قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2025|ئىنكاس: 36

چەرچەندە ئاناتىل كۈنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

1

دوست

754

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   50.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15638
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 242
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 18:51:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەرچەن ناھىيەسىدە 2-نۆۋەتلىك «يىلتىز-ئاناتىل ئوقۇتۇش تۆھپە
مۇكاپاتى» تارقىتىلدى

    بۈگۈن(2015يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى) دۇنيا ئانا تىل كۈنى. بۇ ئالاھىدە كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن دىيارىمىز چەرچەن ناھىيەسىدە 2-نۆۋەتلىك "يىلتىز-ئانا تىل ئوقۇتۇش تۆھپە مۇكاپاتى" ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە چەرچەن ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم زىيالىيلار، يازغۇچىلارۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. پائالىيەتكە ناھىيەلىك مائارىپ-پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ پارتىكوم شۇجىسى قادىر مەمتىلى رىياسەتچىلىك قىلدى. پائالىيەت ئۆسمۈرلەرنىڭ  «ئېلىپبە ناخشىسى» ئوقۇش بىلەن باشلاندى.
    بۇندىن دەل بىر يىل بۇرۇن، يەنى ئۆتكەن يىلقى ئانا تىل كۈنىدە مەرىپەتپەرۋەر ساخاۋەتچى تۇرسۇن ئەبەي ئەپەندىنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن چەرچەن ناھىيەسىدە تۇنجى نۆۋەتلىك «يىلتىز-ئاناتىل ئوقۇتۇش تۆھپە مۇكاپاتى» تارقىتىلغان ئىدى. تۇنجى نۆۋەتلىك مۇكاپات ناھىيە تەۋەسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1-يىللىقىدىن 6-يىللىقىغىچە بولغان ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يىللىقلار بويىچە نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ئالتە نەپەر ئوقۇتقۇچىغا تارقىتىلغان. مۇكاپات سوممىسى ھەربىر مۇكاپات ساھىبىغا 1000سومدىن بولغان. بۈگۈنكى 2-نۆۋەتلىك پائالىيەتتە مۇكاپات دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ناھىيە ئىچىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىن تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىقىغىچە ئاناتىل ئوقۇتۇش نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان توققۇز نەپەر ئوقۇتقۇچىغا 1000سومدىن مۇكاپات تارقىتىلدى.
   ئارقىدىن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تەرجىمانلار ئىشخانىسىدىكى تەرجىمانلار ۋە "ئۈمىد نۇرى ساخاۋەتچىلىك جەمئىيىتى"گە ۋاكالىتەن يېتىلگەن تەرجىمان پولات رەجەپ ئەپەندى ۋە ئايۇپ مۇئەللىملەر مۇكاپاتلانغان ئاناتىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئۈچ قىسىملىق "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى" ناملىق كىتابتىن بىر يۈرۈشتىن تەقدىم قىلدى.
    تۇرسۇن ئەبەي ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى ۋە مەبلەغ چىقىرىشى شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى تونۇلغان مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچىلەرنىڭ قىزغىن قوللاپ، ئىزچىل مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى ئارقىسىدا 2014-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ، ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ، ناھىيەلىك باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە سىنىپلارنى ئاساس قىلىپ، "تارىم غۇنچىلىرى"، "پەرۋاز" ۋە "شىنجاڭ ياشلىرى" ژۇرنىلى يىل ئاخىرىغىچە 3350پارچە تارقىتىلغان. 2015-يىلى بۇ پائالىيەت داۋاملاشتۇرۇلۇپ، يۇقىرىقى ئىككى مەكتەپكە ئۈچ خىل ژۇرنالدىن ھەر ئايلىقى 399ساندىن بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇندى.
بۇنىڭدىن سىرت ناھىيەلىك مائارىپ-پەن-تېخنىكا ئىدارىسى رەھبەرلىكىنىڭ كۈچلۈك قوللاپ، ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ھەرقايسى مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئەمەلىي تىرىشچانلىقى بىلەن 2014-يىلىنىڭ كىيىنكى يېرىم يىلىدىن باشلاپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 3-يىللىقتىن يۇقىرى سىنىپلارغا(3-يىللىقنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) مەلۇم نىسبەتتە "تارىم غۇنچىلىرى"، "پەرۋاز" ۋە "شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى" قاتارلىق گېزىت ژۇرناللارغا مەكتەپلەرنىڭ ئۆزى مەسئۇل بولۇپ مۇشتەرى بولۇشمۇ ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

1.چەرچەن ناھىيەلىك مائارىپ- پەن-تېخنكا ئىدارىسىنىڭ پارتىكوم شۈجىسى قادىر مەمتىلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا
IMG1_副本.jpg


2.تونۇلغان يازغۇچى تۇرسۇن مەخمۇت
IMG_3副本.jpg


3.تۇرسۇن ئەبەي ئەپەندى
IMG9看图王_副本.jpg


يىغىندىن خاتىرىلەر
IMG4_副本.jpg

IMG7_副本.jpg

IMG_8_看图王_副本.jpg

IMG_17看图王_副本.jpg

IMG_18_看图王_副本.jpg

IMG15_看图王_副本.jpg

IMG_14_看图王_副本.jpg


2

تېما

1

دوست

2568

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10250
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 569
تۆھپە : 407
توردىكى ۋاقتى: 83
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 20:23:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ،ناھىيەنىڭ يېقىندىن  قوللىشى تېخىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينىغۇسى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1745

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32140
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 550
توردىكى ۋاقتى: 265
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 20:48:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     سىزلەر ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز ! سىزلەردىن بەك خۇش بولدۇم! ئىچ -ئىچىمدىن سۆيۈندىم . !

0

تېما

1

دوست

710

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33835
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 220
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 20:53:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mijityimit يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 20:48
سىزلەر ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز ! سىزلەردىن بەك خۇش  ...

[[img][/img]s:10]

0

تېما

1

دوست

710

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33835
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 220
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 20:58:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilheste تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 21:08  

  

0

تېما

0

دوست

228

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34254
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 21:18:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilheste يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 20:58

ئەي ماتور تىل،ئەي توغان تىل......سىزلەرگە كۆپ رەىمەت

1

تېما

6

دوست

944

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   88.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21261
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 282
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 21:53:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolimiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 22:58  

دۇنيا ئانا تىل كۈنىنى قۇتلۇقلايمىز.

ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززەتىن قىلغۇم كېلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلـۇر.
بۇ ئانا تىل بــولســا گــەر ئامېرىكايۇ، ئافرىقىــدا،
سەرف ئېتىپ مىڭلارچە تىللا، ئاندا مەن بارغۇم كېلـۇر.
ئەي، ئانا تىل بىزگە سەن ئۆتكەن ئۇلۇغلاردىن نىشان،
سـەن بىلـەن روھـىي زېمىنــدا ئىپتىخــارلانغـۇم كېلــۇر.

0

تېما

0

دوست

1192

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   19.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30072
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 356
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 22:24:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆزلىسەم گەپ تۇلا ،شۇنداقتىمۇ  ئازراق سۆزلەي .  بىز مۇنبەرلەردە ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى  دەپ كانىيىمىز يىرتىلغۇچە تولاپ يۈرگىلى خېلى زامانلار بولدى، لىكىن  بىز ئانا تىلىمىزنى پەقەت ئاغزىمىزنىڭ  ئۇچىدىلا قوغداپ كەلدۇق ،ئەمەليەتتە بولسا  ئانا تىلىمىزنى ئۈزۈمىز دەپسەندە قىلىپ كەلدۇق دەپ ئويلايمە.   مەسىلەن  .مىكرو سوفت شىركىتى بىزنى پۈتۈن بىر مىللەت قاتارىدا كۈرۈپ  ۋىندوۋسقا ئانا تىلىمىزنى قۇشۇپ بەرگىلى خېلى ئۇزۇن بوپقالدى لىكىن بۇنى ئىشلىتىدىغانلار بەكلا ئاز ، مەن تۇنۇش _بۈلۈشلەرنىڭ ئۈيىگە كىرسەم  ھەممىسىنىڭ ئۈيىدە كومپىيوتىر با  لىكىن ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى ئىشلەتمەيدىكەن ،نىمىشقا ئۇيغۇر تىلىغا توغۇرلاپ ئىشلەتمەيسىلە دەپ سۇرىسام  ھەممىسىنىڭ جاۋابى بىردەك ، ئۇيغۇرچە بولمىسىمۇ ئىشلىتەلەيدىكەنمىز دەيدۇ ، كۈلكىلىك يېرى ھەممىسى  مىللەت ئانا -تىل دىگەن گەپلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ  بۇ تۇنۇشلۇرۇم   .  يەنە بىر مىسال ، ھازىر ئۇيغۇر رايۇنىمىزدىكى بانكىلارنىڭ  ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدا  بىز تاللاپ ئىشلىتەلەيدىغان ئۇيغۇر يېزىقى با   بولسىمىمۇ  بۇنى ئشلىتىدىغانلارنىڭ كۈپۈنچىسى خەنزۇچە بىلمەيدىغانلاركەن،  خەنزۇچە بىلىدىغانلاردىن  ئىشىلتىدىغانلار بەكلا ئاز . ئۇنۇڭدىن باشقا ھۈكىمەت  ئۇرۇنلىرىدا  رەسمىيەت بىجىرمەكچى بولساق  ئىمزا قۇيىدىغان چاغدا ، بىزگە رەسمىيەت بىجىرىپ بەرگەن خادىم ئىسمىڭنى ئۇيغۇرچە يازساڭ بۇلۇدۇ دەپ تۇرسا  خەنزۇچە يازىدىغانلار بەكلا كۆپكەن  .  ئازراقلا خەنزۇچە بىلىدىغانلارغا بىزنىڭ تىل يېزىقىمىزنىڭ كىرىكى قالمىدىمۇ   
يەنە بەزىبىر قارىم -ھاجىملىرىمىز باركەن  ئەرەبچىنى بىر ئېغىز چۈشەنمەيدىغان    لىكىن  قۇرئاننىڭ ئەرەبچىسىنى  دوسخانغا ئۇراپ ئىگىز يەرگە قۇيىدىكەن  قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچىسىنى كۈمۈرخانىغا تاشلىۋىتىدىكەن .   مۇشۇنداق قوغدامدۇق ئانا تىلىمىزنى  .   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )