويما بۇنىڭ گەۋدىىك بىر مىسالىدۇ [64]. سەددىچىن سېپىلىنىڭ جەنۇبىدىنمۇ ھۇنلارنىڭ نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايقالغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۇن، خەنزۇ ئەمگەكچى خەلقىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى زىچ ئالاقىسىنى ۋە خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ ھۇنلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئالتىنچىدىن، خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۈرتتىكى ئابرۇيىنڭ ئۆسۈشى ۋە قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشىنىڭ تەسىرى بىلەن غەربى يۇرتتىكى ئەللەرمۇ خەن سۇلالىسىنى ھۆرمەتلەيدىغان بولدى. تارىخى ماتىرىياللاردا خاتىرىلىنىشچە، ئۇيسۇندىن ئارساكقىچە بولغان ئەللەرنىڭ ھەممىسى ھۇنلار بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان بولۇپ، ھۇن ئەلچىلىرى تەڭرىقۇتنىڭ خېتىنى [65] كۆتىرىپ بارسىلا ئۇلار تەخىرسىز ئوزۇق-تۈلۈك يەتكۈزۈپ بەرگەن. لېكىن خەن سۇلالىسى ئەلچىلىرى بارغاندا پۇل-مال چىقارمىسا يىگۈدەك ئاشلىق، مىنگۈدەك ئۇلاق تاپالمىغان، قوغۇشار تەڭرىقۇت ئەل بولغاندىن كېيىن ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ھەممىسى خەن سۇلالىسىنى ھۆرمەتلەيدىغان بولغان[66]. ۋاڭ جاۋجۈن مىلادىۈبۇرۇنقى 33-يىلى (خەن يۈەندىنىڭ جىڭنىڭ 1-يىلى) قوغۇشار تەڭرىقۇتقا ياتلىق قىلىنغان. «كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دىكى خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا ئۇ ياتلىق بولۇشتا ئۆزى «ھەرەمدىن چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان». ئۇنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ياتلىق بولۇشنى تەلەپ قىلىشى ئوردىغا كىرىپ نەچچە يىلدىمۇ ”خاننىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشەلمەي“ قىيدىغانلىقتىن بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭ خەنزۇ، ھۇن مىللىتىنىڭ ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتۈشىنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدىكى تونۇشى بىر قەدەر چوڭقۇر ھەم توغرا بولغان.
جاۋجۇن گەرچە ئوردىدا تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، خەنزۇ، ھۇن مىللەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى يەنىلا بىلەلىگەن «خەننامە. يۈەندى ھەققىدە خاتىرە» دە خاتىرلىنىشىچە:
جيەنجاۋ 3- يىلى (مىلادىدىن بۇرۇنى 36- يىلى) قىشتا، خەن يەنشۇ، چېن تاڭ قاتارلىقلار قۇتىئۇش تەڭرىقۇتنىڭ كاللىسىنى پايتەختكە ئەۋەتىپ بەرگەن. ئۇنىڭ كاللىسى ”يات قوۋملەر مېھمانسارىيى“ نىڭ دەۋازىسىغا ئېسىپ قويۇلۇپ سازايى قىلىنغان.
جيەنجاۋ 4- يىلى ئەتىيازنىڭ تۇنجى ئېيىدا، قۇتىئۇش تەڭرىقۇتنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى مۇناسىۋىتى بىلەن نەزىر- چىراق قىلىنىپ، پۈتۈن ئەل بويىچە چوڭ كەچۈرۈم ئېلان قىلىنىپ، ۋەزىر- ۋۇزىرالار زىياپەت بىلەن تەبرىكلەنگەن. قۇتىئۇش تەڭرىقۇتقا قىلىنغان جازا يۈرۈشى توغرىسىدىكى رەسىملەر ھەرەمدىكىلەرنىڭ كۆرۈشىگە بېرىلگەن.
جىڭنىڭ 1- يىلى ئەتىيازنىڭ تۇنجى ئېيىدا، قوغۇشار تەڭرىقۇت ئوردىغا زىيارەتكە كەلگەندە خەن يۈەندى قۇتىئۇشنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە قوغۇشارنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ، يىلنامىنى ”جىڭنىڭ“ (ئەمىنلىك) غا ئۆزگەرتكەن.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئوردا ۋە پۈتۈن مەمىلكەتنى لەرزىگە كەلتۈرگەن چوڭ ئىشلاردا ۋاڭ جاۋ جۈن پۈتۈنلەر خەۋەر تاپقان. بولوپمۇ قۇتىئۇشقا ئائىت رەسىملەرنىڭ ھەرەمخانىدا كۆرسىتىلىشى ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىدە ھۇن، خەنزۇ مىللەتلىرىنىڭ دوستلىشىشى ۋە دۈشمەنلىشىشنىڭ پايدا- زىيىنى ھەققىدە مۇئەييەن قاراش پەيدا بولۇپ بولغان. شۇڭا، قوغۇشار تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىش ئۈچۈن كۈيئوغۇل بولۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئۇ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇغا چىقىپ، ئۆز رازىلىقى بىلەن ”تىنچلىق ئەلچىسى“ رولىنى ئويناپ، ھۇن، خەنزۇ مىللەتلىرىنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەشتەك زور ۋەزىپىنى زىممىىسگە ئالغان. 2000 يىل ئاۋالقى فېئوداللىق جەمئىيەتتىكى بىر كېنىزەكنىڭ بۇنداق باتۇرانە ھەرىكىتىنى ھەقىقەتەنمۇ جەسۇرانە ھەرىكەت دىمەي بولمايدۇ.
ۋاڭ جاۋجۈن قوغۇشار تەڭرىقۇتقا ئەگىشىپ، شىمالدىكى تەڭرىقۇت ئوردىسىغا بارغان. ئۇ خەن سۇلالىسى ئۆتكۈزگەن ئۇزىتىش مۇراسىمىدا ناھايتى تەمىن، سالاپەتلىك تۇرغان. «كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە ئەينى چاغدىكى ئەھۋال تەسۋىرلىنىپ، «قوغۇشارنى ئۇزىتىش مۇراسىمىدا جاۋجۈن ناھايتى گۈزەللىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئىسىل سەرپايلار ئۇنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇپ تۇراتتى. ئۇنى ئۇزاتقىلى چىققانلار يولىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا تىللىرىنى چاكىلداتقىنىچە قاراپ تۇرىشاتتى»، دەپ خاتىرلەنگەن. ئۇ خەنزۇلار بىلەن ھۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇغانلىقتىن، ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى باشتىن- ئاخىر ناھايتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنلىغان. ئۇ ھۇنلار يېرىدە ئوغۇل- قىز پەرزەنت كۆرۈپ [67] چېدىر ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپ، مالنىڭ گۆشىنى يەپ، سۈت- قېتىق ئىچىپ كۆچمەن چارۋچىلىق تۇرمۇش كەچۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ئەڭ ئاخىرىغىچە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، قوغۇشار تەڭرىقۇت ئۆلگەندىن كېيىن (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 31- يىلى) ”ھۇنلارنىڭ ئادىتى بويىچە“ ئۇنىڭ چوڭ ئالچىسىدىن (بۇ ئىككىنچى ئالچى، جۈنجۇ ئالچى بىرىنچى ئالچى ئىدى) تۇغۇلغان. چوڭ ئوغلى فۇجۇرۇت تەڭرىقۇت داتاۋ بۇقاغا ياتلىق بولغان. ئەسلىدە ”ئاتىسى ئۆلسە ئۆگەي ئانىسىنى خوتۇنلۇققا ئېلىش“ ئادىتى ئىپتىدائىي توپ نىكاھ تۇرۇشنىڭ قالدۇغى بولۇپ، بۇ خىل ئادەت خەن سۇلالىسىدىكىلەرنىڭ قائىدە- يوسۇنى ۋە ئەينى چاغدىكى تارىخىي شارائىتتىن ئېيتقاندا قالاق ئادەت ئىدى. لېكىن ۇ ھۇنلاردا يەنىلا كەڭ تۈردە ساقلىنىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، ”ھۇنلارنىڭ ئەلچىسى“ بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋاڭ جاۋجۈن ئەگەر ”ھۇنلارنىڭ ئادىتى“ بويىچە ئىش قىلمىسا، ئادەتتىكى ھۇنلار ئارىسىدا ياخشى تەسرى قالدۇرمايلا قالماستىن، يەنە خەنزۇلار بىلەن ھۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىگىمۇ يامان تەسىر يەتكۈزۈپ قوياتتى. چۈنكى جاۋجۈن بىلەن تەڭرىقۇتنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى ماھىيەتتە خەنزۇلار بىلەن ھۇنلارنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنكاسى ئىدى. شۇڭا، ئەينى چاغدا خەن چېڭدىنىڭ جاڭجۈننىڭ قايتا ياتلىق بولماي خەن سۇلالىسىگە قايتىپ كېتىش توغرىسىدىكى مەكتۇبىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ”ھۇنلارنىڭ ئادىتى“ بويىچە ئىش كۆرۈش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرۈشى خەن سۇلالىسىنىڭ ھۇنلارنىڭ ئۆرۈپ- ئادىتىگە ھۆرمەت قىلغانلىقىنى ۋە ھۇنلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ دوستلىقىنى قەدرلىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ۋاڭ جاۋجۈن خەن سۇلالىسىنىڭ بۇ مۇددىئاسىنى چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكتىن، خەن چېڭدىنىڭ پەرمانىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، خەن سۇلالىسىگە كېتىش نىيىتىدىن يېنىپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، خەنزۇ، ھۇن بىلەن دوستلىقىنى ئەلا بىلىپ، خەنزۇلارنىڭ ئەنئەنىسىنى قائىدە- يوسۇنلىرىنىڭ بۇزۇلىشىغا پەرۋا قىلماي، ”ئوغلىنىڭ ئانىسىغا ئۆيلىنىشى“ (گەرچە ئۆز ئانىسى بولمىسۇمۇ) دەك ئادەتنى قۇبۇل قىلىپ،ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئورۇنداپ، خەنزۇ، ھۇن مىللەتلىرىنىڭ دوستلۇق، ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرغان.
خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قورۇلنىڭ سىرتىغا ياتلىق قىلىنىش ئادەتتىكى ئىش ئەمەس ئىدى. گاۋى، ليۇباڭ خەنزۇلار بىلەن ھۇنلارنىڭ تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ليۇجىڭنىڭ تەكلىپى بويىچە چوڭ قىزى لۇيۈەننى باتۇر تەڭرىقۇتقا ياتلىق قىلىپ قۇدىلاشماقچى بولغاندا، لۈ خانىش ئۇنماي:«نىمىشكە مېنىڭ قىزىمنى ھۇنلارغا تاشلاپ بېرىسىلەر؟» دەپ ئاھ ئۇرغان [68]. سۇدى سەلتەنەتتىكى ۋاقتىدا ئۇيسۇنلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ،بىرلىكتە ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا زەرب بېرىش ئۈچۈن، جياڭدۇ بېگى ليۈجىيەننىڭ قىزى شىجۈننى ئۇيسۇن كۈنبېگىگە ياتلىق قىلغان. لېكىن شىجۈن ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋەزىپىسىنى قىلچە تونىمىغاچقا، يات تۇرمۇشقا كۆنەلمەي، كۈن بويى غەمگە چۆكۈپ يۇرتىغا كەتكۈسى كېلىپ كەتكەن. شۇڭا:

ئۇزاتتى يىراققا مېنى تۇغقانلار،

ياتلىق قىلىشىپ ئۇيسۇن خانىغا.

ئۆيلىرى يۇمۇلاق كىگىز ئوتاۋكان،

ئۇلارغا گۆش- قېتىق تائام- ئۇزۇقكەن.

ئۆرلەيدۇ پىغانىم يۇرتنى ئەسلىسەم،

قۇش بولۇپ يۇرتۇمغا ئۇچۇپلا كەتسەم[69].


دەپ شېئىر يازغان.
ئۇنىڭ بۇنداق ھەسرەتلىك كەيپىياتى ۋە ئىپادىسى جاۋجۈننىڭ مەردانە روھلۇق ھالىتى ئەلۋەتتە پەرقلىنىدۇ.
«كېينكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە: «جاۋجۈن نەنجۈن ئايمىقىنىڭ زىگۇي ناھيىسىدىن، مۆمىن پۇقرا ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان» دەپ خاتىرلەنگەن. ئاتالمىش مۆمىن پۇقرا ئائىلسىنى كېيىنكىلەر تىۋىپلىق، باخشىلىق، سودىگەرچىلىك قىلمايدىغان ئائىلە دەپ ئىزاھلىغان. باشقا تارىخىي ئەسەرلەردىمۇ جاۋ جۈننىڭ ئەمەلدار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. بۇنداق بولغاندا، ئۇ دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىقمىغاندىمۇ، ھىچ بولمىغاندا ئاددىي پۇقرا ئائىلىسىدىن، ئومۇمەن ئۆز كۈچىگە تاينىپ ياشايدىغان ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، بۇنداق ئائىلىدىن كېلىپ چىقىش ئۇنىڭ خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنداق ئىكەن، شىجۈننىڭ ئىپادىسىنىڭ جاۋجۈننىڭ تامامەن ئەكسىچە بولۇشىنى ئۇنىڭ ئاقسۆڭەك ئائىلىدىن كېلىپ چىققانلىقى ۋە ھەشەمەتلىك تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دىيىشكە بولمايدۇ.
جاۋجۈننىڭ ياتلىق قىلىنىشى زور تارىخىي ئەمىيەتكە ئىگە. بىرىنچىدىن، خەنزۇ، ھۇن ھەر ئىككى تەرەپ بۇ ئىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ جاۋجۈنگە ”ھۇنلارنى ئەمىن قىلغۇچى ئالچى“ نامىنى بېرىشى بۇ نوقتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. 1954- يىلى ئىچكى موڭغۇلنىڭ باۋتۇ شەھىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ماتۇ يېزىسىدىكى خەن سۇلالىسى قەبرىسىدىن چىققان غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە مەنسۇپ بولغان ”تەڭرىقۇت بىلەن قۇدىلاشتۇق“ ، ”ياشىسۇن ئەمىنلىك“ ، ”مەڭگۇ ئاسايىشلىق بولغاي“ دېگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن ساپال كاھىشلارمۇ [70] خەن سۇلالىسىنىڭ جاۋجۈننىڭ ياتلىق قىلىنىشىغا ناھايتى ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈردۇ.
ئىككىنچىدىن، جاۋجۈننىڭ ياتلىق قىلىنىشى خەنزۇ، ھۇن مىللەتلىرىگە تىنچلىق، دوستانىلىق ئۇرۇقىنى چاچقان. شۇڭا ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قىزى شۈبۇ قۇنچۇيى يۈن ۋە كۈيئوغۇلى شۈبۇ تان يەنىلا ئۇنىڭ ھايات چېغىدىكى ئەقىدىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، داۋاملىق تۈردە خەنزۇ، ھۇن ئىككى مىللەتنىڭ تىنچ، دوستانە ئۆتۈشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئۈچىنچىدىن، ۋاڭ ماڭ دەۋرىدە خەنزۇ، ھۇن ئىككى مىللەتنىڭ ئالاقىسى كۆپ ھاللاردا جاۋجۈندىن ئىبارەت مۇشۇ شەخسنىڭ مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان. ئەينى چاغدا خەنزۇ، ھۇن ئىككى تەرەپكە ۋەكىل بولۇپ، ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئارازچىلارنى تۈگەتكەن ۋە ۋاڭ ماڭنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەنلەر. جۈملىدىن شۈبۇ قۇنچۇيى يۈن، شۈبۇ تان، بۈيۈك جورچى شى (جاۋجۈننىڭ نەۋرىسى، داڭيۈ قۇنچۇيىنىڭ ئوغلى)، شىتۇ خان (جاۋجۈننىڭ جىيەنى) ۋە سادىخېڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جاۋجۈننىڭ تۇققانلىرى ئىدى. بۇنىڭغا جاۋجۈننىڭ خەنزۇلار بىلەن ھۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە تۇتقان ئورنى ۋە قالدۇرغان چوڭقۇر تەسىرىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
جاۋجۈننىڭ ئۆلگەن ۋاقتى ۋە يېرى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق. لېكن ئۇنىڭ چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى تەڭرىقۇت ئوردىسىدا ئۆلگەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ [71].


ئىزاھاتلار:


[1] يەنە «تارىخىي خاتىرىلەر» 5- جىلد، «چىن بەگلىكلىرى ھەققدىە خاتىرە» دە خۇيۋېنۋاڭنىڭ چۇگېڭ 7- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 318- يىلى) «خەن، جاۋ، ۋېي، يەن، چى بەش بەگلىك ۋە ھۇنلار قوشۇن باشلاپ چىن بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلغان» دەپ خاتىرىلەنگەن بولسىمۇ، ئىشەنچىلىك بولمىغاچقا ئىشىلتىلمىدى. چۈنكى، «تارىخىي خاتىرىلەر»دىكى خەن، جاۋ، ۋېي، يەن، ۋە چۇ بەگلىرى ھەققىدىكى خاتىرە ھەم «يېغىلىق دەۋرىدىكى تەدبىرلەر. چىن بەگلىكىنىڭ تەدبىرلىرى»دە ئەينى چاغدا بەش بەگلىك (ياكى ئالتە بەگلىك)نىڭ چىن بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا ھۇنلارنىڭ قاتناشقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» دىمۇ شۇ يىلى «چۇ، خەن، جاۋ، ۋېي ۋە يەن بەگلىرى بىرلىشىپ قوشۇن چىقىرىپ چىن بەگلىكىگە جازا يۈرۈش قىلىپ، خەنگۇ قورۇلىغا ھۇجۇم قىلدى، چىن بەگلىكى قوشۇن چىقىرىپ ئۇلارغا تاقابىل تۇردى، بەش بەگلىكنىڭ قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى» دەپ خاتىرىلەنگەن. ھۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ماتىرىياللاردىمۇ ھۇنلارنىڭ چىن بەگلىكىگە قىلىنغان ھۇجۇمغا قاتناشقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. شۇڭا، «چىن بەگلىرى ھەققىدە خاتىرە» دىكى «ھۇنلار قوشۇن باشلاپ» دېگەن سۆز خاتا يېزىلىپ قالغان بولسا كېرەك. [2] يېغىلىق دەۋرىدە چىن بېگى خۇيۋېنۋاڭ ئالوبان ناھىيىسىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، ئورنى ھازىرقى سەنشى ئۆلكىسىدىكى سۇشيەن ناھىيىسىنىڭ شەرقىدە. شۇڭا، «پەندى-نەسىھەتلەر» دىكى «ئالوبانلارنىڭ تۆۋىنى» ھازىرقى سەنشىنىڭ شىمالىنى كۆرسىتىدۇ.
[3] «تارىخىي خاتىرىلەر» 110-جىلىد «ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»
[4] س.دورجى سورۇڭ: «شىمالىي ھۇنلار قەبرىلىرى».
[5] جيايى «شىننامە» 1-جىلىد «چىن بەگلىكى ھەققىدە مۇھاكىمە».
[6] «خەننامە» 49-جىلىد «چاۋسونىڭ تەرجىمھالى».
[7] «تارىخىي خاتىرىلەر» 6-جىلىد «چىن شىخۇاڭ ھەققىدە خاتىرە»، 15-جىلىد «ئالتە بەگلىك يىلنامىسى».
[8] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
[9] «تارىخىي خاتىرىلەر. ليۇجىڭنىڭ تەرجىمھالى».
[10] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، «خەننامە» 52-جىلىد، «خەن ئەنگونىڭ تەرجىمھالى»، 2-جىلىد، «خۇيدى ھەققىدە خاتىرە» 5-جىلىد، «جىڭدى ھەققىدە خاتىرە».
[11] «شىننامە» 3-جىلىد «مىس ۋە رەخت».
[12] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»،
[13] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»،
[14] «خەننامە» 6-جىلىد «ۋۇدى ھەققىدە خاتىرە».
[15] «خەننامە» 52-جىلىد، «خەن ئەنگونىڭ تەرجىمھالى».
[16] خەن سۇلالىسى دەسلەپتە چىن سۇلالىسىنىڭ كونا كالېندارىنى قوللانغان بولۇپ، 10-ئاي يىلنىڭ بېشى قىلىنغان. شۇڭا، ئاۋال قىش، ئاندىن ئەتىياز، ياز بايان قىلىنغان. ۋۇدىنىڭ تەيچۈ 1- يىلىدىن باشلاپ كالىندار ئۆزگەرتىلىپ، ئەتىيازنىڭ تۇنجى ئېيى يىلنىڭ بېشى قىلىنغان.
[17] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، 108 – جىلد «خەن چاڭرۇنىڭ تەرجىمىھالى»، «خەننامە» 6- جىلد، «ۋۇدى ھەققىدە خاتىرە»، 52- جىلد «خەن ئەنگونىڭ تەرجىمىھالى».
[18] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، 111- جىلد «ۋېي چىڭ ۋە قىرران چەۋەنداز سانغۇننىڭ تەرجىمىھالى» 109-جىلد، «لى سانغۇننىڭ تەرجىمىھالى».
[19] «تارىخي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» ، 111 – جىلد، «ۋېي چىڭ ۋە قىرران چەۋەنداز سانغۇننىڭ تەرجىمىھالى»، 112-جىلد «ۋېي سانغۇننىڭ تەرجىمىھالى».
[20] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
[21] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە». 111-جىلىد «ۋېي سانغۇننىڭ تەرجىمھالى»
[22] «تارىخىي خاتىرىلەر» 30-جىلىد «بازارنامە توغرىسىدا»
[23] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» ۋە 111-جىلىد «ۋېي سانغۇننىڭ تەرجىمھالى»
[24] كىچىك ياۋچىلار ياۋچىلارنىڭ بىر تارمىقى. ياۋچىلار ئەسلىدە چىن، خەن دەۋرىدىلا دۇنخۇاڭ ۋە چىلىيەن (تىليەن) تېغى ئارلىقىدا (ھازىرقى گەنسۇدىكى خېشى كارىدورى ئەتراپدا) چارۋىچىلىق قىلغان بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 174-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە ھۇنلار تەرپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى رايونىغا كۆچۈپ كەتكەنلىرى ئۇلۇغ ياۋچىلار، چىليەن تېغى ئەتراپىدا قېلىپ چىياڭلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلاشقانلىرى كىچىك ياۋچىلار دەپ ئاتالغان.
[25] «تارىخي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، 111– جىلد، «ۋېي چىڭ ۋە قىرران چەۋەنداز سانغۇننىڭ تەرجىمىھالى».
[26] «تارىخي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، 111– جىلد، «ۋېي چىڭ ۋە قىرران چەۋەنداز سانغۇننىڭ تەرجىمىھالى»، 123-جىلىد «پەرغانە تەزكىرىسى»، 20-جىلىد «جيەنيۈەن يىللىرىدىن بۇيانقى تۆرىلەرنىڭ يىلنامىسى»
[27] «تارىخي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، 111– جىلد، «ۋېي چىڭ ۋە قىرران چەۋەنداز سانغۇننىڭ تەرجىمىھالى».
[28] ياۋچىلار مىلادىيدىن بۇرۇنقى 174-يىلى ھۇنلار تەرپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن خېشى كارىدورىدىن غەربكە كۆچۈپ ھازىرقى ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا كۆچۈپ كەلگەن كېيىن، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 150-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە يەنە ئۇيسۇنلار تەرپىدىن قوغلىنىپ ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئامۇ دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ باكتېرىيىگە بويسۇنۇپ، ئولتۇراق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى باشلىغان تەخمىنەن ۋۇدىنىڭ يۈەنسۇ 1-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 128-يىلى) جاڭ چيەننىڭ ئۇلارنىڭ يېرىگە بېرىشى خەن سۇلالىسى بىلەن غەربىي يۇرتنىڭ ئالاقىسىنىڭ باشلانغانلىقى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
[29] ئۇيسۇنلار دەسلەپتە ياۋچىلار بىلەن بىللە دۇنخۇاڭ ۋە چىليەن (تىلەن) تېغى ئارىلىقىدا چارۋىچىلىق قىلغان، يولباشچىسى ناندومى ۋاقتىدا ياۋچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، يېرى ئىگە قىلىۋېلىنغاندىن كېيىن ھۇنلارنىڭ يېرىگە قېچىپ بارغان. ناندومىنىڭ ئوغلى راغومىنى تەڭرىقۇت بېقىۋالغان، ئۇ چوڭ بولغاندا كىئوك تەڭرىقۇت ئۇنىڭ قىساس ئېلىشىغا ياردەم بەرگەن. شۇ چاغدا ياۋچىلار باتۇر تەڭرىقۇت تەرپىدىن تارمار قىلىنىپ، خېشى كارىدورى ئەتراپىدىن ھازىرقى ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا كۆچۈپ كەتكەن ئىدى. كۈنبەگ غەربتىن ياۋچىلارغا ھۇجۇم ياۋچىلار خانىنى ئۆلتۈرگەچكە، ياۋچىلار ئامالسىز يەنە ئامۇ دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەتكەن. ئۇيسۇنلار ئىلى دەرياسى ۋادىسىدائولتۇراقلىشىپ قېلىپ قىزىل قورغان شەھىرىنى (ھازىرقى شىنجاڭدىكى ئۇنسۇ ناھىيسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى نارىن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا)پايتەخت قىلىغان. خەن ۋۇدىنىڭ يۈەنگۇاڭ 2-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 115-يىلى)جاڭ چىيەن ئۇيسۇنلارغا ئەلچىلىككە بېرىپ ئىتتىپاق تۈزگەندىن كېيىن، شىجۈن ۋە جيې تۈ ئىككى مەلىكە ئىلگىرى- كېيىن، ئۇيسۇن كۈنبەگلىرىگە ياتلىق قىلىنغان.
[30] «تارىخي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، «پەرغانە تەزكىرىسى»، «بازارنامە توغرىسىدا»، «خەننامە»، 96- جىلد «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»، «كېيىنكى خەننامە»، 90- جىلد «ئوغانلار ھەققىدە قىسسە»، 87-جىلد «غەربىي چياڭلار ھەققىدە قىسسە».
[31] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» 8-جىلد «شۈەندى ھەققىدە خاتىرە».
[32] «خەننامە»، 7-جىلد «جاۋدى ھەققىدە خاتىرە».
[33] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، «ۋېىي چىڭ ۋە قىران چەۋەنداز سانغۇننىڭ تەرجىمھالى».
[34] تۈەنشۇ 2-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 121 يىلى) ئەتىيازدا خۇچۈبىڭ 8000دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. يازدا يەنە 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئەسىر ئالغان (»تارىخى خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»)، لى گۇاڭ 3000 دىن ئارتۇق ئادىمىنى ئۆلتۈرگەن (»خەننامە. ۋۇدى ھەققىدە خاتىرە»)تۈەنشۇ 4-يىلى ۋېي چىڭ 19 مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈرگەن،ۋە ئەسىر ئالغان («خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»)، ھەممىسىنى قوشقاندا 130 مىڭدىن ئارتۇق.
[35] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
[36] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»گە نەقىل قىلىپ ئېلىنغان «شىخېدىكى كونا ئىشلار».
[37] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دىكى كاتاۋۇل خۇيىڭنىڭ يەندىگە سۇنغان مەكتۇبى. [38] ۋاڭ شيەنچيەن «خەننامىگە تولۇقلىما. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دە شېن چىنخەننىڭ «ئەتراپتىكى ئەللەر»دىن ئالغان نەقىلى.
[39] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»
[40] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»
[41] « تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە». [42] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دە ۋۇدىنىڭ يۈەنسۇ 3-يىلى قىشتا ئېچىغسە ئۆزىنى تەڭرىقۇت دەپ ئېلان قىلىپ، كۈن تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى يۇتاننى ئۆلتۈردى. جاۋدىنىڭ شىيۈەن 2-يىلى ئانا ئالچى تەڭرىقۇتنىڭ ئۆز ئوغلىنى ۋارىس قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، ئادەم ئەۋەتىپ سول قول بۈيۈك كاھبەگنى ئۆلتۈردى. ۋېيلۈ ۋە جۈەنچۇ ئالچى تىل بېرىكتۈرۈپ غۇياندى تەڭرىقۇتنى تەختكە چىقاردى. سول قول بىلىك خان، ئوڭ قول خان تەڭرىقۇت بېكىتىش ئۈچۈن ئەجدەربالىقتا ئېچىلغان قۇرۇلتايغا قاتناشمىدى دەپ خاتىرىلەنگەن.
[43] «خەننامە. شۈەندى ھەققىدە خاتىرە»
[44] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
[45] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دىكى ۋاڭ ماڭنىڭ بەش سانغۇننى ئەۋەتىپ ”ھۇن تەڭرىقۇتىنىڭ مۆھۈرى“نى ئۆزگەرتكەنلىكىگە قاراڭ. «ئۇزۇق-تۈلۈك تەزكىرىسى»دە ”شۈەندى تەڭرىقۇتقا تەقدىم قىلغان مۆھۈر پادىشاھنىڭكىگە ئوخشاش“دېيىلگەن.
[46] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، «شۈەندى ھەققىدە خاتىرە» ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى تۈزگەن «جۇيەندىكى خەن سۇلالىسى پۈتۈكلىرى» ئىزاھنىڭ 74-بېتى، (1957-يىلى ئىلىم-پەن نەشرىياتى نەشرى).
[47] تۇغ تەڭرىقۇت مىلادىيدىن بۇرۇنقى 57-يىلىدىكى ”بەش تەڭرىقۇتلارنىڭ ھاكىميەت تالىشىشى“ دىكى تەڭرىقۇتنىڭ بىرى، كېيىن ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۇنىڭ ئىنىسى شۇشۈن خان غەربتە ئۆزىنى رۇڭجىن تەڭرىقۇت دەپ ئاتاپ، ئۇزۇن ئۆتمەي قۇتىئۇش تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. تۇغنىڭ كىچىك ئىنىسى قوغۇشارغا ئەل بولغان.
[48] بۇ چاغدا دىڭلىڭلار شەرق، غەربتىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، شەرقىي قىسىمدىكى دىڭلىڭلار يەنىلا ھازىرقى بايقال كۆلى بويىدا چارۋىچىلىق قىلغان. غەربىي دىڭلىڭلار بولسا ئېرتىش دەرياسى ۋە بالقاش كۆلى ئارلىقىدا چارۋىچىلىق قىلغان.
[49] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، 70-جىلىد «چېن تاڭنىڭ تەرجىمھالى»، 9-جىلىد «يۈەندى ھەققىدە خاتىرە».
[50] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
[51] «شىننامە» 4-جىلىد «ھۇنلار»
[52] « تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
[53] « تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دە ”جۇڭ خاڭيۆ تەڭرىقۇتنىڭ ئوڭ قول، سول قول خانلىرىغا ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ سانىنى ئېلىشنى ئۈگەتتى“ دېيىلگەن.
[54] شەھەر قۇرۇش، قۇدۇق قېزىشنى ئەسلىدە چاڭشۈي ھۇنلىرىدىن بولغان ۋېي لۈ ھۇنلارغا ئۆگەتكەن. ئەمما ۋېي لۈ خەن سۇلالىسىدە ئۇزۇن يىل ئەمەلدار بولۇپ تۇرغان بولۇپ، خەنزۇلارنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى چوڭقۇر ئۇچرىغان (خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، 54-جىلىد «لى گۇاڭ، سۇن لىڭ تەرجىمھالى»). شۇڭا شەھەر قۇرۇش، قۇدۇق قېزىش ئۇسۇلىنى ۋېي لۈ خەنزۇلاردىن ئۆگىنىپ، ھۇنلارغا ئۆگەتكەن.
[55] ۋاڭ گوۋېينىڭ «گۇەنتاڭ توپلىمى» 18-جىلىد «ھۇن ۋەزىرىنىڭ مۆھۈرى ھەققىدە». [56] «تارىخىي خاتىرىلەر» 20-جىلىد «جيەنيۈەن يىللىرىدىن بۇيانقى تۆرىلەرنىڭ يىلنامىسى» ۋە «خەننامە» 8-جىلىد «شۈەندى ھەققىدە خاتىرە»، 17-جىلىد «جىڭدى، ۋۇدى، جاۋدى، شۈەندى، يۈەندى، چېڭدى دەۋرىلىرىدىكى تۆھپىكار ۋەزىرلەرنىڭ يىلنامىسى»، «ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
[57] بۇ جەھەتتە ئارخېئولوگىيلىك ماتېرىياللارنىڭ بىر قىسىمىنى جۇڭگو تارىخ مۇزىيىدىن، بىر قىسىمىنى «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى»نىڭ 1957-يىللىق 4-سانىدىكى لى يىيۇنىڭ «ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ غەربىدىكى ھۇن ۋە خەن دەۋرى يادىكارلىقلرى»دىن كۆرۈڭ.
[58] «خەننامە. ۋۇدى ھەققىدە خاتىرە»، «شۈەندى ھەققىدە خاتىرە»، «تارىخىي خاتىرىلەر. ۋېي چىڭ ۋە قىران چەۋەنداز سانغۇننىڭ تەرجىمھالى».
[59] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، «خەننامە» 28-جىلىد «جۇغراپىيە تەزكىرىسى»، « ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
[60] «خەننامە» 54-جىلىد «سۇۋۇنىڭ تەرجىمھالى»، «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى». [61] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، «كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
[62] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
[63] «خەننامە» 68-جىلىد «جىن مىللىتىنىڭ تەرجىمھالى»
[64] «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى» نىڭ 1955-يىللىق 10-سانىدىكى ۋاڭ زىيۈننىڭ «غەربىي خەن دەۋرىدىكى خۇچۈبىڭنىڭ تاش ئويمىسى» دېگەن ماقالىسىگە قاراڭ.
[65] ھۇنلارنىڭ ئەسلىدە يېزىقى يوق بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەن سۇلالىسىگە يازغان خەتلىرىنى خەنزۇلار خەنزۇ يېزىقىدا يېزىپ بەرگەنلىكى شۈبھىسىز، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇيسۇن ۋە غەربتىكى باشقا ئەللەرگە يازغان خەتلىرىنى زادى قايسى يېزىقتا يازغانلىقى ھەققىدە تارىخىي ماتېرىياللاردا مەلۇمات بولمىغاچقا، بىر نېمە دېمەك تەس.
[66] «خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى».
[67] جاۋجۈن بىر ئوغۇل، ئىككى قىز تۇققان، ئوغلى ئىتجىياس (قوغۇشاردىن تۇغۇلغان) كېيىن ئوڭ قول باتىس خان بولغان. چوڭ قىزى يۈن ئوڭ قول شۈبۇتانغا ياتلىق بولغانلىقى ئۈچۈن شۈبۇ قۇنچۇيى، كىچىك قىزى داڭيۈ ئۇرۇقىغا ياتلىق بولغانلىقى ئۈچۈن داڭيۈ قۇنچۇيى دەپ ئاتالغان (ئىككىلا فۇجۇرۇت تەڭرىقۇتتىن تۇغۇلغان).
[68] «تارىخىي خاتىرىلەر» 99-جىلىد «ليۇ جىڭنىڭ تەرجىمھالى».
[69] «خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى».
[70] «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى» نىڭ 1955-يىللىق 10-سانىدىكى ئىچكى مۇڭغۇل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەت پونكىتى ئېلان قىلغان «باۋتۇ شەھىرىنىڭ غەربىدىكى خەن قەبرىلىرىنى ئېنىقلاپ رەتلەش دوكلاتى».
[71] ئىچكى مۇڭغۇلدىكى كۆكخوت شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى داخېيخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا بىر جاۋجۈن قەبرىسى بولۇپ، قاچان قۇپۇرۇلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى يازما ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، جاۋجۈن قەبرىسى ئەڭ دەسلەپ تاڭ دەۋرىدىكى دۇيۈ يازغان «ئومۇمىي قامۇس»نىڭ 179-جىلىدىدا تىلغا ئېلىنغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يۆشى يازغان «تىنچ-ئاسايىش يىللاردىكى خاتىرىلەر» نىڭ 38-جىلدىدا يەنە ”كۆك قەبرە“ تىلغا ئېلىنغان ھەم جاۋجۈننىڭ قەبرىسى دائىم كۆپكۆك ئوت-چۆپلەر بىلەن قاپلىنىپ تۇرغاچقا ”كۆك قەبرە“ دەپ ئاتالغان، دېيىلگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى توقتۇ يازغان «لياۋ سۇلالىسى تارىخى» 1-جىلىد «تەيزۇ ھەققىدە خاتىرە» ۋە 41-جىلىد «جۇغراپىيە تەزكىرىسى»دىمۇ جاۋجۈن قەبرىسى ۋە ”كۆك قەبرە“ ھەققىدىكى بايانلار خاتىرىلەنگەن. جاۋجۈننىڭ ياتلىق قىلىنىشى ۋە جاۋجۈن قەبرىسى توغرىسىدىكى تەپسىلىي ئەھۋاللار مۇئەللىپنىڭ باش مۇھەرىرلىكىدە تۈزۈلگەن، ئىچكى مۇڭغۇل خەلق نەشرىياتى 1979-يىلى نەشر قىلغان «جاۋجۈن ۋە جاۋجۈن قەبرىسى» دېگەن كىتابتا خاتىرىلەنگەن.

مەنبە: «ھونلارنىڭ ئومومىي تارىخى» ناملىق كىتاب

1

تېما

5

دوست

2884

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 14:24:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى مەزمۇنلار ئىكەن ، بىراق مەزمۇنلار بەكرەك كۆپ ئۇزۇن ئىكەن ، تەپسىلىي ئوقۇيمەن دىسەم نۇرغۇنلىغان ئىشلىرىمدىن قالغۇدەكمەن ،   كىيىنچىرەك ۋەقىت چىقىرىپ تەپسىلى ئوقۇپ كۆرۈپ باقارمەن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

19

دوست

3974

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1149
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 18:51:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرغۇن ئالماسنىڭ  ھۇنلار  دىگەن  كىتابى بىلەن  ئوخشامدۇ نىمە  

0

تېما

0

دوست

1076

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33767
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 19:16:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تارىخي تېمېلارنى يوللاۋاتىسىز .تەشەككۇر

1

تېما

0

دوست

2201

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30232
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 662
توردىكى ۋاقتى: 142
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 20:10:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلىۋالدىم ۋاقت چىقىرىپ بىر چۈشىنىپ ئوقۇي، كېين بىرنىمە دەپ ئىنكاس تەھرىرلىۋالامەن، باغداشنىڭ مۇشۇ يىرى بەك ياخشى، ئىنكاسنى قاچان تەھرىرلسە بولىدۇ ھەم ئۈچۈرگىلى.

0

تېما

12

دوست

741

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   48.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34230
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 216
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 01:41:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
babur-7 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 18:51
تۇرغۇن ئالماسنىڭ  ھۇنلار  دىگەن  كىتابى بىلەن  ئوخشامدۇ ...

ياق، ئۇنىڭ دەل ئەكسى..... بۇنى لىن گەن يازغان ‹‹ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى›› دەپ
تۇرغۇن ئالماس، ‹‹ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى›› دەپ يازغان.  لىن گەن يازغان بۇ كىتاپنىڭ
كىرىش سۆزىنى ئوقۇسىڭىزلا ئاچچىقىڭىز كەپ قالىدۇ......

0

تېما

0

دوست

1002

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33838
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 282
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 09:42:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ساقلىۋالاي .

4

تېما

1

دوست

918

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   83.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33673
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 274
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 10:47:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )