- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5099
- نادىر
- 0
- يازما
- 461
ئۆسۈش
1.98%
|
ئاشقىن يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 00:46
«ھون» دېگەن مىللەت نامى ئەمەس،بەلكى قەبىلىلەر ئىتتى ...
ھۇنلار شەرقىي تۇرالار يەنى شەرقىي ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ ، ھۇنلار ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ كۈچەيگەن مەزگىل ئۇيغۇرلارمۇ شەكىللىنىپ بولغاب مەزگىلى . ئوغۇزنامىدىمۇ بارغۇ باشتا مەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانى بولىمەن دەيدۇ ، كەينىدە مەن ئۇيۇغانلارنىڭ قاغانى بولىمەن دەيدۇ . لېكىن ھۇن دەپ چىقمايدۇ ، شۇڭا ئۇ ئۇيغۇرنىڭ دەل ئۆزى . يۈسۈپجان ياسىننىڭ تەڭرى قامچىسى - ئاتېللا دېگەن كىتابنىڭ نەق مۇشۇ شەرقىي ياۋرۇپا تەۋەسىدىكى ھونگارىيىدە قۇرۇلغان ھونۇغۇر خانلىقى توغرىسىدا بېرىلگەن مەزمۇن قىسىملىرىدا : ئوغۇزلار ئەسلى شەرقىي ۋە غەربىي ئوغۇزلار دەپ بۆلۈنگەن ، غەربىي ئوغۇزلار شېۋە پەرقى تۈپەيلى ئوغۇر دەپ ئاتالغان بولسا ، شەرقىي ئوغۇزلار ئوغۇز دەپ ئاتالدى قايسىسىنىڭ باشتىكىسى ئىكەنلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس ، مەسىلەن قۇت ئوغۇز دېگىنىمىز غەربىي ئوغۇزچىدا ز بىلەن ر نىڭ ئۆز -ئارا ئالمىشىشى تۈپەيلى قۇتۇغۇر ، يەنە ئوتتۇز ئوغۇز دېگىنىمىز ئوتۇغۇر سارىغۇر ( سارىغ ئۇيغۇر ) .............. قاتارلىقلار . غەربىي ئوغۇرلار تەپسىلىي باياب قىلىنغان بولۇپ ، ئالتاي تاغلىرى ئەتراپىدىن تارتىپ تەڭرىتاغ باغرى تارىم ۋادىسى ، سىر ئامۇ ۋادىسىنى ئاساس قىلغان تۇران تۈزلەڭلىكى ، بالىقاش كۆلى ھەم ھازىرقى دەشتى قىپچاى دالىلىرىغىچە بولغان كەڭ زېمىننى ئىگىلىگەن . بۇلارنى دى - كۇيلار ، دىڭلىڭ تېلىلار قاڭقىللار دەپ ئىزاھلىغان ، يەنى ئۇيغۇر ئېتنىك مەنبەلىرىدىن بىرى بولغان دىڭلىڭلار يەنى ئەسلى ئۇيغۇرچە ئاتالمىسى بويىچە ئاتىغاندا تۇرالار تۇرانىيلار دېمەكچى . شەرقىي ئوغۇزلارنى مىسالغا ئالماپتۇ ، شۇنىڭدىن قارىغاندا شەرقىي ئوغۇزلارنىڭ زېمىنى ئالتاي تېغىنىڭ شەرقىدىكى كەڭ كەتكەن يايلاقنى ئۆز ئىچىگە ئالمىقى ئېنىق يەنى شۇ دەۋردىكى ھۇنلار ياشىغان ماكان . دېمەك ئوغۇزنامىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان تارىخىمىزنى ۋاراقلىغاندا مۇنداق بىر يەكۈن چىقىدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم ، بۇ ئوغۇز ياكى ئوغۇر دېگەن ئۇقۇم ئەسلى بىر ھەم مىللەت ئۇقۇمى ھەم دۆلەت ئۇقۇمى ، كېيىن بۇنىڭدىن نۇرغۇن قەبىلە بۇدۇنلار بۆلىنىپ چىققان ، م : قىپچاقلار ، قارلۇقلار ................... قاتارلىقلار ، بۇنىسى ھەممىمىزگە ئېنىققۇ ، كەينىدىكى مەن ئۇيۇغانلارنى قاغانى بولىمەن دېگىنىدىن ، بۇ چېچىلىپ تارىلىپ كەتكەن مەركىزىي ئاسىيا چەۋەنداز مىللەتلىرىنى قايتىدىن بىرلىككە كېلىپ ئەسلىدىكى ئۇيغۇر دېگەن كۈچ قۇۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بىرلىك ھاكىمىيەت ھەم مىللەت ئۇقۇمىغا ئېلىپ كېلىش ، بۇنىڭغا نىسبەتەن ئوخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ، ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىدىقۇت ، قاراخانىيلار ، گەنجۇ ، ئۇيغۇر مىڭ بېشى باشچىلىقىدا قۇرۇلۇپ دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن كۈچلۈك سالجۇقىيلار ئىمپېريىسى قاتارلىق ھاكىمىيەتلەرنىڭ بىرنىڭ كەينىدىن بىرى چىقىشى ھەم ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شۇ ئوغۇزخان كۆرسىتىپ بەرگەن نىشان يول بىلەن تا ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ بىرلىك مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشى دېسەك ھەرگىز ىاتا بولماس . بۇ ئۇيغۇرلارنى ئاساسىىي ئىتنېك مەنبە ھەم ئاساسىي شەكىل قىلغان بوزقىر تۈرۈكلىرىنىڭ چېچىلماسلىقى ، بىر تۇغ ئاستىدا ئۇيۇشۇشۇ كېرەكلىكى توغرىسىدا قىممەتلىك تارىخىي مەنبە قالدۇرغان . دېمىسىمۇ تا ھازىرمۇ تۇرانىيلار نامى بىلەن مەشھۇر بولغان بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا بوزقىر تۈرۈكلىرى چاك ئوتتۇرىدىن ئوغۇزلار ۋە قىپچاقلار دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ ، ئۇيغۇرلار بولسا ئوغۇز تارمىقىدىكىلەرنىڭ باش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ ، قىپچاق قارلۇق قەبىلىلەر نامىنى يەنىلا شۇ ئوغۇزخان بەرگەنلىكى توغرىسىدا شۇ ئوغۇزنامىدا ئەينەن ئەسكەرتىلگەن .
ئەمدى ھونگاريىگە كەلسەك ، ھۇنلار كېلىشتىن خېلى بۇرۇنلار ئوغۇرلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى بۇ شەرقىي يارۇپاغا قەدەم بېسىپ بولغانىكەن ، ھۇنلار كېلىپ زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندىن كېيىن ئوغۇرلار بىلەن ھونلار ئۆز مەجۇتلۇقىنى رۇملۇقلار ئالدىدا مەغرۇر ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھون بىلەن ئوغۇر بېرىكىپ كېيىن ھونگارىيىنى مەركەز قىلغان ھونوغۇر خانلىقى قۇرۇلغانىكەن ، كېيىن كۆكتۈرۈكلەردىن پارچىلانغان ئاۋار ھازار قاتارلىقلار كېلىپ گاھىدا قوشۇلۇپ گاھىدا بۆلىنىپ دېگەندەك كېيىنچە بۇلغار ، باشقىرىت قاتارلىق مىلللەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئاساس سېلىپتىكەن ، تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە بۇ بۇلغار باشقىرىت قاتارلىق مىللەت ناملىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغاندا يەنىلا مۇشۇ مەن تىلغا ئالغان ئوغۇر يەنى ئۇيغۇر دېگەن مەنا چىقىدىكەن . شۇڭا بۇ ۋېنگىرلارنىڭ ئۆزىنى ھونوغۇر ئون ئوغۇر ، ھەتتا ئون ئۇيغۇر ، ئۆز دۆلەت ماكانىنى ھونگارىيە دەپ ئاتاپ بىز ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشى ھەرگىز تاساددىپىيلىق ئەمەس دەپ قارايمەن .............. |
|