قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1159|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىرلا تېجارەت بىلەن ئۆزىڭىزنى چۈشەپ قويماڭ!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

4

دوست

5045

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1413
توردىكى ۋاقتى: 315
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-23
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuxlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 14:32  

بىرلا تېجارەت بىلەن ئۆزىڭىزنى چۈشەپ قويماڭ!


ئاپتورى:پەرھات ئەمەت

بىزدە" كۆنگەن يامانمۇ،كۆيگەن؟"دېگەن بىرسوئال بار،بۇ سوئال سۆيگۇ مۇھەببەتنىڭمۇ ئادەتلەنگەن كۈچ بىلەن مۇناسۋەتلىك ئىكەنلىكنى چۈشەندۇرۇپ تۇرۇپتۇ.
جاۋاب شۇكى:-كۆنگەن يامان.
ئادەملەردىكى ئادەتلىنىش كۈچى ئاجايىپ سېھىرلىك ئىكەنكى ئۇ خۇددى جىددى تورمۇزلىغاندا ئالدىڭىزغا ئىختيارسىز سىلىجىغاندەك تەبىئيلىككە ئىگە.مۇشۇنداق تەبئىيلىك ئادەملەرنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ  نۇرغۇن تەرەققىيات پۇرسەتلىرى كۆز ئالدىمىزدىلا "تىيلىپ كېتىپ"شۇنىڭ بىلەن قولدىن كەتمەكتە.
تېجارەت دېگەن بىر جەڭ مەيدانىغا ئوخشايدۇ،ئۇنىڭدا  تېنچ ياشاش مۇمكىن ئەمەس سىزنىڭ ھەرقاچان ئېلشقنىڭىز ئېلشقان،يا مەغلۇب بولىسزياكى ئۇتۇپ چىقىسز،بۇ قانداقتۇر تاللاش، شاللاش مەسلىسى ئەمەس بەلكى ئالغا ئىلگىرلەش يولىڭىزدىكى قېيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈش- ئۆتەلمەسلىك مەسلىسدۇر .بۇ ھەرگىزمۇ قىمارغا ئوخشاش تەۋەككۇلچىلىك ئەمەس، بەلكى ئەتراپلىق پىلان تۈزىدىغان،يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسدىغان سوغۇققانلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىلىم دېسەكمۇ بولىدۇ.ھەر كۈنلۇك تېجارىتىڭىزنى باشلىغان چېغىڭىىزدا بۇ كۈنىڭىزنىڭ مەڭگۈ ئوخشاش ھالدا  تەكرارلىنىپ  ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلامسىز؟ياكى  باشقا يېڭى يول تېپىشنى شۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى قايتىدىن بايقاپ بېقشىنى خالامسىز؟ ناۋادا سىز قورقۇنچاق بولمسىڭىزلا بۇنداق ئويلىنش پۇرستىنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيسىز،ئەگەر  سودىڭىز ھەرقانچە ياخشى بولسمۇ شۇ تار يولدا مەڭگۈ مېڭشنى قارار قىلغان بولسىڭىز ئۇنداقتا شۇنىڭغا ئىشىنمەنكى ئۇزاققا قالماي بۇ ئىشتىن  بىر بولسا ئۆزىڭىز زىرىكىسىز بىر بولسا  باشقىلار سىزنى مەجبۇرى زىرىكتۇرىدۇ.
مۇشۇ يەردە بىز ئاندىن نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن باشقا سودا بىلەن شۇغۇللىنشقا قاراپ ماڭغانلىقىنى،نېمشقا تۇيۇقسىزلا  نىشاننى ئۆزگەرتىپ  مىڭ تەسلىكتە قۇرغان شىركەتنى ئۆتۈنۈپ بېرىۋاتقانلىقنىڭ ھەقىقى سەۋەبىنى بىلەلەيمىز.بىزدە ‹ئۆتكۈزۇش›دېگەن سۆز مەغلۇپ بولغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ،پالانچى دۇكان ئۆتكۈزگەن بولسا بىز دەرھال:«ھە ئۇنىڭ سودسى يۈرۈشمەي قاپتۇدە»دەپ ئويلايمىز،ئەمەلىيەتتە ھەقىقى تېجارەتچى تېخىمۇ ئەمەلىيەتچان بولىدۇ،باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە پىسەنت قىلمايدۇ،يېڭلىنىش ،ئۆزگىرىش ،ئالمىشىش جەريانىدا ئۆزلىرنىڭ تېخىمۇ ماس كېلدىغان تەرەپلىرىنى تاپماقچى بولىدۇ. مېنڭچە بىر داڭلىق ماركا ئۆزنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ  قالالايدۇ.بۇنىڭ سەۋەبىمۇ ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا يېڭلىنىش بولۇپ تۇرغانلىقىدا.ھاياتى كۈچكە ئىگە بىر شىركەت گويا شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرۋاتقان ئېقىنغا ئوخشايدۇ،ھەرگىزمۇ تىنچ كۆلدەك  بىر خىل ھالەتنى ساقلاپ تۇرمايدۇ.
ئۆزگىرش _دۇنيانىڭ خاراكىتىرى،ئادەملەر ھامان يېڭلىققا ئېنتىلىدۇ،شۇڭلاشقا بۇ خىل قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلىماقچى بولسىڭىز ئۇنداقتا ،سىز دۇكانىڭىزدىن چىقماي ئولتۇرۇڭ،مۇشۇ خىزمەتنى قېرىپ پىنسىيگە چىقىقۇچە ئىشلەڭ،باشقا تىجارەتلەرگە قىزىقماڭ،بۇنداق قىلسىڭىز ناھايىىتى تېزلا مەغلۇپ بولۇپلا قالماي ھەتتا سالامەتلىكڭىزمۇ ئۇپىرايدۇ.

مىللەتلەر توغرىسدا پاراڭ بولغاندا ھەتتا بىز ئۆزىمىزمۇ ئۆزىمىزنى «قېنى قىززىق مىللەت»دەيمىز."قېنى قىززىق" بولغانلىقنى  مەلۇم نۇقتىدىن مەدھىيلەش كېرەك.مېنىڭچە مۇشۇنداق" قېىنى قىززىق" مىللەتنىڭ ئۆز- ئۆزىنى چۈشەپ قويدىغان تەرەپلىرىمۇ ناھايىتى ئاز بولىدۇ.بىر خىل تىرىم ھاياتقا كۈنۈكمەيدۇ،ئۇ خۇددى بەزىدە ئاساۋ ئاتتەك ھەريان چېپىپ جاھاننىڭ ئىشلىرىنى بىلگۈسى كېلىدۇ،ھازىرقى زاماندا مۇشۇنداق روھ بەكمۇ قىممەتلىك.
بىز ئۇيغۇرلار ئۆز كەسپنى بەكمۇ قەدىرلەيمىز،بۇ قەدىرلەش خۇددى ناننى چوڭ بىلىپ ئۇنى داستىخاندىن ئايرىمغاندەك ئالاھىدلىككە ئىگە،بىزدە ئاتا كەسىپگە ۋارسلىق قىلىۋاتقان تالاي ئۇستاز شاگىرتلەر بار.سودا ساھەسدىكى چوڭ  شىركەتلەرمۇ كۆپىنچە ئائىلىۋى جەمەتنى ئاساس  قىلغان،بۇنداق مەركەزلىك سودا قىلىش ئەندىزسى ھازىرقى زاماندا ئاز -تولا خىرسقا دۇچ كەلمەكتە. مېنڭچە سودا بىر ئائىلىدىن،بىر يۇرۇتتىن بىر شەھەردىن ھالقىپ چىقالماسلىقى ئۇنىڭ تەرەققى قىلمغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چوڭ ئىشلارنى روياپقا چىقىرىش ئسىتىكى بولغاندا ئۆز دائىرىمزدىكى سودا بىلەنلا شۇغۇللىنىش ئەندىزسىدىن قۇتۇلۇشقا باشلايمىز.بۇ بىزنىڭ ئىچمىزدە ئاجايىپ بىر كۈچنى قوزغىتىدۇ.ئۆزىمىز قىلىۋاتقان بىزگە ئاجايىپ شەرەپ تۇيغۇسى بىرىۋاتقان بۇ كەسپىلەرنىڭ ،بۇ سودا تېجارەتلىرىمىزنىڭ ئەسلىدە تولىمۇ كىچىك ساھە ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭدىن ھالقىپ تەرەققى قىلىشنىڭ  بىز ئۈچۈن قانچلىك جىددى زۆرۇرئىكەنلىكنى ھېس قىلالايمىز.

قوشۇمچە:

رولنى كىم تۇتۇشى كېرەك؟

كەسپنى موللاشتۇرۇش،سەرخىللەشتۇرۇشكە ئەھمىيەت بېرىش بىر شىركەتنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان تەرىپى،ئۆزىڭىز شۇغۇللىنىۋاتقان سودا تېجارىتىڭىزنى باشقىلارغا ئاز تولا مائاش بىرش ئارقىلىق قىلىش ئىمكانيىتي بولسىلا ئۆزىڭىز بېسىپ قىلىپ كەتمەڭ،بازار ئېچىشقا ئەڭ مۇۋاپىق ئادەم ئۆزىڭىز تۇرۇپ بۇنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويماڭ،ھازىر شىركەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ياكى دېرىكتورلىرى ئالى بېزەلگەن ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ بازار ئېچىشنى ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارغا بەرمەكتە.مېنڭچە سىز ئىشخانىڭىزدا ئاشۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئولتۇرۇغۇزۇپ ئۆزىڭىز بازار ئېچشىڭىز كېرەك.چۈنكى بۇ بازارنى بۇ سودا ساھەسىنى سىزدەك چۈشىندىغان ئادەم يوق.سىز رىقابەتچلىرىڭىزنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنمۇ ھەممىدىن ئوبدان بىلدىغان،خېرىدارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلدىغان تۇرۇقلۇق يەنە ئۆزىڭىز ئارقا سەپكە ئۆتىۋالسىڭىز بۇنىڭدا خاتالاشقان بولىسىز.
شىركەتنىڭ ھەيدەكچىلىك كۈچى مەڭگۈ سىزنىڭ قولىڭىزدا،سىز ئەتراپىڭىزدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيسىز،ئۇلارغا مۇكاپات ئەمەس سىزنىڭ ئىككى ئېغىز سۆزىڭىزمۇ كاتتا ئېلھام بولالايدۇ.مېنىڭچە باشقۇرغۇچى ياكى دېرىكتور يۇۋاش،ئىچ مىجەز بولماسلىقى كېرەك.دېرىكتورلا ئەمەس شىركەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى قوبول قىلغاندا ئۇلارنىڭ پائالىيەتچان ياكى ئەمەسلىكىنى قوبول قىلش شەرتلىرى ئىچىگە كىرگۈزۇش كېرەك.
ئەگەر بىر قاچا سۇدا ئۆلۈك بېلىقلار بولسا ئۇنىڭدا ھېچقانداق تەۋرىنىشمۇ بولمايدۇ،تىپتاسلىق بۇخىل ھاياتى كۈچنىڭ قارمۇ قارشى تەرىپىدە بولىدۇ.شۇڭلاشقا شىركەتتىكى ئەزالارنىڭ پائالىيەتچان ياكى ئەمەسلىكى بىر شركەتنىڭ ھاياتى كۈچنى كۆرستىپ بېرلەيدۇ.
ۋەدسىدە تۇرۇش،راستچىل بولۇش،ئاقىل بولۇش،تەمكىن بولۇشتەك خاراكىتىرىڭىز ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ قوغلىشىش دائىملىق نىشانى بولالايدۇ. سىز قەدەملەرنى ئوڭۇشلۇق باسمسىڭىز شىركەتمۇ تەس كۈنگە قالىدۇ.شۇڭلاشقا سىز دېرىكتور بولۇڭ ياكى باشقۇرغۇچى بولۇڭ شىركەتتىكى رولىڭىزنىڭ مۇھىملىقنى ھېس قىلىشىڭىز كېرەك.ماشىنىنى ھازىر ئاپتوماتىك ھەيدەشكە بولىدۇ لىكىن شىركەتنىڭ رولىنى قويىۋىتىپ ئاپتۇماتىك تەرەققى قىلغىلى بولمايدۇ.ئۇ رول سىزنىڭ قولىڭىزدىن چىقىپ كەتمسۇن.


2015-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى يېزلدى.

0

تېما

0

دوست

1311

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27571
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 428
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-23
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
  بىر كۇنى ئابتۇبۇستا ئولتۇرسام بىر ياش بالا لىكسىيە سۆزلىنىدۇ قاتنىشامسىز دەيدۇ ،قانداق لىكسىيە دىسەم تىجارەت توغرىسىدا دىگەنتى ھەيران قىلىپ ،«ھەي ئۇكام تىجارەتنى لىكسىيە سۆزلەپ ئۆگەنمەيدۇ ،پەقەت ئەمەلىي ئىش بىلەن ئۆگىنىدۇ دەپ بىر قاينىسام ئەمسە لىكسىيەنى سىز بىزگە سۆزلىسىڭىز بولغۇدەك دەيدۇ .
   شۇڭا دەيمەن كەچكىچە باي بولىمىز پۇل تاپىمىز دەپ قايناپ يۇرگەننىڭ ئورنىغا 2كويلۇق پايپاقنى دەسمى سىلىپ تىجارەت قىپ باقىلى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

7

تېما

4

دوست

5045

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1413
توردىكى ۋاقتى: 315
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-23
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بىز قىلغان تېجارەتنى ئۇلار قىلمايدۇ،ئۇلار سۆزلگەننى بىز چۈشەنمەيمىز،مۇشۇنداق جاھانكەن

0

تېما

14

دوست

3707

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   56.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1069
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-23
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بىر تىجارەتنى  رەتكە سىلىپ  ئوبدان مىڭۋاتسا   بەزىلەر  بىر ئىشنى قىلىۋىرىشتىن  زىرىكىدۇ  ،  يەنە بىر ئىشنى قىلغۇسى  كىلىدۇ  ،  يەنە بىر كەسىپنى ئۆگىنىپ  ئۇنى ئىگەللەپ  رۇياپقا  ئەچىقىش ئۈچۈن  خىلى  ۋاقىت كىتىدۇ  ،  شۇ جەريانىدا  پۇلدىن  ، ۋاقىتتىن  زىيان  تارتىدىغان گەپ   .

شۇڭا كىچىك ئىشتىن باشلاپ  چوڭيىشقا قاراپ ماڭسا تەجرىبە -ساۋاقلىرى  ئاشىدۇ  ، مەغلۇپ  بۇلۇشمۇ  ئاز بۇلىدۇ  .

0

تېما

0

دوست

244

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   81.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32942
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 79
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-21
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ىز قىلغان تېجارەتنى ئۇلار قىلمايدۇ،ئۇلار سۆزلگەننى بىز چۈشەنمەيمىز،مۇشۇنداق جاھانكەن
        قىززىق گەپكەن بۇ

0

تېما

2

دوست

3837

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   61.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1156
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-21
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش

0

تېما

2

دوست

3481

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   49.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13559
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 313
تۆھپە : 841
توردىكى ۋاقتى: 157
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-23
7#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:58 |ئايرىم كۆرۈش
ئولتۇرغاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن ئەۋزەل،تۇرغاندىن ماڭغان ئەۋزەل.

0

تېما

0

دوست

1016

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33838
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 284
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-23
8#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:34 |ئايرىم كۆرۈش
bambuk يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 16:46
بىر كۇنى ئابتۇبۇستا ئولتۇرسام بىر ياش بالا لىكسىيە سۆ ...

ئۆيدىكى ھىساپ بازارغا توغرا كەلمەيدىغاننى  ئاندىن  بىلىدۇ  زادى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )