قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 938|ئىنكاس: 3

توماس جېفىرسون ۋە جون ئادامس - تەڭرى ئورۇنلاشتۇرغان رىشتە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

1

دوست

199

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   66.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25070
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 11:35:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرى ئورۇنلاشتۇرغان رىشتە

تۇرغۇن ھۈسەيىن




    كۇۋىنسىي، ئاڭلىماققا بەكمۇ تونۇش بىلىنىدىغان بىر سۆز. ئۇ بىر يەر نامى، يېڭى ئىنگىلاند رايونىدا بىر كۇۋىنسىي قولتۇقى دەپ يەر بار؛ ئۇ يەنە بىر كىچىك شەھەرنىڭ ئىسمى، بۇ شەھەر كۇۋىنسىي قولتۇقىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا، شۇ شەھەر شۇ قولتۇقنىڭ نامى بويىچە ئاتالغان، بوستون بىلەن بولغان ئارلىقى پەقەت يەتتە مىل كىلىدۇ؛ ئۇ شۇنداقلا يەنە بىر ئادەمنىڭ ئىسمى، بۇ ئادەم مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئوخشاشلا مۇشۇ جايدا تۇغۇلغان دادىسى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا مۇشۇ ئىسىم قويۇلغان. ئاتا-بالا ئىككىسى بۇ كىچىك شەھەرنى ئامىرىكىغا تونۇتقان، ھەتتاكى ئۇنىڭ داڭقى ئامىرىكىدىنمۇ ھالقىغان. دېموكراتىك سايلام يولغا قويۇلغان ئامىرىكىدەك بىر دۆلەتنىڭ تارىخىدا، ئۇلار  ئىككىسى كەمدىن كەم تېپىلىدىغان ئاتا-بالا پرېزدىنتلاردۇر- ئۇلار بولسىمۇ ئامىرىكىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك پرېزدىنتى جون. ئادامس بىلەن ئالتىنچى نۆۋەتلىك پرېزدىنتى جون.كۇۋىنس.ئادامس.
    كۇۋىنسىي تولىمۇ گۈزەل بىر شەھەر. سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ يەر سىزنىڭ بارلىق كۈتكەنلىرىڭىزنى قانائەتلەندۈرەلەيدۇ: مول تارىخ ۋە مەدەنىي بايلىقلىرى، تىپ-تىنچ ئولتۇراق رايونلىرى،دولقۇنلار ئۇرۇلۇپ تۇرغان دېڭىز قىرغىقى مەنزىرىسى. ئاتا-بالا ئادامسلاردىن سىرت، ئامىرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىنىڭ رەئىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلىكى سەۋەبلىك، بىر قىسىم تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن ئامىرىكىنىڭ «ھەقىقىي بىرىنچى پرېزدىنتى» دەپ ئاتىغان جون.خەنكوكمۇ مۇشۇ يەردە تۇغۇلغان. شۇنىڭ ئۇچۈن كۇۋىنسىي شەھىرى كىشىلەر تەرىپىدىن «پرېزدىنت شەھەرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ياشىغان دەۋردە، كۇۋىنسىي تېخى ئىنتايىن كىچىك، ئاددى بىر جاي ئىدى. ئۇلار بۇ يەردە تۇغۇلغانلا ئەمەس، ئۇلار بەلكى ئۆزىنىڭ قسقىغىنا تۆت يىللىق پرېزدىنتلىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاياغلىشىپلا، ئۇلار يەنە ئاددىي پۇقرا ھالىتىدە، بۇ يەردىكى كونا ئۆيىدە ئاددىي ساددا تۇرمۇش كەچۈرگەن.
    ھازىر، جون.ئادامسنىڭ ئورۇندۇقى تېخىچە ساقلانماقتا. ئورۇندۇقنى ئۆرۈپ قارىسىڭىز، بىر پارچە سارغىيىپ كەتكەن بىر قەغەزچىنى كۆرىسىز. بۇ قەغەزدىكى خەتنى ئادامس ۋاپات بولغان كۈنى، ئۇنىڭ ئوغلى كۇۋىنسىي.ئادامس يازغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «دادام 1826-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇشۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ھالەتتە ۋاپات بولدى.» ۋە ئۆزىنىڭ ئىمزاسىنى يازغاندىن كېيىن ئۆز قولى بىلەن چاپلاپ قويغان. مۇشۇ كىچىككىنە تەپسىلاتتىن، بۈگۈنكى بىزلەر ئاتا-بالا ئىككىسى ئوتتۇرىدىكى چۇڭقۇر مىھىرنى ھېس قىلالايمىز، شۇنداقلا يەنە كۇۋىنسىي.ئادامستىكى تۇغما تارىخ ئېڭىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇ مۇشۇ كىچىككىنە ئىشنى خاتىرلەپ قويغان، ئەمما دەل مۇشۇ كىچىككىنە ئىش ئامىرىكا تارىخىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ۋەقە بولۇپ قالغان.
سەپداشلار
    ئامىرىكا ئىنقىلابى شىمالدىكى ماساچۇسىت شىتاتىدىن باشلانغان بولۇپ، ئادامس ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئەڭ مۇھىم رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئەينى چاغدىكى شىمالىي ئامىرىكىدا، ئوخشاشمىغان مۇستەملىكە رايونلىرى خۇددى ئوخشىمىغان دۆلەتلەرگە ئوخشاش بولۇپ، بىر-بىرىگە نىسبەتەن كۆڭلىدە چوڭ بىر توساق، بۆلۈنۈش بار ئىدى. ئادامس شۇنى كۆرۈپ يىتىدۇكى، جەنۇبتىكى ۋېرگىنىيە شىتاتىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قاتنىشىشى بولمىسا، ئامىرىكا ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قازىنىشى مۇمكىن ئەمەس. 1775-يىلى ئىيۇن، ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى مەزگىلىدە، دەل جون.ئادامسنىڭ تەكلىۋى ۋە تەرۈتكىسىدە، ۋېرگىنىيەدىن كەلگەن جورج.ۋاشىنگىتون چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا سايلىنىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن، يەنىلا شۇ جون.ئادامسنىڭ كۈچەپ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن، ۋېرگىنىيەدىن كەلگەن جىمغۇر مىجەزلىك توماس.جېفىرسون، ئادامس باشچىلىقىدىكى بەش كىشىلىك ئاساس قانۇن دەسلەپكى نۇسخىسىنى ئىشلەش گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان ۋە ئامىرىكا تارىخىدىكى بىرىنچى ئەڭ مۇھىم ھۆججەت-«مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نى يېزىپ چىققان. بۇ بىرى قەلەمدە، بىرى ئەلەمدە يىتىشكەن ئىككى ۋېرگىنىيەلىكنىڭ كېيىنكى داڭقى ئادامس ئۆزىنىڭكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ. توماس.جېفىرسون، بۇ ۋەتەن قۇرغۇچىلار ئارىسىدىكى ئەڭ يېشى ئىدى. ياش جەھەتتە، ئۇ ئادامسلاردىن ئون نەچچە ياش كىچىك ئىدى، سىياسىيغا ئارلاشقان ۋاقتى ئۇلاردىن يىگىرمە نەچچە يىل كېيىن ئىدى، يەنى جون.ئادامستىن توپتوغرا بىر ئەۋلاد كىيىن تۇراتتى. ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى ئورنىمۇ ئەلۋەتتە كۆپ تۆۋەن ئىدى. جېفىرسون پىكىر يۈرگۈزۈشكە ۋە يىغىنچاقلاپ يەكۈن چىقىرىشقا ماھىر، يېزىقچىلىق قابىلىيىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى. ئۇ «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نىڭ بېشىغا شۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىنسان تۇغۇلۇشىدىن باپباراۋەر »، «ھەرقانداق ئىنساننىڭ ياشاش، ئەركىنلىك ۋە ئۆز بەختىنى قوغلۇشۇش ھوقوقى بولىدۇ.» شۇنچىلىك ئىخچام، ئوچۇق ھەم كۈچلۈك، كامالىغا يەتكەن. لېكىن، كېيىنكى كىشىلەر مۇنداق بىر نۇقتىنى ئاساسى جەھەتتىن ئۇنتۇپ كەتتى، ئەينى چاغدا، جېفىرسوننىڭ يېشى كىچىك، تەجىرسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەگەر جون.ئادامسنىڭ كۈچەپ تەشەببۇس قىلىشى بولمىغان بولسا، ئۇنىڭ بۇنچە بۈيۈك ۋەزىپىنى ئورۇنلاش پۇرسىتىمۇ بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى.
     مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئادامس بىلەن جېفىرسون ئىككىسى بىرلا ۋاقىتتا ياۋروپاغا ئەلچى بولۇپ بارىدۇ، ئىككىسى ئىنقىلاب جەريانىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنۇتۇپلا قالماستىن، ئىككى ئائىلە ئەلچى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە قۇيۇق باردى-كەلدى قىلىش جەريانىدا، ئىككى ئائىلە ئوتتۇرسىدا چوڭقۇر دوستلۇق شەكىللەنگەن.
     مۇستەقىللىق ئۇرۇشى غەلبە قىلغاندىن كېيىن، 1789-يىلى، جورج.ۋاشىنگىتون ئامىرىكىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك پرېزدىنتى، جون.ئادامس مۇئاۋىن پرېزدىنت بولۇپ سايلىنىدۇ. پەقەت تۆتلا كىشىدىن تۈزۈلگەن ئىچكى كابىنتتا، توماس.جېفىرسون دۆلەت ئىشلىرى كاتىۋى بولۇپ سايلىنىدۇ. ئۇلار ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى فېدىراتسىيە تۈزۈمىدىكى دېموكراتىك دۆلەتنى قۇرۇپ چىققان، ئۇلار مۇشۇ ئۇلۇغ كۈرەش جەريانىدىكى سەپداشلاردىن ئىدى.
بۆلۈنۈش
    دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، جون.ئادامس بىلەن توماس.جېفىرسوننىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش ئىدىيىسى بىلەن سىتىراتىگىيىسى ھەققىدىكى زىددىيىتى ئاستا ئاستا كۆرۈلۈشكە باشلىغان. شىمالدىن كەلگەن ئادامس بولسا بىر رىئالىزىمچى ئىدى، ئۇ ئەينى چاغدىكى يىتەكچى ئورۇندا تۇرغان فېدىراتسىيە تۈزۈمىنى قوللايتتى، يەنى يىڭىلا دۇنياغا كەلگەن بۇ دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ھايات-ماماتى چوقۇم كۈچلۈك ھوقوقلۇق بىر مەركىزى ھۆكۈمەتكە تايىنىشى كېرەك، دۆلەتنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش ئۈچۈن بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا چوقۇم يېتەرلىك ھوقوق بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ خىل ھوقوق چوقۇم ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قولىدا مۇقۇم تۇتۇپ تۇرۇلىشى كېرەك دەپ قارايتتى. ئۇ «فىرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى»غا قارىتا گۇمانىي ۋە تەنقىدىي پوزىتسىيىدە بولۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئاممىغا مايىللىققا نىسبەتەن گۇمانىي ۋە ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە ئىدى. ئۇ ئەمەلىيەتچىل، ئېھتىياتچان بولۇپ، دۆلەتنى ئاقىللار ئىدارە قىلىشى كېرەك دېگەننى تەشەببۇس قىلاتتى.
     لېكىن جەنۇبتىن كەلگەن جېفىرسون ئۆمرىدە ئاددى پۇقرالار ئارىسىدا ياشاپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن پۇقرالار ھوقوقىنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئىدىيالىزىمچى، غايىشۇناس ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ھوقوقى ھەرقايسى شىتاتلارنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتكە ئۆتۈنۈپ بىرىشىدىن كەلگەن، ئەڭ مۇھىم ھوقوقلار چوقۇم شىتات ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا تۇرۇشى، پۇقرالارنىڭ قولىدا تۇرۇشى كېرەك دەپ قارايتتى. ئۇ «فىرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى»نى مەدھىيىلەيتتى، ئاددى دېھقانلارنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئادەملەر دەپ ماختايتتى. ئۇنىڭ مىجەزى قىزغىن، رومانتىك بولۇپ، ئۇ ئەينى چاغدا تېخى بىخ ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان پۇقرالار ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى قوللايتتى.
    1796-يىلى، جورج.ۋاشىنگىتون «ۋىدالىشىش نۇتقى» ئېلان قىلىپ، پرېزدىنتلىق ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتەشنى قەتئىي رەت قىلىپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىدۇ. چاتاق يېرى، ئەينى چاغدىكى سايلام تۈزۈمى بويىچە بولغاندا، پرېزدىنت بىلەن مۇئاۋىن پرېزدىنتلار سايلامغا قاتناشقان كاندىداتلار ئارىسىدىكى ئەڭ كۆپ سايلام بېلىتىگە ئېرىشكەن ئىككى نامزاتتىن سايلىنىشى كېرەك ئىدى. 1796-يىلىدىكى چوڭ سايلامدا، ئادامس پرېزدىنتلىققا، ئۇنىڭ بىلەن سىياسىي قارىشى ئەپلەشمەيدىغان جېفىرسون بولسا مۇئاۋىن پرېزدىنت بولۇپ سايلىنىدۇ. دۆلەت ئىدارە قىلىش قارىشىدىكى ئوخشىماسلىق، ستىراتىگىيە جەھەتتىكى زىددىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بولۇپمۇ سىياسىي پائالىيەتلەر جەريانىدىكى شەخسىي ئۇرۇنۇشلار، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇقنى بۇزغان. بۇ بىر جۈپ پرېزدىنت ۋە مۇئاۋىن پرېزدىنت بارلىق ئىچكى-تاشقى سىياسەتلەرگە ئائىت مۇھىم ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك تىغمۇ تىغ ئېلىشىدۇ.
    1798-يىلى، ھۆكۈمەتنىڭ نوپوزىنى چىڭىتىش ئۈچۈن، پرېزدىنت ئادامس فېدىراتسىيە تەرەپدارلىرىنىڭ پارلامىنتتا كۆپ سانلىقنى ئىگەللىگەنلىكىدەك قولايلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، «چەتئەل گەراژدانلىرى ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى تەستىقتىن ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ئامىرىكا تارىخىدىكى بىردىنبىر ئاخبارات ساھەسى ۋە سۆز ئەركىنلىكى قارىتا چىقىرىلغان قانۇن ھىسابلىنىدۇ. مۇئاۋىن پرېزدىنت جېفىرسون بۇ قانۇننى ئامىرىكا ئىنقىلابىنىڭ غايىسىگە قىلىنغان ساتقىنلىق دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «كېنتاكى قارارنامىسى» ۋە «ۋېرگىنىيە قارارنامىسى» ھەركىتىنى پىلانلاپ ۋە قوزغاپ، شىتات دائىرىسىدە بۇ فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇنىغا قارشى تۇرىدۇ. 1800-يىلىدىكى سايلام ۋاقتىغا كەلگەندە، ئادامس بىلەن جېفىرسوننىڭ ئۆز ئارا ئادا –جۇدا بولغانلىقى ئاللىقاچان ئاممىغا ئاشكارا بولۇپ كېتىدۇ. جېفىرسون فېدىراتسىيەچىلەرگە قارشى دېموكراتىيە پارتىيىسىنى تەشكىللەپ، سايلام جەريانىدا، گېزىت ژۇرناللاردىن پايدىلىنىپ، ئادامسنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىتراتىگىيەسى ئامىرىكا ئەركىنلىك غايىسىگە قىلىنغان ساتقىنلىق دەپ قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. ئادامسنى ئەڭ ئازابلىغىنى، بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ ئۇنىڭ شەخسىي ئىستىلى ۋە غۇرۇرىغا بىرىپ تاقالغىنى بولۇپ، تېخىچە ئەنئەنىۋى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئابروي كۆز قارىشىنى ساقلاپ كەلگەن بۇ كېشىلەرگە نىسبەتەن، بۇ بىر خىل چىدىغۇسىز ھاقارەت ھىسابلىناتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىلدىكى ھۇجۇملارنىڭ كەينىدە ئۆزى ئەينى چاغلاردا شۇنچە كۈچەپ يۆلىگەن جېفىرسون بار ئىدى.
     1800-يىلى، «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى» ئاممىنىڭ ئاخبارات، سۆز ئەركىنلىكىگە دەخلى تەرۇز قىلغانلىقى سەۋەبلىك بىردەك نارازىلىققا ئۇچىرايدۇ، ئادامس سايلامدا ئۆزىل-كىسىل مەغلۇپ بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسىي رەقىبى جېفىرسون ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ. جېفىرسون ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن،«بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى دەرھال بىكار قىلىپ، سابىق زوڭتۇڭ ئاساس سالغان ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسى ئاساسىدا، ئۆزىنىڭ دېموكراتىيەلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى باشلايدۇ. ئامىرىكا تارىخىدىكى داڭلىق«جېفىرسون دېموكراتىيە دەۋرى» شۇنىڭ بىلەن باشلىنىدۇ. جېفىرسوننىڭ كۆزقارىشى بىر مەزگىل مودا بولىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە، ئادامس بولسا دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى خاتا دىگەن ئاتاق بىلەن ۋەزىپىدىن قالغان بولۇپ قالىدۇ. ئادامس ئاممىنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋەتكەنلىكى ئادىل بولمىدى دەپ قاتتىق ئازابلىنىدۇ.
    1801-يىلى 4-مارت، جېفىرسون قەسەم ئىچىپ پرېزدىنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزىۋالىدۇ. ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقىدا، جېفىرسون ئادامس تەرەپكە يارىشىپ قېلىش توغرىسىدا ئازىراق كۆڭۈل ئىزھار قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « بىز ھەممىمىز فېدىراتسىيەچىلەرمىز، بىز ھەممىمىز يەنە دېموكراتىيەچىلەرمىز.» لېكىن ئادامس جېفىرسوننىڭ چاقىرقىنى ئاڭلىيالمىدى، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ مەپىسى يىگانە ھالدا شىمالدىكى كۋىنسىي شەھىرىگە قاراپ كېتىپ باراتتى. ئۇ يىڭى پرېزدىنتنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشمىدى. ئۇنىڭ يۈرىكى پارە-پارە بولۇپ كەتكەن ئىدى.
يارىشىش
    جون.ئادامس كۋىنسىيغا قايتىپ كەلگەن چاغدا، ھەم كۆڭلى يېرىم، ھەم قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ بىلەن جېفىرسون ئوتتۇرسىدا يەنىلا كونا سەپداشلار ئوتتۇرسىدىكى بىر خىل مۇرەككەپ ھېسسىيات بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ شەخسىي مۇناسىۋىتى ھەقىقىي يىمىرىلمىگەن ئىدى. تەخمىنەن تۆت يىلدىن كېيىنكى بىر قېتىملىق تاسادىپىي ئىش سەۋەبى بىلەن، ئىككىسىنىڭ بىر- بىرىگە بولغان نارازىلىقى ئاخىرى پارتىلاپ، بۇ ئىككى كونا دوست رەسمىي ئالاقىنى ئۈزىدۇ. بۇ ئىش جون.ئادامسنىڭ ئايالى ئەبىگېيلنىڭ بىر پارچە خېتىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
    1804-يىلى، جېفىرسوننىڭ قىزى مارىيا تۇغۇتىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئادامس خانىم جېفىرسونغا بىر پارچە تەزىيە خېتى يازىدۇ. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ھېسسىياتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، «ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى قەلەم تەۋرىتىشتىن توختاپ قالدىم، تاكى قەلبىمدىكى كۈچلۈك ھېسسىيات بۇ توساقلارنى بۆسۈپ ئۆتكەنگە قەدەر... » دەپ يازىدۇ. ئۇ كۆپ يىللار ئىلگىرى ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ياۋروپاغا ئەلچى بولۇپ بارغان مەزگىلدىكى كۈنلەرنى ئەسلەپ، ئۇ كۈنلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆتكۈزگەن كۈنلىرى ئىكەنلىكى، يەنە تېخى توققۇز ياشلىق مارىيا لوندونغا يىڭى كەلگەن چاغدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ مارىيانىڭ ۋاپاتىغا بولغان قايغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەبىگېيلنىڭ ھىسسىياتى ھەقىقىي ئىدى، مارىيا ۋاپات بولغان شۇ پەيتتە، ئۇ ئۆز ئېرى بىلەن جېفىرسون ئوتتۇرسىدىكى ئاداۋەتنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان ھالدا جېفىرسونغا ئۆزىنىڭ قايغۇلۇق ھىسسىياتىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ خەتنى يازغانلىقىنى ئېرىگە ئېيتمايدۇ.
    جېفىرسون بۇ خەتنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن بۇنى ئادامس ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆزى بىلەن ياراشماقچى بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ چۈشىنىدۇ، ۋە مۇشۇ پۇرسەتنى تۇتۇپ، دەرھال ئەبىگېيلغا بىر پارچە خەت قايتۇرىدۇ. ئەسلى بۇ ھەقىقەتەنمۇ يارىشىپ قېلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولالايتتى، بەلكىم يارىشىپ قېلىشنىڭ پەيتى تېخى پىشىپ يىتىلمىگەن بولسا كېرەك، جېفىرسون بۇ خەتنى ئۆز سىياسىي نۇقتىنەزىرىگە بولغان ئاقلاش شەكلىدە يىزىپ چىقىدۇ. ئۇ ئۆزى بىلەن ئادامسنىڭ ئۇزۇن يىللىق سىياسىي ھەمكارلىقى ۋە دوستلۇقىنى ئەسلەپ چىقىدۇ، لېكىن ئېچىشقان يەرگە تۇز سەپكەندەك، «گەرچە ئىككىمىز سايلام جەريانىدا بىر-بىرىمىزگە قارشى تۇرغان بولساقمۇ، لېكىن بىز ھېچقاچان بىر-بىرىمىزنىڭ يولىنى توسۇلغان ئەمەس.» دەپ يازىدۇ. جېفىرسوننىڭ بۇنداق دېيىشى ئۆزىنىڭ 1800-يىلىدىكى سايلامدىكى قىلغانلىرىغا بولغان ئۆز-ئۆزىنى ئاقلىشى ئىدى، ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ،« دوستلۇقتا بەزى ئىشلارنى كەچۈرۈۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. »، ئۇ ئۆزىنىڭ ئادامسنىڭ بەزى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى كەچۈۋەتكەنلىكىنى، ۋە ئۆزىنىڭ ئادامسقا بولغان ھۆرمىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دەل مۇشۇ سىياسىي گەپلەر بۇ قېتىملىق يارىشىش پۇرسىتىنى نابۇت قىلىدۇ.
    جېفىرسوننىڭ خېتى ئەبىگېيلغا نىسبەتەن ئېنىقلا ئاق-قارىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلغانلىق بولاتتى. كونا دوستلۇق ئۈچۈن يېزىلغان بۇ خەتنىڭ سىياسىي تالاش-تارتىشقا ئايلىنىپ قېلىشى سەۋەبىدىن ئەسلىدىنلا ئاران بېسىپ تۇرغان ئاچچىق غەزەپ تېشىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادامس قىلچە خەۋەرسىز ئەھۋالدا، بۇلار ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى خەت-ئالاقە بارغانسىرى يامانىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. كېيىن ئادامس بۇ خەتلەرنى كۆرگەن ۋاقتىدا، ئادامس بىلەن جېفىرسوننىڭ ئادا-جۇدا بولۇشى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان ھالەتكە يېتىدۇ.
    بۇ يىللاردا، جېفىرسون ئىنتايىن ئالدىراش ئۆتىدۇ. ئۇ ئۇدا ئىككى نۆۋەت زوڭتۇڭ بولۇپ سايلىنىپ سەككىز يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ئالدىنقى تۆت يىل خېلى ئوڭۇشلۇق ئۆتىدۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ قول تىقىپ باشقۇرۇشى ئاستىدا يولغا قويۇلغان «لۇئىزىئانا يەر سېتىۋېلىش لايىھەسى» نەتىجىسىدە ئامىرىكىنىڭ يەر كۆلىمى بىر ھەسسىدىن ئارتۇق چوڭىيىدۇ؛ لېكىن كېيىنكى تۆت يىلدا ئارقا- ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىراپ، ئۇنىڭ غايىۋى ئىدىيالىزىمچە خارەكتېرىنىڭ كەمچىلىكلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. 1808-يىلىدىكى سايلامدا، جېفىرسون ۋەزىپىدىن چۈشىدۇ. ئۇ ۋېرگىنىيەدىكى يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئالدىراش ئۆتىدۇ. ئۇ كۆپتە يېتىشكەن تالانت ئىگىسى بولۇپ، ئۇ ئۆزلۈكسىز پىكىر يۈرگۈزىدۇ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يەنە تېخى ۋېرگىنىيە ئۇنۋېرسىتىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز قولى بىلەن ۋېرگىنىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ياتاق بىنالىرىنى لاھىيىلەپ چىقىدۇ ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئامىرىكا ئۇ لاھىيىلىگەن دېموكراتىيە لىنىيەسىنى بويلاپ ئىلگىرلەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەپەككۇرى ۋە يازغان ئەسەرلىرى ئۆزىنىڭ بۇخىل دېموكراتىيە ئىدىيىسىنى ئەڭ ياخشى، ئەڭ سىستىمىلىق ھالدا ئىزاھلاپ بېرىدۇ، كېشىلەرمۇ بۇنىڭلىق بىلەن بۇ خىل ئىدىيىنى چۈشۈنىدۇ ۋە قۇبۇل قىلىدۇ، جېفىرسوننىڭ ئابرويىمۇ بارا-بارا ئۆسىدۇ.
    شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە، ئادامس بولسا قاتتىق ئازابلىنىدۇ. ئۇ يېزىقچىلىققا قېيىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆڭلىدىكى غەزەپ ئۇنىڭ تەپەككۈرىنى ئېلەشتۈرىۋېتىدۇ. ئۇ ئۆز تەرجىمىھالىنى يېزىشقا ئۈزلۈكسىز تىرىشىدۇ. ئۇ خىيالىدا جېفىرسوننىڭ تارىخىي ئەسلىمىسى كېشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا يېزىلغان، پەقەت ئۆزىنىڭ يازغانلىرىلا ھەقىقەت دەپ ئويلايدۇ. ئۇ ئامىرىكا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ھەقىقەتنى، فېدىراتسىيە تەرەپدارلىرىنىڭ ئامىرىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تۈزۈلمە قۇرۇلۇشى جەريانىدىكى يىراقنى كۆرەرلىكى، ئاقىلانىلىكى ۋە ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى، ئەينى چاغدىكى تارىخىي شەخىسلەرنىڭ كەمچىلىكلىرىنى، ئەشۇ تارىختا يۈز بەرگەن خاتالىقلارنى يېزىپ چىقماقچى بولىدۇ. بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ كۋىنسىيدىكى كونا ئۆيىدە خۇددى قاپساغلىق يېرتقۇچقا ئوخشاش تېڭىرقاپ يۈرۈيدۇ، ھەقىقەتنى يورۇتۇپ بېرىشكە قانچە ئالدىرغانسىرى ئۇنىڭ قەلىمى شۇنچە قىلايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ يازغان تەرجىمىھالى پەقەت بىر دۆۋە تەرتىپسىز خاتىرە ھالىتىدە قالىدۇ.
     بۇ يىللاردا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقا، ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭ تەسەللىي بەرگىنى، ئۇنىڭ يەنە بىر كونا دوستى، ئامىرىكا «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نىڭ يەنە بىر ئىمزا قويغۇچىسى- بېنجامىن. راش. راش بولسا بىر دوختۇر شۇنداقلا تىببىي پەنلەر پروفىسسور ئىدى. دۆلەت قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ تەبىئىي ھالدا جېفىرسون ۋە ئادامس ھەر ئىككىلىسىنىڭ  دوستى ئىدى. ئۇ ئادامس ئەڭ ئازابلىنىۋاتقان كۈنلەردە ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق خەت ئالاقىسى قىلىپ تۇرىدۇ. ئادامس ئۈچۈن ئېيتقاندا، راش ئۇنىڭ سۇنۇق كۆڭلىنى داۋاشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان زات ئىدى. ئۇلار بىرلىكتە تارىخ توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ، تارىخقا باھا بېرىدۇ، ئېقىم مەسىلىلىرى ۋە سىياسىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرى ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشىدۇ.
1809-يىلى،راش ئۆزىنىڭ ئادامسقا يازغان خېتىدە، ھاياتىدا مۇش كەمگىچە كۆرۈپ باققان ئەڭ ئاجايىپ چۈشىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ. ئۇ چۈشىدە ئادامسنىڭ جېفىرسونغا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ئاخىرى پىنسىيىگە چىققانلىقىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى، ئاندىن جېفىرسوننىڭ بىر پارچە سەمىمىي خەت يازغانلىقىنى، شۇندىن كېيىنكى نەچچە يىل جەريانىدا، ئادامس بىلەن جېفىرسوننىڭ ئۆز-ئارا خەت ئالاقىسى قىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى ئاندا-مۇندا ھېس قىلغانلىقىنى، ئامىرىكا ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئورتاقلاشقانلىقىنى ۋە ھەممىگە مەلۇم بولغان دوستلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرىدۇ. ئۇ ھەتتا ئىككىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ مەدھىيىسى ئاستىدا قەبرىگە قويۇلغانلىقىنى چۈشىگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
ئادامس دەرھال خەت قايتۇرۇپ، بۇنىڭ پەقەتلا بىر چۈش ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئەشۇ چۈشتىكىدەك قىلىشنى ئويلىشىپ باقمىغانلىقىنى يازىدۇ.
راش بۇ چۈشى ھەققىدە جېفىرسونغىمۇ خەت يازىدۇ، ۋە جىفىرسوننى ئاكتىپ بولۇشقا تەۋسىيە قىلىدۇ. لېكىن ئۇمۇ ئۇنداق قىلمايدۇ، بەلكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا ئادامس خانىمغا يازغان خېتىنى يارىشىپ قېلىش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇنۇش، ئەمما نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىدى دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن.
ئىككى يىلدىن كىيىن،1811-يىلى، ئادامس ئۆزىنى كۆرگىلى كەلگەن بىر دوستىغا، ئۆزىنىڭ جېفىرسونغا بولغان دوستلۇقىنى ئىزھار قىلىپ، ئۆزى بىلەن جېفىرسوننىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش ئىدىيىسى ۋە ستراتېگىيىسى جەھەتتە زىتلىقنىڭ ھېچقاچان ئۆزىنىڭ جېفىرسونغا بولغان مۇھەببىتىنى يوقىتىۋېتەلمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۆتمۈشتىمۇ شۇنداق، ھازىرمۇ ھەم شۇنداق ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىدۇ. جېفىرسون بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال راشقا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئادامسنىڭ سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا بولغان قايىللىقىنى ئىزھار قىلىدۇ. ئادامس شۇ يىلى روژدىستۋا بايرىمىدا راشقا يازغان خېتىدە، ئۆزى بىلەن جېفىرسون ئوتتۇرسىدىكى سىياسىي ئىختىلاپنى ئوموميۇزلۈك بىر بايان قىلىپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئۇ ئۆزىنى كونترول قىلالايدىغان ھالغا كەلگەن بولۇپ، سۆزلىرى يۇمۇرلۇق ۋە سىلىق-سىپايە ھالەتكە قايتقان ئىدى. بۇ بىر جۈپ دۆلەت قۇرغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپ ئوتى گەرچە تېخى يالقۇنجاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يانار تاغنىڭ پارتىلىشى ئاخىرى ئاجىزلاشقان ئىدى.
     بىر قانچە كۈندىن كېيىنكى 1812-يىل يىڭى يىل بايرىمىدا، ئادامس ئاخىرى ھالقىلىق بىر قەدەم ئالىدۇ. ئۇ جېفىرسونغا بىر پارچە خەت يوللاپ، ئۆزىنىڭ جېفىرسونغا ئىككى پارچە «ئۆيدە توقۇلغان رەخت» سوۋغا قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. جېفىرسون سوۋغاتنى تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىتتا، ئەسلى سوۋغاتنىڭ ئادامسنىڭ ئوغلى، جون.كۇۋىنسنىڭ يېقىندا نەشىردىن چىققان ئىككى كىتابى ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.
بۇ ئىشتىن ئەڭ قاتتىق ھاياجانلانغىنى راش ئىدى. ئۇ دەرھال ئادامسقا خەت يېزىپ مۇنداق دەيدۇ:-«مەن سىزنىڭ كونا دوستىڭىز جېفىرسون بىلەن بولغان ئالاقىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىڭىزدىن بەكمۇ خۇش بولدۇم. مەن سىلەرنى ئامىرىكا ئىنقىلابىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپى بىلەن شىمالىي قۇتۇپى دەپ قارايمەن. بەزىلەر سۆز بىلەن، بەزىلەر يېزىقچىلىق بىلەن، يەنە بەزىلەر ئامىرىكىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان، لېكىن سىز ۋە جېفىرسون ئەپەندى بولسا بىز كۆپچىلىك ئۈچۈن ئويلاندىڭلار، ئۆز زېھنىڭلارنى بېغىشلىدىڭلار. » ئادامس جاۋاب خېتىدە چاقچاق قىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:-« سىزنىڭ چۈشىڭىز رىئاللىققا ئايلاندى... سىزنىڭ بىشارىتىڭىز ئەمەلىيەتكە ئايلاندى! سىز بىر مۆجىزە ياراتتىڭىز! ».
   شۇندىن بۇيانقى 14يىل مابەينىدە،شىمالدىكى ماساچۇسىت شىتاتىنىڭ دېڭىز بويى شەھەرچىسى-كۇۋىنسىي بىلەن جەنۇبتىكى ۋېرگىنىيە شىتاتىنىڭ جېفىرسون قورۇقى ئارىسىدا، ئامىرىكا تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالاقە باشلىنىدۇ.
    ئالاقە
    توپتوغرا 14يىل، ئامىرىكىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك پرېزدىنتى جون.ئادامس بىلەن ئۈچۈنچى نۆۋەتلىك پرېزدىنتى توماس.جېفىرسون، ئۆز ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇپ، قەلەم قەغەزلەر بىلەن ئۆزلىرى بىلەن دەۋىرداش بولغان ئاشۇ بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن كەچمىشلىرى ۋە ياراتقان نەتىجە-تۆھپىلىرىنى ئەسلەپ چىقىدۇ. ئۇلار ياراتقان شانلىق ھاياتقا ھېچكىم يېتەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمدىلىكتە ئۇلار قېرىغان، سىياسىي سەھنىدىن چىكىنگەن، نۆۋەتتىكى سىياسىي ئىشلاردىن غېمى يوق، شەخسىي ئابروي بىلەنمۇ ئانچە ھىسابلىشىپ كەتمەيدىغان بولغانىدى. ئۆز ئۆمرىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ تارىخ ئالدىدىكى، كېيىنكى ئەۋلادلار ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى چۈشىنەتتى. ئادامس ئۆزىنىڭ جېفىرسونغا يازغان خېتىدە، بىز ئۆز نۇقتىنەزىرىمىزنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتسەك ھەرگىز بولمايدۇ دەيدۇ.
    شۇنداق قىلىپ، توپتوغرا 14يىل، جەنۇپ بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كىچىك يولدا، پوچتا ھارۋىسى بۇ ئىككى ۋىزىپىدىن قالغان زۇڭتۇڭنىڭ خەتلىرىنى توختىماستىن توشۇيدۇ. خۇددى راشنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئادامس بىلەن جېفىرسون ئامىرىكا ئۈچۈن ھەقىقىي تەپەككۈر يۈرگۈزگەن كىشىلەر ئىدى، شۇنداقلا يەنە دۆلەت قۇرۇش ئىدىيىسى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش ستىراتىگىيىسى جەھەتتە، بۇ ئىككى ھەقىقەتەن ئامىرىكىنىڭ «جەنۇبىي قۇتۇپى» ۋە «شىمالىي قۇتۇبى» ئىدى. ئۇلار خەتلىرىدە، ئامىرىكا مۇستەقىللىقى ۋە دۆلەت قۇرۇلغان ئەڭ دەسلەپكى نەچچە ئون يىل مابەينىدە دۇچ كەلگەن ھەرخىل مەسىلىلەر، ھەر قايسى تارىخىي پەيتلەردىكى قارارلارنى ئۆزىنى توختىۋالغان ھالدا ئەسلەپ چىقىدۇ، پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، مۇنازىرىلەر قىلىشىدۇ. جېفىرسون ئۆزىنىڭ دېموكراتىك قارىشىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، ئامىرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ كەلگۈسىدە چوقۇم دېموكراتىك يولدا ماڭىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ فرانسىيە ئىنقىلابىغا ھۆكۈم قىلغاندا خاتالاشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بىلەن جېفىرسون ئادامس ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ھەرخىل سىياسىي ۋاستىلەر ئارقىلىق ئادامسنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنگە كەلگەندە، ئۇ ئاخىرى بۇنىڭ ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىمەن، دەيدۇ.
     ئادامس بىلەن جېفىرسون كونكىرت سىياسەتلەر توغرىسىدا مۇنازىرىلەر قىلىدۇ، ۋە ئۆزلىرى ئوتتۇر- سىدىكى ئەڭ چوڭ ئىختىلاپ ــــــ ئاقىللار ئىدارە قىلىش بىلەن پۇقرالار ئىدارە قىلىش ئۈستىدىمۇ ھەم مۇنازىرىلەر ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ بايان قىلغانلىرى ئامىرىكا دېموكراتىك تۈزۈمىنىڭ قىممەتلىك  ئىدىيىۋى مىراسى بولۇپ قالدى. تا بۈگۈنگە قەدەر، ئامىرىكا دېموكراتىك تۈزۈمى تارىخى تېخىچە مۇشۇ ئىككى نەزىرىيىۋى مىراس ئوتتۇرسىدا تەڭپۇڭلۇق ئىستىمەكتە. جېفىرسوننىڭ خەلق دېموكراتىيىسى ئارزۇسى، ھازىر پۈتۈن دۇنيا خارەكتىرلىك قىممەت قارىشىغا ئايلاندى؛ بىراق 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە، بىر ئەسىرگە يېقىن سۈكۈتتە تۇرغان ئادامسنىڭ ئىدىيىسى قايتىدىن كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتىپ، ئادامسنىڭ ئەينى زاماندىكى سىياسىي رىئاللىق توغرىسىدىكى توغرا ۋە چوڭقۇر مەنىلىك ھۆكۈملىرىگە بارغانسىرى ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى.
    ئىككى دۆلەت قۇرغۇچى، ئىككى ئوخشىمىغان قاراشتىكى سىياسىيشۇناس، ئىككى سابىق زوڭتۇڭ مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بىر-بىرى ئارىسىدىكى زىددىيەت ۋە ئاداۋەتنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئۇلار مۇشۇ خەت-چەكلەر ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلارغا شۇنى بىلدۈرمەكچى بولىدۇ، تۆھپە، نەتىچە چوقۇم ياراتقان بايلىق، پۇل بولۇشى ناتايىن، ھوقوق شەخسىي مۈلۈك بولۇشى ناتايىن، سىياسىي رەقىبلەر ھايات-ماماتلىق دۈشمەن بولۇشى ناتايىن، سىياسىيشۇناسمۇ ئوچۇق-ئاشكارا يۈرەلەيدىغان ۋىجدان ئىگىسى بولالىشى مۇمكىن، سىياسىي نۇقتىنەزەر ۋە ئەمەلىي سىياسەتلەرنىڭ توغرا-خاتالىقى ھەققىدە ئوچۇق ئاشكارا مۇنارىرىلەر ئېلىپ بېرىشقا تامامەن بولىدۇ، سىياسىيمۇ ھەم ئىپلاس سودا بولمايمۇ سىياسىي بولالايدۇ.
بۇ ئىككى زوڭتۇڭ مۇشۇ 14يىل جەريانىدىكى 158 پارچە خەت ئارقىلىق، ئامىرىكا پرېزدىنتلىرىنىڭ ۋەزىپىدىن توختىغاندىن كېيىن ئەسلىمە شەكلىدە ئۆز ئىدىيىسىنى بايان قىلىش، تەجىربە-ساۋاق يەكۈنلەش ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلارغا سىياسىي مىراس قالدۇرىدىغان ئەنئەنىنى ياراتتى.
مۆجىزە
    يازە ياز... ئاستا-ئاستا ئۇلار تۆت ئەتراپقا نەزەر تاشلىغىنىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئامىرىكا ئىنقىلابى دەۋرىدىن قېلىپ قالغان «بىردىن بىر نەتىجە» ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. جېفىرسون ئادامسقا يازغان خېتىدە مۇنداق دەيدۇ: « پۈتۈن ھاياتىمغا قايتا نەزەر تاشلىغىنىمدا، خۇددى بىر جەڭ مەيدانىغا نەزەر تاشلىغاندەك بولىمەن، ھەممە ئادەم...ھەممە ئادەم ئۆلۈپ تۈگىدى؛ پەقەت بىزلا يالغۇز ھايات قالدۇق،  يېڭى بىر ئەۋلاد ئارىسىدا ياشىماقتىمىز. بىز ئۇلارنى چۈشەنمەيمىز، ئۇلارمۇ ھەم بىزنى چۈشەنمەيدۇ.» ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاشۇ بىر نەچچە يىلىدا، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇق، ئۇلار ئۈچۈن بىردىن  بىر تەسەللى بولۇپ قالىدۇ.
   1826-يىلى، ئامىرىكا مۇستەقىللىقىغا 50 يىل بولىدۇ. بۇ يىلى، ئەينى چاغدا «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»گە ئىمزا قويغۇچىلاردىن پەقەت ئۈچ كىشىلا ھايات بولۇپ، جون ئادامس بىلەن توماس جېفىرسوندىن باشقا، يەنە مارىلان شىتاتىدىكى چارلىز كارلو قالغان ئىدى. دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا ۋېرگىنىيە شىتاتى ۋە ماساچۇستىس شىتاتىدىكىلەر جېفىرسون بىلەن ئادامىسقا تەكلىپنامە يوللايدۇ، لېكىن بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھېچقانداق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا يار بەرمەيتتى. جېفىرسون بىر قانچە كۈن سەرپ قىلىپ، گېزىتكە ئاتاپ دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ئۈچۈن بىر خۇلاسە ماقالىسى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ پىكىرى يەنىلا شۇنچە ئوچۇق، قەلىمى شۇنچە گۈزەل ۋە يىغىنچاق، دېموكراتىيىگە بولغان ئىشەنچىسى يەنىلا شۇنچە مۇستەھكەم ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ خەلق ھوقوقى ۋە خەلقنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئادارە قىلىشىغا بولغان ئىشەنچىنى بايان قىلىپ، " خەلق ھەرگىزمۇ تۇغۇلۇشىدىنلا ئۆشنىسىگە ئېگەر ئارتىلىپ، بىر قىسىم ئۆتۈكلۈك ئادەملەر ئۈستىگە مىنىپ باشقۇرسۇن دەپ يارىتىلمىغان." دەپ كېسىپ ئېيتىدۇ. كۋىنسىي كەنتىدە بولسا، ياشانغان ئادامس دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ھەممە بىرلىكتە  مەڭگۈلۈك مۇستەقىللىق ئۈچۈن قەدەھ كۆتۈرۈپ قۇتلۇقلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
        3-ئىيۇل كۈنى كەچتە،توماس.جېفىرسون تۇيۇقسىز ھۇشىدىن كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قىلغان سۆزى يېنىدىكى دوختۇر ۋە ئائىلىسىدىكىلەردىن " بۈگۈن 4- چىسلا بولدىمۇ؟" دېيىش بولىدۇ
     ئۇ ئەڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە ھۇشسىز ھالەتتە خۇددى مەلۇم بىر ۋاقىتنى كۈتىۋاتقاندەك قەيسەرلەرچە تېركىشىپ، ئىككىنچى كۈنى چۇشتىن ئازىراق ئۆتكەندە، بۇ سابىق پرېزدىنت ئاخىرى نەپەستىن توختايدۇ. ئەللىك يىل بۇرۇنقى مۇشۇ پەيتتە، ئامىرىكىنىڭ ئاشۇ بىر ئەۋلاد دۆلەت ئاتىلىرى ئۇ تۈزۈپ چىققان «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»غا ئىمزا قويۇۋاتاتتى. جېفىرسون ۋاپات بولغان شۇ پەيتتە دېگۈدەك، يىراق شىمالدىكى كۋىنسىيدىكى جون.ئادامسمۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ھالەتتە تۇيۇقسىز مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، ھوشۇدىن كېتىدۇ. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن جون.ئادامس قازا قىلىدۇ. ئەللىك يىل بۇرۇنقى مۇشۇ پەيتتە، ئامىرىكا دۇنياغا كەلگەن ئىدى!
        بۇ ئىككى نەپەر «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈچى، ئامىرىكا سىياسىي ئىدىيىسىنىڭ ئاساس سالغۇچىلىرى، ئامىرىكا دۆلەت ئىدارە قىلىش ستراتېگىيىسىنىڭ ياراتقۇچىلىرى، «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ۋۇجۇدقا كېلىپ 50 يىلغا توشقان كۈنى ئوخشاش بىر كۈندە، ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ بەش سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى. ئۇلارنىڭ كۆپ يىل ئىلگىرىكى قەدىناس دوستى راشنىڭ كۆرگەن چۈشى ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. ئىككىنچى بىر ئىنسان، بۇنداق ئاجايىپ ئۇدۇل كېلىپ قېلىشنى تەسەۋۋۇر قىلالىشى ناتايىن. بۇ مۆجىزىنى كۆرگىنىڭىزدە، ئىختىيارسىز ھالدا تەڭرى بىزگە مۇنداق دېمەكچىمۇ قانداق دەپ ئويلاپ قالىسىز: كەلگۈسىدىكى ئامىرىكا رەھبەرلىرى، پەقەت جېفىرسون بىلەن ئادامسنىڭ ئىدىيىسى ئارىسىدا، ئاقىللار ئىدارە قىلىش بىلەن ئوموم خەلق ئىدارە قىلىش ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق ساقلىيالىغاندىلا، ئاندىن ئەركىنلىك يولىدا خاتىرجەم داۋام قىلالايدۇ.

بۇ ماقالىنى ئەسلى ئىزدىنىش تورىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دوستلارنىڭ ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن بۇ يەرگە قايتا يوللاندى، ئەسلى ئەسەر خەنزۇچە«一路走来一路读»دېگەن كىتابتىن تەرجىمە قىلىنغان.

ئامىرىكا ئىچكى ئۇرۇشى

چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى

جون ئادامس

توماس جېفىرسون

جېفىرسوننىڭ تۇرالغۇسى

جېفىرسون ھەيكىلى


جېفىرسون خاتىرە سارىيى

0

تېما

1

دوست

2529

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28208
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 790
توردىكى ۋاقتى: 175
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 01:27:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yahxi tima    tomas jiffirson hakkide tehimu jik nesini bilwaldim
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1361

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   36.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34488
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 390
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 23:40:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي..    ئەمىركا....................  بەزىلەنى  خوش قىلغىنىڭ بىلەن يەنە بەزىلەنى قان يىغلىتىسەن.....................................  بۇ ئامىركىنىڭ  دىمكۇراتىيىسى ئاەملەننى قايمۇق تۇردىغان دىمكۇراتىيەمۇ  قانداق....................................؟

0

تېما

0

دوست

1361

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   36.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34488
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 390
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 23:41:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا بىزنىڭ جۇڭخۇا خەلىق جۇمۇريىتىمىز..ياخشى  ...... ماۋجۇشى  ياخشى...قانداق دىدىم  بالىلا  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )