قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1202|ئىنكاس: 7

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تارىخىي دەۋرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

0

دوست

789

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   57.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33071
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 268
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 16:11:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تارىخىي دەۋرلىرى ۋە تارقالغان رايونلىرىغا بىر نەزەر
يۈسۈپجان ياسىن



  مىلادىيەدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوغدىيانىدا ياشاپ كەلگەن سوغدىلار تىجارەتكە ماھىر بىر مىللەت ئىدى. ئۇلارنىڭ تىلى بىر مەزگىل ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سودا تىلىغا ئايلانغان.(1) سوغدىلار ئارامى يېزىقىغا تايانغان بىر يېزىق سىستېمىسىغا ئىگە ئىدى. سوغدىلار يىپەك يولى سودىسىدا تىجارەت ماھارىتىنىڭ ئۈستۈنلىكىگە تايىنىپ كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا خېلى چوڭ نوپۇزغا ئېرىشكەن  ھەمدە تىجارەت، يېزىق، دىن ۋە بىناكارلىق جەھەتلەردە ئۇلارغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.

    سوغدىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تۇنجى تەسىرى يېزىقتا كۆرۈلگەن. تاشقى موڭغۇلىيەدىن تېپىلغان ‹‹بۇگۇت مەڭگۈ تېشى›› ۋە ‹‹قارا بالغاسۇن مەڭگۈ تېشى››(‹‹توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى››)، ‹‹سومون – سېۋرېي مەڭگۈ تېشى›› قاتارلىق ئابىدىلەرگە ۋە تۇرپاندىن تېپىلغان بەزى ۋەسىقىلەرگە ئاساسلانغاندا، كۆكتۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتىن سوغدى يېزىقىنى تۈرك يېزىقى بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويۇپ ئشلەتكەن(مىلادى 11- ئەسىرگە قەدەر) بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار ئاشۇ يېزىق ئاساسىدا يېڭى بىر يېزىقنى ئىجاد قىلغان. تارىختا ‹‹ئۇيغۇر يېزىقى›› دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان بۇ يېڭى يېزىقنىڭ قانداق مەيدانغا كەلگەنلىكى ھەققىدە سۆز ئېچىلغاندا، ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ئاسىيادا سوغدىچىنىڭ چوڭ مەدەنىي نوپۇزغا ئېرىشكەنلىكى، ماھىر سودىگەرلەردىن بولغان سوغدىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كېلىپ يەرلىشىشى ۋە ئاستا - ئاستا تۈركلىشىشىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا تۈرتكە بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. (2)  12- ئەسىردە ياشىغان فەھرۈددىن مۇبارەك شاھ مەرۋەرۇدى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ سوغدى يېزىقى ئاساسىدا يارىتىلغانلىقى ھەققىدە تۇنجى بولۇپ مەلۇمات بەرگەن كىشى ئىدى. مونتېكورۋىنولۇق جوھاننېس 14-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يازغان ئەسىرىدە بۇ يېزىقنى ‹‹يات دىندىكىلەرنىڭ يېزىقى›› دېگەن مەنىدە ‹‹Litterae tarsicas›› دېگەن نام بىلەن ئاتىغان. 13- ئەسىردە ياشىغان ئىران شائىرلىرىدىن پۇر باھائى جامىنىڭ بىر قەسىدىسىدە ‹‹خەتتى ئۇيغۇرى››(ئۇيغۇر يېزىقى) دېگەن نام بىلەن تىلغا ئېلىنغان.(3) شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش كېرەككى، مەھمۇد كاشغەرىي ئومۇمىي چۈشەنچە  بىلەن ‹‹تۈرك يېزىقى›› دەپ ئاتىغان بۇ يېزىقنىڭ خەلقئارا مۇھىتتا ‹‹ئۇيغۇر يېزىقى›› دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولۇشى بۇ يېزىقنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدە بارلىققا كەلگەنلىكى ۋە 13- ئەسىردە موڭغۇللار ئاياق باسقان ھەر يەردە بۇ يېزىقنى ئۇيغۇر نامىغا باغلاپ تونۇتقانلىقىدىن بولغانىدى.
   تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئىككىنجى مىللىي يېزىقىغا ئايلانغان ئۇيغۇر يېزىقى ئەسلىدە سوغدى يېزىقىنىڭ خېلى مۇكەممەللەشكەن ۋە كۆپ قوللىنىلىدىغان يازما نۇسخىسىغا شەكىل جەھەتتىن قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ھەرپلەرنى تولۇقلاش ۋە ھەرپلەرنى قوشۇپ يېزىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياسالغان. دەسلەپتە  ئۈچ  سوزۇق تاۋۇش ۋە ئون بەش ئۈزۈك تاۋۇشتىن تەركىپ تاپقان، كېيىن ھەرپ سانى 24 كە يەتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ يۆنىلىشى سولدىن ئوڭغا، يۇقىرىدىن تۈۋەنگە قارايدۇ، ھەرپلەر بىر بىرىگە باغلاپ يېزىلىدۇ. شۇ سەۋەپلىك، بۇ يېزىقتا ھەرپلەرنىڭ باشتا، ئوتتۇرىدا ۋە ئاخىرىدا كېلىدىغان ئۈچ خىل شەكلى بولغان، تۈرلۈك يېزىش ئۇسۇلى مەيدانغا كەلگەن. مەسىلەن، مانى دىنىغا مەنسۇپ ھۆججەتلەردە ھەرپلەر بىر بىرىگە باغلاپ يېزىلىش بىلەن بىرگە، يەنە بىر بىرىگە يىراق ئارىلىق قالدۇرۇپ يېزىلغان. بۇددا دىنىغا مەنسۇپ ھۆججەتلەردە ھەرپلەرنىڭ ئارىلىقى ئىنتايىن زىچ بولغان. نېستۇرى دىنىغا ئائىت ھۆججەتلەردە ھەرپلەر بىر بىرىگە ناھايىتى مۇۋاپىق يانداشتۇرۇلغان. تارىشا پۈتۈكلەردە بولسا ھەرپلەر ئۇچلۇق ۋە قىرلىق قىلىپ يېزىلغان. كېيىن موڭغۇل يېزىقىغا ئۆرنەك بولغىنى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مۇشۇ نۇسخىسىدۇر.  
    شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تۈرك يېزىقى بىلەن بولغان ئاساسلىق پەرقى ھەرپلىرىنىڭ ئازلىقىدىن ئىبارەت ئىدى. ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تېزلا دىققەتنى تارتىدىغان تەرىپىمۇ سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرىنىڭ ئازلىقى بىلەن ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىدۇر. تۈرك يېزىقىدا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ سانى كۆپەيتىلگەن بولسا، ئۇيغۇر يېزىقىدا ئەكسىچە ئۈزۈك تاۋۇشلار ئازايتىلغان. شۇ سەۋەپلىك، ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ھۆججەتلەر كۆپ بولسىمۇ، ئۇ تۈركىي تىلنىڭ فونېتىكىسىنى ئېنىقلاشقا قولايلىق ئەمەس ئىدى.(4) شۇڭا، خەلقئارا تۈركۈلوگىيە ساھەسىدە بىردەك ھالدا بۇ يېزىقنى تازا ئىلغار بولمىغان يېزىق دەپ قارايدىغان بىر خىل خائىش ئومۇملاشقان. ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تۈركىي تىلنىڭ فونېتىكىسىنى ئىپادىلەش قابىلىيىتى تۈرك يېزىقىنىڭكىدەك ئەمەسلىكىنى نەزەرگە ئالغان ۋ.ۋ.بارتولد بولسا ‹‹ئورخۇن(تۈرك) يېزىقىنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشى تۈركلەر ئۈچۈن ئىلگىرىلەش ئەمەس، ئەكسىچە چېكىنىش قەدىمى ئىدى››(5)  دەپ قارىغان. شۇنداق بولغىنىغا قارىماي، بۇ يېزىقنىڭ يېتەرسىزلىكى بىر مۇنچە تارىخىي ئامىللارنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئۇنىڭ ئەسىرلەر بويى تۈركىي قەۋملەر ئارىسىدا قوللىنىلىشىغا توسقۇن بولمىدى. بۇ يېزىق ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا مۇكەممەل بىر يېزىققا ئايلاندۇرۇلۇپ، بىر تەرەپتىن بارلىق تۈركىي قەۋملەر تەرىپىدىن ئومۇمىي يېزىق سۈپىتىدە قوللىنىپ ئېھتىياجنى قاندۇرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەتتاتلىق ساھەسىدىمۇ كەڭ قوللىنىلىپ سەنئەت يېزىقىغا ئايلاندۇرۇلغان.(6)  كېيىن ئۇنىڭ قوللىنىلغان جۇغراپىيەلىك دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيگەن، 13- ئەسىردىن  باشلاپ بولسا دۇنياۋىي يېزىققا ئايلانغان.
    ئۇزۇندىن بېرى خەلقئارا تۈركولوگىيە ساھەسىدە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مىلادى 8- ئەسىردىن باشلاپ قوللىنىلغانلىقى تەكىتلىنىپ كەلگەنىدى. لېكىن، كېيىنكى كۈنلەردە شىنجاڭدا تېپىلغان بەزى يازمىلار بۇ يېزىقنىڭ تارىخى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشنىڭ لازىملىقى ھەققىدە يېڭى پاكىتلار بىلەن تەمىنلىدى. ئۇيغۇر ئارخېئولوگى قۇربان ۋەلىنىڭ تۇرپاندىن تېپىلغان ھۆججەتلەرگە تايىنىپ ئوتتۇرىغا قويغان قارىشىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار مىلادى 5- ئەسىردە سوغدى يېزىقى ئاساسىدا يارىتىلغان ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىشقا باشلىغان.(7)  جۇڭگونىڭ ئىلىم ساھەسىدە ناھايىتى تەسىر قوزغىغان بۇ قاراشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مىلادى 5- ئەسىرگە قەدەر يېتىپ بارىدىغان بىر تارىخى مەلۇم بولدى. ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ئەڭ كەڭ دائىرىدە قوللىنىلغان ۋە ئىسلامىيەتتىن كېيىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ساقلاپ كەلگەن  ئۇيغۇر يېزىقى موڭغۇل ئىستىلاسى دەۋرىدە خەلقئارالىق يېزىق بولۇشتەك سالاھىيەتكە ئېرىشتى. ئاخىرقى ۋەسىقىسى 17 – ئەسىرگە توغرا كېلىدىغان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تارىخىنى مۇنداق تۆت دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
    ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بىرىنجى دەۋرى مىلادى 5- ئەسىردىن 9 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر بولغان مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ باسقۇچتا كۆكتۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈرك يېزىقى ئاساسى ئورۇندا تۇرغاچقا، بۇ يېزىق قىسمەن ۋە تارراق دائىرىدە قوللىنىلغان ياكى قوشۇمچە بىر يېزىق رولىنى ئوينىغان. قوللىنىلىش دائىرىسى پەقەت ئۇيغۇرلار ۋە تۈركەشلەر بىلەنلا چەكلەنگەن. ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بۇ دەۋرگە مەنسۇپ ۋەسىقىلىرى سۈپىتىدە تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ ئۇلانخۇم دېگەن يېرىدىن تېپىلغان مىلادى 8- ئەسىرگە(ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن) مەنسۇپ ‹‹ئۇلانخۇم مەڭگۈ تېشى››نى، تۇرپاندىن تېپىلغان ۋە ھازىر لۇشۈن مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان مىلادى5- 7- ئەسىرلەرگە مەنسۇپ تارشا پۈتۈكلەرنى ۋە تۈركەش قاغانى باغا تارخان باستۇرغان تەڭگە پۇلنى  مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
     ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىككىنجى دەۋرى مىلادى 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ نوپۇزى ئۆرلەشكە باشلىغان بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن ئىككى چوڭ تىپقا (ئىسلام ۋە بۇددا، مانى، خرىستىيان دىنى ئېتىقادلىرىغا)، سىياسىي جەھەتتىن ئۈچ چوڭ بۆلەككە(قاراخانىيلار، ئىدىقۇت خانلىقى ۋە كەڭسۇ خانلىقى) ئايرىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر يېزىقى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت، ئەدەبىيات، ئىلىم - پەن ۋە ئالاقە ئىشلىرىدە كەڭ قوللىنىلغان. ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسمىي يېزىقىغا ئايلانغان. بۇنىڭدىن باشقا بۇ يېزىقنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسى كېڭەيگەن ۋە بارلىق تۈركىي قەۋملەر ئورتاق قوللىنىلىدىغان يېزىققا ئايلانغان. بۇ ھەقتە مەھمۇد كاشغەرىي ‹‹قەدىمدىن بېرى قەشقەردىن يۇقىرى چىنغىچە بولغان ھەممە تۈرك يۇرتلىرىدا بارچە خاقانلار بىلەن سۇلتانلارنىڭ يارلىق ۋە خەت – ئالاقىلىرى ئەنە شۇ يېزىقتا يېزىلىپ كەلگەن... ھەممە تۈركىي تىللاردا قوللىنىلىدىغان ئاساسىي ھەرپ ئون سەككىز››(8)  دېگەن بايانلار ئارقىلىق ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ شۇ ۋاقىتلادا ئەڭ كەڭ قوللىنىلغان ئومۇمىي تۈرك يېزىقىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ قاراخانىيلارنىڭ غەربىي ئاسىيادىكى سەلجۇق سۇلتانلىرى بىلەن يېزىشقان مەكتۇپلىرىمۇ ئۇيغۇر يېزىقىدا تۈركچە يېزىلغانىدى. يەنى قاراخانىيلارنىڭ رەسمىي تىل – يېزىقى ئۇيغۇر يېزىقىدا تۈركچە يېزىلاتتى.(9)   خارەزىم شاھلارمۇ شەرقىي تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇر يېزىقى (خەتتى ئۇيغۇرى) ئارقىلىق خەت – ئالاقە قىلىشاتتى.(10)  19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن بېرى فىنلاندىيەلىك بارۇن مونسىك، ئو.دوننىر، رۇسىيەلىك كىلمىنتىز، مالوف، ئەنگلىيەلىك ئائۇرىل ستەيىن، شىۋېتسىيەلىك سۋېن ھېدىن، گېرمانىيەلىك ئا.گرۇنۋېدىل، ئا.ۋون.لېكوك، فرانسىيەلىك ف.پېللىئوت، ياپونىيەلىك كوزۇئى ئوتانى ۋە خەنزۇ ئالىمى خۇاڭ ۋېنبى قاتارلىقلار شىنجاڭ ۋە دۇنخۇاڭدىكى ئېكىسپېدىتسىيەسىدە ۋە قەدىمكى ئىزلارنى تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا مەنسۇپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ۋە ھۆججەتلەرنى تاپقان. بۇلار مەزمۇن جەھەتتىن  سىياسىي، قانۇن، ئىقتىساد، دىن، ئاسترونومىيە، پالچىلىق، ئالاقە، تېبابەت، مائارىپ، تارىخ ۋە ئەدەبىيات قاتارلىق كۆپ خىل ساھەگە ئائىت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قانۇنىي ھۆججەتلەر بىلەن دىنىي تەرجىمە ئەدەبىياتى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. دىنىي تەرجىمە ئەدەبىياتىنىڭ ئۆرنەكلىرى سۈپىتىدە بۇددىزم تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان ‹‹ئالتۇن يارۇق››، ‹‹شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى››، ‹‹مايترى سىمىت››، ‹‹ئىككى تېگىننىڭ ھېكايىسى›› ۋە ‹‹ئىككى يىلتىز نوم›› قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر داستانى ‹‹ئوغۇزنامە››مۇ مىلادى 13- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا تۇرپاندا ئۇيغۇر يېزىقىدا قەلەمگە ئېلىنغان ئىدى.(11)  ساپ بىر ھوقۇق چۈشەنچىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇددىزم، مانىزم ۋە خرىستىيان دىنلىرىنىڭ ھىچقانداق ئىزناسى كۆرۈلمىگەن بۇ داستان بارلىق تۈركىي قەۋملەرنىڭ تارىخىنى ۋە كۈلتۈرىنى چۈشىنىشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئەسەردۇر. بۇددىزم، مانىزم ۋە خرىستىيان مۇھىتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت بۇ ئەسەرلەرنى رەتلەش، تەتقىق قىلىش ۋە نەشىر قىلىپ دۇنياغا تونۇتۇشتا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تا بۈگۈنگىچە ۋ.ۋ.رادلوف، س.ي.مالوف، ئا.ۋون.لېكوك، ف.ك.مۇللېر، ۋ.باڭكائۇپ، ئا.ۋون.گابائىن، گ.خازاي، ر.ر.ئارات، ئا.جافەرئوغلۇ، پ.زىئېم، گ.قارا، شىناسى تېكىن، س.تەزجان ۋە گېڭ شىمىن قاتارلىقلارنىڭ زور ئەجىرى سىڭدى. نۆۋەتتە ھۇنگىرىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا، تۈركىيە، ياپونىيە ۋە جۇڭگودا يەنە بىر مۇنچە ئالىملار بۇ ھۆججەتلەر ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. ئىسلامىيەت مۇھىتىغا مەنسۇپ قاراخانىيلار دەۋرىدە ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ياكى كۆچۈرۈلگەن ئەسەرلەردىن بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگىنى پەقەت كېيىن 1439- يىلى ھېراتتا كۆچۈرۈلگەن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تالاسقا يېقىن تېرەكساي جىلغىسىدىكى قىيادىن بايقالغان، 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 11- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا ئائىت بىر يارلىق، 1930-يىلى سارىغتىكى ئاخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە تېپىلغان بىر كۈپنىڭ ئۈستىدىكى يازمىلار، 1898-يىلى ياركەندتىن تېپىلغان ئۈچ پارچە توختام ھۆججىتى بىلەن 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ماكارتنىي خوتەندىن قولغا چۈشۈرگەن 24 پارچە ھۆججەت ۋە تاجىكىستاندىن تېپىلغان 1012~1020- يىللارغا ئائىت بولغان ۋە يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئىسمى چۈشۈرۈلگەن تەڭگە پۇل قاتارلىقلاردۇر.(12)
    بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ قىتانلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئىدى. قىتان خانلىقى (916-1125)نىڭ قۇرۇلۇشىدا ئۇيغۇر سىياسىيونلار، قوماندانلار، زىيالىلار ۋە ھۈنەرۋەن – ئۇستىكارلارنىڭ ئوينىغان رولى ناھايىتى زور بولغان. قىتانلارنىڭ ھاياتىدىمۇ ئۇيغۇر كۈلتۈرىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە تەسىرى كۆرۈلگەن. قىتانلار ‹‹قىتان چوڭ يېزىقى›› ۋە ‹‹قىتان كىچىك يېزىقى›› دەيدىغان ئىككى خىل يېزىقنى ئىشلەتكەن. بۇنىڭ  ئىچىدىكى ‹‹قىتان كىچىك يېزىقى›› دەل ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا تۈزۈلگەنىدى. بۇ توغرىسىدا ‹‹لياۋ  سۇلالىسى تارىخى››دا مۇنداق دېيىلىدۇ: ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلچىلەر ئۆمىكى كەلگەن چاغدا، تالا (ئاباۋجىنىڭ ئوغلى) ئەلچىلەر ئارىسىدا 20 كۈن تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تىل ۋە يېزىقىنى ئۆگەنگەن ھەمدە ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاساسلىنىپ قىتان يېزىقىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.››(13)  تالا تەرىپىدىن يارىتىلغان ‹‹قىتان كىچىك يېزىقى››نىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ قىتانلار ئارىسىدا ئومۇملىشىشىدا ياللۇغ ئاباۋجىنىڭ ئۇيغۇر خانىشى، سىياسىيون ۋە قوماندان شۈلۈگ خاتۇن ناھايىتى زور رول ئوينىغان.(14)  قىتانلار ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي قەۋملەر بىلەن بولغان ئالاقە ئىشلىرىدا مۇشۇ يېزىقنى ئىشلەتكەنىدى. مىلادى 924- يىلىدىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان ‹‹قىتان كىچىك يېزىقى›› ئوتتۇرا ئاسىيادا قۇرۇلغان قارا قىتان خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگىچە داۋاملاشقان. مىلادى 1191- يىلى خان يارلىقىغا ئاساسەن قوللىنىشتىن توختىتىلغان. بۇ خىل يېزىقتا يېزىلغان قەبرە خاتىرىلىرى بار. قەشقەر، يەركەن قاتارلىق جايلاردىن بۇنداق يېزىقى بار مەدەنىي يادىكارلىقلار تېپىلدى. تەتقىقاتچىلار بۇ خىل يېزىققا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرمەكتە. چۈنكى، ئۇنىڭ ئوقۇلىشى قانداق، تىرانسىكرىپسىيە قىلىش مەسىلىسىمۇ تېخى ھەل بولمىدى.(15)  
   ئىسلامىيەتنىڭ تۈركىي قەۋملەر ئارىسىدا تارقىلىشى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقى ئۆزىنىڭ تەسىرىنى يوقاتقان ئەمەس. بەلكى ئەرەب يېزىقى بىلەن رىقابەتكە چۈشۈپ، ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۈركىي قەۋملەر ئارىسىدىمۇ ئېتىبارلىق ئورۇنغا ئېرىشكەن. يالغۇز بۇخارا، بەلخ ۋە سەمەرقەندكە ئوخشاش بەزى ئىسلام مەركەزلىرىدە يېڭى دىن(ئىسلامىيەت) مۇرىتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە دەرھال خاتىمە بېرىلگەن. قەشقەردە بولسا بۇرۇنقىدەكلا ئۇيغۇر يېزىقى داۋاملىق قوللىنىلغان. موڭغۇل ھاكىمىيىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقى يېڭى بىر گۈللىنىش دەۋرىگە كىرگەن ۋە موڭغۇل خانلىقلىرىنىڭ رەسمىي يېزىقىغا ئايلانغان.  
    ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئۈچىنجى دەۋرى مىلادى 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 15- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملاشتى. بۇ باسقۇچتا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ نوپۇزى ناھايىتى يۇقىرى كۆتىرىلىپ، ئىشلىتىلىش دائىرىسى شەرقتە كورىيە ۋە خانبالىق (بېيجىڭ)تىن تارتىپ غەرپتە ئوسمانلىلارنىڭ پادىشاھى فاتىخ سۇلتاننىڭ ئوردىسىغا، ھەتتا ئوكرائىنا ۋە لىتۋىيەگە قەدەر كېڭىيىپ، دۇنياۋىي يېزىققا ئايلاندى. بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشى تەبىئىيكى، موڭغۇللارنىڭ بۇ يېزىقنى قوبۇل قىلىشى ۋە موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ ھەر بىر ساھەسىدە ئۇيغۇر زىيالىلار، سىياسىيونلار، قوماندانلار، مەمۇرلار، كاتىپلار ۋە بىتىگچىلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يېزىقىغا بولغان ساداقىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
    موڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بولۇپ ئۆگەنگىنى ئۇيغۇر يېزىقى بولدى. بۇ يېزىقنى ئەڭ ئاۋۋال موڭغۇللارغا تونۇتقان كىشى دەسلەپتە نايمانلارنىڭ سارىيىدا ئىشلىگەن، كېيىن چىڭگىزخانغا ئەسىرگە چۈشكەن تاتاتۇڭا دېگەن كىشى ئىدى. ئۇ يەنە موڭغۇللارغا تامغا ئىشلىتىشنى ۋە دۆلەتنىڭ رەسمىي خەت - چەكلىرىنى يېزىشنى ئۆگەتكەن. بۇ  مىلادى 1206 – يىلىدىكى ۋەقە ئىدى. تاتاتۇڭا شاھزادىلەرگە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن مۇئەللىم قىلىپ تەيىنلەنگەن. ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلىشنىڭ تۇنجى نەتىجىسى موڭغۇللارنىڭ ئەنئەنىۋىي قانۇنى(ياساق)نىڭ يېزىققا كۆچۈرۈلۈشى بولدى. موڭغۇللارنىڭ ئەنئەنىۋىي قانۇنىنى يېزىققا كۆچۈرۈش ئۈچۈن موڭغۇل ياشلىرى ئۇيغۇرلاردىن ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ خىل ئېھتىياج سەۋەبىدىن موڭغۇل خانلىرى كېيىن كۇركۇز، سورغاي، ئۇيغۇرتاي، ئارىن تەمۈر، تورچى(تۆرۈچى)، قارا يىغاچ بۇيرۇق، ساقىز(ساقىش)، ئارىن تەمۈر(بۇ كىشى قارا يىغاچ بۇيرۇقنىڭ ئەۋلادلىرىدىن)، شىبان ۋە ۋېن شۆنۇ(خەنزۇچە ئاتىلىشى) قاتارلىقلارنى موڭغۇل شاھزادىلىرىگە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىتىشكە تەيىنلىگەن.(16)  شۇنىڭ بىلەن موڭغۇللار ئارىسىدا  ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىشنى ئاساس قىلغان مائارىپ دولقۇنى شەكىللىنىپ، تۇنجى ئەۋلاد موڭغۇل زىيالىلىرى مەيدانغا كەلگەن. چىڭگىزخاننىڭ يېقىنلىرىدىن تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تەربىيەسى بويىچە يېتىشكەن كىشىنىڭ شىكى قۇتۇقۇ نويان ئىكەنلىكى مەلۇم.(17)  شۇنىڭدىن كېيىن بىر مەزگىل ‹‹چىڭگىزخاننىڭ قۇتادغۇ بىلىگى›› دېگەن نام بىلەنمۇ ئاتالغان ئۇيغۇر يېزىقى موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ ۋە چىڭگىز نەسەبىدىن بولغان دۆلەتلەرنىڭ رەسمىي دۆلەت يېزىقىغا ئايلانغان. خانلارنىڭ قانۇن، ھۆججەت، بۇيرۇق، يارلىق ۋە مەكتۇپلىرى، شۇنىڭدەك، شېئىر، ھېكايە ۋە تارىخىي ئەسەرلەر دەل مۇشۇ يېزىقتا يېزىلغان. موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاساسلىق پايتەختلىرىدە، يەنى قارا قۇرۇم، خانبالىق، قايالىق ۋە سەمەرقەندتە، خوراساندىكى مەرۋ ۋە ھېراتتا، ئەزەربەيجاندىكى تەبرىز، مەراگا ۋە سۇلتانىيەدە، شەرقىي ياۋروپادىكى سارايدا بۇددىست ۋە خرىستىيان ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئوردا كۇتۇپخانىلىرىدا ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان.(18)   بۇنىڭدىن مەلۇمكى،  دەسلەپتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان قىتانلاغا ئوخشاش(19) ئۇزۇن ۋاقىت كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشىغان موڭغۇللارمۇ 13–ئەسىردە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان مەزگىللەردە مەدەنىيەت جەھەتتە ناھايىتى تۈۋەن بىر سەۋىيەدە بولغانلىقتىن ئىجتىمائىي ھاياتتىن تارتىپ دۆلەت باشقۇرۇشقا قەدەر بولغان ھەر ساھەدە تۈرك كۈلتۈرىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشكە ۋە ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىغا تۈركىي قەۋملەردىن چىققان كىشىلەرنى ئېلىشقا مەجبۇر بولغان. بولۇپمۇ موڭغۇللارنىڭ كۈچىيىشىدە ھەممىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۆھپىسى ئەڭ زور بولغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئالتايدىن ئورخۇنغا قەدەر پۈتۈن تۈرك ۋە موڭغۇل خانلىقلىرىنىڭ، 12- ئەسىردىكى نايمانلارنىڭ ۋە 13- ئەسىردىكى چىڭگىز سۇلالىسىنىڭ ‹‹مەدەنىيەت ئۇستازلىرى››غا ئايلانغانىدى.(20)   
   مەلۇم بولغىنىدەك، موڭغۇللارنىڭ دەسلەپكى ئۇستازلىرى ۋە دەسلەپكى دۆلەت مەمۇرلىرى ئۇيغۇرلار بولغاچقا، موڭغۇل ئىمپېرىيەسى تەۋەسىدە ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلىش يۇقىرى ئىلمىي نوپۇزنىڭ، شان – شەرەپنىڭ ۋە مەرتىۋە–دەرىجىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغاندىن سىرىت، يەنە كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان كۈچكە - ۋاسىتىغا ئايلانغانىدى. بۇ ھەقتە جۇۋەينىنىڭ يازغانلىرى ناھايىتى دىققەتنى تارتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ :  ‹‹دۇنيانى ۋەيران قىلغان بۇ كۈرەشلەر (موڭغۇل ئىستىلاسى-ئا) جەريانىدا مەدرىسلەر خاراپ بولدى، ئالىملار ئۆلتۈرۈلدى. ئالىم ۋە ئۆلىمالارنىڭ توپلانغان يېرى ۋە ئوچىقى بولغان خوراسانمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچار بولدى. بۇ يەردە قەلەمكەشلىك قىلىدىغان ئۇلۇغ شەخسلەرنىڭ ھەممىسى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈلدى. ھايات قالغانلىرى ئۈچۈن بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ  تىل ۋە يېزىقىنى ئۆگىنىشتىن باشقا چارە قالمىدى.››(21) ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ نوپۇزىنى كۆزدە تۇتقان ئىبنى ئەرەبشاھمۇ ‹‹بۇ يېزىقنى بىلگەن كىشى زادى خار بولمايدۇ››(22) دەپ كۆرسەتكەن. ئىراندىكى موڭغۇل ئىلخانىيلار خانلىقىدا غازانخان دەۋرىگە(1295~ 1304) كەلگەندە بالىغا بەش ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىتىش بۇيرۇقى ئىلان قىلىنغان. بۇ دەۋردە ياشىغان ئىران شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇ يېزىق زۇلپىخارغا ئوخشىتىلغان.(23)  ئىسلامىيەتنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى نەتىجىسىدە ئەرەب يېزىقىنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيگەن بولسىمۇ، تۈركىي قەۋملەر ئۇيغۇر يېزىقىنى ئاسانلىقچە تەرك ئەتمىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىسلام مۇھىتىدا قۇرۇلغان موڭغۇل خانلىقلىرىدىمۇ يېزىقلارنىڭ نوپۇز تەڭپۇڭلىقى ئۇيغۇر يېزىقىغا پايدىلىق ھالدا داۋام قىلغانىدى. بۇ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە ئالتۇن ئوردۇ خانلىقىغا مەنسۇپ بىر قانچە يارلىق ساقلىنىپ قالغان. بۇلار  توختامىش خاننىڭ مىلادى 1393- يىلى لېخىستان-لىتۋىيە كىرالى ياغايلاغا ئەۋەتكەن يارلىقى بىلەن تىمۇرلەڭ تەرىپىدىن ئالتۇن ئوردىنىڭ تەختىگە چىقىرىلغان تىمۇر قۇتلۇق خاننىڭ مىلادى 1397- يىلى مۇھەممەد ئىسىملىك بىر كىشىنى تارخانلىققا ئۆستۈرگەنلىكى ھەققىدىكى يارلىقىدىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا توختامىشخاننىڭ قىرىمدىكى جەنەۋىزلەرگە يوللىغان بەزى يارلىقلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغانلىقى مەلۇم.(24)   چاغاتاي خانلىقىغا ئائىت ھۆججەتلەر بولسا پەقەت يارلىق، يۇقىرى قاتلامغا يېزىلغان تىلەك ۋە كېلىشىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋەسىقىلەردۇر. بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ بىرى ھازىر بېرلىن مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان T11D224 نۇمۇرلۇق ھۆججەت بولۇپ، بۇ چاغاتاينىڭ بىر يارلىقى ئىدى.(25)  باشقا ۋەسىقىلەر بولسا ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر جەرىيانىدا ئوتتۇرىغا چىققان ھۆججەتلەر بولۇپ، بۇلار تۇغلۇق تۆمۈر بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئىلياس خوجا دەۋرىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۈزۈملۈك يەرلەردىن ئېلىنىدىغان باجنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش ھەققىدە يازغان ئىلتىماسى بىلەن سودا ئالاقىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بىر كېلىشىم ھۆججىتى ئىدى.(26)   گەنسۇنىڭ جيۇچۈەن دېگەن يېرىدىن جۇڭگۇدا ھۆكۈم سۈرگەن يۈەن سۇلالىسىغا ئائىت ‹‹يېڭىدىن رېمونت قىلىنغان ۋېنجۇ ئىبادەتخانىسى ئابىدىسى›› دېگەن بىر خاتىرە تاش تېپىلغان. بۇ ئابىدىنىڭ خەنزۇ يېزىقىدا يېزىلغان ئالدى يۈزى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئارقا يۈزىدە ئوخشاشلا 26 قۇردىن خەت ئويۇلغان. خەنزۇ يېزىقىدا ئويۇلغان تېكىستنىڭ ئاخىرىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، بۇ ئابىدە چاغاتاي نەسەبىدىن بولغان  نوم تاس دېگەن بىر ئادەم تەرىپىدىن 1326- يىلى تۇرغۇزۇلغان.(27)  ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يازمىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش خىل يېزىق بىلەن يېزىلغان بىر ۋەسىقە 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بېيجىڭنىڭ غەربىي شىمالى تەرىپىدىن 48 كىلومېتىر كېلىدىغان گۈەن گۇشياۋ جىلغىسىدىكى جۇ يۇڭگۈەن راۋىقىدىن تېپىلغان. ‹‹راۋاق ياسىغان تۆھپىكارلار خاتىرىسى›› دەپ ئاتالغان ۋە 1342- يىلى تۇرغۇزۇلغان بۇ ئابىدىدىكى ئۇيغۇرچە تېكىست سىلاتقاي تەرىپىدىن يېزىلغان ئالىتېراسيون شەكلىدىكى تۆتلۈكلەردىن تەشكىل تاپقان بىر ئەسەردۇر. كۆپ تەتقىقاتچىلارغا تېما بولغان بۇ ئابىدە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئۇسلۇبىنى تەتقىق قىلىش نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. 1957-يىلى ياپونىيە ئالىمى تېڭ جىخۇاڭ بۇ ئابىدىنىڭ خەت شەكلىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر يېزىقىدا چوڭ ۋە كىچىك خەت شەكىللىرىنىڭ بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ھەقتە كەڭ دائىرىلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان.(28) يۈەن سۇلالىسى تەۋەسىدىكى موڭغۇللارغا ئائىت ئەڭ ئاخىرقى ۋەسىقە ئاشۇ خانلىق يىقىلىشتىن سەل بۇرۇن، يەنى 1361- يىلى جيۇچۈندە تۇرغۇزۇلغان ‹‹بۈيۈك يۈەن دەۋرىدە سۇجۇ يولىدىكى يېكې دارۇغاچلىققا ۋارىسلىق قىلىش ئابىدىسى›› دېگەن بىر خاتىرە تاشتۇر. ئۈستىگە خەنزۇچە 23 قۇر، ئۇيغۇرچە 32 قۇر خەت ئويۇلغان بۇ ئابىدىدە گەنسۇ تەۋەسىدە يەرلەشكەن تاڭغۇت كۆچمەنلەرنىڭ ئەھۋالى سۆزلەنگەن.(29)  كورىيە(كوريو) موڭغۇل ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق بىر خانىدانلىققا ئايلانغاندىن كېيىن، موڭغۇل ساراي خادىملىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ناھايىتى كۆپ ئۇيغۇرنىڭ كورىيە سارىيىدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇرچىنىڭ ئاشۇ سارايدا يېيىلىشىغا سەۋەپ بولدى. نەتىجىدە يۈەن سۇلالىسىنىڭ سارىيى بىلەن ئەمەلىي ئالاقە قىلىش ۋە خانبالىقتىكى موڭغۇل ۋە تۈرك مەمۇرلىرى بىلەن يېقىن، دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىدە بولۇشقا مەجبۇر بولغان كورىيە  ساراي خادىملىرى ۋە يۇقىرى قاتلامدىكى مەمۇرلار ئۈچۈن ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش مۇھىم بىر شەرتكە ئايلانغان. كورىيە خانىدانلىقىدا موڭغۇل تەسىرى ئەڭ كۈچەيگەن دەۋردە( 13- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 14- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر) ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇيغۇر تىلى كورىيەدە ناھايىتى كەڭ يېيىلدى ۋە غەيرى رەسمىي بىر ساراي تىلىغا ئايلاندى. بۇ ئەينى ۋاقىتتا تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ كورىيەدە تارقىلىشىغا تۈرتكە بولغان ئەڭ مۇھىم بىر ئامىلغا ئايلانغانىدى.(30)  1368- يىلى قۇرۇلغان مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ ئۇيغۇر يېزىقىغا ئالاھىدە قىزىقىش بولغان. بۇ خانلىققا قاراشلىق خەنلىن ئاكادېمىيەسىنىڭ قارمىقىدا چەتئەل تىللىرى مەركىزى قۇرۇلغان. بۇ مەركەزنىڭ بىر بۆلۈمىنى تەشكىل قىلغان ئىدىقۇت مەھكىمىسى بولسا ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئاشۇ بىلىم سارىيىنىڭ پادىشاھ يوڭلى دەۋرىدە(1403~1424) خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە يېزىقتا تۈزگەن ‹‹ئىدىقۇت  مەھكىمىسى سۆزلۈكى›› بولسا بىر تۈركۈم سۆزلەر لۇغىتى ئىدى. ھەر خىل كۆچۈرمە نۇسخىلىرى ھازىر بېيجىڭ  كۇتۇپخانىسى بىلەن مەركىزى مىللەتلەر كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان ‹‹ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى››گە ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، پەسىل، ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋاناتلار، ئىچىملىكلەر، شەخسلەر، ئەزالار، ئۆي سايمانلىرى، كىيىم-كېچەك، جاۋاھىراتلار، كۈلتۈر، رەڭ، ھالەت، قىياپەت، سان، ئىنسان خۇسۇسىيەتلىرى ۋە قۇشۇمچە سۆزلەر قاتارلىق 17 خىل ساھە بىلەن مۇناسىۋەتلىك 1002 سۆز كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا 1464~1565- يىللار ئارىسىدا ‹‹ئىدىقۇت مەھكىمىسى باج ھۆججەتلىرى›› دېگەن نام ئاستىدا تۈزۈلگەن بىر مەكتۇپلار كوللېكسىيۇنى بار. ئۇنىڭدا بۇ مەكتۇپلارنىڭ ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىقتىكى سېلىشتۇرمىسى بېرىلگەن. تۆت قىسىمدىن تەشكىل تاپقان بۇ كوللېكسىيۇننىڭ ئالدىنقى ئۈچ بۆلۈمىدە 87 پارچە مەكتۇپ بار، كېيىنكى بىر بۆلۈمى بولسا ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە سۆزلۈكلەرنىڭ توپلىمىدۇر.(31)  ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ 3- دەۋرىگە توغرا كېلىدىغان بۇ سۆزلۈكلەر ئۇيغۇر تىل ۋە يېزىقىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى تەسىرىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرلىكتە 15- ئەسىردە تۇرپان ۋە قۇمۇلدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزلۈك خەزىنىسىنى ۋە سىياسىي مەكتۇپ ئەدەبىياتىنىڭ ئايرىم تەرەپلىرىنى چۈشىنىش جەھەتتە مۇھىم قىممەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان مۇئەللىپلەردىن  لۇ سىيۈ  بىلەن ۋېن دىڭشىنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇر يېزىقى ئۆرنەكلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان.                 
     شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، موڭغۇللار ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلىش بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس، يەنە بۇ يېزىق ۋاسىتىسى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىن بىرمۇنچە ماددى ۋە مەنىۋىي كۈلتۈر تەركىپلىرىنىمۇ ئېلىشقا مەجبۇر بولغان. ھەتتا كېيىن ئۇيغۇر يېزىقى موڭغۇللاردىن مانجۇ ۋە شىبەلەر ئارىسىغا تارقالغان. موڭغۇللارنىڭ  ھاكىمىيىتى  ئاستىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلار ئۆز  يېزىقىدا ياراتقان بىرمۇنچە تەرجىمە ياكى ئىجادىي ئەسەرلەر ئارقىلىق موڭغۇل ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. ھەتتا موڭغۇل تىلىنىڭ تاكاممۇللىشىشىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ تۆھپىسىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا تىل تەركىپلىرى ئۇيغۇر تىلى ۋاسىتىسى ئارقىلىق موڭغۇل تىلىغا ئۆتكەن. مۇشۇ يول ئارقىلىق موڭغۇل تىلى بېيىغان.(32)  ئۇيغۇرلاردىن يېزىقنى قوبۇل قىلغان موڭغۇللار يەنە ئۇيغۇر تىلى ۋە كۈلتۈرىنىمۇ  قوبۇل قىلغاچقا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەنلىرى تېزلا تۈركلىشىپ كەتكەن.
     موڭغۇل قاسرىقىنى تاشلاپ، پۈتۈنلەي تۈرك كۈلتۈرىدە يېتىشكەن تىمۇرنىڭ قۇرغان دۆلىتىدىمۇ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر يېزىقىغا ناھايىتى ئېتىبار بېرىلگەنىدى. تىمۇرنىڭ سارىيىدا ۋە  ئاساسلىق شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار ئۈستىگە ئالغان. ‹‹باخشى›› دەپ ئاتالغان بۇ كاتىپلار تىمۇرىيلارنىڭ ئاخىرقى ۋەكىللىرىگە قەدەر مەخسۇس ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىش بىلەن مەشغۇل بولغان. 15- ئەسىردە ھېرات بىلەن يەزد شەھىرى ئۇيغۇر يېزىقىنى تارقىتىش مەركىزىگە ئايلانغان. بۇ چاغدا دۆلەتنىڭ رەسمىي خەت –ئالاقە ئىشلىرىدا ئۇيغۇر يېزىقى داۋاملىق قوللىنىلىش بىلەن بىرلىكتە تۈركىي قەۋملەرنىڭ كۈلتۈرىنى يورۇتۇش جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغان بىر مۇنچە ئەسەرلەر بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان ياكى قايتىدىن كۆچۈرۈلگەن. يارلىق ۋە مەكتۇپ قاتارلىق ھۆججەتلەردىن باشقا يەنە شاھزادىلەرگە خاس ۋەسىيەتنامىلەر، داستانلار، ئەدەبىي ئەسەرلەر ، جۇغراپىيىۋىي ۋە تارىخي ئەسەرلەر ھەتتا ساپ دىنىي ماھىيەتكە ئىگە بەزى ئەسەرلەر ئۇيغۇر يېزىقىدا قەلەمگە ئېلىنغان. مەسىلەن، ‹‹تىمۇر تۈزۈكلىرى››، تىمۇرلەڭنىڭ مىسىردىكى مەملۇك سۇلتانلىرىغا ئەۋەتكەن بەزى مەكتۇپلىرى، مىلادى 1422- يىلى ئىلان قىلىنغان شاھرۇخقا ئائىت سۇيۇرغاللىق يارلىقى، 1468- يىلىغا ئائىت ئەبۇ سەييىد كۇرەگاننىڭ ئاق قويۇنلۇ ھۆكۈمدارى ئۇزۇن ھەسەنگە يازغان مەكتۇبى ۋە 1469 - يىلىغا ئائىت بابۇرنىڭ دادىسى ئۆمەر شەيىخ مىرزىنىڭ مىر سەييىد ئەھمەدكە ئەۋەتكەن مەكتۇبىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. يەنە تىمۇرلەڭ دەشتى قىپچاق سەپىرىدە سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى ئۇلۇتاۋ تېغى ئۈستىگە ياساتقان ھەيكەلنىڭ يېزىقىنىمۇ ئۇيغۇرچە يازدۇرغان.(33)  تىمۇرنىڭ بۇيرىقى بىلەن ئۇيغۇر باخشىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر يېزىقىدا ۋە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ‹‹تارىخى خانى›› ناملىق بىر ۋەقايىنامە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.  بۇ كىتابنىڭ بۈيۈك شائىر ۋە مۇتەپەككۇر ئەلىشىر نەۋايىنىڭ دادىسى غىياسىددىن باخشىنىڭ يازغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلەرمۇ بار.(34)  تىمۇرىيلار دەۋرىدە يېزىلغان تارىخىي كىتابلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرى 1425- يىلى تاماملانغان شەرەفىددىن ئەلى يەزدىنىڭ ‹‹زەفەرنامە›› دېگەن ئەسىرىدۇر. شەرەفىددىن ئەلى يەزدى بۇ كىتابنى يازغاندا تىمۇرنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى ھەققىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن نەزمىي شەكىلدە يېزىلغان تارىختىنمۇ پايدىلانغانىدى.(35)  تارىختا ‹‹تارىخى خانى›› دەپ ئاتالغان بۇ ئەسەرنىڭ ‹‹تارىخى ياسا›› دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بىر نۇسخىسى 1920-يىلىغا قەدەر بۇخارا ئەمىرىنىڭ سارىيىدا ساقلانغان. ئەسلىدە مىرزا ئىسامەددىن قاراۋۇلبېگىگە ئائىت بولغان، كېيىن ئەمىر تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان بۇ ئەسەر 1920- يىلى رۇسلار بۇخارانى ئىشغال قىلىپ، ھۆكۈمەت سارىيىنى بومباردىمان قىلغاندا يوقالغان.(36)  بۇ خىل ئۇيغۇر يىلنامىلىرىدىن بىرىنىڭ يېقىنقى دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيادا يورۇقلۇققا چىقىرىلغانلىقى مەلۇم بولدى. شىنجاڭدا تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ قىسمەن ئۇيغۇرچە يېزىلغان ‹‹جۇۋەينى تارىخى››نىڭ تەرجىمىسى مەۋجۇت.(37) بۇ دەۋرنىڭ دىققەتنى تارتىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بۇرۇنقى ئەنئەنىلەرگە سادىق بۈيۈك بەگلەرنىڭ نامىغا ئاتاپ ئۇيغۇر يېزىقىدا مەخسۇس ئەسەرلەرنىڭ يېزىلغانلىقى ياكى يېڭىدىن كۆچۈرۈلگەنلىكىدۇر.(38)  ئىسلامىيەتتىن كېيىن تۈركىي قەۋملەر ئارىسىدا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئەسەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ئىدى. بۇ ئەسەرنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئۈچ نۇسخىسى ئىچىدە ‹‹ۋېنا نۇسخىسى›› دەل 1439- يىلى ھېراتتا كۆچۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا  ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ۋە كۆچۈرۈلگەن مۇھىم ئەسەرلەرگە ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق››، ‹‹بەختىيارنامە››، ‹‹مىراچنامە››، ‹‹تەزكىرەتۇلئەۋلىيا››، ‹‹ماھزەنى مىرھەيدەر››، ‹‹مۇھاببەتنامە››، ‹‹سىراجۇلقۇلۇب››، ‹‹مەسىلە كىتابى››، ‹‹راھەتۇلقۇلۇب›› قاتارلىق كىتابلارنى، لۇتفى، جەۋھەرى، قەمبەرئوغلى، قاسىم ۋە مەنسۇر باخشىلارنىڭ شېئىرلىرىنى ۋە برىتىش مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان بىر مەجمۇئەنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.(39)
     تىمۇرىيلارنىڭ سارىيىدا ئىسمى ئۇچرايدىغان ۋە بۇ سۇلالىنىڭ ئاخىرقى ۋەكىللىرىگە قەدەر  ‹‹باخشى›› ئۇنۋانى بىلەن ئۇيغۇرچە يازغان كاتىپلارنىڭ ھۆكۈمدارنىڭ نەزىرىدىكى ئورنىنى چۈشىنىش ئۈچۈن چاغاتايلار دائىرىسىگە نەزەر تاشلاش كېرەك. مەلۇم بولۇشىچە، چاغاتاي خانلىرىنىڭ ئىدارە قىلىشى ئاستىدىكى بۇ كاتىپلار سارايدا ئىسلام كۈلتۈرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن كۆپ ئېتىبارلىق مۇئامىلىگە ئېرىشكىنىدەك، تارىخىي ۋەقەلەرنى خاتىرىلەشمۇ تامامەن ئۇلارنىڭ قولىدا ئىدى.(40)
   ئۇيغۇر يېزىقى تىمۇرىيلار تەۋەسىدە ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا غەربىي ئاسىيادىمۇ ئۆزىنىڭ تەسىرىنى داۋام قىلدۇردى. ئىلخانىيلار خانلىقىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان جالايىرلار خانلىقىدا ئۇيغۇر يېزىقى قوللىنىلغىنىدەك، ئوسمانلىلار ئىمپېرىيەسىنىڭ سارىيىدىمۇ ئۇيغۇرچە يازىدىغان كاتىپلار بار ئىدى. فاتىھ ۋە بەيازىد Ⅱ نىڭ دەۋرلىرى ئوسمانلىلار سارىيىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىغا  ئەڭ قىزىققان بىر دەۋرى بولدى. فاتىھ دەۋرىدە تۈزۈلگەن ئېلىپبە كىتابى بىلەن ئېلىپبە جەدىۋىلى بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن، ھەتتا بەيازىد Ⅱ نىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى يېزىش ۋە ئوقۇشنى ئۆگەنگەنلىكىنى بىلىمىز. بەيازىدⅡ گە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بىر رىسالە ھازىر مىللەت كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.(41) ‹ئۇغۇزنامە››نىڭ مىلادى 1447- يىلى تەبرىزدە جىھانشاھ تۈركمەننىڭ ساراي كۇتۇپخانىسىدا ئۇيغۇر يېزىقىدا ۋە ئۇيغۇر تۈركچىسىدە يېزىلغان بىر نۇسخىسىنىڭ بولغانلىقىغا دائىر خاتىرە بار. بۇنىڭ شىغاۋۇل دېيىلىدىغان بىر مەمۇر تەرىپىدىن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەلچىسىگە ئوقۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئەلچى بولۇپ كەلگەن تارىخچى شۈكرۈللاھنىڭ ئەسىرىدىن بىلىپ يېتىمىز. ھەر ھالدا بۇ راشىدىننىڭ كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن ‹‹ئوغۇزنامە›› نىڭ ئۇيغۇرچىسى بولسا كېرەك.(42)  ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان بۇنداق ‹‹ئوغۇزنامە››نىڭ ئوسمانلىلاردىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەققىدە يازىجىئوغلۇ سۆز ئاچقان.(43)  توپقاپى سارىيىدا تىمۇرىيلارنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلغان شەجەرىسى(N. 2152) ساقلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدا تىمۇرنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ، ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ رەسىملىرى ۋە ئۇلارغا ئائىت قىسقىچە بايانلار، ئەپسانىۋى ئالانقۇۋانىڭ بۇددىزم تەسىرى بىلەن سىزىلغان خىيالىي بىر رەسىمى بىلەن بىر بۆرىنىڭ تەسۋىرى قىستۇرۇلغان ھالدا بېرىلگەن.(44)  ئالتۇن ئوردا خانلىرىدىن سەييىد ئاھمەتخان بىننى ئاھمەتخاننىڭ ئاستارخاننى ئىدارە قىلغان ئوغلى قاسىم سۇلتاننىڭ كۇتۇپخانىسى ئۈچۈن پارسچە بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر يېزىقىدا موڭغۇلچە يېزىلغان ‹‹شۇبى پەنچگانە››(‹‹بەش مىللەتنىڭ شەجەرىسى››) نىڭ بىر نۇسخىسىمۇ توپقاپى سارىيىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا(N.1937) ساقلانماقتا. (45)
     ئىستانبۇلدا ئوسمانلى سۇلتانلىرىدىن فاتىھ دەۋرىگە قەدەر شەرقىي تۈركلەر بىلەن بولغان خەت – ئالاقىدا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قوللىنىلغانلىقى مەلۇم. فاتىخ سۇلتان مەھمەد مىلادى 1473-يىلى ئوتلۇق بېلى ئۇرۇشىدا زەپەر قازانغاندىن كېيىن، ئاق قويۇنلۇ ھۆكۈمدارى ئۇزۇن ھەسەننى ئۆزىنىڭ غەلبىسىدىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان بىر يارلىقنى ئەۋەتكەن. رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ قارىشىچە، بىر خىل فەتىھنامىدىن ئىبارەت بولغان بۇ يارلىقنىڭ ئورىگىنالى (ئەسلى تېكىستى) دۆلەتنىڭ رەسمىي تىلى ۋە يېزىقىدا يېزىلغان، بۇ نۇسخا ئاشۇ ئورىگىنالغا ئاساسەن دۆلەتنىڭ دىۋان تەشكىلاتىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلىدىغان كاتىپلار تەرىپىدىن كۆپەيتىپ تەييارلانغان، يەنى بۇنى سارايدا ئىشلەيدىغان شەيخزادە ئابدۇراززاق باخشى يازغان. ئىراندىكى ئىلخانىيلار، ئالتۇن ئوردا ۋە تىمۇرىيلار سارىيىدىكىگە ئوخشاش ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ سارىيىدىمۇ ئۇيغۇر يېزىقىدا يازىدىغان كاتىپلار  ‹‹باخشى››(ئۇستاز) دېگەن نامدا ئاتالغان. يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، ئەبۇ سەييىد بىلەن فاتىخ سۇلتان مەھمەدنىڭ ئۇزۇن ھەسەنگە ئەۋەتكەن مەكتۇپ ۋە يارلىقلىرىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغانلىقىدىن ئاق قويۇنلۇ سارىيىدىمۇ ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. بۇ ۋەقەدىن بىر يىل كېيىن، يەنى 1474- يىلى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ ‹‹ھېرات نۇسخىسى››(‹‹ۋىنا نۇسخىسى››) ئىستانبۇلغا كەلتۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە ئەسەرگە كېيىن قوشۇلغان بىر خاتىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: ‹‹سەككىز يۈز يەتمىش توققۇزىنجى يىلى يىلان يىلىدا ئابدۇراززاق شەيخزادە باخشى ئۈچۈن فەنارىزادە قادى ئەلى ئىستانبۇلدىن مەكتۇپ ئەۋەتىپ، تۇقاتتىن ئەكەلدۈردى. مۇبارەك بولسۇن، دۆلەت كەلسۇن، مىھنەت (بالا-قازا) كەتسۇن.››(46)  شۇ چاغدا مىسىردىكى مەملۇك سارىيىدىمۇ ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى بىلىدىغان تەرجىمانلار بولغان. ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ئۇلارغا ئەرەب يېزىقىدا كۆچۈرتىلگەن.(47)  ئوسمانلىلاردا ئۇيغۇر يېزىقىغا ۋە ئۇيغۇرچىغا بولغان قىزىقىش ئوسمانلىلار بىلەن تىمۇرىيلار ئارىسىدا قۇرۇلغان قويۇق ئالاقىلار نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگىنىدەك، بۇنىڭدا يەنە فاتىھنىڭ ئوسمانلىلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خوراسان ئارىسىدا ئەدەبىي تىل بىرلىكىنى يارىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنىڭمۇ بەلگىلىك ھەسسىسى بار ئىدى.
     مىلادى 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ 15- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان مەزگىل ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تەرەققىيات دەۋرىنى تەشكىل قىلىدۇ. بولۇپمۇ 13 - ئەسىردە موڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى ئاستىغا كىرىشى ۋە ئۆز ئەنئەنىسىگە ناھايىتى سادىق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قەدەم باسقان ھەر قانداق يەرگە ئۆزىنىڭ كۈلتۈرىنى ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر يېزىقى ياپون دېڭىزىدىن تا ئاق دېڭىزغىچە يېيىلدى. يەنە كېلىپ يېزىلىشىدىكى قۇلايلىقمۇ بۇ يېزىقنىڭ كەڭ تارقىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەپلەردىن بىرى ئىدى.  ‹‹لېكىن ئىسلامىيەتنىڭ تۈركىي قەۋملەر ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقى ئۆزىنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتقان. دەسلەپتە ئەرەب يېزىقى بىلەن بىرگە ئۇيغۇر يېزىقى تەڭ قوللىنىلغان بولسىمۇ، ناھايەت 15- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە تۈرك ئىلىم مەركەزلىرىدە قوللىنىشتىن تامامەن توختىتىلغان. شۇنداق قىلىپ ئەرەب يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن داۋاملاشقان بىر كۈرەش ئاخىرى ئەرەب يېزىقىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان.››(48)
     ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تۆتىنچى دەۋرى 16~18- ئەسىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ  ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرى ھېساپلىنىدۇ. بۇ دەۋردە دۆلەتنىڭ رەسمىي خەت - ئالاقە ۋە ئىلىم ساھەسىدىن چىقىرىلىپ، پەقەت بۇددىزمغا ئائىت بىر يېزىق دەپ قارالغان  ئۇيغۇر يېزىقى خەلق ئارىسىدا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى قوغدىغان ۋە گەنسۇدىكى بۇددىست ئۇيغۇرلار ئارىسىدا داۋاملاشقان. بۇ ھەقتە تۆۋەندە تىلغا ئېلىنىدىغان بىر خاتىرە  ناھايىتى دىققەتنى تارتىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىدىن سۆز ئاچقان ئىرانلىق يازغۇچى مەھمەد كاپۇرخان مىلادى 1721– يىلى يازغان ئەسىرىدە  بۇ يېزىقنىڭ تەرەققىيات ساھەسىنى مۇنداق تەرىپلىگەن : ‹‹ئوغۇزخان دەۋرىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى شۇنداق بىر دەرىجىگە يەتتىكى ھالا زامانىمىزدا تۈركىستان(ئوتتۇرا ئاسىيا-ئا)دا ئاشۇ يېزىق قوللىنىلماقتا.››(49)   بۇ قاراشنى ھەرگىزمۇ مۇبالىغە دېگىنى بولمايدۇ. چۈنكى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا كاڭشى ھاكىمىيىتىنىڭ 26- ۋە 27- يىللىرىدا، يەنى 17- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قوللىنىلغانلىقى ئېنىقلاندى. ھەتتا 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۇنخۇاڭ، گۇاجۇ، گەنجۇ دەپ ئاتالغان     يەرلەردىكى بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدا بۇ يېزىق پارلاق بىر دەۋرىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن.(50)  بۇنىڭدىن مەلۇمكى، گەرچە 15- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك ئىلىم مەركەزلىرىدە ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىش توختىتىلغان بولسىمۇ،  لېكىن خەلق ئارىسىدا بۇ يېزىقنىڭ يەنىلا بەلگىلىك دەرىجىدە ھىمايە قىلىنغانلىقىنى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا قوللىنىلغان رايوننىڭ گەنسۇنىڭ دۇنخۇاڭ ئەتراپلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. ئاشۇ دەۋردىن كۈنىمىزگە قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن بىردىنبىر ئەسەر 1687- يىلى كۆچۈرۈلگەن ‹‹ئالتۇن يارۇق››تۇر. س.ئې. مالوف تەرىپىدىن 1910- يىلى گەنسۇدىكى سۇجۇ شەھىرى ئەتراپىدىن تېپىلغان بۇ ئەسەر پېتېربۇرگ ئاسىيا مۇزېيىدا ساقلانماقتا.(51)  16- ئەسىردىن كېيىن پەقەت چەكلىك دائىرىگە قاپسىلىپ، گەنسۇدا ئەسەرلىرى مىراس قالغان بۇ يېزىق ئېھتىمال 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تارىخقا ئايلانغان بولسا كېرەك. بلوكخېت ۋامبېرينىڭ مەلۇماتىغا  تايىنىپ مۇنداق بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قاراشقا ئاساسلانغاندا، 19- ئەسىرنىڭ 2- يېرىمىدا ئاقسۇ ۋە قاراشەھەر (توغرىسى قەشقەر) قاتارلىق شەھەرلەردە موللىلار تەرىپىدىن بۇ يېزىق قوللىنىلغان. پ. پېللىئوت بۇ قاراشقا چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق شەرھىيلىگەن : ‹‹تەڭرى تاغلىرىدا ۋە جۇڭغارىيەدە ياشايدىغان ۋە لاما بۇددىزمىغا ئىشىنىدىغان كۆچمەن موڭغۇللارنى ئىسلاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قەشقەرلىك ياكى ئاقسۇلۇق موللىلار ناھايىتى نورمال ھالدا موڭغۇل يېزىقىنى ئۆگىنىشكە يۈزلەنگەن.››(52)
     قىسقىسى، مەنبەسى سوغدى يېزىقىغا تايانغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا بىر مىللىي يېزىققا ئايلاندۇرۇلغان ئۇيغۇر يېزىقى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ساداقەت كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە موڭغۇللار دەۋرىدە ئۈچ قىتئەگە يېيىلدى، تۆت دەۋرنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ 1300 يىللىق بىر تارىخقا ئىگە بولدى. بولۇپمۇ تۈركىي قەۋملەرنىڭ ھاياتى ۋە چۈشەنچىسىگە ئائىت ئەڭ مۇھىم ئەسەرلەرنى مىراس قالدۇرۇش ئارقىلىق تۈرك – ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات دەۋرىگە شاھىت بولدى. تۆت يۈز يىل ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي قەۋملەر ئۈچۈن ئومۇمىي يېزىق بولغان، ئىككى يۈز يىل خەلقئارالىق يېزىق سالاھىيىتىنى قازانغان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىي مۇھىتىدىن سىقىپ چىقىرىلىشى ئاسىيانىڭ شەرقى ۋە غەربىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن مەدەنىيەت دولقۇنلىرىنىڭ تەسىرىدىن بولدى. ئىسلامىيەتنىڭ سايىسىدە تۈركىي قەۋملەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئەرەب يېزىقى ئاستا – ئاستا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسىنى تارايتتى، ناھايەت ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىي مۇھىتىدا ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى يوقاتقان بۇ يېزىق بۇددىست ئۇيغۇرلارغا خاس بىر يېزىق سۈپىتىدە گەنسۇدا مۇھاپىزەت قىلىندى. لېكىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ غەرپكە يۈزلەنگەن سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراپ ئاققان خەنزۇ مەدەنىيىتىمۇ ئۇيغۇر يېزىقىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن گەنسۇدا ناھايىتى چەكلىك بىر دائىرىدە ياشىغان بۇ بۇددىست ئۇيغۇرلار خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا قېلىشقا باشلىدى. ئۇلار مۇھاپىزەت قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىنىمۇ خەنزۇ يېزىقى ئىگەللىدى. نەتىجىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراپ ئېچىلىشى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئاخىرقى تىركىشىش نۇقتىسى بولغان بىر رايوندا تارىخقا ئايلىنىشىغا سەۋەپ بولدى.
ئىزاھلار :
(1) جون پائۇل روكس : ‹‹تۈركلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ قەدىمكى دىنى››، تۈركچە، 16- بەت، 1994- يىلى، ئىستانبۇل، بايراق مەتبەئەچىلىكى.
(2) م.فۇئاد كۆپرۈلۈ : ‹‹تۈرك ئەدەبىياتى تارىخى››، تۈركچە، 55- بەت، 2004- يىلى، ئەنقەرە، ئاقچاغ نەشرىياتى.
(3) ‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى››(‹‹ئۇيغۇر يېزىقى›› ماددىسى)، تۈركچە، 33- توم، 121-بەت، 1984- يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(4) ئا.جافەرئوغلۇ : ‹‹تۈرك تىلى تارىخى››، 1-قىسىم، 175-بەت، 1984- يىلى، ئىستانبۇل، ئەندەرۇن كىتابخانىسى.
(5) ۋ.ۋ.بارتولد : ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخى ھەققىدە دەرسلەر››، تۈركچە، 39- بەت، 2006- ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.
(6) مۇھەررەم ئەرگىن : ‹‹تۈركلەردە يېزىق ۋە ئالفابەلەر››، ‹‹تۈرك دۇنياسى ئەل كىتابى››، تۈركچە، 2- جىلد،  263-بەت.  

(7) قۇربان ۋەلى : ‹‹بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز››، ئۇيغۇرچە، 8- بەت، 1986- يىلى، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى.

(8) مەھمۇد كاشغەرىي : ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››، ئۇيغۇرچە، 1- توم، 8-، 9- بەتلەر، 1981- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
(9) ئا.زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە، 81- بەت، 1981- يىلى، ئىستانبۇل، ئەندەرۇن كىتابخانىسى.
(10) ئوسمان تۇران : ‹‹تۈرك جاھان ھاكىمىيىتى مەپكۇرەسى تارىخى››، تۈركچە، 65- بەت، 2006- يىلى ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.
(11) پائۇل پېللىئوت : ‹‹ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئوغۇزخان داستانى ھەققىدە››، تۈركچە، 103- بەت، 1995- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى.
(12) س. گ. كلياشتورني، ت.ئى. سۇلتانوف : ‹‹تۈركنىڭ ئۈچ مىڭ يىلى››، تۈركچە، 174- بەت، 2004- يىلى، ئىستانبۇل، سېلېنگا نەشرىياتى. نيۇ روجى: ‹‹ياركەندتىن تېپىلغان قاراخانىيلارنىڭ ئەرەبچە قانۇن ھۆججەتلىرى ۋە ‹قۇتادغۇ بىلىگ› تەتقىقاتى››، ‹‹غەربىي يۇرت تەتقىقاتى››، خەنزۇچە، 1999 – يىللىق، 3- سان، 99 -،100- بەتلەر. جاڭ چىشياڭ : ‹‹شىنجاڭ قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ پۇللىرى››، خەنزۇچە، 36-، 37-، 38- بەتلەر، 1990- يىلى، ئۈرۈمچى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
(13) ‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى››(‹‹چىدان›› ماددىسى)، تۈركچە، 11- توم، 502- بەت، 1963- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(14) ب.ئۆگەل : ‹‹تۈرك كۈلتۈررىنىڭ تەرەققىيات چاغلىرى››، تۈركچە، 1-توم، 116- بەت، 1971- يىلى، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(15) قۇربان ۋەلى: ‹‹بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز››، ئۇيغۇرچە، 125- بەت.
(16) ب. ئۆگەل : ‹‹چىڭگىزخاننىڭ تۈرك مۇشاۋىرلىرى››، تۈركچە،  42 -، 43-، 54-، 69-، 71-، 154-، 155-، 161-، 189 –بەتلەر، 2002- يىلى، ئىستانبۇل، IQ كۈلتۈر-سەنئەت نەشرىياتى.
(17) ۋ.ۋ.بارتولد : ‹‹موڭغۇل ئىستىلاسىغا قەدەر تۈركىستان››، تۈركچە، 415- بەت، 1990- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى. خې سۇلى : ‹‹ئىسلام ۋە تۈرك كۈلتۈرىنىڭ يىراق شەرققە تارقىلىشى››، تۈركچە، 141- بەت، 1988- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك دىيانەت ۋەھفى نەشرىياتى.
(18) ‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى››(‹‹ئۇيغۇر سەنئىتى›› ماددىسى)، تۈركچە،33- توم،  140-، 141- بەتلەر.
(19) جون پائۇل روكس : ‹‹تۈركلەرنىڭ تارىخى››(تىنچ ئوكياندىن ئاق دېڭىزغىچە ئىككى مىڭ يىل)، تۈركچە، 168- بەت، 2002- يىلى، ئىستانبۇل، كابالجى نەشرىياتى.
(20) ر. گروسسېت : ‹‹بوزقىر ئىمپېرىيەسى››، تۈركچە، 133-بەت، 1996- يىلى، ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.
(21) ئا.زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە،  272- بەت.
(22) ئەنۋەر بايتۇر : ‹‹شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى››، ئۇيغۇرچە، 631-بەت، 1991- يىلى، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى.
(23) ئا.زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە، 272- بەت،
(24) ئا. مەلەك ئۆزيەتگىن : ‹‹ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ رەسمىي خەت - چەك يېزىش ئەنئەنىسى››،  ‹‹ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك تىلى ۋە كۈلتۈرى ھەققىدە تەتتقىقات››، تۈركچە، 14- بەت، 2005- يىلى، يىلى، ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.
(25) د. كارا : ‹‹موڭغۇللارنىڭ يېزىق ۋە كىتابلىرى››، خەنزۇچە، 42- بەت، 2004- يىلى، خوخخوت، ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى.
(26)  رەشىد رەھمەتى ئارات : ‹‹ئۇيغۇرچە  يازمىلار ئارىسىدا››، ‹‹ماقالىلار››،  1- جىلد، تۈركچە، 574- بەت، 1987- يىلى، ئەنقەرە تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنستىتۇتى نەشرىياتى. تيەن ۋېيجاڭ : ‹‹يىپەك يولى ۋە شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ تارىخى ھەققىدە تەتقىقات››، خەنزۇچە، 216- بەت، 1997- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
(27) گېڭ شىمىن، جاڭ باۋشى : ‹‹يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ‹قايتا رېمونت قىلىنغان ۋېنجۇ  ئىبادەتخانىسى ئابىدىسى› ھەققىدە دەسلەپكى شەرھى››، خەنزۇچە، ‹‹ئارخېئولوگىيە ئىلمى ژۇرنىلى››، 1980- يىلى، 2- سان، 253-، 264- بەتلەر.
(28)  ياڭ فۇشۆ : ‹‹ئۇيغۇر ھۆججەتلىرى ۋە ئۇيغۇر كۈلتۈرى››، خەنزۇچە، 101- بەت، 2003- يىلى، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى.
(29) گېڭ شىمىن : ‹‹ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‹بۈيۈك يۈەن دەۋرىدە سۇجۇ يولىدىكى يېكې دارۇغاچلىققا ۋارىسلىق قىلىش ئابىدىسى›نىڭ تەرجىمىسىگە ئىزاھات››، ‹‹شاڭدا ئەپەندىنى خاتىرىلەشكە ئائىت ماقالىلار مەجمۇئەسى››، خەنزۇچە، 440-، 454- بەتلەر، 1986- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
(30) خې سۇلى، ‹‹ئىسلام ۋە تۈرك كۈلتۈرىنىڭ يىراق شەرققە تارقىلىشى››، تۈركچە، 174-، 175- بەتلەر.
(31)  رازاق مەتنىياز : ‹‹غەربىي يۇرت تەرجىمە تارىخى››، خەنزۇچە، 191- بەت، 1997- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى.
(32) ئا. جافەرئوغلۇ :  ‹‹تۈرك تىلى تارىخى››، تۈركچە، 1- قىسىم، 186- بەت.
(33) ئا.زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە، 86- بەت. ئا.مەلەك ئۆزيەتگىن : ‹‹تىمۇرىيلار ھۆكۈمدارى ئەبۇ      سەئىد كۇراگانغا ئائىت ئۇيغۇر يېزىقىدا 1468- يىلى يېزىلغان بىر بىتىك››، ‹‹ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك تىلى ۋە كۈلتۈرى ھەققىدە تەتتقىقات››، تۈركچە، 61- بەت.
(34) غەيرەتجان ئوسمان : ‹‹ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەرپتە››، ئۇيغۇرچە، 354- بەت، 2002- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
(35) ۋ.ۋ. بارتولد : ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخى ھەققىدە دەرسلەر››، ئۇيغۇرچە، 56- بەت.
(36) ئا.زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹تارىختا ئۇسۇل››، تۈركچە، 55- بەت، 1985- يىلى، ئىستانبۇل، ئەندەرۇن كىتابخانىسى.
(37)  ئا.زەكىي ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە، 87- بەت.
(38) ئىسمائىل ئاكا : ‹‹تىمۇر ۋە ئۇنىڭ دۆلىتى››، تۈركچە، 138- بەت، 2000- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.
(39) ئا. جافەرئوغلۇ: ‹‹تۈرك تىلى تارىخى››، تۈركچە، 1- قىسىم، 179- بەت.
(40) ۋ.ۋ. بارتولد: ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخى ھەققىدە دەرسلەر››، تۈركچە، 54- بەت.
(41) م. فۇئاد كۆپرۈلۈ : ‹‹تۈرك ئەدەبىياتى تارىخى››، تۈركچە، 387- بەت.
(42) ئا. زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە، 272- بەت.
(43) ئا.زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە.380- بەت.
(44) ئا.زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە، 381- بەت.
(45) ئا.زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە، 382- بەت.
(46) رەشىد رەھمەتى ئارات : ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››(Ⅰ ، مەتىن)، تۈركچە، 35- بەت، 1979- يىلى، تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى.
(47) ئا.زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە، 86- بەت.
(48) ئا. جافەرئوغلۇ : ‹‹تۈرك تىلى تارىخى››، تۈركچە، 1- قىسىم، 186- بەت.
(49) ئا. جافەرئوغلۇ: ‹‹تۈرك تىلى تارىخى››، تۈركچە ،  1- قىسىم، 178- بەت.
(50) ئا. جافەرئوغلۇ: ‹‹تۈرك تىلى تارىخى››، تۈركچە، 1- قىسىم، 179- بەت.
(51) جەۋال كايا : ‹‹ئۇيغۇرچە ئالتۇن يارۇق››(كىرىش سۆز، مەتىن ۋە ئىندىكىس)، تۈركچە، 7- بەت، 1994- يىلى، تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى
(52) پائۇل پېللىئوت : ‹‹ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئوغۇزخان داستانى ھەققىدە››، تۈركچە،  99-، 100- بەتلەر.


(مەنبەسى : ‹‹تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى›› ژۇرنىلى، 2014-يىل 2-سان)


8

تېما

2

دوست

2304

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23987
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 698
توردىكى ۋاقتى: 177
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 20:44:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زامانىۋى يىزىق بولغان ئۇيغۇر لاتىن يىزىقى يەنى ئۇيغۇر يىڭى يىزىقى قاچان قولىنىشقا باشلاپ قاچان ئاخىرلاشتى؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

10

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 488
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3802
توردىكى ۋاقتى: 1529
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 23:06:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈسۈپچان ياسىن ئاكىمىزنىڭ ماقالىسىنى يەنە كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن. ئاۋال ھاياجىنىمنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپ، تېما ھەققىدىكى قارىشىمنى  تېمىنى ئالدىرماي ئوقۇپ ئاندىن يازارمەن،،تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەجرى ئۈچۈن ھەشقالا..!

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

24

دوست

5403

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1326
توردىكى ۋاقتى: 112
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 10:00:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە يېزىق ئىسلاھاتى كۆپ بولدى ،تىلىمىزغىمۇ باشقا تىللاردىن نۇرغۇن سۆزلۈكلەرنى قوبۇل قىلدۇق ،قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ،تۈرك -رونىك يېزىقلىرىدا خاتىرلەنگەن ئەسەرلەردىكى تىلىمىز ئەڭ ساپ  تىلىمىز ئىدى .

تېما ئىگىسىگە تەشەككۈرلەر  بولسۇن ،ئەسەرلىرىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرغايمىز .

0

تېما

10

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 488
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3802
توردىكى ۋاقتى: 1529
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 10:55:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىدە دېيىلگىنىدەك ئاق دېڭىزدىن ياپون-كورىيەلەرگىچە ئۇيغۇرلارغا تەسىر ۋە شۆھرەت قازاندۇرغان ئۇيغۇر يېزىغىنىڭ خارابلىشىشى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زاۋاللىق تارىخىنىڭ ئەينەن يۆنۈلۈشتە داۋام قىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم.  شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ غورۇرى ئۇنىڭ شۆھرىتى بولمىش ئۇيغۇر يېزىغىمىزنىڭ ئەرەبسىمان يېزىققا ئەسىرگە چۈشكەنلىكى بىلەن دەپسەندى بولغانلىقىنىمۇ چۈشەندىم. يۈسۈپچان ياسىن ئاكىغا تەكرار ئېھتىراملار بولسۇن...!

7

تېما

5

دوست

3186

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   39.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5979
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 277
تۆھپە : 777
توردىكى ۋاقتى: 207
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 11:32:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئىسىل ماقالىنى سۇنغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر !
..............
ئىزاھلار :
(1) جون پائۇل روكس : ‹‹تۈركلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ قەدىمكى دىنى››، تۈركچە، 16- بەت، 1994- يىلى، ئىستانبۇل، بايراق مەتبەئەچىلىكى.
(2) م.فۇئاد كۆپرۈلۈ : ‹‹تۈرك ئەدەبىياتى تارىخى››، تۈركچە، 55- بەت، 2004- يىلى، ئەنقەرە، ئاقچاغ نەشرىياتى.
(3) ‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى››(‹‹ئۇيغۇر يېزىقى›› ماددىسى)، تۈركچە، 33- توم، 121-بەت، 1984- يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(4) ئا.جافەرئوغلۇ : ‹‹تۈرك تىلى تارىخى››، 1-قىسىم، 175-بەت، 1984- يىلى، ئىستانبۇل، ئەندەرۇن كىتابخانىسى.
(5) ۋ.ۋ.بارتولد : ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخى ھەققىدە دەرسلەر››، تۈركچە، 39- بەت، 2006- ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.
(6) مۇھەررەم ئەرگىن : ‹‹تۈركلەردە يېزىق ۋە ئالفابەلەر››، ‹‹تۈرك دۇنياسى ئەل كىتابى››، تۈركچە، 2- جىلد،  263-بەت.  

(7) قۇربان ۋەلى : ‹‹بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز››، ئۇيغۇرچە، 8- بەت، 1986- يىلى، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى.

(8) مەھمۇد كاشغەرىي : ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››، ئۇيغۇرچە، 1- توم، 8-، 9- بەتلەر، 1981- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
(9) ئا.زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە، 81- بەت، 1981- يىلى، ئىستانبۇل، ئەندەرۇن كىتابخانىسى.
(10) ئوسمان تۇران : ‹‹تۈرك جاھان ھاكىمىيىتى مەپكۇرەسى تارىخى››، تۈركچە، 65- بەت، 2006- يىلى ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.
(11) پائۇل پېللىئوت : ‹‹ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئوغۇزخان داستانى ھەققىدە››، تۈركچە، 103- بەت، 1995- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى.
(12) س. گ. كلياشتورني، ت.ئى. سۇلتانوف : ‹‹تۈركنىڭ ئۈچ مىڭ يىلى››، تۈركچە، 174- بەت، 2004- يىلى، ئىستانبۇل، سېلېنگا نەشرىياتى. نيۇ روجى: ‹‹ياركەندتىن تېپىلغان قاراخانىيلارنىڭ ئەرەبچە قانۇن ھۆججەتلىرى ۋە ‹قۇتادغۇ بىلىگ› تەتقىقاتى››، ‹‹غەربىي يۇرت تەتقىقاتى››، خەنزۇچە، 1999 – يىللىق، 3- سان، 99 -،100- بەتلەر. جاڭ چىشياڭ : ‹‹شىنجاڭ قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ پۇللىرى››، خەنزۇچە، 36-، 37-، 38- بەتلەر، 1990- يىلى، ئۈرۈمچى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
(13) ‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى››(‹‹چىدان›› ماددىسى)، تۈركچە، 11- توم، 502- بەت، 1963- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(14) ب.ئۆگەل : ‹‹تۈرك كۈلتۈررىنىڭ تەرەققىيات چاغلىرى››، تۈركچە، 1-توم، 116- بەت، 1971- يىلى، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(15) قۇربان ۋەلى: ‹‹بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز››، ئۇيغۇرچە، 125- بەت.
(16) ب. ئۆگەل : ‹‹چىڭگىزخاننىڭ تۈرك مۇشاۋىرلىرى››، تۈركچە،  42 -، 43-، 54-، 69-، 71-، 154-، 155-، 161-، 189 –بەتلەر، 2002- يىلى، ئىستانبۇل، IQ كۈلتۈر-سەنئەت نەشرىياتى.
(17) ۋ.ۋ.بارتولد : ‹‹موڭغۇل ئىستىلاسىغا قەدەر تۈركىستان››، تۈركچە، 415- بەت، 1990- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى. خې سۇلى : ‹‹ئىسلام ۋە تۈرك كۈلتۈرىنىڭ يىراق شەرققە تارقىلىشى››، تۈركچە، 141- بەت، 1988- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك دىيانەت ۋەھفى نەشرىياتى.
(18) ‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى››(‹‹ئۇيغۇر سەنئىتى›› ماددىسى)، تۈركچە،33- توم،  140-، 141- بەتلەر.
(19) جون پائۇل روكس : ‹‹تۈركلەرنىڭ تارىخى››(تىنچ ئوكياندىن ئاق دېڭىزغىچە ئىككى مىڭ يىل)، تۈركچە، 168- بەت، 2002- يىلى، ئىستانبۇل، كابالجى نەشرىياتى.
(20) ر. گروسسېت : ‹‹بوزقىر ئىمپېرىيەسى››، تۈركچە، 133-بەت، 1996- يىلى، ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.
(21) ئا.زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە،  272- بەت.
(22) ئەنۋەر بايتۇر : ‹‹شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى››، ئۇيغۇرچە، 631-بەت، 1991- يىلى، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى.
(23) ئا.زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە، 272- بەت،
(24) ئا. مەلەك ئۆزيەتگىن : ‹‹ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ رەسمىي خەت - چەك يېزىش ئەنئەنىسى››،  ‹‹ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك تىلى ۋە كۈلتۈرى ھەققىدە تەتتقىقات››، تۈركچە، 14- بەت، 2005- يىلى، يىلى، ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.
(25) د. كارا : ‹‹موڭغۇللارنىڭ يېزىق ۋە كىتابلىرى››، خەنزۇچە، 42- بەت، 2004- يىلى، خوخخوت، ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى.
(26)  رەشىد رەھمەتى ئارات : ‹‹ئۇيغۇرچە  يازمىلار ئارىسىدا››، ‹‹ماقالىلار››،  1- جىلد، تۈركچە، 574- بەت، 1987- يىلى، ئەنقەرە تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنستىتۇتى نەشرىياتى. تيەن ۋېيجاڭ : ‹‹يىپەك يولى ۋە شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ تارىخى ھەققىدە تەتقىقات››، خەنزۇچە، 216- بەت، 1997- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
(27) گېڭ شىمىن، جاڭ باۋشى : ‹‹يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ‹قايتا رېمونت قىلىنغان ۋېنجۇ  ئىبادەتخانىسى ئابىدىسى› ھەققىدە دەسلەپكى شەرھى››، خەنزۇچە، ‹‹ئارخېئولوگىيە ئىلمى ژۇرنىلى››، 1980- يىلى، 2- سان، 253-، 264- بەتلەر.
(28)  ياڭ فۇشۆ : ‹‹ئۇيغۇر ھۆججەتلىرى ۋە ئۇيغۇر كۈلتۈرى››، خەنزۇچە، 101- بەت، 2003- يىلى، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى.
(29) گېڭ شىمىن : ‹‹ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‹بۈيۈك يۈەن دەۋرىدە سۇجۇ يولىدىكى يېكې دارۇغاچلىققا ۋارىسلىق قىلىش ئابىدىسى›نىڭ تەرجىمىسىگە ئىزاھات››، ‹‹شاڭدا ئەپەندىنى خاتىرىلەشكە ئائىت ماقالىلار مەجمۇئەسى››، خەنزۇچە، 440-، 454- بەتلەر، 1986- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
(30) خې سۇلى، ‹‹ئىسلام ۋە تۈرك كۈلتۈرىنىڭ يىراق شەرققە تارقىلىشى››، تۈركچە، 174-، 175- بەتلەر.
(31)  رازاق مەتنىياز : ‹‹غەربىي يۇرت تەرجىمە تارىخى››، خەنزۇچە، 191- بەت، 1997- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى.
(32) ئا. جافەرئوغلۇ :  ‹‹تۈرك تىلى تارىخى››، تۈركچە، 1- قىسىم، 186- بەت.
(33) ئا.زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە، 86- بەت. ئا.مەلەك ئۆزيەتگىن : ‹‹تىمۇرىيلار ھۆكۈمدارى ئەبۇ      سەئىد كۇراگانغا ئائىت ئۇيغۇر يېزىقىدا 1468- يىلى يېزىلغان بىر بىتىك››، ‹‹ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك تىلى ۋە كۈلتۈرى ھەققىدە تەتتقىقات››، تۈركچە، 61- بەت.
(34) غەيرەتجان ئوسمان : ‹‹ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەرپتە››، ئۇيغۇرچە، 354- بەت، 2002- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
(35) ۋ.ۋ. بارتولد : ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخى ھەققىدە دەرسلەر››، ئۇيغۇرچە، 56- بەت.
(36) ئا.زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹تارىختا ئۇسۇل››، تۈركچە، 55- بەت، 1985- يىلى، ئىستانبۇل، ئەندەرۇن كىتابخانىسى.
(37)  ئا.زەكىي ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە، 87- بەت.
(38) ئىسمائىل ئاكا : ‹‹تىمۇر ۋە ئۇنىڭ دۆلىتى››، تۈركچە، 138- بەت، 2000- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.
(39) ئا. جافەرئوغلۇ: ‹‹تۈرك تىلى تارىخى››، تۈركچە، 1- قىسىم، 179- بەت.
(40) ۋ.ۋ. بارتولد: ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخى ھەققىدە دەرسلەر››، تۈركچە، 54- بەت.
(41) م. فۇئاد كۆپرۈلۈ : ‹‹تۈرك ئەدەبىياتى تارىخى››، تۈركچە، 387- بەت.
(42) ئا. زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە، 272- بەت.
(43) ئا.زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە.380- بەت.
(44) ئا.زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە، 381- بەت.
(45) ئا.زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە، 382- بەت.
(46) رەشىد رەھمەتى ئارات : ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››(Ⅰ ، مەتىن)، تۈركچە، 35- بەت، 1979- يىلى، تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى.
(47) ئا.زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە، 86- بەت.
(48) ئا. جافەرئوغلۇ : ‹‹تۈرك تىلى تارىخى››، تۈركچە، 1- قىسىم، 186- بەت.
(49) ئا. جافەرئوغلۇ: ‹‹تۈرك تىلى تارىخى››، تۈركچە ،  1- قىسىم، 178- بەت.
(50) ئا. جافەرئوغلۇ: ‹‹تۈرك تىلى تارىخى››، تۈركچە، 1- قىسىم، 179- بەت.
(51) جەۋال كايا : ‹‹ئۇيغۇرچە ئالتۇن يارۇق››(كىرىش سۆز، مەتىن ۋە ئىندىكىس)، تۈركچە، 7- بەت، 1994- يىلى، تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى
(52) پائۇل پېللىئوت : ‹‹ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئوغۇزخان داستانى ھەققىدە››، تۈركچە،  99-، 100- بەتلەر.

..................
بۇ كىتاب ۋە ئەسەرلەر (ئىسىللىقى) كۆزۈمنى قاماشتۇرۋەتتى!

0

تېما

1

دوست

800

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   60%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26906
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 236
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 15:08:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز نۇرغۇنلىغان ئىلىم-پەن ئاتالغۇللىرىنىڭ لاتىن يېزىقىدا يېزىلدىغانلىرىنى بىلىمىز ،ئەمما نىمە ئۈچۈن بۇ يېزىق مۇشۇنچىلا ئالقىشقا ئېگە ئىكەنلىگىنى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس ،ھۆرمەتلىك تورداشلار ‹‹لاتىن،لاتىن يېزىقى،لاتىن ئامېركىسى››ھەققىدە تەپسىلەرەك  چۈشەنچەڭلارنى ئايىمىغان بولساڭلار.

2

تېما

3

دوست

4537

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22034
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1394
توردىكى ۋاقتى: 455
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 10:52:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر قەدىمى ئۇيغۇر يېزىقى يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ يېزىلماي، سولدىن ئوڭغا قراتىلىپ يېزىلىش مۈمكىن بولسا، ئەسلىمىزگە قايتساقمۇ بولىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )