- تىزىملاتقان
- 2014-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2248
- نادىر
- 1
- يازما
- 45
ئۆسۈش
8.27%
|
سەت ئىشلار (2)
ئابدۇرەھمان ئەفغانىي
ئامبۇلاتورىيە خالالىرىنىڭ سېسىقلىقى بىمارلارنىڭ بىر كېسىلىنى ئىككى قىلدى. كۈنلەر ئۆتۈپ مۇتەخەسسىسلەر كەلدى. باش دوختۇرنىڭ قورسىقى ئاغرىپ كېتىپ، ھاجەتخانىغا ماڭدى. سېسترا ئۇنى توستى: «سىزنى ياندىكى بىناغا ئېلىپ چىقاي، بۇ يەردىكى كېسەللەرنىڭ نىجاسەتلىرى سىزنى بىئارام قىلىپ قويمىسۇن.»
ناتىق ئەڭ يۈكسەك ماھارەت بىلەن نۇتۇقىنى تاماملىدى. ھەممە ھاياجانلىنىپ، يېتۈكلۈككە قاراپ ئۆزگەرمەكچى بولدى. بىراق ئىككى سائەتتىن كېيىن، ئۇ نۇتۇق ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمىدى.
باشلىق يېقىنقى كۈنلەردە بەك ھاكاۋۇرلىشىپ قالدى. قەدىناسى ئۇنى مېھمان قىلىپ قەبرىستانلىققا ئاپارغانىدى، ئۇ شۇ زامان ئۆزگەردى.
ئادەملەر ئۆزىچە ھەر نەرسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. زاتەن ھەممە ئىش ھۇزۇرىدىن قالغانىدى. مىسال بۇكى، كىشىلەر ئاۋۋالقىلاردەك ساياھەتكە چىقىدۇ، ئەمما ئۇلار توختىماي رەسىمگە چۈشىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش باراۋەتتە بولغانلىقىنى كىشىلەرگە سۇخەن ئەيلەپ، ئۇلارنىڭ ئىچىنى قىزىل ئەتمەكچى.
ناسارالار سانىنىڭ نېمىشقا كۆپلىكىنى ئەمدى بىلدىم. ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا مۆجىزىلەر كۆپ چۈشۈپتىكەن ئەمەسمۇ؟! ھەم بۇ ئاچچىق ساۋاقتىن بىر ئۇلۇغ ساۋاتنى ئالدىمكى، ئەقلى كورلار كۆزى بىلەن كۆرگەنگىلا ئىشىنىپ، مەۋھۇم ھەقىقەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.
بەزەنلەر يازدا مەش قويدى، قىشتا شامالدۇرغۇچ ئىزدىدى. ۋاي دادام، ۋاي! ئۇلار ئەجەبا مېنىڭ بۈگۈن سەھەردە: «مۇھىمنىڭ مۇھىمىنى تېپىش مۇھىم» دەپ كىشىلەرنى ئويغاتقىنىمنى ئىشتمىغانمىدۇ؟!
ئەقىل ۋە ھېسسىيات تەڭ بولسا، ئىنسان ۋە ئىنسانىيەت سائادەتنى تاپىدۇ. ئەقىلسىزلەر سەلتەنەتتىن، ھېسسىياتسىزلار مۇھەببەتتىن مەھرۇم قالىدۇ.
تۆمۈرچى ئۆمۈرۋايەت ھارۋا - مەپە بىلەنلا ھەپىلەشتى. ئۇنىڭ كاللىسىغا بىرەر قېتىممۇ مېخانىك بولۇپ بېقىش ئويى كەلمىدى. ناۋايمۇ ھەم شۇ: ئۇ ئەتىدىن كەچكىچە نان ياقىدۇ، يېقىپ بولۇپ تونۇر بېشىدا خېرىدار كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ. لېكىن ئۇمۇ بىرەر نۆۋەت شۇ نانلارنى ماركىلىق خاپانلارغا قاچىلاپ، غەربكە سېتىپ باقمىدى.
سامساق پىيازغا دېدى:
___ ھېي سولتەك، تولا يوغان چىچما! سېنىڭ گەۋدەڭ كەڭرى بولغىنى بىلەن بىرسەن، مېنىڭ بولسا ئارقىمدا لەشكەرلىرىم كۆپ. ۋاقتى كەلگەندە...
___ ئەسلى سەن ئۆزۈڭنى تۇيۇۋال! مەن يالغۇز، بۇ راست. ئەمما ئاچچىقىمنى تېشىمغا چىقىرىپ سالماي، بولمىسا ئۆزۈم يالغۇزمۇ ھەممىڭگە تېتىيمەن.
ئەمەلىيەتكە ھەممە سەل قاراپ، شەكىلگە ھەممە سەپسالدى. بىناغا ئوت كېتىۋىدى، كىشىلەر ئۇنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئالدىرىدى. بىراق ئۇ يەرگە بىرمۇنچە مۇخبىر ئۈنۈپ، چېلەك - چۆگۈنلەردە سۇ كۆتۈرۈپ ماڭغانلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ، كۆرگەن - بىلگىنىنى ياكى ئىچكى تەسىراتىنى سۆزلىگىلى سېلىش بىلەن ئاۋارە قىلدى.
ماۋ زېدۇڭ زامانىسىدا مەتو سانىلىدىغان يامىقى بار ئىشتان - كۆڭلەكلەر شى جىنپىڭ دەۋرىدە مودا قارالدى. قىزچاقلار ناتۇرال گۈزەللىكىگە ئىشەنمەي، دورا بىلەن ئۆزىنى پەردازلىدى.
ئويلاپ باقسام، چەتئەلدە مەكتەپ كۆپكەن، بۇ يەردە دوختۇرخانا. جىمى بايلار دوختۇرخانا سېلىۋاتىدۇ. تازا سەت ئىش - تە بۇمۇ! نەچچە قەۋەتلىك بىر دوختۇرخانىنىڭ ئاۋۇغىنى شۇنچە قەۋەتنى توشقۇزىدىغان بىمارنىڭ كۆپىيىشى كېرەكلىكىنىڭ بىشارىتى ئەمەسمۇ؟!
قوشنامنىڭ تېلىفۇن كەلسە چىقىدىغان مۇزىكىسى ھەم سەت، ھەم قوپال ئىدى. قوشنام ھەر قېتىملا ئەنسىزلىك بىلەن تېلىفۇننى ئالاتتى. كىم بىلسۇن، بىر يىلدىن كېيىن ئۇ بىچارە يۈرەك كېسىلى بىلەن جېنىدىن ئايرىلدى.
ئەر - يىگىتلەر ئېشەكلەشكەچ قىز - ئاياللار موزايلاشتى. قىزلار پەقەت بىر قېتىملىق خېرىت بولدى. ھېچكىم مەندەك سىڭلىسى بىلەن تالاغا چىققاندا، شۆلگەيچىلەرنىڭ نومۇسسىز قاراشلىرىدىن ئامانەتنى مۇداپىئە قىلمايدۇ.
نەچچە كۈن بولدى، بوغۇزىمغا ھېچ تاماق تېتىمايدۇ. خوتۇنۇم گۈرۈچكىمۇ گىرىم قىلغانمىكىن، ئىشقىلىپ ئەتكەن تامىقىمۇ ئۇپا پۇراپ قاپتۇ. كېيىن ئۇقسام، ئۇنىڭ سۈركىگەن بىرنېمىلىرىنىڭ جىقلىقىدىن سۇمۇ چىقىرىپ بولالماپتۇدەكمىش.
مۇقەددەس كىتاب ئېگىز تەكچىلەردە توپا يېدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇنى ھۆرمەتلىگىنى ئىدى. ھېچكىم ئۇنى ئېلىپ ئوقۇشقا پېتىنالمىدى، «ئېگىز جايدا قويۇپ ئىززەت بىلەن ئاۋايلاپ قويساقلا كۇپايە» دېدى. دەرىخا، ۋادەرىخا! ئۇ كىتابنىڭ ئىچىدە ھەممە ئىلغارلىق، ھەممە سەھىھلىك ۋە ھەممە سەھىللىك بار ئىدى. ئۇ ئۆزىنى ئوقۇغانلارنى دۇنياغا رەھنەما قىلىۋېتەتتى. ئەمما ئەپسۇس...
ئەمەلدارلار ئاۋۋال مۇئامىلىسىنى ھەممىگە باراۋەر قىلماقتا يوق، «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دېگەندەك «ئىجىل ئۆتۈڭلار!» دەپ شوئار توۋلايدۇ.
ئىشخانىدىكىسى بىكار ياتىدۇ، يانچۇقىدا پۇل ئېشىق. تېشىدىكى ئىشلەمچىلەر پۈتۈن كۈن ئەمگەنىدۇ، تاپقان پۇلى ئىككى بالىسىغا ئاران يېتىدۇ، ئايالى بىلەن ئۆزى يەنىلا غۇربەتچىلىكتە. ھەق ھامان بىر كۈنى قانۇندىن سورايدۇ: « مەكتەپلەردە تولۇق ئوقۇپ دىپلوم ۋە ئۇنۋاندىن بىرەرنى ئېلىۋالغانلار شۇندىن كېيىن مەڭگۈ يالقاۋلىق بىلەن ھالاۋەتتە ياتسا بولامدۇ؟ ئەسلىدە شۇنداق بىلىم ئەھلىلىرى ئىش ئورۇنلىرىغا تارتىنماي بېرىپ ئۆزى باشچىلىق قىلغان بولسا، نەتىجە باشقىچە بولار ئەمەسمىدى؟» قېنى، شۇ چاغدا ئۇ نېمە دەپ ئاغزىنى ئۇچلايدىكىن؟!
بىر شۋېد خۇاڭخې دەرياسىدا ئۆلگىلىۋاتاتتى. ئۆتۈۋاتقان بىر خەنزۇ ئۇنىڭغا قاراپ: «قۇتقۇزاي دېسەم، يات ئەلدىنكەنسەن» دېدى. ئەي ئىنسانلار، ئۆلۈۋاتقىنى ئاشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئەزىز ھاياتنىڭ ئىگىسى ئىدى، ئۇمۇ ھەممە كىشى كەبىلا تىرىك جانغا تەشنا ئىدى. ئەجەبا بىزگە ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇھىممىدى، ئىنسانپەرۋەرلىكمىدى؟
داموللام كۈندە ئوخشاش تەبلىغ قىلىدۇ. ئارىمىزدا بايرام ئوغرىلىرى جىقايدى. قوينى ياخشى كۆرىمىز، دېيىشىدۇ تېخى. ھۇ يالغانچىلار! ئۇلار قوينى ئەمەس، ئۇنىڭ مەززىلىك گۆشىنى ياخشى كۆرۈشىدۇ. كۈچلۈك كۈچسىزنى بوسۇنچۇق بىلگەندە، ناھەقچىلىككە چىدىيالمىغان كۈچسىز ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا تەدبىرلەندى. يۈز يىلدىن كېيىن، تارىخقا كۈچسىزلەر «زالىم» دەپ يېزىلدى، دۇنيا ئۇلارنى تىللىدى.
ئىنسان بىلەن بۇ دۇنياغا بۇرادەر بولۇپ كەلگەن بىرسى بار ئىدى. ئۇ ئىنساننى نامەلۇم بىر بېكەتتە بىر ئۆمۈر ساقلاپ تۇراتتى. ئەمما ۋاپاغا خىيانەت قىلىپ كۆنگەن بەزىلەر ئۇ بۇرادىرىنى چورتلا ئۇنتۇپ كەتتى. لېكىن ئۇ ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايتتى. ئادەملەر ئۇنى يادىدىن چىقىرىۋەتمىگەندە، دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان پەسلىكلەر ۋە دۆتلۈكلەر، ئەدەپسىزلىكلەر ۋە شەرەپسىزلىكلەر ئاپىرىدە بولمىغان بولاتتى. ئۇ ___ ئۆلۈم، ئىدى. ئەجەبا ئىنسانلار «قۇرئان كەرىم»دە بىر قانچە رەت تەكرارلانغان «كۇللۇ نەفسىن زائىقەتۇل مەۋتى»① دېگەن ئايەتنى بىلمەمدۇ؟!
① ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر.
2015 - يىلى فېۋرالنىڭ ئوتتۇرىلىرى، قاراقاش
|
|