« ئۈمىد پاراڭلىرى » 1-سان1- ،2- قىسىمدىكى بىرنەچچە جۈملە ھەققىدە بىر نەچچە جۈملە
تاغلاش
ئۈمىد : دۇنيادا ، مەسىلەن ، ئىلغار مىللەتلەر ، مېنىڭچە بۇ يەھۇدىيلارلا ئەمەس ، بەلكى ياۋرۇپالىقلار . ياۋرۇپالىقلار يىلدا ئەللىك- ئاتمىش كىتاب ئوقۇش سەۋىيىسى بار مېنىڭچە .
مەن : مىللەتلەر ئىلغار ، قالاق دەپ ئايرىلامدۇ ؟ بۇنداق ئايرىشنىڭ ئىلمىي ئاساسى ۋە مۇۋاپىق ئۆلچىمى بارمۇ ؟ ( يىلدا ئوقۇلىدىغان كىتاب سانىنىڭ ئاز- كۆپلۈكىنى ئاساس ھەم ئۆلچەم دېگىلى بولماس ؟ ) مىللەتلەرنى ئىلغار ، قالاق دەپ ئايرىشتا مىللەتلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى ، مەنىۋى ساپاسى ، مەدەنىيىتى ئاساس قىلىنىدۇ . مىللىي مەدەنىيەتنىڭ سۈپەت پەرقى دەۋر خارەكتېرلىك ، ساھە خارەكتېرلىك بولىدۇ ( مەلۇم مىللەت مەلۇم جەھەتتە ئىغار بولغىنى بىلەن ، مەلۇم جەھەتتە ئىلغار بولماسلىقى ؛ مەلۇم مىللەت مەلۇم جەھەتتە نىسبەتەن قالاق بولغىنى بىلەن ، مەلۇم جەھەتتە ئىلغار سانىلىشى مۇمكىن . )، مىللەتلەر زامان ، ساھە نىسبىيلىكىدىن ۋە مەلۇم نىسبەت كونتېكىستىدىن مۇستەسنا ھالدا ئىلغار ، قالاق دەپ ئايرىلسا ، ئىلغار ، قالاقلىق ئومۇمىي بىر مەنىدە مۇتلەقلىشىپ قالىدۇ .
ئۈمىد : چوقۇم 19 ياشقىچىلا رومان ئوقۇش كېرەك ، 19 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن رومان ئوقۇشنىڭ ھاجىتى يوق .
مەن : رومان ئەدەبىياتقا ، ئەدەبىيات سەنئەتكە تەۋە ، سەنئەت ئىنساننىڭ مەنىۋى ئېھتىياجى سەۋەبلىك مەيدانغا كەلگەن . دېمەك رومان ئوقۇش ئادەمنىڭ ئېستېتىك ئېھتىياجى سەۋەبلىك بولىدۇ . ئۇنداقتا ئادەم 19 ياشقا كىرىش بىلەن بۇ خىل ئېھتىياجى يوقىلامدۇ ياكى بۇ ئېھتىياجدىن ۋاز كېچىشى كېرەكمۇ ؟ رومان بىلەن پوۋېست ، ھېكايە ، شېئىر قاتارلىق ئەدەبىي شەكىللەر ۋە سەنئەتنىڭ باشقا ھەر خىل شەكىللىرى ئورتاق ماھىيەتكە ئىگە ، ئەگەر 19 ياشتىن كېيىن رومان ئوقۇمايدىغان ئىش بولسا ، روماندىن باشقا سەنئەت شەكىللىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك ؟ 19 ياشتىن كېيىن رومان ئوقۇماسلىق كېرەك دېگەن سۆز پەقەت رومانغىلا قارىتىلغانمۇ ياكى روماننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سەنئەت شەكىللىرىگە ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتىلغانمۇ ؟ پەقەت 19 ياشقىچىلا رومان ئوقۇش كېرەك بولسا ، روماننىڭ تېما دائىرىسىمۇ 19 ياشتىن بۇرۇنقى ھايات ۋە تۇرمۇش بىلەن چەكلىنىشى كېرەكمۇ ؟ يازغۇچىمۇ ئادەم ، يۇقىرىقى قاراش بويىچە ، ئەلۋەتتە ، يازغۇچىمۇ 19 ياشتىن كېيىن رومان ئوقۇماسلىقى كېرەك . ئەمما رومان يېزىشى كېرەكمۇ يوق ؟ ئادەم 19 ياشقا توشقاندىن كېيىن رومان ئوقۇماسلىق كېرەك دېيىشنىڭ ئاساسى نېمە ؟
ئۈمىد : بىز ئەمدى ، بىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە نېمە ئوقۇغان دېسە ، بىز كەسپىمىز ئەدەبىيات ، ئەدەبىيات دېگەن نېمۇ دېسە ، بىز ئەدەبىيات دېگەن ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ يازغۇچى مىڭىسىدىكى ئىنكاسى دەپ ئاڭلاپ كەلگەن- دە ، ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ يازغۇچى مىڭىسىدىكى ئىنكاسى دەپ ئاڭلاپ كەلگەن . شۇنىڭ بىلەن بىز مۇشۇ يازغۇچىلارنى يازغۇچى دېگەندىن كېيىنلا يازغۇچى دېگەن بىزگە دەھشەت چوڭ بىلىنىدۇ ، يازغۇچى دېگەن ۋەھشىي نېمە ئۇ ، يازغۇچى دېگەن ئۇلۇغ ئادەم ئۇ دەپ شۇنداق قارايمىز- دە ، ئۇنىڭ مىڭىسىدىكى ئىنكاسى دەھشەت مۇھىم . شۇڭلاشقا بىز ئەينى ۋاقىتتىكى مۇشۇ يازغۇچىلارنى دەھشەت چوڭ بىلىمىز- دە . خوش ، ئەمدى بىز مېنى دېمەكچى بولغىنىم بىزنىڭ ياشلار چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيىسى ، بىز ئاشناق ئىدىيىنى مەن كاللامغا سىڭدۈرۈپ باردىم . ھازىر مەسىلەن : مېنىڭچە بۇ يىل شىنجاڭ داشۆنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ھازىرغىچە شۇنداق ئىدىيىلەر بىلەن قوراللانغان بولۇشى مۇمكىن ، مەن شۇنداق ئىدىيە بىلەن قوراللىنىپ باردىم .
ئۇنداق بولسا مەن دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئەدەبىيات ئىدىيىسى نىمۇ ؟ مەن ئوقۇپ بارسام ، مەسىلەن ، تۇنجى قېتىم ھەم خەنزۇچە ئۆگەنگەن ھەم ئەدەبىيات ئۆگەنگەن كىتىپىم نىمۇ دېسە ، سىمۋولىزم . سىمۋولىزم ئىدىيىسى ئەمدى ئەدەبىياتتىكى ئىنتايىن چوڭ بىر ئېقىم ، ئۇنىڭ ئىنتايىن داڭلىق بىر مۇشۇ ئەدەبىياتتىكى ، سىمۋولىزم ئەدەبىياتىدىكى بوۋىسى چارلىز بوتلېر دەيدىغان بىر ئۇستىسى بار . كېچىدە ... كېچىدە ئۇنىڭكى كىتىپىنى ئوقۇۋېتىپ ، لوغەتنى ئاختۇرىۋېتىپ ، كىتىپىنى ئوقۇۋاتسام ، ئۇ مۇنداق دەپتۇ ، ئەدەبىيات دېگەن نىمۇ دېسە ، بىز بۇنى دەيدىغىنىمىز ئەدەبىيات دېگەن نىمۇ دېسە ، ئەدەبىيات دېگەن يازغۇچىنىڭ مىڭىسىدىكى ئىنكاسى دەپ ، بىز يازغۇچىنىڭ مىڭىسىدىكى ئىنكاسىنى دەھشەت چوڭ بىلىمىزكەن- دە ، كېيىن قارىسام ئۇ مۇنداق دەپتۇ : « ئەدەبىيات دېگەن يازغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ قەۋرە تېشىغا يازغان خېتى . » دەپتۇ . قەۋرە تېشىغا يازغان خېتى دېگەندىن كېيىن چۈچىكەتتىم مەن يېرىم كېچىدە .
ئۈمىد : خوش ، دېمەك مۇشۇ چارلىز بوتلېرنىڭ مۇشۇ گېپى ماڭا ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ ئېقىمنى ، ئېقىم ھەققىدە دەھشەت تۇيغۇغا ئىگە قىلدى ، ھازىرغىچە ئۇنتىمايمەن .
ئۈمىد : مانا مېنىڭكى ئەشۇ ئەينى ۋاقىتتا سىمۋولىزم ئىدىيىسىنىڭكى چارلىز بوتلېرنىڭ شۇ بىر ئەسىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق مەن پۈتكۈل مېنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدىكى بارلىق ئىدىيەمنى بىراقلا يېڭىلىۋەتتى .
مەن :
1 . بۇ سۆزدە ئەدەبىياتنىڭ ئېنىقلىمىسى بىلەن ھېسابلىشىپسىز ، لېكىن ھېسابنى ئانچە ئەستايىدىل قىلماپسىز . ئېنىقلىما دەپ ئېنىقلىمىدىن يىراقلاپ كېتىپسىز ، ئېنىقلىما ھېسابىدا ئېنىقلىما بىلەن ئەدەبىيات ھەققىدىكى تەسۋىرىي بايانلارنى ئارىلاشتۇرىۋېتىپسىز . « ئەدەبىيات ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ يازغۇچى مىڭىسىدىكى ئىنكاسى . » دېگەن ئىپادىنى ئەدەبىياتقا نىسبەتەن لاياقەتلىك ئېنىقلىما دېگىلى بولمىسىمۇ ، ھەرھالدا ئازراق ئېنىقلىما تۈسىگە ئىگە . ئەمما « ئەدەبىيات دېگەن يازغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ قەبرە تېشىغا يازغان خېتى . » دېگەن بۇ ئىپادە ئېنىقلىما ئەمەس ، ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتىلغان تەسۋىرىي بايان . دېمەك سىز ئازراق بولسىمۇ ئېنىقلىما سىنى بار ئىپادىنى دېمەي ، ئېنىقلىما بولمىغان ئىپادىنى ئېنىقلىما دەۋاپسىز . بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېنىق ھەم تەپسىلىي چۈشەنچە زۆرۆر بولسا لوگىكا ئىلمىنىڭ ئېنىقلىما ھەققىدىكى ئۆلچەملىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ .
2 . سىز چارلىز بوتلېرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدىكى بىر جۈملە سۆزىنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئەدەبىيات ھەققىدىكى ئىلگىرىكى چۈشەنچىڭىزدىن شۇنچىلىك كەسكىن ھەم ئۈزۈل- كېسىل ۋاز كەچكەنلىكىڭىزنى ئېيتىپسىز ، بۇ بىر جۈملە سۆز سىزنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدىكى بارلىق ئىدىيىڭىزنى بىراقلا يېڭىلىۋېتىپتۇ . سىز بۇ سۆزنى شەكسىز بىر ھەقىقەت سۈپىتىدە كۆرۈپسىز ، قوبۇل قىپسىز ، ئۇنداقتا بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ سىزگە شۇنچە زور تەسىر كۆرسىتىشىدىكى ، سىزنى شۇنچە قايىل قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە ؟
ئۈمىد : شۇنىڭ بىلەن مەن بۇنى ئانالىز قىلىپ ئويلاپ باقسام ، خوش ، بۇ ئەدەبىيات دېگەن ئۇ ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ يازغۇچى مىڭىسىدىكى ئىنكاسى ئەمەسكەن ، ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ زوردۇن سابىرنىڭ مىڭىسىدىكى ئىنكاسى ، ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ ئابدۇللا تالىپنىڭ مىڭىسىدىكى ئىنكاسى ، ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ تۇردى سامساقنىڭ مىڭىسىدىكى ئىنكاسىكەن .
مەن : سىز يۇقىرىدا چارلىز بوتلېرنىڭ بىر جۈملە سۆزىنىڭ تەسىرىدە « ئەدەبىيات ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ يازغۇچى مىڭىسىدىكى ئىنكاسى » دېگەن چۈشەنچىنى چۆرۈپ تاشلىغانىدىڭىز ، بۇ يەردە « ئەدەبىيات ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ يازغۇچى مىڭىسىدىكى ئىنكاسى ئەمەسكەن » دېگەن سۆزىڭىز بىلەن يەنە شۇ سۆزىڭىزنى تەكىتلىگەندەك قىلغىنىڭىز بىلەن « ئەدەبىيات ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ زوردۇن سابىرنىڭ مىڭىسىدىكى ئىنكاسىكەن ، ئەدەبىيات ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ ئابدۇللا تالىپنىڭ مىڭىسىدىكى ئىنكاسىكەن ، ئەدەبىيات ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ تۇردى سامساقنىڭ مىڭىسىدىكى ئىنكاسىكەن دەپ ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىڭىز ئىنكار قىلغان « ئەدەبىيات ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ يازغۇچى مىڭىسىدىكى ئىنكاسى » دېگەن قاراشقا قايتىپ كېلىپ ، ئۆز- ئۆزىڭىزنى پېتىقلاپسىز . چۈنكى لوگىكىلىق ئۇسۇل بويىچە « ئەدەبىيات ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ زوردۇن سابىرنىڭ مىڭىسىدىكى ئىنكاسى » قاتارلىق بارلىق ھۆكۈملەرنى يىغىنچاقلىسىڭىز « ئەدەبىيات ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ يازغۇچى مىڭىسىدىكى ئىنكاسى » دېگەن نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ . خۇددىي « مىس توك ئۆتكۈزىدۇ ، تۆمۈر توك ئۆتكۈزىدۇ ، ئاليۇمىن توك ئۆتكۈزىدۇ ...... » دېگەن ھۆكۈملەردىن « مېتاللار توك ئۆتكۈزىدۇ » دېگەن نەتىجە كېلىپ چىققىنىدەك .
ئۈمىد : ئەدەبىيات ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قىلىدىغان شەخسىي پائالىيىتى ، روھىي پائالىيىتى ئۇ ، ئۇنىڭ جەمئىيەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق .
مەن : بۇ سۆزىڭىزدە مۇنداق ئىككى تۈرلۈك مەنتىقە بار :
1 . ئەدەبىياتنىڭ جەمئىيەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق .
2 . شەخسىي پائالىيەت ، روھىي پائالىيەتلەرنىڭ جەمئىيەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق .
بۇ سۆزىڭىزدە يەنە مۇنداق بىر ئېنىقسىزلىق بار :
ئەدەبىيات ...... شەخسىي پائالىيىتى دەپسىز . ئەدەبىيات ئۆزى پائالىيەت ئەمەس ، بەلكى بىر خىل سەنئەت شەكلى . بوپتۇ ، بىز ئۇنى ئەدەبىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە سۇندۇرۇپ پائالىيەتمۇ دەپ تۇرايلى ، ئۇنداقتا بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلىۋاتقىنى ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتىمۇ ، بەدئىي ئىستىمال پائالىيىتىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىمۇ ؟
جەمئىيەت ئىنسانلار توپى دېگەن گەپ ، جەمئىيەت مەدەنىيەت جۇغلانمىسى دېگەن گەپ ، دېمەك مەدەنىيەت ئىنسانلار توپىغا ، جەمئىيەتكە خاس ھادىسە .
ئىنساننىڭ بىر پۈتۈن ئېھتىياجى ماددىي ئېھتىياج بىلەن مەنىۋى ئېھتىياجدىن تەشكىل تاپىدۇ ، ماددىي ئېھتىياج ماددىي مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرسە ، مەنىۋى ئېھتىياج مەنىۋى مەدەنىيەتنى ھۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ . ماددىي ، مەنىۋى مەدەنىيەت شەخس خارەكتېرلىك ھادىسە بولماستىن ، جەمئىيەت خارەكتېرلىك ھادىسە . ئۇ جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى تەقەززاسى سەۋەبلىك ۋۇجۇدقا كەلگەن ، شۇ ھېسابتا ئەدەبىياتمۇ جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجى سەۋەبلىك مەيدانغا كەلگەن .
ئەدەبىياتنىڭ جەمئىيەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دېگەنلىك جەمئىيەت ئۈچۈن ئەدەبىيات بولمىسىمۇ بولىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ . ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى ئەدەبىياتسىز قانداق بىر ھالدا تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ؟! مېنىڭچە بۇنى سەنئەتسىز جەمئىيەت – رەڭسىز تەبىئەت دېگەن تەقلىدتە ئوبرازلىق ئىپادىلەشكە بولىدۇ .
ئەدەبىيات ئىنسانلار تىلىنى تاۋلايدىغان ، ئىپادىلەش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدىغان مەنىۋى ئوچاق ، ئەدەبىياتسىز تىلنىڭ پاساھەت ھەم بالاغىتىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ .
ئەدەبىيات ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا ئالاھىدە تەسىرىي كۈچكە ئىگە .
شۇنداقتىمۇ ئەدەبىياتنىڭ جەمئىيەت بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دېگەن سۆزىڭىزدە يەنىلا قەتئىي بولسىڭىز ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەدەبىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەنىۋىيەت تارىخىنى ( غەرب ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىنىڭ غەرب جەمئيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ) پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلاپ ، جەمئىيەتنىڭ ئەدەبىيات بىلەن ئالاقىدار بارلىق ئىشىكلىرىنى سىزنىڭ مۇشۇ سۆزىڭىز بىلەن پېچەتلىۋېتىش كېرەك . شۇ چاغدا باشقا ئىشلارنى دېمىسەكمۇ ، بەلكىم ھازىرقى ئورنىڭىز ۋە ئىجتىمائىي كىملىكىڭىزنىڭ ئەدەبىيات مەنبەلىك ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقىرىپ قويغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن .
ئۈمىد : مەسىلەن ، مەن ئۇ كۈنى نازاكەت دېگەن قىز بالىنى زىيارەت قىلدىم . دەنشىدە قويىۋاتىدۇ ، ئالدىنقى كۈنى قويدى ، كۆردۈڭلەرما ؟ ئامېرىكىلىق ، ئوكلاخومادىن كەلگەن قىز بالا . مەن ئۇ قىزدىن سورىدىم ، سىزنىڭ مىللىتىڭىز نېمە دەپ سورىدىم ، سورىسام : تاڭەي ، ئىشقىلىپ ياۋروپادىن كېپتۇقكەن ، دادام چېخمۇ ، ئاپام فرانسىيىلىكمۇ ، ئاتا- بوۋىلىرىم گىرمانمۇ ، ئاشۇنداق ، بىز ئىشقىلىپ بىز ياۋروپالىقلار مۇرەككەپ بىزنىڭ ئىدىيىمىز دەيدۇ ، بىزنىڭ مىللىتىمىز دەيدۇ . مەسىلەن، مەن بۇرۇن ئارىلاشقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھېچقايسىسىنى سەن مىللىتىڭ نېمە دېسە ، ئۇخمايمەن ، ئىشقىلىپ دادا ، بىر ئائىلىنىڭ ئىچىدە يەتتە- سەككىز مىللەت بار . ھېچكىم مەن چوقۇم ما مىللەت ، مەن ما مىللەتنى تونۇشتۇرىمەن دەيدىغان نىيەت يوق .
ئۇ كۈنى مەن سۆزلەپ دېدىم ئەشۇنىڭغا ، ئاۋۇ قىز بالىدىن سورىدىم ، ئاۋۇ زۇمرەتتىن ، سىز ئەڭ ئاخىرى ئاتمىش دۆلەتكە چىقىپ سەنئەت ھەققىدە ئەڭ ئاخىرى قانداق مەقسەتكە كەلدىڭىز دېسەم ، ئۇيغۇر سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇتماقچى بولدۇم دېدى . شۇڭا نازاكەتتىن سورىدىم ، سىلەر ئامېرىكىلىقلارمۇ دۇنياغا تونۇتماقچىمۇ ئۆزەڭلەرنى دېسەم ، ياق ، بىزنىڭ دۇنياغا تونۇتۇش مەقسىتىمىز يوق ، بىزنىڭ دۇنيانى تونۇش مەقسىتىمىز بار دېدى .
مەن :
1 . نازاكەت ئىسىملىك ئامېرىكىلىق بۇ قىزنىڭ « مىللىتىڭىز نېمە ؟ » دېگەن سوئالىڭىزغا « تاڭەي » دەپ جاۋاب بەرگىنى توغرا ، چۈنكى ئۇ ئارغۇن بولغاچقا شۇنداق جاۋاب بەرمەي ئامالى يوق . ئەگەر ئۇ ئارغۇن بولماي ، قايسى بىر مىللەتكە تەۋە ئەر- ئايال پۇشتىدىن بولغان بولسا ياكى مىللەت نامى بار بىر ئارغۇن ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولغان بولسا ، مىللىتىم پالانى دەپ جاۋاب بەرگەن بولاتتى .
2 . نازاكەتنىڭ مىللىتى ھەققىدىكى جاۋابىنى جەمئىيەتلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىڭىز بۇرۇن ئارىلاشقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ جاۋابىنى ئۇنىڭغا قوشۇپ ، ئۇنى پۈتۈن ئامېرىكىغا ئومۇمىي بىر ھادىسە ، ھەتتا پۈتۈن غەرپ دۇنياسىغا ئومۇملاشقان ھادىسە قىلىپ كۆرسىتىش خاھىشىنى ئىپادىلەپسىز . لېكىن سىز ئارىلاشقان ئۇ ئامېرىكىلىقلارمۇ سىز زىيارەت قىلغان نازاكەتتىن ئۆتە بىر ئائىلىدە يەتتە- سەككىز مىللەت بولغان ئارغۇنلار ئىكەن . بۇ ئادەمنى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەممىسىلا ئارغۇنمۇ ياكى بۇ ئادەم خاس ئارغۇنلار بىلەنلا ئارىلىشامدىغاندۇ دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ .
دېمەك سىز « مىللىتىڭىز نېمە ؟ » دېگەن بۇ سۇئالنى ساپلا مىللىتىنى ئېيتىپ بېرىش ئىمكانىيىتى يوق ئارغۇنلاردىنلا سوراپسىز ، ناۋادا سىز بۇ سۇئالنى بىر ئىنگلىزدىن ، بىر نېمىستىن ، بىر ڧرانسۇزدىن ، بىر يەھۇدىي ياكى بىر ياپۇندىن سورىغان بولسىڭىز ، ئۇلارمۇ « تاڭەي » دەپ جاۋاب بېرەر بولغىيمىدى ؟
سۆزىڭىزچە نازاكەتنى ئامېرىكىنىڭ ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ۋەكىلى قىلىپ قويۇپسىز ، ئەمەلىيەتتە نازاكەت كېمىدە ئۆزىگە ، كۆپ بولسا ئامېرىكىدىكى بىر تەبىقە كىشىگە ۋەكىللىك قىلالىشى مۇمكىن .
3 . نازاكەت سىزگە « بىزنىڭ دۇنياغا تونۇتۇش مەقسىتىمىز يوق ، بىزنىڭ دۇنيانى تونۇش مەقسىتىمىز بار » دېگەن بولسا ، بەلكىم بۇ ئۇنىڭ ئۆز رېئاللىقىغا خاس ئاڭ رېئاللىقى بولۇشى مۇمكىن . بىراق ئۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن جاۋاب ئەمەس . ھازىر دۇنيادا ئامېرىكىنى بىلمەيدىغان ئىنسان يوق ، كۆپ ئەللەردە ئامېرىكا دېگەن بۇ نام نوپۇز ۋە ئىشەنچتىن دېرەك بېرىدۇ . ئەجەبا بۇ ئامېرىكا ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆزىنى تونۇتۇشنى مەقسەت قىلغان تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئەمەسما ؟ ئامېرىكا ، ئامېرىكىلىقلار ئاللىقاچان دۇنياغا تونۇلۇپ بولدى ، شۇنداقلا ئۆزىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئىرادىسىمۇ ئۇلارنىڭ ئاڭسىز ئاڭلىقلىقىدىكى تەبىئىي بىر ئىزچىللىققا ئايلىنىپ كەتتى ، شۇڭا ھەر بىر ئامېرىكىلىق ئۆز مەقسىتىنىڭ ئامېرىكىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئىكەنلىكىنى كۆڭلىدە ئويلاپ ، ئاغزىدا سۆزلەپ يۈرمىسىمۇ، بۇ خىل مەقسەت ئۇلارنىڭ ئىرادە ۋە ئەمەلىيىتىدە ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ .
ئەسلىدە ئۆزىنى دۇنياغا تونۇتۇش بىلەن دۇنيانى تونۇش مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش دېگەن ئۇقۇمنىڭ تەركىب يارمىسى بولۇپ ، بىر- بىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ئىككى خىل زۆرۆرىيەت ئەمەس ، بەلكى ھەر ئىككىسى تەڭلا كۈچكە ئىگە بولىدىغان قوشكېزەك زۆرۆرىيەت . ئۆزىنى دۇنياغا تونۇتۇشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ ، دۇنيانى تونۇشقا ئەھمىيەت بېرىلمىسە ياكى دۇنيانى تونۇشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ ، ئۆزىنى دۇنياغا تونۇتۇشقا ئەھمىيەت بەرمىسە ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا دۇنيا بىلەن يېرىم- يارتا مۇناسىۋەتلەشكەنلىك بولۇپ قالىدۇ . بۇ ئەللەر ئارا بولىدىغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى تولۇق قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ . مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا نازاكەت بىلەن زۇمرەتنىڭ جاۋابى بىردەك پۈتۈن ئەمەس .
يۇقىرىقىلار « ئۈمىد پاراڭلىرى » 1- سان 2-قىسىمدىكى زۇمرەت ، نازاكەتلەرگە ئالاقىدار سۆزلەرگە قارىتا ئېيتىلدى . مەن شۇ مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن « كۆڭۈلدىكى سۆز » نىڭ نازاكەت بىلەن زۇمرەت قاتناشقان زىيارەت ڧىلىمىنى توردىن تېپىپ كۆرۈپ باقتىم . ڧىلىمدا « ئۈمىد پاراڭلىرى » دا ئېيتىلغاندەك « _ مىللىتىڭىز نېمە ؟ » ، « _ تاڭەي » دېگەن دېئالوگلار يوقكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇنى بەلكىم سەھنە سىرتىدا دېيىلگەن ياكى ڧىلىمنى تەييارلاش باسقۇچىدا كېسىلىپ كەتكەن سۆزلەر بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم .
« زۇمرەتتىن سورىسام ئۇيغۇر سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇتماقچى بولدۇم دېدى ، نازاكەتتىن سورىدىم ، سورىسام ، بىزنىڭ دۇنياغا تونۇتۇش مەقسىتىمىز يوق ، دۇنيانى تونۇش مەقسىتىمىز بار دېدى » دېگەن سۆزلەرمۇ زىيارەت ڧىلىمىدە ئۇنداق ئەمەسكەن . ئۇلارنىڭ زىيارەت ڧىلىمىدىكى سۆزلىرى مۇنداقكەن :
زۇمرەت : ئۆزىمىزنىڭكى ، مىللىتىمىزنىڭكى بىر ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ دۆلىتىنىڭكى ، ئۆزىمىزنىڭكى مۇشۇ مىللەتلىرىنىڭ مۇشۇ ياخشى بىر مۇشناق تارىخلىرىنى ، مۇشناق ياخشى بىر نەرسىلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئاپىرىپ تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭمۇ ئارزۇ- ئارمانلىرىغا يەتتۇق دەيمىز ، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنىمۇ ئۆگىنىپ يېتەلىدۇق .
نازاكەت : دەسلەپتە ئەشۇنداق بىر خىيالىم يوق ، مۇشۇيەردە تۇرغانسېرى رەسمىي مەدەنىيەت ئالماشتۇرىدىغان بولۇپ قالدىم .
مەلۇمكى ، زۇمرەتنىڭ سۆزى بولسۇن ، نازاكەتنىڭ سۆزى بولسۇن « مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش » دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىگە تولۇق ئۇيغۇن ، « ئۈمىد پاراڭلىرى » دا دېيىلگەندەك بىر تەرەپلىمە ئەمەس . يەنە كېلىپ « ئۈمىد پاراڭلىرى » نىڭ بۇ ھەقتىكى تەلەپپۇزىمۇ ئادەمگە روشەن راي رادىكاللىقى ھېس قىلدۇرىدۇ .
ئۈمىد : مېنىڭ بىر تەشەببۇسۇم بار- ھە ، مېنىڭ بىر تەشەببۇسۇم بار . نېمە دېسە ، پۈتۈن شىنجاڭدا بىز غۇلجىنىڭ چاخچاق روھىنى ئومۇملاشتۇرۇشىمىز كېرەك . ھېي ، سەن مەھمۇد قەشقىرىنى ئۇنداق ماختاۋەرمە ، ماھمۇد قەشقىرى دېگەن بىر شۇ لوغەت يازغان ئادەمغۇ .
مەن : بۇ سۆز ئىككى بۆلەكتىن تۈزۈلگەن . بىرىنچى بۆلەك _ چاقىرىق ، بۇ بۆلەكتە غۇلجىنىڭ چاقچاق روھىنى پۈتۈن شىنجاڭدا ئومۇملاشتۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان . ئىككىنچى بۆلەك _ ئۈلگە ، بۇ بۆلەكتە غۇلجىنىڭ چاقچاق روھىنى پۈتۈن شىنجاڭدا ئومۇملاشتۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قانداق ئەمىلىيىتى بولىدىغانلىقىغا دائىر بىر ئۈلگە كۆرسىتىلگەن .
ئايرىم قارىغاندا ئۈلگە ئويلاشماي ئېلىنىپ قالغاندەك تۇيۇلسىمۇ ، ئىككى بۆلەكنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا ئۇ ئۇچىغا چىققان زەھەرخەندىلىك بولۇپ تۇيۇلىدۇ . ئۆز تارىخىغا ، ئۆز ئەجدادلىرىغا بۇ قەدەر ھۆرمەتسىزلىك قىلىدىغان كىشىلەر دۇنيادا ئۇيغۇردىن باشقا مىللەت ئىچىدىمۇ بارمىدۇ دېگەن ئاچچىق ھېس كۆڭۈللەرنى مۇجۇپ ئۆتىدۇ . چاقچاق قىممەتكە ئىگە نەرسە بولسىمۇ ، بىراق ھەممىلا نەرسىگە خالىغانچە چاقچاق قىلىۋەرگىلى بولمايدۇ . مەسىلەن : تارىخقا ، مەدەنىيەتكە ، ئەجدادلارغا چاقچاق قىلىش ، بولۇپمۇ ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك بىلەن كەمسىتىش ، چۆكۈرۈش خارەكتېرىدە چاقچاق قىلىش دۇرۇس ئەمەس .
ئۇيغۇرلار خۇش چاقچاق مىللەت ، چاقچاق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئومۇمىي بىر ھادىسە . دېمەك چاقچاق ئۇيغۇرلارغا ئەزەلدىنلا كەڭ ئومۇملاشقان مىللىي مەنىۋى ژانىر . شۇنداقتىمۇ بۇ جەھەتتە غۇلجىنى نىسبەتەن تىپىك دېيىشكە ، بەلكى مەلۇم مەنىدىن غۇلجىدا چاقچاق كەسپلەشكەن دېيىشكە بولىدۇ . شۇڭا چاقچاق ئاستانىسى بولمىش غۇلجىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك چاقچاق روھى بولسا ئۇنى تەشەببۇس قىلىش ئورۇنلۇق ، لېكىن چاقچاق روھىنى چاقچاق بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ ، چاقچاق بىلەن ئەجدادلارنىڭ كاچىتىغا ئۇرۇشنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىش ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ھەم غەزەپلەندۈرىدۇ .
ئۈمىد : مەن ئۇيغۇرچە كىتابلار ، پەقەت ئۇيغۇرچە كىتابلار بازىرىغا قاراپمۇ قويمايمەن . نىمىشكە دىسە ، بىز ئەشۇ كىتابلارغا قانچىكى بېسىم ئىشلەتسەك ، بازار قانچە شاللىۋەتسە ئەشۇلارنى ، بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز ئاندىن كېيىن تەپەككۇر قىلىدۇ .
مەن : تەكشۈرمىگەن ، تەتقىق قىلمىغان ئادەمدىن ئورۇنلۇق پىكىر چىقمايدۇ . سىز ئۇيغۇرچە كىتابلار بازىرىغا قاراپمۇ قويمىسىڭىز ، ئۇ يەردىكى كىتابلارنىڭ قاراپ قويغۇچىلىكى بار- يوقلۇقىنى قانداق بىلىسىز ؟ ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۆرۈپ ، ھەقىقەتەن سۈپەت مەسىلىسى بارلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭغا تېگىشلىك تەنقىد ، تەلەپلەر ئوتتۇرغا قويۇلمىسا ، يازغۇچىلار نېمىگە ئاساسەن تەپەككۇر قىلىپ ، سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ ؟
ئۈمىد : مەن چەتئەلگە چىقسام ، ياۋرۇپاغا چىقسام ، ياۋرۇپادا مۇنداق بىر كەيپىيات باركەن : بىر ئادەمنىڭ بىر ئادەمگە گەپ قىلىدىغانغا رايى يوقكەن .
مەن : بىر ئادەمنىڭ بىر ئادەمگە گەپ قىلىشقا ۋاقتى يوقكەن ، چولىسى يوقكەن دېيىلگەن بولسا ، كۈنسايىن تېزلىشىپ بېرىۋاتقان تۇرمۇش رىتىمى نۇقتىسىدىن ئۇنى چۈشىنىشكە بولاتتى ، ئەمما بىر ئادەمنىڭ بىر ئادەمگە گەپ قىلىدىغانغا رايى يوقكەن دېيىلسە ، بۇنى قانداق چۈشەنگۈلۈك ؟ سىز ئىلغار مىللەتلەر دېگىنىڭىزدە ياۋرۇپالىقلارنى تىلغا ئالغاندىڭىز ، ئۇنداقتا بىر ئادەمنىڭ بىر ئادەمگە گەپ قىلىدىغانغا رايى يوق بولۇشمۇ ئۇلارنىڭ ئىلغارلىقى ئۈچۈن بىر دەلىل ھېسابلىنامدۇ ؟
ئۈمىد : بىز ئۇيغۇر مىللىتى بولماسلىقىمىز كېرەك ، بىز يەرشارى پۇقراسى بولۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك . بىز دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار ئىدىيىسى بىلەن قوراللىنالىساق ، ئاندىن كېيىن بىزنىڭكى نۇرغۇن ئىشلىرىمىز ئوڭغا تارتىدۇ .
مەن :
1 . ئۇيغۇر بولۇش ، بولماسلىق _ بولۇشىمىز كېرەك ، بولماسلىقىمىز كېرەك دەپلا ئۆز ئىختىيارىچە تاللىغىلى ، بەلگىلىگىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس . ئۇيغۇرلۇقىڭىزدىن ئىپتىخارلانسىڭىز ئۇيغۇر بولغانلىقىڭىز سىزنىڭ تەلىيىڭىز ، بەختىڭىز ؛ ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىڭىزدىن ئۆكۈنسىڭىز ، ئۇيغۇر بولغانلىقىڭىز سىزنىڭ شور پىشانىلىكىڭىز ، بەختسىزلىكىڭىز . بىراق سىزگە ئۇيغۇر بولماقتىن باشقا چارە يوق .
2 . ئادەم مەدەنىيەت بىلەن ئادەم بولغان . ئىنسانلارنىڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت . ئادەمنىڭ بەلگىسى مەدەنىيەت بولغاچقا ھەم مىللەتتىن ھالقىغان مەدەنىيەت بولمىغاچقا ، ھازىرقى زاماندىكى ھەرقانداق ئادەم مىللەت ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ . دېمەك سىز ئۇيغۇر بولسىڭىز ، پەقەت ئۇيغۇر سۈپىتىدىلا ئادەم ياكى يەر شارى پۇقراسى بولالايسىز . ئۇيغۇر بولماي تۇرۇپ ھەرگىز ئادەم ياكى يەرشارى پۇقراسى بولالمايسىز .
3 . يېقىنقى يىللاردىن بېرى بىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىمىزغا « ئۇيغۇر » دېگەن نامىمىز ، ئۇيغۇرلۇقىمىز پۇتلىكاشاڭ بولىۋاتقاندەك بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئۇيغۇر دېگەن نامىمىزدىن ، ئۇيغۇرلۇقىمىزدىن بىزار بولىۋاتىدۇ . يۇقىرىقىسى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ، ئەڭ يالىڭاچ ھالەتتىكى بىرىدۇر .
4 . مەلۇم بىر مىللەت بولماي ، يەر شارى پۇقراسى بولۇش ئىلغار ئىدىيىنىڭ بەلگىسىمۇ ؟ ئۇيغۇر دېگەن نامىمىزدىن ، ئۇيغۇرلۇقىمىزدىن ۋاز كەچسەك ئىلغار ئىدىيە بىلەن قوراللانغان بولىمىزمۇ ؟
ئۈمىد : مەسىلەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئۆزى مىللەتچىلىك ئۇرۇشى .
مەن : شۇنداق ، مىللەتچىلىك ئەسكى نەرسە ، لېكىن مىللەتچىلىك بىلەن مىللەتپەرۋەرلىكنى ئارلاشتۇرىۋېتىشكە بولمايدۇ . مىللەتچىلىك باشقا مىللەتلەرگە ئورۇنسىز ئۆچمەنلىك قىلىدىغان ، باشقا مىللەتلەرگە ئورۇنسىز دۈشمەنلەرچە مۇئامىلە قىلىدىغان ، شۇ ئارقىلىق مىللەتنىڭ باشقا مىللەتلەر نەزىرىدىكى ئوبرازىنى خۇنىكلەشتۈرىدىغان يامان سۈپەتلىك بىر خىل روھ . بۇ خىل روھ تارىختىن بۇيان مىللەتلەر ئارىسىغا دۈشمەنلىك ئۇرۇقى چېچىپ ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە زىيان سېلىپ كەلگەن . مىللەتپەرۋەرلىك مىللەتنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ، باشقا مىللەتلەرگە دوستانە بولۇپ ، مىللەتنىڭ باشقا مىللەتلەر نەزىرىدىكى ئوبرازىنى يارقىنلاشتۇرىدىغان مىللەتچىلىككە قارشى ياخشى سۈپەتلىك مىللىي روھ . بۇ خىل روھ تارىختىن بۇيان مىللەتلەر ئارا دوستانىيلىك ئۇرۇقى چېچىپ ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ ، ئىناق ، ئىجىل ئۆتۈشىگە پايدىلىق بولغان . بۇنىڭدىن ئايانكى ، مىللەتلەر ئارا ئىناقسىزلىق ۋە زىدىيەتلەرگە سەۋەب بولىدىغىنى مىللەتپەرۋەرلىك ئەمەس، مىللەتچىلىكتۇر . شۇنداق بولغاچقا مىللەتچىلىكنى ئەيبلەشكە ، چەكلەشكە تېگىشلىك ؛ ئەكسىچە مىللەتپەرۋەرلىكنى ھەرقاچان تەشەببۇس قىلىشقا ، يەنىمۇ ئۇلغايتىشقا تېگىشلىك . شۇنىسى بەزىلەر مىللەتچىلىك بىلەن مىللەتپەرۋەرلىكنى پەرقلەندۈرمەي ، مىللەتچىلىكنى مىللەتپەرۋەرلىك ياكى مىللەتپەرۋەرلىكنى مىللەتچىلىك دەپ چۈشىنىۋېلىپ ، ناتوغرا كەيپىيات پەيدا قىلىدۇ .
بەزىلەر مىللەت ئۇقۇمىدىن ھالقىغان ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى ئەلا بىلىپ ، ئۇنى ئىنسانىي ئاڭ يۈكسەكلىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە قويىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇ يەنىلا مىللەت پاسىلىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ . مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، مىللەتپەرۋەرلىك مىللەت مەۋجۇد شارائىتتىكى ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر . ئىنسانپەرۋەرلىك ئۆز نۆۋىتىدە مەدەنىيەتپەرۋەرلىكتۇر ، مىللەت مەۋجۇد شارائىتتىكى مەدەنىيەت مىللىي مەدەنىيەت بولغاچقا ، بۇ ھالدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك چوقۇمكى مىللەتپەرۋەرلىك بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ . ئىنسانىيەتنىڭ بىر توپى بولغان ئۆز مىللىتىگە پەرۋەر بولالمىغان ئادەم قانداقمۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن پەرۋەر بولالىسۇن ؟! شۇڭا مىللەتتىن ھالقىغان مۇئەللەق ئىنسانپەرۋەرلىك ساختا ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر .
ئەسكەرتمە :
« ئۈمىد پاراڭلىرى » دىن ئۈزۈپ ئېلىنغان ئۈزۈندىلەرنى ئوقۇغاندا ئىملاسى خاتا ، سۆزلەر باغلىنىشسىز سېزىلسە ، بۇ مېنىڭ بىخەستىلىكىمدىن بولغان ئىش ئەمەس ، ئەسلى سۆزنىڭ ئۆزى شۇنداق . ئاغزاكى تىل بىلەن يېزىق تىل مەلۇم پەرقلەرگە ئىگە بولسىمۇ ، ئاغزاكى تىلدا خېلى ئېغىر سۈپەت مەسىلىسى بار دەپ قارىغىنىم ھەم ئۇنى روشەن گەۋدىلىنىپ تۇرىشىنى كۆزدە تۇتقىنىم ئۈچۈن ئۇنى يېزىق تىل تەلىپى بويىچە ئۆزگەرتمەي ، ئەينەن خاتىرىلىدىم .
2015 . 2 . 6
|