سىزنى چۇڭقۇر ئىدىيەگە ئىگە قىلىدىغان 13پارچە كىتاب
يولوچى
"دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 مەشھۇر كىتاب" دىگەن كىتاب ھەرقايسى كۈتۈپخانىلاردا بار بولۇپ بۇ كىتابلارنى يەنە قايتا تەۋسىيە قىلىشىنىڭ ھاجىتىمۇ يوق دەپ ئويلايمەن. مەيلى شۇ "دۇنياغا تەسىركۆرسەتكەن 100 مەشھۇر كىتاب"بولسۇن ياكى نۆۋەتتە مەن تەۋسىيە قىلماقچى بولغان 13تۈرلۈك كىتاب بولسۇن كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بولماسلىقى مۇمكىن،لىكىن خەنزۇچىسى تىپىلىدۇ، شۇنداقلا كۆپۈنچى زىيالىيلىرىمىز خەنزۇچە كىتابلارنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقالايدۇ دەپ قارايمەن، تىل ئۈگۈنۈپ كىتاب ئوقۇمىسا، ئۇنداقتا بۇتىلنىڭ يەنە نىمە ئەھمىيتى بولسۇن. ئانا تىلدىن باشقا تىلدا قىيلىنىدىغان بۇرادەرلەرگە ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنغان،دۆلەت ئىچى سىرتىدا تەسىرى زوربولغان كىتابلار" مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى"."پۇل ئۇرشى"،" غايىۋى دۆلەت"........ دىگەندەك كىتابلار بولۇپ چوقۇم ئوقۇشقا تىگىشلىك كىتابلاردۇر. بەلكىم بەزىلەر بۇ كىتابلارنىڭ بىر قىسىملىرىنى ئوقۇپ بولغان بولۇشىڭىلار مۇمكىن، ئەسلى 50تىن ئارتۇق كىتاب ئىدى بۇيەردە قىسقارتىپ 13تۈرلۈكنى تەۋسىيە قىلماقچى،كىتابنىڭ تەرجىمىسى دەل جايىغا چۈشمەسلىكى مۇمكىن ، كىتابنىڭ پەقەت خەنزۇچىسىنى بىرگە قالدۇرۇپ ئۆتىمەن، ئىنگىلىزچە پايدىلىنىدىغانلار كۆپ ئەمەس دەپ قارىغانلىقتىن ئىنگىلىزچە ئىسمىنى قالدۇرمۇدۇم:
1. مەدەنىيەتلەر يىشىمى (文明的解析)
پاۋل جونسون
نىمە ئۈچۈن ئىنسانىيەتنىڭ نەتىجىلىرى ياۋرۇپاغا مەركەزلىشىپ قالىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن مۇۋاپىقىيەت قازانغانلار ئاساسلىقى ئەرلەر؟ چارلىز مولى تولۇق ئىسپات بىلەن نىمە ئۈچۈن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىنسانىيەت ئېرىشكەن غايەت زور نەتجلىرىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىىڭ ئاستىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ؟ ........ بۇ كىتابنىڭ ئەڭ ھالقىلىق قىسمى بايان خارەكتىرلىك ماقالىلەر بولۇپ،سەنئەت ساھەسىدىكى گىگانىت ئادەملەر، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مۇستەقىل تۇرۇش سەۋەپلىرى؛ سەنئەت بىلەن ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى غايەت زور مۇۋاپىقىيەتلەر ئارىسىدىكى پەرقلەر ھەققىدە؛ ئىنسانلار ياراتقان ئۇلۇغ سەنئەت ۋى ئىلم-پىنىنىڭ 14قىتىملىق سەكرەش خارەكتىرلىك ئىلگىرلىشى؛......... بولۇپ، بۇكىتابنىڭ مەزمۇنى مول، چۇڭقۇر تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك ئوقۇش قىممىتىگە ئگە.
2.ھايۋانلار روھى(动物精神)
جورج ئاكدوف
ئەگەر سىز نۆۋەتتىكى ئىقدىساسىي يۈزلىنىشنى بىلەلمىگەن بولسىڭىز، سىزنىڭ كۆچلۈك مۇۋاپىقىيەت قازانغۇڭىز بار لىكىن ئىشسز قىلىشتىن قورقسىڭىز، ئۆي سىتىۋالغۇڭىز بار لىكىن ئۆي باھاسىنىڭ قايسى يۈزلىنىشكە قاراپ كىتىۋاتقانلىقىنى بىلەلمىگەن بولسىڭىز ، پاي چەككە مەبلەغ سالغۇڭىز بار لىكىن پاي پەك بازىرىدىكى خەتەردىن قورقسىڭىز، كەلگۈسى ئۈچۈن پۇل يىغقىڭىز بار لىكىن كۆپ ئىستىمال قىلىپ كىتىشىڭىزدىن قورقسىڭىز، شۇلار ئۈستىدە بىرقاراغا كىلەلمەيۋاتقان ياكى نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمايۋاتقان بولسىڭىز بۇكىتابنى ئوقۇڭ. نىمە ئۈچۈن ئىشسىزلىق پەيدا بولىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن ئۆي-مۈلۈك كەسپى دەۋرىيلىككە ئىگە بولىدۇ؟ نۆۋەتتىكى كىرزىس ئىچىدە قانداق سىياسەت ئەڭ ئۈنۈملۈك؟....................
3. ئۈزۈك سەپ(断层线)
نەسنىۋ خاستون
بۇكىتاپ يىرىم ئەسر ھالقىغان كىتاب بولۇپ، 4نەپەر 6ياشلىق بالىنىڭ نەزىرىدىن دۇنيادىكى ئۆزگۈرۈشلەر ھەم تۇراقلىقلارنى بايان قىلىپ بىرىدۇ.بۇ 21-ئەسىردىكى ئەڭ نادىر ئەسەر بولۇپ، ئوقۇسىڭىز دۇنيا قارشىڭىزدا ئۆزگىرىش يۈزبىرىشى تەبىئىي.
4.تالان-تاراج قىلىنغان پىلانىت(被掠夺的星球)
پاۋىل كىللىر
بۇ تەرەققىتات بىلەن مۇھىت ئوتتۇرسىسىكى ماسلاشتۇرۇش ھەققىدىكى كىتاب بولۇپ ئاپتور" تەبىئەت ئىنتايىن مۇھىم، لىكىن بىز ئۇنى بەكلا قالايمىقانلاشتۇرۋەتتۇق،بۇنداق قىلىش ئەڭ نامرات دۆلەتلەردە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى زور خەۋپ ئىلىپ كىلىدۇ"دىگەن. شىنجاڭغا ئوخشاش مۇھىت كىرزىسى ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى ئوقۇشلۇق ھىسابلىنىدۇ.
5.、ئۈمۈدۋارلارنىڭ ئەقلى(理智的乐观者)
مارتىن رودلى
ئاپتور: ئىنسانلارنىڭ ئىلگىرلىشى ئوخشاشمىغان ئىددىيەرلەرنىڭ ئۆز.ئارا ئۇرىلىشى ئارىسىدا شەكىللەنگەن يىڭى ئۇچقۇنلارنىڭ جەريانى دەپ قارايدۇ، ئۇ يەنە ئەڭ مۇھىم بولغىنى شەخىسنىڭ ئەقىلى ئەمەس، بەلكى كوللىكتىپنىڭ ئەقلىدۇر دىگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇكىتاب بەلكىم سىزنىڭ ئىلگىركى تۇراقلىشىپ قالغان بىرتەرەپلىمە قاراشلىرىڭىزنىڭ ئۆزگىرشىگە پايدىسى تىگىشى مۇمكىن .
6. ئەقلىيلىككە ئىگە بولمىغان ئاكتىپ كۈچ(非理性的积极力量)
دەن ئاللى
ئاپتور نۇرغۇنلىغان تەجىربىلەر ئارقىلىق بىزنىڭ تۇرمۇش ۋە كىشلىك مۇناسىۋەتتىكى تۈرلۈك"ئەقلىي بولمىغان" ئەھۋاللارنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەپلىرىنى تەھلىل قىلىپ بىرىدۇ،بىزنىڭ خىزمەتكە بولغان قارىشىمىز، تۈرلۈك تاللاشلىرىمىز، نىكاھ تۇرمۇشى،ئۈنۈملۈك كەيپىيات ۋە بەخت ئۆلچىمى قاتارلىقلار ئۈستىدە توختۇلۇپ بىزنى خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا يىڭى نۇقتىدىن قاراشقا يىتەكلەيدۇ.
7.بۇ قىتىم ئوخشىمايدۇ(这次不一样)
سەينخارت، لوگوف
بۇ ئىككى ئىقدىسادشۇناس چۇڭقۇر تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ناھايىتى روشەن ھالدا تارىختىكى ئىقدىسادىي كىرزىسلارنىڭ يۈزبىرىش قىتىمى،داۋاملىشش ۋاقتى ھەم تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىدە ئادەمنى ھەيراق قالدۇردىغان ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئانالىز قىلىدۇ.
8.ئەركىنلىك(自由)
نوننايسىڭ فىيلانسىڭ
ئاپتور كومۇدىيلىك ھالدا ناھايىتى كۆپ ئەركىنلككە ئىگە بولۇش كىشىلەرنى بىخۇتلۇققا باشلاپ، يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدىغانلىقى، مەيلى ناھايىتى ھىسياتچان ئائىلە ئايالى بولسۇن ياكى ياخشى ئادەم بولۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغۇچى ئەر بولسۇن، بەك ئەركىنلىشىپ كەتكەن ناخشىچىلار بولسۇن ياكى ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان بالىلار بولسۇن ..........ئەركىنلىكنىڭ بىزگە ئىلىپ كەلگىنى، ئەسلى بەخىت سىرتىدىكى بارلق نەرسىلەر ئىكەن.
9.ۋاشىنگىتون پىرىنسىپى(华盛顿规则)
باسايۋىچ
بۇ كىتابتا ئامرىكىلىقلارنىڭ پەرەزلىرى، بىرتەرەپلىمە قاراشلىرى ۋە ئادەتلىرى ئىچىپ تاشلىنىپ ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا ئامرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى،ئامرىكا مىللىتارىزىمىنىڭ ئاللىقاچان يىغىشتۇرغىلى بولمايدىغان،خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى ۋە ھەل قىلىش تەسەۋۇرلىرى ئوتتۇرغا قويۇلغان كىتاب بولۇپ، بىر ئوقۇپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك كىتاب.
10.مۇرەسسە ۋە پەسكەشلەرچە مۇرەسسەقىلىش ھەققىدە(关于妥协和卑劣的妥协)
ئاۋشاي ماگرت
بۇ كىتابنىڭ مەركىزى ئىددىيسى :مۇرەسسە قىلىش مەسىلىلىرىنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىق سەۋەپلىرى، تىنىچلىق ھەم ھەققانىيەت ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار ناھايىتى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغان، سىياسىيغا قىزىقىدىغانلار چوقۇم ئوقۇپ ئۈتۈشكە تىگىشلىك كىتاب.
11.ئىنسانلار مۇۋاپىقىيتى(人类成就)
چارلىز مولى
بۇكىتاب ئادەمنىڭ كۆزىنى ئىچىپ قويىدىغان كىتاب بولۇپ، ئاپتور قامۇس شەكلىدە ھەرقايسى ساھەدىكى بۇدۇنياغا زور تۆھپە قوشقان كىشىلەرنى تىلغا ئىلىپ، ئىنسانلار ھەقىقەت، ياخشىلىق، گۈزەللىكلەر ئۈستىدە ئۈزلىكسىز ئورتاق ئىزدىنىشلەرنى ئىلىپ بىرىپ، ياراتقان نەتىجىلىرى بايان قىلىنىدۇ.
12.ئىنىرگىيە سەپسەتىسى ھەم ئەمەلىيەت(能源神话与现实)
ۋازلاف سىمىر
بىلگايتىس كۈچەپ تەۋسىيە قىلدىغان كىتابلارنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيادىكى ئىنىرگىيەنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا نۇرغۇن خاتا ئۇقۇملار ئەمەلىيەت دەپ ئىلان قىلىنىپ، ئىنىرگىيە سىياسەتلىرىگە قارىتا ئىلىپ بىرىلىدىغان سىياسەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا زور توسالغۇلارنى ئىلىپ كەلگەنلىكى ۋە غەرپ جەمىيتىنىڭ ئىنىرگىيە،كىلىمات توغۇرسىدىكى خاتا ھۆكۈملىرى ئىچىپ تاشلانغا.
13.كەلگۈسى روشەن(未来是显的)
كېسەي شىجى
ئاپتور بىر يىڭى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ نازۇك كۈزەتچىسى بولۇش سۈپىتىدە جەمىيەت ئىنقىلابلىرىنىڭ ئاقىۋەتلىرى مەيلى توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن ناھايىتى ئەتراپىق، مول تەھلىللەر بىلەن بىرمۇبىر يىشىپ بەرگەن، شۇنداقلا كىشىنى زادى مەن كىم؟ مەن نىمە ئىش قىلالايمەن؟دىگەن ئويلارغا سالىدۇ.
|