- تىزىملاتقان
- 2014-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2248
- نادىر
- 1
- يازما
- 45
ئۆسۈش
8.27%
|
سەت ئىشلار (3)
ئابدۇرەھمان ئەفغانىي
ئانىلارنىڭ ئاداشقان كۆيۈمى بالىلارنى لامزەللە قىلىپ قويدى. تۇغقانلاردىن بىرى ئۇ بالىنى ئۆز كۆرۈپ شاراپەتلىك ئۆگۈتلەردىن سۆزلىگەندە، ئانا قوپۇپ تۇغقىنىغا ئالايدى:
«ۋۇي ي غوجام،
قورساقتىن چۈشۈرۈپ قويغىنىم بىلەن،
قۇچاقتىن چۈشۈرمەي باققان بالام بۇ.»
ئۆينىڭ ئۈستىگە ئۆي سېلىندى، خوتۇننىڭ تۆپىگە توقال ئېلىندى. شەرەپسىز دوكارلار دەيدىكەن شۇنداق:
«خوتۇن ماڭا تەلمۇتەل،
مەن ئۇلارغا دەلمۇدەل،
بار ئىززىتىم ئەلمۇئەل،
ئەمدى مەندە نە خەلەل؟»
بەزىلەر ئۆزىچە تۈرگۈن بولۇپ:
«پارىدا گۈل بولغان ئىستىقبالىمدىن،
ئەجرىمدە مەدىكار بولغىنىم ئەۋزەل»
دېدى. بىراق ئۇ گەپ لەۋدىلا قالدى، مۆرىتى كەلگەندە ئۇ كىشى مەدىكار تۈگۈل، تېخنىك بولغىلىمۇ ئۇنىمىدى.
ئەرك تەرك ئېتىشى كېرەك بولغان قۇللۇق ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئەمما ئەرك ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ مېھمانلاتتى ۋە سىرداشلاردىن بولۇپ كەتتى. ئەمدى ئۆينىڭ گېپى چىقىپ قالغاچ مېنىڭ ئېسىمگىمۇ بىر ئىش كىرىپ قالدى. بىر ئۆي مەيلى قانچىلىك تار بولسۇن، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۇنىڭغا ئازادە پاتىدىكەن، سانىنىڭ ئون ياكى يىگىرمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر. ئەمما ئۇ ئۆيگە سىرتتىن بىرەيلەن ئەزا بولۇپ كىرسە ھەرگىز سىغمايدىكەن، مەيلى ئۇ تۇغقان ياكى تۇغقانلارنىڭ بالىسى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر. بۇمۇ ئىچى تارلىقنىڭ بىر تارمىقىغۇ!؟
بەتەھقىق، قىزىل كۆزلۈك ئەدىدى. ئەسلى خۇدامۇ چۈجىنىڭ ناشۈكرىلىكىنى بىلىپ، مېكىيانغا ئەمچەك بەرمىگەنىكەن.
بالىلىرىمىز خانزادىلەرنىڭ كۈنىنى كۆرۈپ باراۋەتگاھلاردا يايراۋاتقاندا، پەلەستىنلىك بالىلار قولىغا كېسەك ئېلىپ ئۆلۈم بىلەن چالمىچاڭ ئويناۋاتىدۇ. بۇ قانداق گەپ؟ ئەدىبلەر ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا تېگىشلىك.
ھېلىلا بىر دوستۇم شۇنداق دەيدۇ: «ئاداش، سەن تاپقان سەت ئىشلارنى مەنمۇ بايقىۋاتىمەن. مەن بۈگۈن ھەر ھاللارنى: خەقنىڭ يۇرتىدا قىسىلغان بويۇنلارنى ۋە جىننىڭ ئۇۋىسىدا قاينىغان ئويۇنلارنى؛ خاتا ئەقىدە بىلەن ئۇرۇلغان باشلارنى ۋە بۇ باشلارنى تارتقانلارغا ياغقان تاشلارنى؛ دوست ئالدىدا قىزارغان يۈزلەرنى ۋە ياپراقنىمۇ سارغايتالمىغان كۈچسىز كۈزلەرنى؛ پۇل - مال كۆرگەندە يىقىلغان غۇرۇرلارنى ۋە چوشقا ئالدىدا شۈك ياتقان ئوقۇرلارنى؛ جەڭگە چىقماي ئوقتىن قورققان دادىلارنى ۋە بىرەر ۋەسىيسىز ئوڭدا چۈشگەن تۇغ - خادىلارنى... كۆرۈۋاتىمەن. كۆرۈۋېتىپ ئىچىمدە يىغلاۋاتىمەن.»
تۈنۈگۈن ئۆمرۈمدىكى ئەڭ يوغان باناننى يېدىم. بىرەر يېرىم ئاۋۇپ قالامدىكىن دېسەم، ئازراقمۇ غەيرىيلىك يوق. قارىغاندا، بايلارمۇ ئادەتتىكىچىلا ئادەملەر ئوخشايدۇ.
تومۇرچىلارنىڭ پاتماي قالغىنىغا قاراپ، ئەمدى تىۋىپنىڭمۇ كېرىكى قالمىغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم.
ئەسەر يېزىپ ئولتۇراتتىم، دادام كىرىپ: «ياز، ئوغلۇم، تاتلىق ياز، نەپلىك ياز!» دەپ چىقىپ كەتتى. شۇندا قولۇمدىكى قەلەمنىڭ پۇتى سىرقىراپ قالدى. يازغۇچىلارنىڭ قولى توم بولغىنى بىلەن، قورسىقى يەنىلا توق ئەمەس. جۈملىلەر پاساھەتلىك بولسىلا بەسمۇ؟ ئۇلار ئەمدى چۈپرەندە تېمىلارنى ئەمەس، پەرز ئەين بولۇۋاتقان تېمىلارنى يېزىشى كېرەك.
ئەمما تېخىچە بىر بىلەن ئىككىنى پەرق ئېتەلمەيۋاتقان بىرەيلەن مەندىن سورىدى:
___ سىز نېمىشقا غەم چىراي؟ كۈلۈپرەك يۈرسىڭىز بولمامدۇ؟
___ مەن كۈلەلمەيمەن، ___ دېدىم.
بۇ ئادەملەرنىڭ كۆزى كۆرمەمدۇ؟ ياكى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىۋالامدۇ؟ چېرىكنىڭ تېرىكىپ قويغىنىغىلا تىرىكلەر چىرىپ كېتىۋاتقان بۇ كۈندە، يەنە نېمە ھەددىمىز بىلەن خاتىرجەم ھىجايغىلى بولسۇن!؟
قىيامەت يېقىنلاشقانمىكىن تاڭ، ئەيتاۋۇر جاھاندىن ھەزەر ئەيلەيدىغان چاغلار كەپتۇ.
ئەفغانىينىڭ تۇرمۇش سەتچىلىكى ھەققىدە تاغدىن - باغدىن ھازىرچە يىغىپ - تۆشىگەنلىرى مۇشۇنچىلىك. ئەمدى ئۇمۇ تۇرمۇش ئۇزلۇقچىلىقى ۋە ھايات تىلسىملىرى جەھەتتىن ئىزدىنىشنى بەكمۇبەك ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭىمۇ، ئۇ مۇشۇ كۈنلەردە نەپلە نامازنى جىق ئوقۇيدىغان بولۇپ قالدى.
(تامام!)
2015 - يىلى فېۋرالنىڭ ئاخىرلىرى، قاراقاش |
|