ئالتۇن تۇپراق گۈللىكىدىلەرنىڭ ئاھۇ ـ زارى
ئالتۇن تۇپراق گۈللۈكى ئولتۇراق رايونى تاختا كۆۋرۈك مېۋە ـ چېۋە بازىرىنىڭ يېنىدىكى ئىككىنچى كوچىغا جايلاشقان بولۇپ، نەزەر باغ يېزا 7 ـ كەنىتكە تەۋە. قۇرۇلۇش دېرىكتورى يېڭى ئۆستەڭلىك ناسىرھاجى بولۇپ، قورودىكى بىنا جەمئى ئۈچ، بىز مەزكۇر قورۇدىن ئۆي سېتىۋالغانغا پۇشايمان قىلماقتىمىز، بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە: 1) ئەسلىدە يەر ئاستى ئۆيلىرى ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا مەلۇم نىسبەتتە بۆلۈپ بېرىلەتتى، ئەمما يەر ئاستى ئۆيلىرىنى بىزەپ بىزگە بەرمەي باشقىلارغا ئىجارە بېرىۋەتتى. بۇ خاتا قىلمىش، ئەلبەتتە. 2) ئولتۇراق بىنا يەر ئاستىنى قوشقاندا ئالتە قەۋەت ئىدى، ئەمما بىنا پۈتۈپ بىر يىلدىن كېيىن ئۈستىگە يەنە بىر قەۋەت سالدى، بۇ قانۇنسىز قۇرۇلۇش بولغاچقا ساتماي ئىجارە بەردى. ئەگەر تۇيۇقسىز يەر تەۋرەپ قالسا بىزنىڭ ھاياتىمىزغا كىم كېپىللىك قىلالايدۇ؟ پۇلنى دەپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا بولامدۇ، كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىلەن ئويناشسا بولامدۇ؟ 3) قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشكە تېگىشلىك پولات چىۋىق ئاز ئىشلىتىلگەچكە بەزى ئۆيلەرنىڭ تاملىرىدىن چاك كەتتى بۇ ھەرقانداق ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ. 4) ئۆي كېنىشكىسى چىققاندا بېرىمەن دەپ بەزىلەردىن بەش مىڭ يۈئەن،بەزىلەردىن ئالتە مىڭ يۈئەن ئېلىپ ،تالۇن كەسمەي ئاق ھۆججەت يېزىپ بەرگەنتى، ئۈچ يىل بولاي دېدى،لېكىن ئۆي كېنىشكىسىنى بەرمىدى،بۇ قانۇنسىز مەبلەخ توپلاش ئەمەسمۇ؟ 5) ئۆي بېزەپ بولغاندىن كېيىن ئەخلەتنى بىر تەرەپ قىلساڭلار بېرىمەن دەپ تۇتۇپ قالغان مىڭ يۈئەن پۇلنى سىملىق تېلېۋىزىيە تۇتۇپ قېلىش بىلەن بىرگە ئۆزى بىزگە بىلدۈرمەي سىملىق تېلېۋىزىيە ئىدرىسى بىلەن تاللا تېلېۋىزىيەسىدىن تارتىپ كۆرىدىغانغا يىللىقىنى يەتتە يۈز يۈئەندىن نومۇسسىزلارچە ئىككى يىللىق توختام ئىمزالىۋاپتۇ، جەزمەن بۇنىڭ ئارقىسىغا بىر ساختىپەزلىك يوشۇرۇنغان.ئىككى يىل توشقاندىن كېيىن سىملىق تېلېۋىزىيە ئىدارىسىغا بېرىپ ،تاللا تېلېۋىزىيە قاناللىدىن تارتىپ ھەممىسىنىڭ بىر يىللىقىغا تۆت يۈز ئاتمىش يۈئەن ئېلىپ تىزىملىدى ،ئارىلىقتا ئىككى يۈز قىرىق يۈئەن پەرىق بار ،بۇ پۇل كىمنىڭ چۆنتىكىگە كېرىپ كەتتى؟ 6)ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرغان ۋە مەزكۇرنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ بالىلىرىدىن بولۇپ 70 ~ 80 دەك ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار مەكتەپكە بارماي ئوقۇشسىز قالماقتا، بۇ بالىلار ئوقۇشسىز قالسا،كېيىنكى ئىستىقبالىنىڭ قانداق بولۇشىنى كىم بىلىدۇ؟ باش شۇجى شىجىنپېڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان پۈتۈن مەملىكەتتە قانۇن تۈزۈم ئېڭى كۈچىيىۋاتقان مۇشۇنداق ياخشى ۋەزىيەتتە بىزنىڭ ئاھۇ ـزارىمىزنى ئاڭلاپ دەردىمىزگە دەرمان بولىدىغان رەھبەرلەرنىڭ چىقىدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنىمىز. ئاتالمىش ئالتۇن تۇپراق گۈللىكىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپ قىسمى بىرلىككە كېلىپ ،بۇ ئاھۇ ـزارنى يازدۇق ،ھەق سۆيەر قېرىنداشلار ياردەمدە بولغاي سىلەر! |