قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3681|ئىنكاس: 155

كىشىلىكنىڭ چىگرىلىنىشى(ئۇمۇن)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

16

دوست

3207

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   40.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21614
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 1028
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 19:02:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىلىكنىڭ چىگىرلىنىشى


ئۇمۇن



ئەسكەرتىش:ماقالە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى ئەمەس.ھىس قىلغانلىرىمنى مەنبە قىلغان مۇھاكىمە ماقالىسى.
   ئېغىرقىسمەتلەرگە ھامىلىدار بولۇپ،ئاچچىق رېئاللىقنىڭ قوينىدا تېپىرلاۋاتقان بولساقمۇ تېخىچە  تاتلىق ئۇيقۇمىزدا  پەپىلىنىپ كېتىۋاتىمىز . مىللەت، ۋەتەن،دىن دېگەندەك دەبدەبىلىك ئاتالغۇلارنىڭ ئاستىدا ھاياجان  شوئارلارنى  توۋلاپ يۈرۈۋاتقىنىمىزنىڭ   ئۆزىگىمۇ خىلى يىللار بولۇپ قالدى.«مىللەتنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك گۈللىنىشى»،«ۋەتەننىڭ قۇدرەت تېپىشى»دېگەندەك دەبدەبىلەرگە چۆمۈلۈپ كىشىلىكىمىزنى ئۆزىمىز ئويدۇرۇپ چىقارغان تەسەۋۋۇرلارغا قۇربان قىلىۋاتىمىز.ئىنسانىيەتنىڭ پۈتكۈل تىرىشچانلىقلىرى مىللەت،دىن،ۋەتەن ئۈچۈن ئەمەس نېگىزىدىن ئىنسان ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك.
مىللەت توپلىشىپ ياشاشنىڭ  ئېتنىك  ئىنكاسى،دۆلەت توپلىشىپ ياشاشنىڭ سىياسىي ئىنكاسى،دىن توپلىشىپ ياشاشنىڭ مەنىۋى ئىنكاسىدۇر. ئىنسانىيەت تەبىئەت ۋە رېئاللىققا ماسلىشىش ئۈچۈن توپلىشىپ ياشىغان.چۈنكى قەدىمكى زاماندا توپلىشىپ ياشاش يەككە شەخسلەرنى ھەرخىل تەبىئىي ئاپەت ۋە ياۋايى ھايۋانلاردىن قوغداپ قالاتتى.توپلىشىپ ياشىشىمىزنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى يەككە شەخسنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتۇر.ئوخشاش ھالدا توپلىشىپ ياشاشتىن تەرەققىي قىلغان مىللەت،دىن،دۆلەت ئۇقۇملىرىنىڭ ھەممىسى يەككە شەخسنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتۇر.كىشىلەر دۆلەت،ۋەتەن،مىللەت ئۇقۇملىرىنى مۇقەددەسلەشتۈرۈش  ئارقىلىق شەخسنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىغان.ئەڭ ياخشى توپلاشتۇرغۇچى سىستېما شەخسنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە قوغدىغان سىستېمىدۇر .مەيلى دۆلەت بولسۇن،مەيلى مىللەت بولسۇن ھەممىسىنىڭ مەركىزىدە ئىنساننىڭ مەنپەئەتى قوغدىلىدۇ.ئەمەلىيەتتە دۆلەت،مىللەت ئاتالغۇلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى شەخسنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر.
    بۈگۈنكى كۈندىكى بىزنىڭ مىللەتكە ۋە دۆلەتكە بولغان غايىۋى  ئارزۇيىمىز ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا بولغان كۈچلۈك ئارمانىمىزنى   مەنبە قىلىدۇ.چۈنكى ئىنسان ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۆزى تەۋە بولغان سىستېمىنىڭ كۈچىيىشىگە ۋە گۈللىنىشىگە موھتاج.
« مىللەتنىڭ گۈللىنىشى»دېگەن بۇ ئاتالغۇ نۇرغۇنلىغان دەبدەبىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولسىمۇ ئەڭ ئاددىي كۆز بىلەن قارىغىنىمىزدا بۇ ئاتالغۇنىڭ «مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشى  »دېگەن ئۇقۇمغا يىغىنچاقلانغانلىقىنى كۈرۈۋالالايمىز.
    مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشى ۋە كۈچنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ئەمەلىيەتتە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئۆزىدۇر. كىشىلەر «مىللەتنىڭ گۈللىنىشى»،«دۆلەتنىڭ روناق تېپىشى»دېگەندەك ھاياجان پاراڭلارنىڭ ئالدىدا ھەمىشە ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ.زىيادە ھاياجاندىن تىلى گەپكە كەلمەي قالىدۇ يۇ شۇ دەبدەبىلىك ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى ۋە مەقسىتىنى چۈشىنەلمەيدۇ.ئەگەر «دۆلەتنىڭ روناق تېپىشى»،«مىللەتنىڭ گۈللىنىشى»دېگەندەك ئاتالغۇلار شۇ جەمئىيەت پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت بولسا بۇ «روناق تېپىش» ۋە «گۈللىنىش»سەلبىي ھادىسىسىدۇر .
نەچچە مىڭ يىللىق دىن تارىخى ۋە ئىلىم-پەن كۈرىشىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى ئىنسانىيەت  ئىجتىمائىيلىشىشتىن   كىيىن ئادەمنىڭ  مۇقەددەسلىكى   ئۈستىدە باش ئەگمەستىن كۈرەش قىلىپ كەلدى. غەربلىكلەر چېركاۋ مونوپوللۇقى ۋە تاجدارلار ھۆكۈمرانلىقىدىن،مۇسۇلمانلار دىنىي  رادىكاللىق ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتتىن  ،شەرقلىقلەر قۇللۇق تۈزۈم ۋە  دىكتاتورىدىن ئىنساننىڭ ئەڭ ئاساسى ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ.بەزىلىرى« ھۆر ئىنسان-ئەركىن دۆلەت» سىستېمىسىغا ئىگە بولۇپ كۈرەشلىرىنىڭ مېۋىسىنى تېتىدى  ۋە پۇقرالىرىنى ماددىي،مەنىۋى جەھەتتىن موللۇققا ۋە ئەركىنلىككە  ئېرىشتۈردى.بەزىلىرى كۈرەش ئوبيېكتىنىڭ   ئايدىڭ بولماسلىقى،قارىغۇلارچە  ئىنكاسى ۋە مەسىلىنىڭ نېگىزىنى تاپالماسلىقى سەۋەبىدىن بۈگۈنگىچە ئېغىر شەكىلدە بەدەل تۆلەۋاتىدۇ.كىشىلەر «مىللەتنىڭ گۈللىنىشى»،«جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى» دېگەندەك ئۇقۇملارنى چوڭ يوللارنىڭ ياسىلىشى،زاۋۇتلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفوننىڭ  ئومۇملىشىشى دەپ چۈشەنسە شۇ جەمئىيەت ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان جەمئىيەت،شۇ مىللەت ئەڭ گۈللەنمىگەن  مىللەتتۇر.
     كىشىلەر «كۈنىمىزنى قانداق ياخشىلايمىز،قانداق قىلغاندا ھەق-ھوقۇقىمىزنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە قوغدىيالايمىز؟»دېگەن سوئاللار ئۈستىدە تەپەككۇر قىلسا ۋە تەپەككۇرىنى مىللەت ياكى دۆلەتنىڭ كۈچىيىشىگە باغلىيالىسا مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ كۈچىيىشى مەنىۋى ئاساسقا ئىگە بولىدۇ.بۈگۈنكى ئەڭ چوڭ مەسىلە قالاق ئىدىيە بىلەن ئىلغار ئىدىيەنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش مەسىلىسىدۇر.پۈتكۈل مەسىلىنى سىياسەتنىڭ ياكى جۇغراپىيەلىك بېكىنمىلىكتىن  كۆرۈش ئىنساننىڭ يوشۇرۇن كۈچىگە قىلىنغان ھاقارەتتۇر. كىشىلەر ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولمىغان ياكى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن غايەت زور كۈچ تەلەپ قىلىدىغان مەسىلىلەرگە ھەمىشە كىرىشىۋېلىش ئارقىلىق ئېنېرگىيە ۋە ۋاقىت ئىسراپچىلىقى قىلىدۇ.بۇ خىل كىچىك ۋە مۇھىم ئىشلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ھەمىشە
رېئاللىقتىن ۋە قىسمەتتىن قاقشاشنىڭ  ئۆزى نادانلىقتۇر.
     چوڭ ئىشلار، بۈيۈك ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇھىم ۋە ئۇششاق ھالقىلاردىن نەتىجىلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىشنىڭ  كىشىلەرگە بۈيۈك نېمەتلەرنى  ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.قولىمىزدىن نېمە كەلسە شۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغان چېغىمىزدا جەمئىيەتكە ۋە مىللەتكە ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقان بولىمىز.
ھەمىشە روھانىي تېمىلارغا  ئېسىلىۋېلىپ ئۇ دۇنيانىڭ خىيالىنى قىلىدىغان كىشىلەر بۈگۈنكى ياشلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالىغا ۋە مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىكىگە  ئەڭ چوڭ توسالغۇدۇر.
      ئۇلار ئېتىقاد قىلىدىغان دىندا تەكىتلەنگەن  بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئىماننىڭ مۇقەددىمىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، بىلسىمۇ بىلمەس قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. جاھالەتتە،نادانلىقتا زەبۇن ھالەتتە ياشاۋاتقان بىر مىللەتنىڭ كىشىلىرى رېئاللىقتىن،قىسمەتتىن قېچىپ ھەمىشە ئۇ دۇنيانىڭ خىيالىنى قىلىدىكەن بۇنداق كىشىلەر خارابلىققا  يۈز تۇتقان بولىدۇ.كىشىلەر روھانىي ياشاشتىكى جەننەتنىڭ خىيالىنى قىلىۋاتقاندا رېئال دۇنيانىڭ ئۇلار ئېتىقاد قىلىۋاتقان دىندا مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇشقا تىرىشىدۇ.بىرى كېلىپ بۇنداق روھانىي  كىشىنىڭ تۇمشۇقىغا  بىرنى قويسىمۇ،مال-مۈلۈكىنى  تارتىۋالسىمۇ ئۇ دۇنيادىكى قىساسنى ئويلاپ ياشاۋېرىدۇ . دىننى ئەپيۈنلاشتۇرۇپ  تەسەللىيسىمان نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇش دىننىڭ رېئال ھاياتتىكى فۇنكسىيەسىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ . بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا دىن جەمئىيەتنى قوزغىتىش ۋە ياخشىلاش رولىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.
    ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىيالمىغان، ئىدىيە مۇستەبىتلىكىگە بوي سۇنغان،ھەق ئالدىدا ئېگىلگەن  كىشىنىڭ شەكلى ئىبادەتكىلا باش ئۇرۇشى نېگىزىدىن دىننى ئەپيۇنلاشتۇرۇشتۇر.
    رېئال ھاياتتىكى مەسىلىلەرگە رېئال پوزىتسىيە تۇتۇش جەمئىيەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئىدىيە ئازادلىق مۇقەددىمىسى دەپ قارايمەن.پەرقلىق پىكىرلەرنىڭ توپلىنىشى ۋە ئوخشاش مەسىلىگە ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ چۈشۈشى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىلىقتۇر. كىشىلەردىن مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكىدەك ئوخشاش تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ئوخشاش تەپەككۇر نەتىجىسى تەلەپ قىلىش بىر جەمئىيەت ياكى مىللەتنىڭ يۈكسىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.ھەرقانداق تەرەققىي قىلغان جەمئىيەتكە قارساق ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ قوغدالغانلىقى ۋە پەرقلىق پىكىرلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.بىز پۇل-مالنى،يادلىۋالغان ئەرەبچە قۇرئاننى قانچىلىك چوڭ بىلسەك تەرەققىي قىلغان جەمئىيەتلەر  ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى شۇنچىلىك چوڭ بىلىدۇ.بىز كىچىككىنە بالىمىزنىڭ بىر پارە قۇرئاننى يادقا ئالغانلىقىنى سۆيۈنۈپ سۆزلىسەك،تەرەققىي قىلغان جەمئىيەت پۇقرالىرى بالىسىنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنىڭ كەڭلىكىدىن پەخىرلىنىدۇ.بىز بالىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرسىمۇ  قىزلارغا قاراپمۇ قويماي ئوقۇيدىغانلىقىدىن،تالا-تۈزىگە چىقمايدىغانلىقىدىن،ئىككى-ئۈچ خىل تىلنى بىلىدىغانلىقىدىن ماختانساق،تەرەققىي قىلغان ئەل ۋەتەنداشلىرى باللىرىنىڭ  ئىجتىمائىي ئالاقىسىنىڭ كەڭلىكىدىن،100-200كىشىنىڭ ئالدىدا ئىزا تارتماي  سۆزلىيەلەيدىغانلىقىدىن،تەپەككۇرىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ماختىنىدۇ.ئۇلار ئوخشىمىغان قاراش ۋە ئوخشىمىغان تەپەككۇر مېۋىلىرىنى  تار ئەخلاقى،دىنىي  ياكى مىللىي ئەنئەنىۋىي چۈشەنچىلەرنىڭ ئىچىدە قىسىپ قويمايدۇ.
    ئوخشىمىغان ئىدىيەدىكى كىشىنى كۆرگەن ھامان ھۇجۇمغا ۋە توپچە تاجاۋۇزغا تۇتۇش قىلغان كىشىلەرگە ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىچى ئاغرىيدۇ.تەڭرى رۇخسىتى بىلەن تۇغۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا نەپرەت ئوقۇشقا ئاجىزلىق قىلىمىز.
    كىشىلەر رېئال مەسىلىلەرگە پوزىتسىيە بىلدۈرگەن چاغدا ھەمىشە  روھانىي چۈشەنچىلىرى بىلەن ئىزاھلاشقا ئۇرۇنىدۇ. قارا-قويۇق ئادەم بولۇشنىڭ،زىيالىي بولۇشنىڭ ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال چەتئەلدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېتىدە   خىلى نامى بار بىر ئۇيغۇر جەمئىيەتشۇناس  دوكتور بىلەن تارتىشىپ قالدىم.«ئۇيغۇرنىڭ زىيالىيسى بولۇش ئۈچۈن مۇسۇلمان بولۇشى كېرەك» دېگەن تېتىقسىز  پاراڭلىرى بىلەن ئەتراپىدىكى ھاياجان كىشىلەرنى ئالداپ يۈرۈيدۇ. كەسپى جەمئىيەتشۇناسلىق  بولسىمۇ، جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ   پوزىتىپ پەن ئىكەنلىكىنى،پوزىتىۋىزىم(positivism) نىڭ پوزىتىپ پەنلەرگە يېتەكچى مېتود ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن.«پوزىتىۋىزىم ئۆلدى» دەپ جۆيلۈپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ ئۇيغۇرلاردىكى ئىلمىيلىك دېگەن ئۇقۇمغا كۆڭلۈمدە يەنە بىر قېتىم «قايىللىق»ىمنى بىلدۈردۈم.
    بەزى زىيالىيلارغا غايىبتىن ۋەھىي كېلەمدۇ يوق بىلمەيدىكەنمەن.لېكىن ئۇلارنىڭ بىلمىگەن نەرسىسى ئۈستىدە ئۇ قەدەر ئىشەنچ بىلەن بايانات ئېلان قىلالىشى ھەقىقەتەن ئۇلاردىن زور جۈرئەت تەلەپ قىلىدۇ.ئۇيغۇرنىڭ زىيالىيسى بولۇش ئۈچۈن پەقەتلا بىر ئۆلچەم كېرەك.ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇردىن تۇغۇلغان زىيالىي بولۇشى كېرەك.زىيالىي بولۇشنىڭ بىردىن بىر شەرتى زىيالىي بولۇش.ئۇنىڭ باشقا ئۆلچىمى يوق.زىيالىي بولۇشئۈچۈن ئېرىق،دىن،مىللەت دەيدىغان ئۆلچەم مەۋجۇت ئەمەس.بىر زىيالىينىڭ زىيالىي بولۇش ئۆلچىمىنى روھانىي جەمئىيەتتىن ئىزدەپ قار-قويۇق شەرت قويۇش ھەقىقەتەن كىشىنى ئېچىندۈرىدۇ .كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان پىكىرلىرىنى «جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ ئىدىيە »دېگەندەك ئاتالغۇلار ئاستىدا باستۇرىدىغان دېۋەڭ ئىدىيەگە ئىگە زىيالىيدىن ئىلغارلىق چىقمايدۇ.بىر جەمئىيەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى پىكىرنىڭ كۆپ خىللىقى،تەپەككۇرنىڭ موللىقىنى مەنبە قىلىدۇ.بىر جەمئىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى پىكىر ئىشلەپ چىقىرىدىغان كىشىلەردۇر.
    بىزنىڭ جەمئىيەتتە كۆپىنچە كىشىلەر ئۆزىنى مىللەتكە ۋەكىل قىلىپ سايلىۋالىدۇ.ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىگە ياقمىغان قاراشلارنى زىيانلىق ئىدىيە دېگەن تون ئاستىدا چەكلىمەكچى ۋە بۇ ئارقىلىق مىللەتنى «قوغداپ قالماقچى» بولىدۇ.خوش، سىلەرگە «قۇتقۇزغۇچىلىق»ۋەزىپىسىنى مىللەت سايلام ئارقىلىق قولۇڭلارغا تۇتقۇزمىدى.بۇ يەردە ھېچكىمنىڭ قەھرىمانسىراش تۇيغۇسىنى ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق قانائەتلەنلەندۈرۈدىغان  ھوقۇقى يوق.ھەرقانداق شەخس نورمال پۇقرالىق سالاھىتى ئاستىدا پەقەت ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ.ئۇنىڭ مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىپ«خاسىيەتلىك پالۋان»بولۇش چۈشىگە بىز شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بېرەلمەيمىز.
    بەزى كىشىلىرىمىز فانتازىيەلىك  كىنولاردىكى غايىۋىي پىرسۇناژلارنى،قەھرىمانلىق رومانلىرىدىكى مۇقەددەس ئوبرازلارنى،ئىنقىلابى قۇربانلار تەشۋىقاتلىرىنى ھەددىدىن زىيادە قوبۇل قىلىۋالغان بولسا كېرەك ئۆز شەخسىيىتى بىلەن مىللەت ھەققىدە ئېنىق چەك-چېگراسى يوق ئىكەن.ھەر بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى پەقەتلا ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.مىللەت ھەققىدە چۈشەنچىلىرى ۋە پىكىرلىرىمۇ پەقەتلا ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.ھېچكىمنىڭ ھېچكىمگە «پىكىر قىلدىڭ؟!ئويلىغانلىرىڭنى جۈرئەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويدۇڭ؟!» دەپ رەنجىيدىغان ھوقۇقى يوق.شەخسنىڭ مۇستەقىللىقى جەمئىيەت مۇقەددەسلىكىنىڭ مەنبەسى.جەمئىيەتنىڭ مۇقەددەسلىكىمۇ شەخسنىڭ مۇستەقىللىقنىڭ كاپالىتى.
    شەخس بىلەن جەمئىيەتنى ئارىلاشتۇرۇپ شەخسنىڭ ئىشىغا جەمئىيەت،جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا شەخسلەرنىڭ قەھرىمانسىراش تۇيغۇسى توسالغۇ بولىدىغان تەتۈرلۈك تازلىنىشى كېرەك.جەمئىيەت شەخسنىڭ ھاياتىغا،ياشاش يولىغا،تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشى شەخسمۇ جەمئىيەتكە ئۆزى يالغۇز ئىگە چىقىۋالماسلىقى،باشقا شەخسلەرنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.شەخس بىلەن شەخسنىڭ،شەخس بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى تەڭشەلمىگەن جەمئىيەتتە كىشىلەر ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى بىردىن بىر توغرا يول دەپ ئويلىۋالىدۇ ۋە مىللەتنى شۇ يولدا مېڭىشى كېرەك دەپ قارايدۇ.ئۇلارغا نىسبەتەن ئۆز ئىدىيەسىدىن باشقا ھەرقانداق ئىدىيە زەھەرلىك ئىدىيەدۇر .
     ئاتېئىستلار  بىلەن تەڭرىگە ئىشەنگۈچىلەر مۇنازىرىسى ئەگزەستانسىيالىزىمنىڭ(existentialism 存在主义، مەۋجۇدىيەتچىلىك، مەۋجۇتلۇق پەلسەپەسىنىڭ)تەرەققىياتىنى،دەيزىسىتلەر(deist،自然神论者) بىلەن دىن قوغدىغۇچىلىرى  دىن پەلسەپەسىنىڭ تەرەققىياتىنى،ئانارشىسىتلار (anarchist،无政府主义者،ھۆكۈمەتسىزلىكنى تەرغىب قىلغۇچى) بىلەن دۆلەتچىلەر سىياسىي پەلسەپەنىڭ تەرەققىياتىنى،لىبېرالىستلار(liberal) بىلەن كونسېرۋاتىپلار (conservative)نىڭ  مۇنازىرىسى سىياسەتنىڭ ئىلغارلىشىشىنى،كاپىتالىستلەر بىلەن كوممۇنىستلەر  تۈزۈم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.ئوخشىمىغان بىر-بىرىگە زىت قاراشلارنىڭ مۇنازىرىسى تەرەققىياتنىڭ مەنبەسىدۇر.ھەممە كىشى بىرلا خىل ئىدىيەگە كېلىدىغان،پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ كاللىسىنى بىر نۇقتىدا توختىدىغان ئىدىيە مەۋجۇت ئەمەس ۋە مەۋجۇت بولالمايدۇ.چۈنكى ئىنساننىڭ تەبىئىتى،ئەقلى سەۋىيەسى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىت تەسىرى كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    ھەممە ئادەمنىڭ پىكرىنى ئوخشاش نۇقتىغا يىغىش دەيدىغان قاراش تەرەققىياتنى چەكلەيدۇ.ئىدىيە جەھەتتىن تەرەققىياتقا ئېرىشمىگەن مىللەت ياكى جەمئىيەت تەرەققىي قىلالمايدۇ.دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئىدىيە تەرەققىياتىدۇر.ئىدىيەدە ئازاد بولۇش كىشىنى ئەڭ چوڭ ئەركىنلىككە ۋە ھۇزۇرغا ئېرىشتۈرىدىغان نەرسىدۇر.كىشىلەر ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى،تەپەككۇرى،ئەقلى قۇۋۋىتىنى چەكلەيدىغان بىر تۈركۈم دوگماتىك قاراشلارغا ئىشىنىپ ياشاش ئارقىلىق ئۆز كۈچىنى خورىتىدۇ.ئەقىل،تەپەككۇرلىرىنى چەكلىگۈچى ناچار ئىدىيەلەرگە قۇربان قىلىۋېتىدۇ.بىزدە نېمىشقا دۇنياۋى ئالىملار ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىجتىمائىي پەنچىلەر ئاز؟؟
     بىزدە تەبىئىي پەندە ئۇتۇق قازانغان كىشىلەر بار لىكىن ئەدەبىيات،پەلسەپە،سەنئەت پەنلىرىدە دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئالىملار يوق دېيەرلىك.چۈنكى بۇ خىل كەڭ تەپەككۇر،يۈكسەك دەرىجىدە تەسەۋۋۇر تەلەپ قىلىدىغان نەرسىلەردە بىز ئىنتايىن خام.چۈنكى كىچىكىمىزدىن تارتىپ كاللىمىزنى يۇيۇۋاتقان ئەنئەنىۋىي قاراشلىرىمىز بالىلارنىڭ تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىنى بۆشۈكىدىلا تۇنجۇقتۇرۇپ تاشلايدۇ.بىزگە خاتا بېرىلىپ قالغان «سەنئەت سۆيەر مىللەت» دېگەن نامغا تۇشلۇق خەلقئارالىق بىر سەنئەتچىمىز يوق.بىز ئەقلى مەسىلىلەرگە ھېسسىي  قاراشلىرىمىزنى ئارىلاشتۇرۇپ ئەقلى نەتىجىنى «شېئىر»غا ئايلاندۇرىۋەتكىنىمىزدەك،چوڭقۇر ھېسسىيات تەلەپ قىلىدىغان مەسىلىلەرگە ئەخلاقى ۋە دىنىي ي دوگمىللىرىمىزنى ئارىلاشتۇرۇپ نەتىجىنى «ھارام»غا ئايلاندۇرۋىتىمىز.ھېسسىيات ۋە تەسەۋۋۇرغا ئۈزلۈكسىز قېنىق چېگرالارنى بېكىتىپ ئېستېتىك تەسەۋۋۇر كۈچىمىزنى چەكلىۋىتىمىز.شۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە ياكى بىر ئەقلى ئانالىزچى ياكى بىر تەبىئىي ھېسسىيات سەنئەتچىسى يېتىشىپ چىقمايدۇ.
    تەسەۋۋۇر پەنلىرىدە ياكى ئەقلى پەنلەردە ئۈزلۈكسىز مەغلۇبىيەتچى بولۇشىمىز دوگمىلارنىڭ، كېسەل ئەنئەنىلەرنىڭ كاللىمىزغا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەنلىكىدىن بولغان.كىشىلەر ئەنئەنىنى قوغداش،ئەنئەنىۋىي ئەخلاق چۈشەنچىلىرىنى قوغداش دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاۋاتقان چاغدا ئىنساننىڭ تەرەققىياتى دېگەن نۇقتىغا سەل قارايدۇ.يەككە شەخسلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە يۈكسىلىشىگە توسالغۇ بولىدىغان ھەرقانداق ئىدىيە ۋە ئەنئەنىۋىي قاراش پاچاقلاپ تاشلىنىشى كېرەك.چۈنكى يەككە شەخسلەرنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇش جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى دېگەن سۆزنىڭ قارىمۇقارشى مەنىسىدۇر.يەككە شەخسنىڭ ئەركىنلىكى ۋە تەرەققىياتى جەمئىيەتنىڭ مەقسىتىدۇر.يەككە شەخس گۈللەنمەي تۇرۇپ مىللەت ياكى جەمئىيەت گۈللەنمەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن شەخسنىڭ ئەركىنلىكى ۋە تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان ھەرقانداق ئىدىيە ئۆلۈك ئىدىيە دەپ قارىلىشى ۋە سۈپۈرۈپ تاشلىنىشى كېرەك.
    ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ قاتىلى ئاتا-ئانىلىرىدۇر.سىياسەت ۋە مائارىپتىن ئاچچىقلىنىشتىن ئاۋۋال ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا يېتىلىش دەۋرىدە قانچىلىك چەكلىگۈچى ئىدىيە سىڭدۈرىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىشىمىز كېرەك.ئاتا-ئانىلار ھەرخىل ئۆرنەكلەر بىلەن بالىلارغا بىلىپ بىلمەي چوڭقۇر دوگمىلارنى سىڭدۈرۈۋېتىدۇ.
    بالىسىنى كۆزئەينەك تاقاپ كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرمەي تەكرار قىلىۋاتقان ھالىتىدە كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ گالۋاڭلىقىغا ھەيرانمەن.بالىلار ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە رېئال ھاياتقا يېقىنلىشىشى،مۇۋاپىق يوسۇندا جەمئىيەت بىلەن ئۇچرىشىشى،ئىجتىمائىي ئالاقىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك.بالىنى ئەتىدىن كەچكىچە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىدىغان ماشىنىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر.

   بالىغا ھۆرمەت ۋە مۇھەببەتنى سىڭدۈرۈش ئائىلە تەربىيەسىدە ئىنتايىن مۇھىم تېما.
   بالىڭىزنىڭ دوستى ئۆيىڭىزگە كەلسە بالىڭىزنىڭ دوستىغا باشلىقىڭىز كەلگەندەك قىزغىنلىق ۋە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشىڭىز كېرەك.بۇ بالىغا ھۆرمەتنى،ئۆزىگە ئىشىنىشنى، ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى ئۆگىتىدۇ.ئاتا-ئانىنىڭ بالىنىڭ دوستىغا قىلغان مۇئامىلىسى ئەمەلىيەتتە بالىغا قىلغان مۇئامىلىدۇر.بالا ئۆز دوستىغا قىلىنغان ھۆرمەتتىن ئىشەنچ ۋە مۇھەببەت ئالىدۇ.
    بىز ھەمىشە بالىلارغا نەسىھەت قىلغاندا بۇيرۇق تەلەپپۇزىنى ئىشلىتىمىز. بۇندىن كىيىنكى جەمىيەتتە «ئانى قىل،مانى قىلما»دېگەندەك ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى بىلەن بالا  تەربىيلىسەك بالىلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز.بالىغا«بالام مېنىڭچە مانداق قىل»دېگەندەك تەكلىپ تەلەپپۇزى بىلەن مۇئامىلە قىلىش بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى،ئۆزىنى ئىپادىلەشكە بولغان جۈرئىتىنى ئاشۇرىدۇ.
    بالىغا ئىمتىھاندىن ئۆتمىسە پەقەتلا بولمايدىغانلىقىنى سۆزلىگىنىمىزنىڭ ئۆزى بالىغا باشقىچە چىقىش يولى يوق دېگەن ئۇچۇرنى بەرگەنلىكىمىزدۇر.بالىغا بۇنداق دىكتاتورلارچە  مۇئامىلە قىلىش بالىغا بولغان ئادالەتسىزلىكتۇر.بالىنىڭ قىلغان ئىشىدىن ئاچچىقلانغىنىدا ئۇنى قارا قويۇق تىللاش ۋە قول تەگكۈزۈش ئاتا-ئانىنىڭ ياۋايى جەمئىيەتتىكى ياۋايى خۇلقتىن  قۇتۇلالمىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.ئاتا-ئانا قانچە ياۋايى بولسا بالا شۇنچە كۆپ تىل ۋە شۇنچە كۆپ تاياق يەيدۇ.بالا قانچە كۆپ تىل ۋە تاياق يېسە شۇنچە ياۋايىلىشىدۇ  ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىنى تاياق ۋە تىلدىن ئىزدەشكە تىرىشىدۇ.بالا خاتا قىلغىنىدا بالىغا بەرگەن تاياق ياكى تىل جازاسى بالىغا قىلغان ئىشىنىڭ خاتالىقىنى تونۇش ھېسسىي  ئەمەس،«خاتا ئىشنى ھەل قىلىشنىڭ يولى تاياق ۋە تىل دېگەن »مېتود تەربىيەسىنى بىرىدۇ.
بالىلار تەربىيەسى توغرىلىق باشقا بىر تېمىدا تەپسىلىي توختىلىمەن.
   

     يىغىنچاقلىساق ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا بەرگەن تەربىيەسى پەقەتلا بالىنىڭ ئەمەس مىللەتنىڭ كېلەچىكىنى بەلگىلەيدۇ.مەن بالىغا دەھرىي ئىدىيە ياكى بەزىلەر «غەرب»نىڭ دەپ يەكلەۋاتقان قاراشلارنى سىڭدۈرۈڭلار دېمىدىم. پەقەت بالىنىڭ ئەركىن تەپەككۇر قىلىدىغان ساغلام كاللىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار،بالىنىڭ ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەيدىغان جۈرئىتىنى ئېلىۋالماڭلار  ،بالىلار مۇستەقىل تەپەككۇر قىلسۇن ۋە تەپەككۇرىنى مۇقەددەس بىلسۇن دەۋاتىمەن.
    شەخسلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى،شەخسى ئەركىنلىكى ۋە ھەق-ھوقۇقىنى قوغدايدىغان جۈرئىتى،جەمئىيەت بىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان پوزىتسىيەسى كۆپىنچە ھاللاردا بالا تەربىيەسى بىلەن ئورنىغان بولىدۇ.ئەپسۇس بىزنىڭ بالا تەربىيىلىرىمىزدە ئەڭ كەم بولۇۋاتقان نەرسە دەل بۇ.جەمئىيەتتە قانداق پۇت تىرەپ تۇرىمىز؟؟جەمئىيەت بىلەن يەككە شەخس كىملىكىمىزنى قانداق ماسلاشتۇرىمىز؟؟بۇ سوئاللار بۈگۈنكى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن چوقۇم جاۋاب بەرمىسەك بولمايدىغان سوئاللاردۇر.
    بىز ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشىشىمىز كېرەك.ئۇ سىياسىي ئاتموسفېرا ياكى تۈزۈلمىلا ئەمەس بەلكى بىزنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بەزى ئەنئەنىۋىي پالەچ قاراشلىرىمىز،كېسەل دوگمىلىرىمىزدۇر.بىز قاچان كاللىمىزنى ئازاد قىلىپ دۇنيا بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشكە قەدەم قويساق شۇ چاغدا ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى تېتىيالايمىز.ئاچچىق قىسمەتتىن ئاچچىقلىنىشنىڭ ئورنىغا رېئاللىقنىڭ تاتلىقلىرىدىن پايدىلىنىش زۆرۈردۇر.
   ھەرقانداق سىستېمىنىڭ ۋاسىتىلىك مەنبەسى ئىنساننىڭ ياخشى ياشىشىغا مۇھىت ھازىرلاشتۇر.ياخشى ياشاشقا توسالغۇ بولىدىغان ھەرقانداق سىستېما ئۆلۈك سىستېمىدۇر  .ئىنسانلار رېئال ھاياتقا قانچە يېقىنلىشالىسا،ھاياتتىن قانچىلىك زوق ئالالىسا ياشاشنىڭ مەنىسىگە ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تىرشچانلىقىغا شۇنچىلىك يېقىنلىشىدۇ.
    تەپەككۇرنىڭ ئەركىنلىكى،ئىپادىلەشنىڭ كەسكىنلىكى تەرەققىياتنىڭ يەككە شەخسكە بولغان تەلىپىدۇر.ھەرقانداق ئېھتىماللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق،ئېھتىماللىقلار ئىچىدە مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش مىللىي مەنپەئەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر.سالماق ۋە رېئال پوزىتسىيە كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتكە يېتىشتىكى  بىردىنبىر يولىدۇر.ھەقىقەتكە يىتىش ئۈچۈن رېئال مەسىلىلەرگە رېئال پوزىتسىيە بىلەن يېقىنلىشىشتىن  باشقا يول يوق.
ئاخىرىدا قېرىنداشلارغا ھۆرمەت ۋە سۆيگۈلىرىمنى سۇنىمەن.

10

تېما

15

دوست

8480

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   69.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 845
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 2522
توردىكى ۋاقتى: 641
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 20:10:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوت ئەلەيھىسسالام قەۋمى  ساڭا  ئوخشاش  ھەمجىنىسلارنى  توسىمىغانلىقى ،ۋاقتىدا رەددىيە بىرىپ ئۇلارنى  يوقاتمىغانلىقى  ئۇچۇن  ئاللا  ئۇلارنى  ھالاك  قىلغان  .

بىر  رىۋايەتتە  لوت ئەلەيھىسسالام  قەۋمىدىكى  ھەمجىنىسلار  27 ئىكەن ،ئەمما  پەرىشتىلەر  شۇ  كىچىدە  ئىبادەت  قىلىۋاتقان  70مىڭ  ئابىت نى  ئىيتقان .  
(يەنە بىر رىۋايەتتە ھەمجىنىسلار  37  ،  ئابىت 40مىڭ  دەپ ئىيتىلغان . )
پەرىشتىلەر  ئاللاھتائالاغا  بۇنى  ئىيتقاندا ،ئاللاھتائالا  ‹شۇنچە  كۆپ  ئادەملەر  نىمىشقا  بۇ ئازغىنا  جىنايەتچىلەرنى (ئازغۇنلارنى) توسۇيالمىدى... ھەممىنى  ھالاك  قىلىڭلار  › دەپ   بۇيرىغان .



  
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

8

تېما

2

دوست

1868

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   86.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33848
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 570
توردىكى ۋاقتى: 398
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 20:34:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر ، يازمىڭىزنىڭ ئىلمى تەرەپلىرىمۇ خېلى بار ئىكەن.ئاساسلىق مەقسىدىڭز ياخشى بولغاچقا قۇسۇر ئىزدەپ ئولتۇرماي.  سىزدىن سوراپ باقسام:توي قىلدىڭىزمۇ؟ بالىڭىز بارمۇ؟ بىر بالنى ئۆزئالدىڭىزغا تەربىيلەپ باقتىڭىزمۇ؟ بالىڭىزنى ئۆزىڭىز دىگەندەك تەربىيلىيەلەمسىز؟

0

تېما

0

دوست

524

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   4.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34401
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 20:51:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Fedaiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-27 21:00  

يازغانلىرىڭىز ھەقىقەت، «بىزدە مەسىلە يوق» دېگەن قىپقىزىل يالغان گەپ. بۇنى كۆپ قىسىم زىيالىلار ئوبدان بىلىدۇ.
ئېيتىلغان مەسىلىلەر: دىنى، سىياسى، ئىدىئولوگىيە، مائارىپ، تەرەققىيات، پەرزەنت تەربىيىسى ... قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن.
«مانا مۇشۇ مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش» بۇ يەردە باش قاتۇرۇشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلە. ئەنە شۇ مەسىلىلەرنىڭ بىرىنى چىڭ تۇتۇپ: كېلىپ چىقىشى، تەرەققىيات ئەھۋالى، كەلگۈسى يۈزلىنىشى دېگەنلەرنى ئىلمىي شەرھىيلەپ چىقالىسىڭىز؛ ئەڭ مۇھىمى، ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقالىسىڭىز مېنىڭچە ھەممە ئۇيغۇر سىزنى زىيالى سۈپىتىدە بېشىدا كۆتۈرىدۇ.
بۇ ئۇزۇن، مۈشكۈل مۇساپە، سىزگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن. (قاقشاش، ھامان مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئەمەس دەپ ئويلايمەن)

ئۈستىدىكى كۆك بۆرە، بۇ يەردە ھېچكىم، ھەمجىنىسۋازلىقنى، يەنەبىرنېمىنى تەشۋىق قىلمىدى. ئىلەشتۈرمىسىڭىزكەن قېرىندىشىم.

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12046
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 20:51:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىڭىزنى ياقتۇردۇم ئالدىنقى بىر تىمىڭىزدىكىدەك ئاشقۇن جۇملىلەر يوقكەن . بولۇپمۇ ئەنئەنىمىز دەپ قاراۋاتقان ساھەدىكى تەرەققىياتىمىزنى چەكلەپ قويىدىغان ئامىللار ھەقىدە ھېچ ئويلانغىنىم يوق ئىدى .
ئەنئەنىنى زادى قانداق بىر ئۇسلۇپتا تەرەققىيات بىلەن ماكان زامان بىلەن ياخشى بىرلەشتۇرۇش ئۇچۇن ئىزدەنسەك بولغۇدەك .
ماقالىڭىزنى ئوقۇپ ھازىر قىلىۋاتقان توغرا دەپ قاراۋاتقان ھەر بىر ئىشىمىزغا باشقىدىن بىر قاراپ چىقىش لازىملىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم.
بەلكىم بىز پايدىلىق دەپ قارىغان نەرسە زىيانلىق بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىندەك تۇرىدۇ

0

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3918
توردىكى ۋاقتى: 1613
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 20:52:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى شەخىسنىڭ تەرتىپسىز ھەركىتى بىلەن ئالغا سىلجىتىش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس.  بۇ دەل دۆلەت، جەمىيەت، شىركەت ۋەھاكازالارنىڭ بار بولۇش سەۋەبى.  
ئوخشاشلا بىر جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتى ۋە يۆنۈلىشىمۇ  شەخىسنىڭ ئۆلچەمسىز تەسەۋۋۇر-خېياللىرى،  چىگرىسىز بولغان ئەركىن تەپەككۈرى ۋە پارچە پۇرات ئېدىيە تەسىراتلىرى بىلەن  كونتىرولغا ئېلىش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس.  بۇمۇ دەل دىنلارنىڭ ، قانۇنلارنىڭ، قائىدە-مېزانلارنىڭ، ئەخلاق چۈشەنچىلىرىنىڭ،ئېدىيە-پەلسەپىلەرنىڭ بار بولۇش سەۋەبى.
ئۇيغۇرلار  ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى تۈرلۈك ئېدىيە-ۋەلسەپە، دىنى چۈشەنچە دېگەندەك تۈرلۈك  ئىجدىمائى ۋە سېياسى تەسىرلەرنى  ئوچۇقلۇق ۋە ئاجىزلىق بىلەن قارشىلاپ كەلدى.  بىزدىكى بېكىنمىچىلىكمۇ ماھىيەتتە شۇ ئاجىز-ئامالسىزلىقنىڭ ئۆزگىچە ئىپادىسى بولدى خالاس.  بېكىنمىچىلىككىمۇ كۈك كېتىدۇ، ھوقۇق كېتىدۇ.  غەربلىكلەر ئۆز ئېدىيە سېسىتىمىسىنىڭ ، قىممەت قارىشىنىڭ تەۋرەنمەس ئۇلىنى قۇرۇپ بولغاچقا دۇنياغا ئەركىنلىك دەپ ۋاقىرايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار زور دۆلەت ماشىنىلىرىنى، ھەربىي ئىتىپاقلىرىنى ،دۇنياۋى  شىركەتلەرنى ھېسابسىز دوللارلارنى دەل بېكىنمىچىلىككە خەجلەۋاتقانلاردۇر.  ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇرلاردىكىنى پەقەتلا ئامالسىز ۋە ئاجىز دەپ سۈپەتلەش مۈمكىن.

1

تېما

2

دوست

5367

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   7.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7646
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 834
تۆھپە : 1080
توردىكى ۋاقتى: 213
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 20:54:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

0

دوست

629

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   25.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33334
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 204
توردىكى ۋاقتى: 83
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 20:57:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kokboraa يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 20:10
لوت ئەلەيھىسسالام قەۋمى  ساڭا  ئوخشاش  ھەمجىنىسلارنى  ت ...

دىنسىزلارغا دىندىن سۆزلىمەڭ،بۇرادەر،ھېلى بىكا سىزنى خىيالپەرەست،مەنتىقىسىز،دوگما دەپ قاۋاشقا باشلايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )