قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2228|ئىنكاس: 24

قەيسەر مىجىت: خەتەرسىز مەبلەغ سىلىش....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 915
تۆھپە : 4453
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 07:23:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەتەرسىز مەبلەغ سىلىش

قەيسەر مىجىت


     ھازىرقى زامان ئىگىلىك چۈشەنچىسىگە ئىگە ھەرقانداق كىشى - مەبلەغ ۋە مەبلەغ سىلىشنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى چۈشىنىدۇ.مەبلەغ سىلىش - كەلگۈسىدىكى مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە مەنپەئەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن، بايلىق (ۋاقىت، ئېنىرگىيە، ئىقتىساد...) سەرپ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، ئىقتىسادشۇناسلىقتا ۋە پۇل-مۇئامىلە ئىلمىدە مەبلەغ سىلىشنىڭ ھەر خىل مەنىسى بار.
    ئىقتىساد ئىلمىدە مەبلەغ سىلىش - يىڭى زاۋۇدلارنى قۇرۇش، ماشىنا ئۈسكۈنە سىتىۋىلىش، ئۆي قۇرۇلۇشى قىلىش ۋە ياكى ئامبارلارنى سىتىۋىلىشنى كۆرسەتسە، پۇل-مۇئامىلە ئىلمىدە ئۇ، پاي چىكى، زايوم قاتارلىق پۇل-مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى سىتىۋىلىش ئارقىلىق ياكى ئۇلارنىڭ قىممىتىنىڭ ئىشىشىنى، قوشقان پىيىغا قاراپ پايدىغا ئىرىشىشىنى ۋە ياكى ئۆسۈمگە ئىرىشىشنى كۆزدە تۇتىدۇ.  لىكىن بىز بۇ يەردە دەۋاتقان مەبلەغ سىلىشلارنىڭ ھەممىسىنى دىمىگەندىمۇ كۆپىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق خەتىرى بار. مەسىلەن، سىلىنغان زاۋۇد دەل ۋاقتىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلمەسلىگى مۈمكىن ۋە ياكى ئىشلەپچىقىرىش ئىمكانىيىتىدىن تولۇق پايدىلىنماسلىغى مۈمكىن، سىتىۋالغان پاي چىكىنىڭ قىممىتى يوقاپ كىتىشى، پۇل پاخاللىغى ئۆسۈمدىن يۇقۇرى بولۇپ كىتىشى مۈمكىن.  ئەمما ھاياتتا بولۇپمۇ بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدە كىشىلەر سەل قارايدىغان مۇنداق بىر مەبلەغ سىلىش بار بولۇپ بۇ خىل مەبلەغ سىلىش - خەتەرسىز مەبلەغ سىلىشتۇر. ئەمما ئۇنىڭ ئىلىپ كىلىدىغان مەنپەئەتى -ئۇزۇن مۇددەتلىك، كەڭ دائىرىلىك بولۇپلا قالماستىن ھەم مۇستەھكەمدۇر.
ئۇنداقتا، مەن سىلەرگە ئىككى سىكۇنت ۋاقىت بىرەي، ئويلاپ بىقىڭلارچۇ، مەن زادى قايسى خىل مەبلەغ سىلىشنى دەۋاتىمەن؟
............................................
............................................
............................................
'''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''
'''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''

ئويلاپ بولۇشلىما؟
ئەمىسە مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئۆلچەملىك بولغان بۇ خىل مەبلەغ سىلىشنىڭ جاۋابىنى ئىيتىپ بىرەي:
ئۇ بولسىمۇ - مۇئارىپقا مەبلەغ سىلىشتۇر.

    مۇئارىپقا مەبلەغ سىلىش دىگەن سۆز چىقسا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا دەرھاللا ھۆكۈمەتنىڭ مەكتەپ قۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەشكىللەپ ئۆزىنىڭ پۇخرالىرىنى ئوقۇتۇش ئىشى كىلىدۇ. ئۇ ماكرولوق جەھەتتىن شۇنداق بولىدۇ، ئەلۋەتتە.  بەزى جەمىيەتلەر  شۇنىڭ ئۇچۇن دەۋرنىڭ كەينىدە قالىدۇكى ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى بارلىققا كەلتۇرۇشتە زۆرۈر بولغان مۇئارىپ ئاساسىنىڭ ئاجىز بولغانلىغىدىندۇر.   شۇڭا نورمال ھەركەت قىلىدىغان، مەلۇم سەۋىيەدە تەرەققىياتقا ئىرىشكەن جەمىيەتلەرنىڭ ھەرقاندىغىدا مۇئەييەن دەرىجىدە كۈچلۈك بولغان مۇئارىپ سىستىمىسى بولىدۇ. لىكىن مەن بۇ يازمىدا بۇ ھەققىدە توختالمايمەن. بەلكى ئائىلىلەرنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە نىسبەتەن مەبلەغ سىلىشى ھەققىدە توختىلىمەن.
********************************************************
    بىر ئەقلى ھۇشى جايىدا ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ بەختلىك، خوشال -خورام ياشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھىچقانداق ھەركەت بىلەن بىرلەشمىگەن ئارزۇ - بىر شىرىن خىيالدۇر. ئەگەر سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز- پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ بۇ رىقابەتلىك دۇنيادا  مۇھتاجلىقتىن خالى، باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ قالمىغان ھالەتتە ياشاپ ئوتۇشى بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا، سىز مۇشۇ يازمىنى ئوقۇغان ھامان كىچىكتۈرمەي، بالىڭىزنىڭ تەربىيىلىنىشىگە مەبلەغ سىلىڭ، يەنى ۋاقتىڭىزنى، زىھنىڭىزنى، ئېنىرگىيەرىڭىزنى ۋە ھەمدە زۆرۈر ئىقتىسادنى سەرپ قىلىش ئارقىلىق بالىڭىزنىڭ سۈپەتلىك چوڭ بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ.
پەرۋىش ئىتىلمەي، تاشلىۋىتىلگەن يەر، ئۇ قانچە بىنام يەر بولسىمۇ، پەرۋىش قىلىنغان يەرگە قارىغاندا ھوسۇلنى ئاز بىرىدۇ. ئۆلۈك ھالدا بالىلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتىش - ئۇلارنىڭ ھەقىقى مەنىدە بىلىملىك بولۇپ چىقىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلمايدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ قەلبىگە بىلىمنىڭ مۇھىملىغىنى سىڭدۈرۈش، توغرا سۆزلۈك، سەمىمى، ئىشچان ھەم ئىنسانلىق مېھرگە باي بولۇپ يىتىلىشنىڭ ھەقىقى بايلىققا ئىگە بولۇش ئىكەنلىگىنى تونۇتۇش لازىم.
بىزنىڭ دانىشمەنلىرىمىز بۇ ھەقتە ئەسىرلەردىن بۇيان خەلقىمىزگە خىتاپ قىلىپ كەلگەن. ئەپسۇس، جاھالەت ۋە نادانلىق تۈپەيلى ئۇلارنىڭ سۆزىگە خەلق سۈپىتىدە ئىتىۋار بىرەلمىدۇق.
    بۈگۈن - تۈنۈگۈننىڭ ئۇلانمىسى. يەنى بىزنىڭ بۈگۈن قانداق كۈن كۆرۈشىمىز - تۈنۈگۈن ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەقدىرىمىز ھەققىدە قانداق تەدبىر چىقارغانلىغىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئىسىمدە قىلىشىچە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 1-يىللىق ئەدەبىيات دەرسىدە مەرھۇم شائىرىمىز نىم شېھىت ئەپەندىنىڭ ئارۇز ۋەزىندە 1936 يىلى قىشتا ئاقۇسنىڭ بايدا مول ئىلھاملىرى بىلەن يازغان "بىلىم ئىشقىدا" دەيدىغان شىېرى بولىدىغان تۆۋەندىكىدەك:(خوتەن ئالى تېخنىكومنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز رەشىدە خانىم تولا دىكلاماتسىيە قىلغۇزۇپ كەتكەن ئىدى ماڭا بۇ شىېرنى ئەينى چاغدا)

جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق،
بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار، بولۇر ئۇ، گاھىدا بار يوق.

قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن يولداش،
ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ، سىنى تاشلايدۇ ھىچ ئار يوق!

كىرىپ نەپسىڭنىڭ كەينىگە، بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ،
بېشىڭغا چۈشسە بىر كۈنلەر، ئۇ چاغدا سەن كەبى خار يوق!
.......................................................................
نىمە دىگەن توغرا ئىيتىلغان سۆزلەر ھە؟
ئەگەر سىز "بىلىمنى يار تۇتىدىغان چىغىم ئۆتۈپ كەتتى" دەپ قارىسىڭىز، مەيۈسلەنمەڭ. چۈنكى سىزنىڭ ۋاقتىدا چىقارغان دانا تەدبىرىڭىز  بىلەن، ئەۋلاتلىرىڭىزنىڭ تەقدىرى گۈزەل بولىدۇ.

     بىر ئادەم ئۈچۈن كىشىلىك ھاياتتا ھەددىدىن زىيادە ھەشەم قوغلىشىشنىڭ بەدىلى-روھى ئازادىلىكنى، خوشاللىقنى يوقۇتۇشتۇر.
     بىر ئادەم ئۈچۈن  مېھر -مۇھەببەت بىلەن ياشاشنىڭ پايدىسى -مەنىلىك بولغان كىشىلىك ھاياتقا ئىرىشىشتۇر.

      كۈزۈتۈشۈمچە، ھەددىدىن زىيادە ھەشەم ۋە نام-ئاتاق قوغلىشىپ ياشىغان ئادەملەردە ئائىلىگە، بالىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە سەل قاراش خاھىشى كۈچلۈك بولىدىكەن. بۇنداق كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى مۇشۇ سەۋەپتىن تىگىشلىك دىققەت ۋە مېھر مۇھەببەتكە ئىرىشەلمەيلا قالماستىن، ھاياتىدا خاتا قىممەت قاراشنى تىكلىۋىلىپ تۇرمۇش يولىدا مۇستەقىل مىڭىشقا توغرا كەلگەندە، تولا تىيىلىپ كىتىدىكەن.
     كىشىلەرنىڭ "پالانچى باي، پالانچى باشلىقنىڭ بالىسى ئاق چىكىپ ئۆلۈپ قاپتۇ، ئوقۇيالماي خىزمەت تاپالماي تەمتىرەپ قاپتۇ ياكى بىرەر ئىشنىڭ يولىنى تۇتالماي گادايلىشىپ قاپتۇ" دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالىمىز. دىمەك بۇ ئاشۇ "پۇلدارلارنىڭ، ئەمەلدارلار" نىڭ "پۇل ھەم ئەمەل" قوغلىشىپ ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىگى، پەرزەنتلىرىگە مېھر بەرمىگەنلىگىدىن كىلىپ چىقىۋاتقان ئىشلاردۇر. خۇددى سۇ ئاققاندەك،  بايلىقمۇ ئىقىپ تۇرىدۇ ياكى خەجلىنىپ تۈگەيدۇ، بايلىقنى تاپقان كىشىنىڭ ئۆلۈپ كىتىشى بىلەن بۇ مەنبە قۇرۇپ  قالىدۇ. ئوخشاشلا، ھىلىقى سورۇنلاردا گىدىيىپ، تۆر تالىشىپ ئولتۇرغان باشلىقنىڭ ياكى ئۆلۈپ كىتىشى ياكى پىنسىيەگە چىقىشى بىلەن ئۇنى ھۆركۈرەتكەن، گۈكىرەتكەن كۈچمۇ يوقايدۇ، ئۆزىمۇ بوشايدۇ، پەرزەنتلىرىمۇ قايمۇقۇپ، ئۈزۈلۈپ، روھى چۈشىدۇ. دىمەك، بىر ئادەم ئۈچۈن، بىر ئائىلە ۋە خەلق ئۈچۈن ھەقىقى بايلىق - مۇئارىپتىن كىلىدۇ.   بۇ نۇقتىنى چۈشەنگەن كىشىلەرلا ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەردۇر!
     ئۇلار ھەقىقەتەن، بايلارنىڭ بىيى، ئەمەلدارلارنىڭ ئەڭ چوڭىدۇر!

     يەنە كۈزۈتۈشۈمچە،  سەمىمى ھەم مېھر مۇھەببەتكە باي ئادەملەر ئالدى بىلەن ئائىلىسىگە شەپقەت، باللىرىغا سۆيگۇ-مۇھەببەت يەتكۈزگەن كىشىلەر بولۇپ، بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئەۋلاتلىرى كۆپىنچە ۋاقىتتا ياراملىق ئەۋلات بولۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.  ئەگەر جەمىيەتنى كۈزەتسڭىز، بىر ئايالنىڭ ياخشىلىغىنى ئۇنىڭ بالىسىغا مېھر-مۇھەببەت بىرىش-بەرمەسلىگى بىلەن بىلسىڭىز، بىر ئەرنىڭ ياخشىلىغىنى ئۇنىڭ خەلقىغە بولغان سۆيگۈسىنىڭ بار يوقلۇغى بىلەن بىلىدىكەنسىز. خەلقىغە سۆيگۈسى بار ئاتىلار، ئەركەكلەر، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىنى سۆيگەن، پەرزەنتلىرىگە مېھر-مۇھەببەت بەرگەن كىشىلەردۇر. ئادەتتە بۇنداق كىشىلەرنىڭ پۇشتىدىن ماڭقۇرت چىقمايدۇ.

    (مەن ئادەتتە ئائىلىسىگە مەسۇلىيەتسىزلىك قىلىدىغان، كۆيۈنمەيدىغان، پەرزەنتلىرىگە مېھر بەرمەيدىغان ئادەملەرنىڭ ھەرقاندىغىنى مەيلى ئۇلار نىمە ئىش قىلسۇن، قانچىلىك دەبدەبىلىك سۆزلەرنى قىلسۇن، ياكى سەۋەپ كۆرسەتسۇن، ئۇنچىۋالا نەزەرگە ئىلىپ كەتمەيمەن. ئۆز پەرزەنتىگە مۇھەببىتى بولمىغان كىشىلەردىن باشقىلارغا مۇھەببەت ياغمايدۇ، مۇھەببىتى بولمىغان كىشىلەر، مۇدھىش قىشقا ئوخشاش ئادەمنى راھەتسىز قىلىدۇ.)

    بىلىشىڭىز كىرەككى، بالىڭىز ئۈچۈن ۋاقىت سەرپ قىلىشمۇ بىر خىل مەبلەغ سىلىش!، چۇنكى ۋاقىتمۇ بىر بايلىق. ۋاقتىڭىز بولسا  باللىرىڭىىزنىڭ ساداسىغا قۇلاق سىلىڭ. ئۇلار بىلەن كۆپرەك سىردىشىڭ، بىللە پائالىيەت ئىلىپ بىرىڭ.مەن بىر قىتىم خىزمىتىمدە يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن بىر بۆلۈمگە بىرىپ قالدىم. ئۇ بۆلۈمنىڭ ئىشخانا تېمىغا مۇنۇ سۆزلەر يىزىلغان ئىكەن، مەن ئۇنى ئېنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا شئىرى شەكىلدە تەرجىمە قىلىپ قويدۇم:
‏***********************
ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن كۈتكەنلىرى...
‏***********************
‏ئۈگۈتۈڭلار ماڭا سۆيۈشنى،
‏ئاۋال مىنى ئۆزۈڭلار سۆيۈپ.
‏قەدىرلەيمەن ئۆزۈمنى قانداق،
‏تەربىيلەڭلار مىسال كۆرسۈتۈپ.
‏ئۆزۈڭلارنىڭ ھەركىتى كىرەك،
‏ئەمىليەت يوق سۆزلەركى ئۆلۈك.

‏ماڭا دائىم كۆڭۈل بۆلۈڭلار،
‏شاتلىنىڭلار مەۋجۈتلۇغۇمدىن.
‏مەن ھىس قىلاي قالتىسلىغىمنى،
‏مېھىر بىلەن سۆيۈلگۈنۈمدىن!

‏قۇلۇغۇڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا،
‏ساداسىنى مىنىڭ قەلبىمنىڭ.
‏كىچىك كۆرمەي ئوينا مەن بىلەن،
‏قىسلىغىدا تاتلىق پەيتىمنىڭ.

‏ماختاپ قويغىن توغرا ئىش قىلسام،
‏رىغبەت ئالاي كۈچەي تېخىمۇ.
‏دىمە ھەرگىز ئىرەڭسىز قاراپ،
‏مىنىڭ بالام كىچىك بالىغۇ.
‏ئىيتىپ بەرگىن ئۆزۈڭ ھەققىدە،
‏بىلىپ قالاي ئارزۇلىرىڭنى.
‏مىنى كۆرگىن دوستۇڭ ھەم بالاڭ،
‏تۆكۈۋەرگىن قايغۇلىرىڭنى!

ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ تەتقىقات ئارقىلىق مۇئارىپنىڭ- جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتغا بولغان ئىجابى رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ  ئىلان قىلغان ماقالىلىرى نۇرغۇن.
دۇنياغا داڭلىق ئالى مەكتەپ ماسشاچۇسەتتس تەخنىكا ئىنستىتونىڭ ئىقتىسادشۇناسى مەلانىئە ۋاسسەرمان ئوز تەتقىقاتىد  بالىلارنىڭ ئوسۇپ يىتىلىشىدە ئاتىلارنىڭ رولىنىڭ مۇھىملىغىنى بايقىغان.

‏Thomas B. Edsall نىڭ  نېۋ يورك ۋاقتى گىزىتىگە بىسىلغان «قايسى سەۋەپلەر نامراتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟» ناملىق ماقالىسى مۇنداق بايقاشنى قەيت قىلغان
:
‏M.I.T ئىقتىسادشۇناسى Melanie Wasserman بىر تەتقىقاتىدا مۇنۇلارنى بايقىغان:
‏    بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدە ئاتىلارنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم. ھاياتىدا ئاتا مىھرىسىز ياكى ئاتىسىز چوڭ بولۇش-بالىلارنىڭ بولۇپمۇ ئوغۇللارنىڭ پىسخىكىلىق جەھەتتىن ۋە ئىجتىمائى جەھەتتىن نورمال يىتىلىشى شۇنداقلا ئەقلى تەرەققىياتىغا  ئاجايىپ زور دەرىجىدە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ!

مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا يانداش ھىسلىرىمنى بوستونغا توختىماي يېغىۋاتقان قاردەك تۆكۈپ قويدۇم:.
‏*****************
ئاتا -ئانىلارغا
‏********************
‏ئاتا بولۇپ قالساڭ مۇبادا،
‏مىھرىڭنى بەر پەرزەنتلىرىڭگە.
‏بويۇن قىسىپ قالمىسۇن ئۇلار،
‏كىتىپ قالما يىراق يەرلەرگە.
‏كەتسەڭمۇ كەت، كەتمە بالىسىز،
نىمە كۆرسەڭ بىللە كۆر ئۇنى.
‏ئاتا مىھرى ئۇلۇغ مۇقەددەس،‏
‏چۈشىنىدۇ ئاقىللار بۇنى.

‏ئانا بولۇپ قالساڭ مۇبادا،
‏ئانا بولغىن مەڭگۈ مىھرىۋان.
‏بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن،
‏دادىسنى قوللا ھەر زامان.
‏كەچۈرۈم قىل رەنجىتىپ قويسا،
‏كەچۈرۈشتە بولار مۇھەببەت.
‏ئارغامچىنى كەسمە ئالدىراپ،
‏ئۇ مۇناپىق، بولمىسا پەقەت!

‏كىم بىلىدۇ يىقىن بىر كۈندە،
‏مېھر بىلەن ئۆسكەن بالاڭلار.
‏بىر ئاجايىپ بالا بوپ قالسا،
‏ساقىيىدۇ كۆڭۈل ياراڭلار.
‏يوق ئىشلارغا قىلماي تەنتەكلىك،
‏«باللىرىم» دەپ تەمكىن ياشاڭلار!!!...

    دىمەك، ئامىرىكىلىقلار ئاتا-ئانا مەھرىنىڭ بالىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىغىنى ئاللا بۇرۇن تونۇپ يەتكەچكە ئۇنىڭغا مانا مۇشۇنداق ئېتىۋار بىرىدۇ.شۇڭا مەن ياش ئاتا-ئانىلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى بالىڭىز ئۇچۇن زېھنىڭىزنى بىرىڭ، ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ياردەمدە بولۇڭ.
بالىڭىز ئۇچۇن ئىقتىساد ئاجرىتىڭ، ئۇلارغا زۆرۈر ھەمدە قوشۇمچە ئوقۇش ماتىرياللىرىنى ئىلىپ بىرىڭ، ئىلىم-پەن كۇرجۇكلىرىغا قاتناشتۇرۇڭ.
قىسقىسى ئۆزىڭىزنىڭ بىغىشلاش روھى ئارقىلىق ئۇلارغا مەبلەغ سىلىڭ! بۇنىڭ نەتىجىسىدە سىز، ئەقلى، ئەخلاقى ۋە جىسمانى جەھەتتىن بىجىرىم يىتىلگەن، ھاياتتا ياشاش ئىقتىدارى كۈچلۈك پەرزەنتلەرگە ئىگە بولىسىز.

     مەن مەزكۇر يازمىدا ئوغلى ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت پۇل تىپىش ئۇچۇن مەبلەغ سالغان ھابىل بىلەن  ئۆز بالىسىنىڭ كىلەچىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ مۇئارىپىغا مەبلەغ سالغان قابىلنىڭ ئىرىشكەنلىرىنى سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق مۇئارىپقا سالغان مەبلەغنىڭ خەتەرسىز ھەمدە ئۇزۇن مۇددەتلىك، كۆپ پايدا ئىلىپ كىلىدىغان مەبلەغ  سىلىش ئىكەنلىگىنى يورۇتۇپ بەرمەكچىمەن.

      مەلۇم يۇرتتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئىككى دوست بار ئىكەن، بىرسىنىڭ ئىسمى ھابىل يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى قابىل ئىكەن. ھابىل  كىچىكىدىن مەكتەپنى ياخشى كۆرمەيدىكەن، ئەمما بازارنى ياخشى كۆرىدىكەن. قابىل بازارنى ياخشى كۆرمەيدىكەن مەكتەپنى ياخشى كۆرىدىكەن. ھابىل بازارغا بىكارغا بارمايدىكەن. يازدا مەسجىدنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ دوغاپچىلىق قىلسا، قىشتا كىنوخانىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ كاۋاپچىلىق قىلىدىكەن. بىر يىلى ئۇ تىجەشلىك بىلەن يىققان پۇلى بىلەن بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇشلۇق تەنھا بوۋاينىڭ ھويلىلىق ئۆيىنى سىتىۋاپتۇ. ۋە ئىككى يىل ئۆتكەندىن كىيىن بانكىدىن قەرز ئىلىپ ھىلىقى ئۆينى بۇزۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا بىرىنجى قەۋىتى رىستۇران، قالغان قەۋەتلىرى ياتاق بولغان مىھمانخانا ساپتۇ. چۈنكى ئۇ بۇ گۇللىنىشكە باشلىغان شەھەرگە ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلەپ كىلىشكە باشلىغىنىغا دىققەت قىلغان ئىكەن. دەرۋەقە ئۇنىڭ تىجارىتى گۈللىنىپ 27 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا يۇرتتا بارماق بىلەن سانىلىدىغان بايغا ئايلىنىپتۇ.ھەم تېرىشچان ھەم زىرەك ئىكەن بۇ ھابىل.

     ھىچ ئىشنى ئويلىماي پۇل تېپىشقىلا بىرىلىپ كەتكەن ھابىل 28 ياشقا كىرگەندە توي قىپتۇ، 29 ياشقا كىرگەندە ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپتۇ ۋە بۇ تۇنجى پەرزەنتىنى ئاتىلىق مىھرى بىلەن سۆيۈپتۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى سۆيۇش باشقىچە ئىكەنكى، بالىسى نىمە دىسە ئېغىزىدىن چىقىشىغا شۇنى تەييار قىلىپ بىرىدىكەن ئەمما ئۆزى مەكتەپنى ياخشى كۆرمىگىنى ئۈچۈن،  بالىسىنى مەكتەپكە ئەۋەتىدىكەنۇ ئەمما ئۇنىڭ ئوقۇشىنىڭ قانداقلىغىنى سۈرۈشتە قىلمايدىكەن.

    ئەلقىسسە، ھابىلنىڭ ھىكايىسى بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن، ئەمدى گەپنى قابىل ھەققىدە  ئىشتەيلى.

     قابىل مەكتەپتە ئەلاچى ئوقۇپتۇ، ئالى مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرۈپتۇ ئەمما پۇل ۋە مۇناسىۋەت كۈچلۈك بولغان جەمىيەتتە  ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە ئارام ئۇلۇشۇپتۇ. 25 يىشىدا توي قىلغان قابىلنىڭمۇ تۇنجى بالىسى ئوغۇل ئىكەن. ئەينى چاغدا قابىلنىڭ ئارزۇلىرى بۈيۈك بولۇپ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى، داڭلىق ئالىم بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ئىكەن، ئەمما خىزمەتكە تىز چىقىپ كىسەلچان ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش ئىھتىياجى ئۇنى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كىتىشكە مەجبۇر قىلغان ئىكەن.
     قابىل بالىسى تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۇنىڭغا ھەم ئاتىلىق مېھرنى بىرىپ، ھىكايە سۆزلەپ بىرىپ، قوسىغىنى توق، كىيىمىنى پۇتۇن قىلىپ، ئوغلىنى كىتاپ ئوقۇشقا، جىسمانى جەھەتتىن چىنىقىشقا يىتەكلەپ، ئۇنىڭغا ئەل-يۇرتنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ئۈگۈتۈپ ناھايىتى سۈپەتلىك چوڭ قىپتۇ.بالا تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا چوڭ شەھەرگە ئوقۇشقا تاللىنىپ كىتىپتۇ، ئۇ يەردە بۇ بالا ئېنگلىزچىنى ياخشى ئۈگۈنۈپ ئامىرىكىدىكى بىر ئالى مەكتەپكە بىر يىلىغا 50،000 دوللارلىق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قوبۇل قىلىنىپتۇ ۋە ئامىرىكىغا ئوقۇشقا كىتىپتۇ.

"ئىشەك، ئىشەكتىن قالسا كىيىن، كەسكىل ئۇنىڭ قۇلىغىنى، ھىچ بولمىدى دىگەندە بىرسىنى" دىيىشىپتىكەن ئاقىللار.

    قابىلنىڭ ئوغلىنىڭ ئامىرىكىغا ئوقۇشقا كەتكىنىنى كۆرگەن ھابىل، گەرچە ئۆزىنىڭ نەچچە يۇز مىليونلىغان پۇلى بولسىمۇ ئەمما  بىر يەرلىرى كەمدەك، ئۆزىنى نامراتتەك ھىس قىلىشقا باشلاپتۇ ۋە پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي بايبول شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ بالىسىنى ئامىرىكىغا ئوقۇشقا چىقىرىشقا تۇتۇش قىپتۇ، بالىسىنى ئوقۇشقا ئەۋەتكەن يىلىلا 50000 دوللار چىقىم بوپتۇ. چۇنكى بۇ بالىدا "دادامدا پۇل كۆپ" دىگەن ئىدىيە بار ئىكەندە، پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپ كەتمەيدىكەن. ئۇنىڭ چىقىملىرى ۋە ھەم ئىشلىرى يىلدىن يىلغا كۆپۈيۈپتۇ.

    دادىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپمۇ كىچىكىدىن مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمىغان بۇ بالا، دادىسى يوق بولۈان ئامىرىكىنىڭ  مەكتەپلىرىدە قانداقمۇ ياخشى ئوقۇيالىسۇن؟ ئۇ پەقەت پۇلنىڭ كۈچى بىلەن دىپلوم ئىلىشقا ئۇرۇنۇپتۇ. بىر ئىشنى زورىغا قىلغاندىن كىيىنلا، چىقىم ئىشىپ كىتىدۇ.
ئەمدى بىز بۇ مىسالدا بالىلارغا سىلىنغان مەبلەغ ۋە ئۇنىڭ ئىلىپ كەلگەن ئۈنۈمىنى ھىساپ قىلايلى.

    قابىلنىڭ بالىسى، ئادىل يىلىغا $50000 ئوقۇش مۇكاپاتى ئالدى، بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىنى تۆت يىل ئالدى. ئەگەر قابىلنىڭ بالىسى ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئالالمىغان بولسا، بۇ ئوقۇشنى قامداش ئۇچۇن بانكىدىن يىلىغا 4% قەرز بىلەن قەرز ئالغان بولسا تۆت يىلدا جەمى $212،323 خەجلىگەن بولاتتى. لىكىن ئادىل ئۆزىنىڭ ياخشى ئوقۇشى ئارقىلىق دادىسىغا بىر مىليوندىن ئارتۇق پۇل تىجەپ بەردى، بۇنچىلىك پۇلى بار ئادەم ئۈرۈمچىدە خەلق پۇلىغا بىر مىليونىر. دىمەك بۇ بىر ياخشى ئىش يەنى مۇسبەتتۇر. ئادىل مەكتەپتە ئوقۇشتاا ھۇلنى ياخشى سالدى، چىش دوختۇرلۇقىغا ئۆتتى، ئەمدى ئۇ ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىن بىر ئۆمۈر خىزمەتتىن، ئىقتىسادتىن ۋايىم يىمەي ياشايدۇ، ئائىلىۋى مېھر مۇھەببەتنىڭ كۈچىدە چوڭ بولغان ئۇ، ئۆزىنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ سۈپەتلىك سەۋىيەدە چوڭ بولۇشىغا كۆڭۈل بولىدۇ، كىم ئىيتىدۇ ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن ئامىرىكىنىڭ شەھەر باشلىقلىرى، داڭلىق ئالىملار ۋە ھەتتا پارلامېنت ئەزالىرى چىقمايدۇ دەپ!  ا
     يول دىگەن ماڭغاندىن كىيىنلا ئىچىلىدۇ، بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن پۇختا باسقاندىن كىيىنلا، مۇساپە ئاۋۇيدۇ، گۈزەل مەنزىللەرگە يىتىپ بارغىلى بولىدۇ.

      ھابىلنىڭ بالىسى، سابىرمۇ ياخشى بالا بولدى، بالىدا گۇناھ يوق ئەمما بىرلا يىرى ئۇنىڭغا ھىسسىيات جەھەتتىن، چوڭلارنىڭ ۋاقتى جەھەتتىن مەبلەغ سىلىنمىغان.  دىمەك مەسىلە، بالىدا ئەمەس چوڭلاردا.بۇ بالىغا ئوقۇش خوش ياقمايدۇ، ئەمما پۇل خەجلەش، دادىسىنىڭ تاپقىنىنى خەجلەش بەك خوش ياقىدۇ.ئەگەر ئادىلنىڭ ھىساۋاتىنى سابىرغا قوللانساق، سابىر ئادەتتىكى مەكتەپتىن بىر دىپلوم ئىلىش ئۈچۈن كەم دىگەندە خەلق پۇلىغا بىر مىليونىرنىڭ بايلىقىنى سەرپ قىلىدۇ. دىمەك بۇ بىر زىيان يەنى مەنفىلىكتۇر.
      ئەل ئىچىدە "يىتىپ يىسەڭ تاغمۇ توشۇمايدۇ" دىگەن گەپ بار، مۇشۇنداق شارائىتتا چوڭ بولغان بالا، ئۆزىغۇ دادىسىنىڭ تېپىپ بەرگىنىنى يە، ئەمما ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى قانداق قىلىدۇ؟بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى، بىر ئائىلىنىڭ گۈللىنىشى ۋە بىر خەلقنىڭ قۇدرەت تىپىشىدا ئۆزىگە چۇشلۇق لاھىيە ۋە تەدبىر بولمىسا بولمايدۇ، "تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ" دىگەن سۆز بەرھەق، جايىدا ئىيتىلغان!

      خۇلاىسىلىغاندا، پەرزەنتلەرنىڭ بىلىمىگە سىلىنغان مەبلەغ زورايسا زورىيۇدىكى، يوقالمايدۇ، ئۈزلۈكسىزلىككە ئىگە  بولىدۇ، ئۇنى ھەم ھىچكىم بۇلاپمۇ ئالالمايدۇ. شۇڭا ئۇ بىر خىل خەتەرسىز مەبلەغ سىلىشتۇر!ئەمما پەرزەنتكە سىلىنماي ئىقتىسادى ئوبىكتلارغا سىلىنغان بايلىق ۋاقىت ۋە شارائىتىنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە ئەگىشىپ يوقاپ كىتىدۇ، شۇڭا ئۇ خەتىرى بار مەبلەغ سىلىشتۇر. لىكىن بۇنى قىلمايمۇ بولمايدۇ، ئەمما بۇنى مۇئارىپقا مەبلەغ سىلىش بىلەن بىرلەشتۈرسە، گۈل تازا گۈلىگە ماس كەلگەن، ھەر تەرەپتىن باي بولغان بولىدۇ، مانا ببۇ ھەقىقى مەنىدىكى باي بولۇشتۇر!

    شۇڭا، پەرزەنتلىرىڭلەرگە مەبلەغ سىلىڭلار ئاتا-ئانىلار، ئۆزۈڭلارنىڭ باغرىنى يىرىپ چىققان بالاڭلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ بۇ رىقابەتلىك جەمىيەتتە باشقىلارنىڭ ئالدىدا بويۇن ئىگىپ، سارغىيىپ قالماسلىغى ئۈچۈن، ۋاقىت، زېھن، ئېنىرگىيە ۋە پۇل جەھەتتىن مەبلەغ سىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ ئويۇن كۇلكىسى بىلەنلا بولىدىغان شەخسىيەتچى ئاتا ئانىلاردىن بولماڭلار، ھەرگىز!

    پەرزەنتلىرىنىڭ مۇئارىپىغا مەبلەغ سىلىش - مانا بۇ ھەقىقى ئاقىلانە مەبلەغ سىلىشتۇر! بۇ خىل مەبلەغنى سىلىۋاتقان كىشىلەر ھەقىقى ئاقىل كىشىلەردۇر. مۇشۇنداق ئاتا-ئانىلارغا رەھمەت ۋە تەشەككۇرلەر، سىلەرنىڭ جەمىيەتنىڭ بايلىغى، ئۇلگىلىك پۇقراسى!

0

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3902
توردىكى ۋاقتى: 1605
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 11:39:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل ..ھەقىقەتەن ئېسىل يازما بوپتۇ، تولىمۇ تەسىرلەندىم،،!!  
رەھمەتلىك دادام ئۇزۇن يىللىق كارخانىچى بولغىنى بىلەن  خۇددى قەيسەركام  ئېتقاندەك بىر ئىغىز گەپنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئۆمۈد ۋە ئىشەنچ بىلەن تەكىتلەپ كەلگەن، -ئەقىلگە سېلىنغان مەبلەغ ئەڭ ئاقىلچە سېلىنغان مەبلەغ ، قانچىلىك ئوقۇيمەن دېسەڭلار ئارقامدا تاغدەك دادام بار دەپ خاتىرجەم ئوقۇڭلار باللىرىم..- ، دەپ دائىم بىزگە ئېلھام بېرەتتى. گەرچە  دادامنىڭ ئىرادە-ئىشەنچىسىگە لايىق بىر بىلىم ئېگىسى بولالمىساقمۇ لېكىن ئۇنىڭ شۇ سۆزلىرى ھېلىغىچە يۈرۈگۈمنى لەرزىگە سالىدۇ.
بۈگۈن مەنمۇ ئۈچ پەرزەنتكە دادا بولغاندا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى  بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىغى مېھرى-مۇھاببەت ۋە پەرۋىشكە تولىمۇ ئېھتىياجلىق بولىدىكەن.  ئەگەر بۇلارغا يېتەرلىك ئېرىشەلىسە ئېنسان بالىسى ھەقىقەتەن ئالتۇنغا تېگەشكۈسىز بېباھا بايلىققا ئايلىنىدىكەن.
سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدەك ئارامبەخىش سۆزلىرىڭىز ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر قەيسەركا...!!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

2436

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21527
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 778
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 11:48:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tokqi123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 11:51  

بۇگۇن سەھەردە بۇ تېمىنى كۆرۇپ كۆڭلۇم باشقىچە ئېچىلىپ قالدى.توغرا ئۆز پەرزەنتى ۋە ئاتا-ئانىسىغا كۆيۇنمىگەن كىشىدىن باشقا ئىشلاردىن ئۈمۇت كۇتۇشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.پەرزەنىتلەرنى ياخشى تەربىيەلەش،ئۇلارغا مەغلەغ سېلىش ئاقىلانىلىقتۇر.مېنىڭمۇ ئاللا ئاتا قىلغان 2پەرزەنتىم بار،ئوغلۇم 3يىل بولدى چەتئەلدە ئوقۇۋاتىدۇ،شۇنداق ياخشى ئوقۇۋاتىدۇ،قىزىم تولۇقسىز 3-يللىققتا ،پۇرسەت بولسا ئۇنىمۇ چەتئەلگە چىقىرىپ ئوقۇتۇش پىلانىم بار.مەن بارلىقىمنى سەرىپ قىلىپ 2بالامنى ئۇلار ئۆزلىرى نىشان قىلغان ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە يەتكۇچە ئوقۇتماقچى.بۇ ئارقىلىق مەن ئۆزۇم يېتەلمىگەن نىشانلارغا پەرزەنىتلىرىمىنىڭ يېتىشى ئۇچۇن شارئىت يارىتىپ بېرىپ ،ئۇلارنىڭ نەتىجىسىدىن كۆڭلۇمنى ئارام تاپقۇزسام دەيمەن...
قەيسەر مۇئەللىم ،بۇ يازمىڭىز ئۇچۇن ئاللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، رەخمەت سىزگە!

0

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3902
توردىكى ۋاقتى: 1605
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 12:24:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە دەۋىرنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇ كىشىلەرنى مائارىپنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىگىنى تونىشىغا تۈرتكە بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە گاڭگىراش ۋە ئۆمۈتسىزلىك ھۆكۈم سۈرمەكتە. بۇنى تۈگىتىش ئۈچۈن  مائارىپ ئۇقىمىنى ئوخشىمىغان توقتىدىدىن چۈشىنىشكە ئېھتىياجىمىز بار.   
ئەۋلادقا بولغان تەلىم-تەربىيەنىڭ ئەڭ موھىم تېزگىنى يەنىلا ئاتا ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ قولىدا، ئائىلە يەنىلا ئەڭ موھىم مەكتەپ. بۇ قەدىمدىن  ھازىرغىچە ھېچ ئۆزگەرمىگەن ھەقىقەت. بالىلار ۋە ئائىلىگە تۈزۈك ئېگە چىقالمىغاندا بالىلىرىمىزنى ھەر قانداق مائارىپ ئادەم قىلالمايدۇ.  كۈزىتىشىمچە ئاتا-ئانىلارنىڭ  ئەڭ زور قېيىنچىلىغى مەلۇم مەنىدىن يەنىلا ئۆز ھاياتىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان ئەۋلادلىرىنىڭ تەلەم-تەربىيە ۋە كەلگۈسى-ئىستىقبالىغا بولغان ئەندىشىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.  بۇ خىل قېيىنچىلىق ئائىلىلەرنى كىرزىسكە پاتۇرىۋاتقان بىر يوشۇرۇن ئاپەتكە ئوخشايدىكەن. جەمىيەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ خىل قېيىنچىلىغىغا خالىس ۋە سەمىمى ياردەمدە بولىدىغان  ئىلمىي، زامانىۋى،  ساغلام بولغان بىر كوللىكتىپ ھەمكارلىق مېخانىزىمى بولىشى تولىمۇ زۆرۈركەن.
مەن مۇشۇ نوقتىنى چىقىش قىلغان تەسەۋۋۇرلىرىمنى  شۇنداق بىر كونكىرىت  مىخانىزىمىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان بىرى بولۇش سۈپىتىمدە  خۇددى قەيسەركامنىڭ مۇشۇ ماقالىسىدىكىدەك ئېدىيەنىڭ پۈتۈن جەمىيەتنىڭ دېققەت ئېتىبارىنى ئۆزىگە قارىتىشىنى ۋە بۇ ھەقتىكى پىكىر-مۇلاھىزىلەرنىڭ ئەۋجىگە چىقىشىنى كۆرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن.

1

تېما

2

دوست

4731

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12157
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 1346
توردىكى ۋاقتى: 271
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 13:28:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا ئانىسى بالىلارنى تىپىپ قۇيۇپ قۇرسىقىنى ئاچ قۇيمىسىلا بولدى دەپ ئۇقۇش بىلەنم ۇ كارى بولمىسا سىلەرچە بۇ ئاتىدىن قانداق بالىلار بارىلىققا كىلەر...

ئاتا ئانىنىڭ ھۇلى بولمىسا بار جاپا بالىلارغا قالىدىكەن.راسىتلا بەك جاپادا قالىدىغان گەپكەن.ھەي.......ئاخىردا كەلمىگەن تەلەيدە ئاتاڭنىڭ ھەققى بارمۇ دەپ ئولتۇردىغان ئىش چىقىدىكەن.قورساق كۆپىكى...

0

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3902
توردىكى ۋاقتى: 1605
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 13:28:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tokqi123 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 11:48
بۇگۇن سەھەردە بۇ تېمىنى كۆرۇپ كۆڭلۇم باشقىچە ئېچىلىپ ق ...

نۇرغۇن كىشىلەر تىرىشىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ باللىرىنى ياخشى ئوقۇتۇپ ياراملىق ئادەم قىلىشنى روناق تېپىش يولى دەپ ئويلايدۇ.  ئەمدىكى دەۋىر شەخىسكە ئۇنداق بىر پۇرسەت بەرمەيدۇ.  بىر بالا يالغۇز بىر ئائىلىدە  يالغۇ بىر ئاتا-ئانىنىڭ تىرىشچانلىغى بىلەنلا  پەرۋىش تاپماي بەلكى جەمىيەتتىن ئېبارەت تېخىمۇ چوڭ بىر ئائىلە  ۋە مىڭلىغان ئاتا-ئاتا ئانىلارنىڭ كولىلىكتىپ  ئەقىدىسى ۋە ھەمكارلىغى بىلەنلا ياراملىق قاتارغا قېتىلىشى مۈمكىن.  يەر شارىلىشىۋاتقان دەۋىرنىڭ ئائىلە ئۇقۇمىغا بولغان  يەنە بىر ئۆزگىچە ئېنىقلىمىسى ئورتاقلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ھەمكارلىق كوللىكتىپىدۇر.

1

تېما

2

دوست

5288

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1570
توردىكى ۋاقتى: 309
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 13:34:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس تىما ،پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تازا باپ كېلىدۇ.ھابىل ۋە قابىلدەك كىشىلەر ئەتىراپىمىزدا ناھيىتى كۆپ،لىكن بىزگە كىرىكى ھابىلدەك ئەمەس بەلكى قابىلدەك ئاتا-ئانىلار . شۇنداق ئاتا-ئانا بولۇشقا ھەممىمىز تىرىشچانلىق كۆرسىتەلەيمىز مېنىڭچە.

0

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3902
توردىكى ۋاقتى: 1605
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 14:05:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
izqel يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 13:28
ئاتا ئانىسى بالىلارنى تىپىپ قۇيۇپ قۇرسىقىنى ئاچ قۇيمى ...

بالىلارنىڭ تەربىيەسىز قېلىشى ئاتا ئانىلارنىڭ ئىقتىدارسىزلىغى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىقتىدارسىزلىشىشى جەمىيەتنىڭ سەۋەنلىگى.  نۇرغۇن پۇل تاپقان بايلار، ئالى مەلۇماتلىق زېيالىلار  بىر تۈزۈك ئائىلىمۇ قۇرالماي، بىر-ئىككى ياراملىق ئەۋلادمۇ  قالدۇرالماي  كېتىۋاتىدۇ بۇ دۇنيادىن. يەنە نۇرغۇن  جاپاكەش ،نامرات ئائىلىلەردىمۇ ياراملىق بالىلارنىڭ ئۆسىۋاتقىنىنى ، شۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىمۇ ، پۈتۈن جەمىيەتكىمۇ ئۆمۈد ۋە خۇشاللىق بېرىۋاتقىنىنىمۇ كۆرىۋاتىمىز.  بۇ دۇنيانىڭ ئادىللىغىمۇ شۇ يەردىمىكىن دەيمەن.
بۈگۈنكى دەۋىرنىڭ ئۆزگىرىشى خۇددى كەلكۈندەك كېلىپ ھەر بىر ئاتا-ئانىغا، ھەربىر پەرزەنتكە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ ، لېكىن بىر جەمىيەت سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار بۇ دەۋىرگە تولىمۇ ئاجىز يۈزلىنىۋاتىمىز.  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )