قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 845|ئىنكاس: 4

قۇمۇلدىكى بىر قىسىم رىۋايەتلىك يەر ناملىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

1

دوست

1412

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30148
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 440
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 17:21:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇمۇلدىكى بىر قىسىم رىۋايەتلىك يەر ناملىرى
سائادەتگۈل ياقۇپ
(قۇمۇل شەھىرى راھەتباغ 1- باشلانغۇچ مەكتەپتىن)

  ئىسلام دىنىنىڭ قۇمۇلغا كېيىنرەك كىرىشى سەۋەبلىك بۇ يەرگە ئەرەب – پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى سۇسراق بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇمۇلنىڭ شەرق – غەرب ۋە جەنۇبىي تەرەپلىرىدىكى پايانسىز چۆل- جەزىرىلەر قۇمۇلنى ئەتراپتىكى مەدەنىيەتتىن ئايرىپ تۇرغاچقا، تاشقى مەدەنىيەت بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىمۇ  ئازراق بولغان. شۇڭا قۇمۇلدا ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە مەنسۇپ نۇرغۇن تارىخىي يەر ناملىرى بار. بۇلارنىڭ بىر قىسمى بىر ئاڭلاشقىلا مەنىسىنى بىلگىلى بولىدىغان ناملار بولسىمۇ لېكىن نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغانلىقىغا دائىر ئېنىق مەلۇمات يوق. يەنە بىر تۈركۈم يەر ناملىرىنىڭ تىل تەۋەلىكىنى ئايرىشمۇ تېخى چوڭ بىر مەسىلە. تۆۋەندە مەن مەنىسى بىر قەدەر ئوچۇق بولغان بىر قىسىم يەر ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا دائىر بىر نەچچە رىۋايەتنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. بۇ رىۋايەتلەر شۇ يەر ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا نەق جاۋاب بولالمىسىمۇ لېكىن يەر ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە قۇمۇل تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا خام ماتېرىيال بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
  بوغاز
  قۇمۇل شەھىرىنىڭ 28 كىلومېتىر جەنۇبىدا «بوغاز» دېگەن بىر يېزا بار. بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە خەلق ئارىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت تارقالغان. ئىسلام دىنى قۇمۇلغا تارقىلىۋاتقان مەزگىلدە 20- 30 دەك دىن تارقاتقۇچى قۇمۇلغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاش–تاماقلىرىنى ئېتىش، كىر–قاتلىرىنى يۇيۇش ئىشلىرىنى قىلىشقا بىر ئايال كىشىنىمۇ بىللە ئېلىۋالغانىكەن. سەپەر ئۈستىدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى: ئارىمىزدا بىرلا ئايال بار، ئايال كىشى دېگەن ئاجىز، ناۋادا بىرەرسىمىزنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپ، ئۇنىڭغا چېقىلىپ قويساق، ھامىلدار بولۇپ قالسا، سەپىرىمىزگە تەسىر يەتسە قانداق قىلارمىز، دەپ ئويلاپتۇ. شۇ كۈنى ئاخشىمى بىر قونالغۇدا چۈشكۈن قىلىپ سەھەردە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ قارىسا، ھېلىقى خىيالنى قىلغان كىشىنىڭ قورسىقى يوغىناپ قالغانىكەن، بۇنىڭدىن ھەيران قالغان ھېلىقى كىشى باشلىقىغا ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان باشلىق غەزەبلىنىپ «ھەممىگە قادىر ئاللا شۇ ئاجىز بەندىنى بىزدىن ساقلىيالمامدىكەن، نىيىتىڭ يامان بولغاچقا، ئاللا سېنى جازالاپتۇ، بۇنى ئۆزۈڭدىن كۆر، بىزنىڭ ئامالىمىز يوق دەپتۇ». بۇ ئاجايىپ ۋەقە ناھايىتى تېزلا بۇ قونالغۇغا پۇر كېتىپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر بۇ قونالغۇنى «بوغاز» دېيىشىدىغان بوپتۇ.
  ئەمەلىيەتتە بوغاز يېزىسى قۇمۇل دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىككى تەرىپى قۇرۇقلۇق بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ. شەكلى بەئەينى بوغۇزغا ئوخشايدۇ. شۇڭا بۇ يەر ئۆزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يەرلىك خەلق تەرىپىدىن «بوغاز» دەپ ئاتالغان بولسا كېرەك. ئەگەر بۇ تەخمىن توغرا دەپ قارالسا، «بوغۇز» نىڭ «بوغاز» غا ئۆزگىرىپ قېلىش سەۋەبىنى تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ.
  قوۋۇق ئېغىزى
  قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلارغا كىرىشتىكى تاغ ئېغىزى ھېسابلانغان كۆشۆتىدىن ئىچكىرىلەپ، يۇقىرىغا ئۆرلىسە بىر داۋانغا چىققىلى بولىدۇ. بۇ داۋاندىن يىلاندەك تولغىنىپ ياتقان 36 ئايلانمىلىق يول بىلەن پەسكە چۈشسە، قوۋۇق ئېغىزىغا يېتىپ كەلگىلى بولىدۇ. بۇ جاي داۋاندىن ئۆتكەنكى بار كۆل، ئارا تۈركلەرگە ئايرىلىدىغان يول ئېغىزى بولغاچقا كىشىلەر بۇ يەرنى قوۋۇق ئېغىزى دەپ ئاتاشقان. بۇ جاي ھەققىدە ئەل ئارىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت بار.
  ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ شىمالىدا چەكسىز كەتكەن بىر دېڭىز بولغانكەن. بۇ دېڭىز ياقىسىدا بىر قەبىلە بولۇپ، بۇ جايدا بىر جۈپ ئاشىق – مەشۇق ياشايدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە دېڭىزدىن بىر دېۋە چىقىپ، قىزنى ئېلىپ قېچىپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يىگىت دېۋە بىلەن ئۈچ كېچە – كۈندۈز ئېلىشىپ، ئاخىرى دېۋىنى يېڭىپ قىزنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپتۇ، ئۇلار مېڭىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا دېۋە يەنە دېڭىزدىن چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا غايەت زور بىر تاغنى پەيدا قىلىپ ئۇلارنىڭ يولىنى ئېتىپ قويۇپتۇ. قاتتىق غەزەپلەنگەن يىگىت قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، قاتتىق قەھرى بىلەن تاغنى چاپقانىكەن، غايەت زور گۈلدۈرلىگەن سادا بىلەن تەڭ تاغ ئىككىگە ئايرىلىپتۇ. دېمەك قۇمۇل بىلەن تاغنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا ئۆتۈشتىكى بۇ تاغ يولى ئاشۇ يىگىتنىڭ چېپىشى بىلەن ئېچىلغانىكەن.
  ئاقتاش
  ئاقتاش تەڭرىتاغنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، شىنجاڭدا كەم ئۇچرايدىغان مەنزىرلىك رايونلارنىڭ بىرى، كىشىلەرنىڭ يازلىق ئارامگاھى. بۇ نام شۇ جايدا چوقچىيىپ تۇرغان يىگانە ئاقتاشنىڭ نامىدىن كەلگەن. بۇ تاش ھەققىدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار:
  بۇرۇن بۇ يۇرتتا چارۋىچىلىق قىلىدىغان بىر قەبىلە ياشىغانىكەن. قەبىلە باشلىقىنىڭ بەختىگۈل ئىسىملىك بىر گۈزەل بولۇپ، ئۇ چىنار ئىسىملىك بىر نامرات يىگىتكە ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. ئۇلار دائىم ئورمان ئىچىدە ئۇچرىشىپ تۇرىدىكەن. بەختىگۈل يېشىللىققا ئىنتايىن ئامراق بولغاچقا، چىنار ئۇنىڭغا ھەر قېتىم قايتىشىدا بىر تال قارىغاي شېخىنى سوۋغا قىلىدىكەن. بەختىگۈل ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدىكەن. يىللار، ئايلار ئۆتۈپ، بۇ يۇرتتا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ، يايلاقلار قۇرۇپ، قارىغايلار سارغىيىشقا باشلاپتۇ. ئۆز يۇرتىنىڭ قاقاسلىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرگەن بەختىگۈلنىڭ كۆڭلى بەكمۇ بىئارام بولۇپ، قاتتىق ھەسرەت چېكىپ كۆزىنىمۇ ئاچماي يېتىپ قاپتۇ. بۇنىڭدىن چىنارنىڭ يۈرەك–باغرى ئېزىلىپ، كۈندە ئورمانلىققا قاراپ قايغۇلۇق ناخشىلارنى ئېيتىدىغان بولۇۋاپتۇ. سۆيگىنى بەختىگۈلنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن قارىغايلارنى بىر بىردىن قۇچاقلاپ، توختىماي سىلكىپ چىقىپتۇ. كۆز ياشلىرى دەريا بولۇپ ئېقىتىپتۇ، قارىغايلارنى تىنىمسىز ئىرغىتىۋەرگەچكە، بارماقلىرى ئارىسىدىن چىققان قانلار ئورمانلىققا سىڭىپتۇ. چىنار ھالسىزلىنىپتۇ، لېكىن قارىغايلار كۆكىرىشكە باشلاپتۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ھەممە جاينى يېشىللىق قاپلاپتۇ. قايتا يېشىللىقنى كۆرگەن بەختىگۈل  شادلىققا چۆمۈپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپتۇ، لېكىن چىنارنىڭ كۆز ياشلىرى ۋە يۈرەك قېنى دەريادەك ئېقىپ، قاتتىق ھالسىزلانغاچقا يىقىلىپ چۈشۈپ بەختىگۈلنىڭ قۇچىقىدا جان ئۈزۈپتۇ. بۇ ھىجران ئازابىغا چىدىمىغان بەختىگۈلمۇ چىنارنى قۇچاقلىغىنىچە جان ئۈزۈپتۇ. كىشىلەر ئۇلارنىڭ چىن ئەقىدە، پاك مۇھەببىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇلارنى ياپيېشىل ئوتلاق ئىچىگە دەپنە قىپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلارنىڭ قەبرىسىدىن بىر يوغان ئاق تاش ئۈنۈپ چىقىپتۇ. بۇ ئاقتاش ئاشۇ بىر جۈپ ئاشىق – مەشۇقنىڭ پاك مۇھەببىتىنىڭ سىمۋولى ئىكەن.
  شامالچىباغ
  3- ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى (1711-1740) ئوقيا ئېتىشتىكى ماھىرلىقى بىلەن بېيجىڭدا خاننى ھەيران قالدۇرغاندىن كېيىن، خان مەشقاۋۇللىرىنىڭ ھەسەت ئوتى كۈچىيىپ، خانغا ئىمىن ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇپ: «ئىمىن ۋاڭ دېگەن خاننىڭ قول ئاستىدىكى كىچككىنە بىر يۇرتنىڭ بېگى تۇرۇقلۇق خاننى كۆزگە ئىلمىدى، ئوقيا ئېتىش مەيدانىغا كىرىشتىن بۇرۇن خانغا تازىم قىلىشى كېرەك ئىدى. مەشقاۋۇللارنىڭ قائىدە – تۈزۈمىگە رىئايە قىلماي مەنمەنچىلىك قىلدى، خان بۇنىڭغا چارە كۆرۈشى كېرەك» دەپ تۇرۇۋالىدۇ. خان مەشقاۋۇللارنىڭ دەۋاسىنى توغرا تېپىپ، ئىمىن ۋاڭنى ئىلىنىڭ شامالچىباغ دېگەن يېرىگە 15 يىللىق سۈرگۈن قىلىدۇ. 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئىمىن ۋاڭنىڭ بالا – چاقىلىرى قۇمۇل شەھىرىنىڭ يەتتە كىلومېتىر جەنۇبىغا قورغان ياساپ ئۇنى شامالچىباغ دەپ ئاتايدۇ. ھەمدە ئاتىسىنى شۇ قورغانغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن خانغا ئىلتىماس سۇنىدۇ. خان ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئىمىن ۋاڭ يېڭى ياسالغان شامالچىباغقا قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ. ھازىرقى شامالچىباغ دېگەن كەنت نامىنىڭ پەيدا بولۇشى شۇنىڭدىن قالغانىكەن.


  قايناقسۇ تۇر
  بۇ قۇمۇل شەھىرى راھەتباغ يېزىسىغا قاراشلىق بىر مەھەللىنىڭ نامى بولۇپ، بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە مۇنداق بىر قىزىقارلىق رىۋايەت تارقالغان:
  قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇت دەۋرىدە ئىلىدا ياڭ زېڭشىنغا قارشى ئىنقىلاب پارتلايدۇ. ئۇلار تېز ئىلگىرىلەپ جىڭ ناھىيەسىگە بېسىپ كېلىدۇ. بۇ جىددىي پەيتتە ياڭ زېڭشىن ئىنقىلابنى باستۇرۇش ئۈچۈن ھەرقايسى يۇرتلاردىن ئەسكەر ئالىدۇ. جۈملىدىن شاھ مەخسۇتمۇ ياڭ زېڭشىننىڭ  تەلىپى بويىچە 200 دېھقاننى ئەسكەرلىككە ئېلىپ ئۈرۈمچىگە ماڭدۇرىدۇ. ئۇلار جىڭدا ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ، ئىككى تەرەپ ئۇرۇشتا قاتتىق تىركىشىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا قۇمۇلدىن بارغان قوشۇننىڭ تۇغبېگى ئۇسساپ كېتىپ، يېنىدىكى ئەسكەردىن سۇ سورايدۇ. ئەسكەر جىددىيچىلىكتە يېڭىلا قايناقسۇدا قاچىلانغان قاپاقنى قولىغا ئېلىپلا سۇنى ئىچىدۇ، قايناقسۇدا تۇغبېگىنىڭ ئاغزى كۆيۈپ كېتىدۇ، ئاغرىق ئازابىغا چىدىمىغان تۇغبېگىنىڭ قولىدىكى قاپاق ئاتنىڭ ئىگىرىگە تېگىپ چېقىلىپ، قايناقسۇ ئاتقا تۆكۈلىدۇ.ئىسسىققا چىدىمىغان ئات چاپچىپ ئالدىغا ئۇچقاندەك چاپىدۇ، تۇغبېگىنىڭ چېپىپ كېتىۋانلىقىنى كۆرگەن قوشۇن بىراقلا جەڭگە ئاتلىنىدۇ. ئۇرۇش غەلبىلىك ئاياغلىشىدۇ. لەشكەر بېشى تۇغبېگىگە غەزەپلىنىپ سەن نېمىشقا بۇيرۇق بېرىلمەيلا ھۇجۇمىغا ئۆتىسەن، دەپ كايىيدۇ. قايناقسۇدا تىلى كۆيگەن تۇغبېگى «قايناقسۇ، قايناقسۇ» دېيىشتىن باشقا گەپ قىلالمايدۇ. گەپنى ئاڭقىرالمىغان لەشكەر بېشى نېمە ئۇ قايناقسۇ، قايناقسۇ دېگەن، دەپ تىللاپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ كىشىگە «قايناقسۇ» دېگەن سۆز لەقەم بولۇپ قالىدۇ. ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قۇمۇل ۋاڭى ھېلىقى كىشىنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى بەدىلىگە بىر پارچە يەرنى ھەدىيە قىلىپ بەرگەن. شۇندىن كېيىن بۇ يەر شۇ كىشىنىڭ لەقىمى بىلەن «قايناقسۇتۇر» دەپ ئاتالغانىكەن.
  كانايچىتۇر
  بۇ راھەتباغ يېزىسىغا قاراشلىق بىر مەھەللە بولۇپ، بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇنداق بولغانىكەن:
  قۇمۇل ۋاڭلىقى دەۋرىدە ۋاڭ ئوردىسىدا چوڭ ئىككى كاناي بار بولۇپ، ئوردىدا ئۇنى چالىدىغان مەخسۇس كىشىلەر بولغانىكەن. ئۇلار ئوردىدا توي – تۆكۈن بولغاندا ۋە ھېيت – بايرام كۈنلىرى بۇ كانايلارنى چېلىپ، ۋاڭنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ تۇرىدىكەن. كاناي چالىدىغان بۇ كىشىلەر ئۆز كەسپى بىلەن ئەل ئارىسىدا «كانايچى» دەپ ئاتىلىدىكەن. قايسىدۇر بىر قۇمۇل ۋاڭى بۇلارنىڭ خىزمىتى بەدىلىگە ھازىرقى كانايچىتۇرنى ھەدىيە قىلىپ بەرگەنىكەن. ئەسلىدە باشقا نام بىلەن ئاتىلىدىغان بۇ يۇرت ئاشۇ كىشىلەرنىڭ لەقىمى بىلەن كانايچىتۇر دەپ ئاتىلىپ قالغانىكەن. ھازىرقى كانايچىتۇر مەھەللىسىدە ئاشۇ كانايچىلارنىڭ كانايچى دەپ ئاتىلىدىغان ئەۋلادلىرى بار.

تەھرىرلىگۈچى: ئەخمەت روزى

مەنبە: «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى»ژۇرنىلىنىڭ 2001- يىلى 4- سانىدىن ئېلىندى.
  


44

تېما

2

دوست

7772

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   55.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 719
تۆھپە : 2005
توردىكى ۋاقتى: 497
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 23:38:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىسىملارنىڭ كېلىپ چىقىشى ئاجايىپ ئىكەن. ئەگەر بۈتۈن دىيارىمىزدىكى ئىسىملارنىڭ تارىخى مۇشۇنداق تەتقىقى قىلىنسا، ھەي.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

361

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   30.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32867
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 11:51:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادەتگۈلگە ھەشقاللاھ،  داۋاملىق ئىزدىنىڭ!

0

تېما

0

دوست

1376

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   37.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10545
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 436
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 17:07:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aygang يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 11:51
سادەتگۈلگە ھەشقاللاھ،  داۋاملىق ئىزدىنىڭ!

قايناقسۇ تۇر  چوپاقتۇر بىلەن چىگىرلىنىپ تۇرىدۇ، ئەمىلىيەتتە ھازىر نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئىككى مەھەللە قوشۇلۇپ كەتتى. مەن چوپاقتۇردىن بولىمەن. چوپاقتۇر دىگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشىدا مۇشۇ مەلىدىن ۋاڭنىڭ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر كىشى بولۇپ، دائىم كوزىدىن ياش ئېقىپ، چوپاق قايناپ تۇرغاشقا ۋاڭ ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئاتىماي چوپاقتۇرلۇق دەپ ئاتىغان ئىكەن. شۇندىن بېرى بۇ يۇرتنىڭ ئىسمى چوپاقتۇر ئاتالغان ئىكەن. بۇ ھېكايىنى دادام سۆزلەپ بەرگەن.

0

تېما

0

دوست

1500

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   50%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32932
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 450
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 20:00:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ قۇمۇلدىن ئاجايىپ ئادەملەر چىقىپتىكەن دېسە،بۈگۈن مەلۇم بىر يازغۇچىنىڭ(ھاياتنىڭ قىممىتى تۆھپە يارىتىشتا)ناملىق بىر كىتاپنى ئوقۇدۇم،ئۇنىڭدىن سىرت،ئويغانغان زىمىن،ئىز رومانلىرىنى ئوقۇغانمەن.قۇمۇلغا بولغان ھۆرمىتى باشقىچىلا چوڭقۇر.قۇمۇلنىڭ ئۇيغۇر نۇپۇسى ئاز بولغان بىلەن بۇ جايدىن،قومندان،سىياسىئون،زىيالىي،يازغۇچى،شائىر،ئىختىساتشۇناس،ئالىملار كۆپ چىققان يۇرت ئىكەن...ھەم نۇپۇسىنىڭ ئاز بولىشىغا قارىماي مىللىي- ئۆرۈپ ئادەتمۇ خېلى مۇكەممەل ساقلانغان يۇرت ئىكەن...بىر نەچچە قۇمۇللۇق ساۋاقداشلىرىم بار،تۇلۇمۇ ئىسىل مىجەزلىك،ئەدەپلىك،بىلىملىك،يارايسىلەر قېرىنداشلىرىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )