قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2695|ئىنكاس: 4

2015-يىلدىكى بازارنى ئاغدۇرۇۋېتىدىغان ئون چوڭ ئامىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

1

دوست

1412

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30148
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 440
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 16:10:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   okyan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 16:13  

2015-يىلدىكى بازارنى ئاغدۇرۇۋېتىدىغان ئون چوڭ ئامىل

پوۋېل ۋىگنا (Paul Vigna)

قەلبىڭىزدىكى كرىمنېي جىلغىسى كارخانىچىلىرى روھىنى ئاچىدىغان ۋاقتىڭىز كەلدى.
ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش رېتىمى ناھايىتى تېز. سودا دۇنياسىدا ئۆزگىرىش ئۆزگەرمەس تېما بولۇپ قالدى. مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېيىنكى ئىشلارنى توغرا پەرەز قىلىش بازار رېتىمىغا يېتىشىشكە ئاچقۇچلۇق مۇھىمدۇر. بىر مىنۇت كېچىكسىڭىز ئارقىدا قالىسىز. ھەممە ئامىللارنى ئويلىشىپ، S&P Capital IQ دىكى مىشېل تومپسون (Michael Thompson) ۋە مەزكۇر  شىركەتتىكى بىر تەھلىلچىلەر ئەترىتى 2015-يىلدىكى ئون چوڭ ئاغدۇرۇۋېتىش ئامىلىنى تىزىپ چىقتى، S&P 500 كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەربىر تاختىسى بىردىن تىزىپ چىقتى.
كۆپ قىسىم ئەھۋالدا، ئاغدۇرۇۋېتىش ئامىلىنىڭ تەسىرى ھەمىشە بىر تەرەپلىك بولمايدۇ. ئەكسىچە، تەۋرىتىش ئامىللىرىنىڭ ياخشى يامانلىقى كارخانىنىڭ قانداق تاقابىل تۇرۇشىغا باغلىق. مەسىلەن، مىكروسوفت شىركىتى كۆچمە ئەسلىھە تېخنىكىسىنىڭ شىددەتلىك ئېشىشىدەك ۋەزىيەتكە ماسلىشالمىغانلىقى ئۈچۈن مۈشكۈل پەيتكە دۇچ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالما شىركىتى بۇ ئۆزگىرىشنىڭ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتتى. شۇڭا، ئاچقۇچلۇق مەسىلە بۇ يۈزلىنىشنى ھېس قىلىپ يېتىشلا ئەمەس، يەنە بۇنىڭدىكى ئۇتقۇچى ۋە ئۇتتۇرغۇچىلارنى تاللاپ چىقىشتۇر.
رىقابەتكە ھېرىسمەن كىشىلەرگە ئامەت تىلەيمىز.
پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىكى ئاغدۇرۇۋېتىش ئامىلى: كۆچمە ئەسلىھە تېخنىكىسى
كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم كەسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۇل-مۇئامىلە ساھەسىنىڭ كەسپى يەنىلا تېخىمۇ كۆپ ھالدا مۇقىم سورۇندا بولىدۇ، كۆچمە شەكىلدە ئەمەس. بۇ خىل ئەھۋالدا پات ئارىدا ئۆزگىرىدۇ، 2015-يىلى بۇ ئۆزگىرىش ئىككى سۆز: Apple Pay (ئالما ھەق تۆلەش سۇپىسى) دىن باشلىنىدۇ. ئالما شىركىتىنىڭ ئىختىساسلىرى ئۆزلىرىنىڭ كۆچمە ھەميانىنى چىقاردى. ئەگەر بۇ ھەميان ئالما شىركىتىنىڭ باشقا مەھسۇلاتلىرىدەك غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشسە، نەچچە مىليون ئادەمنىڭ پۈتۈنلەي توردا بانكا ۋە سودا كەسپىنى تاماملىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
S&P Capital IQ نىڭ دېيىشىچە، Mastercard، Visa، J.P. Morgan، سىتى گۇرۇھى، ئامېرىكا بانكىسى، ئامېرىكا تېز يوللانما شىركىتى (American Express)، بايقاش پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى (Discover Financial Services) قاتارلىقلار قارىماققا دەسلەپكى ئۇتقۇچىلارغا ئوخشايدۇ؛ BancorpSouth، غەربىي ئامېرىكا بىرلەشمە بانكىسى قاتارلىق نىسبەتەن كىچىك تىپتىكى بانكا ۋە كاپىتال باشقۇرۇش شىركەتلىرىنىڭ قەدەم ئېلىشى تەسلىشىدۇ.
پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئاغدۇرۇۋېتىش ئامىلى: تاقالما ئەسلىھەلەر
پەن-تېخنىكا ساھەسىدە «ئاغدۇرۇۋېتىش» دېگەن بۇ سۆزنىڭ سىرلىق مەنىسى بار. بۇ كەسپ يېڭى «قاتىل دەرىجىلىك ئەپ»نىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن ياشىماقتا. 2015-يىلى تاقالما ئەسلىھەلەر يۈزلىنىشىنى ئاساسىي ئېقىم بولۇپ، S&P Capital IQ دىكى ئانگېلو زىنو (Angelo Zino) ۋە سىكوت كېسلېر (Scott Kessler)لار:«پەقەت پەن-تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى ئىشلىتىدىغان چەكلىك مەھسۇلاتتىن مۇھىم قاتتىق دېتال تۈرىگە ئايلىنىدۇ» دەپ يازغان.
ئالما شىركىتى يەنە بىر قېتىم ئالدىدا مېڭىۋالدى. مەزكۇر شىركەتنىڭ يېڭى قول سائىتى كەلگۈچى نەچچە ئاي ئىچىدە بازارغا سېلىنىدۇ ھەمدە تاقالما ئەسلىھە ئېقىمىدىكى ئاساسلىق ئىلگىرى سۈرگۈچى بولىدۇ. «تاقالما ئەسلىھەلەرنىڭ مودا بولىشىغا ئەگىشىپ، بۇ قول سائىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئالما شىركىتىنىلا ئەمەس، يەنە باشقا قاتتىق دېتال ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى مەنپەئەتلەندۈرىدۇ».
ئالما شىركىتى ئۇتقۇچىدۇر، 2014-يىلى يۈزدە Gear S ئەقلىي قول سائىتى چىقارغان سامسۇڭمۇ ئۇتقۇچىغا ئوخشايدۇ. بۇنىڭغا قوشۇلغان باشقا قاتتىق دېتال شىركەتلىرى ۋە قاتتىق دېتال تەمىنلەش زەنجىرىدىكى شىركەتلەرمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، S&P Capital IQ ئۇتتارغۇچى بارلىقىنى ھېس قىلمىدى، ھېچ بولمىغاندا پەن-تېخنىكا ساھەسىدە شۇنداق. ئۇلار تاقالما ئەسلىھەلەرنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسى جەھەتتىكى چىقىمىنى ئاشۇردىغانلىقىنى، لېكىن ھەرقانداق بىر تۈر ياكى شىركەتنى ھالسىزلاندۇرۇپ قويمايدىغانلىقىنى يازدى. لېكىن، ئەنئەنىۋى قول سائىتى ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن.
غەيرىي ئىستېمال زۆرۈر مەھسۇلاتلىرىدىكى ئاغدۇرۇۋېتىش ئامىلى: رەقەملىشىش
رەقەملىشىشنىڭ مېدىيا كەسپىنى قانداق قاپلايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. پروگىرامما ئۇزىتىش جەريانىنىڭ رەقەملىشىشىگە ئەگىشىپ، تېلېۋىزىيەنىڭ توپ ھەق تۆلەش ئەندىزىسى ساقلانغىلى بولمايدىغان ھالدا «قورۇما تىزىملىكى» ئەندىزىسىگە ئورۇن بەردى. HBO، ESPN ۋە كولومبىيە رادىيو شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن مېدىيەلەر بۇ خىل شەكىلدە يۈرۈشىدۇ. بۇ مېدىيە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئەنئەنىۋى پارچە سېتىش سودىگەرلىرى «تولۇق يول» تىرىشچانلىقىنى زورايتىپ، ئامازون شىركىتىگە يېتىشىۋالىدۇ. Chipotle Mexican Grill شىركىتىدەك رېستۇرانلارمۇ رەقەملەشكەن مۇلازىمەتنى سىناق قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك تاماق بۇيرۇتۇش ئەپ يۇمشاق دېتالىنى چىقاردى. ئاپتوموبىل كەسپىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. AutoNation شىركىتىمۇ يېقىندا بىر پىلانىنى جاكارلىدى، يەنى ماشىنا سېتىۋېلىش جەريانىنى پۈتۈنلەي توردا مەشغۇلات قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
دەۋر ۋارنېر (Time Warner Cable)، ۋالت دىسنېي (Walt Disney) ، كولومبىيە رادىيو شىركىتى، Gap، Best Buy، Verizon Communications، Chipolte ۋە ئامازونلار قارىماققا دەسلەپكى ئۇتقۇچىلارغا ئوخشايدۇ. بۇ ئەترەتلەرنىڭ دېيىشىچە، Cablevision سىستېما شىركىتى، Charter Communications شىركىتى ۋە بىۋاسىتە تارقىتىش تېلېۋىزىيە گۇرۇھى قاتارلىق مېدىيەلەر ھەمدە Fred's قاتارلىق تېخنىكا قوللىنىپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرمىگەن پارچە سېتىش سودىگەرلىرى يوشۇرۇن ئۇتتۇرغۇچىلار ئىكەن.
ئېنېرگىيەدىكى ئاغدۇرۇۋېتىش ئامىلى: ئامېرىكىنىڭ نېفىت ئېكسپورتى
تەھلىلچى ستېۋارت گلىكمان (Stewart Glickman)نىڭ يېزىشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى 40 يىلدىن ئاشقان ئامېرىكا خام نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش پەرمانىنى بىكار قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ھازىرقى ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، ئېنېرگىيە كەسپىدە يېتەرلىك ئۆزگىرىش بولمىدى، شۇنداقمۇ؟
بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا EOG Resources شىركىتى، دېۋون (Devon) ئېنېرگىيە شىركىتى ۋە ConocoPhillips قاتارلىق خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرى چوڭ ئۇتقۇچىلاردۇر. گلىكماننىڭ دېيىشىچە، چوڭ ئۇتتۇرغۇچىلار ۋالېرو (Valero) ئېنېرگىيە شىركىتى، Philips 66 ۋە Marathon Petroleum شىركىتى قاتارلىق ماي ئايرىش كارخانىلىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، چۈنكى ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلەرنىڭ ئەمدى خام نېفىتنى دۆلەت ئىچى ماي ئايرىش كارخانىلىرىغا سېتىپ بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق.
سانائەتتىكى ئاغدۇرۇۋېتىش ئامىلى: نېفىت باھاسى
نېفىت باھاسى پەقەتلا نېفىت كەسپىگە ئالاقىدار ئەمەس. نېفىت باھاسى بارلىق كەسپلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە سانائەت كارخانىلىرىنىڭ بۇنىڭغا بولغان سەزگۈسى روشەن بولۇشى مۇمكىن. جىم كوررىدورى (Jim Corridore)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىلغۇ ئاساسلىق تەننەرخ بولغان كەسپ ۋە كارخانىلار نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن مەنپەئەتلىنىدىكەن.
بۇ جەھەتتە ئۇتقۇچىلارنىڭ تىزىملىكى ناھايىتى ئۇزۇن. بارلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى دېگۈدەك يېقىلغۇ باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈشنىڭ پايدىسىنى كۆرەلەيدۇ، دېلتا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، غەربىي جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى، بىرلەشمە ئامېرىكا قۇرۇقلۇقى شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سودا ترانسپورت، قاتناش ترانسپورت ۋە تۆمۈر يول ترانسپورتىمۇ مەنپەئەتلىنىدۇ. كوررىدورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېنېرگىيە مەنبەسىدىن پايدىلىنىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان ھەرقانداق شىركەت پايدا ئالىدىكەن.
ئەمما بىر قىسىم ئۇتتۇرغۇچىلار بار. كوررىدورىنىڭ دېيىشىچە، فوستېر ۋىلېر (Foster Wheeler) شىركىتى ۋە جوي گلوبال (Joy Global) شىركىتى قاتارلىق قۇرۇلۇش ۋە ئىنشائات شىركەتلىرى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى كەسپىنى يوقىتىپ قويۇشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدىكەن، چۈنكى تەمىنلەش ئېشىپ قالغان ۋە باھاسى چۈشكەن پەيتتە ئېنېرگىيە كەسپى خىراجەتنى قىسقارتىدۇ.
زۆرۈر ئىستېمال مەھسۇلاتلىرىدىكى ئاغدۇرۇۋېتىش ئامىلى: نوپۇس ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتى
تەھلىلچى جوسېف ئاگنېسى (Joseph Agnese)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بوۋاق دولقۇنىدىكى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ نوپۇس داۋالاش ۋە ساغلاملىق ئەھۋالىنى ياخشىلايدىغان مەھسۇلاتلار ئېھتىياجىنى ياخشىلايدىكەن. 2015-يىلى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرى يۈزلىنىش كۈچىيىدۇ، يېمەكلىك ئىشلەش شىركەتلىرى، پارچە سېتىش سودىگەرلىرى ھەمدە دورا ياساش شىركەتلىرى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
جوسېفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۆلچەردىكى ئۇتقۇچىلار: كروگېر (Kroger) شىركىتى، سپروتس (Sprouts) دېھقانچىلىق بازىرى شىركىتى، CVS ساغلاملىق شىركىتى ھەمدە Celestial گۇرۇھى قاتارلىقلار بار. ئۇتتۇرغۇچىلار ئېھتىمال Campbell Soup شىركىتى، Kellogg شىركىتى، كوكا كولا شىركىتى، پېپسى شىركىتى ھەمدە Altria گۇرۇھى ۋە Reynolds American گۇرۇھى قاتارلىق تاماكا ياساش شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.
داۋالاش ۋە ساقلىقنى ساقلاشتىكى ئاغدۇرۇۋېتىش ئامىلى: ئەڭ ئالىي سوت
ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالىي سوتى 2015-يىلى ئەتىيازدا ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى سىياسىتىغا ئىسپات ئاڭلايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى، نەتىجىسى (جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكىلەر ئۈمىد قىلىدىغان نەتىجە) بۇ فېدېراتسىيە سەھىيە قانۇنىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. ئالىي سوت كىمنىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسى تولۇقلىمىسىدىن كىمنىڭ سالاھىيىتى بارلىقىغا ھۆكۈم قىلىشى كېرەك. ئالىي سوت 2015-يىلى 3-ئايدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ، 6-ئايدا ھۆكۈم چىقىرىشى مۇمكىن.
گەرچە بۇ دېلودا قۇيۇق پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ سىياسىي ھىدى بولسىمۇ، ئەمما داۋالاش ۋە سەھىيە ساھەسىگە نىسبەتەن مۇھىم بولغىنى سىجىللىق، بۇنىڭدىن سىرت، ئەمەلىي رېئاللىق بولسا مەزكۇر قانۇن ئىزچىل مەبلەغ سالغۇچىلارغا پايدىلىقتۇر. تەھلىلچى جېففرىي لۇ (PJeffrey Loo) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2010-يىلىنىڭ بېشىدىن 2014-يىلى 11-ئايغىچە داۋالاش تۈرىدىكى پاي چېكىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى S&P 500 كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش دەرىجىسىگە قارىغاندا %24 يۇقىرى بولغان. ئۇ يەنە مەزكۇر قانۇن ماقۇللانغاندىن بۇيان، سەھىيە تۈرىدىكى پاي چېكىگە مەبلەغ سالىدىغان ئادەم كۆرۈنەرلىك پايدا ئالغانلىقىنى ئېيتتى، 2015-يىلى بۇ تۈردىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مۇمكىن. ئالدىنقى شەرتى مەزكۇر قانۇن ئالىي سوت مەھكىمىسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى كېرەك.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر ئالىي سوت خىرىس قىلغۇچىلارنىڭ قارىشىغا قوشۇلۇپ، تولۇقلىمىنى پەقەت دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سودا مەركىزىگە تىزىمغا ئالدۇرغانلارغا تەمىنلەش كېرەك دەپ قارىسا، ئۇنداقتا داۋالاش تۈرىدىكى پاي چەكلىرىگە ئېغىر ئارىلىشىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئۇ ئەگەر بۇنداق بولسا پۈتكۈل كەسپنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خام ئەشيا ساھەسىدىكى ئاغدۇرۇۋېتىش ئامىلى: جۇڭگو ئىقتىسادى
ھەممىگە مەلۇمكى، جۇڭگو ئىزچىل ئاساسلىق خام ئەشيا ئىستېمال دۆلىتى بولۇپ كەلمەكتە، بۇ خام ئەشيالار قۇرۇلۇش ۋە سانائەت ئىقتىسادىغا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئوخشاشلا ھەممىگە مەلۇمكى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىزچىل ئاستىلىماقتا، خام ئەشيا ئىشلىتىش مىقدارى ئەگىشىپلا ئازلاپ كەتتى.
بۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل يۈزلىنىشنىڭ داۋاملىشىشى، ئەمما ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاش دەرىجىسىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، 2015-يىلى خام ئەشيا كەسپى كارخانىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مۇشەققەتلىك بىر يىل بولىدۇ.
كرىستوفېر مۇرى (Christopher Muir)نىڭ دېيىشىچە، ئەگەر جۇڭگو ئىقتىساد ئاستىلىسىا، ئۇنداقتا بۇ كەسپتە ئۇتقۇچى چىقمايدىكەن. قەغەزچىلىك ۋە ئورالمىچىلىق، خىمىيە شىركىتى ھەمدە مېتال شىركەتلىرى پايدىسىز تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
تېلېگراف ساھەسىدىكى ئاغدۇرۇۋېتىش ئامىلى: ئۆي-مۈلۈك مەبلىغى ھاۋالە فوندى
ئۆي-مۈلۈك مەبلىغى ھاۋالە فوندىنىڭ قۇرۇلمىسىنى American Tower قاتارلىق ئالاقە مۇنارى شىركەتلىرى ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن، ئەمما Capital IQ نىڭ قارىشىچە، 2015-يىلى ئاساسىي ئەسلىھە شىركەتلىرى ئېھتىمال REIT ئەندىزىسىنى قوللىنىشى مۇمكىن ئىكەن. Windstream Holdings شىركىتى 2014-يىلى ئامېرىكا دۆلەتلىك باج ئىدارىسىدىن ئىجازەتكە ئېرىشىپ بىر REIT قۇردى، Capital IQ باشقا شىركەتلەرنىڭمۇ دورايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
ئاممىۋى ئىشلار ساھەسىدىكى ئاغدۇرۇۋېتىش ئامىلى: پارلامېنت ئامېرىكا دۆلەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىغا ھەرىكەت قوللىنىدۇ
Capital IQ نىڭ قارىشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كونترول قىلغان يېڭى پارلامېنت ئېھتىمال تەدبىر قوللىنىپ دۆلەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنى كونترول قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەلۋەتتە بۇ ناھايىتى زور دەرىجىدە پارلامېنتنىڭ نېمىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە باغلىق. كاربون قويۇپ بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ يولغا قويۇلىشى دومىنىيون بايلىق شىركىتى (Dominion Resources)، ديۇك ئېنېرگىيە شىركىتى ۋە NextEra ئېنېرگىيە شىركىتىدەك ئاممىۋى ئىشلار شىركەتلىرىگە پايدىلىق. Capital IQ نىڭ دېيىشىچە، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەدە توك تارقىتىش كاپىتال قىممىتىنى ئازايتىش تەدبىرى NextEra قارمىقىدىكى تارماق شىركەت NextEra Energy Partners دەك ئاجىزلىقى بار شىركەتلەرە زەربە بولىدۇ.
ۋول كوچىسى گېزىتى تورىدىن ئوكيان تورى تەرجىمە قىلدى


0

تېما

19

دوست

3974

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1149
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 23:59:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنچىۋىلا ئاسان ئەمەس جۇمۇ  .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

306

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34417
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 96
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 04:39:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋول كوچىسى خەۋىرىكەن.

0

تېما

0

دوست

263

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   87.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34440
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 86
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 10:54:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پات يىقىندا يۇز بىرىدۇ قىرنداشلار پۇلۇڭلارنى دىققەت قىلىپ خەجلەڭلارئامال بار مەبلىغىڭلارنى پەرزەتىڭلەرنىڭ ئوقۇشىغا ،مىڭىسنى،قەلىبىنى كەڭلىككە باشلايدىغان ئىشلارغا سەرىپ ئەتسەڭلەر مىنڭچە مۇشۇ .ئەڭ ياخشى تاللاش بولشى مۇمكىن.ھە راس كىتاپ سىتۋىلىشنى ئوتتۇپ قالماڭ.مەن تۈنگۈن «ھەر كالىدا مىڭ خىيال»دىگەندەك بىر قانچە كىتاب سىتىۋالدىم.سىز مۇ ئۆزىڭىز ياقتۇردىغان كىتابلارنى سىتۋىلىپ ياكى ئارىيەتكە ئىلپ ئوقۇپ قويۇڭ پايدىسى پ+ا+ر=100%

0

تېما

0

دوست

263

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   87.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34440
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 86
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 10:55:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ب+ا+ر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )