مەن ئەڭ ئېھتىياجلىق تېلېفون نومۇرى
( چەتئەل ئەدەبىياتىدىن تاللانما )
مەن توغۇلۇشۇمدىنلا ئانىسىز ئائىلىدە چوڭ بولغان ئىكەنمەن.قوشنىمىز دورى خانىمنىڭ دېيىشىچە ،ئانام مەن توغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئالەمدىن ئۆتكەنىكەن . دادام ئەزەلدىن ماڭا ئانام توغرۇلۇق سۆزلەپ باقمىغان بولۇپ ، مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ بىر كۆيۈمسىز دادا ئىدى ، ئۇ مەن بىلەن كۆپ پاراڭلىشىپ كەتمىسىمۇ ، لېكىن تۇرمۇش ۋە ئوقۇش جەھەتتە ماڭا تەلەپنى قاتتىق قوياتتى .
دادام بىر شىركەتنىڭ خۇجايىنى بولۇپ ، بىز تۇرۇۋاتقان بۇ كىچىك بازاردا خېلى باي ئادەملەرنىڭ بىرى سانىلاتتى . لېكىن ئۇ ئەزەلدىن ماڭا باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭكىدەك كۆپ پارچە پۇل بېرىپ باقمىغان . تېخى بۇلا ئەمەس ، ئۇ ھەر كۈنى ماشىنىلىق شىركىتىگە بېرىش يولىدا مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتەتتى-يۇ،لېكىن قانچە يېلىنىپ-يالۋۇرۇشۇمدىن قەتئىينەزەر ،ئەزەلدىن مېنى ماشىنىسىغا ئېلىۋالمايتتى . مەن ھەمىشە ئاممىۋىي ئاپتوبوس ياكى مېتروغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە باراتتىم ، شۇڭلاشقىمۇ كۆڭلۈمدە دادامنى كۆزگە ئىلمايتتىم . بەزىدە ھەتتا ئۇنىڭغا چىش-تىرنىقىمغىچە ئۆچ بولۇپ كېتەتتىم ، ھەتتا ئانامنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ دادامدىن كۆرۈپ : « چوقۇم دادامنىڭ خارلىشىغا چىدىماي ئۆلۈپ كەتكەن »دەپ ئويلايتتىم،دادامنىڭ تېخىچە توي قىلماي بويتاق يۈرۈشىنىمۇ « ئۇنىڭ بۇ خىل مىجەزىگە چىدىيالىغۇدەك ئايال چىقمىغاندۇ تايىنلىق » دەپ پەرەز قىلاتتىم .
مەن 18 ياشقا كىرگەن يىلى ئامېرىكىدىن يېڭى زېللاندىيىگە ئوقۇشقا بارىدىغان بولدۇم .بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئائىلىدىن ، دادامدىن ئايرىلىپ شۇنچە يىراق يەرگە بېرىشىم ئىدى . لېكىن مەن دادامغا ئانچە تارتىشىپمۇ كەتمىدىم . ئەكسىچە ، نۇرغۇن قېتىم دادامدىن ، ئادەمنىڭ نەپىسىنى سىقىدىغان بۇ ئائىلىدىن بالدۇرراق ئايرىلىشنى ئويلىغانىدىم . مەن يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى يېڭى زېللاندىيىدە ئوقۇۋاتقان بارلىق ساۋاقداشلىرىمنىڭ تېلېفون نومۇرىنى رەتلەپ چىقىپ يانفونۇمغا ساقلىۋالغانىدىم ، لېكىن يەنىلا خاتىرجەم بولالمىدىم ، چۈنكى يانفونۇم يۈتۈپ كەتسە مەن ئامالسىز قالاتتىم ، شۇنىڭ بىلەن مەن بارلىق تېلېفون نومۇرلىرىنى خاتىرەمگە يېزىۋالدىم،لېكىن «ناۋادا خاتىرەم يىتۈپ كەتسە ئۆزۈم يالغۇر ناتۇنۇش بولغان يېڭى زېللاندىيىدە قانداق قىلارمەن؟»دېگەنلەرنى ئويلاپ ، ئاخىرى مۇنداق بىر ئامال تاپتىم . يەنى بارلىق تېلېفون نومۇرلىرىنى يېڭى سېتىۋالغان ئاياغ كىيىم ، باش كىيىم ، چاپان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگىلا يېزىۋالدىم ، بۇنداق قىلغاندا گەرچە بۇ نەرسىلىرىمنىڭ ئارىسىدىكى بىرەرسى يىتۈپ كەتسىمۇ،مەن قالغان نەرسە-كېرەكلىرىمدىن ئۆزۈم ئېھتىياجلىق بولغان تېلېفون نومۇرلىرىنى تاپالايتتىم . بەلكىم بۇ مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا مۇستەقىللىقنى يېتىلدۈرگەنلىكىمدىن ، شۇنداقلا سىرتلاردا چوقۇم ئۆزۈمگىلا تايىنىشىم كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىمدىن بولسا كېرەك ، باشقا نەرسىلىرىم يىتۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ، ساۋاقداشلىرىمنىڭ تېلېفون نومۇرلىرىنى يىتتۈرىۋەتسەم قەتئىي بولمايىتتى .
دادام قائىدىنى بۇزۇپ ، تۇنجى قېتىم مېنى ئايروپورتقا ئۇزىتىپ قويدى . خاتىرەمدە دادام مېنى ئەزەلدىن بىرەر يەرگە بىللە ئاپىرىپ باققان ئەمەس،مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرغاندىمۇ ئۆزۈم يالغۇز بارغان ئىدىم،شۇڭلاشقىمۇ دادامنىڭ مېنى ئۇزىتىپ قويغىچە ئۈن-تىنسىز،جىمجىت تۇرۇشىمۇ ماڭا ئادەتتىكىچىلا تۇيۇلدى . ئەتراپتىكى بىرقانچە ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن پەرزەنتلىرىنى ئۇزىتىۋاتقان ھالىتىمۇ مېنىڭ كەيپىياتىمغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى .
يېڭى زېللاندىيىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن،ئالدىراشچىلىق ئىچىدە تېلېفون نومۇرى ئىزدەشكە باشلىدىم . ئاۋۋال يانفونۇمدا بىرىنچى بولۇپ كۆزۈمگە چېلىققىنى بىر ناتونۇش نومۇر بولدى،سەپسېلىپ قارىسام،نومۇرنىڭ كەينىدە دادامنىڭ ئىشمى تۇراتتى . مەن شۇندىلا ئەزەلدىن دادامغا تېلېفون قىلىپ باقمىغانلىقىمنى،ھەتتا ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم . ئېنىقكى،نومۇرىنى دادام چوقۇم مېنىڭ تېلېفونۇمغا ئۆزى كىرگۈزۈپ قويغان ئىدى .
مەن خاتىرە دەپتىرىمنى ئاچتىم،دەپتەرنىڭ 1-بېتىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە دادامنىڭ تېلېفون نومۇرى يېزىقلىق تۇراتتى . بۇ دەل دادامنىڭ پوچېركىسى ئىدى . مەن تاقەتسىزلىك بىلەن بارلىق نەرسىلىرىمنى ئاياغ كىيىم،باش كىيىم،چاپان ... ھەممە نەرسىلىرىمنى بىر-بىرلەپ ئاختۇرۇپ ، ئۆرۈپ-چۆرۈپ چىقتىم . مەن تېلېفون نومۇرى يازغان بارلىق يەرلەرنىڭ 1-قۇرىغا دادام ئۆزىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى قىستۇرۇپ قويغان بولۇپ،ئەزەلدىن بىر ئىشلارغا ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدىغان قاتتىق قول دادامنىڭ بۇنچە ئىنچىكىلىكىنى ئويلاپ يەتمىگەن ئىدىم،ئۇ بۇ ئارقىلىق ماڭا سىرتلاردا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان چېغىمدا بىرىنچى بولۇپ ئۇنى يادىمغا ئېلىشىمنى ئەسكەرتمەكچى بولغاندەك قىلاتتى .
مەن مەكتەپكە ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن ئادىتىم بۇيىچە تورغا چىقىپ،ساۋاقداشلىرىمدىن كەلگەن ئېلخەتلەرنى كۆرۈشكە باشلىدىم،مەن تاپشۇرۇۋالغان بىرىنچى پارچە ئېلخەتنىمۇ يەنىلا دادام ئەۋەتكەن بولۇپ،ئۇ خېتىدە مۇنداق يازغانىدى :
_ فىرانكا،جېنىم بالام،سەن ئاخىرى چوڭ بولۇپ قۇرامىڭغا يەتتىڭ، مەن بۇنى توپتوغرا 18 يىل كۈتكەن ئىدىم. سېنىڭ ئاناڭ قىيىن تۇغۇت سەۋەبىدىن ئالەمدىن كۆز يۇمغان،مەن ئۇنىڭغا «سېنى ياخشى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشىمەن» دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىم . مانا بۈگۈن سېنىڭ مۇستەققىل،ئۆزۈڭگە ئىشىنىدىغان ئادەم بولۇپ يېتىلگەنلىكىڭنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم . مېنىڭچە،ئاناڭمۇ جەننەتتە سەن ئۈچۈن خۇشال بولىۋاتقاندۇ بەلكىم . لېكىن مەن سېنىڭ خاتىرەڭگە مېنىڭ تېلېفون نۇمۇرۇمنى خاتىرىلىمىگەنلىكىڭنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالدىم . بىر بالا سىرتلاردا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا بىرىنچى بولۇپ ئېسىگە ئالىدىغىنى ئۇنىڭ دادىسى بولسا توغرا بولاتتى . لېكىن سەن ئۇنداق قىلماپسەن،مەن كۆڭلۈمدە «ساڭا بولغان تەربىيىلەش ئۇسۇلۇمدا مەسىلە بارمىدۇ ؟ ساڭا تەلەپنى بەك قاتتىق قۇيۋەتكەندىمەنمۇ ؟»دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم،بالام،مېنىڭ ساڭا دېمەكچى بولغىنىم شۇكى،مەيلى قانداقلا بولمىسۇن،مەن سېنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىمەن .
18 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئىلگىرىكىگە قەتئىي ئوخشىمايدىغان ئىللىق بىر سېزىم ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالغانىدى . كۆز ياشلىرىم شۇ تاپتا فونتاندەك ئېتىلىپ چىقماقتا ئىدى .
|