پىسخولوگىيەدىكى ئەڭ ئەقەللىي قائىدە
پىسخىلوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى زىۋىدە ئابدۇكېرىم بىلەن داڭلىق پىسخىلوگ ئەلى قۇرباننىڭ بېيجىڭ مىللەتلەر ئونۋېرستىتىدىكى لېكسىيىگە مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرە بىر ئايدىن ئارتۇق تور دۇنياسىنى زىلزىلىگە سېلىپ، پۈتكۈل تور ئەھلى «ئۇيغۇر-ئىتتىپاقلاشماق، ئويۇشماق»قا مۇخالىپ ھالدا قارمۇ-قارشى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ، ئىككى تەرەپ مەستانىلىرىنىڭ ئۇقۇمۇشلۇق تور قەلەمكەشلىرى قارشى تەرەپنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۆز چولپىنىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى «بىرگە ئىككىنى قېتىپ» كۆرسەتكەن ھالدا مىكرو ماقالە يېزىپ، ئۇيغۇر تور دۇنياسىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئىككى يۈزمىڭغا يېقىن كىشىلەرنى قارمۇ-قارشى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنىشنى تىزلىتىۋەتتى. ئىھتىمال، ئىككى قۇتۇپنىڭ زىدىيىتى، تور يۈزىدە بىر-بىرىنى ئېغىر ھاقارەتلەش ۋە ئەيىپلەشتىن خۇمارى بېسىلماي، مەخسۇس «چ چ»دا ئۈچرىشىپ، ئەڭ سېسىق تىللار بىلەن بىر-بىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشقانلىرى ئېنىق. ھەتتا بۇ زىدىيەتنىڭ ئاخىرى ھەرقايسى ئىش ئورۇنلىرىدا، مەھەللىلەردە، كوچا-كويلاردا، بازار-رەستىلەردە، رېستۇران- ئاشخانىلاردا جېدەل-غەۋغالارغا سەۋەپ بولغان بولىشى مۇمكىن... مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق پىسخىكا ئالاھىدىلىكىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئىلمىلىككە يۈزلەندۈرۈش مۇقەددەس ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان ئىككى پىسخىلوگنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىدىن قارمۇ-قارشى ئىككى قۇتۇپ ياساپ قويىشى، ئۆزىنىڭ ئىناۋەت، نوپۇزىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىدىن بولسا كېرەك. دانالار مۇئەييەن توپتىن ئۆزىنى ئۈستۈن قويغۇچى يەككە ئىناۋەت ۋە يەككە نوپۇزنى شۇنداق قامچىلايدۇكى:
نوپۇز، مەنسەپ، ئەقىلداننىڭ نىيەت دىل پەردىسى قات-قات، سامان تەكتىگە سۇ كىرسە تەسەللىمىز «سەدىق»تۇر ئات. جاھاننى ئەۋلىيا خالىس سوراش يۈزدىن بىرى نۆۋەت، يىغىپ-تۆشەپ دۆۋە قىلساڭ كى ئوننىڭ توققىزى بەربات. ______ يازغۇچىسى نامەلۇم
ئىلىم ھېكمىتىدە ئاجايىپ بىر بىلىمدانسەن، ئۆزلىكىڭدە ئەمما بىر پاسىق، تەلۋە نادانسەن. ______ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ساڭا بۇنچە تەمەننانى جاھاندا كىم رىجا ئەتكەن، يەنە كىم ئەركىنى خارلاپ سېنىڭگە ئىلتىجا ئەتكەن. غۇرۇر ئىنسانى خىسلەتتۇر ئۇنى خار ئەيلىمە ھەرگىز، قارا ئىنسان غۇرۇر بىرلە كارامەتلەر بىجا ئەتكەن. ______ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن مۇنازىرە باشلىنىپ بىر يېرىم ئاي ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، مەستانە-مۇخلىسلارنىڭ سەپراسى بېسىققان، قانلىرى سوۋۇغان ئەھۋالدا، ئىككى چولپاننىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە «ئالى سوت» نەزىرىدە قايتىدىن قاراپ چىقىپ، ئادىل ۋە توغرا باھا بېرىش ئارقىلىق «بولدى خەلق تەھرىرى تارىخ، ئەمدى ھەق تاپقاي غۇرۇر» خۇلاسە-يېشىمىنى بەرمەك زۆرۈر بولۇپ قالدى... ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇ ئىككى قېرىندىشىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قىزغىنلىقىغا بەرھەم بىرىپ قويىمىز-دە، ئېغىر زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا كەلگۈسى ئەۋلەتلىرىمىز بولۇپ قالىدۇ. ئەلى قۇرباننىڭ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە بۇنداق تەسىر قوزغىشى، نۇرغۇنلىغان يازغۇچى، شائىر، موتىخەسسلەردە ساغلام بولمىغان «ھەسەت»نى پەيدا قىلىپ قويدى؛ جۈملىدىن مەنمۇ: «نەچچە ئون يىل قەلەم تەۋرىتىپ، خەلقنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدىم. ئەمما، ئەلى قۇربان بىرنەچچە يىل ئىچىدىلا ئەلگە تونۇلۇپ، ئالقىشلارغا كۆمۈلۈپ كەتتى... پۈتكۈل شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەللىك نەچچە مەيدان قېتىم، ئەللىك مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا پىسخىك ساغلاملىق تەربىيىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان لېكسىيەدىمۇ ئەلى قۇربان! سۆزلىگەن لېكسىيىسىگە قاتناشقان 90 پىرسەنت ياش-ئۆسمۈرنى ئۆزىنىڭ مەستانىسى قىلىۋالغانمۇ يەنە شۇ ئەلى قۇربان! «ئىستىقبال سەھنىسى»دىمۇ يەنە شۇ ئەلى قۇربان!، ئالى مەكتەپلەردە زور تەسىر قوزغىغان لېكسىيەدىمۇ يەنە شۇ ئەلى قۇربان!، «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم»نى 288 يۈەنلىك مەنىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇپ قىممەت ياراتقىنىمۇ يەنە شۇ ئەلى قۇربان! ھەي! ئەلى قۇربان! ھەي! ئەلى قۇربان!» -دەپ (ئىچىمدە توۋلاپ)، ئۇنىڭ لىكسىيەسىدىكى تەپەككۇرى بىلەن ناتىقلىقىنىڭ بىرگەۋدىگە ئايلانغاندىكى مۆجىزىلىك دەب-دەبىسىگە رەشكىم قوزغۇلۇپ، ئۇنى «پىرخون»غا ھەجۋىلەشتۈرگەن ئىدىم... ئەلى قۇربان بىلەن زىۋىدە ئابدۇكېرىم مۇنازىرىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆرۈشتە، مىسرانىم تورى، باغداش تورى ۋە ئەلكۈيى تورىدىكى نوقۇل ئەلى قۇرباننىڭ قوللىغۇچىلىرى يازغان ماقالە ۋە ئىنكاسقىلا، ياكى نوقۇل زىۋىدە ئابدۇكېرىمنىڭ قوللىغۇچىلىرى يازغان ماقالە ۋە ئىنكاسقىلا تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ. تور دۇنياسىدىكى ئوخشاش بولمىغان ياش قۇرامدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار توپىنى نەزەرگە ئالغاندا، مەيلى ئۆسمۈرلەر بولسۇن، مەيلى ياشلار بولسۇن، مەيلى ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلار بولسۇن ھەممىسى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى، بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە نەزەر دائىرىسىگە ئاساسەن پىكىر يۈرگۈزىدۇ. ھەتتا بىر قىسىم ياشلار باركى، ئۇلار قارشى تەرەپ بىلەن مۇنازىرە قىلىشقاندا، كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلەرنى ئۆزى بىلىپ تۇرسىمۇ «ئۆز پىكرىم (قارىشىم)نى ساقلاپ قالىمەن»- دەپ جاھىللىق قىلىدۇ. ئۇلار، ئۆز پىكرى ۋە قارىشىنى ساقلاپ قالغۇدەك شۇنچىلىك مۇستەقىل دۇنيا قاراشقا ئېگە كىشىلەرمۇ؟... ياق! ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ئۇلاردا نەدىمۇ ئۆز پىكرى ۋە قارىشىنى ساقلاپ قالغۇدەك تارىخ قاراشى، دىن قارىشى، مىللەت قارىشى، دۆلەت قارىشى ۋە مەدەنىيەت قارىشى بولسۇن؛ ئەقەللىيسى ئۇلار، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە ھەق-ناھەق قارىشىمۇ ئېنىق ئايرىلمىغان «ئىدىيە ساۋاتسىزلىرى»دۇر خالاس!... دۇنيا قارىشى تېخىچە پىشىپ-يىتىلمىگەن «ئىدىيە ساۋاتسىزلىرى» شۇنداق خەۋىپلىككى، ئۇلار ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئومۇمنىڭ ۋە كۆپ سانلىقنىڭ ئىرادىسىگە قارشى مەيداندىمۇ تۇرۇپ قالىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار بەزى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەردە نىمە ئۈچۈن قارىشىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرەلمەيمىز؟ بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاساسىي سەۋەپ شۇكى، بەزى كىشىلەر مۇستەقىل دۇنيا قاراش شەكىللەندۈرەلمىگەنلىكى ياكى «ئىدىيە ساۋاتسىزلىرى» بولۇپ قالغانلىقتىن بولغان. مۇئەييەن بىر مىللەت توپىنى تەشكىل قىلغۇچى بارلىق ئەزالارغا، مەيلى مۇستەقىل دۇنياقاراشقا ئېگە بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان قارىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلۇق ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن شۇنداق خىتاپ قىلىدۇكى:
ئېغىز ھەركىمدە ھەر تۈرلۈك، باھا ھەر دىتتا ھەر خىلدا، جاھان ھادىسلىرى قاينام ئەمەس تەڭ شولى ھەر دىلدا. تەپەككۇر تەختىدە سۇلتان زەكىيلەر ئەقلى ھېكمەتكىم، پەقەت تىلسىمنى يەشمەكلىك كارامەت زېھنى قابىلدا.
ئەلى قۇربان بىلەن زىۋىدە ئابدۇكېرىم مۇنازىرىسىگە ئادىل باھا بەرگۈچى «كارامەت زېھنى قابىل (زەكىي)لەر» ھەرقايسى تورلاردا، ۋە بۇ ھەقتىكى ماقالە سەھىپىلەردىكى ئىنكاسلىرىدا ئۆزىنىڭ ئەتراپلىق، توغرا قاراشلىرىنى ئاللابۇرۇن ئىپادە قىلىپ بولدى. ئەمدىكى مەسىلە، قانداق قىلىپ قاراشلىرىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەسىلىسى بولۇپ قالدى... 1. كىلاسسكلارنى مەنسىتمەسلىك قارىشى بىلەن ئۇلۇغلاش قارىشىنىڭ قايسىسى توغرا ؟ كىلاسسكلارنى ئۇلۇغلاش قارىشى بىلەن مەنسىتمەسلىك قارىشىنىڭ توغرا خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، بۇ ئىككى خىل قاراشنى مۇئەييەن ماكان، زامان، كەسپ (پەن)، كىشىلەر توپى، مەدەنىيەت، ئومۇمىلىق ۋە ئايرىمىلىق(خاسلىق) ئۈستىگە قويۇش كېرەك. كىلاسسكلارنى ئۇلۇغلاش قارىشىنى ماكان، زامان، مەدەنىيەت ۋە ئومۇمىيلىق ئۈستىگە قويغاندا، ئۇلارنىڭ جىسمى ئۆلگەن بولسىمۇ، ئەمما، روھى قوياشتەك نۇر چېچىپ تۇرىدۇ. كىلاسسكلارنى مەنستمەسلىك قارىشىنى ماكان، زامان، مەدەنىيەت ۋە ئومۇمىيلىق ئۈستىگە قويۇش ھەرقانداق كىشىنىڭ غەزىپىنى ۋە نارازىلىقىنى قوزغىشى چوقۇم. شۇنىمۇ ناھايىتى ئېنىق ئايرىۋېلىش كېرەككى، كىلاسسىكلارنى مەنسىتمەسلىك قارىشىنى پىسخىكا، پىسخىكا نەزىرىيىسى، پىسخىلوگ ۋە پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغۇچى كىشىلەر توپى ۋە يەككىلەر ئۈستىگە قويغاندا يۈزدە-يۈز توغرا ئۇقۇمغا ئايلىنىدۇ. قايسى بىر داھىنى، قايسى بىر قەھرىماننى، قايسى بىر ئەۋلىيانى، قايسى بىر ئالىم ۋە يازغۇچىنى مەنسىتمەسلىك، ياشلاردا مۇۋەپپەقيەت قازىنىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشتەك پىسخىك ساغلاملىق تەربىيە پائالىيىتىدىكى ئەڭ ئەقەللىي زۆرۈر قائىدە. بۇ ئەقەللىي قائىدە مەھمۇد كاشغەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى مەنسىتمەسلىك قارشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە. مەسىلەن، گاۋ جېندوڭ ئەپەندى «دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خاراپلىشىشىنى ئۆز بۇرچىمىزغا ئايلاندۇرايلى» دېگەن پۈتكۈل جۇڭگۇنى تەسىرلەندۈرگەن لىكسىيەدە «يۈ (خەنزۇ رېۋايەتلىرىدىكى تاغنى يۆتكىگەن ئادەم)، شۇن (سۇ تىزگىنلەپ پۈتكۈل خەلقنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئادەم)مۇ ئادەم، مەنمۇ ئادەم، ئۇلار قىلالىغاننى نىمە ئۈچۈن مەن قىلالمايدىكەنمەن ؟»-دەپ، بۈگۈنكى زاماندىكى جۇڭگۈ ياشلىرىنى قەدىمقىلاردىن ئېشىپ چۈشۈشتىن ئىبارەت ئىشەنچىنى ئاتا قىلدى. يەنە مەسىلەن، دانالىرىمىزنىڭ «ئەگرىنى تۈزلەش ئۈچۈن، قارشى تەرەپكە تېخىمۇ ئېگىش» ھېكمىتىدە شۇ نەرسە ئايانكى، ئۈمىدسىزلىككە پاتقان ياشلاردا ئۆزىگە ئىشىنىشنى پەيدا قىلىشتا، داڭلىق كىشىلەرنى ئۆلگە قىلىشلا ئەمەس، ھەتتا ئۇلاردىن ئېشىپ كېتىش ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت. دىمەككى، ياشلاردا مۇۋەپپەقيەت قازىنىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن كىلاسسكلارنى مەنسىتمەسلىك پىسخىلوگىيە ئىلمىدىكى ئەڭ ئەقەللىي قائىدە. كىلاسسكلارنى مەنستمەسلىكنى ھەرقانداق پەن تەشەببۇس قىلمايدۇ. پەقەت ۋە پەقەت پىسخىلوگىيە ئىلمىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇنداقتا، پىسخىلوگىيە ئىلمىدە «دوكتۇر»لۇق شەرەپ لەۋھەسىنى نامايىش قىلىۋاتقان زىۋىدە ئابدۇكېرىم يۇقارقى «ئەقەللىي قائىدە»نى چۈشەنمەمدۇ؟! ئەلۋەتتە چۈشىنىدۇ، چۈشەنگەندىمۇ پىسخىلوگ سالايىتىدە باشقىلاردىن تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىدۇ... ئەپسۇسكى، زىۋىدە ئابدۇكېرىمنىڭ قەلبىدىكى ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تەئەللۇق مەھمۇد كاشغەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئىبارەت ئىككى مەشھۇر شەخستىن ئىپتىخارلىنىشنى ئۆز كەسپىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن قويۇشتەك تەپەككۇر خىرەلىكى سەۋەپلىك، ئەسلىدىكى «ئەقەللىي قائىدە» ۋاقتىنچە ئەستىن كۆتۈرۈلگەن. مىللىي توپقا ۋەكىللىك قىلغۇچى ئىككى كىلاسسكتىن ئىپتىخارلىنىش پىسخىلوگىيە ئىلىمىگە كەلگەندە، بولۇپمۇ «دوكتۇر»لۇق پەللىسىگە يەتكەن ئاتالمىش «ئەللامە»دە يۇقۇرقى «ئەقەللىي قائىدە» ھەممىمىزنى قايىل قىلىش ئاساسىيدا ئايرىۋاشلانغان بولسا تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولاتتى-دە، ئەشۇ ئىككى ئۇلۇق بوۋىمىز، كىلاسسكلارنى مەنسىتمەسلىك نەزىرى ئارقىلىق ياشلارغا مۇۋەپپەقيەت قازىنىش ئىشەنچ تەربىيىسىنى بەرگۈچى ئەلى قۇربان خىزمىتىنى ئەڭ ئاۋال قوللىغان بولاتتى...
|