قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6469|ئىنكاس: 90
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پۇتىننىڭ كېيىنكى نىشانى قازاقىستان

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

375

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   37.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28049
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 104
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
پۇتىننىڭ كېيىنكى نىشانى  قازاقىستان  
تەرجىمە قىلغۇچى: kunesbay


      2007-يىلى 6-ئايدا،روسىيە پرېزدېنتى ۋىلادىمىرپۇتىن كېرىمىل سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا،ئەڭ يوقۇرى مۇكاپات《روسىيە فېدىراتسىيە مۇكاپاتى 》نى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان ئالېكساندىرسولژىنستىنگە تەقدىم بەردى.چۈنكى《گۇلاخ تاقىم ئاراللىرى》ناملىق ھىكايىسى ۋەباشقا مەشھۇر ئەسەرلىرىدە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى زۇلۇم –سىتەملەرنى قورقماي ئېچىپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن سولژىنستىن غەرپ دۆلەتلىرىدە ئەڭ ھۆرمەتكە ئېرىشكەن ئەرباپقا ئايلىنىپ،گورباچېف بىلەن يېلتسىن يوقۇردا دىيىلگەن ئالى مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا بەرمەكچى بولغاندا بۇيازغۇچى روسىيىنى كومۇنىزىم ۋە ئىمپىرىيە سالاھىيىتىىدىن مەھرۇم قالدۇرغان بۇئىككى رەھبەرگە قىلچە قىزىقماي مۇكاپاتنىمۇ ئالمىغان ئىدى. پۇتىن ئۇ ئىككى رەھبەرگە ئوخشىمىدى.2007-يىلى 88 ياشقا كىرىپ جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغان بۇيازغۇچى بىر قېتىملىق سۆھبىتىدە : پۇتىن روسىيىگە” ئاستا-ئاستا گۈللىنىش ئېلىپ كېلىدۇ“ دېگەن ئىدى.   
    بۇبىر ئورتاقلىق بولۇشى مۈمكىن، پۇتىن كېرىمىل سارىيىدىكى مۇراسىمدا سولژىنستىننى ماختاپ” ئۇ پۈتۈن ھاياتنى ۋەتەنگە بېغىشلىغان “ دېگەن ئىدى.كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي پۇتىن بۇيازغۇچىنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ بېرىپ ئۆزىنىڭ روسىيە توغرىسىدا تۈزگەن پىلان-لايىھىلىرىنىڭ ”ھەممە تەرەپتىن يازغۇچىنىڭ ئىرادىسى بىلەن يەردىن چىقىدىغانلىقى “ نى يازغۇچىغا بىلدۈرگەن ئىدى. يېقىنقى مەزگىلدىكى سىياسىي تەرەقىياتتىن قارىغاندا،ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغان ”چەتئەلدىكى خوشنا دۆلەت “ ياكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇريەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە پۇتىن سولژىنستىننىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىپ كەلدى.ئىلگىركى سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى 1-نومۇرلۇق دۈشمىنى ھازىر پۇتىندىن ئىبارەت بىر  ك گ ب خادىمىنىڭ مەنىۋىي داھىسىغائايلاندى.يەنە كېلىپ بۇ  ك گ ب خادىمى سوۋېت ئىتىپاقى دەۋرىگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتائاشكارلاپ قويدى.مانا بۇنى تارىخنىڭ مەسخىرىسى دېسەك بولىدۇ.
ئۆز ۋەتىنىنى جېنىدىن ئارتۇق سۆيۈدىغان سولژىنستىن ئۆلۈشتىن خېلى يىللار ئىلگىرىلا،كېيىكى سوۋېت ئىتىپاقى دەۋرىدىكى روسىيە ئۇكرائىنانى ئۆزئىچىگە ئېلىشى كېرەك دەپ يوشۇرۇن بىشارەت بەرگەن ئىدى. سولژىنستىن ئۇكرائىنلارنى مۇسەتەقىل بىر مىللەت دەپ قارىمىغان. ئۇ 1990-يىلى يازغان 《روسىيىنى قايتاقۇرۇش: ئويلىنىش ۋە دەسلەپكى تەكلىپ》دېگەن ماقالىسىدا: ”ئۇكرائىنانى 9-ئەسىرلەردەپەيدا بولغان دۆلەت ھەم ئۇلار رۇس تىللىق مىللەتلەرگە تەۋە ئەمەس دىگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسى يېقىنقى ۋاقىتلاردا كەشىپ قىلىنغان سەپسەتە خالاس“ دەپ يازغان ئىدى.
   ئوخشاشلا،پۇتىنمۇ ئۇكرائىنانى تارىخىي ئارقاكۆرۈنۈشى يوق ،تەبئى ھالدا شەكىللەنگەن دۆلەت ئەمەس دەپ قارىغان .2008-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇخارستتا ئېچىلغان باشلىقلاريىغىنىدا،پۇتىن ئامېرىكىنىڭ شۇ چاغدىكى پرېزدېنتى جورجى بۇشقا : ” ھەتتاكى ئۇكرائىنا  بىردۆلەت ئەمەس،ئۇنىڭ بىر قىسىم زېمىنلىرى شەرقىي ياۋروپادا،يەنە كۆپلىگەن زېمىنلىرىنى بىز ھەدىيە قىلغان “ دېگەن ئىدى.
   بۈگۈكى كۈندەپۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتى روسىيىنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىۋاتقانلىقىغامەركەزلەشتى،بىز سولژىنستىننىڭ ئەسەرلىرىنىكۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ باقساق،بەلكىم پۇتىننىڭ ئەمدىكى زەربە بېرىش نىشانىنىڭقازاقىستان بولۇدىغانلىقنى بىلەلەيمىز. سولژىنستىن قازاقىستانغىمۇ ئۇكرائىناغائوخشاش قاراپ ،قازاقستان ھەقىقى مەنىدىكى مۇستەقىل دۆلەت ئەمەس،ئۇنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنلىرى تارىختا روسىيىگە تەۋە بولغان دەپ كۆرسۈتۈپ ئۆتكەن.ئۇ ئاشۇ ماقالىسىدا : ”قازاقىستاننىڭ ھازىرقى كەڭ كەتكەن زېمىنى بولسا كومىنستلارنىڭ خالىغانچە بېكىتىشى سەۋەبىدىن شەكىللىنىپ قالغان زېمىنلار ،پەسىل قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرىدىغان چارۋىچىلار نەگە كۆچۈپ بارسا شۇ يەر قازاقستان زېمىنى بولۇپ قالغان ،بۈگۈنكى كەڭ قازاقستان زىمىنىدا قازاقلارنىڭ نوپۇسى ئومومىي نوپۇسنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ، مانا بۇ ئەڭئېنىق بىر نۇقتا “ دەپ يازىدۇ.
     پۇتىن قازاقىستانغا ئوچۇق-ئاشكارە ھالدائاشۇنداق سىتىراتىگىيە قوللۇنىۋاتىدۇ.ئۇكرائىنا كىرزىسى تازا ئەۋجىگەچىققاندا،پۇتىن : ”قازاقىستان پرېزدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف  تارىختا ھېچقاچان دۆلەت قۇرۇلۇپ باقمىغان زېمىندا بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقتى “ دەپ قازاق مىللىتىنى  مەسخىرە قىلىدى.
  ئۇكرائىناغا ئوخشاش قازاقىستاندىمۇ نۇرغۇن رۇس ئاھالىلىرى ياشايدۇ،ئۇكرائىنا رۇسلىرىغا ئوخشاش قازاقستاندىكى مىللەتچى رۇسلار قازاقىستاننىڭ بىر قىسمىنى روسىيە زىمىنى دەپ قارايدۇ.سولژېنىستىننىڭ يېزىشىچە،قازاقستاندىكى جەنۇبىي سىبىريە بىلەن جەنۇبىي ئورال رايونىدا ئىلگىرى ئاھالە بەك شالاڭ بولۇپ كېيىن رۇس ئاھالىلىرى،ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىدىكى جىنايەتچىلەر،سۈرگۈن قىلىنغانلارئاچقان ئوتتۇرا قىسىم رايونلار بىلەن بىرلىكتە شەكىللەنگەن ئىكەن.
   ئۆزۋەتىنىنى قىزغىن سۆيگۈچى،ئەركىن پىكىرلەرنىڭ ھىمايىچىسى دەپ ئاتالغان سولژېنىستىن كېيىكىلەرگە مەزمۇنى باي ئەمما خىلمۇ-خىل تالاش-تارتىشلاغا تولغان مىراسنى قالدۇرۇپ كەتتى.پۇتىننىڭ ئۇ يازغۇچىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا ۋارىسلىقى قىلىشى ۋەئۇنى ئەمەلدە كۆرسۈتىشى-- ئۇنىڭ يېڭى بىر ئىمپىرىيە قۇرۇش ئەمەليەتتە كونىنى تىرىلدۈرۈشتەك ئەكسىيەتچىل مەنتىقىسىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ ،ھەرگىزمۇ.يازغۇچىنىڭ پىكىرئەركىنىلىكى دېگەن ئىدىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.مىللەتچى دەپ ئاتالغان سولژېنىستىننى پۇتىن بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ.2014-يىلى 12-ئايدا پۇتىن غەرپنىڭ روسىيەگە قارىتا جازا يۈرگۈزگەنلىكگە قارىتا  سولژېنىستىننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ” ۋقتىداروسىيىنى قوغداپ قالدى،بولمىسا ئۇلار بىزنى ئۈزۈل -كېسىل قورقۇتىۋەتكەن بولاتتى  “  دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.
  سولژېنىستىن 1990-يىلى يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنش ھارپىسىدا يازغان ماقالىسىدا:روسىيە ھازىر پۈتكۈل دۇنيادىكى قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ۋاز كېچىپ ،كۈچنى يىغىپ دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىلىرنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك دېگەن تەكلىپنى ئوتتۇرغاقويدى.ئۇ يەنە روسىيىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش چاقىرىقىنى چىقاردى.روسىيىنىڭ تۇنجى پرېزدېنتى يېلتسىن ئۇنىڭ بۇ چاقىرىقى بويىچە ،1991-يىلىئۇكرائىنا پىرېزدېنتى كىراۋچۇك ۋە بېلىروسىيە پارلامنېنت باشلىقى شۇشكېۋىچ بىلەن 《بىلاۋېج كېلىشىمى》گە ئىمزا قويۇپ،سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلىتىپ،گورباچېفنى بىكارلاپ قويدى.
       سولژېنىستىن يەنە بىر ماقالىسىدا: ”  نەچچەئەسىرلەردىن بېرى ’رۇسلار‘ دېگەن بۇ ئاتالغۇ كىچىك رۇسلار(ئۇكرائىنلار)،چوڭ رۇسلارۋە ئاق رۇسلار(بېلىيرۇسلار)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ“ دېگەن ئىدى. ئۇ يەنە كەلگۈسىدەئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان  لېكىن يەنە تولۇقلاپ: ” بۇ يەردىكى مىللەتلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ھەقىقەتەن مۇرەككەپ،يەرلىك ئاھالىلەر پەقەت ئالاھىدە بىريەر سۈپىتىدە ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلىيەلىشى مۈمكىن“ دىگەن. پۇتىن قىرىمنى يۇتۇۋىلىپ،ئۇكرائىنانىنىڭ شەرقىگە قاراپ ئىلگىرلىگەندە يوقۇرقى سۆزلەرنى ئېسىدەچىڭ تۇتقان بولۇشى مۈمكىن.
    قازاقىستان ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان،ئۇنىڭ زىمىنى غەربىي ياۋروپا زىمىنىدىن چوڭ،مول تەبئى بايلىق ۋە گۇمانتار بايلىققا ئىگە.ئۇنىڭ ئۈستىگە قازاقستان باشقا سابىق سوۋېت جۇمھۇريەتلىرىگە قارىغاندا نىسبىي تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاپ كەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ دۆلەتتىكى مۇستەبىت رەھبەر نازاربايېفنىڭ سىياسىي تىرىشچانلىقىغامەنسۇپ بولۇپ،ئۇ  ئۆكتىچى گۇرۇھلارنى باستۇرۇش بىلەن سىررتىكى دۈشمەنلىرىنى ئەل قىلىشتا قىلچىمۇ ۋاستە تاللىماي كېلىۋاتقانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.نازاربايېف ئەزەلدىن پۇتىن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە بەك ئىھتىيات قىلىدۇ. بىراق كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان تالاش-تارتىشلاغا مەيلى سىياسىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى ھەربىي جەھەتتىن بولسۇن ئاللىجاچان  ئۇرۇق سېلىنىپ بولدى. پۇتىننىڭ رۇسلارنىڭ زىمىنىنى قوغداش بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ،يېڭى جاھانگىرلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇشى قازاقلارنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ ،نازاربايېف دەۋرى ئاخىرلىشىشى ھامان،قازاقلار روسىيىدىن يۈز ئۆرۈشى مۈمكىن.
     شۈبھىسىزكى بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە، خۇددىي ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن ھەربىي توقۇنۇشتەك ئەھۋاللار قايتا تەكرارلىنىشى مۈمكىن.پۇتىن قىرىمنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇس بۆلگۈنچى قۇراللىق ئۆكتىچىلەر ماددىي ۋە مەبلەغ جەھەتتىن يۆلەۋاتىدۇ.
      يازغۇچى سولژېنىستىننىڭ غەرپئەللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى كەيپىياتىغا بولغان سەسكىنىشى پۇتننىڭكى بىلەن ئوپمو-ئوخشاش.ئۇ 1978-يىلى خارۋارد ئۇنۋېرستىتىدا سۆزلىگەن بىرمەشھۇر نۇتتقىدا،غەرپ مەدىنيىتىدە جەڭگىۋارلىقنىڭ كەمچىللىكىنى،ئاخبارات ئەركىنلىكنىڭ ھىچقانداق چەكلىمىگە ئۇچىرمايدىغانلىقىنى.قائىدە- پىرىنسىپ بىلەن شەخسىي ئەركىنلىكنىڭ خاتا يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى تەنقىتلىگەن ئىدى.بۇ نوبىل مۇكاپاتى ساھىبىنىڭ بىلدۈرىشىچە،ئامېرىكىنىڭ ۋېتنامدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشى ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسىكەن.ئۇ يەنە  ” كىشى ئۆز بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن،ئۆلۈمدىنمۇ باش تارتماسلىق كېرەك.يەنەكېلىپ كىشىلەر نەرسىلەرگە چوقۇنۇش ئەۋج ئالغان جەمئىيەتتە كىشىلەر ئەڭ بولمىغانداشۇنىڭغا رازى بولىدۇ“ دەپ يازغان.
سولژېنىستىن ھەتتا غەرپ جەمئىيىتىنىڭ قانۇن-تۈزۈم كۆزقارشلىرىنى تەنقىتلەپ، روسىيىنىڭ كەلگۈسى رەھبەرلىرىگە خوشامەت قىلىپ  : ” غەرپ ئەللىرىنىپ بولۇپمۇئامېرىكىنىڭ ئەدىليە سېستىمىسىنىڭ بەكمۇ بوشاڭلىقى  كىشىلىك ئەركىنلىككە ئىلھام بېرىش بىلەن بىرگەيەنە مەلۇم كىشىلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە مەدەت بېرىدۇ،قانۇننىڭ بۇنداق يىپىدىن يىڭنىسىگىچە بولۇپ كېتىشى جەمئىيەتكە پايدىلىق تەسىر ئەكەلمەيدۇ“ دەپ ئوتتۇرغاقويغان.
    ئىزاھات:
ئالېكساندىر سولژىنستىن.(1918- 2008) سوۋېت ئىتتىپاقى  ھەم كېيىنكى روسىيە يازغۇچىسى .ئۇ  « راك كېسەللىكلەر بىناسى» ،«ئۈچىنچى چەمبەر» ،«گۇلاخ تاقىم ئاراللىرى» قاتارلىق مۇنەۋەر ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى  1970 – يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغائېرىشكەن يازغۇچى  . سولژىنستىن بولسا «سىتالىننى تەنقىدلىگەن»دېگەن بەدنام بىلەن سەككىز يىل تۈرمىدە ياتقان ، «گۇلاخ تاقىم ئاراللىرى» رومانىداسوۋىت ئىتتىپاقى تۈرمىلىرىنىڭ ئەينى ئەپتى  -بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلىغانلىقىئۈچۈن ،‏ 1974 – يىلى رۇسىيدىنقوغلاندى قىلىنىپ ، 1976 – يىلى ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان . سوتسىيالىستىكتۈزۈم بەربات بولغاندىن كېيىنلا سابىق زۇڭتۇڭ يېلىتسىن «دۆلەت ئاتىسى» دەپ نامبېرىپ، سولژېنتىسىننى ئامېرىكىدىن قايتۇرۇپ كەلگەن.
(作者系美国国防大学国际安全事务学院高级研究员及副教授。听桥译,原刊于美国politico.com,2015年2月10日发布,原题为:“What Putin’s Favorite Guru Tells Us About His Next Target”)
  原文链接:

  تۆۋەنكى ئىككلىك كودنى سىكانىرلاپ باغداش تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ :

  ئۈندىدار ئىزدەش نومۇرى :bagdaxtori


bagdax salon-1.jpg

0

تېما

0

دوست

68

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   22.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34282
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تەرجىمە قىپسىز . بۇندىن كېيىمۇ داۋاملىق ئاشۇنداق قىلىپ تۇرۇڭ. پۇتىنىى ئيۇغۇرلار ياخشى بىلسۇن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

1778

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30232
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 528
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئىسىل تىمىدىن بىرنى تەرجىمە قىلىپ سۇنىپسىز ، ئاپىرىن ،ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر،سىلەر بولغاچقا باغداشنىڭ خاسلىقى يوقالمايدۇ،

2

تېما

0

دوست

850

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   70%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18202
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 250
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-27
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھېلىقى سولژىنىستىن دىگىنىمۇ شۇ ستالىننىڭ نۇسخىلانغىنىكەنغۇ ئەسلى، دۇنيادىكى ھەممە قەۋم، ھەممە خەلقلەرگە تىنچلىق ئاسايىشلىق يار بولسىكەن دەيمەن

0

تېما

0

دوست

236

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   78.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34118
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-27
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
پوتىن باشلىق بۇ نۇمۇسسىز خۇمپەرلەرنىڭ تىزراق ھالاك بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلمەن،بۇ ئىپلاسلار يۇقالماي تۇرۇپ دۇنيادا تېنىچلىقتىن،قان تۈكۈلۈشتىن ئىغىز ئېچىش تەس…

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10638
يازما سانى: 1260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1265
تۆھپە : 2858
توردىكى ۋاقتى: 758
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئاجايىپ نومۇسسىز، قاپ يۇرەك پىكىر قىلىدىغان شەرەپسىزكەن بۇ . روسيەدە  مۇشۇنداق  ئىدىيىدىكى كىشلەرنىڭ بولىشى ،قارىماققا ئىچكى قىسىمدىكى ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرغاندەك قىلغان بىلەن ،سىرتقى جەھەتتىن روسىيەنىڭ قاباھىتى !
بىر نوقتا ئېنىق روسىيەگە قارىتىلغان جازا يېتەرلىك بولمىغاندەك  قىلىدۇ .
قازاقلار  ئامان بولغاي !

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2597
تۆھپە : 13034
توردىكى ۋاقتى: 6431
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
7#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-25 13:04  

سولژېنىستىن دىگەن بۇ ئاداشمۇ چاغلىق نىمىكەن.تار مىللەتچىلىك ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ھېسياتلىرى بىلەن  سېغىشمايدۇ.ھازىرمۇ قەدىمقى دەۋىرنىڭ قەھىرمانلىق ئۆلچەملىرىنى كۆتۆرۆپ يۆرگەن ئاداشكەن بۇ.ھېلىمۇ رۇسيەنىڭ زىمىنى دۇنيادا ئەڭ چوڭ.زىمىنغا تويمايدىكەن بۇ خەق.ھەر قانداق دىنمۇ بۇنداق تويمىغۇرلۇقنى رەت قىلىدۇ. باشقا مىللەتلەرمۇ ئادەم ،ئۇلارمۇ ياشىشى،ئۇلارنىڭمۇ ماكانى بولىشى كىرەكتە.بۇ پوتىن دىگەن ئەرباپ پىتىرنىڭ ۋەسىيەتلىرىگە بەك سادىق ئىكەن.ئىش ئۈستىلىدە شۇ پادىشاھ پىتىرنىڭ ھەيكىلى قويۇغلۇق دەپ بىر تېمىدا كۆرگەنتىم.ئۇنىڭ(پىتىرنىڭ) ۋەسىيىتى ئىجرا قىلىنسا نۇرغۇن مىللەتلەر قۇللۇق ئورنىغا چۈشۈرۆپ قويۇلىدۇ.بۇنداق ئىدىيولۇگىيە ئاخرى ئۆزلىرىگە بالايى ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.لىف تولىستۇينىڭمۇ بىرسىنىڭ بىر ھېكايىسى بولىدىغان،چوڭ ھۆكۆمدار بىرسىگە ئەتىگەندىن تارتىپ كۈن ئولتۇرغىچە بىر نۇقتىدىن چىقىپ ئايلىنىپ دائىرىلەپ كەلگەن زىمىننى  ئىنئام قىلىمەن دەپ ۋەدە بېرىدۇ. يەر ئىگەللىمەكچى بولغان ھېلىقى ئاداش نۇرغۇن يەر ئىگەللەش مەقسىدىدە جان-جەھلى بىلەن كەڭ دائىرىنى ئىگەللىمەك بولۇپ يۆگرەيدۇ.چۈشتىن ھالقىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەسلى چىققان ئورنى تەرەپكە قاراپ دائىرىلەشنى ئۇنتۇپ،تېخىمۇ كەڭ زىمىننى ئىگەللەش ئۈچۈن ئالدىغا قاراپ كېتىۋىرىدۇ.كەچ كىرەگە يېقىن ھوشىنى يىغىپ ئەسلى چىققان نۇقتىسى تەرەپكە قايىتقان بولسىمۇ ھەر قانچە يۆگرەپمۇ ئەسلى ئورنىغا يېتىپ بارالمايدۇ ۋە ھەم چارچاپ،ھەم ئۈمىتسىزلىنىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.مەن بۇ ھېكايىنى تولىستۇينىڭ چار ئىمپىرىيىسىنىڭ تويمىغۇرلىغىغا قىلىنغان مەسخىرىمىكىن دەپ ئويلايمەن.تويمىغۇرلۇقنىڭ بەدىلى ھامان مانا مۇشۇنداق بولىدۇ.

روسيىلىكلەرنىڭ ئىپتىخارى - پادىشا پېتىر

1

تېما

5

دوست

6042

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15823
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 1968
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-26
8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
پۇتىن تەلۋىنىڭ خىيالىغا كەلگەننى قىلىپ كۆرەڭلەپ ھاكمىيەتنى چىڭ تۇتۇپ تۇرىشى  روسىيەنىڭ دۈشمەنلىرى كۆپەيتىسە كۆپەيتىدۇكى ھەرگىز ئازلاتمايدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )