قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 578|ئىنكاس: 13

ئانا (ھىكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

1

دوست

184

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   61.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34397
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 21:04:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahipkiran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 21:14  

ئانا (ھىكايە)


موماي كوچىلاردا خېلىغىچە مەقسەتسىز ئايلىنىپ يۈردى، كەچ كىرىپ ئەتراپنى خېلىلا قاراڭغۇلۇق قاپلىدى. ئاپلا! نامازشام ئۆتۈپ كەتكىلى تۇرۇپتۇغۇ. موماي شۇندىلا ئېسىنى يىغىپ دەرھال نامىزىنى ئوقۇماقچى بولدى ۋە قەيەرلەرگىدۇر ئالدىرىدى، لېكىن ئالدىدىكى تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە يەنە نەگە مېڭىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى. كوچىنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدىلا چوڭ قىزىنىڭ ئۆيى، ئايىغىدا چوڭ ئوغلىنىڭ ئۆيى بار ئىدى، سول تەرەپتىكى كوچىدا 3 - ئوغلىنىڭ ئۆيى، ئاۋۇ بىنادا كىچىك قىزىنىڭ ئۆيى كۆرۈنۈپلا تۇراتتى. ئۇنىڭ بايىلا چەكسىز دەرد - ھەسرەت ئىچىدە پۇچىلىنىپ يېنىپ چىققىنى ئۆزىنىڭ، توغرىسى 2 - ئوغلىنىڭ ئۆيى ئىدى، ئۇ بۇ ئۆيگە ئەمدى ھەرگىزمۇ قايتىپ كىرمەيتتى. موماي ئۈچۈن ھاياتلىقتا يەنە كۆڭلى تارتىپ ئۈسۈپلا كىرەلەيدىغان، قورقماي بارالايدىغان ھېچقانداق يېرىمۇ قالمىغاندەك قىلاتتى. موماينى ئىختىيارسىز تىترەك باستى. كەچ كۈزنىڭ ئاچچىق شامىلى ئۇنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەن كۈچسىز تېنىگە زەھەردەك سانجىلاتتى. كوچىنى ئوراپ تۇرغان دەرەخلەردىن تۆكۈلگەن ساپسېرىق غازاڭلار موماينىڭ ئاياغلىرىدىن شىلدىرلاپ ئۆتۈپ، قاياقلارغىدۇر دەرمانسىز ئۇچاتتى. موماي يەر بېغىرلاپ ئۇچۇۋاتقان غازاڭلارغا، سۇلياۋ خالتىلارغا، يالىڭاچلىنىۋاتقان دەرەخلەرگە نەزەر تاشلىدى. شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنىمۇ ئاشۇ شېخىدىن ئايرىلغان غازاڭلاردەك، تاشلىۋېتىلگەن قەغەز پارچىلىرىدەك قەدىرسىز ھېس قىلاتتى. ئۇ چەكسىز ئازاب ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە نەزىرىنى ئاستا - ئاستا بىپايان كۆككە يۆتكىدى. ئاسماندا كۈل رەڭ بۇلۇت ئارىسىدا مىسكىنگىنە ئاي، يۈزىنى توسۇپ تۇرغان بەدرەڭ بۇلۇتلاردىن ئازار يېگەندەك ئاستا ئۈزۈپ يۈرەتتى. ئاينىڭ مىسكىنلىكى بىلەن موماينىڭ قەلبىدىكى ئازاب گويا بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەندەك قىلاتتى... كۆڭۈلسىز مەنزىرىلەر موماينىڭ كۆڭلىدىكى غەشلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. چەكسىز ئازاب بىلەن بىللە ئۆزىنى ئۇزاق يىل قىيناپ كەلگەن زىققە كېسىلى موماينىڭ ھالىنى قويمىدى. ئۇ ئۆرتەپ كەلگەن پىغاندىن ھۆركىرەپ يىغلىۋېتىشتىن ئۆزىنى بېسىپ ئاستا كەينىگە ياندى - دە، نەچچە قەدەملا نېرىدىكى پىيادىلەر يولىغا يانداش قويۇلغان ئۇزۇن ئورۇندۇقتا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى. شامال كۈچىيىپ كەتتى، قاياقتىندۇر ۋەھىمىلىك ئاۋازلار كېلەتتى. ئاچچىق سوغۇق موماينىڭ ئەتسىز بەدەنلىرىگە زەرب بىلەن ئۇرۇلاتتى. موماي تىترەپ تۇرۇپ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ نامازشامنىڭ ئۈچ رەكەت پەرھىزىنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ خىيالىي، ئانچە - مۇنچە ئىشارەت بىلەن ئۇقۇۋالدى. ناماز ئاخىرلاشقاندا ئادىتى بويىچە قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلماقچى ئىدى، سوغۇقتىن دۈگدىيىشىپ، يۈگۈرۈشۈپ دېگۈدەك كېتىۋاتقانلاردىن سەل نومۇس قىلىپ قالدى. لېكىن قول كۆتۈرمەيمۇ چىن دىلىدىن دۇئا قىلىشقا باشلىدى: »ئاھ قۇدرىتى كەڭ ئاللا! بالىلىرىمنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ، دىيانەت ئاتا قىلغىن، ئۇلارنى ئىككىلا دۇنيادا ئەزىز قىلغىن، مەن ئۇلاردىن مىڭ مەرتىۋە رازى...« موماي مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ كەتتى. ئوغلىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك قەھرلىك ئاۋازى، ھېلىلا ئۇنى يانجىپ تاشلىۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا قولىدىكى تىزگىنەكنى قارس - قۇرس قىلىپ سۇندۇرۇپ، ساپا يېنىدىكى يۇمىلاق ئورۇندۇقنى كۈچەپ تېپىشلىرى كۆز ئالدىغا كېلىۋالدى. ۋەھىمە، ئۈمىدسىزلىك، ھاياتتىن بىزار بولۇش تۇيغۇسى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى ئېزىپ - ئېزىپ پايخان قىلاتتى، يۈرىكىنى مۇجۇپ نەپىسىنى قىساتتى.
−− ئەگەر ئۇ سىزگە ۋارقىراپ - جارقىرىسىلا ياقىسىغا ئېسىلىڭ، نوچى بولسا سىزنى بىرنى ئۇرۇپ باقسۇنچۇ قېنى! ئاندىن كۆرىدۇ كۆرگۈلۈكىنى. سىز دېگەن ئانا! ئانىدەك تۇرۇڭ!
بۇ كىچىك قىزىنىڭ سۆزى، بىچارە قىز مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرۇپ ئاچچىق دەردىدە ئانىسىغا ۋارقىراپ كەتكەنىدى. لېكىن موماي ئوغلىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلمىدى. ئۇنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنى قەھرلىك سۇندۇرۇپ، ئورۇندۇقنى زەرب بىلەن تېپىشلىرىگە ئۈنسىز قاراپ تۇردى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، تونۇغۇسىز دەرىجىدە ئۆزگىرىپ، قورقۇنچلۇق دەرىجىدە ۋاپاسىزلىشىپ كەتكەن ئوغلىغا ئاجايىپ بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ قارىدى. »كەچۈرۈڭ ئانا! مەن ئەقىلسىزنى كەچۈرۈۋېتىڭ! مەن نېمىلەرنى قىلىپ يۈرۈيمەن ئانا، مەن پۇشايمان قىلدىم« دېيشىنى مىڭلارچە تەمە بىلەن كۈتتى. ئۇ ھەرگىزمۇ يۈرەك پارىسىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلمايتتى. شۇ ھالدا ئۆزىنى مىڭ پارە قىلىۋەتسىمۇ دەردى چىقمىغۇدەك دەرىجىدە تەلۋىلىشىپ كەتكەن ئوغلىنىڭ قولىنى ئۆزىگە تەگكۈزۈپ، ئۇنى ئاللانىڭ ئالدىدا مەڭگۈ »قارغىش«، »ئاسىي«، ئىككىلا ئالەم قارا يۈز قىلىۋېتىشنى خالىمايتتى...
موماي شۇ ھالدا خېلى ئۇزاققىچە ئولتۇرۇپ كەتتى. نېمانچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغاندىمەن؟ −− دەپ ئويلاپ كەتتى ئۇ، −− ياشلىقىمدا قايسى قىلىپ قويغان گۇناھلىرىمغا مۇشۇ كۈنگە قالارمەن؟ مېنىڭدىن خېلىلا كىچىك ئاياللارمۇ بىر - بىرلەپ ھەق دۇنياغا كېتىپ بولدى... موماي 80ياشقا كىرىپمۇ يەنە بۇ دۇنيادا سۆرىلىپ، مىڭ زىخنىڭ ئىچىدە قورۇنۇپ، تەمتىرەپ ياشاپ كېلىۋاتاتتى. خۇدا بەندىسىگە ئۆلۈۋېلىشنى راۋا قىلغان بولسا ئىدى، ئۇ قەدىناسى ھېلىم بوۋايغا ئەگىشىپ شۇ كۈنىلا قارا تۇپراققا كىرىپ كېتىۋالغان بولاتتى، لېكىن مۇقەددەس ئېتىقاد بۇنىڭغا يول قويمىدى. بوۋاي 80يېشىدا تۈگەپ كەتتى. مانا ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ مومايمۇ شۇ ياشقا كەلدى. قانداقتۇر بىر چۈشىنىكسىز تۇيغۇ ئۇنىڭ يېشىنى 80گە پۈتۈۋەتكەندەك، ئۇنىڭ نېرىسىغا ئۆتمەيسەن دەپ ۋەھىي قىلاتتى.
بۈگۈن قۇربان ھېيتنىڭ ناماز كۈنى ئىدى. »سەن قۇربان ھېيتنىڭ ناماز كۈنىدە تۇغۇلغان، شۇڭا ئىسمىڭنى قۇربانگۈل قويغان، −− دەپ ھېكايە قىلىدىغان موماينىڭ مومىسى، −− ئاناڭ رەھمەتلىك جىق ھەرەج تارتقان، داداڭ ھېيت نامىزىغا كەتكەنىدى، داداڭ نامازدىن قايتىپ، تۇغۇت ئانىسىنى ئۆيگە ئېلىپ كەلگۈچە ئاناڭ قانسىراپ كەتتى... ساق - سالامەت تۇغۇلغىنىڭنى كۆرۈپ ئاناڭ رەھمەتلىك خۇشاللىقتىن يىغلاپ كەتكەنىدى. سېنى كۆتۈرۈپ ئېمىتمەكچى بولدى، لېكىن قوللىرى قېتىپ بوپتىكەن رەھمەتلىكنىڭ. ساڭا بىر يۇتۇم سۈت بېرەلمىگىنىگە ھەسرەتلىنىپ كۆزى ئوچۇق كەتكەن...«
موماينىڭ ئېسىگە مومىسىنىڭ تالاي رەت ئېيتىپ بەرگەن ئانىسى ھەققىدىكى ھېكايىلەر كەلدى، موماي ئانىسىنى بىلمەيتتى. ئۇنى مومىسى بېقىپ چوڭ قىلغانىدى. »ئۆگەيلەيدۇ« دەپ دادىسىنىڭ كېيىنكى خوتۇنىنىڭ ئالدىغا بىر ئاخشاممۇ بەرمەيتتى. ئۆزى بىر قوللۇق بېقىپ، تەربىيىلەپ 16ياشقا كىرگەندە قوشنا مەھەللىنىڭ كۆزى بولغان ئىشچان يىگىت ھېلىمغا تاپشۇرۇپ پەرزىنى ئادا قىلدى...
موماينىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلدى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كۆزلىرىدىن مېھرىبانلىق يېغىپ تۇرىدىغان مومىسى، ئۆزىگە، ئاقارغان چاچلىرىغا، پېشانىسىدىكى يول - يول قورۇقلارغا ياشلىق چاغلىرىدەك ئىچ كۆيەرلىك بىلەن قاراپ كېتىدىغان بوۋىيى كەلدى. ئۇ ئاچچىق ياشلاردىن تېخىمۇ خىرەلىشىپ كەتكەن گۇنسىز كۆزلىرىنى قىبلە تەرەپكە −− چەكسىز ئاسمان بوشلۇقىغا تىكتى. يىراق - يىراقتىن خىرە كۆرۈنگەن سۇس يۇلتۇزلار شۇ تاپتا زورۇقۇپ جىلمىيىۋاتقاندەك، موماي ئۈچۈن ياش تۆكۈپ پەرياد چېكىۋاتقاندەك كۆڭۈلسىز كۆرۈنەتتى.
موماي چوڭ قىزىنى تۇغۇپ ياتقاندا، مەھەللىدە تۇيۇقسىز ئېغىر ۋابا پەيدا بولۇپ، دادىسى بىلەن مومىسى شۇ ئاپەتتە نۇرغۇن قېرى - ياش، ئۇلۇغ - ئۇششاقنىڭ قاتارى كۆز يۇمدى.
−− ئاۋۇ ئەڭ يورۇق تۇرۇۋاتقىنى موماڭ شۇ، قارا! رەھمەتلىك ئەل ئۆمرىدە ساۋابلىقتىن باشقىنى بىلمەيتتى. شۇڭا ھەممىدىن بەك يورۇپ تۇرىدۇ. يېنىدىكى پارقىراق يۇلتۇز ئاناڭ ھەجەرقىز، ئاۋۇ نېرىدىكىسى داداڭ شۇ. بىزمۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا كېتىمىز، روھىمىز يۇلتۇز بولۇپ ئەۋلادلىرىمىزغا قاراپ تۇرىدۇ، −− بوۋاي شۇنداق دەپ مومىيىنىڭ كۆڭلىنى ياسايدىغان. بوۋاينىڭ دېيىشىچە ئاسماندىكى ھەر بىر يۇلتۇز ئۆلۈپ كەتكەن بىر ئادەمنىڭ روھى ئىكەن. موماي شۇنىڭدىن بېرى بوۋاي كۆرسەتكەن قىبلە تەرەپتىكى ئۈچ تال يورۇق يۇلتۇزغا پات - پات قاراپ قوياتتى. ساددا قەلبى بىلەن ئاسماندا چاراقلاپ تۇرغان پاك روھلارنىڭ ئەۋلادلارغا يار - يۆلەك بولۇپ، ئۇلارنى قوغداپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇراتتى، ھەم بۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنەتتى. مۇشۇ خىل كۈچ - قۇدرەت ۋە ئۈمىد ئىچىدە ئۇ نۇرغۇن يىللارنى ئۆتكۈزدى. كۆرمىگەن كۈنى، تارتمىغان جاپاسى قالمىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق قىيىنچىلىق، كۈلپەت، قەھەتچىلىك، ۋابا... ھەممىسى ئۆتكۈنچى شامال ئىدى. ئۆتۈپ كەتمەيدىغان، ئىزىغا چۈشمەيدىغان ھېچقانداق ئىش بولمايتتى. لېكىن موماي شۇ يېشىغا كەلگەندە ئۆزىگە كەلگەن بۇ غېرىبلىقنىڭ قاچان، قەيەردە ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى زادىلا بىلمىدى.
بوۋاي تۈگەپ كەتكەندە، مومايغا بازارنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرىدىن باغۋارانلىق ھويلا، ئىشىكى تالاغا قاراپ ئېچىلغان، چوڭ - كىچىكلىكى، زىننەتلىنىشىمۇ ئوخشاش ئون ئېغىزلىق دۇكان ئۆي قالدى. دۇكانلارنىڭ ئايلىق ئىجارىسىلا 5000يۈەندىن ئاشاتتى. بوۋاي بىلەن موماينىڭ بۇ دۇنيالىقتا تاپقان - تەرگىنىنىڭ ھەممىسىمۇ مۇشۇلار ئىدى. كېيىنكى كۈنلەردە موماينىڭ ياغلىققا تۈگكەنلىرىنىمۇ بوۋاي دۇكاننى زىننەتلەش ئۈچۈن پاكپاكىز ئىشلىتىۋەتتى.
−− نېمىمۇ قىلارمىز قېرىغاندا بۇنچە جىق پۇل خەجلەپ؟ −− دەپ كوتۇلدىغانتى موماي قۇرۇقدىلىنىپلا قالغان تۈگكۈچلىرىگە ئاچچىق بولۇپ.
−− ھەي نادان خوتۇن، بىز كۆرگەن كۈن ئازمۇ؟ بالىلار بىز كۆرگەننى كۆرمىسۇن، بىز تارتقان جاپالارغا قالمىسۇن، ئوغۇل نەۋرىلىرىمىزمۇ خېلى بار، ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنى پەقەت ئاللا بىلىدۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بالىلارنىڭ بېشىغا كۈن كەلگەندە »دادام بۇ دۇكاننى سېلىپ قويۇپتىكەن« دەپ بىرەر ھۈنەر قىلسىمۇ، ياكى ئىجارىسىنى ئېلىپ خەجلىسىمۇ چىرىغىمىز يورۇيدۇ، ئۆزلىرىمۇ غېرىب بولمايدۇ. مۇشۇ تۇرغان ئۆينىڭ ئورنىغىمۇ ئېسىل دۇكاندىن بىرنى سېلىۋېلىپ، ئۈستىگە قەۋەت چىقىرىپ سېنى ئورۇنلاشتۇرۇۋالسام، ئاستىڭدىكى دۇكاننىڭ پۇلىنى خەجلەپ، غەمدىن خالىي ياتقىنىڭنى كۆرسەم، ئوغۇللارغا ئىككىدىن دۇكان ئايرىپ بەرسەم بۇ دۇنيادا باشقا ئارمىنىم قالمايتتى...
ئۇلارنىڭ بەش ئوغلى، ئىككى قىزى بار ئىدى. ئوغۇللارنىڭ روزغارى ھەرھالدا ئۆزىگە تۇشلۇق ئىدى. »ۋاي دادا، ۋاي ئانا« دېيىشىپ ئۇلارنى چۆرگىلەپ كېتەلمەيتتى. بوۋاي ئىككى قىزىنىڭ مىراسىنى ئۇلارنى ياتلىق قىلغاندىلا خىللانغان ئوندىن ساغلىق، بىر جۈپتىن ئالتۇن بىلەزۈك بىلەن ئايرىپ بەرگەنىدى.
−− سىلەرگە ئويلىغىنىم بار، −− دەيتتى ئۇ ئۆزىدىن بىر ئاماللار بىلەن گەپ ئېلىۋاتقان ئوغۇللارغا سوغۇق قاراپ. لېكىن بوۋاينىڭ قانداق ئويلىغىنى، كىمگە نېمىلەر قالدۇرماقچى بولغىنى ئوغۇللارغا سىر بولۇپ قالدى. بىر جۈمە كۈنى بوۋاي نامازدىن كېلىۋېتىپ تۇيۇقسىز يىقىلىپ كەتكەن بىلەن مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، دوختۇرخانىدىلا جان بەردى. 50نەچچە يىللىق ھەمراھى، تاغدەك يۆلەنچۈكىدىن شۇنداقلا جۇدا بولۇش مومايغا بەكلا ئېغىر كەلدى. بوۋاينىڭ كۆك يوپۇق يېپىلغان ھەيۋەتلىك جىنازىسى دەرۋازىدىن لەڭ ئۇرۇپ چىققاندا، موماي يۈرىكىنىڭمۇ جىنازا بىلەن تەڭلا قىنىدىن سۇغۇرۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. جانغا تاقىلىدىغان بىر خىل قاقشاتقۇچ زەربە، ئۈمىدسىزلىك، ھەسرەت بىلەن تىرىڭڭىدە كەينىگە ئۇچۇپ ھوشىدىن كەتتى.
بوۋاينىڭ قىرىق نەزىرىسىگە ئۇلاشمايلا ئوغۇللار، كېلىنلەر ئۆزلىرىنى بېسىشالمىدى.
−− دادام چوڭ دۇكان بىلەن ئاياغتىكى دۇكاننى سەن ئاچقىن دېگەنتى، −− دەپ گەپ تەشتى يېشى 50تىن ھالقىغان چوڭ ئوغلى كۆۋرەپ.
−− دادام ئۇنداق گەپ قىلمىغانغۇ؟ ساڭا قاچانلاردا شۇنداق دېگەنتى؟ چوڭ دۇكان بىلەن ئاياغتىكى دۇكاننىڭ ئورنىمۇ، سودىسىمۇ بەلەن، بۇ ئىككى دۇكاننى ئەجەب ساڭىلا بەرگۈسى كەپتىكەن ھە دادامنىڭ؟! −− ئاكىسىنىڭ قاراپ تۇرۇپ يالغان گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ كىچىك ئوغلىنىڭ قېنى قىزىدى. ھويلىنى تېرەكتەك ئوغۇللارنىڭ تاپا - تەنە، ئاچچىق قايناشلىرى بىر ئالدى، كېلىنلەرمۇ ھەتتا نەۋرە - چەۋرىلەرمۇ موماينىڭ كۆزىچىلا بىر - بىرىگە يەۋەتكۈدەك ئەلپازدا ھومىيىشىپ، نەچچە تەرەپ بولۇپ كېتىۋاتاتتى. موماينىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلدى، بوۋاي ھايات ۋاقتىدا شۇ ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان چوڭ ئوغلى جېنىدا »خوش« دەپ تۇراتتى، كىچىكى چوڭىغا باش ئېگەتتى، چوڭىمۇ كىچىكىنىڭ گېپىنى يىرمايتتى. ئۇلار ھەتتا بوۋاينىڭ ئالدىدا بىر ئېغىز گەپنى ئۈنلۈكرەك قىلىشتىنمۇ ئەيمىنەتتى، مانا ئەمدى بوۋاي كېتىۋېدى، ئۇلار موماينىڭ كۆزىچىلا تەپ تارتماستن بىر - بىرىگە دۈشمەنلەردەك مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى. يىللاردىن بۇيانقى قان - قېرىنداشلىق، مېھىر - ۋاپا شۇ تاپتا نەلەرگىدۇر غايىب بولغانىدى. موماي ئانىلىق ھەيۋىتىنىڭ، ئابرۇيىنىڭ بوۋاي بىلەن تەڭلا سۇنغانلىقىنى ھېس قىلدى.
−− بولدى قىلىڭلار، مەن تېخى ئۆلمىدىم ! داداڭلارنىڭ مىراسىنى ھەر بىرىڭلارغا قانداق بەرمەكچى بولغانلىقى ماڭا ئايان ! −− موماي مۇڭ ۋە ھەسرەتتىن پۇچىلانغان ھالدا شۇنداق دەپ ۋارقىرىدى. شۇندىلا بالىلار ئۆزلىرى تالىشىۋاتقان باغ - ئورمان، ئايۋان - دۇكانلارغا قارىتا ئانىسىنىڭمۇ دادىسىغا ئوخشاش قارار قىلالايدىغانلىقىنى، مىراس ئايرىيالايدىغانلىقىنى ئەمدىلا چۈشىنىۋاتقاندەك مومايغا تەڭلا قارىشىپ قالدى. پۇل - بايلىق، مال - دۇنيا دېگەننىڭ قۇدرىتى ئاجايىپلا بولىدىكەن. موماي سەل تىنچلانغاندەك قىلغىنى بىلەن يەنىلا بىر - بىرىگە يەۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا كۆكىرىشىپ، ھازىرلا ئېتىلىدىغاندەك ئولتۇرغان بالىلارغا ھەسرەت بىلەن قاراپ، ئېغىر ئۇھ تارتقىنىچە باغقا چىقىپ كەتتى.
شۇ تەرىقىدە يەنە بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. ئوغۇللار، كېلىنلەر ئۆز ئىچىدە يەنىلا ئوپۇر - توپۇر بولۇشۇپ تۇراتتى. ھەممىسى ئۆز نەپسىنىڭ كويىدا ھە دەپ مومايغا خۇشامەت قىلغاندەك، ھەممىسىلا يالغۇز يەردە ئۆز دەردىنى، چوڭ ئۆيگە قايسى چاغدا قانچىلىك كۈچ چىقارغانلىقىنى، دادىسىنىڭ شۇ چاغدا نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى... ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيتتى، كۆپرەك مىراس تەمەسىدە ئاكىلىرى ياكى ئۇكىلىرىنىڭ غەيۋىتىنى قوشۇپ قوياتتى. موماي خىيالىدا قىرىقى نەزىردىن كېيىن ئويلاشماقچى بولغان ئىشلار شۇ كۈنلەردە كوچىغا، تونۇش - بىلىشلەرنىڭ ئاغزىغىمۇ يېيىلىپ كەتتى.
−− ئىمام ئاخۇنۇم، ئوغۇللارغا تېگىشلىك نېسىۋىسىنى ئايرىۋېتەي دېگەنتىم، −− دېدى موماي بىر كۈنى ئەل بېسىققاندا قېرى ئىمامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، −− ئەتە بىر نەچچە كىشىنى ئېلىپ كەچلىك تاماققا داخىل بولۇپ بەرگەن بولسىلا.
ئىشلار شۇنداق قارار تاپتى. ئەتىسى موماي ئوغۇللىرى، كېلىنلىرىنى چوڭ ئۆيگە يىغدى. قىزلىرى ئوخشىتىپ پولۇ ئەتتى.
−− داداڭلارنىڭ ۋەسىيىتىمۇ، ئويلىغىنىمۇ شۇ ئىدى بالىلىرىم، دۇكان ئوڭ قولدىن باشلاپ مىراس بولۇپ ئايرىلغاي، ئوڭ قولدىن باشلاپ سانىغاندا، 1 - ، 2 - دۇكان چوڭ ئوغۇل قاسىمجانغا، 3 - 4 - دۇكان ئاسىمجانغا. 5 - ، 6 - دۇكان...
موماي شۇ تەرىقىدە ئون دۇكاننى ئىككىدىن بەش ئوغلىغا بۆلۈپ بەردى. ئوغۇللار، كېلىنلەر سەل گۇدۇڭشۇپ، يۈزلىرى قىزىشقاندەك، چىرايلىرى ئۆڭگەندەك، يەنە بىرلىرى خۇشال جىلمايغاندەكمۇ بولدى. ئەل - جامائەتتىن تەپ تارتتىمۇ، نېمىلا دېگەنبىلەن ھېچكىمدىن باشقىچە پىكىر - تەلەپلەر ئوتتۇرىغا چىقمىدى.
−− ئانا، سىزگىچۇ؟ دۇكاننىڭ ھەممىنى ئاكىلىرىمغا بۆلۈپ بەرسىڭىز سىزگە نېمە قالىدۇ؟ سىز نېمە خەجلەپ، نېمە يەيسىز؟ −− كۆڭلى بىر ئىشلارنى تۇيغان كىچىك قىزى شۇنداق دەپ قالدى.
−− ئالىيە راست دەيدۇ، ئانام نېمە يەپ، نېمە ئىچىدۇ؟ −− چوڭ قىزىمۇ ھۈپپىدە ئېسىلىپ سىڭلىسىنىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلىدى.
ئارىنى دەقىقىلىق سۈكۈت باستى، ئىماممۇ، كىرگەن گۇۋاھچىلارمۇ، قىزلارمۇ، مومايمۇ ئۇدۇلىدا ھەيۋەت بىلەن قاتار ئولتۇرۇشقان ئوغۇللارغا بىر خىل ئىلتىجا بىلەن تەلمۈرۈپ قارىدى.
−− ئانام ئۆزىگە قالدۇرغان زېمىننى ساراڭغا بەرسىمۇ 150مىڭ يۈەنگە ئالىدۇ، يەنە كېلىپ ھېچكىم ئۆيدىكى دادامدىن قالغان نەق پۇلنى ئايرىيمەن دېمىدىغۇ؟ −− دېدى كىچىك ئوغلى يەڭگىلتەكلىك بىلەن سۆز قىستۇرۇپ.
−− ئاكا، نېمە دەۋاتىسەن؟ ئاپامدا نەدىمۇ پۇل بولسۇن؟ ھەممىمىز بىلىمىزغۇ، دادام بار - يوقى پۇلنىڭ ھەممىنى دۇكاننى زىننەتلەپ بېرىمەن دەپ تۈگەتمىدىمۇ؟ چوڭ ئاكا، سەن بىر ھەق گەپنى قىلە! −− كىچىك قىزى چىدىيالماي ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
−− ئالىيەنىڭ گېپى راست، دادام ھەممە پۇلنى ئىشلىتىۋەتتىم دەپ ئۆز ئاغزى بىلەن دېگەن، ئاسىم ئاكا، سەنمۇ بارغۇ ھە؟ −− 4 - ئوغلى شۇنداق دېۋىدى، پۇلنىڭ ئىشى شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن بولدى.
−− سىلەرنىڭ خىيالىڭلارچە ئانام دادامدىن قالغان ئۆينى خەجلەپ ياتسا بولىدىكەن - ھە؟ ئانام جېنىنى جان ئېتىمەن دەپ - زە، ماكانسىز قالىدىكەن - دە؟ −− دېدى چوڭ قىزى دىمىغىنى قېقىپ.
−− ئۇنداق قىلىشقا بولامدىغان؟ بۇ ئۆي دېگەن چوڭ ئۆي، دادامنىڭ بەرىكىتى، روھى بار ئۆي بۇ! سېتىپ خەجلەپ دېگەنمۇ گەپمۇ؟
چوڭ ئوغلى ئاۋازىنى قەستەن ئۈنلۈك چىقىرىپ ھەممىنىڭ زۇۋانىنى ئەتتى.
−− مانا بىز دېگەن بەش ئوغۇل، قاراپ تۇرۇپ ئانامنى خەجسىز قويارمىزمۇ؟ شۇنداقمۇ ئۇكىلىرىم؟ −− ئۇ ئىنىلىرىغا تەكشى قاراپ چىقتى.
−− شۇنداق، −− دەپ باش لىڭشىتتى قالغانلارمۇ.
چوڭ ئىش قارار تېپىپ، يېزىق شەكلىدىكى ۋەسىيەتنامە پۈتۈلۈپ، مومايمۇ، ئوغۇللارمۇ، قىزلارمۇ قول قويۇشتى. مومايغا بوۋاي بىلەن تەڭ بەرپا قىلغان باغۋارانلىق ھويلىلا، چوڭ ئۆي مىراس قالدى...
بوۋاي كېتىپ تۆت يىلدىن كېيىن، موماينىڭ ئۆيۋاقىلىرى، ئوغۇللارغا تەۋە بولۇپ كەتكەن دۇكان - رەستىلەرنىڭ ئورنىغا يېڭى ھۆكۈمەت بىناسى سېلىنىدىغان بولۇپ پىلان ئىچىگە كىرگۈزۈلدى. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ كۆپ كېلىشتۈرۈشى بىلەن ھەر ئىككى دۇكان ئۈچۈن ئوغۇللارغا 100كۋادرات مېتىرلىق بىنا ئۆي بېرىلىدىغان، موماينىڭ قورۇ - جايى ئۈچۈن 80كۋادرات مېتىرلىق بىنا ئۆيدىن باشقا قولىغا 40مىڭ يۈەن نەق پۇل بېرىلىدىغان بولۇپ كېلىشتى. كېلىشىمگە قول قويۇلۇپ، ئەتىسىلا، بوۋاي موماينىڭ يېرىم ئەسىر يىغىپ تۈگۈپ سالغان دۇكانلىرى، ئۆيۋاقىلىرى، باغۋاران، ھويلا - ئاراملىرى ھەيۋەتلىك ئىتتىرىش، چېقىش ماشىنىلىرى تەرىپىدىن ئىككى سائەتكە قالمايلا چېقىلىپ، ھەپتىگە قالمايلا تۈزلىنىپ كولىنىپ يېڭى قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئۇل سېلىنىپ بولدى. شۇ يىلى كۈزدە بۇ يەردە قەد كۆتۈرۈلگەن ھەيۋەتلىك سەككىز قەۋەتلىك ھۆكۈمەت بىناسى بوۋاي ، موماينى ئەسلىتىدىغان ھېچقانداق نەرسىنىڭ ئىزىنىمۇ قويمىدى. ئوغۇللار، كېلىنلەر بىنا ئۆينىڭ راھىتىنى كۆردى، مومايمۇ قەپەستەك كىچىك ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. ئەسلىدىنلا كەڭ ئايۋانلىق، باغۋارانلىق ئۆيگە كۆنۈپ قالغان موماي دەسلەپتە بۇ تار قەپەستە دېمى كېسىلگەندەك، بۇرنىنى بىرى ئېتىۋېلىپ ئەركىن تىنالمايۋاتقاندەك بەكمۇ بىئارام بولدى، ئىشىك - دېرىزىلەردىن خۇش پۇراق گۈللەرنىڭ ھىدى كىرىپ تۇرىدىغان كەڭ، ئازادە ئۆيلىرىنى، خېلى كۆپ جامائەتنى سىغدۇرۇپ كېتەلەيدىغان كەڭ ئايۋانلىق، تال باراڭلىق ھويلا - ئاراملىرىنى سېغىندى. بالىلىرىغا كۆرۈنمەي ئەتىگەن - ئاخشاملىرى كونا جايىغا، ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرگەن سوغۇق بىناغا قاراپ يىغلاپمۇ چىقتى، لېكىن كۆنمەي بولمىدى. يەنە كېلىپ باشقا چارىمۇ يوق ئىدى.
ۋاقىت بەيگە ئاتلىرىدەك چېپىپ يەنە ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى، موماي نەۋرە قىزى بىلەن بىللە تۇرۇپ، بۇ قەپەسكىمۇ خېلى كۆنۈپ قالغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، 2 - ئوغلى ئاسىم كەيپچىلىكتە موتسىكلىت بىلەن يولدىن چىقىپ كېتىپ، پىيادىلەر يولىدا ئۆز خىيالى بىلەن كېتىۋاتقان بىر ئايالنى سوقۇپ قويدى. ئۆزىنىڭمۇ مۈرە سۆڭىكى سۇنۇپ جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىندى. ئوپېراتسىيىغۇ ئوڭۇشلۇق بولدى، لېكىن ئۇ سوقۇپ قويغان ئايال جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي بىر ھەپتىدىن كېيىن دوختۇرخانىدىلا ئۆلۈپ كەتتى. پالاكەتچىلىك ئوغلىنى تەرەپ - تەرەپتىن قىسماققا ئالدى، پۈتۈن سەۋەنلىك ئوغلىدا بولغاچقا سوت ھەممە مەسئۇلىيەتنى ئ−اسىم−غا ئ−ارتىپ ق−وي−دى. يەنە كېلىپ ئاسىممۇ چوڭ ئوپېراتسىيىگە چۈشۈپ ئۇزاق داۋالانغاچقا يېنىدىن ئۆزى ئۈچۈنلا 20مىڭ يۈەندىن كۆپرەك چىقىم بولدى.
−− ئانا، شۇ ئايالنىڭ ئورنىدا مەن ئۆلسەمچۇ كاشكى، −− دېدى ئوغلى ئانىسىنى كۆرۈپ خۇددى كىچىك چاغلىرىدىكىدەك ئېسەدەپ. موماينىڭ يۈرىكى ئېزىلدى، سوت ئوغلىغا قارشى تەرەپ ئۈچۈن دوختۇرخانا چىقىمىدىن باشقا 50مىڭ يۈەن پىچىپ قويغانىدى.
−− قانداقمۇ تۆلەپ بولارمەن؟ رېمونتخانىنىمۇ ئېلىشىغا سېتىۋەتتىم، مەندە بارىمۇ شۇ ئىدى. يەنە خېلىلا كەم ئانا، ھېلىمۇ رازىيەنىڭ مائاشى بولۇپ قاپتىكەن... بولمىسا قانداقمۇ قىلار ئىدىم؟
ئانا كىچىك بالىلاردەكلا ئېسەدەپ يىغلاپ تۇرغان ئوغلىغا چىدىمىدى. ئوغلىنىڭ ھەرقاچان بەگزادىلەردەك تىك تۇرىدىغان بېشى شۇ تاپتا يەردىن ئۈستۈنگە قارىمايتتى. سۇنۇق ئازابى، ئىقتىسادتىكى بېسىم، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىنكى قورقۇش، ساراسىمە ئۇنىڭ ئاپتاپتەك كۈلۈپلا تۇرىدىغان نۇرلۇق كۆزلىرىنى چەكسىز مۇڭ ۋە ھەسرەتكە كۆمۈۋەتكەنىدى.
−− بالام، سىلەر قانداق ئويلاشقان ئىدىڭلار؟ −− دەپ سورىدى ئۇ ئوغلىدىن بەكرەك سولىشىپ كەتكەن كېلىنىگە قاراپ. ئەر - خوتۇن خېلىغىچە جىمىپ كەتتى.
−− مەن... ئۆينى سېتىۋېتەيمىكىن دەيمەن ئانا، ئالىدىغان ئادەمنىمۇ ئۇقۇشۇپ بولغان. شۇنداق قىلمىسام، بۇنچە كۆپ پۇلنى جايلىيالمىغۇدەكمەن. ئۆي تېپىۋالغۇچە سەن بىلەن بىلەن ئولتۇرۇپ تۇرايلىمىكىن دەپمۇ ئويلىغانتىم.
موماي ھېچنېمىنى ئويلىمىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوغلىنى قاپساپ تۇرغان ئازابنى يېڭىش ھەممىدىن مۇھىم ئىدى.
−− مەيلى بالام، شۇنداق قىلىڭلار، مەنمۇ يالغۇز، بىللە تۇرساق خۇش بولىمەن تېخى! −− شۇنداق قىلىپ 2 - ئوغلى خوتۇن - بالىلىرى بىلەن موماينىڭكىگە كۆچۈپ كىردى، ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىنى سېتىۋېتىپ كاللىسىنى ساقايتتى، رېمونتخانىسىنىمۇ قولىغا ئالدى.
موماينىڭ ئۆيى يېڭى بولغان بىلەن بىساتلار كونا ئىدى.
−− ئانا، بىزنىڭ ئۆيدىكى نەرسىلەرنى يەر ئاستى ئۆيىگە دۆۋىلەپ قويغۇچە ئاچىقىپ مۇشۇ ئۆينى تۈزىمەيلىمۇ؟ −− دېدى بىر كۈنى كېلىنى ئاپتاپتەك كۈلۈپ.
−− مەيلى قىزىم، ئۆزىڭىز بىلىڭ.
بىر ئۆمۈر ئاسراپ، قەدىرلەپ كەلگەن سەرەمجانلىرىنىڭ خۇددى بوينى باغلانغان مەھبۇسلاردەك غېرىب »چىقىپ« كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ موماينىڭ ئىچى ئېچىشتى، بالىلارغا بۇ ئۆي جاھازىلار كونا، مودىدىن قالغان بولۇپ كۆرۈنگەن بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر جاھازىنىڭ قىممىتى ئالتۇنغا تەڭ ئىدى، ھەر بىر جاھازىدا بوۋاي بىلەن، ھەر بىر ئوغۇل - قىزلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ھېكايە بار ئىدى، لېكىن ئۇ ھەممە نەرسىنىڭ يېڭىسىغا، مودىسىغا ئىنتىلىدىغان كېلىنىنىڭ، ئوغلىنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويۇشنى خالىمىدى. موماينىڭ رازىلىقى بىلەن كونا سەرەمجانلار يەر ئاستى ئۆيىگە دۆۋىلىنىپ، ئورنىغا يېڭى، ئېسىل بېزەكلەر تىزىلدى، ھەتتا بەزىلىرىنى كېلىنى بازاردىن ئاتايىتەن سېتىۋالدى. موماينىڭ بىر ئېغىزلىق كىچىك ھۇجرا ئۆيىمۇ ئالاھىدە سەرەمجانلاشتۇرۇلدى. موماي نېمىشقىدۇر بىردىنلا ئۆزگىرىپ ياسىداقلىشىپ قالغان ناتونۇش ئۆز ئۆيىدىن ياتسىراپ قالدى.
تۇيۇقسىزلا تونۇغۇسىز ياسىداقلىشىپ كەتكەن »چوڭ ئۆي«گە قاراپ كىچىك قىزىنىڭ كۆڭلى بىر قىسمىلا بولۇپ ئانىسىغا قاتتىق تەگدى:
−− مۇشۇنداق قىلىپ سېنى ئاستا - ئاستا سىقىپ چىقارمىسىلا بولاتتىغۇ بۇلار؟ ئۆزۈمنىڭكىنى تۇتايلى، پۇل بۇزماڭلار، سىلەرمۇ ئىتتىكرەك ئۆي تېپىڭلار، مېنى ئازادە قويۇڭلار، دېسەڭ بولماسمىدى ئانا. قېرىغاندا ئەقلىڭ گاللىشىپ كېتىپتۇ سېنىڭ!
قىزىنىڭ بۇ گەپلىرى ئەسلىدىمۇ ياتسىراپ نېمىلەردىندۇر ئايرىلىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالغان مومايغا خېلىلا تەسىر قىلدى، لېكىن ئۇنىڭ قولىدىن ئۆزىنىمۇ، قىزىنىمۇ بەزلەشتىن باشقىسى كەلمەيتتى.
−− ئۇنداق قىلمايدۇ، بالام، ئاكاڭ سىلەر ئويلىغاندەك ئىنساپسىز ئەمەس، ئۇمۇ شۇ كۈنلەردە خوتۇن - بالىلىرى بىلەن ھەرقايسىڭلارنىڭ ئالدىدا قىسىلىپ ئارانلا تۇرىدۇ، بىچارە ئاكاڭنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈننى ئاللا بەندىسگە سالمىغاي.
−− قالغىنىنى ئۆزۈڭ بىل ئانا... لېكىن بۇ ئۆي سېنىڭ، شۇڭا ئۆي ئىگىسىدەك، قېينانىدەك تۇرغىن.
شۇ تەرىقىدە يەنە ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى. موماي ئوغلى بىلەن تۇرۇۋاتاتتى، ئۇلار كۆچۈپ كىرگەن دەسلەپكى كۈنلەردە ئوغلى ئايالى بىلەن >ئۇ يەردە مۇنداق ئۆي بار ئىكەن، بۇ يەردە مانچە پۇللۇق ئۆي بار ئىكەن< دەپ ئانچە - مۇنچە ئۆينىڭ غېمىنى قىلىشاتتى. لېكىن، يېقىندىن بۇيان ئۆينىڭ گېپى تىمتاسلا بولۇپ كەتتى. يەنە كېلىپ ئوغلى ئۆينى بىرەر قۇر زىننەتلەپمۇ چىقتى، ھەر يىللىق پار پۇلى، توك پۇللىرىنى بىر قوللۇق تۆلەپ كەلدى. لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئوغلى موماينىڭكىدە ئەمەس، بەلكى موماي ئوغلىنىڭكىدە پاناھلىنىۋاتقاندەك، ئوغلى موماينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ئۇنىڭغا ئاش - تاماق بېرىۋاتقاندەك، كېلىننىڭمۇ، ئوغلىنىڭمۇ گەپ - سۆزلىرىدە چۈشىنىكسىز تاپا - تەنىلەر كۆپىيىپ قالدى. مومايغا ئەڭ ئەلەم قىلىدىغىنى قىزلىرى ياكى باشقا ئوغۇللىرى موماينى يوقلاپ كەلسە كېلىنىنىڭ قاپاقلىرىنىڭ تۈرۈلۈپ، نەرسە - كېرەكلەرنى تاراق - تۇرۇق قىلىپ كېتىشلىرى ئىدى. بۇ ئۆيگە كەلگەنلەرمۇ ئىختىيارسىز كېلىننىڭ قاش - قاپىقىغا قاراپ ئىش قىلىدىغان، نەۋرە - چەۋرىلەرلا ئەمەس، ئوغۇل - قىزلىرىمۇ بەكلا ئاز كېلىدىغان بولۇپ قالدى. ئاكىسى بىلەن يەڭگىسىنىڭ بۇ مۇتتەھەملىكىدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ ئەلىمىنى يۇتالمىغان كىچىك قىزى ھەتتا كېلىن بىلەن بىر قېتىم قاتتىق سوقۇشۇپمۇ قالدى.
−− ئىككىنچى بۇ ئۆيگە دەسسىمە! −− دەپ گۆلەيدى ئوغلى خوتۇنىنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ.
−− بۇ سەنلەرنىڭ ئۆيۈڭمىتى؟! بۇ دېگەن ئانامنىڭ ئۆيى! سەنلەر يوقىلىش، ھۇ نومۇسنى بىلمەيدىغانلار! −− شۇ تەرىقىدە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىقمىغان زەھەر - زوقۇملار قالمىدى. موماي ھېچقايسى تەرەپنى بېسىقتۇرالماي كۆڭلى ئاينىپ »تىرىڭڭىدە« ئۇچۇپ چۈشكەندە، ئۇرۇش ۋاقىتلىق پەسكارىغا چۈشۈپ ھەممىسى جىم بولدى. شۇنىڭدىن بېرى بۇ ئۆي ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك چۆلدەرەپ قالدى. قىزلىرىمۇ ئاكىلىرىغا ئوخشاش پەقەت ئىككى ھېيتتىلا ئانىسىنى يوقلاپ قوياتتى. ياخشىراق تاماق قىلغانلىرىدا بولسا بالىلىرىنى ئەۋەتىپ ئانىسىنى ئېلىپ كېلەتتى. كىيىملىرىنى يۇيۇپ چاچلىرىنى تاراپ بىرەر - ئىككى كېچە قوندۇرۇپ ئاپىرىپ قوياتتى.
−− شۇمۇ كۈن بولدىمۇ سىزگە؟ ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىڭ! ئۇ ئۆي دېگەن سىزنىڭ ئۆيىڭىز! ئۆزىڭىزنىڭمۇ ئۆيىگە ئىگە بولالمىسىڭىز سىزمۇ ئانا بولدىڭىزمۇ ئەمدى؟! قاراپ تۇرۇپ چوڭ ئۆينى توزۇتۇۋاتىسىز! يا بىر قورقماي كىرەلمىسەك ئۇ ئۆيگە!
شۇ كۈنلەردە موماينىڭ قايسىلا بالىلىرىنىڭ ئۆيىگە بارسا ئاڭلايدىغىنى مۇشۇ تاپتا تەنە ۋە دەشنام ئىدى. ئۇ ئۆزىگە بارغانچە سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ كېتىۋاتقان ئاسىمغا: »ئەمدى ئۆي تېپىۋالغان بولساڭ«، دېمەكچىمۇ بولدى لېكىن ئوغلىنىڭ تۈرۈلگەن قاپاقلىرىدىن ئەيمىنىپ چىش يىرالمىدى.
−− ئۆزۈمگە تۇشلۇق پەسرەك ئۆيدىن بىرنى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرايمىكىن ... بىنا ئۆيگە كۈنەلمىدىم... ئاكاڭ ئۆينىڭ ئىجارىسىنى بەرسە ... −− موماي چوڭ قىزىغا مىڭ قىسىلىپ شۇ مەسلىھەتنى سېلىۋېدى، قىزى چىچاڭشىپ يەر تېپىپ كەتتى.
−− سەن ساراڭ بوپسەن ! ئۇلار سېنى ئۆيدىن ھەيدىسە، قاراپ تۇرۇپ ئۆيدىن چىقىمەن دېگىنىڭنى قارا! ئۇ ئۆي دېگەن سېنىڭ ئۆيۈڭ، ئانا! ئۆتكەندە ئاسىم دېگەن مۇناپىق بۇ ئۆينىڭ ئۇ يېرىنى ئوڭشىدىم، بۇ يېرىنى زىننەتلىدىم، 50مىڭ يۈەندەك پۇلۇم كەتتى، دەپ ئادەمنى قارىتىپ قويۇپلا بىر تاغار پوقنى ساڭا ئارتىپ قويدى. بىلەمسەن ئانا، بۇ دېگىنى: »بۇ ئۆي مېنىڭ، بۇ ئۆيدە 50مىڭ كويلۇق ھەققىم بار!« دېگىنى ئۇلارنىڭ. ئالىيە بىلەن ئۆز ۋاقتىدا سېنى توسۇساق زادىلا گېپىمىزگە كىرمىدىڭ، مانا ئەمدى سېنى ئۆيدىن قوغلايدىغان چېغى كەپتۇ ئۇلارنىڭ. نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بولسۇن! جېنىمنى تىكىپلا قويارمىنا ئۇ نائەھلىلەرگە.
موماي قىزىدىن بىر مۇنچە تاپا - تەنە ئاڭلاپ، كارىۋات ئايىغىدا كۆزىگە زورلاپ ئولتۇراتتى، قىزى »مۇقام«نى باشقىغا چالدى:
−− چوڭ ئاكامنى 5000يۈەن پۇلۇمنى بەردى دەپ كېتىپتىكەنسەن، نەدە بېرىدۇ؟ ئۇ پۇلنى ئالىمەن دېگىنىڭ ئۇخلاپ چۈشۈڭ!
−− ئۇنىڭ ئوغلى ئەمدىلا تىجارەتكە كىرىشتى بالام، ئەمدى تېپىپ بېرەر، −− دېدى موماي دۇدۇقلاپ. ئۇنىڭ ئېسىگە چوڭ ئوغلىنىڭ: »ئوغلۇم ئۆلۈك ئەمەس، ئانا، ئۇنچىلىك پۇلىڭىزنى بېرىدۇ. لېكىن ئوقەتلىرىنى يۈرۈشتۈرۈۋالسۇن دە! ئۇنچىلىك پۇل ئاسىم ئىگىلىۋالغان يۈز نەچچە مىڭ يۈەنلىك ئۆينىڭ ئالدىدا نېمىتى؟!« دېگەن ئاچچىق تەنىلىرى كەلدى. لېكىن ئۇ قىزىغا بۇلارنى دېيەلمىدى.
−− ئەمىسە ئادىل ئاكامچۇ؟ قىزىنى ئوقۇتالمىدىم دەپ پۇلىڭىزنى ئالداپ ئېلىپ قىزىنى ماڭغۇزغان بىلەن، خوتۇنى ئۆتكەندە بىر چايدا: »ئادىل تېرە سودىسى قىلىپ مانچە پۇل تاپتى، ئۇنچە پۇل تاپتى، سودىگەرلەرگە ياغاچ ئۇقۇشۇپ بېرىپلا ئارىدىن 03 مىڭ سوم پايدا ئالدى« دەپ شۇنداق پوچىلىق قىلىپ كەتتى. سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئېلىۋالغانلىقىنى مېنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمۇ دەيمەن، »ئەمىسە ئانامنىڭ 3000يۈەن پۇلىنى بەرساڭلار بولمامدۇ« دېسەم، بىردەم ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ كېتىپ: »ئانام قېرىغاندا ئالجىپ قاپتۇ. بىز نەدىمۇ ئانامدىن پۇل ئالىمىز« دەپ تېنىپلاۋالدى !
موماي قاتتىق تەڭقىسلىقتا قالدى. ئۇ شۇ يېشىدا، قىز - ئوغۇللىرىنى دائىم كۆرۈپ تۇرسا، ئۇلار بىلەن دادىسىنىڭ، ئۆلۈپ كەتكەن قولۇم - قوشنا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ... گېپىنى قىلىپ مۇڭداشسا، دەرد - پىراقلىرىنى تۆكسە بولاتتى. لېكىن بالىلىرىدىن ئاڭلايدىغىنى ئۆي ۋە پۇل مەركەز قىلىنغان ئايىغى چىقماس تاپا - تەنە، خاپىلىق ئىدى.
موماي تېخىمۇ قېرىپ كەتتى، بوۋىيى بار چاغدىكى سۈر - ھەيۋىسىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى. پۇتلىرىمۇ، ھەرىكەتلىرىمۇ كالانپاي، قوپال ئىدى. كۆزلىرى بارغانچە نۇرسىزلىنىپ ياشاڭغىراپ، خېلىلا يېقىندىكى نەرسىلەرنىمۇ خىرە كۆرەتتى. يەنە كېلىپ ئۆتكەندە ئۇدا ئۈچ قېتىم، ياتقان ئورنىغا كىچىك تەرەت قىلىپ قويدى. ئۇ قانداقلارچە تەرەت قىلىپ قويغىنىنىمۇ بىلمەيلا قالدى. موماينىڭ بۇ ئىشى كېلىنىنىڭلا ئەمەس، ئوغلىنىڭمۇ ئوغىسىنى قاينىتىۋەتتى. نەۋرىلەر بۇرۇنلىرىنى ئېتىشىپ تالاغا قاچتى.
−− نېمانچە بەغەرەز سەن؟ يوغان ئادەم تۇرۇپ... بىزنى شۇنداق قىلىپ تويغۇزماقچىمۇ يا؟ مەنمۇ ساراڭ، مۇشۇ ئۆيگە تاپقان - تەرگىنىمنى تىقىۋېتىپ! −− موماي بىلمەستىن قىلىپ سالغان ئىشىدىن ئەسلىدىمۇ قاتتىق نومۇس قىلغانىدى. ئوغلىدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ نەچچە كېچە ئاللاغا سېغىنىپ چىقتى: »ئى ئاللا! قېرىغاندىكى مەينەتچىلىكتىن، خارۇ زارلىقتىن، ئىپلاس، پ−اسىق كېسەللەردىن ساقلىغىن ئاللا!« نىھايەت ئاللاغا موماينىڭ زارى يەتتىمۇ، بۇنداق ئىش قايتا سادىر بولۇپ قالمىدى...
موماي ئىلگىرى دائىم نامىزىنى ئوقۇپ، تەسۋى سىيرىپ ئۆيدە ئولتۇراتتى. ھەرقانداق دەرد - پىراقىنى ئاللاغا ئىبادەت قىلىش، شۈكۈر قىلىش بىلەن بېسىپ كېلەتتى. لېكىن شۇ كۈنلەردە قەلبىگە دەرد - ھەسرەتلىرى پاتمايلا قېلىۋاتاتتى.
−− سىلى بەكلا دۆت خۇتۇنكەنلا قۇربانخان! ئەرلىرىنىڭ سىلىگە قالدۇرغان نېسىۋىسىنى بولسىمۇ چىڭ تۇتسىلا بولماسمىدى؟ قاراپ تۇرۇپ ھەممە دۇكاننى قانۇنغىمۇ مەسلىھەت قىلماي ئوغۇللارغا ئايرىپ بەردىلە. مانا ئەمدى ئۆيلىرىگىمۇ ئىگە قىلغىلى تۇرۇپلا. قاراپ تۇرسىلا، ئۆلمىسەم كۆرىمەن، ئەمدى سىلى ئانا ئەمەس، بالا بولۇپ خارلىقتا ئۆتىلا... −− بوۋىيىنىڭ يېقىن ئۈلپەتدىشى سايىم بوۋاي ئۇنىڭغا قايناپ شۇنداق دېگەنىدى. ئۇ بوۋايمۇ ئالدىنقى يىلى تۈگەپ كەتتى. موماينىڭ شۇ ھالدىكى غېرىب، مىسكىن تۇرقىنى كۆرەلمىدى...
بۈگۈن قۇربان ھېيتنىڭ ناماز كۈنى ئىدى. مومايغا بۇ قېتىمقى ھېيت زادىلا ھېيت بولمىدى. نەچچە يىللاردىن بۇيان »ئۆيىنى تارتقۇزۇپ« قويۇپ، ھېچنېمىگە ئىگە بولالماس بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يىلدا ئىككى قېتىم كېلىدىغان ھېيتتا ئۇ ئۆزىنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى، ئۆز ئۆيىدە بالىلىرىنى، نەۋرىلىرىنى خالىغانچە يايلىتالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك، كېلىنىنىڭ قاپاق تۈرۈشلىرىگىمۇ، ئوغلىنىڭ: »سەن قېرىدىڭ، سەن ئۇلارنى ئەمەس، ئۇلار سېنى ھېيتلاتسا بولىدۇ«، دەپ كوتۇلداشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلماي، بازاردىن ئۆزى بىر قوللۇق گۆش، ئۇششاق - چۈششەك ئەكېلىپ، ساڭزا، قۇيماق سېلىپ، بالىلىرىنى چۆرىسىگە يىغاتتى. بالىلىرىنىڭ ئالدىدا ئېشىپ - تېشىپ تۇرغان نازۇ نېمەتلەرنى كۆرگىنىدە خۇددى بالىلىرىغا سايە بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۈۋاتقاندەك، بوۋاينىڭ روھىنى خۇش قىلىۋاتقاندەك، ئانىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلەتتى ھەم ئالەمچە خۇشالىققا چۆمەتتى.
لېكىن بۇ يىلقى ھېيت ھەر يىلقىغا زادىلا ئوخشىماي قالدى. موماينىڭ يانچۇقى قۇپقۇرۇق ئىدى. شۇنچە قىسىپ قاتلاپ، مىڭ پۈكسىمۇ بۇ قېتىمقى ھېيتقا كەلگەندە موماينىڭ تۇگكۈچى پۈتۈنلەي قۇرۇقدىلىپ قالدى. بوۋاينىڭ بەرىكىتى شۇنچىلىككە پايلىدى.ئەمدى ئۇنىڭدىن ھېچنېمە قالمىدى، ھەتتا يەر ئاستى ئۆيىدىكى كونا سەرەمجانلارمۇ ئالدىنقى ھەپتە ئوغلى تەرىپىدىن ئەسكى - تۈسكى ئالىدىغانلارغا نەچچە يۈز يۈەنگە سېتىلىپ كەتتى. پۇلىنى بولسا ئوغلى مومايدىن سوراپمۇ قويماي ئۆينىڭ بىر يىللىق تازىلىق پۇلىغا ھېسابلاپ تاپشۇرۇۋەتتى. نادان بالىلار ئاتا - ئانىسىدىن قالغان بەرىكەتنىڭ ئاشۇ تازىلىق پۇلىغا يارىغان ئاخىرقى بىسات بىلەن پۈتۈنلەي ئۆچكەنلىكىنى ئويلاپمۇ قويمايتتى ھەم زادىلا ئىشەنمەيتتى. ئۇلارچە ئانىسى ئۇچىسىدىن سالمايدىغان پىنجىكىنىڭ يانچۇقىدىكى ياكى مومايلا بىلىدىغان مەلۇم پىنھان جايدا دادىسى قالدۇرغان »تۈگىمەس بايلىق« يەنە خېلى كۈنلەرگە، خېلى چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا يېتەتتى. شۇڭا ئۇلار ئانىسىدىن ھېچ ئىككىلىنىپ قالماي: »قالغانلارغا دېمەي تۇرغان بولسىڭىز«نى شەرت قىلىپ پۇل سورىيالاتتى. سورىغان پۇلنى قايتۇرۇشنى، ئانىسى ئۈچۈن ھېيت - بايراملاردا بولسىمۇ ئاز - تولا چىقىم قىلىشنى ئەسلا ئويلاپ قويمايتتى...
ھېيت نامىزى ئۆتەپ بولۇپلا، ئوغۇللار بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئانىسىنى يوقلاپ چوڭ ئۆيگە يىغىلىشتى. ئاسىم ئەتىگەندە ھېيت نامىزى ئۆتەش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كىرمىدى. ئايالىمۇ قاپاقلىرىنى تۈرگىنىچە بالىلىرىنى يېتىلەپ ئانىسىنىڭكىگە ھېيتلاپ كەتتى. شۇنداق چىرايلىق ياسالغان ئۆينىڭ ھەممە يېرىدىن بوران ئۇچۇپ، ھېيتقا تەۋە ئازراقمۇ خۇشاللىق، قىزغىنلىق كۆرۈنمەيتتى. موماي ئەتىگەنلىك بامداتقا تۇرغانچە جاينامازدىن چۈشمىدى. ئوغۇللىرى كەلگەندىمۇ شۇ ھالدا تەسۋى سىيرىپ ئولتۇراتتى. ئىچ - ئىچىدىن ئوقچۇپ چىقىۋاتقان دەردلىك پىغاندىن بىراقلا تۈگىشىپ، خۇددى بىرلا تىنىقى قالغاندەك باشقىچىلا ئاجىزلاپ كەتكەنىدى.
−− ئانا قۇربانلىقنى مەن ئۆلتۈرۈپ بېرەمدىم ياكى ئاسىم ئۆلتۈرۈپ بولدىمۇ؟ −− دېدى كىچىك ئوغلى ئادەتتىكىدەك. ئۇ شەھەردە قاسساپلىق قىلاتتى، سودىسىمۇ ياخشى ئىدى.
−− قۇربانلىق قىلالمىدىم بالام... −− موماي شۇلارنى دەۋېتىپ پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلىۋېتىشتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇۋالدى. شۇ تاپتا يۈرەكلىرى پارە - پارە بولۇپ، ئاچچىق زەھەر بوغۇزىدا كەپلىشىپ تۇراتتى.
ئوغۇللار چۈشىنىكسىز بىر خىل ئىپادىدە بىر - بىرگە قاراپ قويۇشتى، شۇندىلا ئۇلار بىر تال چەينەكتىن، تۆت تال ناندىن باشقا ھېچنېمە تىزىلمىغان داستىخانغا، ھەممە يەردىن غېرىبلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان سوغۇق ئۆيلەرگە قارىدى.
−− نېمىشقا ئالالمىدىڭ، ئانا؟ ھېلىلا بالىلار ئانىلىرى بىلەن كىرىدۇ. تەييار گۆشلا ئەكىرەمدۇق يا ھە، ئاكا؟ −− كىچىك ئوغلى نادانلارچە سوئال بىلەن ئانىسىغا تىكىلدى. موماينىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلدى، كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن ياشلىرى ئىختىيارسىز لېچەك ئىچىدە پۈرمە - پۈرمە گۇنسىز تېرىلىرىنى بويلاپ سىيرىلىپ چۈشتى، شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە باي، ساغلام، ئايالى ۋە بالىلىرىغا تاغدەك يىقىلماس يۆلەنچۈك بولۇپ يۈز تېپىۋاتقان ئوغۇللىرىنىڭ:»ئانا، مانا بۇ قۇربان ھېيتلىق قوي، مانا بۇ سىزنىڭ ھېيتلىق خەجىڭىز...« دېيىشىگە، ئانىسىنىڭ شامالغىمۇ بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەك ھالدىكى شۇ ئاجىز تېنىگە ھامىي بولۇپ، بىر قېتىم بولسىمۇ بوران ئۇچۇپ تۇرغان بۇ ئۆيلەرگە دادىسى بار چاغدىكىدەك ئايەم شادلىقى باشلاپ كېلىشىگە قانچىلىك تەشنا ھە؟! لېكىن بالىلار چوڭى 60ياشقا يېقىنلىغان قامەتلىك ئەرلەر بولسىمۇ، ئۇلار ئاتا - ئانىسى ھايات ۋاقتىدا ئەقلىنى قولىغا ئالالمايدىغان بارلىق نادان بالىلارغا ئوخشاش يەنىلا ئەقىلدە گال ئىدى. شۇ ئەسنادا كىچىك قىزى ئوغلىنى يېتلىگىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئانىسىغا، ئاكىلىرىغا ھېيت سالىمى قىلىپ ئانىسىنى قۇچاقلىدى.
−− ئانا بۇ يىل 80ياشقا كىردىڭغۇ ھە؟ تۇغۇلغان كۈنۈڭگە، ئايىمىڭگە مۇبارەك بولسۇن! −− ئۇ شۇنداق دېگەچ سومكىسىدىن چىرايلىققىنە بىر ياغلىقنى ئالدى - دە، ئانىسىنىڭ بېشىدىكى ئاپئاق لېچەكنىڭ ئورنىغا چىگىپ قويدى. موماينىڭ كۆڭلى ئىللىققىنە بىر ئېقىمدىن دەقىقە ئارام تاپقاندەك بولدى.
−− رەھمەت بالام... ئۆزۈڭگە ئالساڭ بولماسمىدى، بالام... مەن قېرى يېڭىنى چىگمىسەممۇ بولىتى ئەمەسمۇ.. . لېكىن مەن بۇ ھېيتتا سىلەرگە ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمىدىم، بالام... قۇربانلىقمۇ قىلالمىدىم... −− موماي مىچچىدە يىغلىۋەتتى.
−− يىغلىمىغىنا ئانا، قۇربانلىق قىلىمەن دەپ ساڭا نېمە كەپتۇ. يىغلىمىغىن، بىز ھەممىمىز قۇربانلىق قىلدۇق. ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ −− قىزى قۇپقۇرۇق داستىخانغا، قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كەتكەن ئاكىلىرىغا ئاچچىق بىلەن قاراپ قويۇپ ئانىسىنى بەزلىدى.
−− ئانا، پۇلۇڭ يوقمىتى يا؟−− بىر دەملىك جىملىقتىن كېيىن 3 - ئوغلى تەرەپباللا شۇنداق دېدى.
−− ئانامدا قانداقسىگە پۇل بولىدۇ، ئاكا؟ ئانامدىكى پۇل ھېلىمۇ تۈگىمەيدىكەن. شۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ؟ ئانام پۇل يوق ھېيتلىق قىلالماپتۇ، داستىخانغا نازۇ نېمەت تىزالماپتۇ! −− دېدى قىز ئاچچىق بىلەن.
−− پۇللىرىڭ قېنى، ئانا؟−− بۇ سوئالنى قايسى ئوغلى سورىغىنىنى موماي ئۇقالمايلا قالدى. ئۇ ئىختىيارسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ ئوغۇللىرىغا قاراپ قالدى. ئۇلارنىڭ ھالىتى تېڭىرقاش، ھەيران قېلىشتىن بەكرەك جىنايەتچىنى سوراق قىلىۋاتقان سۈرلۈك ساقچىلارغا ئوخشايتتى. موماينىڭ يۈرىكى ۋاژىلداپ ئېچىشىپ كەتتى. ئۇ ئوغۇللىرىغا تىكىلىپ تۇرۇپ: »سەن، سەن، پالانى، مانچە پۇلۇمنى ئېلىۋالدىڭ، مۇنچىلىك پۇلۇمنى قايتۇرمىدىڭ... شۇ پۇلنى قايتۇرماي تۇرۇپ يەنە خىجىل بولماي مەندىن قايسى يۈزۈڭ بىلەن ھېساب ئېلىشىسەن؟ مەندە سەنلەر گۇمان قىلغۇدەك نەدىمۇ شۇنداق جىق پۇل بولسۇن« دەپ توۋلىۋەتكۈسى كەلدى. لېكىن، ئۇ يەنىلا ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ھېچنېمە دېمىدى. نېمىدەپ جاۋاب بېرىشنىمۇ بىلەلمىدى.
−− ئانامنىڭ پۇللىرىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى سىلەر بەكرەك بىلەرسىلەر؟! −− دېدى قىزى ئانىسىنىڭ ئورنىدا جاۋاب بېرىپ.
−− بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ سېنىڭچە ئانامنىڭ پۇلىنى بىز ئېلىۋاپتۇق تە؟! −− چوڭ ئاكىسى خۇدۈكسىنىپ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
−− مېنى بىلمەيدۇ دېيىشەمسەن؟! سەن ئوغلۇڭغا ئېلىپ بەرگەن 5000يۈەن پۇلغا قانچە يىل بولدى، قايتۇردۇڭمۇ؟! سېنىڭچۇ؟ قىزىمنى مەكتەپكە ماڭدۇرۇۋالاي دەپ ئالغان 3000يۈەن پۇلچۇ؟ قىزىڭنىڭ ئوقۇشىمۇ تۈگىگىلى تۇردى، قېنى شۇ پۇل؟! ئوغلۇمغا ئۆي ئېلىپ بېرىمەن دەپ سەن ئېلىۋالغان 4000يۈەننى قايتۇردۇڭمۇ؟ سەنچۇ كىچىك ئاكا؟ ماشىنا ئالىمەن دەپ ئاپامدىن ئالغان پۇلنىڭ سانىنى مېنى بىلمەيدۇ دېمە!
بالىلار موماينىڭ كۆزىچىلا، ھېيت - ئايەم دېمەي ئۇرۇشۇپ، بىر - بىرىگە ئىزا - ئاھانەت قىلىشىپ ئالەمنى مالەم قىلىشقىلى تۇردى. موماينىڭ ئۇلارنى توسىغۇدەكمۇ ھالى قالمىغانىدى. يۈرىكى لەختە - لەختە زەرداپ ئىچىدە ئاجىز پۇلاڭلايتتى. ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى - دە، جەينامازىغا يۈكۈندى...
−− ئاۋۇ ئاسىم دېگەن لايغەزەل 150مىڭ كويلۇق ئۆينى ئوڭچە ئىگىلىۋالغاندىكىن بىر قېتىم ھېيت قىلىپ قويسا نېمە بولىدۇ ھە؟! شۇمۇ ئوغۇل بالا بولدىمۇ؟! ھۇ خوتۇنىنىڭ ئىشتىنىنى كىيگەن ! قاراپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئۆيىنى نەدىكى لىڭتاسمىغا تارتقۇزۇپ قويغاندىكىن مۇشۇ ئانامغىمۇ ئاز! ئۆزىگە شۇنداق پۇختا بولۇپ، بالىلىرىنى سانىڭ چۈجىسىدەك قانىتى ئاستىغا ئېلىپ، ئەتراپىغا يىغىپ يۈرۈيدىغان نى - نى ئانىلارمۇ باركەن. بۇ بىزنىڭ ئانىمىز قانداق ئانىدۇ، ئىسىت...
ئەڭ ئاخىرىدا ئوغۇللارنىڭ تاپا - تەنە، سوغۇق ئۇرۇشلىرىنىڭ نەتىجىسى »ئۆزىگە پۇختا بولمىغان« مومايغا مەركەزلىشىپ، »توۋا« دەپ ياقا چىشلىگىنىچە ھەممىسى ئۆيلىرىگە مېڭىشتى.
−− بىزنىڭكىگە بېرىپ ھېيت قىل ئانا ئەمدى، −− دېدى 4 - ئوغلى ئىشىكتىن چىقىۋېتىپ.
−− شۇنداق قىلماي نېمە ئامال؟ چوڭ ئۆيدە ھېيت پىشىپ بوپتۇ، −− چوڭ ئوغلىنىڭ پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كېتىۋېتىپ دېگەن مەسخىرىلىك گەپلىرى موماينىڭ قۇلىقىغا كىرىپ قالدى.
موماي كىچىك قىزى بىلەن ئۆيدە يالغۇز قالدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ غېرىبلىقىغا، پەرىشانلىقىغا ھېچنېمە توغرا كەلمەيتتى.
−− نېمىدەپ بۇ نېمىلەرگە ھەممە دۇكاننى بېرىۋېتىسەن؟ نېمىدەپ پۇللىرىڭنى ئۆتنە قىلىسەن؟ قايتۇردىمۇ ئەنە؟ گېپىنىڭ چوڭلۇقىنى ئاڭلىغانسەن؟ تېنىپلا ئالدىغۇ ھەممىسى؟! توۋا، بۇنى ئاز دەپ ئاۋۇ ئاسىمنى بۇ ئۆيگە تىقىپ قويۇپ، ئۆي - ماكانسىز، چوكا - سۇنۇقسىز قالغىنىڭغا نېمە دەي ئەمدى؟ ئۆز ۋاقتىدا نېمە دېدىم ساڭا؟ ئۇنى يولاتما دېسەم ئۇنىمىدىڭ، مانا ئەمدى ھەممە نەرسەڭنى يەپ بولدى.
قىزى چاڭىلداپ سۆزلەيتتى، بوغۇلاتتى، يىغلايتتى. ئۇنىڭ دېگىنى ھەق ئىدى، لېكىن موماي بۇنداق كۈنلەرنى ئالدىن بىلەلەيدىغان ئەۋلىيا ئەمەس ئىدى. ئۇ باغرىنى يېرىپ چىققان، ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيىلىگەن بالىلارنىڭ شۇ دەرىجىدە رەھىمسىز، قارا كۆڭۈل بولۇپ كېتىدىغىنىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغانىدى. ھېلىھەممۇ شۇنداق ئويلىمايتتى. بالىلىرىنى نادانلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇلار تېخى كىچىك، ئەقلىنى قولىغا ئالالمايۋاتىدۇ، دەپلا ئۆزىگە تەسەللى قىلىپ تۇراتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ موھتاج بولۇۋاتقىنى، بىرەر كىچىك بالىدىن بولسىمۇ چىرايلىققىنە ئىككى ئېغىز تەسەللى، يۈرەكنى سالقىندىتىدىغان، تىنچلاندۇردىغان چىرايلىق سۆز، ھېيتلىق سالاملا ئىدى، خالاس...
قىزى ئاخىر قاقشاشتىن توختىدى. قىزىرىپ كەتكەن يۈز - كۆزلىرىنى يۇدى.
−− بىزنىڭكىگە كېتەيلى ئانا، بىزنىڭكىدىلا ھېيت قىلايلى، -− دېدى ئۇ ئانىسىنىڭ قورايدەك قاتقان ئورۇق قوللىرىدىن تۇتۇپ، ئۇ شۇ قاينىشىدا ئىچىدىكى ئاچچىقنى چىقىرىۋالغاچقا، كۆڭلىمۇ كۆتۈرۈلۈپ، ئاچچىقىمۇ يېنىپ قالغانىدى. لېكىن نادان قىز ئانا قەلبىنىڭ، ۋۇجۇدىنىڭ شۇ تاپتا پۈتۈنلەي كاردىن چىققانلىقىنى نەدىنمۇ بىلسۇن؟ ئۇلارچە ئانىسى يەنە 80 يىل ياشايتتى. بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ياشىشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ ئۇلار ئانىسىنىڭ بەكمۇ قېرىپ كەتكەنلىكىنى، ئازلا كۈندىن كېيىن دادىسىغا ئوخشاش توۋلىسا ھە دېمەيدىغان، چاقىرسا كېلەلمەيدىغان يامان يەرگە كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويۇشمايتتى.
−− ماقۇل بالام... مەن ھېلىراقتا كەينىڭىزدىن باراي... ئاچىڭىز كېلىپ قالسا يوق بولۇپ قالماي، −− دېدى موماي زورلاپ كۈلۈمسىرىمەك بولۇپ، لېكىن ئۇ كۈلەلمىدى.
−− ئەمىسە بايا دېگەندەك بولسۇن ئانا، ئاسىم دېگەن جوھۇتنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغىن! بۈگۈنلا گەپنى ئوچۇق قىلىۋەتكىن! بولمىسا ياقىسىغا ئېسىل! سېنى بىر ئۇرۇپ باقسۇن قېنى، كۆرىدىغىنى بار ئۇنىڭ!
−− ماقۇل بالام...
قىزى يەنە بىر مۇنچە گەپلەرنى تاپىلاپ ئۆيدىن چىقتى. بايىقىدىنمۇ بەتتەر سۆرۈنلىشىپ كەتكەن، خۇددى بوران ئۇچۇپ، ئەزرائىل ھۇۋلاپ تۇرغاندەكلا يېقىمسىز بولۇپ قالغان ئۆيدە موماي يالغۇز قالدى. ئۇ ئاخىر قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، قىزىغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە ئوغلى بىلەن چىرايلىقچە پاراڭلىشىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئاسىم ئۆيگە كىردى. ھېچنېمە تىزىلمىغان داستىخانغا، قۇپقۇرۇق تۇرغان قازانغا، ئاشخانا ئۆيلەرگە مۇنداقلا قاراپ قويۇپ، ئانىسىغا گەپمۇ قىلماي تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇردى. موماي ئوغلىنىڭ سۆرۈن تەلەتىدىن ئەيمىنىپ، خېلى ئۇزاققىچە گېپىنى تېپىپ قىلالمىدى. ئاخىر مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرۇپ، ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇشنى ئاغزىغا ئەمدىلا ئېلىۋېدى، ئوغلىنىڭ جان - پېنى چىقىپلا كەتتى.
−− نەدە شۇنداق ئىش باركەن؟ نەچچە يىلدىن نېمىدەپ ئېغىز ئاچمايسىز؟ مەن ئانام يالغۇز قالدى، بېقىۋالاي دەپ ئەسلى - ۋەسلىمنى مۇشۇ ئۆيگە سېلىپ بەردىم، كۆزىڭىز كۆردى! 05 مىڭ يۈەن دېگەن ئاز گەپمۇ؟! مەن تام تەشمەيمەن ياكى بانكا ئاچمايمەن. قېنى كىم مېنى بۇ ئۆيدىن چىق دېيەلەيدىكەن؟! نوچى بولسا پۇلۇمنى قايتۇرۇشسۇن. سىزنى كۈشكۈرتكەن شۇ نوچىلار! مەن ھېچنەگە كۆچمەيمەن! ئاڭلاپ قېلىڭ!
مومايغا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىلا قالغاندەكلا تۇيۇلۇپ كەتتى. تولىمۇ ئاجىزلاپ كەتكەن قاقشال، مىسكىن، غېرىب تېنى، روھى بۇ ئەڭ ئاخىرقى زەھەرنى يۇتالمىدى.
−− مەن سىڭلىڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلەي... −− دېدى موماي كەچ كىرگەندە بارلىق ئاچچىقىنى ئانىسىدىن ئېلىپ بولۇپمۇ يەنىلا قاپاقلىرىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ئولتۇرغان ئوغلىغا مەيۈس قاراپ.
−− ھە... −− ئوغلى بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن تولىمۇ سوغۇق جاۋاب بەردى.
موماي ئۆيدىن يېنىپ چىقتى. زەھەردەك ئاچچىق سوغۇق ئۇنىڭ كونىراشقا باشلىغان سارجا پەلتوسىدىن ئۆتۈپ، ئاجىز يەلكىسىگە مۇزدەك ئۇرۇلاتتى.
موماي چىگىش، ئاچچىق ئەسلىمىلەر باغرىدا تاراملاپ تۆكۈلۈۋاتقان ياشلىرىنى ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن ئېرتىپ ئۈلگۈرتەلمەيۋاتاتتى. ھېلىمۇ ياخشى كېچە، ھاۋا تۇرۇپلا سوۋۇپ كەتكەچكە كوچا ئېغىزىدا خۇددى قارانچۇقتەك قېتىپ ئولتۇرغان ۋىجىككىنە مومايغا دىققەت قىلىدىغانلارمۇ يوق ئىدى. يەنە كېلىپ موماينىڭ كىچىك بالىلاردەكلا بولۇپ قالغان ئورۇق، كۈچسىز تېنى ھېچكىمنىڭ كۆزىگە چېلىقىپمۇ كەتمەيتتى... موماي شۇ ھالدا قانچىلىك ۋاقىت ئولتۇرغىنىنىمۇ بىلمىدى. ئەتراپ تىمتاسلىققا چۆمدى. كوچىدا مومايدىن باشقا ئادەم قالمىغاندەك قىلاتتى. بوران ئۈشقىرىتاتتى. موماينىڭ خىياللىرى چىگىشلىشىپ كەتكەندەك بولدى. ئارقىدىن تۇرۇپلا ئۈزۈلۈپ قالدى. ئوغۇللىرى، قىزلىرى، نەۋرە - چەۋرىلىرى ئۇنىڭدىن شۇنچە يىراقلاپ كېتىۋاتاتتى، ئاخىر ئۇلار ھەققىدىكى بارلىق ئەسلىمىلەر بىردىنلا يوقاپ كەتتى. كوچا چىراغلىرى بىردە يېنىپ، بىردە ئۆچۈپ تۇراتتى. موماي كوچا چىراغلىرىنىڭ نېمىشقا بىر يېنىپ، بىر ئۇچۇپ تۇرۇۋاتقىنىنى ئويلاپ قالدى. پۈتۈن زېھنىمۇ پەقەت مۇشۇلارنىلا سېزىپ تۇراتتى. باياتىن بېرى توڭلاپ كەتكەن قول - پۇتلىرى شۇ تاپتا ئىللىپ، ھاسىراپ تۇرغان نەپەسلىرىمۇ راۋانلىشىپ قالدى. بەدەنلىرىمۇ يېنىك ئىدى. شامال بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى. ئەمدى كوچا چىراغلىرى يانمايلا قويدى. جاھان قاراڭغۇلۇققا پاتتى. موماي بېشىنى كۆتۈرۈپ قىبلە تەرەپتىكى ئاشۇ تۆت تال يورۇق يۇلتۇزنى ئىزلىدى. لېكىن ئاسماندا نە ئاي، نە بىر تال يۇلتۇز كۆرۈنمەيتتى، ئۇ قىبلە تەرەپنىلا ئەمەس ھەتتا ئاسماننىمۇ، زېمىننىمۇ پەرق ئېتەلمىدى. گويا ئاسمان - زېمىن بىر - بىرى بىلەن تۇتىشىپ كەتكەندەك ھەممە ياق كۆڭۈلنى خىرەلەشتۈرىدىغان چەكسىز قاراڭغۇلۇققا پاتقانىدى. غەلىتە يېرى قاياقتىندۇر شوخ ئۇرۇلغان ھېيتلىق ناغرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بۈگۈن قۇربان ھېيت... ناماز كۈنى ... لېكىن كىشىلەر تاڭ ئاتماستىنلا ناغرا چالغىلى تۇرسا - ھە؟ كۆڭۈللەرگە شادلىق بەخش ئەتكۈچى ناغرىنىڭ ئاۋازى موماينىڭ قېتىپ قالغان ھېس - تۇيغۇلىرىنى ئويغاتقاندەك قىلدى. ئۇ ياشاڭغىراپ تۇرغان نۇرسىز كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ، ياشلىرىنى سۈرتۈۋەتمەكچى بولدى. لېكىن قوللىرى ھەرىكەتكە كەلمىدى. ئۇ كۆزلىرىنى تېخىمۇ يوغان ئېچىپ تېخى بايىلا، يىراقتا بولسىمۇ كۆرەلىگەن يۇلتۇزلارنى زورۇقۇپ ئىزدەشكە باشلىدى. بىراق يەنىلا تاپالمىدى. ئۇ ئەجدادلىرىنىڭ، بوۋىيىنىڭ روھىنى تاپالمىغانسېرى خىياللىرى، تەپەككۇرى يەنىمۇ قېتىپ كېتىۋاتقاندەك بولاتتى. توۋا! موماينىڭ كۆزلىرى بىردىنلا نۇرلىنىپ كەتتى. خىياللىرىمۇ، تەپەككۇرىمۇ، ئەتراپمۇ پاللىدە يورۇپ، ئۈمچىيىپ يىغلاشقىلا كۆنۈپ قالغان ئاغزى ئىختىيارسىز كۈلۈمسىرىدى. ئۇنىڭ يېنىدىلا چاراقلاپ يانغان تۆت تال يۇلتۇز نۇر چېچىپ تۇراتتى. ئۇلار دەسلەپ كۈچلۈك نۇر چەمبىرىكى ھاسىل قىلىپ موماينى ئارىغا ئېلىۋېلىشتى. ئارقىدىن تۇيۇقسىز موماي تەرەپكە سوزۇلۇپ نۇرغا پۈركەلگەن سۆيۈملۈك بىر سېيماغا ئايلاندى. بۇ سېيما موماينىڭ تاشتەك قاتقان يىرىك قوللىرىنى ئاستا تۇتۇۋېدى، موماي قوللىرىنى يۇمشاق قۇش ئۇۋىسىغا كىرىپ قالغاندەك ئاجايىپ راھەتتە سەزدى. موماي ئىختىيارسىز بۇ قوللارغا زەن سېلىپ قاراپ كەتتى. بۇ قوللار بىر تۇرۇپ مومىسىنىڭ، يەنە بىر تۇرۇپ دادىسىنىڭ قوللىرىغىمۇ ئوخشايتتى. يەنە تۇرۇپلا بوۋىيىنىڭ كۈچلۈك، قىزىق، ھارارەتلىك ئالىقانلىرىدەكمۇ قىلاتتى. ئۇ چەكسىز رازىمەنلىك بىلەن نۇر ئىچىدىكى بۇ سېيماغا قاراپ خۇشاللىقتىن ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇ ئاخىر يىراق ئاسمان قەترىدە ھەمىشە تەلمۈرۈپ خىيال قىلىدىغان، سېغىنىدىغان سۆيۈملۈك ئادىمىنى كۆرەلىدى... موماي پەيدەك يېنىك، پەرىلەردەك گۈزەل ئىدى. ئۇ كۈچلۈك نۇر ئىچىدە، ئۆزىگە تاتلىق جىلمىيىپ، ھەييارلىق بىلەن كۆز قىسىشىۋاتقان چەكسىز يۇلتۇزلار ئارىسىدا تەگسىز بوشلۇقتا ھاۋاغا دەسسەپ، بۇلۇت قاتلاملىرىنى يېرىپ، ئۆزىنى يېنىككىنە يېتىلەپ كېتىۋاتقان سۆيۈملۈك سېيماغا چەكسىز مۇھەببەت بىلەن خاتىرجەم ئەگىشىپ كەتتى... ياڭراق ئۇرۇلغان ناغرىنىڭ ئاۋازى تېخىمۇ شوخ پەدىگە يۆتكەلدى. موماي ھېيت خۇشاللىقىغا پۈركەلگەن چەكسىز يۇلتۇزلار ئالىمىگە سىڭىپ كەتتى.


مەنبەسى:<< تارىم >> ژۇرنىلى  2010-يىل 1-سان.

0

تېما

0

دوست

100

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   33.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34367
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 13:05:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېۋاندا ئولتۇرۇپ ئۇقايچۇ،،،،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

7

تېما

4

دوست

2380

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 694
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 16:01:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز

3

تېما

1

دوست

559

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   11.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34133
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 158
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 16:40:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايە ۋەھشى يېزىلىپ قاپتىيا. مەن ياقتۇردۇم. كېيىنكى ھېكايىلىرىنى يازغاندا پېرسوناژلارغا ئىسىم بېرىپ قويسىلا، چىنلىقى، بەدىئىيلىكى تېخىمۇ ئاشىدۇ. كەسىپنى ئۆز- ئارا تولۇقلىشايلى.

0

تېما

0

دوست

283

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   94.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17737
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 19:43:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ھېكايە ئىكەن، بىز ئۈچۈن ئاتا-ئانىمىز  ھەممىنى قىلىدىكەن، لېكىن بىز ئۇلار ئۈچۈ ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمەيدىكەنمىز.

0

تېما

1

دوست

184

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   61.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34397
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 20:30:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
QUTYOL يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 19:43
ياخشى يېزىلغان ھېكايە ئىكەن، بىز ئۈچۈن ئاتا-ئانىمىز  ھ ...

توغرا دەيسىز قېرىندىشىم، شۇڭا ئاتا-ئانىمىزنى قەدىرلەيلى !

0

تېما

1

دوست

184

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   61.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34397
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 20:33:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sahraliq0997 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 13:05
دېۋاندا ئولتۇرۇپ ئۇقايچۇ،،،،

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت !

0

تېما

1

دوست

184

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   61.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34397
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-24 20:34:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sheydai يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 16:01
ھارمىغايسىز

سىلەرگە يارىغىدەك تېما يوللىيالىساملا ھەرگىز ھارمايمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )