قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6250|ئىنكاس: 24

«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»غا دائىر سىز ئۇقمايدىغان مەخپىيەتلىكلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

13

دوست

5745

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 365
تۆھپە : 1572
توردىكى ۋاقتى: 718
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 10:35:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»غا دائىر سىز ئۇقمايدىغان مەخپىيەتلىكلەر




− لى شۆفېڭنىڭ ئەسلمىسى
    ج ك پ پارتىيە تارىخى نەشرىياتى نەشر قىلغان «<مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى> توغرىسىدىكى ئەسلىمە» دېگەن كىتابقا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ سابىق كاندىدات ئەزاسى لى شۆفېڭنىڭ «مەدەنىيەت زور »ئىنقىلابىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى ھەققىدىكى ئەسلىمىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قىسقارتىلمىسى تۆۋەندىكىچە:
       لىن بياۋ لو رۇيچىڭنى قەستلىمەكچى بولغاندا لو رۇيچىڭ سەزمىگەن
    1965-يىلى 7-دېكابىر، شاڭخەيگە بېرىپ مەركەزنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالدىم. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى يىغىن مەزمۇنىدىن خەۋەرسىز ئىدىم. يىغىن 9-دېكابىردىن باشلاپ ئېچىلدى. يىغىنغا لىن بياۋ رىياسەتچىلىك قىلدى، رەئىس ماۋ زېدۇڭ يىغىنغا قاتناشمىدى، يىغىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى لو رۇيچىڭنى تەنقىدلەش ئىدى. لو رۇيچىڭنى تەنقىد قىلىشنىڭ سەۋەبى مۇنداق ئىدى، لىن بياۋ نويابىردا يې چۇننى سۇجۇدىن لو رۇيچىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا خاڭجۇدا تۇرۇۋاتقان ماۋ زېدۇڭنىڭ قېشىغا خۇپىيانە ئەۋەتكەن. يې چۇن خاڭجۇغا بېرىپ ماۋ زېدۇڭنىڭ كاتىپى شۈ يېفۇ بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ خاڭجۇدىن لىن بياۋغا تېلېفون بېرىپ، رەئىسكە بىرەر نەرسە يېزىپ ئەكىرىپ بېرىش ھەققىدە يوليورۇق سورىغاندا، لىن بياۋ يې چۇننى تەنقىدلەپ: ئەخمەقلىق قىلما، بەكمۇ دۆت ئىكەنسەن، دېگەن. بۇنىڭ مەنىسى سەن رەئىسنى بىۋاسىتە ئىزدە، دېگەنلىك بولۇپ، يې چۇن رەئىسنى يەنە ئىزدەپ بېرىپ، باغاقچە يېزىپ، كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۇ رەئىس بىلەن كۆرۈشەلەيتتى.
   ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، يې چۇن رەئىسكە بەش سائەت سۆزلىگەن قىلغان، رەئىسمۇ ئۇنىڭ گېپىنى بەش سائەت ئاڭلىغان. رەئىس ھەممە ئىشنى تەپسىلىي سورىغان بولسىمۇ، ئىپادە بىلدۈرمىگەن، ئەمما رەئىس ئاخىرىدا يەنىلا يې چۇننىڭ سۆزىگە ئىشەنگەن.
  بۇ چاغدا لو رۇيچىڭ يۈننەندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈۋاتاتتى. 10-دېكابىر مەركەز ئۇنىڭغا دەرھال قايتىپ كېلىپ، شاڭخەيدىكى يىغىنغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرغان. لو رۇيچىڭنىڭ پەقەتلا ئىدىيە تەييارلىقى بولمىغاچقا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان ئايروپىلان بىلەن شاڭخەيگە كەلگەن. ئۇ ئايروپىلاندىن چۈشكەندە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن پىشيەن بىلەن ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى ۋۇ فاشيەن ئايرودۇرۇمدا كۈتۈۋېلىپ، ئۇنى ئۇدۇللا قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان جايغا ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان، ئەمەلىيەتتە ئۇ رېجىمغا ئېلىنغانىدى.

    لىن بياۋ گەۋدىلەندۈرۈلۈۋاتقاندا ماۋ زېدۇڭ ھەربىي ھوقۇقنى يەنىلا چىڭ تۇتقان
  مەن قاتناشقان يىغىن گۇرۇپپىسىغا زۇڭلى رىياسەتچىلىك قىلغانىدى، گۇرۇپپىدا خې لۇڭ ۋە يې چۇن قاتارلىق ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرمۇ بار ئىدى.
    يې چۇن يىغىندا ئۆزىنىڭ رەئىس بىلەن سۆھبەتلەشكەن جەريانىنى تونۇشتۇرغان. ئۇ لو رۇيچىڭ بىلەن ليۇ يالۇنىڭ (ليۇ يالۇ 1965-يىلى مايدا كېسەل سەۋەبى ئالەمدىن ئۆتكەن، شۇ چاغدا ئۇ ھاۋا ئارمىيەنىڭ  قوماندانى ئىدى) كارىۋاتتا يېتىپ كەچ كىرگىچە مەخپىي پاراڭلاشقانلىقىنى، لو رۇيچىڭنىڭ ليۇ يالۇغا تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك پىكىرنى ئۆزىگە يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتقانلىقىنى پاش قىلغان:
  1. قوماندان لىن بياۋ ھامان بىر كۈنى سىياسىي سەھنىدىن چېكىنىدۇ. چېكىنىمەيمەن دېسىمۇ چېكىنىدۇ، ھازىر چېكىنمىسە كېيىن ھامان سىياسىي سەھنىدىن چېكىنىدۇ؛
  2. قوماندان لىن بياۋنىڭ سالامەتلىكىگە ياخشىراق كۆڭۈل بۆلسۇن؛
  3. بۇنىڭدىن كېيىن قوماندان لىن بياۋ ھەربىي ئىشلارغا ئازراق قول تىققىنى ياخشى، ئەڭ ياخشىسى مەن باشقۇرغىنىم ياخشى؛
4. بارلىق ئىشنى مەن باشقۇرسام، مېنى دادىل ئىشلىگىلى قويسۇن.
   يې چۇن يەنە لو رۇيچىڭنىڭ لىن بياۋنى: يا ئورۇننى بىكارلىمىغان ياكى ئۆزى تۈزۈك ئىشلىمىگەن، دەپ تىللىغانلىقىنى ئېيتتى.
دېڭ شياۋپىڭ يىغىندا  مۆتىدىل پوزىتسىيە تۇتۇپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ 2-دېكابىر دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دوكلاتىدا لو رۇيچىڭ مەسىلىسى ھەققىدە بەرگەن تەستىقىنى يەتكۈزگەن. رەئىس: «كۆپچىلىك سىياسىينى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئىشەنمەيدىغان، سىياسىينى گەۋدىلەندۈرۈشتە ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىدىغان، ئەمما ئۆزلىرى پۇرسەتپەرەسلىك قىلىدىغان كىشىلەردىن ھوشيار بولۇشى كېرەك»، دەپ تەستىق سالغانىدى. زۇڭلىمۇ ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇپ ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن، خې لۇڭ بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلغان. لىن بياۋ يىغىندا لو رۇيچىڭنىڭ ۋەزىپىسى (شۇجىچۇنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن زۇڭلى، مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، باش ئىشتاب باشلىقى، ھەربىي كومىتېتنىڭ باش كاتىپى)دىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. يىغىندا خاتىرە قالدۇرماسلىق، يىغىن روھىنى يەتكۈزمەسلىك بەلگىلەنگەن. يىغىن ناھايىتى مەخپىي ئېچىلىپ، 13-دېكابىر ئاخىرلاشقان.
    لو رۇچىڭنى غۇلىتىۋېتىش بىلەن ماۋ زېدۇڭنى لىن بياۋغا بەكلا ئىشىنىدۇ دېگىلى بولمايدۇ. رەئىس كادىرلارنى تەكشۈرگەندە قايتا-قايتا، ئۇزاق مۇددەت تەكشۈرەتتى. ئۇ پېڭ دېخۇەينى تەنقىدلىگەندە لىن بياۋنىمۇ تىلغا ئېلىپ: ئۇ باشقا ئىشلارغا ماركسىزم-لېننىزمچە قارايدۇ، ئۆزىنىڭ كېسىلىگە ئىدىيالىزمچە قارايدۇ، دېگەن.
   ئەسلىدە لو رۇيچىڭ كۆزدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن لىن بياۋنىڭ ئورنى گەۋدىلىنەتتى، ئەمما رەئىس لىن بياۋدىن خاتىرجەم بولالمىغاچقا، ھەربىي ھوقۇقنى ئىزچىل ئۆزى چىڭ تۇتۇپ كەلگەن.بولمىسا نېمە ئۈچۈن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئارمىيەنى قوزغاشقا بولمايدۇ، بىر پەينى يۆتكەشكىمۇ ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى ئىمزا قويۇشى كېرەك، يەنى رەئىس ماۋ زېدۇڭ ئىمزا قويۇشى، دەپ بەلگىلەيدۇ. ماۋزېدۇڭ لىن بياۋدىن خاتىرجەم بولالمىغاچقا، لىن بياۋغا ئارمىيەنى يۆتكەش ھوقۇقىنى تۇتقۇزمىغان.

  تۇنجى قېتىملىق خاڭجۇ يىغىنىدا لو رۇيچىڭنى تەنقىدلەش بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتكەن
   1966-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمى ئەمەلىيەتتە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاب»ىنىڭ تەييارلىق، كېڭىشىش باسقۇچى بولغان.
   شاڭخەي يىغىنىدىن كېيىن، 1966-يىلى يانۋار جياڭ چىڭ شاڭخەيدىن خاڭجۇغا بېرىپ لىن بياۋ بىلەن «ئەدەبىيات -سەنئەت ئىنقىلابى» مەسىلىسىنى كېڭەشكەن. لىن بياۋ باش سىياسىي بۆلۈمگە 2-فېۋرالدىن 20-فېۋرالغىچە جياڭ چىڭ مېنىڭ ھاۋالەم  بىلەن شاڭخەيدە قىسىملارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى يىغىنى ئاچىدۇ، دەپ يوليورۇق بەرگەن. جياڭ چىڭ: «ئەدەبىيات-سەنئەتتە ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە پارتىيەگە، سوتسىيالىزمغا قارشى قارا يىپ ئۇچى بار، بۇ قارا يىپ ئۇچى بىزگە 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلدى،ئەمدى بىزنىڭ ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى، دېگەن. 22-مارت لىن بياۋ سۆھبەت يىغىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىغا يوللىغان، رەئىس بۇ مۇھىم خاتىرىنى ئۈچ قېتىم ئۆزگەرتكەندىن كېيىن لىن بياۋ مەركەزگە يوللىغان. 10-ئاپرېل ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھۆججەت قىلىپ چۈشۈرگەن.

     مايدا خاڭجۇغا بېرىپ يىغىنغا قاتنىشىش  ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالدىم.
  17-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تە رەئىسنىڭ يېنىغا بېرىپ يىغىن ئاچتۇق. رەئىس ليۇجۇڭدا تۇرۇۋاتاتتى. يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، ئالتە چوڭ رايوننىڭ شۇجىلىرى، زۇڭلى، پېڭ جېن قاتناشتى. يولداش دېڭ شياۋپىڭ لو رۇيچىڭنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن يىغىنغا كەلمەي، ئۈچىنچى سەپ خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە كەتكەنىدى. لىن بياۋ يىغىنغا كەلدى.
   بۇ قېتىمقى يىغىندا خاتىرە قالدۇردۇم، يىغىن ئەركىن-ئازادە ئېچىلدى، يىغىندا دوكلات قىلىدىغان رەسمىي دوكلات يوق ئىدى، يىغىندا ئاساسلىقى رەئىس سۆزلىدى.
   رەئىس دەسلەپتە ئىختىيارى سۆزلىدى، ئارقىدىنلا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئۈستىدە توختالغاندا خۇ چياۋمۇنى تىلغا ئالدى (ئۇ يىغىنغا كەلمىگەنىدى)، ۋۇ لېڭشىنى تەنقىدلەپ: «مېنىڭچە سىلەر يېرىم ماركسىزم-لېنىنىزمچى، يېرىم ئۈچ مەسلەكچى ئىكەنسىلەر، ئۆزۈڭلار يەكۈن چىقارساڭلار ماركىسىزم-لېنىنىزم بولامدۇ؟ دېگەن. كۆپچىلىك بۇنىڭ بىر نەچچىلا ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەسلىكىنى، رەئىسنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى تەنقىد قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندى. رەئىسمۇ گەپنى بەك ئۇچۇق دېمىگەنىدى.
كۆپچىلىك ئاڭلاپ جىمىپلا كەتتى، ھېچكىم ئىپادە بىلدۈرمىدى. تاۋجۇ قەيسەربولۇپ، سۆزلەشتىن تەپتارتمايدىغان بولسىمۇ،بۇ قېتىم ئۇمۇ ناھايىتى ئېھتىياتچان بولدى.
    شۇ چاغدا پېڭ جېن مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش كاتىپى بولۇپ، يەنە لو رۇيچىڭنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتاتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە، يىغىن ئارىلىقىدا ئۇنىڭغا تېلېفون كەلدى (18-مارت)، ئۇ تېلېفوندا سۆزلىشىپ بولۇپ قايتىپ كېلىپ لو رۇيچىڭنىڭ بىنادىن سەكرەپ پۇتى سۇنۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. رەئىس بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران بولۇپ: نېمىشقا بىنادىن سەكرەپتۇ، دەپ سورىغاندىن كېيىن «ئۇنىڭ دېتى يوقكەن» دېگەن.
   مارت يىغىنىدا ئاساسلىقى ياڭ شاڭكۇن، لۇ دىڭيىلارنىڭ ئىشى بېكىتىلدى، يەنە جياڭ چىڭنىڭ قىسىملارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ھەققىدىكى ئەھۋال تونۇشتۇرۇشى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا لو رۇيچىڭنىڭ مەسىلىلىرى كۆپلەپ پاش قىلىندى، يىغىندا پاش قىلىنغان مەسىلىلەرنى ئاڭلىغاندا لو رۇيچىڭنىڭ مەسىلىسى چوڭىيىپ كەتكەنىدى.

ماۋ زېدۇڭ: «بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى بەكمۇ دىمىق، ئۇ يەردە تۇرغۇم كەلمىدى»
     خاڭجۇ يىغىنىدىن كېيىن، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى پىكىر ئېقىمىنى تەنقىدلەش بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقتى. 9-ئاپرېلدىن 12-ئاپرېلغىچە مەركەز بېيجىڭدا شۇجىچۇنىڭ يىغىنىنى ئاچتى، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى پىكىر ئېقىمىنى تەنقىد قىلىش مەسىلىسى يىغىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولدى.
   يىغىندىن كېيىن دەرھال 2-قېتىملىق خاڭجۇ يىغىنى ئېچىلدى،بۇ يەنە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى، دەپ ئاتالدى.
    خەندەندىن14-ئاپرېل بېيجىڭغا قايتىپ كېلىپ،ئەتىسى ئايروپىلان بىلەن شاڭخەيگە ماڭدىم،يەنە شاڭخەيدىن خاڭجۇغا باردىم. شۇ چاغدا «شىلىڭ» مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشتۇق.
   پېڭ جېن كېچىكىپ كەلدى، مارشال يې جيەنيىڭمۇ كېچىكىپ كەلدى. ئۇ كېلىپلا مەندىن: بۇ يىغىندا قايسى مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەنمىز؟ 3مايدىلا يىغىن ئاچقان ئىدۇققۇ؟ دەپ سورىدى.
   مەنمۇ بىلمىدىم، دەپ جاۋاب بەردىم مەن.
  مارشال يې جيەنيىڭ: پېڭ جېننى ئايروپىلانغا ئۇزاتقىلى چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن ئىككى ئېغىز پاراڭلاشتىم، ئۇ يەنە ئىش چىقىپتۇ، دېدى، راستىنلا ئۇنىڭدىن ئىش چىقتىمۇ؟ دەپ سورىدى.
  پېڭ جېن خاڭجۇغا كەلگەندىن كېيىن رەئىس بىلەن كۆرۈشۈپ يۈز تۇرا سۆھبەتلىشىشنى تەلەپ قىلدى. پېڭ جېن بىلەن شۈ يېفۇ سۆزلەشكەندە يېنىدا ئىدىم. پېڭ جېن: رەئىس بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىمەن، 20 مىنۇتلا سۆزلەيمەن. رەئىسكە يەتكۈزۈپ قويسىڭىز، دېدى. شۈ يېفۇ پېڭ جېننىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەن بولسىمۇ،رەئىس پېڭ جېن بىلەن كۆرۈشمىدى. بۇنىڭ بىلەن بىز ئىشنىڭ چوڭىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۇق.19-ئاپرېل يىغىن باشلاندى.
  رەئىس تورىۋاتقان جايدا 20-، 22-، 24-، 25-ئاپرېل يىغىن ئېچىلدى. رەئىس ناھايىتى جانلىق، يېقىملىق سۆزلىگەن بولسىمۇ، سۆز ئارىلىقىدا ئېغىر گەپلەرنى قىلدى. رەئىس: بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى دىمىق، ئۇ يەردە تۇرغۇم كەلمىدى، شاڭخەيدە تۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ، دېدى. ئۇ چاغدا كې چىڭشى بىلەن جياڭ چىڭنىڭ ئالاقىسى قۇيۇق ئىدى. 1965- يىلىنىڭ بېشىدا جياڭ چىڭ ئۆزىنى قاچۇرۇپ شاڭخەيگە كېلىپ ۋۇ خەننىڭ «خەي رۈينىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى» دېگەن ماقالىنى تەنقىدلەشنى پىلانلاۋاتاتتى. بىز شىلىڭ مېھمانسارىيىدا غىزالىنىپ بولۇپ، ئايلىنىپ كېلەيلى دەپ چىققاندا ليۇ لەنتاۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە چوڭ رايوننىڭ شۇجىلىرىنىڭ بىرەرسىمۇ پېڭ جېن بىلەن بىللە مېڭىشنى خالىمىدى ھەم ئۇنىڭغا گەپمۇ قىلمىدى. ئۇنىڭغا گەپ قىلدىم، چۈنكى پېڭ جېن 1938- يىلىلا مېنىڭ باشلىقىم ئىدى، مۇناسىۋىتىمىزمۇ ياخشى ئىدى. لېكىن بىزمۇ پەقەت «ھاۋا ئىسسىپ كەتتى...» دېگەندەك ئەرزىمەس گەپلەرنى قىلىشتۇق، ھېچكىممۇ ئاساسىي تېما ئۈستىدە سۆزلىشىشقا پېتىنالمايتتى.

  مەركەز مەن بىلەن سۇڭ رېنچيۇڭنى پېڭ جېننى ئېلىپ بېيجىڭغا قايتىشقا بېكىتكەن
       ليۇ شاۋچى پاكىستان، ئافغانىستان ۋە بىرمىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتتىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 21-ئاپرېل خاڭجۇغا قايتىپ كېلىپ، سىياسىي بىيۇرونىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ليۇشاۋچى ئىككى كىشىنىڭ ئىسمىنى ئاتىدى.
   ۋاڭ رېنجۇڭ: رەئىس ناھايىتى ياخشى سۆزلىدى، ئۇنىڭ سۆزى ناھايىتى مۇھىم. رەئىسنىڭ سۆزىنى رەتلەپ پارتىيە ئىچىدە تارقىتىشقا بولامدۇ-يوق، دېدى. چېن بودا: سەن ئۆزۈڭنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسەن يېزىپ چىققىن، دېدى.«16-ماي ئۇقتۇرۇشى» مانا مۇشۇنداق تەييارلانغان.
     يىغىن 24-ئاپرېل «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى» (يەنى«16-ماي ئۇقتۇرۇشى»)نىڭ ئارگىنالىنى ئاساسىي جەھەتتىن ماقۇللىدى.
  يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەركەز مەن ۋە سۇڭ رېنچيۇڭنى پېڭ جېن بىلەن بىللە ئايروپىلاندا بېيجىڭغا قايتىشىمىزنى بېكىتتى، بۇ كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ قايتقانلىق بولسىمۇ،ئەمەلىيەتتە ئۇنى نەزەربەنت قىلىش ئىدى.
    شاڭخەي يىغىنىدا لو رۇيچىڭ ئاغدۇرۇلدى، مارت يىغىنىدا ياڭ شاڭكۇن بىلەن لۇ دىڭيىنىڭ ئىشى بىر تەرەپ قىلىندى، ئاپرېل يىغىنىدا بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم بىلەن پېڭ جېن تەنقىد قىلىندى. بۇ چاغدا ھەممەيلەن ئىشنىڭ ئەمدىلا باشلانغانلىقىنىھېس قىلىشتى. كېيىنكى قەدەمدە ئىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھىچكىم ئېنىق بىلمەيتتى. بۇ چاغدا بېيجىڭدا كۆپچىلىك ناھايىتى جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ھەر كىم ھەر تەرەپتىن خەۋەر تىڭ تىڭلايتتى.

                 لىن بياۋ لۇدىڭيىنى ئاشكارا تەڭلىكتە قويغان
    مەركەز 7-ماي ھۆججەت چۈشۈرۈپ، مېنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ، پېڭ جېننىڭ 1-شۇجىلىق  ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىشىمنى، بېيجىڭنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىشىمنى ئۇقتۇردى. 16-ماي چۈشتىن ئىلگىرى سائەت 9دا سىياسىي بىيۇرونىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ 2- يىغىنى خەلق قۇرۇلتىيى زالىدا ئېچىلدى. يىغىنغا يەنىلا ليۇ شاۋچى رىياسەتچىلىك قىلدى، دېڭ شياۋپىڭ سۆز قىلىپ، «16-ماي ئۇقتۇرۇشى»نىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇردى.
  «16-ماي ئۇقتۇرۇشى» مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللانغاندا كۆپچىلىك ئۇنى قوللىدى، ھېچكىم ئوخشىمىغان پىكىر بەرمىدى. چۈنكى بۇ كېڭەيتىلگەن يىغىن بولغاچقا، ليۇ شاۋچى يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بار، دېگەنىدى. «16-ماي ئۇقتۇرۇشى» يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ قوشۇلۇپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللاندى، بىر خەتمۇ ئۆزگەرتىلمىدى. «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى» 16-ماي ماقۇللانغاچقا،  «16-ماي ئۇقتۇرۇشى» دەپ ئاتالدى. بۇ ئۇقتۇرۇشتىكى ئەڭ ئېغىر سۆز شۇ بولدىكى، ئۇنىڭدا: پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ئىچىگە ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالغان بۇرژۇئازلار ۋەكىللىرى ئىنقىلابقا قارشى تۇرىدىغان بىر تۈركۈم رىۋىزئونىزم (شيۇجېڭجۇيى)چىلاردۇر، ئەگەر پۇرسەت پىشىپ يېتىلسە ئۇلار ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، پىرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى بۇرژۇئازىيە دىكتاتۇرىسىغا ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، بۇ كىشىلەرنى بەزىلىرىنى بىز پاش قىلدۇق، بەزىلىرى تېخى ئاشكارىلانمىدى. بەزىلىرى بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنى قولغا كەلتۈرۈۋالدى، ئۇلارنى بىز ئىزباسار قىلىپ تەربىيەلاۋاتىمىز مەسىلەن: خېرىششوۋغا ئوخشاش كىشىلەر، ئۇلار يېنىمىزدا ئۇخلاپ ياتماقتا، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار بۇ نۇقتىغا تولۇق دىققەت قىلىشى كېرەك، دېيىلدى.

   «16-ماي ئۇقتۇرۇشى»نىڭ ماقۇللىنىشى بىلەن ۋەزىيەتمۇ كەسكىنلەشتى.
يىغىن ئىككى كۈن توختىتىلىپ 18-ماي داۋاملىق ئېچىلدى. يىغىنغا يەنىلا ليۇ شاۋچى رىياسەتچىلىك قىلدى. لىن بياۋ يىغىندا سۆز قىلدى، ئۇنىڭ سۆزى مەشھۇر «18-ماي سۆزى» دەپ ئاتالدى. لىن بياۋ سۆزلەشتىن ئىلگىرى لۇ دىڭيىدىن: مەن ساڭا قانداق مۇئامىلە قىلدىم؟ دەپ سورىدى.
       لۇ دىڭيى: ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلدىڭىز، دېدى.
     لىن بياۋ: « ئەزەلدىن زىيالىيلارنى ھۆرمەتلەپ كەلدىم (گەپنىڭ تېگىدە گەپ بولۇپ، مەن سىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىڭنى بىلىمەن دېگەنلىك ئىدى). سەن نېمىشقا ئەدىپىمنى بەرمەكچى بولىسەن»، دېدى. لىن بياۋ قوشۇلغاچقا سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنىدىن كېيىن يەنە داۋاملىق يىغىن ئېچىپ، لۇ دىڭيىنى يىغىنغا قاتناشتۇرماسلىقنى قارار قىلدى. شۇ چاغدا بىز سىرتتا بولۇپ تېخى ماڭمىغانىدۇق. لۇ دىڭيى ياندىكى ئۆيدە ساقلاپ تۇراتتى. دېڭ شياۋپىڭ مېنى چاقىرتىپ، لى فۇچۇن بىلەن ئىككىڭلار لۇ دىڭيى بىلەن سۆزلىشىڭلار، ئۇنىڭغا يىغىنغا قاتناشماسلىقىنى ئېيتىپ قويۇڭلار، دېدى. لى فۇچۇن مېنى د‎ېگىن دېدى،مەن ئۇنىڭغا سىز دەڭ، سىز دېگەن سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزاسى، دېدىم.
    ئىككىمىز ئورنىمىزدىن تۇردۇق، يىغىن ئېچىلغان جايدىن لۇ دىڭيى تۇرۇۋاتقان جايغا بىر نەچچە قەدەم كېلەتتى، ھېچقايسىمىز ئالدىدا مېڭىشنى خالىمايتتۇق. ئىككىمىز تەڭ ھەم ئاستا ماڭدۇق، ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە لى فۇچۇن مېنى ئىتتىردى، مەن ياش بولغاچقا، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا مەجبور بولدۇم. ئىشىكتىن كىرىپلا مەن ياندا ئولتۇردۇم. ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇ ئېغىز ئاچسا بولاتتى، ئەمما ئۇ يەنە مېنى ئېيتىشقا دەۋەت قىلدى. لۇ دىڭيى بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنى كۆرۈپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن مەن دېڭ شياۋپىڭنىڭ سۆزىنى يەتكۈزدۈم: مەركەز ھازىردىن باشلاپ يولداش لۇ دىڭيىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىنى چەكلىدى». بۇنى دېڭ شياۋپىڭ ماڭا دېگەنىدى. بۇ گەپنى لى فۇچۇنگە كىمنىڭ دېگەنلىكىنى مەن بىلمەيتتىم، شۇڭا مۇشۇ گەپنىلا دېيەلىدىم ھەم تەنقىدلىمىدىم ھەم ھېسداشلىقمۇ قىلمىدىم.
    لۇ دىڭيى: يولداش شۆفېڭ، مەن كوممۇنىزمچى،يەنە كوممۇنىزمنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن، دېدى. ئۇنىڭ ئاۋازى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭ يۈكىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى، بىزمۇ ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئامالسىز ئىدۇق.
   مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ: يىغىندا شۇنداق قارار قىلىنىپتۇ، دەم ئېلىڭ، ئىش ھامان ئايدىڭلىشىدۇ، دېدىم.
لى فۇچۇنمۇ: شۇنداق، ئىش ھامان ئايدىڭلىشىدۇ، مەركەز قارار قىلغان ئىكەن...

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 1957-يىلىدىن كېيىنكى تۇنجى چوڭ خەتلىك گېزىت چاپلاندى
  لىن بياۋ سۆزلەشتىن ئىلگىرى تەييارلىق قىلىپ قويغان ئىكەن. ئۇ ئاددى تېزىس تەييارلىغان بولۇپ، خەتلىرى چوڭ-چوڭ يېزىلغان ئىكەن. ئۇ: بۇ سىياسىي بىيۇرونىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى، ئالدىنقى قېتىم رەئىس ئاچقان سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا پېڭ جېننىڭ مەسىلىسى نۇقتىلىق ھەل قىلىندى، توۋاق ئېچىلدى، بۇ قېتىم يەنە مۇشۇ مەسىلىنى داۋاملىق ھەل قىلىمىز. لو رۇيچىڭ مەسىلىسى ئەسلىدە ھەل قىلىنىپ بولغان مەسىلە ئىدى، لۇ دىڭيى، ياڭ شاڭكۇنلەرنىڭ مەسىلىسى يەر ئاستى ھەرىكەتلەرنى تەكشۈرگەندە ئاشكارىلىنىپ قالدى، بۇ ئىشنى خېلى ۋاقىت كېڭەشتۇق، ھازىر بىرگە ھەل قىلىمىز. تۆتەيلەننىڭ مەسىلىسى بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق، ئورتاقلىقى بار. ئاساسلىق پېڭ جېن، ئۇنىڭدىن قالسا لو رۇيچىڭ، لۇدىڭيى، ياڭ شاڭكۇن، دېدى. لىن بياۋنىڭ ئەلپازى ناھايىتى يامان بولۇپ، «سىياسىي ئۆزگىرىش» ئۈستىدە توختالدى، ئۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە قەدىمدىن ھازىرغىچە بولۇپ ئۆتكەن سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ، بىزنىڭ سوتسىيالىستىك دۆلەتتىمۇ بۇنداق ئەھۋاللار بولۇشى مۇمكىن، دېدى. لىن بياۋ بىركىمنىڭ ئىسمىنى ئاتىمىغان بولسىمۇ، كۆپچىلىك ئۇنىڭ ليۇ شاۋچىنى دەۋاتقانلىقىنى بىلەتتى، ئەمما ليۇشاۋچى گەپ-سۆز قىلمىدى.
   23-ماي يىغىندا پېڭ جېن، لو رۇيچىڭ، لۇ دىڭيى، ياڭ شاڭكۇننى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە قارار ماقۇللىنىپ، مەخسۇس دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قارار قىلىندى.
   25-ماي چۈشتىن ئىلگىرى سىياسىي بىيۇرونىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئاخىرلاشتى. چۈشتىن كېيىن سائەت 2  ئەتراپىدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە فاكۇلتېتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى نيې يۈەنشىن قاتارلىق يەتتە كىشى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىنىڭ شەرقىي تېمىغا «سوڭ شو، لۇ پىڭ، پېڭ پېييۈن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا زادى نېمە ئىشلارنى قىلدى؟»دېگەن تېمىدا چوڭ خەتلىك گېزىت چاپلىدى. سۇڭ شو بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم ئىستۇدېنتلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، لۇ پىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، پېڭ پېييۈن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئىدى. چوڭ خەتلىك گېزىتنىڭ تىغ ئۇچى بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم ئىستۇدېنتلار بۆلۈمى ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىغا، يەنى بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومغا قارىتىلغانىدى.
   چوڭ خەتلىك گېزىتنىڭ چاپلىنىشى بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى زىددىيەت ئاشكارىلاندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ 1957-يىلىدىن بۇيان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاپلانغان تۇنجى چوڭ خەتلىك گېزىت بولۇپ، بىردىنلا زىلزىلە پەيدا قىلدى. مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار ئىككى گۇرۇھقا بۆلىندى. بىر گۇرۇھتىكىلەر چوڭ خەتلىك گېزىتكە قارشى تۇرسا، يەنە بىر گۇرۇھتىكىلەر چوڭ خەتلىك گېزىتنى ھىمايە قىلدى. ئىككى گۇرۇھتىكىلەر ئۆزىنىڭ يورغىلىتىپ، بىر-بىرىگە يول قويماي، ئاخىر قارشىلىشىپ قالدى.
   بىز 1-ئىيۇن شىمالىي جۇڭگو خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىۋاتاتتۇق. يىغىندا مەن سىياسىي بىيۇرونىڭ مايدا ئېچىلغان كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ قارارنى يەتكۈزۋاتاتتىم. شۇ چاغدا بىرى ماڭا باغاقچە بېرىپ، بۇ كاڭ شېڭ ئەۋەتكەن ھۆججەت دېدى. مەن باغاقچىنى ئېچىپ كاڭ شېڭنىڭ يازغانلىقىنى بىلدىم. باغاقچىدە رەئىسنىڭ نيې يۈەنشىن چاپلىغان چوڭ خەتلىك گېزىت ھەققىدىكى تەستىقى بار بولۇپ بۈگۈن ئاخشام ئېلان قىلىنسۇن، دەپ يېزىلغانىدى.
  ۋاقىت قىس، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەئىسنىڭ تەستىقىنى ئالدىراپ كۆرگەچكە، مەزمۇنى ئېسىمدە قالماپتۇ، بۇ ئىش ناھايىتى مۇھىم بولغاچقا، مەن يىغىندا كاڭ شېڭ ئەۋەتكەن باغاقچىنى ئوقۇدۇم.

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى1-ئىيۇن كەچ سائەت 8دە نيې يۈەنشىن يازغان چوڭ خەتلىك ‎گېزىتنى تولۇق تېكىستى بىلەن ئاڭلاتتى. رەئىس بۇ چوڭ خەتلىك گېزىتنى «مەملىكەت بويىچە تۇنجى ماركسىزم-لېنىنىزملىق چوڭ خەتلىك گېزىتى» دەپ تەرىپلىگەن. بۇنىڭ بىلەن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلىنىپ كەتتى.  1967-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە داۋاملاشقان ئون يىللىق قالايمىقانچىلىق مەزگىلىدە، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇرمىلانغان ئەكسىيەتچىل كۆز قاراشلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى دۇنياغا مەشھۇر بولغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ مەزگىلدە جۇڭگونىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ئىش تاشلاش، نامايىش قىلىپ كۈچ كۆرسىتىش، قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ئەكسىيەتچىل ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا زور زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن.
تۆۋەندىكىلەر مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ئىش تاشلاش ۋە نامايىش قىلىشقا قاتناشقان بىر قىسىم ئاممىنىڭ رەسىملىرى:















0

تېما

0

دوست

100

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   33.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34367
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 16:36:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىرماي .ئۇقايچۇ....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1002

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33838
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 282
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 16:56:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

0

دوست

1419

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32932
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 426
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 17:40:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك ۋاختىمدا چوڭ دادام رەھمەتلىكتىن ،_مەدەنيەت ئىنقىلابىدا يېزىمىزدا قانداق ئىشلار بولغان ،دىسەم،،پىپەن قىلاتتى دىگەنتى،كىيىن چوڭ بۇلۇپ شۇ گەپنىڭ مەنىسىنى يىشىپ باقسام،چوڭ دادام رەھمىتى (تەنقىت قىلاتتى)دەپتىكەنتۇق،

تۇلۇقسىزدا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئېغىزىدىن مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلىغانتىم-=ماۋزېدۇڭ 1965-يىللىرى كاپتالىزىم يولىغا ماڭغانلار دەپ گۇمان قىلىپ مەدەنيەت زور ئىنقىلابىنى قوزغىغان،شۇ ۋاقىتتىمۇ دوپپىسىنى ئەكەل دىسە بېشىنى كىسىپ ئەكىلىدىغانلارنىڭ دەستىدىن بۇ ئىنقىلاپنىڭ زىيىنى ناھايتى ئېشىپ كەتكەن،

كىيىن پارتىيە مەركىزىي كومىتىتى ماۋزېدۇڭغا باھا بىرىپ،ماۋزېدۇڭ ئۆمرىدە %70توغرا ئىش قىلىپ،%30خاتالىق ئۆتكۈزگەن،ئۇنىڭ %30خاتالىقى دەل مەدەنيەت ئىنقىلابى....

مۇئەللىمنىڭ شۇ گەپلىرى ھېلىھەم يادىمدا..

12

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2680
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2025
تۆھپە : 2143
توردىكى ۋاقتى: 473
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 17:44:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئون يىلمۇ داۋاملىشامدۇ دەيمەن ، ھېلىمۇ دېھقانچىلىقنى ۋە باقمىچىلىقنى تەڭ ئېلىپ بېرىپتىكەن ، بولمىسا ئىنقىلاپ دەپ ئاچ قالاكەندۇق .

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 18:00:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشلارنىڭ زىينىغا دولەتممۇ خەلىقمۇ ئۇچۇراپتۇ،  دىيارىمىزدىن ئاساسەن ياراملىق قولىدىن ئىش كىلىدىغان خەلىق ئۇچۇن قان تەر ئاقۇزغان ئەزمەتلىرىمىزنىڭ بېشىغا بەك ئغىر كۇنلەر كەپتىكەن .

1

تېما

0

دوست

613

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   22.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10104
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 92
تۆھپە : 129
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 21:22:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«لېيىغان بولاق» تولۇق ئوقۇپ چىقسڭىز مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ھېس قىلالايسىز...بۇ كىتابتا ئاساسلىق خوتەندىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابى توغۇرلۇق ئۇچۇر بېرىدۇ،  بەزىدە يىغلىشىڭىزنى ياكى كۈلىشىڭىزنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالىسىز،،،،،،،،

0

تېما

0

دوست

1323

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   32.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24859
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 390
توردىكى ۋاقتى: 83
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 22:21:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karabag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 22:25  

        مەسىموف راستىنلا ئۇيغۇر ئىكەن،ئاخىردا چىقىدۇ.

http://v.ifeng.com/news/world/20 ... -1dc6c7d2bf73.shtml
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )