مەن قىلغان يەنە بىر يېڭىلىق ناسا ژورنىلىدا خەۋەر قىلىندى
بىلىمخۇمار
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
مەن قىلغان يەنە بىر يېڭىلىق «ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» (NASA Tech Briefs) ژورنىلىنىڭ 2015-يىلى 2-ئايلىق سانىدا خەۋەر قىلىندى [1]. تۆۋەندە مەن بۇ قېتىمقى يېڭىلىقنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىمەن.
--بىر مېتىر 1000 مىللىمېتىرغا تەڭ.
--بىر مىللىمېتىر 1000 مىكرو-مېتىرغا تەڭ.
--بىر مىكرو-مېتىر 1000 نانو-مېتىرغا تەڭ.
--يەنى، بىر مېتىر 1000000000 نانو-مېتىرغا تەڭ بولۇپ، بىر مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قىلنى بىر مىليارد پارچىغا ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتا كەسسە، ئۇنىڭ بىرىنىڭ ئۇزۇنلىقى بىر نانو-مېتىر بولىدۇ.
--ئىنسان چېچىنىڭ توملۇقى 17 مىكرو-مېتىردىن 181 مىكرو-مېتىرغىچە كېلىدۇ [2].
ئالەم تېلېسكوپلىرىغا ئوخشاش ئوپتىكىلىق سىستېمىلارغا قويۇلغان تەلەپلەر ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئاشۇنداق تېلېسكوپلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەيدىغان بىر مۇھىم قىممەت «دولقۇن فرونتى خاتالىقى» (wavefront error) دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر نۇرنى قايتۇرىدىغان بىر ئەينەكنىڭ يۈزىنىڭ تەكشىلىكىدە 50 نانو-مېتىر خاتالىق بار بولىدىكەن (يەنى، ئەينەكنىڭ يۈزىدىكى ئېگىز-پەسلىكنىڭ ئەڭ چوڭ ئېگىزلىكى 50 نانو-مېتىر بولىدىكەن)، ئۇ 100 نانو-مېتىرلىق دولقۇن فرونتى خاتالىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھازىر بىز ياساۋاتقان ئالەم تېلېسكوپلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەينىكىنىڭ دىئامېتىرى بىر مېتىردىن چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە چوڭ-كىچىكلىكى ھەر خىل بولغان 20 دىن كۆپرەك نۇر قايتۇرىدىغان ئەينەكلەر بار بولىدۇ. ھازىر بىز ياساۋاتقان ئالەم تېلېسكوپلىرىدا، ئاشۇ ئەينەكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خاتالىقىنى قوشقاندا 100 نانو-مېتىردىن تۆۋەن بولۇش تەلەپ قىلىندۇ.
بىز ئىشلىتىدىغان ئەينەكلەرنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بەزى دىئامېتىرى 10 سانتىمېتىر كېلىدىغان ئەگمە ئەينەكلەرنى نەچچە ئون مىڭ دوللارغا سېتىۋالىمىز. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ يۈزىگە ئالتۇن يالىتىلغان بولىدۇ. ئەشۇنداق يۇقىرى سۈپەتلىك ئەينەكلەرنى ئىشلەتسەكمۇ، تېلېسكوپنى يېڭى ياساپ چىققاندا، ئۇنىڭدا نەچچە مىكرو-مېتىردىن نەچچە ئون مىكرو-مېتىرغىچە خاتالىق كۆرىلىدۇ. شۇڭلاشقا بىز ئوپتىكىلىق سىستېمىلاردا بىر دانە ياكى بىر قانچە دانە ئېلېكتىر سىگنالى بىلەن شەكلىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان ئەينەكلەرنى ئىشلىتىپ، دولقۇن فرونتى خاتالىقىنى تۈزىتىپ، ئۇنى 100 نانو-مېتىردىن تۆۋەن قىممەتكە چۈشۈرىمىز.
دوكقۇن فرونتى خاتالىقىنى تۈزۈتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنى توغرا ئۆلچەپ چىقىش كېرەك. دولقۇن فرونتى خاتالىقىنى ئۆلچەش ۋە تۈزۈتىش ساھەسىدە، مەن ھازىر دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى.
دولقۇن فرونتىنى ئۆلچەيدىغان ئۇسۇللاردىن، مەزكۇر يازما بىلەن مۇناسىۋەتلىك 2 ئۇسۇل بار.
بىرنچى ئۇسۇل ئىنگلىزچە «Phase Retrieving Camera» (PRC) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇسۇلدا بىر نانو-مېتىردىن كىچىك خاتالىقلارنىمۇ توغرا ئۆلچىگىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل مۇتلەق خاتالىقنى ئۆلچەيدىغان بولۇپ، بىر ئەينەك بىلەن يەنە بىر ئەينەكنى سېلىشتۇرۇش ھاجەتسىز. ئەمما بۇ ئۇسۇلدا ئوپتىكىلىق سىستېمىدىكى بىر زاپچاسنىڭ ئورنىنى يۆتكەپ تۇرۇپ، كەم دېگەندە 4 پارچە رەسىم تارتىش زۆرۈر بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ رەسىملەرنى ماتېماتىكىلىق ئالگورىزم بىلەن ئانالىز قىلىپ، دولقۇن فرونتى خاتالىقىنى ھېسابلاپ چىقىشقا ۋاقىت كۆپ كېتىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئۇسۇلدا بىر قانچە مىكرو-مېتىردىن چوڭراق بولغان خاتالىقلارنى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.
ئىككىنچى ئۇسۇل ئىنگلىزچە «Shack-Hartmann Sensor» (SHS) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇسۇلدا بىر قانچە ئون مىكرو-مېتىر خاتالىقلارنىمۇ ئۆلچىگىلى بولىدۇ. بىر زاپچاسنىڭ ئورنىنى يۆتكەش ھاجەتسىز بولۇپ، پەقەت بىر پارچە رەسىمنى ئانالىز قىلسىلا بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئۇسۇلغا ۋاقىت ناھايىتى ئاز كېتىدىغان بولۇپ، بىر قانچە ئون سېكۇنتتىلا ئۆلچەش نەتىجىسى چىقىدۇ. ئەمما بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۆلچەش توغرىلىقى بىر-ئىككى نانو-مېتىر بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن كىچىك خاتالىقلارنى ئۆلچىيەلمەيدۇ. شۇنداقلا ئۇ بىر خاتالىقنى يەنە بىر خاتالىق بىلەن سېلىشتۇرۇپ، نىسبىي خاتالىقنىلا ئۆلچىيەلەيدۇ.
يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، 2-ئۇسۇل يېڭى ياسالغان ئوپتىكىلىق سىستېمىلارنى تۇنجى قېتىم ۋە ئەڭ ئالدىنقى باسقۇچلاردا تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ (ئۇنداق سىستېمىلارنىڭ خاتالىقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ). شۇنداقلا بىر ئوپتىكىلىق سىستېمىنىڭ خاتالىقىنى ھەر يېرىم سائەتتىن ھەر بىر سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا بىر قېتىمدىن تەڭشەپ تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. بىرىنچى ئۇسۇل بولسا ئوپتىكىلىق سىستېمىنى كۈنىگە بىر قېتىم ئىنچىكە تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
مەن بۇ قېتىم قىلغان يېڭىلىق 2-ئۇسۇلدا ئېرىشكەن نەتىجىگە ئاساسەن 1-ئۇسۇلدا ئېرىشكىلى بولىدىغان نەتىجىنى مۆلچەرلەش ئالگورىزىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ۋاقىت ۋە باشقا چىقىملارنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.
بۇ قېتىمقى يېڭىلىققا بىزنىڭ باش ئىدارىمىز كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى «نەشىر ھوقۇقى» (Copyright) ئالدى.
مەن قىلغان بۇرۇنقى يېڭىلىقلاردىن يەتتىسى مەزكۇر ژورنالدا بۇرۇن خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىملىقى مەن ياراتقان يېڭىلىقلارنىڭ مەزكۇر ژورنالدا 8-قېتىم خەۋەر قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەن ھازىر ئىشلەۋاتقان ئىدارە ج پ ل مەمۇرىي جەھەتتىن كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىغا قارايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ خىراجىتىنى ناسا تەمىنلەيدۇ. شۇڭا ئۇ بىر ناسا مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى، بىزگە كېرەكلىك خىراجەتلەرنى كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى ناسادىن ئالىدىغان بولۇپ، مەن مائاشىمنى كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدىن ئالىمەن. ناسانىڭ جەمئىي 10 مەركىزى بار بولۇپ، ج پ ل ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى. بىزنىڭ ئىدارىنىڭ ھازىر 5000 دىن كۆپرەك خىزمەتچىسى بار بولۇپ، مېنىڭ بىلىشىمچە ج پ ل ھازىر كائىنات بوشلۇقىدا ۋە مارستا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 23 دانە ئالەم ئۇچقۇرىنى باشقۇرىۋاتىدۇ. ناسانىڭ يېڭى تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى بىزنىڭ ئىدارە قىلىدۇ. ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى «گوددارد ئالەمگە ئۇچۇش مەركىزى» بولۇپ، ئۇنىڭ خادىمى 2500 ئەتىراپىدا. ئۇ ئامېرىكىنىڭ شەرقىي-شىمالىي قىرغىقىدىكى مەرىلەند شتاتىغا جايلاشقان بولۇپ، بىز بولساق ئامېرىكىنىڭ غەربىي-جەنۇبىي قىرغىقىدىكى كالىفورنىيە شتاتىدا. قالغان ناسا مەركەزلىرىنىڭ ئىچىدە خىزمەتچىسىنىڭ سانى 1000 غا يەتمەيدىغانلىرى خېلى كۆپ.
خەلقئارادىكى بىر نوپۇزلۇق ئورۇن ئېلان قىلغان، دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 100 ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكىدە كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى 2011-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 1-ئورۇنغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ [3].
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ئىشلىرىغا ئاجراتقان يىللىق پۇل مىقتارى 450 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان بولۇپ، ناسا ئۈچۈن خەجلەيدىغان بىر يىللىق پۇلى ھازىر 19 مىليارد دوللار ئەتىراپىدا.
1-رەسىم: مېنىڭ بۇ قېتىملىق يېڭىلىقىمنى خەۋەر قىلىنغان ژورنالنىڭ تېشى.
2-رەسىم: «ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» ژورنىلىنىڭ مەزكۇر خەۋەر بېسىلغان بېتى. بۇ رەسىمدە مەن ئۆزۈمنىڭ ئىسمىنى بىر قىزىل-چەمبىرەكنىڭ ئىچىگە ئېلىپ قويدۇم. بۇ يېڭىلىق مەن بىلەن «موك فاي» ئىسىملىك يەنە بىر كىشىگە تەۋە بولۇپ، مەن بۇ تۈرنىڭ ئاساسلىق تەتقىقاتچىسى (Principal Investigator, PI). فوكماي بولسا مۇشۇ پروجېكت ئېلېمېنتىنىڭ مەسئۇلى (Project Element Manager, PEM).
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] http://viewer.zmags.com/publication/f19bdeae#/f19bdeae/1 <http://viewer.zmags.com/publication/f19bdeae>
[2] Diameter of a human hair
<http://hypertextbook.com/facts/1999/BrianLey.shtml>
[3] Times Higher Education World University Rankings
<http://en.wikipedia.org/wiki/Tim ... ersity_Rankings>
بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.
|