- تىزىملاتقان
- 2014-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2272
- نادىر
- 1
- يازما
- 45
ئۆسۈش
9.07%
|
ناتىق يايمىچى
(ھېكايە)
ئابدۇرەھمان ئەفغانىي
پۇل ___ دانالارغا يورۇق دۆلەت،
نادانلارغا قۇرۇق سۆلەتتۇر!
___ مۇسەننىپتىن
___ يۈز كوي، يۈز كوي!... قېنى-قېنى، سەپ سالغاچ بىردىن - بىردىن كۆرۈپ بېقىڭ، نەپ ئالغاچ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ بېقىڭ!... تېشى تاردەك تۇرسىمۇ، ئىچى غاردەك!... سودا دېگەن مودا دېگەنلىك. بۇ ئېگىن ھازىر ھېچ يەردە زاھىر ئەمەس جۇما!... تويغا باراتتىم دەمسىز؟ ئۇنداقتا ئۇ يەرگە قامەت بوي ۋە گۈزەل روي، ئۈچ قويلۇق مىراس ۋە يۈز كويلۇق لىباس بىلەن بېرىپ، كۆرگەنلەرنىڭ كۆزىدىن «ئاھ!»، سۆزىدىن «پاھ!» چىقىرىۋېتىڭ!... ئۇلى ئۇزراق بولغاچقا، پۇلىسىمۇ تۇزراق، ئەلۋەتتە!... ئۆتىڭىزدىكى تاشنى، كۆتىڭىزدىكى غاشنى يۇقتۇرمىسىڭىزلا، سىز ئۆلگۈچە چىدايدۇ!... قېنى مېھمان، سېلىمۇ كۆرۈپ باقسىلا، يەللىرىگە سۈرۈپ باقسىلا، بەللىرىگە تۈرۈپ باقسىلا، ئۇياق - بۇياققا ئۆرۈپ باقسىلا، ئىشقىلىپ ئوبدان باقسىلا، يارىسا تارتىنماي ئالسىلا! ھازىر يۈز كويغا چىدىماي، كېيىن تۈگىمەس ئويغا پېتىپ قالمىسىلا يەنە!... ياقسا رىزا بولۇڭ، ياقمىسا نىزا!... ئامېرىكىدىكىلەر مۇشۇ ئېگىن ئىشقىدا كۈنبويى ئۇيقۇسىز سەرسانچىلىقتا يۈرسە، بۇ ئېگىن مېنىڭ شاپائىتىم بىلەن بۇ يەردە ئەدەسسىس ئەرزانچىلىقتا يۈرىدۇ. پۇرسەت غەنىيمەت!... ئۇرۇق - تۇغقان ئالايلاشقاندا، قەترە پىتنە تالايلاشقاندا، تاللىشىڭىز مېنىڭ بازىرىم، ئاللىشىڭىز مېنىڭ مازىرىم بولسۇن! قۇيۇچنىمۇ ئېرىتىدىغان ئېگىنلىرىم ئارىڭىزدىكى ئاداۋەت چامغۇرىنى يۇلۇپ، ساخاۋەت يامغۇرىنى قۇيىدۇ!ئەبەدىي - ئەبەد بوشەن جۇما!... قارامسىز، مارامسىز،چاتاق چىقماس، چىقىپ قالسا پېقىر پەقەت 24 مېنۇت تەييار!... ھەرقانچە قېرى گاداي - مومايلارمۇ بۇ ئېگىن بىلەن تاشلىشىپ كەتمىسىلا، ناھايىتى ياشلىشىپ، شاشلىشىپ كېتىدۇ!... مۆھتەرەم خېرىدارلىرىمىزنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن مىڭ جېنىم بولسىمۇ پىدا قىلىمەنكى، ناۋادا ئۇلار بەدىنىمدىكى ئاجايىپ جەۋھىراتلارنى ئۈچ كۈن ۋاقتىنى سەرپ ئەيلەپ تازلىۋېتىشقا رايى بارسا، ئاۋۋال مېنى كۇللى - ئالەم ئالدىدا سىزا قىلىپ، ئاندىن ئۆيىگە ئاپىرىپ جىزا قىلىپ، كەچلىك تۆئمىسى ئۈچۈن غىزا قىلسىمۇ، مەن ئۇلارغا ئىللا - بىللا مىت قىلىپ سالمايمەن!...
ئەنە، ئاۋۇ زۇۋانىنى بىر دەقىقىمۇ ئۆچۈرمەي كاپشىپ، يايمىلىرىنى ماختاپ ئۇچۇرۇۋاتقان يىگىت دەل بۇ مەھەللىنىڭ داڭدار شائىرى ___ ھەبىب. ئۇ گەرچە پۈتۈن ئەلگە تونۇشلۇق مەشھۇر شائىرلاردىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئون تۆت يېشىدىن باشلاپ ناتۇرال تالانتى ئارقىلىق، ھەم باشقا نامدار شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئاندا - ساندا ئوقۇپ قويۇپ، شۇنىڭ ئىلھامىدىن يېزىپ قويغان ئانچىكىم شېئىرلىرى بىلەن بۇ مەھەللىنىڭ كۆز تاشلانغان شائىرى بولۇپ قالغان. بۇ مەھەللىدە تېخى، پاساھەتلىك كەلىمىلەرنى ئۇنىڭدەك شېئىر قىلىپ تىزالايدىغانلار يوق. ھازىرلاردا ئۇ شۇقەدەر سۆزمەنكى، ئەگەر ئېرىنمەي ئاغزىنى مىدىرلىتىپلا قويسا «نىجاسەتمۇ زەر بولۇپ كېتىدۇ»، «ئۆدەككىمۇ نەم يۇقىدۇ»، «تۆگىنىڭ قۇيرۇقىمۇ يەرنى سۆيىدۇ».
بىر يىل مۇقەددەم، سىز بۇ مەھەللىگە يولاپ يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بارچە ئادەمدىن، «بۇ مەھەللىدە كىم ئەڭ سەمىمىي،ئىشەنچلىك؟» دەپ سورىسىڭىز، ئالىدىغان جاۋابىڭىز زىبىز بىرلا: «شائىر ھەبىب!»، ئىدى. مەھەللە ئاھالىسىمۇ ھەبىبنىڭ بۇنچىۋالا سەمىمىيلىكىنى ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئەقلىگە ئاران سىغدۇرۇپ كەلگەن. ئۇلار ھەممىسى بۇ ساھىبقىراننىڭ نەزافەتلىك خۇي - خۇلقىغا تويماي ھەۋەس قىلىشاتتى. بۇنىڭدا ئۇنىڭ ئىلىمدار ئاتا - ئانىسىنىڭمۇ چاغلىغۇسىز ئەجرى بار. ئۇنىڭ دادىسى بارات ئاكا تېخى ئەمدى قىرىقتىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ساناپ بولماس مۆئمىنلىك ئىش - ئىزلىرى بىلەن بۇ يۇرتنىڭ ئەكابىرى قارىلاتتى.
يىللارنىڭ قاتارى دەپنە قىلىنىشى بىلەن نۇرغۇن ئىشلار ئەستىن كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بەش يىل ئاۋۋالقى بىر غەلىبىلىك ۋەقەنى خالايىق زادىلا ئۇنتۇمىدى. بۇ ۋەقەنىڭ باش پېرسوناژى دەل: سەمىمىيلىك ئەلچىسى ___ ھەبىب، ئىدى.
*** *** ***
مەھەللە ياشلىرى ئىچىدە ئەڭ دەسلەپ ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەن، ئەمما بىرەر خىزمەتكىمۇ ئورۇنلىشالماي يېنىپ كەلگەن ھەبىب بىلەن قۇرداش شاتۇر ئاتلىق بىرسى بار ئىدى. ئاتا-ئانىسىنى يېگىرمە يىلغا يېقىن ئىتتەك قىيناپ، بۇ دەم بولغاندا بىرەر ئىشمۇ تاپالماي ئۆيىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ئۇنىڭغا ھار كەلگەنىدى. شاتۇرمۇ ساراڭ. مۇشۇلارنىڭ تېگىگە بالدۇرراق يەتكەن بولسىزە، مەكتەپتىكى چاغلىرىدا بىر قەترە بولسىمۇ قېتىرقىنىپراق ئۆگىنەر ئىدى. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇنى بىرەر نۆۋەت مەكتەپتە ئۇچرىتىش باياۋاندىن يىڭنە ئىزدىگەندەكلا بىر ئىش ئىدى. ئۇ نەدىن ئۇششاق بالىلارنىڭ چۇقان - سۈرەنلىرى ئىشتىلسا، شۇ ياقنى كۆزلەپ ئاتلىناتتى. تولۇقنى ئاز - تولا كۆتىنى قىسقاچ پۈتكۈزگەن بولسىمۇ، ئالىي مەكتەپتە ھامان ھاراق - تاماكىنىڭ قوڭىدىن چىقالمىدى. مانا، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ دادىسى باتۇراخۇن بىلەن ئانىسى ئادىلەخاننىڭ مەھەللىدە ئۈنى ئۈنلۈكرەك چىقمايۋاتقىنىغا بىر ئايدىن ھالقىدى. شۇل سەۋەب، چارىسىز شاتۇر مەھەللىنىڭ كانارىدىكى بىر دۆڭلۈككە چىقىپ قوي بېقىشقا مەجبۇر بولدى.
ھەبىبنىڭ ئەسلىدىمۇ شاتۇر بىلەن ئانچە خۇشى يوق ئىدى. ئەمما نېمىشقىكىن، شاتۇرنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىچكى ھەسرەتلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئارام بەرمەي پۇچىلايتتى. ئۇ بۇ ھالغا كۆز يۇمۇپلا ئۆتۈپ كېتەي دېسە، غۇرۇرى ئۇنىڭ بۇ ئويىغا بوي بەرمەيۋاتاتتى. ئاخىرى ئۇ شاتۇرغا، توغرىراقى، ئۇنىڭ غەمناك ئاتا - ئانىسىغا بىر مەرتە سالىھلىق قولىنى سۇنۇش خىيالىدا، ئۇلارنىڭ ئىشىكىنى چەكتى. بىلدىكى، شاتۇرنىڭ بىرەر داڭدار كارخانا ياكى شىركەتتە ئىشلىگۈسى بار ئىكەن.
... ھەبىب شاتۇرغا: «سەنمۇ بىلىسەن، مەن يالغان سۆزلىيەلمەيمەن. راستنى راست يازىلى،〈غەم قىلغۇچە، پەم قىل!〉دەيدىغان گەپ بارغۇ! بەلكىم بېشىڭغا بىرەر شىركەتتىن ئىقبال قۇشى قونۇپ قالار. ئىشقىلىپ راست سۆزلىگەنگە ھەرگىز بەرھەم يەتمەيدۇ. خۇي - پەيلىڭ خېلى دەڭگىرەك بولغاندىكىن، خەتنىمۇ سەل پورەكرەك يازايلى. ساختا رايىشلىق، ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىزگە ياراشمايدۇ.» دېگەچ قولىنى قەلەمگە ئۇزارتتى:
ئېلتىماسنامە
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك كارخانىچى!
كەمىنە ئۇدۇن ۋىلايىتىنىڭ ئۇدۇم ناھىيىسى، تۈرلۈك مەھەللىلەرنىڭ بىر سۈرلۈك ئائىلىسىدە ئاۋۋال كۆز ئېچىپ، ئاندىن سۆز ئاچقان باتۇرجاننىڭ شاھزادىسى شاتۇرجاندۇرمەن. ئاۋۋال مۇددىئايىمنى ئاشكارىلاي! سىزلەردىن بىر كىشىلىك خىزمەت ئوبيېكتى تەلەپ قىلماقچىمەن. مېنىڭ ئېغىزغا ئالغۇدەك باشقا ئارتۇقچىلىقىم يوق، مەن پەقەت بىر ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى، شاھادەتنامەممۇ ھەم يوق. شۇنداقتىمۇ، مەن ئوقۇش كەچمىشلىرىمنى سېلەرگە يارىسۇن - يارىمىسۇن، دەي! سېلەرنىڭ مېنى تېخىمۇ يارۇق رەۋىشتە چۈشىنىۋېلىشىڭلارغا قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن، خەتكە بەزى قوش تىرناقلىق، ئوبرازلىق سۆزلەرنى قېتىپ بايان ئېتەي!
مەن باشلانغۇچنى «بۆشۈك» تە، تولۇقسىزنى «تۆشۈك» ۋە «كۆشۈك» تە مەنىلىك ئۆتكۈزدۈم ۋە «شەنىلىك» پۈتكۈزدۈم. تولۇقتىكى مەزگىللىرىمدە بىر قۇز چوڭ بولۇپ، بۇرۇنقىدەك توڭ بولمىغان بولساممۇ، لېكىن ئىمتىھان دېگەن بۇ ھاڭدىن سەكرەپ ئۆتەلمىدىم. ئاتا-ئانامنىڭ ئارمانى ۋە پەرمانى بىلەن(يانچۇقلىرىدىكى پۇللارغا بىر چاقىرىق تېپىپ) بىر ئالىي مەكتەپكە «ۋالىي» بولدۇم. ئۇ يەردە مەن كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارغا «رەسمىي» ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدىم، كۆزۈمگە سىغمىغاننى چىشلىدىم. ئەمما ۋالىيلىقىممۇ ئۇزۇنغا سوزۇلمىدى. ئۈزلۈكسىز ھالدىكى تۆھپىلىرىم ھەم كۆرۈنەرلىك، ھەم بەك «سۆيۈنەرلىك» بولغانلىقى ئۈچۈن، يېگىرمە ئىككىگىمۇ توشمايلا «پېنسىيە» گە چىقتىم. ھېچكىم، ھېچيەردىن تەكلىپنامە كەلمىگەندىن كېيىن، ئىلاجسىز ئۆيىمىزنىڭ سۇپىسىغا مىخلىنىپ ئولتۇرۇپ مەزكۇر ئېلتىماسنامىنى يېزىۋاتىمەن ۋە قەلب ئۈنچىلىرىمنى تىزىۋاتىمەن.
بۇ كەمدىمۇ مەن يۈكسەك ئىرادەم تۈرتكىسىدە، «ئوقۇش - ئوقۇتۇش» ئىشلىرىنى ئۈزۈپ قويمىدىم. ئاز ۋاقىتلىرىمنى ئوي - كوي، توي - چوي بىلەن كەچكۈزگەن بولساممۇ، كۆپ چاغلىرىمنى قوي بىلەن ئۆتكۈزدۈم. مەن ھەر زامان ئۇلار ئىچىدىكى ئەركىكىنىڭ بەرىكىتىگە، مادىسىنىڭ بالىسىغا، يەللىكىنىڭ پەللىكىگە نەزەر بېرىش ئارقىلىق قويچىلىق بۇرچىمنى لايىقىدا ئادا قىلدىم.
«ئۇقۇدۇم - ئۇقۇتتۇم، نوقۇدۇم - نوقۇتتۇم!» ___ شۇ لىنىيىگە ياندىشىپ، بىر ئايغىمۇ يەتمىگەن قەرەلدىلا «قويلارنىڭ مەنىۋىيىتىگە خېلى مەدەنىيەت يۇقتۇردۇم.»
مانا! مەن ئاخىرى «ئۇتۇق» قازىنىپ سېلەرگە «نۇتۇق» سۆزلەپ ئولتۇرۇپتىمەن. سۆزلىگەندىمۇ بىر مەۋقەنى كۆزلەپ ئولتۇرۇپتىمەن. سېلەر «گېگىل» ئۇنىۋېرسىتېتىغا مۇرت بولۇپ «باكالاۋرلۇق» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولساڭلار، پېقىر ئېغىل «ئىنستىتۇت»ىغا مۇدىر بولۇپ ھاكاۋۇرلۇق شەرىپىگە نائىل بولغىلى ئوتتۇز كۈن بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن شۇقەدەر قانائەتچانكى، ماڭا پايدا - دارامەت يەتمىسىمۇ، كىرىم - تاپاۋەت تەگسىلا بولدى. ئەمدى مېنى قوبۇل ئەتمەسلىككە، «شىرنىڭ يۈرىكىنى يەپ سالغان ھەددىڭلارمۇ ياكى بىرەر بۇتقا بېرىپ قويغان ئەھدىڭلارمۇ؟!»
ئاخىرقى جۈملەم چاقچاق - ھە! خېتىمدىكى ھەربىر سۆزدىن مېنىڭ نەقەدەر بىچارىلىكىمنى ھېس قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
«ئېتىماد» بىلەن: شاتۇرجان باتۇر ئوغلى
خەت بايانى ئالاھىدىرەك چىقىپ قالغانىدى. ھەبىب بەت تېگىگە شاتۇرنىڭ ئىمزاسىنى قويغان ۋە ئۆي ئادرېسىنى يازغان چاغدا، شاتۇرنىڭ ۋىجىك تېنى ھەرە چاققاندەك شۈركىنىپلا كەتتى:
___ بۇ خەت ئۇلارنىڭ قولىغا يەتسە، بىزنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيدۇ، ___ دېدى شاتۇر. ئۇ ئاقىۋەتتىن قورققانىدى. بىراق ھەبىب: «چاتاق چىقماس، چىقىپ قالسا ئۆزۈم ئىگە!» دەپ شاتۇرنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي ئەۋەتىۋەردى.
ھەبىب شۇنداق ئىدى، ئالدىراپ تەۋەككۈلچىلىككە ئىش قىلمايتتى، قىلسا ئاقىۋىتىدىن تەشۋىشلەنمەيتتى. «خەتىرى چوڭ ئىشلاغا يېقىن يولىمىغۇلۇق. يولىدىمۇ، بەدىلىگە دادلىمىغۇلۇق!» دەيتتى ئۇ.
شاتۇرنىڭ ئاغزىدىن سا چىقىپ كەتكەنمۇ - تاڭ، ئۇنىڭ قىياسى توغرا چىقىپ قالدى. ھەپتە ئۆتۈپ، شاتۇرنىڭ ئۆيى ئالدىغا توختىغان قارا رەڭلىك ئۈچ خوندا ماشىنىدىن پۇزۇر كىيىنىۋالغان لاۋبەن سۈپەت بىر نەچچەيلەن چۈشۈپ كەلدى. شاتۇرنىڭ يوغان، سوقا بېشىنى بىردىن تەھلىكىلىك بۇسى ئورىدى. ئۇنىڭ بىچارە ئاتا - ئانىسىمۇ غېرىبسىنىپ، موك شاپتۇلدەك ئېزىلىپلا كەتتى. شاتۇر شۇ تاپتا، بىرەر «شۇملۇق» نى ۋاخراق سەزگەن سەپرا كىشىگە ئوخشاپ قالغانىدى. ئۇ ھەبىبتىن: «مەن بۇ يەردە ئۆلگىلىۋاتسام، ئۇ ئۇ يەردە سامان تېگىدىن سۇ ئاقتۇرماقچىكەندە!» دەپ خاتاسىغا گۇمانلاندى. «ئۆچۈڭ بولسا باشقىچە ئۇسۇلدا ئالساڭ بولماسمىدى؟ نېمىدەپ… خەپ سېنى، راۋان يولۇمغا داۋان سېلىپ قويدىڭغۇ!» دەپ كۆۋرەپ كەتتى ئۇ ئىچىدە.
___ شاتۇر باتۇر دېگەن سەنما؟ ___ دەپ سورىدى توپ ئالدىدا تۇرغان كۆزەينەكلىك بىرى ھاكاۋۇرلۇق بىلەن. ھودۇقۇپ كەتكەن شاتۇر تېزلا «ياق!» دەپ سالدى، ئەمما ئارقىدىنلا «ھە… ھە مەن شۇ!» دەپ قوشۇپ قويدى تىترەكلىك. ئۇنىڭ چىرايى ئاقىرىپ، تاتىرىپ، سېمىز لەۋلىرى گەپكە قۇراشمايۋاتاتتى.
___ خەتنى ۋەھشىي نوچىلىق بىلەن يېزىپتىكەنسەن، ھازىر ئەجەپ گاچىلىشىپ قاپسەنيا؟
___ ئۇ خەتنى…
___ ئۆچۈر سەت ئۈنۈڭنى! سەن بىز كارخانىچىلارنى كۆزۈڭگە ئىلىپمۇ قويماستىن، ئاشكارە ھالدا ئىناۋىتىمىزگە تاجاۋۇز قىلدىڭ. جىم تۇر دەيمەن، ھېي ھايتاق تاز! ئەمدى بىزگە ئەمەس، بېرىپ ساقچىلارغا چۈشەندۈر! ئەتە ئۆزۈڭنى سوراقتا، يامىنى كەلسە سولاقتا كۆرىسەن. ئۆچۈڭ بولسا باشقىچە ئۇسۇلدا ئالساڭ بولماسمىدى؟ نېمىدەپ… قاراپ تۇر، تېخى ئەمدى تويىسەن، شۇم!
ئەتراپتا مىغ ئادەم. شاتۇر ئاچچىقتىن يىغلىغۇدەك، ھەبىبنى تىغلىغۇدەك بولۇپ كەتتى. ھەبىب «باتۇراخۇننىڭ ئۆيى ئالدىدا ناتونۇش ئۈچ ماشىنا تۇرىدۇ.» دېگەن «ئەپقاچتى» گەپنى ئاڭلاپلا، تۇلپاردەك چېپىپ ئەرساتقا يېتىپ كەلگەنىدى. بارات ئاكا بىلەن بۇھاجەر ھەدىمۇ بىرەر پېشكەللىكنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن خاۋاتىرلىنىپ، ئۇلارمۇ كەلگەنىدى. نېمىش بولغانلىقى ئايانلاشقاندىن سۆڭرە، ھەبىب كارخانىچىلارغا:
___ ئۇ خەتنى مەن يازغان، شاتۇردا چورت گۇناھ يوق، بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزۈم چىقىمەن، ___ دېدى.
ئۇلار ئەمدى چايان يەڭلىغ نەشتەرلىك كۆزلىرىنى ھەبىبكە قارىتىپ بەتلىدى ۋە ئۇنىڭغا بىر پاتمان پوپوزىلارنى ئېتىۋېتىپ، ھەيۋەت بىلەن يوقاشتى. جامائەت ھەبىبنىڭ ئۆزى قىلغان ئىشقا ئۆزى ئىگە بولغانلىقىدىن قەۋەت سۆيۈنگەن بولسىمۇ، ئەتە بۇ ئىش رەپتارىنىڭ قانداقچە بولىدىغانلىقى ئۇلارنىڭ دىلكەش كۆڭلىگە غەم - غۇسسە بەرگىلىرىنى چاچماقتا ئىدى. شاتۇر بولسا، تېخىچە ھەبىبكە خاپا ئىدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ ھەبىب بىلەن ئوبدان بىر ياقىماق سىقىشقۇسى بار ئىدى، ئەممالېكىن مەسئۇلىيەت تېغى ئاللىبۇرۇن ھەبىبكە ئارتىلىپ بولغاندىكىن، جىق گەپ قىلمىدى.
ئەتىسى تاڭ سەھەردىلا ھەبىب شاتۇرلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئولتۇردى. باشقا مەقسەتتىن ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئوشۇقچە غەملىنىپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈنلا شۇنداق قىلدى.
چىڭقى چۈشكە ئۇلىشار دەرۋازا ئەنسىز قېقىلىۋىدى، ئۆيدىكىلەرنىڭ رېتىمسىز سوقۇۋاتقان يۈرىكى ئاغزىغا كەپلىشىپ قالاي دەپ قالدى. پەقەت ھەبىبلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك سالماق ۋە مەغرۇرانە قىياپەتتە قەدەملىنىپ، دەرۋازىنى ئاچتى. كەلگىنى تۈنۈگۈنكىلەر ئەمەس، بۆلەك بىر يوچۇن كىشى ئىدى. ھەيدىۋالغان ماشىنىسىغا ۋە زاھىرەنىگە سەپ سالغاندا خېلى باي، غوللۇق ئادەمدەك كۆرۈنەتتى. بۇ كىشى ھەبىبكە بىر يەردە ئۇچراتقاندەكلا تۇيغۇ بەردى - يۇ، لېكىن ھەبىب ئەسلىيەلمىدى.
___ ئۇكام، شاتۇرجان دېگىنى سەنمۇ؟
___ ياق، مەن ھەبىب. شاتۇر، بۇياققا چىقە، بول شاپ!
شاتۇر ۋە ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى دەرۋازا ئالدىغا تەق بولغاندىن كېيىن، ئۇ كىشى ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ: «مەن <ھىدايەت> شىركىتىنىڭ لىدىرى ئابدۇلبەر.» دېۋىدى، گەپ ساھىبلىرى ھەمسات ھەيرانۇ - ھەس قالدى. «ھىدايەت» شىركىتى پۈتكۈل مەملىكەتكە داڭلىق يېمەك - ئىچمەك ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ بىر كارخانا بولۇپ، تېخى چەتئەلدىكى تۈركىيە، مىسىر، سەئۇدى… ۋەھاكازا بىر قانچە مۇسۇلمان ئەللىرىدە مەخسۇس تارماقلىرىمۇ ئاز ئەمەس. كىشىلەر «ئابدۇلبەر سالىھ» دېگەن بۇ ئاتاقلىق نامنى گېزىت - ژۇرنال، تور - خەۋەرلەردە پەزا قېتىم يولۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما يۈزىنى، ئۆزىنى كۆرۈش بىرەر نۆۋەتمۇ نېسىپ بولمىغانىدى. ھەبىب ئەمدى ئېنىق ئەسلىيەلىدى، ئۇ ئابدۇلبەر سالىھنى بىر پارچە گېزىتتە «ئىلغار كارخانىچى» سەرلەۋھىلىك شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان سۈرىتىدىن كۆرگەنىدى.
بىر لەھزە ھۆكۈم سۈرگەن ھەيرانلىقتىن سۆڭرە، ئادىلەخان ھوشىنى يىغىپ ئابدۇلبەر سالىھنى ئۆيگە باشلىدى. بىر پىيالە ئىسسىق چايدىن
كېيىن، مېھمان كالامىنى داۋام ئېتىپ شۇنداق دېدى:
___ شىركىتىمىز تىكلەنگەن 14 يىلدىن بېرى، جەمئىي 9000 دىن ئوشۇقراق ياشلار ئىشلەپ قېلىش ئېلتىماسى سۇندى، ھەمدە بېرى دېگۈدەك ئۆزلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى داۋراڭ سېلىپ، كەمچىلىكلىرىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىدى. ئېلىپ قويىدىغانلىرىمۇ ساختا تەۋازۇ بىلەن «مەن مۇنداقراق!» دەپلا قويۇپ، كەينىگە ھامان ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر جەھەتتە ئالاھىدە ئىقتىدارى ياكى تۇغما تالانتى بارلىقىنى بىر دۆۋە خەتلەر بىلەن قوشۇمچىلىماي قويمايدۇ. بىراق، شاتۇرجان ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ماڭا ئەڭ چىن سۆزلىگەن بىرى. ئۇنىڭ يازغان خېتى ئارىمىزدىكى پەردىشەپنى سەل - پەل قايرىۋەتكەن بولسىمۇ، بىز رەنجىمىدۇق. بىزنىڭ ئىستىكىمىزمۇ، ئىستەيدىغىنىمىزمۇ دەل شاتۇرجاندەك ئىچىدىكىنى تېشىغا مەردانە ھالدا ئايان قىلالايدىغان، ھەممە گەپنى ئىچىدە سېسىتىۋەتمەيدىغان، تىلى دىلى ئوخشاش، يۈزى - ئۆزى بىر، سەمىمىي يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ سەمىمىيلىكى بىزنى قەۋەت تەسىرلەندۈردى. بىز بىر پۈتۈن مىللەت دەل مۇشۇ خىل سەمىمىيەتنىڭ كەمچىللىكىدىن، زامان تەرىپىدىن يەكلىنىۋاتىمىز. ئۆزىمىزنىڭ ئادىمىنى ئۆزىمىز كېلىشتۈرۈپ بىر قويۇۋالساقلا، شۇنىڭ شادلىقىدا كۈنلىرىمىز بەھۇزۇر ئۆتىدۇ. بىزدە ئۇنىڭدىن ئۆزگە نە ئارمان، نە نىشان يوق، قىبلىمىز ___ پۇل! شاتۇرجاننىڭ ئېڭىگە مۇشۇ مۇقەددەس سەمىمىيلىك روھىنى سىڭدۈرگەن ئاتا - ئانىسىغا مىڭلاپ تەشەككۈر ئېيتىمەن. شاتۇرجاننىڭ ئۆتكەن كۈنلىرى، ئاۋۋالقى كەچمىشلىرى بىلەن كارىم يوق. ئۇ خالىسا بۈگۈندىن باشلاپ ئاۋۋال خۇدانىڭ، ئۇندىن قالسا مېنىڭ باشپاناھىمدا بولىدۇ. مەن شىركىتىمىزدىكى بارلىق خادىملارغا ۋاكالىتەن ئۇنى قۇبۇل ئەمەس، ئېھتىرام بىلەن تەكلىپ قىلىمەن.
ئالمىچە ئۈمىد ئالەمچە بولدى. شاتۇرنىڭ تۇراقسىز كۆڭلى تىندى. ھەبىبنىڭ شاتۇر ئۈچۈن بېشى كۆككە يەتتى. نەچچە ئون كۈندىن بۇيان تۈرۈلۈۋالغان ئىككى سولغۇن چىرايدا خۇراملىق خەندانىسى جىلۋىلەندى. شاتۇر ئەمدى تۈنۈگۈنكى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ___ ھەبىبكە بولغان ئاچچىقىغا لەنەت ئوقۇدى.
بىر چاغدا ساقچىلار كەلدى. ئەسلىدە يانچۇقلىرىنى سەل-پەل توملاپ كەتمەكچى بولغان ئۇلار لىدىر ئابدۇلبەر سالىھنى كۆرۈپ، خۇشامەت بىلەن ئاستا كەتتى.
بۇ مۇزەپپەرلىك ئىشتىن ھەممە كىشى خەۋەرلەندى. ھەبىبنىڭ ئۇلار قەلبىدىكى تاغدەك ھۆرمىتى يەنە تاغدەك ئاشتى. چۈنكى ئۇنىڭ تۇتقان يولى بىلەن ئەل ئۇلۇغلايدىغان بىر زاتنىڭ ھايات مىزانى بىر چىقىپ قالغانىدى. ئۇلار ھەبىبنى مەدھىيلىمەككە تەمشىلىۋىدى، ھەبىب ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ھەمىشىلىك كىچىك پېئىللىقى بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «قېرىنداشلىرىم، بۇ تاسادىپىي تۆھپە ھەرگىزمۇ ماڭا مەنسۇپ ئەمەس. ئەگەر بۇ تۆھپە بىرسىگە تالىق دېيىلسە، ئۇنداقتا ئۇ ھەر زامان ياخشىلىق، ئىقبال ئاتا قىلىدىغان سەمىمىيلىككە تالىقتۇر. بۇ گۆھەرنى ئاتايىن بازارغا بېرىپ سېتىۋېلىش كەتمەيدۇ. ئۇ مۇت، ئۇ ھەممىڭلارنىڭ روھىيىتىدە مەۋجۇت. سېلەر پەقەت ئۇنى ئىستېمال قىلساڭلارلا بولىدۇ. گاھىدا سەمىمىيلىك ۋەجىدىن ھەر قانچە يوغان قورام تاشمۇ كىچىككىنە داچەننىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتەلىشى ۋەياكى ھەرقانچە ئۇششاق تاياقچىمۇ دوزاخقا شوتا بولالىشى مۇمكىن. ئىىشقىلىپ ئۇنىڭ ھېچقاچان ئاپىتى يوق. ئەگەر بەزىدە سەمىمىيلىك سەۋەبىدىن بۇ ئالەمنىڭ ئۆتكۈنچى ئىشلىرىدا ئازراق زىيان تارتقاندەك قىلساقمۇ، ماھىيەتتە بىز ئاللىقاچان ئۇ ئالەمنىڭ بېھىساب شاراپەتلىرىگە شېرىك بولۇپ بولغان بولىمىز!» دەپ يىغىلغان جامائەت توپىنى سەمىمىي ياشاشقا دەۋەت قىلدى. جامائەت ئۇنىڭ قىسقا تەلقىنىگە خېلى ئۇزاق تەھسىن ئوقۇدى. بەزىلەر ئۇنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى بىر كۇپلېت ئاگاھلاندۇرۇش تۈسىدىكى رۇبائىيسىنى ئەسلەشتى:
ھاياتتا سەمىمىي ياشىماق زۆرۈر،
نېپىنى بۇ يولنىڭ سىددىقلەر كۆرۈر.
بىدۇرۇس ئەمادۇر، ئۆلگەندە ئۇلار،
رىزۋاننى كۆرەلمەي ۋەيلۇنغا يۈرۈر.
*** *** ***
مۇشۇ ۋەقەدىن كېيىن، بەزىلەر ھەبىبنى غايىبتىن چۈشكەن پەرىشتىمىكىن دەپ گۇمان قىلىپمۇ قېلىشقان. ئەمما ئۇنىڭ بارات ئاكا بىلەن بۇھاجەر ھەدىنىڭ ئەتىۋارلىق ئوغلىلىقىنى ئەسلىشىپ، گۇمانلىرىدىن دەررۇ يېنىشقان.
جاھاندا نېمە ئىشلار بولمايدۇ دەيسىز! بەزى ئىشلارغا كىشىنىڭ ئەسلا ئىشەنگۈسى كەلمىسىمۇ، بىراق تەقدىرنىڭ راستلىقى ئالدىدا ئىشەنمەستىن چارىسى يوقكەن.
كىشىلەر ھازىر ھەبىبنىڭ راستتىن ئادەم ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىشىدۇ. چۈنكى، ئۇ بۇلتۇرلاردىكى پېتىدىن يۈز سەكسەن گرادۇس ئايلىنىپ، تەتۈرلا ئادەم بولۇۋالغان. ھازىر بۇ مەھەللىدە ئۇنىڭدىن ئۆتەر سۆزى كاززاپ، كۆزى ئاجناپ يوقمىكىن!
ئۇ ھازىر شەھەرنىڭ كەڭتاشا يوللىرىدا يايما يېيىپ ساتىدىغان رەۋەندە. ئۇنى بۇ كەملەردە يايمىچى دېگەندىن كۆرە، قويمىچى دېسە تېخىمۇ دۇرۇس بولىدۇ. لېكىن ھەبىب زادى نېمىشقا بۇ ھالغا ئەسىرلىنىپ قالدى؟بۇنىڭ تېگى بىر خۇدا ۋە بىر ئۆزىدىن باشقا، باشقىلارغا قاراڭغۇ. ئەيتاۋۇر، بۇ ئىش ___ بۇ پاراۋان ئۆزگىرىش ئادەمنىڭ ئەقلىگە ئەسلا سىغمايدۇ. ھازىر تۆت - بەش كىشى بىر جايغا جەملەنسىلا، بۇ ئالەمچە ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبىنى قارىسىغا جۆيلۈپ بېقىشىدۇ:
___ بىزنىڭ ھەبىبكە نېمە بولغانكى؟___ دەپ گەپ باشلاپ قوياتتى بىرى. سەمەت نوگاي دەيدىغان بىرىمۇ ئارىغا گەپ تاشلاپ:
___ شۇنى دەيمەن، ئۇ بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىغۇ - تاڭ؟ بىر يىل بولدى، ئۆزىگىمۇ ئوخشىماي قالدى. مەنچە، چوقۇم كۆز تەگدى ئۇنىڭغا. ___ دېدى.
___ مېنىڭچە بۇ مۇنداق گەپ. ئۇنى جەزمەن قەرز كۈشەندىسى بىلەن بىر ئائىلىنىڭ ئەندىشىسى تۈگەشتۈرگەن گەپ. بۇنىڭ ئۈچۈن پۇل كېتىدىغان بولغاندىكىن، شۇنىڭ بىلەن پۇل تېپىشقا دۈم چۈشكەن گەپ. پۇلنىڭ مېھرى ئىسسىق بولغاندىكىن، كېيىن ئۇنىڭدىن ئاجرىغۇسى كەلمىگەن گەپ. خالىس نىيەت بىلەن پۇلنى ئاۋۇتماق تەس بولغاندىكىن، ئامال يوق سەمىمىيلىكىدىن تانغان گەپ. قانداق، خېلى توغرا ئويلاپتىمەنما؟ ___ دەپ غادىيىپ كەتتى ئابدۇكىبىر ئىسىملىك بىرى. ئۇ ھەمىشە ھەززەرگۈيلىقىدىن بىخەۋەر، مەلۇم بىر سورۇندا پەيت تېپىپ قىلىۋالغان ئانچىكىم قۇرۇق سۆزلىرىدىن خۇددى پەيلاسوپلارچە گەپ قىلىۋەتكەندەك خۇشلىنىپ يۈرەتتى.
___ قىپقىزىل خاتا ئويلاپسەن، ___ دەپ قويدى سەمەت نوگاي ئەتەي ئابدۇكىبىر بىلەن قېرىشىپ.
___ ئىشىڭنى قىلەۋا نوگاي سەن.
___ كىبىر توغرا دەيدۇ. ھەبىب ھازىر ئېگىن ساتىمەن، كوچەن تاپىمەن دەپ شېئىرمۇ يازماس بولۇۋالدى. كۆنۈپ قاپتىكەنمىز ئۇنىڭ ساتىرالىرىغا. لېكىنزە... ئۇ بىچارىگىمۇ ئاسان ئەمەس، ___ دەپ ئارىغا گەپ قىستۇردى ئېزىز چاپانچى.
ئابدۇكىبىر سەمەت نوگاينىڭ ئۆزىنى پۇتلىغىنىغا قاتتىق خۇرۇجى كەلگەن بولسىمۇ، ئېزىز چاپانچىنىڭ ئۆزىنى قوللىغىنىغا ئىچىدە مىڭلاپ تەشەككۈر ئوقۇپ، تېخىمۇ غادايدى. ئۇنىڭ كىبىرانە غادايغان دۈگىلەك بېشى ئارقىسىغا شۇقەدەر ياتتىكى، توقماقتەك دوغىلاق بەستى ئۆز - ئەينى كۈچەپ ئەگكەن رىچاگكىلا ئوخشاپ قالغانىدى.
___ ھېي سەخو چاپانچى، ___ دېدى سەمەت ئېزىزنى ھەزىللەپ، ___ سەن كىبىرنىڭ چاپىنىنى ھەرقانچە جان كۆيدۈرۈپ كۆتۈرسەڭمۇ، ئۇنىڭ بېشى خاس ئاسمانغا قاراقلىق تۇرغاچقا، كېيىنچە سېنى كۆرمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇڭا، ياخشىسى ماڭا بولۇش!
گەپ ئەھلى قېقىلىپ كۈلۈشتى.
بىراق، ئابدۇكىبىر بۇ دورەم دۇرۇس دەيدۇ. ئۈچ يىل بۇرۇن بارات ئاكا تۇيۇقسىز قەبرىدىن ئورۇن ئالدى. بۇلتۇر بۇھاجەر ھەدىمۇ ھەبىبنىڭ ئۆيىنى ئوچاقلىق قىلىۋېتىپلا، «ھەمراھىنىڭ قېشىغا كىرىپ يېتىۋالدى.» ئۇلارغۇ ئۆلدى ___ كەتتى. دۇنيالىق غەم - غۇسسىلەردىن خالىي بولدى. ھاياتىي ئەمەللىرى ياراتقۇچىغا يارىغانلا بولسا، شەكسىزكى، جەننەت ___ پاراغەت ئۇلارنىڭ! ھەبىبچۇ؟ ئۇ يەنە ھاياتىنى داۋام ئېتىشى كېرەك. ياشاش ئۈچۈن قورساق توق بولۇشى، ئۇنىڭ ئۈچۈن چۆنتەك توم بولۇشى كېرەك.
قىسمەت قىزىق. نېمىشقا ھەردائىم قولىدىن ئىش كېلىدىغان، سالىھ نىيەتلىك، ئەل - يۇرتنىڭ غېمىنى يەيدىغان مۆتىۋەرلەر بالدۇر كېتىدىغاندۇ؟
بارات ئاكىنىڭ ئۆمەر ساتتار ئىسىملىك بىرسى بىلەن شېرىك ماڭغۇزغان بىر ياغ زاۋۇتى بار ئىدى. پۈتۈن ئائىلە ئاساسەن شۇ زاۋۇتنىڭ كىرىمى بىلەن چۆرگىلەيتتى. بارات ئاكىنىڭ دەپنىلەنگەن تاۋۇتىدىن كېيىن، ھەبىب زاۋۇتقا چىش پاتۇرالمىدى. ئۆمەر ساتتار تېخى: «داداڭ ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا مەندىن ساپساق 5000 يۈەن ئۆتنە ئالغانتى، بۇنداق بالدۇر ئۆلەرىنى بىلگەن بولسام ھەرگىز بەرمەسكەنمەن!» دەپ ئۆزىنىڭ پۇشايمان چوغىدا پۇچىلىنىۋاتقانلىقىنى ھەبىبكە سۆزلەپ بەردى. بۇرۇنلاردا ھەبىب ئۆمەر ساتتارنى خېلى تۈزۈك ئادەم چاغلايتتى، ھازىر رايى نىجاسەتتىن يىرگەنگەندەك ياندى.
___ غەم يېمىسىلە، ئۆمەراخۇن!ھەققىلىرىنى دادام بېرەلمەي كەتكەن بولسا، مەن تېخى ئۆلمىدىمغۇ؟! ھامان بىر كۈنى پۇلغىمۇ تويۇپ قالارلا! ___ دېدى ئۇ تەئەددى بىلەن ئۆمەر ساتتارغا.
دۇنيا رىقابەت پاخاللىقىغا غەرق بولۇۋاتقان، پەن - تېخنىكا ئوچىقىدا توختاۋسىز قايناۋاتقان بۇ پەيتتە، ھەبىبنىڭ شۇ پېتىدا بىر ئائىلىنى بېقىپ كېتەلىشى، شۇنچە قەرزنى تۆلەپ تۈگىتەلىشى بەئەينى بىر چوڭ تاغنى ئۇياقتىن بۇياققا يۆتكىگەندەك بەسىي مۈشكۈلاتلىق بىر ئىش ئىدى.
ھازىر مۇقىم كەسپى يوق يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قۇرۇلۇشتا كۈنلۈك ئىشلەش ئارقىلىق جان باققاچقا، ھەبىبمۇ بۇ ئىشنىڭ دەپ بولماس جەبرىگە كۆز چىمىلداتماستىن قۇرۇلۇشچىلار سېپىگە تىقىلدى. بىراق قۇياش ئويغانمىغان چاغدىن تارتىپ، تاكى قەمەر تىكلەنگەن چاغقا قەدەر ئۆلگۈدەك ئەمگەنىپ تاپقان 70 - 80 يۈەن كىرىم گويا دېڭىزغا قۇيۇلغان بىر تېمىم سۇدەك ھېنىمىگە دال بولالمايتتى.
شۇنداق، ھەبىبنىڭ ھازىر قولى قىس. ئۇنىڭ تېخى بۇلتۇرقى «قەدىناسلىرى» ھازىر نەلەرگىدۇر غايىب بولۇشقان. ھەبىبنى ئىزدەپمۇ قويۇشمايدۇ. ئۇ ئىزدەپ بارسا، «ئۆيدە يوقتى، دېگىن!» دەپ خوتۇنلىرىنى چىقارتىپ قويىشىدۇ. ئۆمەر ساتتارمۇ ھەركۈنى ھەبىبنىڭ ئۆيىگە «ئەلچى» كىرگۈزۈشنى ئۇنۇتمايدۇ. ھەبىبنىڭ تاپقان پۇللىرى شۇ «ئەلچى» گە تەئەللۇق. لېكىن شۇنداقتىمۇ تەڭرىگە رەھمەت، لائەقەل، بارات ئاكىنىڭ يۈزى بىلەن تامداش قوشنىلار ھەبىبلەردىن بىرەر بۇردا زاغرا، بىرەر كورا قېتىق ياكى بىرەر ئاياق ئۇمىچىنى ئايىمىدى. ئۇندىن سىرتمۇ، بارات ئاكىنىڭ خەبەر ھاجى دەپ بىر تاشچى ئىنىسى باركەن. ھازىر ئەنە شۇ تاغدەك تاغىنىڭ تاغىلىق قوللىرى ناگان - ناگاندا سۇنۇلغاچقىلا، ھەبىبلەر ئاز - پاز كۈنەكىۋاتىدۇ. لېكىن، ھەر كۈنى قوشنىلار بىلەن خەبەر ھاجىنىڭ قولىدا قورساق ئەستەرلەش ئۇلارغىمۇ سەت - دە!...
كۈنلەرسېرى، ھەبىب ھاردى. ئۇ كەم - قىسلىق بىلەن ئۆتكەن كەتمىشلىرىدىن ئەمدى ئۆزىگىمۇ نائېنىق كەلمىشلىرىگە باقتى. بىراق ئۇ شۇ تاپتا، يەنە نۇرغۇن جۇدۇنلۇق كۈنلەرنىڭ، بىساناق ئوقۇبەتلەرنىڭ ئۆزىنى قايسى داۋاندىدۇر ساقلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى روشەن تۇيۇۋاتىدۇ. ئۇ ئەمدى يۈگۈرسە - يۈگۈرسە ئاۋۇمايدىغان بۇ «قارغىش تەگكۈر» مۇساپىدىن ئۆزىنى تۇرمۇزلاپ، باشقىچە يول تۇتماقچى بولدى. لېكىن يەنە «بۇنداق قىلساق قانداق بولار؟» دەپمۇ خاۋاتىرلىنەتتى ئۇ ۋە ئايالى. بىرەھىم تۇرمۇش ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيەتكە بولغان قەتئىي ئىرادىسىنى، مۇۋەپپىقىيەتكە ئىنتىلىدىغان ئېتىمادىنى سولاشتۇرغانىدى. ئۇلار «بولىدۇ!» بىلەن «بولمايدۇ!» دېگەن ئىككى جاكار ئارىسىدا، مۇئەللەق ھالەتتە ھەپتىچە بىقارار قالدى.
مەسلىھەت پىشقاندىن كېيىن، ھەبىب ئەنزارىغا بويسۇنۇپ خەبەر ھاجىدىن ئازغىنە ئۆتنە سوراپ، رەۋەندىلەر يىپىغا مارجان بولۇپ تىزىلدى.
...
كىم ئۇقسۇن؟! ھەبىب بارا - بارا پۇلنىڭ ئاتەش ھارارىتىگە شەيتاننىڭ سېھىر - جادۇلىشىدا مەھلىيالىنىپ قالدى.
بۇ يول ئۇنىڭ رايىغا ۋايىدا باققاچ، بىدوقاللا ياشاپ كەتتى. «قەدىناسلىرى» قايتىپ كەلدى. قەرزنىغۇ تۆلىدى، ھەمدە ئاۋۋالقىدىن نەچچە ھەسسە بايلاشتى. خانۇمانى ئۆيىگە پەۋەس تولغان بولسىمۇ، ئۇ قانمىدى. تەئەججۈپلىنىۋاتامسىز؟ چۈنكى ئۇ ئۆزىمۇ تۇيماستىن روھىيىتىدىكى بىباھا بىر مەۋھۇم خىسلەت ___ سەمىمىيلىكىنى يىتتۈرۈپ قويغانىدى. ئەدناسى، سەمىمىيلىك ئۇشبۇ پۇل كۆمۈلگەن جەڭگاھقا ئاتلانماق ئۈچۈن ساچىغ سۈپىتىدە ساۋۇتلانغانىدى.
ئەزەلدە، ئېسىل پەزىلەتلەرنىڭ بېرى دېگۈدەك ئۇنىڭدا مۇجەسسەم ئىدى. ھازىر ئول پەزىلەتلەرنىڭ ھەر بىرى ئۆزىگە ئۇپئۇدۇل تىكىلىپ تۇرغان رەقىبلىرىگە باش ئەگدى. ئۇنىڭ بۇرۇن كىچىككىنە ناھەقچىلىككە يولۇققاندىمۇ، كۈنۇتۈن ياش يۇقى يۈرىدىغان كۆزلىرىدە ھازىر ھېس - تۇيغۇ دېگەندىن ئىزنا يوق؛ ئۇنىڭ بۇرۇن كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ بەردىمى بىلەن ياردىمىنى بېرىدىغان قوللىرى، ھازىر ئۇلاردىن پەنت بىلەن ئەنتىنى ئالىدۇ؛ئۇنىڭ بۇرۇن ھەپتە - ئايلاپ ياغلانمىسىمۇ شۈبھىلىنىشكە رايى بارمايدىغان ئاغزى، ھازىر بىر دىنسىزنىڭ ئاغزى بولۇپ قالدى؛ ئۇنىڭ بۇرۇن بىرەر ناتىۋان رەسىدىگە چېقىلىش مەرىزىنى سوقۇۋاتقان لۈكچەكلەرنى ئۇچراتسا، ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىشكە ئۈندەيدىغان غۇرۇرىنى ھازىر ئىتلار ئۆزىگە يەم قىلماقتا...
ھەبىبنىڭ بۇ زور «مەنىۋىيەت ئىسلاھاتى» دىن كېيىن، ھەقىقەتلەر قامۇسىغا مۇنداق بىر بايان قېتىلدى: ئەزەلدىن سالىھلىق پېتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر ئىنسان، بىتۇيۇق كەلگەن مەلۇم بىر سىناقتىن «زەپەر قۇچماق» قا شەيتاننىڭ كۈشكۈرتىشىدىن سەھىل(ھالال ياشاش مىزانىغا مۇخالىپ) بىر يولنى تاللىسا، ئەزەلقى سالىھلىق تاجى نەلەرگىدۇر قايرىلىدۇ - دە، پۈتۈن ئالەمنىڭ قارغىش مۆلدۈرى يىغىلىپ ئۇنىڭ بىچارە ئاتا - ئانىسىغا ياغىدۇ. ھەممە كىشى: «بۇ نائەھلىينى ئاتا-ئانىسى ئادەم ئەتمىگەن بولغىيمىدى؟» دەپ كۆپ گۇناھنى ئۇلارنىڭ بىگۇناھ ناملىرىغا چاپلاپ، مۇبارەك شەنىگە داغ سۇۋايدۇ.
نىھايەت، بۇ خاتا. ھەبىبنى ئاتا - ئانىسى پەرىشتىدەك پازىل قىلىپ تەربىيىلىگەن. ئەمما ئۇ ئۆزى پەرىشتىلىكىدىن تېنىپ كەتتى. ئەلھاسىل، ئۇنى پۇل تانغۇزدى. پۇل ئۇنىڭ غۇبارسىز روھ ۋە ۋۇجۇدىنى چىركىنلىك كارىزىغا رەھىم قىلماي ئىتتىرىۋەتتى...
كۆرۈڭ، ئۇ داۋاملىق يايمىلىرىنى ماختاپ - ئۇچۇرماقتا:
___ يۈز كوي بىلەن بۇ ئېگىن سىزگە تارتۇق بولغۇسىدۇر، ھۆسنىڭىزگە بەدئىي تۈسلەر ئارتۇق تولغۇسىدۇر!... مۇسكۇلى يوق ئاجىز - بىچارىلەر ئەگەر مۇشۇ كىيىمنى كىيسە، ئويلىمىغان يەرلىرىدىن غايەت زور مۇسكۇللار ئۈنۈپ چىقىدۇ!... ئەگەر بۇنى قىز - چوكانلار كىيسە يامان نىيىتى ساماندەك، بۇزۇق كۆزى قوزۇقتەك ئەرلەر ئۇلارنىڭ بۈرتۈپ چىققان كۈچىنى ۋە كەينىدىكى ئۈچىنى بايقاپ، ئاندىن ئاسلاندەك ھېيىقاپ، ئۇلارغا يېقىنلىشالمايدۇ ۋە قېلىنلىشالمايدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن پۈككەن نىيەت ئېقىنلىشالمايدۇ!... بۇ كىيىمنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ھەم ئۈستىڭىزگە يېپىۋالغاندىن كېيىن، <كۇللىيات ھوقۇقلار> ئىنئامىغا مۇيەسسەر بولالايسىز. مىسالەن، سىز ئۇنى ئاتامسىز يا ساتامسىز، كىيەمسىز يا سىيەمسىز، تەمسىز كۆرمىسىڭىز يەمسىز، ھېچقانداق جازا ياكى ھازاغا ئۇچرىماي، ئەنسىز ئەمەس غەمسىز يۈرەلەيسىز!... ئۇرۇقلىشىشقا زارلار ۋە قورۇقلىشىشقا بىزارلار، خۇش - خەۋەردىن بولماڭ بىخەۋەر! بۇ كىيىملەرنى سېتىۋېلىپ بەدىنىڭىزگە مىڭ يىل قېتىۋالسىڭىزمۇ ھېچقانداق ئەكس - تەسىرى، بەھرە - قەسىرى يوقتۇر! ئەگەر سىز ئېچىلمىغان بولسىڭىز قېتىڭىز بىلەن، يېپىلمىغان بولسىڭىز سېتىڭىز بىلەن، ھەر ھالدا پېتىڭىز بىلەن، ھالى - قۇدرەت دېتىڭىز بىلەن تۈرلەشمەي ھەم پۈرلەشمەي تۇرالايسىز!... بۇ كىيىمنىڭ ئەڭ بەلەنلىكى شۇكى، ناۋادا سىز ئەر بولسىڭىز، خوتۇنىڭىزغا ئوتۇندەك كۆيۈشچان، بوۋاقتەك سۆيۈشچان كۆرۈنەلەيسىز! مۇبادا سىز ئايال بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئېرىڭىزگە ئاشنىدەك تاتلىق، قىز بالا ئاتلىق كۆرۈلەلەيسىز ۋە سۆيۈلەلەيسىز!... پەقەت يۈز كوي، ئاران يۈز كوي!... سىزگە يوللار بولسۇن، ماڭا دوللار تولسۇن!...
ئۇ يايمىلىرىنى داڭلىغاندا، بىر قېتىم دېگەن گېپى ئىككىنچى قېتىم تەكرارلىنىپ قالمايدۇ. ئەسلىدە ئاڭ - ئىدىيىسى كىچىككىنە ئوچۇق مۆتىدىل كىشى بولسىلا، ھەبىبنىڭ كۆجۈم ھېسسىيات ئۇرۇقلىرىلا تېرىلغان، زىيادە مۇبالىغە ۋە كىنايىلەرگە لىق تولغان ماختاش سۆزلىرىنى چىن كۆرمەي بولسىمۇ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سېتىۋالمايدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئالدى - ساتتى ئىشلىرىنىڭ خېلى-خېلى ئېقىۋاتقانلىقى، شۇ يالغان - ياۋىداق گەپلەرگە ئىشىنىدىغان ئادەملەرنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكىنىڭ ئالامىتى ئىدى. رېئاللىقنىڭ مەنەنىچە، بۇ ھال ھەقىقىيلىككە زىت. ئەمما، ئەمدىلەتىن غەپلەت بۆشۈكىدىن يېشىلگەن بۇ ئۇيقۇخۇمار ئەلگە ئۇشبۇ ئايانچلىق ھال ناھايىتى نورمال تۇيغۇ بېرىدۇ. چۈنكى بۇ ئەھۋال رېئاللىققا زىت بولغان بىلەن، ئۇلارنىڭ يېقىنقى شەجەرىسىگە ئۇيغۇن. ئۇلار سەككىز - ئون ئەسىر ئاۋۋالقى شانلىق تارىخىنى ئۇنتۇدى، لېكىن ئۈچ - تۆت يۈز يىل بۇيانقى ئېچىنىشلىق ئۆتمۈشىگە ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى قالدۇقلىرىغا خاتىمە بېرەلمىدى.
ھەر قانداق بىر مىللەت بۇلاردەك نەچچە ئەسىر زاھىتلىق باياۋانلىرىدا ساياق يۈرۈپ، يالقاۋلىق يوتقىنىنى چۆرۈۋېتەلمەي ئوي كەتكەن جاھالەت يامزاللىرى قوينىدا مەستخۇش يېتىپ، تارچۇق قەپەس ئىچىدە كېلەچىكى زەبۇنلاشقان بولسا؛ شارائىتنىڭ ناكارلىقىدىن تاغ-يار ئارقىسىدىكى دۇنيا ۋەزىيىتىدىن ۋاقىپلىنالماي، قۇرۇق ئاسايىشلىق ئىچىدە ياشىغان بولسىدى، ئۇلاردىنمۇ مال - دۇنيادىن باشقىغا قىزىقمايدىغان، ئېلىم - سېتىمدىن بۆلەككە يارىمايدىغان ھۆپىگەردىن ئېشىپ ئۇلۇغ زاتلار چىقماس ئىدى. ئۇلارنىڭمۇ ئىككى - تۆت تال كىتابتىن خەۋىرى بار ھەبىبنىڭ نەمۇردا مۇبالىغە ۋە كىنايىلىرىنى ئاڭقىرالماسلىقى مۇتلەق ئىدى.
بۇ مىللەتتىكى بەزىلەرنىڭ ئۇيقۇسى ئېچىلىپ، ئىلىم قازىنىغا خۇرۇچ بولۇپ چېچىلدى. ئۇلار ئەلكۈننى سىلكىمەكتە. ئەلكۈنمۇ غۇلاچلىرىنى كېرىپ، ئويغىنىشقا تەمشىلىۋاتىدۇ. كۆرمىدىڭىزمۇ؟ ناھايىتى قىسمەن خەق ھەبىب تامان چېپىۋاتسىمۇ، خېلى كۆپى ئۇنىڭ كاززاپلىقىغا، ئاۋاپلىقىغا ئېچىنىپ، يايمىلىرىغا كۆز قىرىنىمۇ سالمايۋاتىدىغۇ؟!
ھەبىب ھازىر ئاشۇ پۇل دېگەن «شەيتان» نى ئۆزىنىڭ ھەر ۋاخلىق ئارمانى ۋە ھاياتلىق نىشانى قىلىپ بېكىتىۋالدى. ئۇنى دەپ ھەر سەتچىلىكلەردىن ئۆتتى. ئۇ ھازىر «پۇل بارچىدىن قۇدرەتلىك!» دەپلا ئويلايدىغان بولۇپ، ئۆزىمۇ شۇ «قۇدرەتلىك ئىلاھ» نىڭ مۇخلىسى، قۇلى بولۇپ قالغانىدى. شۇ تاپتا ئۇ ھېلىقى «قۇدرەتلىك ئىلاھ» بىلەن قان بىلەن گۆشتەك تېگىشىپ، تۇپراق بىلەن ئابىدەك سىڭىشىپ ياشىماقتا! تېخى بىر يىلنىڭ ئالدىدىلا، ئۇ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىدىيىلىك، ھەممە كىشىنىڭ مەستلىكى كەلگۈچىلىك، بېھىشتىكى ئېرەملەردە شېرىن - شەربەت خورمىلاردىن ئوزۇقلىنىپ، ھەۋزىكەۋسەردىن ئابىھايات ئىچىپ ياشاۋاتقان بارات ئاكا بىلەن بۇھاجەر ھەدىنىڭ بىغەم روھىنى تېخىمۇ ئاۋۇندۇرغان سەمىمىي يىگىت ئىدى - ھە!
كىشى بۇ ھەقتە تەپەككۇرلانسا، پۇل دېگەن نەرسىنى دۇنيادىن ئۇجۇقتۇرۇۋەتكۈسى كېلىدۇ. ئەپسۇس، ئۇ يوقىمايدۇ، يوقاتقىلىمۇ بولمايدۇ. ئۇنى يوقىتىمىز دېگەنلەر، ئۆزى يوقىلىۋاتىدۇ. ئەمما پائال داۋاملىشىدىغان پەندى - ئۈگۈت بىلەن ئادەملەردىن «يامانلاپ كەتكەن» ئېسىل خۇلق - پەزىلەتلەرنى ئۇلار بىلەن قايتا مۇرەسسەلەشتۈرۈپ قويغىلى بولىدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن، بارات ئاكا ئىنشائاللاھ ئىمانى بىلەن كەتتى. بىراق ھەبىبنىڭ قانداق كېتىشى خۇداغا ئامانەتتەك تۇرىدۇ. بىز پەقەت نەسىھەتنىڭ ئەمەلىيلىشىگە ئاتاپ دۇئا قىلالايمىز!
2014 - يىل مارت، خوتەن ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ |
|