قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1606|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەنگلىيەدە ساقلىنىۋاتقان كۈسەن پۈتۈكلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

17

تېما

6

دوست

3675

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 76
تۆھپە : 1187
توردىكى ۋاقتى: 755
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-2
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئەنگلىيەدە ساقلىنىۋاتقان كۈسەن پۈتۈكلىرى

تەلئەت ئوبۇلقاسىم تۈمەن

(ئاپتونۇم رايونلۇق كۈسەن مىڭئۆي تەتقىقات يۇرتى 830000)

  كۈسەن پۈتۈكلىرىنىڭ يېزىلغان ۋاقتى خوتەن قوليازمىلىرى، دۈنخۇاڭ قوليازمىلىرى، تۇرپان قوليازمىلىرىدىن بۇرۇن. كۈسەن پۈتۈكلىرى بايقالغاندىن كېيىن ياۋرۇپادىكى شەرقشۇناسلار دىققەت نەزەرىنى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسىمىغا قاراتقان. شۇنىڭ تۈرتكىسىدە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى خەلقئارادا ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئىزدەش، تېپىش جېڭى باشلىنىپ خەلقئارادا دۇنخۇاڭ- تۇرپانشۇناسلىق، كۈسەنشۇناسلىقنىڭ روياپقا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان. كۈسەن پۈتۈكلىرىنى مۇنتىزىم ئارخېئولوگىيە تەربىيەسى كۆرگەن ئارخېئولوگلار بايقىغان بولماستىن، ئىزدەنگۈچىلەر ئىزدەش جەريانىدا تاسادىپىي بايقىغان. 19-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى بەزى پارچە- پۇرات مەلۇماتلار كۆرۈلۈشكە باشلىغان، بولۇپمۇ ئەنگلىيەگە قاراشلىق بېنگال ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تىلشۇناسلىق مۇدىرى ھورنېلنىڭ تەتقىقاتى ۋە قىياسىدىن كۈسەن پۈتۈكلىرىنىڭ دەسلەپتە بايقالغان ۋاقتى ۋە سىرتقا ئېقىپ كېتىشى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولىمىز. چۈنكى ھورنېل 19-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى بىر تۈركۈم ئىلمىي ئەمگەكلىرىدە بۇ مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. كۈسەن پۈتۈكلىرى 1889-يىلى بايقالغان. بۇ ھەقتە ئەڭ بۇرۇن مەلۇمات بەرگەن كىشى ئەنگلىيەگە قاراشلىق لاداقنىڭ مەركىزى لىھ شەھىرىدىكى موراۋىئان مەزھىپىنىڭ مىسسىيونېرى (دىن تارقاتقۇچى) ۋېبېر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1892-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ۋە شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 21—كۈنى ھورنېلغا ئىككى پارچە خەت يازغان. خەتتە «ۋېبېر قەدىمكى كىتابى» نىڭ بايقىلىش جەريانى بايان قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈك كۆكيار دېگەن يەر (ئۇنىڭغا يۇرتىمىزنىڭ يەر ناملىرى ناتونۇش بولغاچقا خاتا ھالدا كۇچانى كۆكيار دەپ ئاتىغان) گە يېقىن جايدىكى ئۆيدىن بايقالغانلىقى، بۇ ئۆينىڭ ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ توپا ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەمدى ھورنېلغا كەلسەك ئۇ ئەنگلىيەگە قاراشلىق ھىندىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ، 1848-يىلى يەتتە ياشقا كىرگەندە ياۋروپاغا قايتىپ ئوقۇشقا كىرىشكەن. 1865-يىلى ھىندىستانغا قايتىپ كېلىپ، ئاساسلىق ھىندى- ئارىيان تىلى ۋە ھىندىستاننىڭ قەدىمكى يېزىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1897-يىلى ھورنېل بېنگال ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ نەشر ئەپكارى «بېنىگال ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى» دە مۇھەررىرلىك قىلغان.
  كۈسەن پۈتۈكلىرى ناھايىتى تاسادىپىي بايقالغان. 1888-يىلى 4-ئاينىڭ8-كۈنى ئەنگلىيەلىك سودىگەر ئاندرېۋ داگلېش ((Andrew Dagleshئەنگلىيەگە قاراشلىق ھىندىستاندىكى لاداقنىڭ مەركىزى لىھ شەھىرىدىن شىنجاڭدىكى ياركەنتگە بېرىش سەپىرىدە قاراقۇم تاغ ئېغىزىدا پۇشتۇ مىللىتىدىن بولغان دادمۇھەممەد تەرىپىدىن ئۆلتۈرىدۇ، دادمۇھەممەد داگلېشىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ياركەنت، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلىرىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈيدۇ، 1899-يىلى ياز پەسلىدە ئەنگلىيەگە قاراشلىق بېنگال 17-ئاتلىق پولكنىڭ لېيتناتى بوۋېر ئەنگلىيەگە قاراشلىق ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئەمەلدارى مايۇر B.W. كۇمبېرلاند (W.B.Cumberland) بىلەن پامىر ئېگىزلىككە ئوۋ ئوۋلاپ ساياھەت قىلغىلى بارىدۇ. ئۇلار 1888-يىلى 11-ئايدا ياركەنتكە سوقۇنۇپ كىرگەن، ئەنگلىيەگە قاراشلىق ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ئىشپىيوندىن بىر مەخپىي بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئۇنىڭدا بوۋېرنىڭ شىنجاڭدا ساياھەت قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ قاتىل دادمۇھەممەدنى تۇتۇش ھەققىدە بۇيرۇق بېرىلگەن. بوۋېر بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، دادمۇھەممەدنى ئىزدەشكە كىرىشىپ 1889-يىلى 8-ئايدا كۇچاغا يېتىپ كېلىدۇ.
  بوۋېرنىڭ كۇچاغا كېلىشى كۇچادىكى بىر قىسىم ئىزدەنگۈچىلەر كۇچاغا كېلىشى كۇچادىكى بىر قىسىم ئىزدەنگۈچىلەر كۇچانىڭ غەربىدىكى قۇمتۇرا مىڭئۆينىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بىر بۇددا مۇنارى ئاستىدىن سانسكرېت يېزىقى ۋە كۈسەن يېزىقىدىكى پۈتۈكلەرنى تاپقان مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ.
   1899-يىلى كۇچادىكى بىر قىسىم ئىزدەنگۈچىلەرياقۇپ بەگ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە، كىشىلەرنىڭ قەدىمكى خارابىلىكلەردىن ئالتۇن- كۈمۈش قاتارلىق بايلىقلارنى تاپقانلىقىنى ئاڭلاپ كۇچانىڭ غەربىگە 26 كىلومېتىر كېلىدىغان، شايار دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى بىر قەدىمكى خارابلىكتىكى بۇددا مۇنارى خارابىسىدىن نۇرغۇنلىغان قوليازمىلارنى بايقايدۇ.بۇ قوليازمىلار كۇچالىق ھاجىم ئىسىملىك كىشىنىڭ قولىغا چۈشىدۇ، كۇچادا سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاففانىستانلىق سودىگەر غولام قادىرخان كۇچالىق ھاجىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ نۇرغۇن قوليازمىلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ بۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سورايدۇ، ھاجىم ئىشنىڭ جەريانىنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بېرىدۇ. غۇلام قادىرخان ئۇنىڭدىن بۇ قوليازمىلارنىڭ بىر قىسىملىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ. 1890-يىلى غۇلا قادىرخان ئۆزى ئېلىپ كەتكەن قوليازمىلار ئىچىدىن بىر ئەسەرنى بوۋېرغا بېرىدۇ، مانا بۇ دۇنياغا مەشھۇر بولغان «بوۋېر قەدىمكى كىتابى»دۇر.
شۇنىڭدىن كېيىن غۇلام قادىرخان ئۆزىدە قالغان قوليازمىلارنى ياركەنتتىكى ئىنىسى دىلدارخانغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. 1891-يىلى دىلدارخان بۇ قوليازمىلارنى لاداقنىڭ لىھ شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپ بىر قىسىمىنى ئەنگلىيەگە قاراشلىق لاداق ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ يەرلىك كاتىپى ئەھمەدىن (1895-يىلى ئەنگلىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق سىياسى ۋەكىلى بولغان) گە ھەدىيە قىلىدۇ. ئەھمەدىن بۇ قوليازمىلارنى موراۋىئان مەزھىپىنىڭ مىسسىيونېرى ۋېبېرگە بېرىدۇ، مانا بۇ دۇنياغا مەشھۇر «ۋېبېر قەدىمكى كىتابى» دۇر.
  كېيىنچە دىلدارخان بۇ قوليازمىلارنىڭ قالغان قىسىمىنى ھىندىستانغا ئېلىپ كېلىپ ئەلگاردىكى دوستى فەيز-مۇھەممەخانغا قالدۇرۇلغان. 1895-يىلى دىلدارخان ھىندىستانغا بېرىپ دوستىغا قالدۇرۇپ قويغان قوليازمىلارنى قەشقەرگە ئېلىپ كېلىپ ماكارتېنىيغا سوۋغا قىلغان. مانا بۇ «ماكارتېنىي قوليازمىلىرى» دىكى نومۇرلۇق قوليازمىلارنىڭ بىر قىسىمىدۇر.
  يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قوليازمىلار غولام قادىرخان كۇچالىق ھاجىم دەپ ئاتالغان كىشىدىن ئالغان قوليازمىلارنىڭ ھەرقايسى ئەللەرگە تارقىلىش ئەھۋالى. ئەمما كۇچالىق ھاجىمنىڭ قولىدا قالغان قوليازمىلارنىڭ تەقدىرىنىڭ كىملەرنىڭ قولى ئارقىلىق كىملەرگە بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق. بىراق، رۇسىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى پېتروۋېسكىينىڭ «پېتروۋېسكىي قوليازمىلىرى» كۇچادا سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەنجانلىق سودىگەرلەرنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق پېتروۋېسكىيغا يەتكۈزۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەڭ ئاخىرقى بىر قىسىمىنىڭ بەلكىم كۇچاغا كەلگەن ئاللىقانداق سەيياھلارغا سېتىۋېتىلگەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.

  پېتروۋېسكىي بۇ قوليازمىلارنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى ئولدېنبورگغا ئەۋەتىپ بەرگەن. بوۋېر 1890-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى غۇلام قادىرخاندىن قىيىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقىغا يېزىلغان بىر ئورام قەدىكى قوليازمىلارنى سېتىۋالىدۇ. شۇ كۈنى بوۋېر غۇلام قادىرخاننىڭ يول باشلىشى بىلەن كۇچادىن يولغا چىقىپ قوليازما بايقالغان خارابىلىكىنى تەكشۈرىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن بوۋېر كۇچادىن ئايرىلىپ شايار ئارقىلىق قەشقەرگە يولغا چىقىدۇ. 1890-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەرگە كېلىدۇ. بۇ چاغدا دادمۇھەممەد رۇسىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدىكى خىزمەتچىلەر تەرىپىدىن تۇتۇلىدۇ.  بىراق ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىۋاتقاندا، دادمۇھەممەد زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بوۋېر ئۆزى كۇچادا قولغا چۈشۈرۈلگەن  قىيىن دەرخىنىڭ قوۋزىقىغا يېزىلغان قەدىمكى قوليازما، قەدىمكى پۇل قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئېلىپ قەشقەردىن ئايرىلىدۇ. 1890-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەنگلىيەگە قاراشلىق سىمرادىكى تۇرالغۇسىغا قايتىپ كېلىدۇ. 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سىمراسدىكى ھاردڭىس (Hardings)مېھمانخانىسىدا ئەنگلىيەگە قاراشلىق بېنگال ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باش مۇدىرى ھادخورسقا بىر پارچە خەت يازىدۇ. بۇ خەتتە ئۇنىڭ جوڭگو شىنجاڭدىكى كەچۈرمىشلىرى ۋە كۇچادىكى قوليازمىلارنى قولغا چۈشۈرۈش جەريانى بايان قىلىنغان. بۇ بوۋېرنىڭ قىيىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقىغا يېزىلغان قوليازمىلارنى بايقاش جەريانىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارلىشى ئىدى.

   «بوۋېر قەدىمكى كىتابى» ھىندىستاندا زىلزىلە پەيدا قىلىۋاتقان پەيتتە، ئەنگلىيەگە قاراشلىق ھىندىستاندىكى ھىندى تىللىرى مۇتەخەسسىسى يۇقىرىدا دېيىلگەن ھورنېل ياۋروپادا دەم ئېلىۋاتقان بولغاچقا بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپالمىغان ئىدى. 1891-يىلىنىڭ باشلىرىدا، ھورنېل پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ھىندىستانغا قايتىدۇ. پاراخوت قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكەندىن كېيىن ھورنېل ئەنگلىيەگە قاراشلىق يەمەندىكى ئادىندا ھىندىستاندا نەشر قىلىنغان «بومباي گېزىتى» نى تاسادىپىي قولغا چۈشۈرىدۇ. گېزىتتە «بېنگال ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ يىغىن خاتىرىسى» نىڭ 1890-يىلى11-ئايدىكى سانىدا بوۋېرنىڭ 1890-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خاتىرىسى كۆچۈرۈپ بېسىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھورنېلنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ پاراخوتتا بوۋېرنىڭ شىنجاڭدىكى سەپەردىشى كانبېرىن بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. ھورنېل پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭدىن «بوۋېر قەدىكى كىتابى» نىڭ بايقىلىش جەريانى ھەققىدە دەسلەپكى قەدەمدە بىر قىسىم يىپ ئۇچىغا ئىگە بولىدۇ. 1891-يىلى 2-ئايدا ھورنېل كالكۇتتاغا يېتىپ بارىدۇ، پاراخوتتىن چۈشۈپلا قىيىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقىغا يېزىلغان قەدىمكى قوليازمىنىڭ ئىزدېرىكىنى قىلىدۇ.ھادخورس ھورنىېلنىڭ قابىلىيىتىگە ئىشەنگەچكە ئىككىلەنمەستىن «بوۋېر قەدىمكى كىتابى» نى ئۇنىڭ ئوقۇپ يېىشىشىگە بېرىدۇ. 1891-يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ پۈتۈن زېھنىنى «بوۋېر قەدىمكى كىتابى» نى ئوقۇپ يېشىشكە قارىتىدۇ. 1891-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بېنگال ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئايلىق يىغىنى چاقىرىلىدۇ. يىغىندا ھورنېلنىڭ بوۋېر تاپقان قەدىمكى قوليازمىغا ئائىت نۇتۇق سۆزلەپ ئۆزىنىڭ ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقت ئىچىدە قوليازمىنى ئوقۇپ يېشىش خىزمىتىنىڭ جەريانى ۋە ھېس قىلغانلىرىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھورنېل بوۋېر قولغا چۈشۈرگەن قەدىمكى قوليازمىنى جامائەتچىلىككە كۆرسىتىدۇ. ھورنېلنىڭ يىغىندا سۆزلىگەن نۇتىقى سەل كېيىنرەك «قەشقەرىيەدىن بايقالغان قىيىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقىغا يېزىلغان قەدىمكى قوليازما» دېگەن تېمىدا « بېنگال ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى يىغىن خاتىرىسى» نىڭ 1891-يىللىق 4-ئايلىق سانىدا ئېلان قىلىنىدۇ. شۇ ژۇرنالدا يەنە «غەربىي يۇرت كۇچانىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن قەدىمكى شەھەردىن بايقالغان قىيىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقىغا يېزىلغان قوليازمىدىن تاللانما» دېگەن تېمىدا بوۋېر قەدىمكى كىتابىنىڭ ئىككى بېتىنى ئېلان قىلىدۇ.
   «بېنگال ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى يىغىن خاتىرىسى» ئەينى چاغدا خەلقئارا شەرقشۇناسلىق ساھەسىدىكى مەشھۇر ژۇرنال ئىدى. ئۇنىڭ 1890-يىللىق 11-ئايلىق سانى بىلەن 1891-يىللىق 4-سانى ئىلگىرى –كېيىن ياۋرۇپاغا تارقالغاندىن كېيىن ياۋروپا ھىندىشۇناسلىق ساھەسىدە زور غۇلغۇلا قوزغايدۇ. ھورنېل كالكۇتتادا «بوۋېر قەدىمكى كىتابى»نى ئوقۇپ يېشىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندا، ئاۋىستىرىيەلىك ھىندىشۇناس ئالىمى بوھلېر ۋېنادا، «بېنگال ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى يىغىن خاتىرىسى»دە ئېلان قىلىنغان فوتو سۈرەتكە ئاساسەن بوۋېر قولغا چۈشۈرگەن قەدىمكى قوليازمىنى تەتقىق قىلىدۇ.  بوھلېرنىڭ «بېنگال ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى يىغىن خاتىرىسى» 1890-يىللىق 11-ئايلىق سانىدا ئېلان قىلىنغان قوليازمىنىڭ ئىككى پارچە فوتو سۈرىتىگە ئاساسەن ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسى «مىڭئۆي كىتابى ياكى بوۋېر كىتابى ھەققىدە خاتىرىلەر» دېگەن تېمىدا «ۋېنا شەرقشۇناسلىق ژۇرنىلى»نىڭ 5-جىلد (1891-يىللىق تومى) نىڭ 103-بېتىدە ئېلان قىلىنىدۇ. «بېنگال ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى يىغىن خاتىرىسى» نىڭ 1891-يىللىق 4-ئايلىق سانى ۋېناغا ئەۋەتىلگەندىن كېيىن بوھلېر يەنە شۇ خاتىرىدە ئېلان قىلىنغان ئىككى پارچە فوتو سۈرەتكە ئاساسەن ئوقۇپ يېشىش ۋە تەرجىمە قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسى «مىڭئۆي كىتابى ياكى بوۋېر قەدىمكى كىتابىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن خاتىرىسى ھەققىدە» دېگەن تېمىدا «ۋېنا شەرقشۇناسلىق ژۇرنىلى» 5-جىلد (1891-يىللىق تومى) نىڭ 106-108 بېتىدە، ھەمدە «پەنلەر ئاكادېمىيەسى» ژۇرنىلىنىڭ 1891-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى سانىنىڭ 138-139-بېتىدە ئېلان قىلىنىدۇ. بوھلېر بىلەن ھورنېل ئەينى چاغدىكى مەشھۇر ھىندىشۇناس ئالىملاردىن بولۇپ بىرسى ۋېنادا، يەنە بىرى ھىندىستاننىڭ كالكۇتتادا تۇراتتى. بۇ ئىككەيلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا «بوۋېر قەدىمكى كىتابى»نىڭ بىر قانچە بېتىنى مۇستەقىل ئوقۇپ چىققان. ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بوھلېر قوليازمىنىڭ فوتو سۈرەت نۇسخىسىغا ئاساسەن ئوقۇپ يېشىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئەمما ھورنېل پۈتۈن قوليازمىنى ساقلىغۇچى سۈپىتىدە ئوقۇپ چىققان. بۇ خىل ئەمەلىيەت بوھلېرنىڭ ئىلىم جەھەتتىكى سەۋىيەسىنىڭ ھورنېلدىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بوھلېرنىڭ قوليازمىنى ئوقۇپ يېشىش جەھەتتىكى ئۇتۇقلۇق نەتىجىسى ھورنېلغا بېسىم پەيدا قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھورنېل قوليازمىنى ئوقۇپ يېشىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ. 1892-يىلى نەشر قىلىنغان «بېنگال ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى مەجمۇئەسى» A نۇسخا (ئەدەبىيات، تارىخ قىسىمى) 60- جىلد (1891-يىللىق تومى) نىڭ 2-سانىدا ئۆزىنىڭ «بوۋېر قەدىمكى كىتابىنىڭ  يىل دەۋرى ھەققىدە» نى ئېلان قىلىدۇ. ماقالىدە ھورنېل بوۋېر كۇچادىن قولغا چۈشۈرگەن قەدىمكى پۈتۈككە رەسمىي يوسۇندا «بوۋېر قەدىمكى كىتابى» دەپ نام بېرىدۇ.

  1892-يىلى 6-ئايدا ۋېبېر ئەنگىليەگە قاراشلىق ھىندىستاننىڭ لىھ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق سىياسى ۋەكىللەر ئورنىنىڭ يەرلىك كاتىپى ئەھمەدىندىن شىنجاڭدىن بايقالغان ياغاچ تارشا ئىچىگە ئورالغان قەدىمكى قوليازمىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. بىز ئەھمەدىننىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ قوليازمىلارنى ۋېبېرغا ھەدىيە قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس.
  ۋېبېر ئەھمەدىن ئەۋەتكەن قوليازمىلارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن قوليازمىنى ئۆز يېنىدا ئۈچ كۈن ساقلاپ 1892-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى پوسۇلكىغا قاچىلاپ بېنگال ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى ھورنېلغا ئەۋەتىپ ئوقۇپ يېشىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھورنېل 1892-يىلى 7-ئايدا ۋېبېر ئەۋەتكەن قەدىمكى قوليازمىلارنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ھەم ناھايىتى تېزلىكتە تەتقىقاتىغا كىرىشىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن قوليازمىلارغا «ۋېبېر قەدىمكى كىتابى» دەپ نام بېرىدۇ.ئاندىن كېيىن ۋېبېر قەدىمكى كىتابى» ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن بايقالغان يەنە بىر تۈركۈم قەدىمكى قوليازمىلار» دېگەن تېمىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىنى «بېنگال ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى مەجمۇئەسى» A نۇسخا (ئەدەبىيات، تارىخ قىسىمى) 61-جىلد (1893-يىللىق تومى) نىڭ 1-سانىدا ئېلان قىلىدۇ.
   «بوۋېر قەدىمكى كىتابى» 1891-يىلدىن تارتىپ ھورنېىلنىڭ قولىدا تۇرغان. 1897-يىلى ھورنېل پۈتۈن قوليازمىنىڭ شەرھىسى بىلەن ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قوليازمىنى بوۋېرغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. بوۋېر 1898-يىلى 4-ئايدا «بوۋېر قەدىمكى كىتابى»نىڭ قوليازمىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۇنى ئەنگلىيەگە ئېلىپ بېرىپ قەدىمكى بويۇملار سودىگىرى كوۋارتسقا ساتىدۇ.1899-يىلى 4-ئايدا ھورنېل ھىندىستاندا دەم ئېلىشقا چىقىپ ئەنگلىيەگە قايتىپ كېلىپئوكىسفورددا ئولتۇراقلىشىدۇ. ئۇنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە كېلىشتۈرۈشى بىلەن ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى باردېلى كۇتۇپخانىسىنىڭ مۇدىرى W.E. نىكولىسون (E.W.Nicholson ) 1900-يىلىنىڭ مەلۇم ئايلىرىدا 50 فوندستىرلىڭغا «بوۋېر قەدىمكى كىتابى» نى سېتىۋالغان. شۇنىڭدىن تارتىپ «بوۋېر قەدىمكى كىتابى» ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باردېلى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە. «ۋېبېر قەدىمكى كىتابى» ۋېبېرنىڭ ھورنېلغا ھەدىيە قىلغان سوۋغىسى بولغاچقا ھورنېل بۇ ئەسەرنى تەتقىق قىلىپ جامائەتچىلىككە ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۇنى ۋېبېرغا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. ھورنېل ئوكىسفوردقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنى شەخسىي مۈلكى سۈپىتىدە ئوكىسفوردقا ئېلىپ كەلگەن. 1903-يىللىرى ھورنېل «ۋېبېر قەدىمكى كىتابى» نى ئوكىسفورد باردېلى كۇتۇپخانىسىغا سېتىپ بەرگەن.

   «بوۋېر قەدىمكى كىتابى» نىڭ تېپىلىشى يېقىنقى زامان شىنجاڭ تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ كىتاب بايقالغاندىن كېيىن خەلقئارا ئوتتۇرا ئاسىيا تەكشۈرۈش پائالىيىتىنىڭ مەۋقەسىدە ئۆزگىرىش بولدى. بۇ ھەقتە ھورنېل مۇنداق دېگەن :« ‹بوۋېر قەدىمكى كىتابى› نىڭ بايقىلىشى ھەمدە ئۇنىڭ كالكۇتتادا ئېلان قىلىنىشى شىنجاڭدا ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنىڭ يېڭى ھەرىكىتىنى قوزغىدى»،كېيىنچە ئۇ يەنە ئەسلەپ :«‹بوۋېر ۋە ۋېبېر قەدىمكى كىتابى›نىڭ بايقىلىشى مېنىڭ دىققەت نەزىرىمنى رام قىلىۋالدى، شىنجاڭ پۈتۈكشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى ئىستىقبالى پارلاق ماكان» دەيدۇ. ئاۋرىل سىتەيىن ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە:«1890-يىلى پولكوۋنىڭ بوۋېر كۇچادىن قىيىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقىغا يېزىلغان قەدىمكى قوليازمىنى قولغا چۈشۈرگەندىن تارتىپ بۇ ماكان ھىندىشۇناسلارغا تېخىمۇ تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن نەزەرىمنى شىنجاڭغا قارىتىپ، بۇ يەرنى ئارخېئولوگىيە خىزمىتىمنىڭ سەھنىسى قىلىپ بېكىتتىم»دېگەن. ئەنگلىيەلىك ھىندىشۇناس گېئورگى ئابراھام گىرىرىسون ( Gerorge Abraham Grierson) ھورنېل ۋاپات بولغاندىن كېيىن،«بېنىگال ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلىدا» دا: «‹بوۋېر قەدىمكى كىتابى› نىڭ بايقىلىشى ۋە ھورنېلنىڭ بۇ قوليازمىلارنى ئېلان قىلىشى نەتىجىسىدە ياۋرۇپا ھەرىكەتكە كېلىپ بۇ رايونغا بېرىپ تېخىمۇ كۆپ يادىكارلىقلارنى ئىزدەشكە كىرىشتى. ھازىر ئاللىقاچان يوقالغان قەدىمكى مەدەنىيەتكە دائىر ماتېرىياللارنى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر بارا-بارا ئىگىلەشكە باشلىدى» دېگەن. بۈگۈنكى كۈندە كۈنەسشۇناسلىقنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدەنمەكچى بولىدىكەنمىز تەتقىقاتىمىزنى ئالدى بىلەن «بوۋېر ۋە ۋېبېر قەدىمكى كىتابى» نىڭ تېپىلىشىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
   ھورنېل 1893-يىلى «ۋېبېر قەدىكى كىتابى» نى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئەڭ دەسلەپكى ئۈچ گۇرۇپپا قوليازمىنى قولغا چۈشۈرىدۇ، يەنى 1895-يىلى 4-ئايدا ماكارتېنىي يىغقان «كۈسەن پۈتۈكلىرى» («ئوتتۇرا ئاسىيا يادىكارلىقلىرى ئەنگلىيە يىغما بۇيۇملىرى» 1-گۇرۇپپا يادىكارلىقلىرىنى كۆرسىتىدۇ) نى قولغا چۈشۈرىدۇ. 1895-يىلى 11-ئايدا «گودفرېي قوليازمىلىرى»نى، 1896-يىلى 12-ئايدا «ماكارتېنىي قوليازمىلىرى»نى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ھەممىنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىپ «يەنە ئۈچ گۇرۇپپا ئوتتۇرا ئاسىيا قوليازمىلىرى» دېگەن نامدا ناھايىتى تەپسىلىي تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ. 1897-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى چاقىرىلغان بېنگال ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى يىغىنىدا، ھورنېل بۇ تەتقىقات دوكلاتىنى ئوقۇيدۇ ھەمدە «بېنگال ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى» نىڭ 66-جىلد (1897-يىللىق تومى) دا ئېلان قىلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە دوكلات ۋە تەتقىقات بىرلەشكەن ماقالە بولۇپ 24 پارچە فوتوسۈرەت بېرىلگەن. ماقالىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن ئايرىلغان. 1-قىسىمى ماكارتىنىي قولغا چۈشۈرگەن «كۈسەن پۈتۈكىلىرى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك، 2-قىسىمى «گودفرېي قوليازمىلىرى»، 3-قىسىمى بولسا «ماكارتېنىي قوليازمىلىرى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
   كۈسەن پۈتۈكلىرى بولغان «بوۋېر قەدىمكى كىتابى»بىلەن «ۋېبېر قەدىمكى كىتابى» ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ قولغا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن رۇسىيەلىكلەرمۇ  «كۈسەن پۈتۈكلىرى» نى يىغىش قەدىمىنى تېزلەتتى. رۇسىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق تۇنجى كونسۇلى پېتروۋېسكىي 1882-يىلدىن تارتىپ ئىزچىل شىنجاڭنىڭ يادىكارلىقلىرىنى يىغىپ كەلگەن. ئۇ 1890-يىلى بوۋېر كۇچادا قەدىمكى قوليازمىنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ ئالدى- كەينىدە رۇسىيەدە دەم ئېلىۋاتاتتى. ئەڭ دەسلەپ «بوۋېر قەدىمكى كىتابى» نى تونۇشتۇرغان «بېنگال ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى يىغىن خاتىرىسى» نىڭ 1890-يىللىق 11-سانى ۋە 1891-يىللىق 4-سانى ياۋروپادىكى ھىندىشۇناسلىق ساھەسىگە تارقالغاندىن كېيىن رۇسىيەلىك ھىندىشۇناس سېرگىي فېدروۋېچ ئولدېنبۇرگ «بوۋېر قەدىمكى كىتابى»نىڭ مۇھىملىقىنى ھەمدە كۈسەن پۈتۈكلىرى ياكى سانسكرېتچە ۋەسىقىلەرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى  ساقلىنىش ئىستىقبالىنى تونۇپ يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئولدېنبۇرگ 1891-يىلى پېتروۋېسكىيغا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تېزدىن «كۈسەن پۈتۈكلىرى» نىڭ بايقىلىش ئەھۋالىنى ئېنىقلاش تەكلىپنى بېرىدۇ. پېتروۋېسكىي قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دەرھال رۇسىيەلىك مۇھاجىرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئالدى بىلەن «كۈسەن پۈتۈكلىرى» نىڭ ئىزدېرىكىنى قىلىدۇ.كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قوليازما يادىكارلىقلارنى يىغىپ ئارقا- ئارقىدىن ئولدېنبۇرگنىڭ تەتقىق قىلىشىغا ئەۋەتىدۇ. 1893-يىلىغا كەلگەندە غەرب ھىندىشۇناسلىق ساھەسىدە ئىككى خىل يېڭى ھادىسە مەيدانغا كېلىدۇ. ھورنېل، بايلى، ئولدېنبۇرگ قاتارلىقلار «بوۋېر قەدىمكى كىتابى»، «پېتروۋېسكىي قوليازمىلىرى»نىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىپ غەرب ھىندىشۇناسلىقىنىڭ دىققەت- نەزىرىنى جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىم ئويمانلىقىغا جەلپ قىلىدۇ.
  ھورنېل 1893-يىلى نەشر قىلىنغان «بېنگال ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى» نىڭ 1-ساندا «ۋېبېر قەدىمكى كىتابى» نى ئېلان قىلىدۇ. ھورنېلنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قوليازما ئوخشاش بولمىغان توققۇز پارچە ئەسەردىن تۈپلەنگەن، جەمئىي 76 ۋاراق بولۇپ، دەۋرى مىلادىيە 7-ئەسىردىن ئىلگىرى بولۇشى مۇمكىن.
  ئەنگلىيەگە قاراشلىق ھىندىستان ھۆكۈمىتى ماكارتېنىيغا «كۈسەن پۈتۈكلىرى» نى يىغىش ھەققىدە مەخپىي بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ئۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى يىغىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن نىشاننى «كۈسەن پۈتۈكلىرى» گە قارىتىدۇ. 1894-يىلى يەكەندىكى ئاففانىستانلىق سودىگەر دىلدارخان كۇچادىكى ئاكىسى غۇلام قادىرخان تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، ماكارتىىيغا كۇچادىكى يۈسۈپبەگنىڭ قولىدا ئون پارچە پۈتۈكنىڭ بارلىقىنى ئېيتىدۇ. ماكارتېنىي بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن قەشقەردىكى تونۇشى جۇڭگو- رۇسىيە سودا ئالاقە ئىدارىسىنىڭ نازارەتچى ئامبىلى زېڭ گۇاڭجۈنگە خەت يېزىپ ئۇنىڭدىن ياردەم سورايدۇ. زېڭ گۇاڭجۈن ماكارتېنىينىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىندەرھال كۇچادىكى ئەمەلدار تونۇشى ليۇ رېنجيغا خەت يېزىپ بۇ ئىشنى ئېنىقلاپ بېقىش ھەمدە بۇ كىتابلارنى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى تاپىلايدۇ. ليۇ رېنجيا خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن تېمۇربەگ ئىسىملىك بىرسىدن كىتابنىڭ ئىشلىرىنى سورايدۇ. لېكىن بۇ كىشى قەدىمكى كىتاب ھەققىدە ھېچنىمىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ليۇ رېنجيا ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ 25 ئادەمنى ياللاپ «كۈسەن پۈتۈكلىرى» بايقالغان دەپ قارىلىپ كەلگەن قۇمتۇرا مىڭئۆيىنىڭ يېنىدىكى خارابىلىك دۇلدۇلئوقۇردىكى قەدىمكى مۇنار خارابىسىنى 2 ئاي قېزىپ بىر قاتار كەمتۈك قوليازنىلارنى بايقايدۇ، 1894-يىلى قىشتا، ليۇ رېنجيا بۇ قوليازمىلارنى قەشقەردىكى زېڭ گۇاڭجۈنگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. زېڭ گۇاڭجۈن بۇ قوليازمىلارنى ھايال بولمايلا ماكارتېنىيغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ماكارتېنىي بۇ قوليازمىلارنى ئۆزىنىڭ كەشمىردە تۇرۇشلۇق باشلىقى ئادبلبېرت.تالبوت (Adelbert.Talbot) قا ئەۋەتىپ بېرىدۇ.تابوت بۇ قوليازمىلارنى سىمرادىكى ئەنگلىيەگە قاراشلىق ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. 1895-يىلى 3-ئايدا ئەنگىليەگە قاراشلىق ھىندىستان ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەڭ ئاخىرىدا بۇ قوليازمىلارنى بېنگالدىكى ھورنېلغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ھورنېل قوليازمىلارنى 1895-يىلى 4-ئايدا تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئۇ قوليازما سېلىنغان خالتىنى ئېچىپ ئۇنىڭدا 415 پارچە قوليازما بارلىقىنى بىلىدۇ. بۇ «كۈسەن پۈتۈكلىرى» ماكارتېنىي توپلىغان 1-گۇرۇپپا يادىكارلىقلار يەنى «ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەنگلىيە يىغما بويۇملىرى » دىكى بىرىنچى گۇرۇپپا ساقلانما بويۇملار ئىدى.
  1895-يىلى 9-ئايدا گودفرېي سىيالكونتا پاخپۇلۇق سودىگەرلەر ئەۋەتكەن پوسۇلكىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. بۇ پوسۇلكىغا 71 پارچە قوليازما قاچىلانغان. گودفرېي قوليازمىلارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن كەشمىردىكى باشلىقى تالبوتقا بىر پارچە خەت بىلەن قوشۇپ ئەۋەتىپ بېرىدۇ. تالبوت  1985-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا قوليازما بىلەن ھورنېلغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ھورنېل 71 پارچە قوليازمىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۇلارنى «گودفرېي قوليازمىلىرى» دەپ ئاتايدۇ. ھورنېل بۇ قېتىم تاپشۇرۇپ ئالغان «كۈسەن پۈتۈكلىرى» ئىچىدە ئىككى پارچە خەنزۇچە ھۆجقەتنىڭ بارلىقىنى بايقايدۇ.
   ھورنېل گەرچە 1893-يىلدىن كېيىن پۈتۈن زېھنىنى «ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەنگلىيە يىغما بويۇملىرى» نى تەتقىق قىلىشقا قاراتقان بولسىمۇ، بىراق «بوۋېر قەدىمكى كىتابى» نى ئېلان قىلىش خىزمىتىنى بوشاشتۇرۇپ قويمىغان. 1893-يىلدىن تارتىپ ھورنېل «بوۋېر قەدىمكى كىتاب» نىڭ يەتتە بۆلۈمىنىڭ ئىزاھات قىسىمى (شەرھىسى، لاتىنچە ئوقۇلىشى، ئىزاھاتى) ۋە ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى بۆلەكلەرگە ئايرىپ نەشر قىلدۇرىدۇ.

   بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسرى چىن مىڭ ئەپەندى 2005 –يىلى 6-ئايدا نەشر قىلغان «ئالاھىدە رېتسېپلار – بايقالغان ۋەسىقىلەر ۋە غەربىي يۇرت تېبابەتچىلىكى» ناملىق كىتابنىڭ ئاخىرىغا ئىلاۋە ئورنىدا «بوۋېر قەدىمكى كىتابى» نىڭ ھورنېل ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلغان نۇسخىسىنىڭ تېبابەتچىلىككە ئائىت قىسىمى (يەنى 1-،2-،3- بۆلۈم) نى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ جۇڭگودىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇندى.


1908-يىلىغا كەلگەندە، ھورنېل «بوۋېر قەدىمكى كىتابى» نىڭ پۈتۈن سانسىكرېتچە ئېندىكىسىنى ئىشلەپ پۈتتۈرىدۇ. 1909-يىلى يەنە بۇ ئەسەرنىڭ تېبابەتچىلىككە ئائىت قىسىمى (يەنى 1-،2-،3- بۆلۈم) نىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى قايتىدىن نەشر قىلدۇرىدۇ. 1910-يىلىدىن تارتىپ ھورنېل پۈتۈن توپلامنىڭ ئومۇمىي بايانىغا كىرىش سۆز يېزىپ 1912-يىلى تاماملايدۇ، «ئومۇمىي بايان» قىسىمى پۈتكەندىن كېيىن بۇ بۆلەك بىلەن ئۆزى 1893-يىلدىن تارتىپ ئېلان قىلىنغان «بوۋېر قەدىمكى كىتابى» نىڭ شەرھىسى، ئېنەلىزچە تەرجىمىسى ھەمدە پۈتۈن قوليازمىنىڭ فوتوسۈرىتىنى بىرلەشتۈرۈپ كالكۇتتادا نەشر قىلدۇرىدۇ.
ھورنېل «بوۋېر قەدىمكى كىتابى» نى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن توپلام شەكلىدە «ۋېبېر قەدىمكى كىتابى»،«گودفرېي قوليازمىلىرى»،«ماكاتېنىي قوليازمىلىرى» ۋە ئاۋرىل سىيتەيىن بىرىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا تەكشۈرۈش پائالىيىتىدە قولغا كەلتۈرگەن قوليازمىلارنى نەشر قىلىش خىزمىتىگە كىرىشىدۇ. يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات نەتىجىسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھورنېل ئەنگلىيەدىكى مەشھۇر ھىندشۇناس لونېل بارنېنت (Lonel Barnettt)، فىرانسىيەلىك ئالىم ئېدۋارد چاۋاننىسىس(Edward Chavanness)، نورۋېگىيەلىك ھىندىشۇناس سېتىن كونوۋ(Sten Konew)، فىرانسىيەلىك سولۋائىن لېۋى(Solwain Levi)، گىرمانىيەلىك ھىندىشۇناس ئالىم ھىنرىخ ئولدېرىس(Heinrich Ulders)، ئەنگلىيەلىك ھىندىشۇناس ئالىم ۋىليام توماس(Williyam Tomas) قاتارلىق ياۋروپادىكى مەشھۇر ئالىملارنى تەشكىل قىلىپ ھورنېل يىغما بۇيۇملىرى ۋو ئاۋرىل.سىتەيىن يىغما بۇيۇملىرىدىكى قوليازمىلارنى تۈرگە ئايرىپ تەتقىق قىلشقا كىرىشىدۇ. بۇ قوليازمىلار ئىچىدىكى كۈسەن تىلىدىكى پۈتۈكلەرنى رەتلەپ شەرھلەشكە سولۋائىن لېۋى مەسئۇل بولىدۇ.
     بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ھورنېل مەسئۇل مۇھەررىرلىكىدە «جۇڭگو شىنجاڭدىن بايقالغانكەمتۈك بۇددىزىم ۋەسىقىلىرى» نىڭ 1-تومى تۈزۈپ چىقىلىدۇ. 1916-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى كراراندۇن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ. ئۇ بۇ ئەسەر ماۋزۇسىنىڭ ئاستىغا شەرھلەپ «ئەسلى قوليازمىنىڭ ئوقۇلۇشى، تەرجىمىسى، شەرھىسى بېرىلدى، ھورنېل ۋە باشقا ئالىملار بىرلىكتە تۈزدى، 1-توم بىرىنچى بۆلۈم ۋە ئىككىنچى بۆلۈم دەپ ئايرىلدى؛ سانسكرېت تىلى، ئودۇن ساك تىلى،كۈسەن تىلى،تۈبۈت تىلى، خەنزۇ تىلىدكى قوليازمىلاردىن جەمئىي 22 پارچە فوتوسۈرەت قوشۇمچە قىلىندى» دېيىلگەن.
   ھورنېل بۇ كىتابنىڭ ئومۇمىي بايانىدا «ئودۇن ساك تىلى»،«كۈسەن تىلى» دېگەن نامنىڭ كېىلىپ چىقىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان قىسىمىدا مىلادىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىر قانچە ئەسىردە ئۆزئارا ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل تىل ئومۇملاشقان، ... كەڭ مەندىن ئېيتقاندا، بىر خىل تىل ئىشلىتىلگەن يەنە بىر خىلى بولسا جەنۇبتا ئىشلىتىلگەن.شىمالغا ئىشلىتىلگەن تىلغا مۇللېر توخرى تىلى دەپ نام بەرگەن تىل ئىدى. جەنۇبتا ئىشلىتىلگەن تىل E .لىئۇماندىن شىمالىي ئارىيان تىلى، H.لىدېرىس ساك تىلى دەپ نام بەرگەن تىل ئىدى.يېقىندا سولۋائىن.لېۋى بىلەن سېتىن.كونوۋ ئۆز ماقالىلىرىدە ئادەمنى قايىل قىلىدىغان دەرىجىدە شىمالىي تىل بىلەن جەنۇبىي تىلىنىڭ ئومۇملاشقان رايوننىڭ مەركىزىي ياكى ئاستانىسىنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۇدۇن ۋە كۈسەن دەپ بېكىتكەن. بىراق كىرسېتى (kirste) دەسلەپتە تۇرپان تىلى ۋە خوتەن تىلى دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلدى، بىراق تۇرپان شىمالىي تىلىنىڭ ئومۇملاشقان رايونى ئەمەس بەلكى شىمالىي تىلىنىڭ بىرلەمچىسى تارقالغان يەر ئىدى، سولۋائىن لېۋى بۇ تىلنى كۈسەن تىلى دەپ ئاتىدى. بۇ نام ئۇنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىشى بىلەن ھازىرقى زامان نەشر بويۇملىرىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا».
    ھورنېل تۈزگەن«جۇڭگو شىنجاڭدىن بايقالغان كەمتۈك بۇددىزم ۋەسىقىلىرى» دېگەن كىتابنىڭ 2-تومى «ئۇدۇن ساك تىلى، كۈسەن تىلى، خەنزۇ تىلى ۋە تۈبۈت تىلىدىكى ئەسەر» دېگەن نامدا بولۇپ ئەسەرنىڭ 1-توم 2-بۆلۈم 4- پاراگرافى بولسا سولۋائىن.لېۋى 1912-يىلى 10-ئايدا تاماملانغان «كۈسەن تىلىدىكى كەمتۈك پۈتۈكلەر» دېگەن ماقالىدىن ئىبارەت ئىدى. بۇ كەمتۈك پۈتۈكلەر ھورنېل نۇمۇر قويغان 149 گۇرۇپپا يىغما ھۆججەتلەر بولۇپ كۇچالىق ئاقساقال ساھىب ئەلى كۇچا ۋە باي ئەتراپىدىكى جىگدىلىك دېگەن جايلاردىن بايقىغان قوليازمىلار توپىغا تەۋە ئىدى.بۇ ماقالىدە سولۋائىن لېۋى ئۈچ پارچە قوليازمىنى جامائەتچىلىككە ئېلان قىلغان بولۇپ ئۇنىڭ بىر پارچىسى «پراتى موكسا» (راھىبلارنىڭ تۇرمۇش قائىدىسى) قالغانلىرى بولسا «راھىبلارنىڭ تۆۋىنامىسى» ئىدى.

پايدىلانمىلار:


1.جۇ يۈچى باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن: «غەربىي يۇرت فېللوگىيەسى»، «5-جىلد، بېيجىڭ پەنلەر نەشرىياتى، 2010يىللىق خەنزۇچە نەشرى
2.ئادىل مۇھەممەد تۇران، تەلئەت ئوبۇلقاسىم تۈمەن: «قەدىمكى كۈسەن»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2008-يىلى 6-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى
3.شىنجاڭ كۈسەن تەتقىقات يۇرتى تۈزگەن :«قۇمتۇرا مىڭئۆيىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇن خاتىرىسى»،مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نەشرىياتى، 2008-يىلى خەنزۇچە نەشرى
4.«شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» 2004-يىىللىق 3-،4-سان (ئۇيغۇرچە)
5.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتى تۈزگەن:« جۇڭگو مىڭئۆيلىرى، قۇمتۇرا مىڭئۆيلىرى»، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نەشرىياتى 1992-يىل خەنزىچە نەشرى

مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2013-يىللىق 4- ساندىن ئېلىندى.

1

تېما

3

دوست

7676

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   53.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 1953
توردىكى ۋاقتى: 610
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-1
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
قىممەتلىك ماتېرىيالنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى ئۇيغۇرغا ئۇچۇر،بىلىم يەتكۈزۈۋاتقان بۇ قىممەتلىك مۇنبەرگە يوللىغان تورداشقا رەھمەت.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

595

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32356
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 184
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش

4

تېما

1

دوست

682

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   36.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33673
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 196
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-1
يەر
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
رەخمەت

3

تېما

1

دوست

1296

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   29.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7407
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 218
تۆھپە : 270
توردىكى ۋاقتى: 142
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-1
5#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بارىكاللا تەلئەتكا   تىلىۋىزورغىلا چىقىۋەمەي مۇنبەرگىمۇ چىقىپ تۇرىلى.

0

تېما

3

دوست

1718

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   71.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22917
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 514
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-2
6#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۇ كىتابلارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ئۇچۇر بەرسىڭىز بوپتىكەن .  ئىنگىلىزچە نەشىر قىلىنغان بولسا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلساق بولاتتى. بولۇپمۇ تىبابەتچىلىككە ئائىت قىسمىنى

0

تېما

0

دوست

525

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34096
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-1
7#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كىيىن ناھايىتى تەسىرلەندىم ھەمدە ئىزدىنۋاتقان قىرىنداشلارغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن

0

تېما

0

دوست

948

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   89.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33827
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 280
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-1
8#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش

پۈتۈكلىرىمىز ئۆزىمىزگە پۈتۈلگۈسى...؟!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )