ئوباما نېمىشقا ھىندىستانغا دو تىكىدۇ
ئېدۋارد لۇس
بارلىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى ئاستىلىماقتا، پەقەت ھىندىستانلا كۆرۈنەرلىك مىسال. خەلقئارا پۇل فوندى (IMF)نىڭ پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كېلەر يىل ھىمالايا تېغىنىڭ ئۇ قېتىدىكى جۇڭگودىن ئېشىپ كېتىدىكەن، بۇ جۇڭگو «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىن بۇيان تۇنجى قېتىملىقى بولۇپ قالىدۇ. 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئوباما ھىندىستاننى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلغان تۇنجى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ھەمدە ئاساسىي مېھمان سۈپىتىدە ھىندىستان »جۇمھۇرىيەت كۈنى» تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان تۇنجى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ قالدى. ئوبامانىڭ ھىندىستانغا دو تىكىشىنىڭ ھېچقانداق يامان يېرى يوق، ئۇزۇن مەزگىللىكنى ئېلىپ ئېيتقاندا ناھايىتى چوڭ پايدىسى بار. يېڭى دېھلى ۋە ۋاشىنگتون دوستانە ئۇچرىشىش ئۇچرىشالماسلىقى ئامېرىكىنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنياغا ماسلىشىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوباما بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلىقىدەك رېئاللىق مەسىلىنى چۈشۈندۈرۈپ بېرىدۇ، كۆپلىگەن تەرەپلەردىن ئېيتقاندا مودىنىڭ سىياسىي كۆز قارشى بىلەن ئوبامانىڭ بىر-بىرىگە زىتتۇر.
گەپ گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئەگەر ئوباما ھىندىستاندا خۇددى 2014-يىلى 11-ئايدا جۇڭگودا ئىمزالىغىنىدەك شۇ خىلدىكى كېلىشىم ھاسىل قىلالىسا، ئۇنداقتا كىشىنى تاسادىپىيلىق ھېس قىلدۇرىدۇ. ئوباما ۋە شى جىنپىڭ تۈزگەن «ئامېرىكا-جۇڭگو كىلمات ئۆزگىرىشى بىرلەشمە باياناتى» ئۆلۈك خەلقئارا سۆھبەتنى تىرىلدۈردى. ھىندىستاننىڭ مەيدانى 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارىژ كىلمات ئۆزگىرىشى يىغىنىڭ نەتىجىسىگە قارىتا ئاچقۇچلۇق مۇھىمدۇر. مودىنىڭ بۇلغانمىنى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشىغا تۈرتكە بولۇش قىزغىنلىقى ئوبامانىڭ مودىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشىنىڭ (ھەمدە ئۆزىنىڭ يىللىق دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىنىڭ ھىندىستاننىڭ «جۇمھۇرىيەت كۈنى»بىلەن بىر كۈندە بولۇپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى) سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. ئوباما ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقدىشى ئۈچۈن شۇنچە غەم يەپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس، مەيلى بېنيامىن نېتانياخۇنىڭ ئىسرائىلىيەسى ياكى داۋىد كامېيروننىڭ ئەنگلىيەسى بولسىمۇ شۇنداق. ئوباما ئۇنچە قىلىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ھىندىستاننىڭ قەد كۆتۈرۈشى بۈگۈنكى دەۋردىكى جۇغراپىيىۋى سىياسەت رېئاللىقىدۇر. ھىندىستاننىڭ قەد كۆتۈرۈش شەكلى دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
بۇ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا سىياسىئونلىرىدا ھەمىشە كەمچىل بولۇۋاتقان سەۋرىچانلىق لازىم بولىدۇ. ھىندىستاننىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئىستراتېگىيەلىك مۇھىملىقى بىلەن ھىندىستاننىڭ ئامېرىكىدىكى دىققەتكە سازاۋەر بولۇش دەرىجىسى ئارىسىدا تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەت مەۋجۇت. ئوباما 1-ئايدا پارلامېنتتا نۇتۇق سۆزلىگەندە ھەتتا ھىندىستاننى تىلغا ئالمىدى. لېكىن ئۇنىڭ ھىندىستاننى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلىش ۋاقتى مەسىلىنى ئىنتايىن ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئوبامانىڭ تۇنجى قېتىم ھىندىستاننى زىيارەت قىلىشى ئۇنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا مەغلۇپ بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي بولغان ئىش. بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن يۈز بەردى. ئوباما تېخىمۇ چوڭ سەھنىدە ۋەزىيەتنى ئاچماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا پارلامېنتى پارتىيە گۇرۇھلار نەيرەڭۋازلىقىغا مەپتۇن بولۇپ كەتكەندە، ئوباما يىراققا نەزەر سېلىپ، ۋەزىيىتى ئۆزگۈرۈۋاتقان دۇنيانى كۆزەتتى.
ئۇنداقتا ئوبامانىڭ ھىندىستان سەپىرى قانداق نەتىجىگە ئېرىشىدۇ؟ ئەپسۇس، تاج ماھالدا خانىمى مىشېل بىلەن سۈرەتكە چۈشۈش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىكار قىلىندى، ئوباما سەپىرىنى قىسقارتىپ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاھنى دەپنە قىلىشقا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولدى. كەسكىن جاۋاب شۇكى، بۇنى دەڭسەش ناھايىتى تەس. ھىندىستان مەڭگۈ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىتتىپاقدىشى بولمايدۇ. گەرچە يېڭى دېھلى كېڭەيمىچىلىكنى يولغا قويۇۋاتقان جۇڭگودىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مودى 2014-يىلى قىزىل پاياندازنى سېلىپ جۇڭگو رەئىسى شى جىنپىڭنى قارشى ئالدى. ئۇ يەنە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى كۈتۈۋالدى ھەمدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىغا قارىتىلغان ئەيىبلەشكە قوشۇلۇشنى رەت قىلدى. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو مودىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى. ئوباما مودىنىڭ ئەڭ يېڭى دوستى. ئامېرىكىلىقلار ھەمىشە مونى دىنىنىڭ «يا بىزنى قوللا، يا بىزگە قارشى تۇر» دېگەندەك پوزىتسىيەسىدە دۇنياغا مۇئامىلە قىلىدۇ. ھىندىستان بىلەن ئالاقە قىلىش بۇنداق ئەمەس. مەيلى جۇڭگو ياكى ھىندىستان بولسۇن، ھەممىسى ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرى بويىچە دۇنيانى بەرپا قىلىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ياۋروپانىڭكىدەك (كېيىن ئامېرىكا) ئومۇملاشقان قىزغىنلىقنىڭ دەۋرى ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە. ئوباما تىنچ ئوكيان رايونىدا تۇغۇلغان، بالىلىق ۋاقتىدا ھىندونېزىيەدە ياشىغان، بۇ نۇقتىنى بىردىنبىر چۈشىنىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى.
ۋاراڭ-چۇرۇڭى تولا دېموكراتىك سىياسىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا ۋە ھىندىستان يەر شارىۋى كېلىشىمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىككى لۈكچەك دۆلەت. ئىككى دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ دىپلوماتلىرىنىڭ قوشۇلىشىدا تەستىقلانغان كېلىشىم جەھەتتە ئىشىنىشكە ئەرزىمەيدۇ. ئۇلار ئاۋۋال كېلىشىم تۈزەيدۇ، ئەمما قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنىنىڭ بۇ كېلىشىملەرنى تەستىقلاشنى رەت قىلىش خاتىرىسى بار. ھىندىستان باشقىلار ھىندىستان قوشۇلدى دەپ قارىغان سودا ئىشلىرىدا قايتا-قايتا يېنىۋالغان. ھىندىستان يەنە كىلمات يىغىنىدا بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى، مودى 2014-يىلى ھىندىستان ئىمزالىغان بالى كېلىشىمىنى يىرتىۋەتتى. ئامېرىكىمۇ ھىندىستاندىن قېلىشمايدۇ. پارلامېنتتا ھۆكۈمەت رەت قىلغان كېلىشىملەر تولۇپ ياتماقتا، يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىگە ئالاقىدار «كىيوتو كېلىشىمى»نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوخشاش، ئوباما كەيپىياتتا بۇ نۇقتىغا سەۋر قىلىشقا ماھىر. ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئۆزىنىڭ ۋاشىنگتونغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈش جەھەتتە شۇنچە چوڭ قىيىنچىلىق بولۇشى ئاز كۆرۈلىدۇ. 2014-يىلى 3-ئايدا نېتانياخۇ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئوباما بىلەن ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىنى سۇندۇرۇشقا ئۇرۇندى. قايسى دۆلەت بۇ خىل ئىشقا چىدىيالايدۇ؟
كونكرېت ئېيتقاندا، ئوبامانىڭ ھىندىستاننى زىيارەت قىلىشىدا ئۈچ جەھەتتە ئويلىشىش بار. ئامېرىكا-ھىندىستان خەلق ئىشلىرىدا ئىشلىتىدىغان يادرو كېلىشىمىدىكى ئىختىلاپنى تولدۇرۇشتىن سىرت(ئالاقىدار مەسىلە ئوباما ھىندىستاننى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن ھەل بولغان)، ئۇ يەنە ھىندىستاننىڭ ماسلىشىشىدا پارىژ كىلىمات سۆھبىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتكە كاپالەتلىك قىلىشقا موھتاج. مودى ھىندىستاننىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسىدە توك تارقىتىش ئىقتىدارىنىڭ تۆت ھەسسە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن ئامېرىكا بۇ جەھەتتە ياردەم بېرەلەيدۇ. ئەمما مودى يەنە ھىندىستاننىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش تىرىشچانلىقىغا پايدىسىز. ئوبامامۇ ئوخشاش تونۇش زىددىيەتلىكىنى ئىپادىلىدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىش مەسىلىسىگە قارشى تۇرۇشىنى كۈچەيتىشكە دەۋەت قىلدى، ئەمما بىرلا ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى ماختىدى. ئەگەر ئامېرىكا ۋە ھىندىستان ئورتاق تونۇشقا كېلەلمىسە، يەر شارىنىڭ ئەھمىيەتكە ئىگە كىلمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمىنى تۈزەلەيدىغانلىقىدىن ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئوباما ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىدىن ئازراق پايدىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو ئېھتىمال ئەمدى ئۆتكەن بىر ئەۋلاد مەزگىلدىكى ئىككى خانلىق ئىقتىسادىي ئېشىشقا قايتالماسلىقى مۇمكىن. ھىندىستان جۇڭگونىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ، ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسى ياردەم بېرەلەيدۇ. مودى بۇ نۇقتىنى بىلىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، ئوباما بىر قۇدرەتلىك ھىندىستان ئارقىلىق كۈنسېرى قەد كۆتۈرۈۋاتقان جۇڭگونى ئاجىزلىتىشقا موھتاج. ئوخشاش سەۋەبنى چىقىش قىلىپ ھىندىستانمۇ ئامېرىكىغا موھتاج. ئىككى رەھبەر بۇ نۇقتىنى ئاشكارا مۇزاكىرە قىلمايدۇ. ئەمما ئوباما 1-ئاينىڭ 26-كۈنى پاراتتا ھىندىستاننىڭ يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى كۆرگەن پەيتتە، بۇنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. ئامېرىكا بارلىق كۈچى بىلەن ھىندىستاننىڭ يادرو قورالى قارا نىيىتىنى باستۇرماقچى بولغان ئىدى، ئەمما ھازىر ھىندىستاننىڭ ماشىنىغا بېسىلغان يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى مەيداندا مېڭىپ ئۆتكەندە، ئوباما دەل سەھنىدە قاراپ تۇرۇۋاتىدۇ.
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىدىن ئوكيان تورى تەرجىمە قىلدى
|