غەرب ھازىرقى زامان پەلسەپە ئېقىملىرىدىن ئۇچۇرلار
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
غەرب ھازىرقى زامان پەلسەپە ئېقىملىرى ـــ ماركىسىزملىق پەلسەپە بارلىققا كەلگەندىن كېيىن غەربتە مودا بولغان تۈرلۈك پەلسەپە ئېقىملىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئېقىملار ھەرخىل،رەڭدار بولسىمۇ ، يىغىنچاقلاپ مۇنداق بىرقانچە تۈرگە ئايرىپ تەھلىل قىلالايمىز: بىرى، پەنچىلىك(دەلىلچىلىك ياكى پوۋىتىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ). ئىككىنچىسى، غەيرى ئەقلىيەتچىلىك(گۇمانىزم، ئىرراتسىئونالىزم ياكى گىرمانچە ئاتىلىشىدا ئانتروپوگىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ). ئۈچىنچىسى، غەرب ماركىسزمى تۆۋەندە بۇ ھەقتە بىر-بىرلەپ قىسقىچە توختىلايلى: پەنچىلىك- scientism نىڭ ئاساسىي ئىدىيسى مۇنداق: تەبىئى پەنلەرلا پەن بولالايدۇ،تەبىئى پەن ئەڭ ئىمتىيازلىق دۇنيا قاراش.شۇنداقلا،ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بىلىمى.ئۇ ھەرقانداق بىلىمدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇ ئاتالغۇ بەزىدە يەنە ئازراق سەلبىي مەنىدىمۇ قوللىنىلىدۇ: بىرىنچى خىل ئەھۋال- پەننى نامۇۋاپىق قوللىنىش ياكى پەننىي نۇقتىئىنەزەرلەرنى جايىدا ئىشلەتمەسلىك. ئىككىنچى خىل ئەھۋال: «تەبىئى پەنلەر مېتودى ياكى تەبىئى پەنلەر بېكىتكەن كاتېگورىيەلەرنى پەلسەپە ۋە ھەرقانداق بىر پەن- تەتقىقاتنىڭ بىردىنبىر تارازىسى قىلىۋېلىش»قا قارىتا تەئەددى مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. غەيرى ئەقلىيەتچىلىك – غەيرى ئەقلىيەتچىلىك ئەقىلنىڭ بىلىشتىكى رولىنى ئىنكار قىلىدۇ ياكى چەكلەيدۇ. بۇ ئاتالغۇ «ئەقىل بىلەن چۈشەنگىلى بولمايدىغان،لوگىكىلىق ئۇقۇملار بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان»دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە. غەيرى ئەقلىيەتچىلىكتە ئەقىل بىۋاستە كۆزىتىش،بىۋاستە ھېس قىلىش،ئىقتىدار قاتارلىق ئۇقۇملار بىلەن قارمۇ-قارشى قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. غەيرى ئەقلىيەتچىلىك بورژىئازىيە پەلسەپىسى ۋە ئېتىكا پېنىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:فىدېئىزم(ئېتىقادچىلىق)چىلارنىڭ غەيرى ئەقلىيەتچىلىك داۋرىڭى قارىغۇلارچە ئېتىقاد؛شوپىنخاۋىرنىڭ داۋراڭ سالىدىغىنى ئاڭدىن خالىي ئىرادە،..ۋەھاكازالار.كەسكىن ئەقلىيلىك ۋە پەن ئەخلاق دائىرىسىگە توغرا كەلمەيدۇ.شۇنداقتىمۇ نىتزى«ھوقۇق ئىرادىسى»نى بازارلىتىپ،غەيرى ئەخلاقنى كۆككە كۆتىرىدۇ.فىرانسىيە مۇتەپەككۇرى ھىنرى بېرگسون بولسا بىۋاستە تۇيغۇنى تەكىتلەيدۇ.مەۋجۇدىيەتچىلىك بولسا «مەۋجۇتلۇق ئۇبيېكىت ئەمەس،سۇبيېكىت» دەپ جار سالىدۇ(مەسىلەن:سارتىرى «مەۋجۇتلۇق ماھىيەتنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ»دەپ قارايدۇ). ئەمدى،غەرب ماركىسىزمى دېگەن ئۇقۇم ئۈستىدە توختالساق، گەپنى 20-ئەسىرنىڭ20-يىللىرىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.بىرىنچى جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىن،رۇسيە ئىنقىلابى غەلبە قىلدى،ئوتتۇرا-غەربىي ياۋرۇپانىڭ ئىنقىلابى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. Ceorg Lukacsقاتارلىقلار مەغلۇبىيەت سەۋەبىنى خۇلاسىلەپ،گەپنى«پورۇلتارىياتنىڭ سىنپال ئېڭى تۈگەشكەنلىكتىن»دېگەن يەرگە ئاپاردى.شۇنىڭ بىلەن 1923-يىلىغا كەلگەندە،لۇكاس ۋە كورش قاتارلىقلار كىتاب يېزىپ ماركىسىزمنى بىرخىل ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئىزاھلاشقا ئۇرۇنۇشتى ھەم ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى كارل ماركىس ۋە گېگىل ئىدىيسىنى داۋاملاشتۇردۇق، دەپ ھېسابلاشتى. غەرب ھازىرقى زامان ماركىسزمى پەنچىلىك ۋە غەيرى ئەقلىيەتچىلىك بىلەن ئۆز-ئارا باغلىنىپلا قالماي،يەنە ماركىسزمنىڭ ئىنقىلابى نەزەرىيلىرىنى بۇلار بىلەن بىرلەشتۈرگەن.
غەرب ھازىرقى زامان پەلسەپە ئېقىملىرى __ غەرب ھازىرقى زامان روھىيتىنىڭ شۇنداقلا ھازىرقى زامانىۋى دۇنيانىڭ ئاددىي بىرپارچە ئەينىكى ياكى شۇنىڭغا ئېرىشىش ئۇسۇلى. |