قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1844|ئىنكاس: 39

سېلىشتۇرما : مەھمۇد قەشقىرى ۋە بىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

2

دوست

286

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   95.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34312
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 03:10:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   juxkun49 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 14:16  

سېلىشتۇرما : مەھمۇد قەشقىرى ۋە بىز
ئىبراھىم خۇدابەردى

     مەھمۇد قەشقىرىنىڭ زامانىدا سەرەڭگە يوق ئىدى . كىشىلەر ياغاچنى ياغاچقا سۈركەپ مىڭبىر جاپادا ئوت تۇتاشتۇراتتى . لېكىن ھازىر بىزنىڭ سەرەڭگىگىمۇ ئانچە  ئېھتىياجىمىز يوق .
       مەھمۇد قەشقىرىنىڭ زامانىدا توكچىراق ،ھەتتا  كىرسىن چىراقمۇ يوق ئىدى . بوۋىمىزنىڭ كەچلىرى لۇغەت تۈزگەندە ئىشلەتكىنى بەلكىم كالا يېغىدىن ياسالغان شام ئىدى . ئەمما ھازىر ئۆيلىرىمىزدە  LED لامپۇچكىلىق قىممەت باھالىق چىراقلار بار ، بىر نەرسە يازىلى دېسەك 24 سائەت ئۆچۈپ قالمايدۇ .
       مەھمۇد قەشقىرى ئۆزى يالغۇز ئات مىنىپ ياكى ئىشەك مىنىپ ھەتتا پىيادىمۇ مېڭىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق تۈركى قەبىلىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۈركى تىلىنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان . ئەمما ھازىر دىيارىمىزدا  ئات - ئېشەكنى ھېچكىم مىنمەيدۇ  . نەگە بارىلى دېسەك ماشىنا ، ئايروپىلانلار تەييار .
       مەھمۇد قەشقىرى كىتابخانا بولمىغاچ كىتاپ سېتىۋالالمايتتى  . ئەمما بىز ئۆيدە ئولتۇرۇپ  ئامازوندىن كىتاپ ئەكەلتۈرەلەيمىز.
       مەھمۇد  قەشقىرىنىڭ قېرىنداش قەلىمىمۇ يوق ئىدى مېنىڭچە تۈركى تىللار دىۋانىنىمۇ  قومۇش ياكى پەينى سىياھقا چىلاپ يېزىپ پۈتتۈرگەن .  ئەمما ھازىر بىزنىڭ ماگىزىنلاردىكى  ئېسىل قەلەملەرگىمۇ  ئانچە ئېھتىياجىمىز يوق . بىزگە خەتنى  كومپىيۇترنىڭ كۇنۇپكا تاختىسى يېزىپ بېرىدۇ .
       مەھمۇد قەشقىرى تەخمىنەن  1000 يىل بۇرۇنقى شۇ كونا ، قالاق دەۋىردىلا  دۇنيا خەرىتىسىنى سىزالىغان . ئەمما بىز بىرەر شەھەرنىڭ خەرىتىسىنىمۇ  سىزىشىمىز تەس .
            1000 يىل بۇرۇن مەھمۇد قەشقىرىنى زىيارەت قىلىپ نامىنى چىقىرىپ قويىدىغان مۇخبىرلار يوق ئىكەندۇق . شۇنداقتىمۇ ئۇ زات  ئۈن - تۈنسىز مىللىتى  ئۈچۈن ئەجىر  سىڭدۈرۈپتىكەن  . ئەمما ھازىر قانچىمىز مىللەت ئۈچۈن رىياسىز ئەجىر سىڭدۈرەلەيمىز ؟  
     مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مائاشى يوق ئىكەنتۇق . ھازىر قانچىمىز  مىللەتنى بىكارغا سۆيەلەيمىز  ؟ ..........
     مەھمۇد قەشقىرى شۇ قىيىن شارائىتتا ئىلىم  تەھسىل قىلىپ بىزگە ئەجرىنىڭ مېۋىسىنى قالدۇرۇپ كەتتى . ئۇنىڭ بىز تازا  كۆزگە ئىلىپ كەتمىگەن ئاشۇ لۇغىتى ھازىرمۇ پۈتۈن دۇنيادىكى 200 نەچچە مىليۇن تۈركىي مىللەتنىڭ قېرىنداشلىق رىشتىسىنى  باغلاپ تۇرۇۋاتىدۇ ۋە چەتئەلنىڭ مۇزىيخانىلىرىدا گۆھەر سۈپىدە ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىۋاتىدۇ . دېمەك بىز قەدرىنى قىلمىساق باشقىلار قىلىۋاتىدۇ .
    ئوخشىمغان دەۋىر شارائىتىدا ياشىغان ئادەملەرنى  ئۇلۇغلۇق، قالتىسلىق جەھەتتە ئۆز- ئارا سېلىشتۇرۇش توغرا ئەمەس .بىراۋنىڭمۇ ئۆزىنى قالتىسلىق جەھەتتە ئىلگىرىكىلەرگە سېلىشتۇرىشىمۇ ھەم شۇنداق .ئەگەر سېلىشتۇرۇش توغرا كەلسە ئاۋال دەۋىرنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ، شارائىتى سېلىشتۇرۇلۇلۇشى لازىم . زامانىۋىيلىق بىلەن كونىلىق سېلىشتۇرۇلىشى لازىم . شۇندىلا كىمنىڭ ئۇلۇغ ، قالتىسلىقى ئايرىلىدۇ . بولمىسا سېلىشتۇرۇشتا ئادىللىق بولمايدۇ .
      مىسال : خىرىستىئان ئەللىرىدە قەدىمقى رەسسام داۋىنچى بىلەن رافائىل چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىلىدۇ . لېكىن ھازىر داۋىنچى بىلەن رافائىلغا ئۇستاز بولغۇدەك داڭلىق رەسساملار ساماندەك . ئەمما نېمە ئۈچۈن يەنىلا مۇشۇ ئىككى رەسسامنىڭ شۆھرىتى يۇقىرى ؟ ئۇلارنىڭ شۆھرىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئۇلار ئىلگىرىكى  شۇ كونا ، قالاق جەمىيەتتە رەسساملىق ھۈنىرىنى يېتىلدۈرەلىگەن ۋە رەڭلىك بوياقلارنى ياساپ  《مونالىزا 》، 《ئافېنادىكى مەدرىستە 》قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرەلىگەن . شۇڭا ئۇلارنىڭ نامى ئۆچمەي كېلىۋاتىدۇ. ھازىر ئىتالىيەدىكى ئەڭ داڭلىق ئائىلە سايمانلىرى ياساش زاۋۇتىغا داۋىنچىنىڭ ئىسمى قويۇلغان . ئۇلار ئەجدادىدىن پەخىرلىنىپ شۇنداق قىلغان .
      يەنە بىرمىسال : ھازىر پۈتۈن دۇنيادا مىڭلىغان ئايروپىلان ياساش مۇتەخەسسىسى بار . ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئاكا - ئۇكا رايىتلارنى « ئۇلار ناھايىتى كەلسە بىر ئەبجەق ئايروپىلان ياسىغان » دەپ باقمىدى . ئەكسىچە ئۇلار رايىتلارنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىپ كەلمەكتە . چۈنكى ئاكا - ئۇكا رايىتلار شۇ كونا ، قالاق زاماندا 《تۆمۈرنى ئۇچۇرۇش 》تىن ئىبارەت مۆجىزە خاراكتىرلىك كەشپىياتنى بارلىققا كەلتۈرەلىگەن . دېمەك بىز ھازىرقى دۇنيادىكى  ئەڭ ئىلغار يولۇچىلار ئايروپىلانى A380 نىڭ لايىھىلىگۈچىسى جۈرگېن توماس بىلەن ئاكا- ئۇكا رايىتلارنى سېلىشتۇرالمايمىز . بىرلىرى تېخنىكا ئىنتايىن قالاق شارائىتتا ئايروپىلان ياساپ ئۇچۇرالىدى ، يەنە بىرى ھەممە نەرسە تېپىلىدىغان زامانىۋى دەۋىردە يېڭى بىر ئايرۇپىلان شەكلىنى لايىھەلىدى خالاس . شۇڭا  بۇلارنىڭ تۆھپىسىدە ۋە قالتىسلىقىدا ئاسمان زېمىن پەرق بار .
       خوش . ئۇنداق بولسا 1000 يىل بۇرۇنقى شۇ كونا ، قالاق دەۋىردىلا دۇنيا خەرىتىسىنى سىزغان ، نۇرغۇن يۇرت - ئايماقلارنى پىيادە كېزىپ ، چۆل - جەزىرىلەرنى كېچىپ تۈركى تىلى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ  بارغان شۇ مەھمۇد قەشقىرىچۇ ؟ ئۇنىڭ شۇ دەۋىردىلا دۇنيا خەرىتىسىنى سىزالىشى ۋە شۇ دەۋىردە  مىڭبىر جاپادا پۈتتۈرگەن شۇ  لۇغىتى ئاشۇ دەۋىرگە نىسبەتەن مۆجىزە خاراكتىرلىك ئۇلۇغ ئەسەر ھېسابلىنىدىغان تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن بىزگە ئەتىۋارلىق تۇيۇلمايدۇ ؟ بىز نېمە ئۈچۈن مەھمۇد قەشقىرىگە قايىل بولمايمىز ؟
      بىر ئادەمنىڭ تەرەققىيات گۈللەنگەن زاماندا تۇغۇلۇپ ئىلگىرىكىلەرنىڭ زامانىدا بارلىققا كەلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئىلگىرىكىلەردىن قالتىس ، ئۇلۇغلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ .
         شۇڭا بىز ئۆزىمىزنى ئۇلۇغلۇق ،  قالتىسلىق  جەھەتتە  بۇرۇنقىلار بىلەن سېلىشتۇرمايلى . سېلىشتۇرساق ئۆز دەۋرىمىزدىكى ھايات قالتىس كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرايلى . ئۆزىمىزنى ئەجدادلىرىمىز بىلەن سېلىشتۇرغىمىز كېلىپ  كەتسە ئاۋال ئۆزىمىز ياشىغان دەۋىر بىلەن شۇلار ياشىغان دەۋىرنى سېلىشتۇرايلى . بىزدىكى قولايلىق ، باياشاتلىق تۇرمۇش بىلەن ئۇلار كەچۈرگەن جاپالىق كۈنلەر ۋە  قىيىنچىلىقلارنى سېلىشتۇرايلى . شۇندىلا بىز ئۇلارنىڭ جاسارىتىگە قايىل بولىمىز . بىز ئەجداتلىرىمىزنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك . چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن ياد ئېتىشىمىز كېرەك . ئۇلار بولغاچقا بىز بولالىغان  . ئۇلار ھېچنىمىنى قىلالمىدى دېگەندىمۇ شۇ قاراڭغۇ زۇلمەتلىك يىللاردا چاڭلىشىپ كەتمەي ئېتىقادىدا مەھكەم تۇرالىدى ، ئازغۇن ياكى مۇرتەد بولۇپ كەتمەي بىزگە ھەقنى يەتكۈزۈپ بېرىپ  دۇنيادىن كەتتى . بىزگە ياشاش يولىنى ئۆگىتىپ قويۇپ دۇنيادىن كەتتى . شۇڭا بىز ئۇلاردىن مىننەتدار بولۇشىمىز كېرەك . ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشىمىز كېرەك . بىزنىڭ تومۇرىمىزدا ئېقىۋاتقىنى شۇلارنىڭ قېنى !

2015-يىل 26- فېۋرال خەينەن سەنيا

0

تېما

9

دوست

449

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34230
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 124
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 16:51:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر!  
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8653
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 628
تۆھپە : 796
توردىكى ۋاقتى: 99
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 16:56:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساراڭمۇسىز كىم ئۇ ئادەمنى ھۇرمەتلىمەيدىكەن.ھممىمىز ھۇرمەتلەپ ئەسلەپ تۇر ۋاتىمىزغۇ

0

تېما

0

دوست

283

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   94.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17737
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 18:09:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم ئۇ دەۋىرلەدە ھازىرقىدەك تۈگۈمەس بېرىش-كىلىش، كەچلىرى قىززىيدىغان ،ئۆلگىچە يەپ- ئىچمىسە قايتمايدىغان سورۇنلار يوق بولغۇيتتى. .

11

تېما

0

دوست

789

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   57.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33071
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 268
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 18:54:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازما شۇنداق قىسقا،  مېغىزلىق يېزىلىپتۇ ھەم كەڭ دائىرىلىك ئۇچۇرلار بېرىلىپتۇ. پىكىرلىرى توغرا، ئىلمىي بوپتۇ، ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى شەخسلەرنى ( گەرچە مەھمۇد كاشغەرىينى  ‹‹بىر لۇغەتچى›› دەپ تەرىپلىگەن ھېلىقى تەنتەك كىشى شەخس دەرجىسىگە كۆتۈرۈلگىدەك  ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي سۈپەتكە ئىگە بولمىسىمۇ) سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىمۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ.  يازمىدا مىللەتكە، مىللىي ھاياتقا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئېنىق گەۋدىلەنگەن.   ئەلۋەتتە   مىللەتكە، تارىخقا، مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە، مىللەتنىڭ بۈيۈك شەخسلىرىگە مۇشۇنداق چۈشەنچە ۋە مۇشۇنداق پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشمىز كېرەك. پوشكىن ‹‹ئەجدادلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىلىك ئەخلاقسىزلىقنىڭ بىرىنچى بەلگىسى›› دېسە ، ئېنسىكلوپېدىك ئالىم ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەدئىمىن  ‹‹ئۇستازلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بارلىق ھۆرمەتسىزلىكنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قاباھەتلىك شەكلى›› دېگەن. مەھمۇد كاشغەرىي ھەم بىر تارىخىي شەخس،  ھەم بىر بۈيۈك ئالىم ، ھەم بىزنىڭ مىللىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىمىزنى گۈللەندۈرۈشتە   بۈيۈك بىر مەنىۋىي ئۇستاز.  دېمەك، بۇ بۈيۈك شەخسنى ئىنكار قىلىش، يوققا چىقىرىش، كەمسۈندۇرۇش نادانلىقنىڭ، بىلىمسىزلىكنىڭ، ۋاپاسىزلىقنىڭ، نۇمۇسسىزلىقنىڭ ئەڭ ئاشكارا جار سېلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.   

2

تېما

0

دوست

190

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   63.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34458
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 19:06:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساراڭمۇسىز كىم ئۇ ئادەمنى ھۇرمەتلىمەيدىكەن.ھممىمىز ھۇرمەتلەپ ئەسلەپ تۇر ۋاتىمىزغۇ


« ئۈمىد پاراڭلىرى »نىڭ 1 - سان 1 - ، 2 - قىسىملىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ .

0

تېما

0

دوست

149

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   49.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34415
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 19:48:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزكۇر تىمىنى ئوقۇپ كونىلارنىڭ قىزىم ساڭا ئىيتاي كىلىنىم سەن ئاڭلا ( بۇ تەمسىلنى توغرا ئالدىممۇ ئىسىمدە قالغىنى بويىچە ئالدىم ) دىگەن تەمسىلنى تىخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم .
مەزكۇر ماقالىدە گەرچە ئۇلۇغ بۇۋىمىز مەھمۇت قەشقىرىنىڭ  تۆھپىسى  ئىنتايىن ياخشى بولغان ئوبرازلىق ئۇسۇلدا  ئەكىس ئەتكەن .

1

تېما

1

دوست

2380

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12064
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 250
تۆھپە : 576
توردىكى ۋاقتى: 560
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 19:57:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
taghlax يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 19:06
« ئۈمىد پاراڭلىرى »نىڭ 1 - سان 1 - ، 2 - قىسىملىرىنى كۆرۈپ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!« ئۈمىد پاراڭلىرى »نى كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى،توردىكى تولۇق سىن نۇسخا ئادرېسى بولسا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز!رەھمەت سىزگە!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )