قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 15603|ئىنكاس: 51
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

20يىلدىن روسىيە جۇڭگوغا قانداق ئەسكىلىكلەرنى قىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

1

دوست

1412

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30148
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 440
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 13:39:21 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

20 يىلدىن بۇيان رۇسىيە جۇڭگوغا قانداق ئەسكىلىكلەرنى قىلدى

    رۇسىيە تىلغا ئېلىنسا، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن تورداشلارنىڭ بۇ قوشنىمىزغا نىسبەتەن باشقىچە بىر خىل ھېسسىياتى بار، ئۇلارنىڭ كۈچلۈك رەھبىرى پۇتىنغا چوقۇنىدىغانلارمۇ ئىنتايىن كۆپ. مۇنداق ئومۇميۈزلۈك كۆز قاراش مەۋجۇت، يەنى باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلىشنى ئويلاپلا يۈرىدىغان ئامېرىكا جاھانگىرلىكى چوقۇم رۇسىيە بىلەن بىرلىشىشى كېرەك. لېكىن جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىدە، جۇڭگو بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولۇپ كەلدى، رۇسىيە بولسا ھېلى بىر خىل بولسا، ھېلى يەنە بىر خىل بولۇپ كەلدى، ھەتتا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالەتتە ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت.
    چاررۇسىيە مەزگىلىدە تەڭسىز شەرتنامىلەر ئارقىلىق جۇڭگو زېمىنىنى بۆلۈۋالدى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىدى، 60-يىللاردا كېلىشىمنامىنى يىرتىپ تاشلاپ، مۇتەخەسسىلىرىنى قايتۇرۇپ كەتتى، ۋەھاكازالار. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە جۇڭگودىن بۆلۈۋېلىنغان زېمىنلار قايتۇرۇپ كېلىندى، ئەمما پەقەت رۇسىيەدىن بۇرۇنقى چار رۇسىيە بېسىۋالغان زېمىنلا قايتۇرۇپ بېرىلمىدى، 2000-يىلى جۇڭگو-رۇسىيە چىگرىسى مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، تالاشتىكى زېمىن رەسمىي ھالەتتە رۇسىيەنىڭ قانۇنلۇق زېمىنى بولۇپ قالدى.
    تارىختىكى شاپائەت ۋە ئادالەتنى قويۇپ تۇرايلى، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن رۇسىيە جۇڭگوغا قارىتا ئۈزلۈكسىز ئىنتايىن كۆپ يامان ھەرىكەتلەر بىلەن شوغۇللىنىپ كەلدى.  
   رۇسىيە رۇسىيەدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەن پۇلنى تارتىۋېلىپ كەلدى
   2009-يىلى 6-ئايدا موسكىۋانىڭ شەرقى قىسمىدىكى مەمۇرىي رايوننىڭ رايون باشلىقى توساتتىنلا مۇنداق جاكارنامە چىقاردى:«تازىلىق بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، موسكىۋادىكى ئەڭ چوڭ بازار ۋاقىتلىق تاقىلىدۇ»، بۇ ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى جۇڭگو سودىگەرلىرىنىڭ تاۋارلىرى مۇسادىرە قىلىنىپ، موسكىۋا ھۆكۈمىتىنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
«بۇ ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاۋارلا ئەمەس، يەنە 6000 كونتېينېرمۇ بار، ھەر بىر كونتېينېرنىڭ قىممىتى 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىغىچە كېلەتتى، بۇ قېتىم جۇڭگولۇق سودىگەرلەر مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئېغىر زىيان تارتتى». رۇسىيە جۇڭگو جېجياڭ يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى  نى جىشياڭ زىيارەت قىلىنغاندا نائىلاج قىياپەتتە:«بەزىلەر بىنادىن سەكرىۋالدى، بەزىلەر ئۆلۈۋالدى، شۇنچە كۆپ ئادەم خانىۋەيران بولغان بولسىمۇ، بۇ ئىش ھازىرغا قەدەر ھەل قىلىنمىدى» دېدى.
   كۆپلىگەن  جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە ماللارنى ئەتكەس قىلىنغان، سۈپىتى ناچار دەپ مۇسادىرە قىلغان بىلەن، مۇسادىرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن بازاردا تۆۋەن باھادا تۆكمە قىلىپ ساتقان. جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ ماللىرى تارتىۋېلىنىدىغان ئىش رۇسىيەدە دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
1998-يىلى 11-ئايدا، رۇسىيە ساقچى، باج تارماقلىرى «بىڭيىڭ» جۇڭگو ماللىرى مەركىزىنى تەكشۈرۈپ، ئىككى مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن مالنى مۇسادىرە قىلغان، نەچچە يۈزلىگەن جۇڭگولۇق سودىگەرلەر «ئايروپىلان ۋە باجنى كۆتۈرە ئېلىش» شەكلى بىلەن رۇسىيەگە يۆتكەپ كىرگەن ماللار (ئاساسلىقى خۇرۇم چاپان) تاموژنا تەكشۈرۈش ئىسپاتى ئالالمىغانلىقى سەۋەبلىك ئىگىسىز مال ھېسابلىنىپ مۇسادىرە قىلىندى.
2000-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە نەچچە يۈز قېتىم ئاختۇرۇپ مۇسادىرە قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، جۇڭگولۇق سودىگەرلەرگە غايەت زور ئىقتىسادىي زىيان سالدى.
   2004-يىلى 2-ئايدا، رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكى 10 نەچچە ساقچى موسكىۋا شەھەر رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى چوڭ ئايلانما تاشيولى بويىغا جايلاشقان «ئەيمىلا» چوڭ بازىرىغا بۆسۈپ كىرىپ، جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرگەن. ئىككى كۈندىن كېيىن، ساقچىلارنىڭ مىلتىق تەڭلەپ بېسىم قىلىشى بىلەن زور كۆلەمدە ئاختۇرۇپ مۇسادىرە قىلىش ھەرىكىتى قىلىپ، جۇڭگولۇق سودىگەرلەرگە نەچچە ئون مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان سالغان.
   2005-يىلى 7-ئايدا، زور بىر تۈركۈم رۇسىيە ساقچىلىرى موسكىۋا شەھەر مەركىزىدىكى «39 ئىسكىلات»قا بېرىپ، جۇڭگو ئاياقلىرىنى مۇسادىرە قىلغان. ئومۇمىي قىممىتى ئون مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىشىپ قالىدىغان بولۇپ، كۆپىنچىسى ۋېنجۇنىڭ ئاياقلىرى ئىدى. كېيىن نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، ئىككىنچى كۈنى رۇسىيە جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ 120 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى «تۆلەم» تۆلەپ ياندۇرىۋېلىشىغا قوشۇلغان.
   2008-يىلى 10-ئايدا رۇسىيە موسكىۋانىڭ ئاتەس بازىرىغا تۇيۇقسىز زەربە بېرىپ، جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ ئىسكىلاتىدىكى ئاياق، كىيىم-كېچەك، پايپاق قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىنى پىچەتلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ قىممىتى تەخمىنەن ئىككى مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېلىدۇ.

   رۇسىيەنىڭ جۇڭگو مال پاراخوتلىرىنى چۆكتۈرىۋېتىشىگە گەپ توغرا كەلمەيدۇ
   2009-يىلى 2-ئايدا، يەنى جۇڭگو، رۇسىيە ئىككى تەرەپ رۇسىيەنىڭ جۇڭگوغا 300 مىليون توننا نېفىت تەمىنلەيدىغان، بۇنىڭ بەدىلىگە جۇڭگو رۇسىيەنىڭ ئىككى نېفىت شىركىتىگە 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بېرىپ تۇرىدىغانلىقىدەك ئىشنى تەبرىكلىشىۋاتقان پەيىتتە، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمىگەن بىر ئىش يۈز بەردى: رۇسىيە جۇڭگونىڭ مال كېمىسىنى چۆكتۈرىۋەتتى! كېمىدىكى نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى!
2009-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، جۇڭگونىڭ «يېڭى يۇلتۇز» ناملىق بىر مال كېمىسى رۇسىيە دېڭىز رايونىغا يېقىن جايغا كەلگەندە رۇسىيە دېڭىز ئارمىيىسى تەرىپىدىن چۆكتۈرىۋېتىلدى، كېمىدىكى 10 نەپەر جۇڭگولۇق كېمە ئەزالىرىدىن ئۈچى بەختكە يارىشا قۇتۇلدۇرىۋېلىندى، قالغان يەتتىسى بولسا ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولدى. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، «يېڭى يۇلتۇز» ناملىق كېمە رۇسىيە چىگرا-مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ توپچى كېمىلىرىنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئاندىن بىر يانغا قىيسىيىپ چۆكۈشكە باشلىغان. تېپىلغىنى «يېڭى يۇلتۇز» ناملىق كېمىدىكى جۇڭگولۇق كېمە ئەزاسى بولۇپ، 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ياپونىيەنىڭ خونسىيو ئارىلىنىڭ قىرغىقىدىن تېپىلغان.  
    جۇڭگونىڭ بىردىنبىر قايتۇرغان ئىنكاسى شۇ بولدىكى شۇ ئىشتىن كېيىن 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما چاۋشۈن بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ،  جۇڭگو تەرەپنىڭ «يېڭى يۇلتۇز» ناملىق كېمە ۋەقەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا يۇقىرى دەرىجىدە ئېتىبار بېرىدىغانلىقى، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كېيىن ئىشلارنىڭ قانداق بولۇپ كەتكىنى نامەلۇم، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە تۆلەم توغرىلىق ھېچقانداق مەلۇماتنى كۆرگىلى بولمىغان.
   رۇسىيە ۋېيتنام بىلەن بىرلىشىپ، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنى تالىشىشقا قول تىقتى
   2014-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا جۇڭگو بىلەن ۋېيتنام جەنۇبىي جۇڭگودا تىركىشىپ تۇرغان ۋاقىتتا، رۇسىيە ۋېيتنامنى قوللايدىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا بىلدۈردى. «كىلو» ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتىنى ۋېيتنامغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇ تېخى رۇسىيە تەرەپنىڭ ۋېيتنامغا تەمىنلىگەن ھەربىي لازىمەتلىكلەرنىڭ بىر قىسمى خالاس، رۇسىيە يەنە ۋېيتنامنىڭ ئاتالمىش «سۇ ئاستى كېمىسى قىسمى» قۇرۇشىغا ياردەم قىلماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە تەبىئىي گاز شىركىتى ۋېيتنام بىلەن جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى ئىككى چوڭ تىپتىكى تەبىئىي گاز رايونىنى ئېچىش توغرىلىق كېلىشىم تۈزگەن. رۇسىيە جۇڭگو بىلەن ئىستراتىگىيلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتماقچى بولغان، ئەمما ئاكتىپلىق بىلەن جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىغا كىرىپ، جۇڭگونىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە ئارىلاشقان. رۇسىيەنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتى ئېنىقلا ئەخلاقسىزلىق ۋە نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئەمەلىيەتتە ۋېيتنام ھەر يىلى رۇسىيەدىن بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ۋېيتنام رۇسىيەنىڭ قورال ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەتلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. رۇسىيەنىڭ ۋېيتنامغا تەمىنلىگەن قوراللىرىنىڭ ھەممىسى بىر قەدەر ئىلغار، ئىقتىدارى ھەتتا جۇڭگونىڭ رۇسىيەدىن سېتىۋالىدىغان قوراللىرىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ، كۆپ قىسمى ھۇجۇم خاراكتېرلىك قوراللار  بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «كىلو» دەرىجىلىك سۇ ئاستى كېمىسى، «يالتىراق قوڭغۇز» دەرىجىلىك چارلاش كېمىسى، «چاقماق» دەرىجىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا كېمىسى ۋە «قاپلان 3.9» دەرىجىلىك قوغداش كېمىسى قاتارلىقلار بار. كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى رۇسىيەنىڭ ۋېيتنامغا ئېكىسپورت قىلغان ئالتە دانە «كىلو» دەرىجىلىك دىزېل مېيى يېقىلغۇ قىلىنىدىغان سۇ ئاستى كېمىسى بولۇپ ئىقتىدارى ئىلغار، «ئوكياندىكى قارا ئۆڭكۈر» ناملىق كېمە بولسا ئىنتايىن تىنىچ، كېمە ۋە قىرغاقتىكى «كۇلۇب»قا ھۇجۇم قىلالايدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن.
    ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋېيتنامنىڭ رۇسىيەدىن سېتىۋالغان 20 نەچچە Su-30MK تىپلىق كۆپ خىل قوللىنىلىشچانلىققا ئىگە ئۇرۇش ئايروپىلانى بار بولۇپ، جەڭ قىلىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك، سەپلەنگەن ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئىلغار، ئوق-دورا قاچىلاش مىقدارى چوڭ، فازىلىق قاتار رادار ئىقتىدارى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھاۋا بوشلۇقى، يەر يۈزى ۋە دېڭىزدىكى كۆپ خىل نىشانلارنى ئىز قوغلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. يەر يۈزى ۋە دېڭىزدىكى نىشانغا ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتا، «ئېتىپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن كارى بولمايدۇ»غان تېلېۋىزوردا كونترول قىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، رادارغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلارنى سەپلەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئۇ ھاۋا چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىق ۋە ئۇلترا كۆرۈش ئارىلىقىدا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئۈچ ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىچىدىكى كوزۇر ھېسابلىنىدۇ.
   رۇسىيە بىلەن ۋېيتنامنىڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئىچىدە يەنە ۋېيتنامنىڭ سۇ ئاستى كېمە قىسمى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، سۇ ئاستى كېمە ماتروسلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىش، سۇ ئاستى كېمە بازىسى ۋە ئەسلىھەلىرىنى بەرپا قىلىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىقلارمۇ بار. ئەقلى ئويغاق كىشىلەر بىر قاراپلا ۋېيتنام سېتىۋالغان بۇ قوراللارنى ئاساسلىقى جۇڭگودىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايدۇ. بولۇپمۇ جۇڭگو بىلەن ۋېيتنامنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى ماجىراسى بىر پەسىيىپ، بىر كۈچىيىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ ئىلغار قوراللار جۇڭگونىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسى ۋە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش كېمىلىرىگە نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ.
    رۇسىيە ئېنىرگىيە مەسىلىسىدە جۇڭگونى نا ئۈمىدتە قالدۇرۇپ كەلدى
   رۇسىيە پرىزىدېنتى پۇتىن سانت پېتېربۇرگ خەلقىئارا ئىقتىسادى مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رۇسىيە نېفىت شىركىتى 25 يىلغىچە ھەر يىلى جۇڭگونى 46 مىليون توننا خام نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىدى. شۇ چاغدىكى بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا بۇ توختامنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 270 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. بۇ خەۋەرگە نىسبەتەن جۇڭگو سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى، چۈنكى ئەگەر رۇسىيە جۇڭگوغا ھەر يىلى 46 مىليون توننا خام نېفىت سېتىپ بەرسە، بۇ ئەلۋەتتە ئىنتايىن ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ئىش، ئەمما پۇتىننىڭ قۇرۇق تېرە تاراقشىتىپ قويغان بولۇشىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايتتى، چۈنكى پۇتىن ئېنىرگىيەنى ئېكىسپورت قىلىش جەھەتتە ئەزەلدىن گېپىدە تۇرماي كەلگەن ئىدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان جۇڭگو-رۇسىيە نېفىت يەتكۈزۈش تۇربىسى ئىشى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى. سۆھبەتنىمۇ ئۆتكۈزدى، كېلىشىمنىمۇ تۈزدى، ئەمما بۇ جەرياندا رۇسىيە كۆپ قېتىم گېپىدىن يېنىۋالدى، گېپىدىن يېنىۋالدىلا ئەمەس، جۇڭگونىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغان ياپونىيەنىمۇ سۆرەپ كىرىپ، «ئىككى تەرەپنى تۇتۇشتۇرۇپ قويۇپ، ئوتتۇرىسىدا پايدىغا ئېرىشمەكچى» بولدى.
2003-يىلى خودوركوۋسكى باشچىلىقىدىكى يوكۇس نېفىت شىركىتى جۇڭگو نېفىتچىلىكى بىلەن ھەمكارلىشىش ئويى بارلىقىنى بىلدۈردى، يوكۇس شىركىتى يىللىق نېفىت يەتكۈزۈش مىقدارى 50 مىليون توننا بولغان رۇسىيەنىڭ ئانگارسك نېفىتلىكىدىن جۇڭگونىڭ داچىڭ نېفىتلىكىگە نېفىت يۆتكەش لىنىيەسىنى ئېچىپ، رۇسىيەنىڭ خام نېفىتىنى جۇڭگونىڭ داچىڭ نېفىتلىكىگە ئۈزلۈكسىز تۈردە يۆتكىمەكچى بولدى. ھالبۇكى بۇ ئۇلۇغۋار پىلان قۇرۇق گەپ بولۇپ قالدى، خودوروۋسكىمۇ ياۋروپاغا كېتىشكە مەجبۇر بولدى. 2009-يىلىغا كەلگەندە، ئانگارسك-داچىڭ لىنىيەسىگە ئوخشايدىغان جۇڭگو-رۇسىيە نېفىت تۇربىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئەمما ئەسلى دېيىلگەندىكىدىن بەكلا يىراقلاپ كەتتى، جۇڭگوغا نېفىت يەتكۈزىدىغان تۇرۇبا جۇڭگو تارماق لىنىيەسىگە ئۆزگەردى، شۇنداقلا نېفىت يەتكۈزۈش مىقدارىمۇ 30 مىليون توننىغا چۈشۈپ قالدى.
    پۇتىن جۇڭگوغا نىسبەتەن «ئېنىرگىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى باھادا سېتىپ بېرىش» ئۇسۇلىنى قوللاندى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ياپونىيە بىلەن ھىندىستاننى تۇربا لىنىيەسىنى تالىشىشقا كۈشكۈرتتى، يەنە ياپونىيە بىلەن يىراق شەرققە نېفىت يەتكۈزۈش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئۇنىڭدىن باشقا ھىندىستان پىلانىغا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، يەنى ھىندىستان غايەت زور پىلان «ئىران-پاكىستان-ھىندىستان» پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. رۇسىيەنىڭ بۇ قىلغانلىرى تېز سۈرئەتتە رايون خاراكتېرلىك تەبىئىي گاز بازىرىغا تەسىر كۆرسەتتى، ئاخىرىدا دۇنيا بازىرىغا تەسىر كۆرسەتتى.
رۇسىيە نېمە ئۈچۈن ھە دېسە جۇڭگوغا قارا قولىنى سوزىدۇ؟ رۇسىيەنىڭ ئېتىبار بېرىدىغىنى ئەزەلدىن دوستلۇق ئەمەس، بەلكى پايدا-مەنپەئەت، بىز بولساق دوستلۇقنى زىيادە ئەلا بىلگەچكە باشقىلارنىڭ ئەسكىلىكلىرىگە بولغان ھۇشيارلىقىمىز تۆۋەن. رۇسىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدە دوستلۇق دېگەن ئەڭ يۇقىرى چەكتە دۆلەت مەنپەئەتى ئاساسىغا قۇرۇلۇشى كېرەك، ئەمما بىز بولساق دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بەزىدە ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ جانىجان مەنپەئەتىمىزنى قۇربان قىلىشتىنمۇ يانمايمىز.  
     رۇسىيە پرىزىدېنتى پۇتىن ئىلگىرى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىرلەشسە، پۈتۈن دۇنيا خاتىرجەم ھالدا ئۇيقۇغا كېتىدۇ. ئەمما جۇڭگو شۇنداق قىلالامدۇ؟

مەنبە: مەبلەغ سېلىش ۋە كاپىتال مۇنبىرى تەرجىمىدە ئوكيان تورىدىن گۈلجەننەت

1

تېما

7

دوست

982

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   96.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29991
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 290
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 14:31:47 |ئايرىم كۆرۈش
ھەي غوجامنىڭ غوجىسى بار ، چامغۇرنىڭ ئورىغۇچىسى دىگەن گەپكە نەق چۇشۇپتۇ ماۋۇ تىما ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ بىشىغا كەلگەن بەزى زىيانلار بۇلارغا نىسبەتەن ھىچنىمە ئەمەسمۇ نىمە ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

1893

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   89.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5956
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 579
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 14:42:02 |ئايرىم كۆرۈش
تارىختىن بۇيان رۇسلار ئىتتىپاقدىشىغا ۋاپا قىلغان ئەمەس!ۋاپاسىزلىق ئۇلارنىڭ قان قېنىغا سىڭىپ كەتكەن.

0

تېما

1

دوست

349

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   24.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34475
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 96
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 14:50:24 |ئايرىم كۆرۈش
شۇنداق

8

تېما

2

دوست

1987

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33848
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 610
توردىكى ۋاقتى: 400
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 15:05:50 |ئايرىم كۆرۈش
خۇددىي ئىككى قوچقارنىڭ بىشى بىرقازاندا قاينىماندەك، ئاسىيادا روسىيە بىلەن جۇڭگو قانداقمۇ ھەقىقىي دوسلۇقنى يولغا قويالىسۇن. ھەربىي جەھەتتە ئىككى دۆلەتىڭ ئاساسىي بىرقەدەر مۇستەھكەم، بۇنداق ئۇششاق سۈركىلىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتمەيدۇ. روسىيە بىرتەرەپتىن جۇڭگودىن ئايرىلىپ قىلىشنى خالىمايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ كۈچىيىپ كىتىشىنى تىخىمۇ خالىمايدۇ. خۇڭگو كۈچەيسە مۇڭغۇلىيەنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كىلىشى، روسىيەنىڭ سىبىرىيە رايونى خىرىسقا ئۇچىرشى،جۇڭگو بىلەن بولىدىغان قۇرال-ياراق سودىسىنىڭ ئاخىرلىشىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايوندىكى مەنپەئەتى زور زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. شۇڭلاشقا روسىيەنىڭ يۈرگىزىۋاتقىنى جۇڭگوبىلەن بولغان چوڭ جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى ساقلاپ قىلىش، لىكىن كۈچىنىڭ بارىچە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە قەدكۆتىرشىنى چەكلەش.
دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئاساسەن چىداپ تۇرماق كىرەك، تاكى دۆلىتىمىز نىڭ سىياسىي،ئىقدىسادىي، ھەربىي جەھەتتە قايتىدىن قەد كۆتۈرگىچە.

18

تېما

4

دوست

5640

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   12.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1742
توردىكى ۋاقتى: 488
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 16:00:04 |ئايرىم كۆرۈش
ئىت ئۇرغۇچسىغا ئامىراق .

1

تېما

2

دوست

4775

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   92.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12157
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 1360
توردىكى ۋاقتى: 273
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-7
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 16:26:14 |ئايرىم كۆرۈش
روسىيە ئەسكى بولغىنى بىلەن دۈشمەن دەپ قاراشقا بولمايدۇ.ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئىتىپاقداشلار رايون تاجاۋۇزچىلىقى  ئۈچۈن شەرىققە سۈرۈلىۋاتسا شەرىقتىكى بۇ ئىككى كۈچ بىرلەشمەي ئۇ سىمىز مەن ئورۇق دەپ يۈرسە قانداق بولىدۇ.شوڭا دۈشمەننى ئورتاق تۇنۇپ كۈچ بىرلەكتە ئىش ئۆملۈكتە دىگەن قائىدىنى بىكىتىپ ئارىدىكى نىزانى سۆزلەشمەي چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى بىرلىك سەپ تۈزىمەي بولمايدۇ.ئامېرىكىنى بۇ رايوندىن قۇغلىۋەتكەندىن كىيىن ئادىن ئالدىرماي ھىساب كىتاب قىلىشسىمۇ بولىدۇ.شوڭا روسىيە ۋە جۇڭگۇ ئورتاق خىرىس ئالدىدا بىرلىشىش كىرەككى چىچىلماسلىقى كىرەك.بۇ دۆلەت مۇداپىيەسىنىڭ ئورتاقلىقى.

5

تېما

6

دوست

2772

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28166
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 860
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-13
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 16:42:43 |ئايرىم كۆرۈش
   بۇ تىما ئارقىلىق بۇرۇن جوڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋېتىدە ئاڭلاپ باقمىغان ئىشلارنى ئاڭلىدۇق،
سابىق ك گ ب خادىمى پۇتىن ھەقىقەتەن ھىيلىگەر، قارايۈز، نىيىتى بۇزۇق بىر ئادەمدەك قىلىدۇ.
قارىغاندا جوڭگو-رۇسىيە ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋېتى قۇم ئۈستىگە قۇرۇلغاندەك تۇرىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )