قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3534|ئىنكاس: 19

بىلىمخۇمار: چەت ئەلدىكى نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

148

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1153
تۆھپە : 4107
توردىكى ۋاقتى: 1543
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 11:35:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-27 12:01  

چەت ئەلدە ئوقۇغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (2)

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى


مەن ئالدىنقى قېتىم مەزكۇر ماقالىنىڭ 1-قىسمىنى تورغا چىقارغاندىن كېيىن [1]، كۆپلىگەن قېرىنداشلار ماڭا چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم نەتىجىلىك قېرىنداشلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئىنكاس شەكلىدە ئېيتىپ بەردى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاشۇ قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن مۇمكىن بولسا ماڭا ئاشۇنداق قېرىنداشلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى شەخسىي ئۇچۇر ياكى ئېلخەت ئارقىلىق دەپ بەرسەڭلار. مەن ئۇلار بىلەن ئۆزۈم ئالاقىلەشسەم. مەن سىلەرنىڭ ئاشۇنداق ياردىمىڭلار ئۈچۈن ئالدىن ئالا رەھمەت ئېيتىمەن.

مەن مەزكۇر يازمامدا يەنە ئۈچ نەپەر يېڭى قېرىندىشىمىزنى تونۇشتۇرىمەن. مەن ھازىرغىچە 11 نەپەر قېرىندىشىمىزنى تونۇشتۇرۇپ بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم تونۇشتۇرىدىغىنىم 12-، 13- ۋە 14-قېرىندىشىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


ئەبەيدۇللا ئابدۇۋەلى

ئىنىمىز ئەبەيدۇللا ئابدۇۋەلى 1969-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىدە بىر ئاددىي زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1987-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەنزۇچە تەييارلىق سىنىپىغا قوبۇل قىلىندى. ئىككى يىللىق تەييارلىق كۇرسىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پۈتتۈرۈپ، جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەر شارى فىزىكىسى كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش جەريانىدا، ئۇ كەسپىي دەرسلەرنى ياخشى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنگلىز تىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگەندى. شۇنداقلا مەكتەپتىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

b1_abaydulla.png

1-رەسىم: ئىنىمىز ئەبەيدۇللا ئابدۇۋەلى

ئەبەيدۇللا 1993-يىلى نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنى ياخشى نەتىجىلەر بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىچكىرىدىكى نېفىتلىكتە قېلىپ قېلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئانا يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. شۇ يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ نېفىت شىركىتى قىدىرىپ تەكشۈرۈش باشقارمىسى تەرىپىدىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىندى. شۇ يىلدىن باشلاپ تاكى 1997-يىلىغىچە تارىم ۋە جۇڭغار ئويمانلىقلىرىدا نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەترەتتە گېئو-فىزىك (geophysicist)، گېئوفىزىكا بۆلۈم باشلىقى، ۋە ئەترەتنىڭ تېخنىكا باشلىقى قاتارلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىدى.

1997-يىلى باھار ئايلىرىدا، ئەبەيدۇللا نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق تەتقىقات مەركىزىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، گېئوفىزىكا تەتقىقاتچىسى بولۇپ، نېفىت قاتلىمىنى تېپىش، نېفىت مىقدارىنى مۆلچەرلەش، قۇدۇق ئورنىنى بېكىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى. مۇھىم نېفىتلىكلەرنىڭ بايقىلىشىغا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. 2000-يىللىرى، جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ دۇنياغا قاراپ كېڭىيىۋاتقان مەزگىللىرى ئىدى. 2001-يىلى ئەبەيدۇللا كەسپىي ۋە ئىنگلىزچە ئىمتىھانلاردا ئەلا نەتىجىلەر بىلەن لاياقەتلىك بولۇپ، جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ بېيجىڭدىكى گېئوفىزىكا تەتقىقات باشقارمىسىغا قوبۇل قىلىندى. ئەبەيدۇللا بۇ تەتقىقات مەركىزىدە سۇدان، ئەزەربەيجان، ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى نېفىتلىكلەرنىڭ گېئوفىزىكا تەتقىقات خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىدى. 2002-يىلى ئەزەربەيجاندىكى گۈلبوستان نېفىتلىكىنىڭ باش گېئو-فىزىك خىزمىتىگە تەيىنلىنىپ، باكۇ شەھىرىگە ئەۋەتىلدى. ئەبەيدۇللا ئەزەربەيجاندىكى گۈلبوستان نېفىتلىكىنىڭ ئېچىلىشىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى ياراتتى.

b2_abaydulla.jpg

2-رەسىم: ئىنىمىز ئەبەيدۇللا دالادا جۇغراپىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاقىتتىكى بىر كۆرۈنۈش

ئەبەيدۇللا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا بولسۇن، خىزمەت قىلىش جەريانىدا بولسۇن، ئىنگلىز تىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگەندى. 2002-يىلى ئامېرىكىدا ئوقۇيدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان TOEFL ۋە GRE ئىمتىھانلىرىدا ياخشى نەتىجىلەر بىلەن لاياقەتلىك بولۇپ، ئامېرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەر شارى فىزىكىسى فاكۇلتېتى تەرىپىدىن تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قوبۇل قىلىندى. 2005-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، گېئوفىزىكا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. شۇ يىلىنىڭ 9-ئايلىرىدا تېكساس شتاتىنىڭ ھيۇستون شەھىرىدىكى باكېرخيۇس (BakerHughes) نېفىت مۇلازىمەت شىركىتى تەرىپىدىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىندى. ئۇ باكېرخيۇستا قۇدۇق گېئوفىزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. 2006-يىلى ئاناداركو نېفىت شىركىتىنىڭ ھيۇستوندىكى تەتقىقات مەركىزىگە قوبۇل قىلىندى. ئەبەيدۇللا بۇ مەركەزدە گېئوفىزىكا تېخنىكىسى ئارقىلىق، شىركەتنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نېفىت چارلاش خىزمىتىنى ئىشلىدى. گانا (Ghana) ۋە موزامبىك (Mozambique) تىكى چوڭ نېفىتلىكلەرنىڭ بايقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئەبەيدۇللا 2010-يىلىدىن ھازىرغىچە ئۆز شىركىتىنىڭ مېكسىكا بوغۇزى باشقارمىسىدا چوڭقۇر دېڭىزدا نېفىت چارلاش، نېفىت قاتلىمىنى تېپىش، قۇدۇق ئورنىنى بېكىتىش، ۋە نېفىت مىقدارىنى مۆلچەرلەش قاتارلىق ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي ۋە تېخنىكىلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ.


دوكتور غاپپار پەتتار (Apar Pataer, MD, PhD) ۋە مۇقەددەس قۇربان

ئىنىمىز غاپپار (ئىنگلىزچە «Apar Pataer» دەپ يېزىلىدۇ) ئۈرۈمچىگە يېقىن يەردىكى بىر يېزىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئىككى ئاكىسى، ئىككى ھەدىسى ۋە بىر ئۇكىسى بىلەن ئاشۇ يېزىدا ئۆتكۈزدى. 1981-يىلى ئۇ ئائىلە بويىچە تۇرپانغا كۆچۈپ بارغان بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنى 1983-يىلى تۇرپاندا تاماملىدى. ئۇ 1983-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، ئۇ مەكتەپنى 1988-يىلى پۈتتۈردى. غاپپار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىن باشلاپ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئۆزىگە غايە قىلىپ تىكلەپ، ئىنگلىز تىلىنى قاتتىق تىرىشىپ ئۆگەندى. ئۇ ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە چوڭ-چوڭ ئىشلارنى نىشان قىلىپ تۇرغۇزۇپ، پايدىلانغىلى بولىدىغان ھەممە پۇرسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆز نىشانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قاتتىق تىرىشتى. ئۇ ياتىقىنىڭ تېمىغا بىر دۇنيا خەرىتىسىنى چاپلاپ قويۇپ، ساۋاقداشلىرىغا كەلگۈسىدە بارماقچى بولغان دۆلەتلىرىنى دەپ بېرىپ يۈردى. شۇنداقلا ئۇ مەكتىپىدىكى دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگىمۇ ئاكتىپ قاتناشتى. مەسىلەن، ئۇ مەكتىپىنىڭ «رەسىم كۇلۇبى» غا ئەزا بولۇپ كىرىپ، كېيىن ئاشۇ كۇلۇبنىڭ باشلىقى بولدى. ئۇنىڭ غايىلىرى ۋە ئاشۇ غايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئۇنىڭدا ئىنتايىن كۈچلۈك ئىرادە ۋە ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.

b3_Apar_Pataer.jpeg

3-رەسىم: دوكتور غاپپار پەتتار

غاپپار 1988-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ خەلق دوختۇرخانىسىغا دوختۇر بولۇپ خىزمەتكە كىرىپ، ئۇ يەردە ئىككى يىل ئىشلىدى.

ئۇ 1990-يىلى ياپوننىڭ ئوساكا شەھىرىدىكى ئوساكا تىل مەكتىپىگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ چەت ئەلدىكى ھاياتىنى باشلىدى. ئۇ ھەر كۈنى كۈندۈزى مەكتەپتە ئوقۇپ، ئاخشىمى تاكى يېرىم كېچىگىچە بىر رېستوراندا كۈتكۈچى بولۇپ ئىشلىدى. شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ دەم ئالماي، ئوقۇش بىلەن ئىشلەشنى داۋاملاشتۇردى. ئۆزىنىڭ قاتتىق تىرىشچانلىقى بىلەن، بىر يىل ئىچىدىلا ياپونچىنى مۇكەممەل سۆزلىيەلەيدىغان بولدى. ياپون تىلىدىن باشقا، ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئىنگلىز تىلى ۋە ھۈجەيرە بىئولوگىيىسىگە ئائىت كەسپىي بىلىملەرنىمۇ بىللە ئۆگىنىپ ماڭدى.

غاپپار بىر يىل ئىچىدە ئۆزى پۇل تۆلەپ ئوقۇشقىمۇ يېتەرلىك پۇل يىغىپ، ياپونغا كېلىپ بىر يىل توشقان ۋاقىتتا كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىلتىماس قىلدى. غاپپار ئۈچۈن بۇ بىر ئەڭ ھالقىلىق قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈش بولۇپ، ھازىر مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ياپونىيە ۋە باشقا ئەللەردە ئۆزلىرى ئۈچۈن يول ئېچىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خېلى كۆپ. غاپپارنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلۈپ، 1991-يىلى كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى. بەش يىل تىرىشىپ ئوقۇپ، ئۇ 1996-يىلى كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى تېبابەتچىلىك فاكۇلتېتىنىڭ ھۈجەيرە بىئولوگىيىسى، راك كېسەل بىئولوگىيىسى ۋە پاتولوگىيە كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئوقۇش پۈتتۈرگەن يىلى ئۇ يەنە «ئەڭ ياخشى ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئوقۇش ۋە تەتقىقات جەھەتتىكى نەتىجىلىرى ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز فاكۇلتېتىدا «ياردەمچى پروفېسسور» (Assistant Professor) خىزمىتىگە قوبۇل قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇشۇ فاكۇلتېتقا خىزمەتكە كىرگەن بىرىنچى چەت ئەللىك پروفېسسور بولدى.

b4_Pataer_Mother.jpeg

4-رەسىم: غاپپارنىڭ ئاپىسى رەيىمخان مەمەت ھەدىمىز. 1997-يىلى غاپپارنىڭ ئاپىسى «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىدا تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنى تونۇشتۇرغان ماقالىگە «مەكتەپ كۆرمىگەن ئانا ئىككى دوكتور پەرزەنتنى قانداق تەربىيىلەپ ئۆستۈرگەن؟» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. غاپپارنىڭ ھەدىسى رەيھان پەتتارمۇ 1993-يىلى ياپوندا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان بولۇپ، ھازىر ئۇ ياپوندا خىزمەت قىلىدۇ.

1992-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە غاپپار يەنە ياپونىيەنىڭ ئوتسۇ قىزىل كرېست دوختۇرخانىسى (Otsu Red Cross Hospital) دا قوشۇمچە دوختۇر ۋە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى.

ئۆزىنىڭ مېدىتسىنا ساھەسىدىكى كەسپىي خىزمىتىدىن باشقا، غاپپار يەنە ھەر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، ياپونىيەنىڭ كيوتو رايونىدىكى بىر قانچە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرىدا لىدېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، 1998-يىلى بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە ياپونلۇق دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە كيوتو، نارا، كوبې ۋە ئوساكا رايونلىرىدا «تەڭرىتاغ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۇيۇشمىسى» نى قۇرۇپ چىقتى. ئۇيغۇر ۋە ياپونلارنى ئۆزىگە ئەزا قىلغان بۇ ئۇيۇشما ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا كېڭىيىپ مېڭىۋاتىدۇ، ھەمدە ياپونلارغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش، ۋە ياپونغا يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش جەھەتلەردە مۇھىم روللارنى ئويناۋاتىدۇ.

غاپپار ئۆز يۇرتىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ياردەم قىلىش ئىشىنىمۇ ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ (<http://tengritagh.turukusa.com/>).

1998-يىلى غاپپار ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى ئاندېرسون راك كېسىلى مەركىزىگە دوكتور-ئاشتى بولۇپ كىردى. بۇ ئورۇن راك كېسىلى تەتقىقاتىدا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بولۇپ، غاپپار ئاشۇ مەركەزنىڭ كۆكرەك ۋە يۈرەك قان-تومۇر ئوپېراتسىيىسى (Thoracic & Cardiovascular Surgery) بۆلۈمىدە ئۆپكە راك كېسىلىنى داۋالاش ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى. بۇ بۆلۈممۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆپكە راك كېسىلى تەتقىقاتىدا دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، دۇنيادىكى تۇنجى قېتىملىق ئىنسانلارنىڭ ئۆپكە راك كېسىلىنى داۋالاش سىنىقى مۇشۇ ئورۇندا ئېلىپ بېرىلغان. غاپپار مۇشۇ ئورۇندىكى دوكتور-ئاشتىلىق تەتقىقاتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۆز بۆلۈمىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىندى. ئۇ داۋاملىق تىرىشىپ، ياردەمچى پروفېسسور (Assistant Professor) پەللىسىدىنمۇ ئاتلاپ، 2011-يىلى مۇئاۋىن پروفېسسور (Associate Professor) سالاھىيىتىگىمۇ ئېرىشىپ بولدى.

b5_With_Dr_James_Watson.jpeg

5-رەسىم: دوكتور غاپپار پەتتار دوكتور جېيمىز دېۋېي ۋاتسون (James Dewey Watson) بىلەن بىللە. دوكتور ۋاتسون DNA نىڭ مولېكۇلىلىق تۈزۈلۈشىنى بايقىغان بولۇپ، ئاشۇ نەتىجىسى ئۈچۈن ئۇ 1962-يىلىدىكى نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئىلاۋە: ئامېرىكىدىكى ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرى تەربىيىلەش سالاھىيىتىگە ئىگە ئالىي مەكتەپلەردە پروفېسسورلۇقنىڭ جەمئىي 3 دەرىجىسى بار: ياردەمچى پروفېسسور، مۇئاۋىن پروفېسسور ۋە تولۇق ياكى ئۆمۈرلۈك پروفېسسور (Full Professor). بۇ 3 بالداقنىڭ بىر تۆۋەن بالدىقىدىن ئۇنىڭدىن يۇقىرى يەنە بىر بالداققا ئۆسۈش ئۈچۈن دەرس ئۆتۈش ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى جەھەتتە، شۇنداقلا ۋاقىت مۇددىتى جەھەتتە بەلگىلىك شەرتلەرنى قانائەتلەندۈرۈش كېرەك. ئادەتتە بىر بالداقتىن يەنە بىر بالداققا ئۆسۈش ئۈچۈن 5 يىلدەك ۋاقىت كېتىدۇ. «ئۆمۈرلۈك پروفېسسور» دېگەن سالاھىيەت ئەڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بىر ئادەم بىر ئالىي مەكتەپتە ئاشۇ سالاھىيەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەكتىپى ئۇ ئادەمنى خىزمىتىدىن ئېلىۋېتەلمەيدۇ. ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى يوق ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئىقتىسادىي كىرىمنى تۈپ مەقسەت قىلغان كىچىك ئالىي مەكتەپلەردە ئۇنداق تۈزۈم يوق بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلغان كىشىلەرگە ئاشۇ مەكتەپلەر ئۆز مەيلى بويىچە سالاھىيەت بېرەلەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنداق مەكتەپلەردە «ئۆمۈرلۈك پروفېسسور» دېگەن سالاھىيەتمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ.

ئىنىمىز غاپپار ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىدىكى داڭلىق خەلقئارالىق ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ بولدى. ئۇ ھازىر ئۆپكە راك كېسىلى ساھەسىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان مولېكۇلىلىق پاتولوگ ۋە ئالىملار (molecular pathologist and scientists) نىڭ بىرى.

ئىنىمىز غاپپار تورداشلارغا ناھايىتىمۇ تونۇشلۇق بولغان داڭلىق ناخشىچى سىڭلىمىز مۇقەددەس قۇربان بىلەن تۇرمۇشلۇق بولغان بولۇپ، ھازىر ئۇلارنىڭ توي قىلغىنىغا 18 يىل بولدى.  ئۇلارنىڭ بىر جۈپ ئوماق قوشكېزەك قىزى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسمى دىلفىرە بىلەن دىلمىرە.  سىڭلىمىز مۇقەددەس ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن قاتتىق تىرىشىپ، ئۆز ئالدىغا بىر خۇسۇسىي بىنا سودىسى شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتى.  بۇ شىركەتنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى «Premier International Realty» (<http://www.premierinternationalrealty.com/>) بولۇپ، مۇقەددەس ھازىر مەزكۇر شىركەتنىڭ لىدېرى ۋە ئاساسلىق ئىگىسى. بۇ شىركەت كارخانا بىنالىرى ۋە تۇرالغۇ بىنالاردىن ئىبارەت ئىككى خىل بىنالارنى باشقۇرىدىغان، بىنا سالىدىغان ۋە بىنالارغا مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان شىركەت بولۇپ، ھيۇستون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئىگىلىك ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.  ھازىر بۇ شىركەت 250 كارخانا بىنالىرىنى باشقۇرىدۇ.  سىڭلىمىز مۇقەددەس تەجرىبىلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك كارخانا لىدېرلىرىدىن بىرى بولۇپ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇ كۆپ قېتىم ھيۇستون شەھەرلىك بىنا سودىسى ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇكاپاتلىشىغا ئېرىشتى.

سىڭلىمىز مۇقەددەس ئۇيغۇر دىيارىدا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ، بۇرۇن ئارتىسلىقنى ئۆزىگە كەسىپ قىلغان.  ئۇ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئۆزلىگىدىن قاتتىق تىرىشىپ، بىر يېڭى كەسىپنى ئۆگەندى.  ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئاشۇ يېڭى كەسىپتىكى بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى بولدى.  يېڭى كەسىپتىكى بىر كارخانىچى بولدى.  ئۇ ھازىر ئامېرىكىدىكى باشقا ئوخشاش كەسىپتىكىلەر بىلەن رىقابەتلىشىپ ياشاۋاتىدۇ.  ياشىغاندىمۇ ناھايىتى ياخشى ياشاۋاتىدۇ.  قەددىنى تىك تۇتۇپ ياشاۋاتىدۇ.  ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا چوڭ بولۇپ ناخشىچى بولىۋاتقان، ئۇسسۇلچى بولىۋاتقان، ئارتىس بولىۋاتقان، ۋە باشقا خىلدىكى سەنئەتكارلاردىن بولىۋاتقان ئۇكىلار ئىنتايىن كۆپ.  ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ياشلار ئاشۇنداق يولنى ئۆز ئارزۇسى بىلەن تاللىغان بولماستىن، جان بېقىش ئۈچۈن ئاشۇنداق يولنى تاللاشقا مەجبۇرى بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.  ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يەنە بىر قىسىم ياشلار بولسا «مە بۇ ئىشتىن باشقىسىغا يارىمايمەن»، دەپ ئويلاۋاتقان بولىشىمۇ مۇمكىن.  ئەمما بىز سىڭلىمىز مۇقەددەستىن ئىبارەت مۇشۇ بىر مىسالدىن مۇنداق بىر ئىشنى يەكۈنلەپ چىقالايمىز:  ئەگەر ئامېرىكىدىكىدەك ھەممە كىشىلەر باراۋەر رىقابەتلىشىدىغان بىر شارائىت مەۋجۇت بولىدىغان بولسا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھازىر ئارتىس بولۇش يولىغا مېڭىۋاتقان ئاشۇ ئۇكىلارنىڭ ئىچىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك كارخانىچى بولالايدىغانلارمۇ كۆپلەپ چىقىدۇ.  دېمەك، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياشلار ئۈچۈن ھەممە كىشىلەر باراۋەر رىقابەتلىشىدىغان بىر شارائىتنى بەرپا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.  خىزمەت پۇرسەتلىرى ئالدىدا ھەممە كىشىلەر باراۋەر بولۇش، بازار ئىقتىسادى تۈزۈمىدە ھەممە ئادەم باراۋەر رىقابەتلىشىشكە ئائىت قانۇنلار بولسا ئۇلارنى ئىجرا قىلدۇرۇش، قانۇن بولمىسا ئۇنى بەرپا قىلدۇرۇش ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك توغرا ئىشلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى.

b6_muqeddes.jpg

6-رەسىم: غاپپار، مۇقەددەس ۋە ئۇلارنىڭ ئىككى ئوماق قىزى.

چەت ئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ «خىزمەت تارىخى» نى تەييارلاش بولۇپ، ئۇ ئىنگلىزچە «Curriculum Vitae, CV» دەپ ئاتىلىدۇ. تەلەپ قىلىنىدىغان يەنە بىر نەرسە ئۆزىنىڭ ئوقۇش پىلانى بولۇپ، ئۇ ئىنگلىزچە «Personal Statement» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىنىمىز غاپپار ۋەتەندىكى ياشلارنىڭ ئاشۇنداق ماتېرىياللارنى تەييارلىشىغا ياردەم قىلىشنى خالايدۇ.

ئىنىمىز غاپپارنىڭ بىر ئادىتى ئالىي مەكتەپتىكى ھەر خىل ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىش. ئۇنىڭ قارىشىچە بۇنداق ئىشلار ئادەمنىڭ تەجرىبىلىرىنى كۆپەيتىدۇ، شۇنداقلا ئادەمدە باشقىلار بىلەن ئۈنۈملۈك مۇناسىۋەت قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ. ئادەم ئۆز ھاياتىدا داۋاملىق تۈردە ئۆز ۋۇجۇدىنى ئىجابىي، سەلبىي ۋە نېيترال ھېسسىياتلار قاپلىۋالغان ئەھۋاللارنى ئۇچرىتىپ تۇرىدۇ. دەرستىن سىرتقى ياكى خىزمەتتىن سىرتقى ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئادەمنىڭ سەلبىي ھېسسىياتىنى ئازايتىدۇ، ياكى ئادەمدە سەلبىي ھېسسىياتنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئادەملەر بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر ئۈلگە تىكلىسىڭىز بولىدۇ، ئەمما سىزنىڭ ئۇ ئۈلگىدىن ئەينەن دورىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. سىز ئۆزىڭىزنىڭ غايىسى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۆز تارىخىڭىزنى يېزىپ چىقىشىڭىز، ھەرگىزمۇ ئۆز غايىڭىزنىڭ غايىب بولۇپ كېتىشىگە يول قويماسلىقىڭىز كېرەك.


ئاخىرقى سۆز

يۇقىرىدا تونۇشتۇرغان ئىككى نەپەر ئىنىمىز باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشىنى جۇڭگودا ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگودا بىر مەزگىل ئىشلەپ، ئاندىن ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەس، ئۆزى يول ئېچىپ چەت ئەلگە چىققانلار.  ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولۇپلا چەت ئەلگە چىقىشنى نىشانلاۋاتقان ئۇكىلار بار.  تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپلا چەت ئەلگە چىقىشنى پىلانلاۋاتقانلارمۇ بار.  شۇنداقلا ئالىي مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىنلا چەت ئەلگە چىقىش ئۈچۈن تىرىشۋاتقان ئۇكىلارمۇ بار.  ماڭا ئاشۇنداق ئۇكىلاردىن مەسلىھەت سورايدىغان خەتلەر داۋاملىق كېلىپ تۇرىۋاتىدۇ.  بىز يۇقىرىدىكى ئىنىمىز ئەبەيدۇللا بىلەن غاپپارنىڭ ئەمەلىيىتىدىن مۇنداق بىر يەكۈننى چىقىرالايمىز:  ئەگەر سىز تولۇقسىز، تولۇق ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، شۇنىڭغا ئۇلاپلا چەت ئەلگە چىقالماي قالسىڭىز، ھەرگىز ئەنسىرىمەڭ.  ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەڭ. سىزگە كېيىنچە يەنە يول بار.  شۇڭلاشقا بەلنى قويىۋەتمەي، داۋاملىق تىرىشىڭ.  مېنىڭ ئاتا-ئانىلارغا بېرىدىغان بىر تەكلىپىم:  بالىڭىزنى تولۇقسىز ياكى تولۇقنى پۈتتۈرۈپ بولۇشىغىلا چەت ئەلگە چىقىرىپ قويۇشقا ئالدىرىماڭ.  بالىڭىز چەت ئەلگە چىقىپ، ئۆزى مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگىمۇ-ئەمەسمۇ، سىز بالىڭىزنى ئاشۇنداق قىلىشقا تولۇق تەييارلاپ بولدىڭىزمۇ-يوق، بۇ جەھەتتە ئوبدانراق ئويلىنىڭ ۋە ئىزدىنىڭ.  ئەگەر تولۇق تەييار بولمىغان بالىنى چەت ئەلگە چىقىرىۋەتسىڭىز، ئۇ سىز بەرگەن پۇلنى خەجلەپ تۈگىتىپ، ئەمما ئوقۇشنى تۈگىتەلمەي قايتىپ كېتىدۇ.  بىز چەت ئەلدە ئاشۇنداق ئەھۋالنى ئارىلاپ-ئارىلاپ ئۇچرۇتۇپ تۇرىمىز.  بالىنىڭ نورمال ياشاپ چوڭ بولۇشى، ۋە ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزلىرىنى بەك قىينىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، بالىلار ئەڭ ياخشىسى باكلاۋۇرلىقنى جۇڭگودا ئوقۇپ، ئاندىن كېيىنكى ئوقۇشنى چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغىنى ياخشى.

مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى «‹پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش›ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە» دېگەن ماقالىسىدە [2] ئۆزۈمنىڭ نېمە ئۈچۈن «بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ» دېگەن تېما [3] ئاستىدىكى ماقالىلىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرغانلىقى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپلىگەن قېرىنداشلار ماڭا ئىنكاس، خۇسۇسىي ئۇچۇر ۋە ئېلخەت يېزىپ، مەندىن بالا تەربىيىسى ھەققىدىكى ماقالىلەرنى توختىتىپ قويماسلىقنى تەلەپ قىلدى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلگەن، ۋە سەمىمىي سۆزلىرى بىلەن ماڭا مەدەت بەرگەن بارلىق قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. مېنىڭ بالا تەربىيىسى ھەققىدىكى تېمىلارغا نىسبەتەن ھېلىقىدەك خۇلاسىگە كېلىپ قېلىشىمغا سەۋەبچى بولغان نەرسە ئۇلارغا چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ سانىنىڭ ئازلىقى ئەمەس - مەن يۇرتتىكىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى خېلى ياخشى چۈشىنىمەن. مېنىڭ ھېلىقىدەك ئويلاپ قېلىشىمغا سەۋەب بولغان نەرسە ئۇ ماقالىلەرنىڭ چېكىلىش قېتىم سانى ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ مەن پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ھەققىدىكى تېمىلارنى تاماملىغاندىن كېيىن، بالا تەربىيىسى ھەققىدىكى تېمىلارنى يەنە داۋاملاشتۇرىمەن. شۇڭلاشقا قېرىنداشلارنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] بىلىمخۇمار: چەت ئەلدە ئوقۇغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار
<http://bbs.izdinix.com/thread-62355-1-1.html>

[2] بىلىمخۇمار: «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە
http://bbs.izdinix.com/thread-62459-1-1.html

[3] بىلىمخۇمار: بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ
http://bbs.izdinix.com/thread-61626-1-1.html

[4] ئابدۇلھەمىد قاراخان
<https://www.facebook.com/abdulhamitkarahan?fref=photo>


قوشۇمچە (1): تۈركىيەدىكى 2015-يىللىق ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش باشلاندى

تۆۋەندىكى ئۇچۇرنى تۈركىيەدىكى ئىنىمىز ئابدۇلھەمىد قاراخان [4] تەمىنلىگەن. ئابدۇلھەمىد ئۇكىمىز بىلەن مەن 2006-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە تۈركىيەدىكى ھەقسىز ئوقۇشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تاللاش ئىشىنى بىللە قىلغان ئىدۇق. كېيىن ئۇ ئۆزى تەشەببۇس قىلىپ، ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ، ۋە ئۆزى باشقا بارلىق كىشىلەرگە قارىغاندا قاتتىقراق ئىشلەپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنى قۇرۇپ چىقتى، ھەمدە ئۇنىڭغا نەچچە يىل رەئىس بولۇپ ئىشلىدى. كېيىن ئۇ تۈركىيەدىكى بىر مۇھىم ئىدارىگە ئىشقا ئورۇنلاشتى. بۇ ئىنىمىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە بېرىپ ھەقسىز ئوقۇش ئىشىغا ئىزچىل تۈردە كۈچ چىقىرىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يولدا نۇرغۇن جاپالىق ئىشلارنى قىلدى، ھەمدە شۇنداق قىلىشنى ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. مەن كېيىنچە بۇ ئۇكىمىزنىمۇ بۇنىڭدىن تەپسىلىيرەك تونۇشتۇرىمەن.

تۆۋەندىكىسى ئابدۇلھەمىد ئۇكىمىز تەمىنلىگەن رەسمىي ئۇچۇر.

تۈركىيەدىكى 2015-يىللىق ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس قىلىش 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي باشلاندى.

تۈركىيە باش مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسى www.turkiyeburslari.gov.tr تور بېتىدە بىلدۈرۈشىچە، 2015-يىللىق ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش 25-فېۋرال باشلىنىپ، 31-مارت كۈنى تۈركىيە ۋاقتى كەچ سائەت 24:00 تە ئاخىرلىشىدۇ.

بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

--ماگىستىرلىق ئوقۇش مۇكاپاتى بىر ئايدا 850 لىرا (تەخمىنەن 343 دوللار)
--دوكتورلۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىر ئايدا 1200 لىرا (تەخمىنەن 485 دوللار)
--بىر يىل تۈركچە تىل تەربىيىلەش كۇرسىدا ھەقسىز ئوقۇش
--ھەقسىز ئوقۇغۇچىلار ياتىقى
--تۈركىيەگە تۇنجى قېتىمقى كېلىش ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىكى قايتىش ئايروپىلان بېلەتلىرى
--سالامەتلىك سۇغۇرتىسى

ئەسكەرتىش: تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار تاماق ۋە تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈنلا دۆلەتتىن بەرگەن ئايلىق ئوقۇش مۇكاپاتىنى خەجلەيدۇ، باشقا ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى، داۋالىنىش راسخوتى دېگەندەك چىقىملارنىڭ ھەممىسىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى كۆتۈرىدۇ.

تۈركىيەدىكى بىر ئىشچىنىڭ بىر ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاشى 949 لىرا بولۇپ، يۇقىرىقى ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش مۇكاپاتى تۈركىيەنىڭ شارائىتىغا سېلىشتۇرغاندا خېلى ياخشى پۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى خاتىرجەم ھالدا باللىرىنى تۈركىيەگە ئەۋەتسە بولىدۇ.

تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇر تۆۋەندىكى تور بەتلىرىدە بار:
www.turkiyeburslari.gov.tr
http://www.turkiyeburslari.gov.t ... asvurulari-basliyor

بۇ ئوقۇشقا قىزىقىدىغان ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تولۇق تەييارلاپ، دەرھال ئىلتىماس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ۋە تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن، تۆۋەندىكى ئۇچۇرنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.

2015-يىللىق تۈركىيە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ھەققىدە:
<http://www.mengutas.com/chetel/?p=2899>


قوشۇمچە (2):

ئىتالىيە كامېرىنو ئۇنۋېرسىتېتى 2015-يىللىق فىزىكا كەسپى ماگىستىرلىق پروگراممىسىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئۇچۇرى:
http://bbs.izdinix.com/thread-62568-1-1.html


قوشۇمچە (3):  دوكتۇر غاپپار پەتتار ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ تىزىملىكى

دوكتور غاپپار پەتتار ھازىرغىچە كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ «باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسلەر» نىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، خەلقئارا ئىلمىي ماقالە ژۇرناللىرىغا بېسىلغان 15 پارچە ئىلمىي ماقالىسىنىڭ تىزىملىكى.

Selected15 Peer-Reviewed Original Research Articles (* Corresponding author)




[1]Pataer A, Fang B, Yu R, Kagawa S, Hunt KK, McDonnell TJ, Roth JA, Swisher SG. Adenoviral Bak overexpression mediates caspase-dependent tumor killing. Cancer Res 60(4):788-792, 2000.


[2]  Pataer A, Vorburger SA, Barber GN, Chada S, Mhashilkar AM, Zou-Yang H, Stewart AL, Balachandran S, Roth JA, Hunt KK, Swisher SG. Adenoviral transfer of the melanoma differentiation-associated gene 7 (mda7) induces apoptosis of lung cancer cells via up-regulation of the double-stranded RNA-dependent protein kinase (PKR). Cancer Res 62(8):2239-2243, 2002.


[3] Pataer A, Chada S, Hunt KK, Roth JA, Swisher SG. Adenoviral melanoma differentiation-associated gene 7 induces apoptosis in lung cancer cells through mitochondrial permeability transition-independent cytochrome c release. J Thorac Cardiovasc Surg 125(6):1328-1335, 2003.


[4] *Pataer A, Vorburger SA, Chada S, Balachandran S, Barber GN, Roth JA, Hunt KK, Swisher SG. Melanoma differentiation-associated gene-7 protein physically associates with the double-stranded RNA-activated protein kinase PKR. Mol Ther 11(5):717-723, 2005.


[5] Pataer A, Fanale MA, Roth JA, Swisher SG, Hunt KK. Induction of apoptosis in human lung cancer cells following treatment with amifostine and an adenoviral vector containing wild-type p53. Cancer Gene Ther 13(8):806-814, 2006.


[6] *Pataer A, Bocangel D, Chada S, Roth JA, Hunt KK, Swisher SG. Enhancement of adenoviral MDA-7-mediated cell killing in human lung cancer cells by geldanamycin and its 17-allyl- amino-17-demethoxy analogue. Cancer Gene Ther 14(1):12-18, 2007.


[7] *Pataer A, Hu W, Xiaolin L, Chada S, Roth JA, Hunt KK, Swisher SG. Adenoviral endoplasmic reticulum-targeted mda-7/interleukin-24 vector enhances human cancer cell killing. Mol Cancer Ther 7(8):2528-2535, 2008.


[8] *Pataer A, Swisher SG, Roth JA, Logothetis CJ, Corn PG. Inhibition of RNA-dependent protein kinase (PKR) leads to cancer cell death and increases chemosensitivity. Cancer Biol Ther 8(3):245-52, 2009.


[9] *Pataer A, Raso MG, Correa AM, Behrens C, Tsuta K, Solis L, Fang B, Roth JA, Wistuba II, Swisher SG. Prognostic significance of RNA-dependent protein kinase on non-small cell lung cancer patients. Clin Cancer Res 16(22):5522-8, 2010.


[10] *He Y, Correa AM, Raso MG, Hofstetter WL, Fang B, Behrens C, Roth JA, Zhou Y, Yu L, Wistuba II, Swisher SG, Pataer A. The Role of PKR/eIF2a Signaling Pathway in Prognosis of Non-Small Cell Lung Cancer. PLoS One 6(11):e24855, 2011.


[11] *Pataer A, Kalhor N, Correa AM, Raso MG, Erasmus JJ, Kim ES, Behrens C, Lee JJ, Roth JA, Stewart DJ, Vaporciyan AA, Wistuba II, Swisher SG, University of Texas M. D. Anderson Lung Cancer Collaborative Research Group. Histopathologic response criteria predict survival of patients with resected lung cancer after neoadjuvant chemotherapy. J Thorac Oncol 7(5):825-32, 2012.


[12] William WN, Pataer A, Kalhor N, Correa AM, Rice DC, Wistuba II, Heymach J, Lee JJ, Kim ES, Munden R, Gold KA, Papadimitrakopoulou V, Swisher SG, Erasmus JJ, University of Texas M.D. Anderson Lung Cancer Collaborative Research Group. Computed tomography RECIST assessment of histopathologic response and prediction of survival in patients with resectable non-small-cell lung cancer after neoadjuvant chemotherapy. J Thorac Oncol 8(2):222-8, 2013.


[13] *Guo C, Shao R, Correa AM, Behrens C, Johnson FM, Raso MG, Prudkin L, Solis LM, Nunez MI, Fang B, Roth JA, Wistuba II, Swisher SG, Lin T, Pataer A. Prognostic Significance of Combinations of RNA-Dependent Protein Kinase and EphA2 Biomarkers for NSCLC. J Thorac Oncol 8(3):301-308, 2013.


[14] Hellmann MD, Chaft JE, William WN, Rusch V, Pisters KM, Kalhor N, Pataer A, Travis WD, Swisher SG, Kris MG, University of Texas MD Anderson Lung Cancer Collaborative Group. Pathological response after neoadjuvant chemotherapy in resectable non-small-cell lung cancers: proposal for the use of major pathological response as a surrogate endpoint. Lancet Oncol 15(1):e42-50, 2014.


[15] *Guo C, Hao CC, Shao R, Correa AM, Behrens C, Fang B, Roth JA, Wistuba II, Swisher SG, Pataer A. RNA-dependent protein kinase (PKR) depletes nutrients, inducing phosphorylation of AMP-activated kinase in lung cancer. Oncotarget: In press, 2015.



3

تېما

2

دوست

2701

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28391
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 824
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 16:24:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقى نەتىجە قازانغانلارنىڭ باشلانغۇچ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا، تۇلۇق ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپلەرنى جۇڭگۇنىڭ مەكتەپلىرىدە ئۇقۇممۇتكەن ياكى چەتئەلدە ئۇقۇممۇتكەن؟ بۇنى بىر دىۋەتكەن بولسىڭىزكەن.
تەسەدىپى مۇنداق سۇئاللارنى سورغىنىمدىن ئەپسۇسلانماڭ. چۇنكى ھازىر تورلاردا ‹‹جۇڭگۇ مائارىپى بۇزۇلۇپ كەتتى، ئارقىغا چىكىندى، مەكتەپلەر مەكتەپكە ئوخشىماي قالدى›› دىگەندەك گەپلەر سامان نەرقى بۇلۇپ كەتتى. شۇڭا مەن يۇقارقى نەتىجە قازانغانلارنىڭ جۇڭگۇ مائارىپىدا ئۇقۇغانلىغىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم. شۇڭا سىزدىن سوردۇم. خاپا بولماي دەپ بەرگەن بولسىڭىزكەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

2

دوست

2701

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28391
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 824
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 16:27:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilqi62 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-27 16:36  

بۇ تىمىڭىزنىڭ 1-قىسمىنىمۇ ئەستايىدىل ئۇقۇغان، بۇ تىڭىزنىمۇ ناھايىتى ئەستايىدىل ئۇقۇدۇم. ھەمدە زور ئىلھاملاندىم. رەخمەت سىزگە. باشقىلارمۇ ئىلھاملانسىكەن دىگەن ئۇمىدىم بار.

0

تېما

0

دوست

1241

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33034
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 382
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 18:03:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  ئۆگىنىش ئۈلگىلىرىمىز ئىكەن

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

57

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 4444
توردىكى ۋاقتى: 809
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 18:35:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىمىلارنى يوللاپ ،يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار قىپ تۇرۇۋاتىسىز،سىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمىز ئەركىنكا.

0

تېما

1

دوست

436

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26258
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 20:23:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمگە ئىلھام بىرىدىغان ، يۈزلەرنى قىزارتىدىغان يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، رەخمەت سىزگە !

0

تېما

2

دوست

2289

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22136
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 728
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 20:39:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن ئاكا، سىزگە كۆپتىن -كۆپ رەھمەت . بۇگۈنكى ئىككى تېمىنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. ئۇلۇغ ئاللاھ سىزنىڭ ئىككىلى دۇنيادىكى غەملىرىڭىزنى كۆتۈرۋەتكەي.

0

تېما

6

دوست

1120

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25171
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 338
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 22:12:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭىمۇ شۇنداق پۇرسەت بولسىدى ئىسىت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )