مۇنبەردىكى ئىنكاسلار نىمە دەيدۇ؟
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇنبەرلەر بىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىمىزنىڭ بىيىشىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. نۇرغۇن ئىلىمشۇناسلار مىللەت، خەلق ئۈچۈن نۇرغۇن قان تەرىنى سەرپ قىلىپ، نادىر يازمىللىرىنى يوللاپ بىزنى مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلىدى. بىز مۇنبەرلەردىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن ئىلغار ئىدىيىلەرنى، بىلىملەرنى ھەتتا نۇرغۇن تۇرمۇش ساۋاتلىرىنى ئۈگەندۇق ۋە ئۈگىنىپ كىلىۋاتىمىز، جەمىيەتنى چۈشۈنىۋاتىمىز، دۇنيانى تېخىمۇ چۇڭقۇر تۇنۇۋاتىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزىمىز ئىچىدىكى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ يازمىللىرى ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قايتىدىن تۇنىدۇق ۋە تۇنۇۋاتىمىز. بىزنىڭ ئىچىمىزدىمۇ شۇنداق دۇنياۋى شەخىسلەرنىڭ، ئالىملارنىڭ، پىكىرى ئۆتكۈر، ئىلغار ئىدىيىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۇق، ئۇلاردىن پەخىرلەندۈق، خۇشال بۇلدۇق، ئۇلاردىن ئىلھام ئالدۇق.
بىزلەرنىڭ مۇنبەرلەردىن زور مەنپەتكە ئېرىشكەنلىكىمىزنى كۆرگەن ۋەتەن، مىللەت ئىشقىدا كۆيىۋاتقان ئىلىمشۇناسلار ئۆزىنىڭ بىز ئۈچۈن ئاتىغان ئىلغان ئىدىيىلىرى، كۆز قاراشلىرىنى بىزلەرگە ئۆزىنىڭ نادىر يازمىللىرى ئارقىلىق ئوچراشتۇردى، خەلقىمىز بۇنىڭدن زور نەپ ئالدى. لىكىن ئۇلار شۇ ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەجرىنى بىزگە ئىتەي دىگەندە بىز ئۇلارنى ئىككىلەندۈرۈپ قويدۇق. سەۋەپ بىز ئۇلارنىڭ بىلىمىدىن، ئۇلارنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى قۇبۇل قىلماي بىز ئۇلارنى باھالىدۇق، بىزنىڭ بۇخىل ئالاھىدىلىكىمىزنى كۆرگەن ئاز بىر قىسىملار بىزنىڭ بۇخىل ئالاھىدىلىكىمىزدىن پايدىلىنىپ نام چىقىرىشقا ئۇرۇندى ۋە نام چىقاردى. بىر قىسىم خەلقنى دەپ قان تەرىنى سەرىپ قىلغانلارنىڭ بۇلسا كۆڭلى ئازار يىدى، نام ئابرۇيىغا تەسىر يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم زىيالىلار مۇنبەرگە يازما يوللاشتىن، ئۆزىنىڭ ياخشى ئەسەرلىرىنى، ئىدىيىسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇش، دىيىشتىن ئىھتىيات قىلدى، قورقتى. ئىدولۇگىيەگە ئائىت لىكسىيىلەر ئازىيىپ قالدى، بۇلسىمۇ مۇنبەردە ئىلان قىلىنمايۋاتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى داڭلىق شەخىسلىرىمىز مۇنبەرلەردىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى. ھەتتا مۇشۇ مۇنازىرىلەرگە نىسبەتەن تېخى ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويمىغان، «مۇنازىرىنىڭ ئاخىردا ئۆزۈمنىڭ كۆر قارىشىمنى ئوتتۇرغا قۇيارمەن» دىگەن خىيالىنى قىلىپ يۈرگەن پىشۋالىرىمىزنىمۇ قورقۇتىۋەتتۇق. ئەلى مۇئەللىمنىڭ لىكسىيىلىرى جەمىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىدى ، جەمىيەتتە مۇشۇنداق زور بىر ئېقىم بارلىققا كەلدى. مەيلى توردا بولسۇن، مەيلى ئەتراپىمىزدا بولسۇن نۇرغۇن مۇنازىرە، تالاش-تارتىشلار يۈز بەردى، نۇرغۇن ئۆتكۈر پىكىرلىك زىيالىلىرىمىز ئۆزىنىڭ توغرا بۇلغان باھاسى ئارقىلىق بىزنى توغرا يولغا باشلىماقچى، باشقىلارغا ئوبىيتىپ باھا بىرىشكە يىتەكلەۋاتقان بۇلسىمۇ، لىكىن نۇرغۇن داڭلىق مۇتەپپەككۇرلار بىزنىڭ بۇ مۇنازىرىمىزگە ئىرەن قىلمىدى. ئۇلار خەۋەرسىز قالغاندىمۇ-يە؟ ھەتتا دىھقانلارمۇ بۇ مۇنازىرىگە قاتناشقان يەردە نۇرغۇن مۇتەپپەككۇر، ئالىملىرىمىز دىققەت قىلماسما؟ ئۇنداق ئەمەس ئۇلارمۇ ئاڭلىدى. ئادەتتىكى بىر ئەسەر، ئادەتتىكى بىر ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە شۇنچە دىققەت قىلىپ ، جەمىيىتىمىزدىكى بىزدىكى مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، بىزنى توغرا يولغا باشلاۋاتقان مۇتەپپەككۇرلارنىڭ پۈتۈن ئويغۇر جەمىيىتىدىكى بۇنداق چوڭ قاينامدىن خەۋەرسىز قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ قېتىم ئۇلار ھېچ ئۈندىمىدى.نۇرغۇنلىرىمىز مەيلى تور بۇلسۇن مەيلى سورۇنلاردا بۇلسۇن تالاش-تارتىش، جەڭگە جىدەل قىلدۇق، لىكىن ئۇلار ئوتتۇرغا چۈشۈپ ئىككى ئېغىز لىللا گەپ قىلىپ «ماجرا»نى بىر تەرەپ قىلمىدىغو؟ بىز ئۇلاردىن پەخىرلىنەتتۇق، ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلايتتۇققو؟ . لىكىن بۇ قېتىم ئۇلار ئۆزىنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى. نىمىشقا ئۇلار ئۆزىنى چەتكە ئالدى. سەۋەپ ئۇلار توغرا يولنى كۆرسىتەلمەسلىكىدىن ئەمەس، بىزنىڭ توغرا يولنى، ھەقىقەتنى تونۇماي ئۇلارغا باشقا كۆز-قاراشتا بۇلىشىمىزدىن، ئۆزىنىڭ نوپۇزىغا تەسىر يىتىشتىن قورقتى(ئۈمىد غەنى ئاكىمىز بۇنىڭ سىرتىدا)، بىزدىن ئۈمىدسىزلەندى، بىزدىن ئەمەس بىزنىڭ مەسىلىلەرگە ئوبىيكتىپ قارىيالىشىمىزدىن، باھا بىرەلىشىمىزدىن ئۈمىدسىزلەندى.
مەسىلىلەرگە ئوبىيكتىپ قاراش، باھا بىرىش ئىنتايىن تەس. چۈنكى دۇنيا قاراش، قىممەت قارىشى توغرا بۇلغاندا، مەدىنىيەت ساپا ئىدىيە ساپا يۇقىرى بۇلغاندا ئاندىن مەسىلىلەرگە ئوبىيكتىپ باھا بەرگىلى بۇلىدۇ. توردىكى مۇشۇ ناسىر تىمىلارغا ئىنكاس يېزىۋاتقان، باھا بىرىۋاتقانلانىڭ نەچچىسى بۇ ساپانى ھازىرلىغان بۇنىسى بىزگە نامەلۇم.
بىز مىللەتتە ئۆزىمىزنى ماختاش، ئۈستۈن قۇيۇش پىسخىكىسى بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەن، شۇڭا بىزدىن ئوبىيكتىپ باھاغا ئىرىشىش تېخىمۇ ئاسان ئەمەسمىكىن دەپ ئويلايمەن. يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان تۇردا ئىلان قىلىنغان يازمىلارغا بىرىلگەن باھالارغا قارايدىغان بولساق مۇشۇ خىل پىسخىكىنىڭ تەسىرىنىڭ بىر قەدەر چۇڭقۇرلىقىنى بىلىشكە بۇلىدۇ. توردا تۇنۇلغان زىيالىلار، ئالىملىرىمىزغا قارايدىغان بۇلساق بەزىللىرى خەلقنىڭ مۇشۇ خىل پىسخىكا ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ نام چىقاردى. يەنە بەزىللىرى بۇلسا ئەمىلىيەتنى دەپ، ئۆزىمىزدىكى رىئاللىقنى، كەمچىللىكنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ «ئىنكاسچىلار»نىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. قىسقىسى بەزىلەر خەلقنى ئالداپ نام چىقاردى، بەزىلەر ھەقىقەتنى دەپ تەنقىدكە ئۇچرىدى. مەسىلەن توردىكى يازمىللىرى بىلەن تېخىمۇ تۇنۇلغان گۈلەن ئەپەندىنىڭ بىر يازمىسىدا مەلۇم ئىللەتنى مىللەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە قارىشى تۇرۇش ئىدىيىسى ئوتتۇرغا قۇيۇلىۋىدى بىرىلگەن باھالارمۇ شۇنداق ياخشى بۇلدى، گۈلەن ئەپەندىمۇ جەمىيىتىمىزگە تونۇلدى. چۈنكى گۈلەن ئەپەندىن بىزدىكى نۇرغۇن ئورتاق ئىللەتلەرنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق نۇغۇن كىشىلەرنىڭ كەمچىللىكلىرىنى يوقاتتى، ئۇلارنىڭ ئېسىل ئاقسۆڭەكلىنى ئوتتۇرغا قويدى، ئۇلارغا رۇھى جەھەتتىن تەسەللىي بەردى. ئەلى مۇئەللىممۇ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە بىلىمى بىلەن كەڭ تونۇلدى.لىكىن ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئۇلۇغلارنى تىلغا ئېلىشى بىزنىڭ بەكرەك ھىسياتىمىزغا تەگدى، چۈنكى ئۇلۇغلار بىزنىڭ ئىپتىخارىمىز، بىزنىڭ ئىپتىخارىمىزغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بىزگە قىلغان ھۆرمەتسىزلىك، ھەممدىن مۇھىمى بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ يۇقىرى قۇيىدىغان پىسخىكىمىزغا زىت ئەمەسمۇ؟ شۇنداق بۇلغاچقا بىز ئەلى مۇئەللىمگە زەربە بىرىش ئۈچۈن ناھايىتى جاپالىق ئىزدەندۇق(بۇ جەرياندا نۇرغۇن بىلملەرگە ئېرىشتۇرق، تىرىشتۇق). يەنە قارايدىغان بۇلساق ئۈمىد غەنى ئاكىمىز كىتاپ ئۇقۇش مەسىلىسى توغرىسىدا مىللىتىمىزنىڭ باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا كىتاپ ئوقۇمايدىغان، كىتاپ ئۇقۇش قىزغىنلىقىنىڭ سۇسلىقىدىن ئىبارەت ئەمىلىيەتتى ئوتتۇرغا قويىۋىدى نۇرغۇنلىرىمىز قارىشى پىكىر، گەپ سۆزلەرنى ياغدۇرۋەتتۇق، چۈنكى ئۈمىد غەنى ئاكىمىز بىزدىكى ئىللەتنى ئېيتتى ئەمەسمۇ، بىز ئۆزىمىزدە بۇنداق كەمچىللىك بار دەپ قارىمايمىز ئەمەسمۇ، بۇمۇ بىزنىڭ ماختاشقا ئېرىشىشكە، ئۆزىمىزنىڭ يۇقىرى ئورۇنغا قۇيۇش پىسخىكىمىزغا زىت ئەمەسمۇ؟ ئۈمىد غەنى ئاكىمىزنىڭ لىكسىيىسىگە قارىتا گۈلەن ئەپەندى بىر يازما يېزىۋىدى ئىنكاسلارغا قارايدىغان بۇلسىڭىز، ماختاشلارنى گۈلەن ئەپەندىنى ئۇچۇرۇپ ئەرىشكە چىقىرىۋەتكىلى تاس قالغانلىقىنى بايقايسىز. سەۋەبى گۈلەن ئەپەندى بۇ يازمىدا(ئۈمىد ئويلاپ سۆزلە) ئويغۇرلارنىڭ ئىقتىساد، ۋە باشقا شارائىتلىرىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇنداق ياخشى بۇلماسلىقىنى ئاساس قىلىپ، بىزدىكى كىتاپ ئوقۇماسلىقنىڭ ناھايىتىنى قايىل قىلارلىق سەۋەبىنى تېپىپ بەرگەن. بۇ بىزنىڭ بەك كىتاپ ئوقۇغۇمىز بولسىمۇ ئوقۇيالمايدىغانلىمىزغا ناھايىتى ياخشى بىر سەۋەپ ئەمەسمۇ؟ بۇ بىزنىڭ ئاشۇ پىسىكىمىزغا ماس ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ماختايمىزدە. لىكىن قانچە قالاق بۇلساق شۇنچە تىرىشىپ باشقىلارغا يىتىشىۋالىمىزمۇ ياكى ئەھۋالغا قاراپ شەرت-شارائىت جەھەتتىن باشقىلاردىن تۆۋەن بۇلغاندىن كىيىن كىتاپ ئوقۇش جەھەتتىمۇ شۇلاردىن كىيىن تۇرىشىمىز كىرەكمۇ؟ ئاشۇ يازمىدا گۈلەن ئەپەندىنىڭ كىتاپ ئوقۇش توغرىسىدا بىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرغان مۇنداق بىر سېلشتۇرمىسى بار. «ئايرۇپىلاندا ماڭغان ئادەم بىلەن پىيادە ماڭغان ئادەمنى قانداقمۇ سېلىشتۇرۇشقا بولسۇن؟» بۇ سېلىشتۇرما ئاڭلىماققا ئادەمنى ناھايىتى قايىل قىلىدۇ. لىكىن يەنە ئويلاپ باقساق ھەممىمىز ئارلىشىپ بىريەردە ياشايمىز، ئوخشاش ئادەم، ئۆز-ئارا رىقابەتلىشىمىز، شۇنداق تۇرۇپ نىمىشقا سېلىشتۇرغىلى بۇلمايدۇ؟ گۈلەن ئەپەندى بۇنداق سېلىشتۇرسا بۇلمامدۇ؟ ئويلىيالمىغانمىدۇ يە؟ ئۇنداق ئەمەس، بۇنداق سېلىشتۇرساق ئەمىلىيەتنى دىيىشكە توغرا كىلىدۇ، ئەمىلىيەت، ئوبىيكتىپ بىلەن بىزنىڭ ھېلىقى پىسخىكىمىز بىر يەردىن چىقمىسا گۈلەن ئەپەندىنىمۇ چىشلىمەيمىزمۇ؟ قانداقمۇ بىز ياخشى ئىنكاس يازىمىز؟ ئەلۋەتتە گۈلەن ئەپەندىن بۇ تەرەپنى بىلگەندە.
دىمەك توردىكى يازمىلارغا بىرىلگەن ئىنكاس باھالارغا قارايدىغان بۇلساق بۇ ئەمىلىيەتنى بايقايمىز. ئوبىكتىپ باھا ئىنتايىن ئاز، بىر تەرەپلىمە قاراش ئېغىر، بىزنى ماختىغانلار ئالقىشلانغان، ئازراق بىزدىكى كەمچىللىكنى دىگەنلەرگە تىل – ئاھانەت، سېسىق گەپلەر. سەۋەپ بىزدىكى مەسىلىلەرگە ئوبىيتىكىپ باھا بىرەلمەسلىك، بۇ ئاجىزلىقىمىزدىن باشقىلارنىڭ پايدىلىنىپ باشقىلارنى كۆرەلمەي ئۇلارغا بىز ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىشى دىگەندەك ئەھۋاللار مەۋجۇت. زىيالىلار كەڭ خەلقنىڭ يول باشلىغۇچىسى، مىللەتنىڭ ئىگىسى، زىيالىلارغا بۇنداق ئىللەت ياراشمايدۇ. شۇڭا توردىكى يازمىلارغا ئوبىيكتىپ باھا بىرىش ئاددىي مەسىلە ئەمەس، شۇ باھانىڭ قانداق بۇلىشى مۇنبەردىن ئىبارەت بۇ سورۇنغا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىلىش كەلمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇلارنىڭ كىلىش-كەلمەسلىكى خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ئۇزۇقىنىڭ مۇل بۇلىشى ياكى ئۇنداق بۇلماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا يەڭگىلتەكلىك، ھىسياتچانلىق بىلەن باشقىلارنىڭ يازمىللىرىغا ۋە باشقىلارغا باھا بەرمەيلى، باشقىلارنىڭ نۇپۇزىغا چېقىلمايلى. بىز ئۈچۈن جاپا تارتقانلاردىن مىننەتدار بۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ زىيالىلارنى مۇنبەرلەرگە جەلىپ قىلىپ، تېخمۇ مول مەزمۇنلۇق سەھنە ھازىرلاپ، پۈتۈن مىللەت ئورتاق تىرىشايلى!
|