جۇڭگونىڭ بۇ قېتىم ئۆسۈم چۈشۈرۈشىدە بىلمىسەك بولمايدىغان بەش ئىش
ۋول كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى: جۇڭگونىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشى ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئاستىلىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سىگنالىنى قويۇپ بېرىشىدۇر.
بۇ جۇڭگونىڭ تۆت ئايدا ئۈچ قېتىم پۇل سىياسىتىنى زور دەرىجىدە تەڭشەش ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئېشىشنى جانلاندۇرىشىدۇر. 2014-يىلى 11-ئايدا، جۇڭگو ئىككى يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆسۈم تۆۋەنلەتتى. 2015-يىلى 2-ئاينىڭ بېشىدا ئامانەت زاپاس پۇل نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتچانلىقنى قويۇپ بېرىپ بانكىلارنىڭ قەرز بېرىشكە ئىشلىتىشىگە بەردى، بۇمۇ 2012-يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئامانەت زاپاس پۇل نىسبىتىنى تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىتىشىدۇر.
بۇ ماقالە جۇڭگو مەركىزىي بانكىسىنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى ھەرىكىتىنى رەتلەپ چىقتى ھەمدە مەركىزىي بانكىنىڭ بۇ قېتىم نېمىشقا بۇنچە زور سالماقتىكى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى يېشىپ بەردى.
سوئال: جۇڭگو 2-ئاينىڭ 28-كۈنى نېمە ئىش قىلدى؟
جاۋاب: جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى قەرز ئاساسىي ئۆسۈم پىرسەنتىنى %25 پوئىنت تۆۋەنلەتتى، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى مەقسەت قىلغان. جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى يەنە ئامانەت ئاساسىي ئۆسۈم پىرسەنتىنى 25 پوئىنت تۆۋەنلەتتى، بۇ بانكىلارنىڭ قەرز ئۆسۈم پىرسەنتى تۆۋەنلىگەن پەيتتە پايدا نىسبىتىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردىمى بولىدۇ. مەركىزىي بانكا يەنە ئامانەت ئۆسۈم پىرسەنتى ھەرىكەتچان دائىرىسىنىڭ يۇقىرى چېكىنى ئامانەت ئاساسىي ئۆسۈم پىرسەنتىنىڭ 1.2 ھەسسىسىدىن 1.3 ھەسسىسىگە تەڭشەپ، بىر قىسىم كىشىلەر ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل مۇراجىئەت قىلىپ كەلگەن ئۆسۈم پىرسەنتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىغا يەنە بىر قەدەم باستى. بۇ بانكىنىڭ ئۆسۈم پىرسەنتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئامانەت قويغۇچىلارنى جەلپ قىلىشىغا تېخىمۇ كۆپ بوشلۇق تەمىنلىدى.
سوئال: بۇ قېتىمقى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش كۈتكەن يەردىن چىقتىمۇ؟
جاۋاب: جاۋاب: شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ ھەم ئۇنداق دېيىشكە بولمايدۇ. ئىقتىسادشۇناسلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا جۇڭگو مەركىزىي بانكىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئىدى، ئەمما مەركىزىي بانكىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ۋاقتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پەرىزىدىن بالدۇر بولدى. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشنىڭ ئالدىغا سۈرۈلىشى كەلگۈسى نەچچە ھەپتە ياكى نەچچە ئايدا ئۆسۈم پىرسەنتى يەنىمۇ تۆۋەنلەيدىغانلىقتىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ قېتىمقى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشنىڭ پەيتىنىمۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ، چۈنكى دەل ئىككى يىغىن ئېچىلىشنىڭ ھارپىسىدا بولدا. بۇ ھەپتە بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئىككى يىغىندا جۇڭگو ئەمەلدارلىرى بۇ يىلقى ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. ئەگەر بۇ يىلقى نىشان بۇلتۇرقى %7.5 ئەتراپىدىكى سەۋىيەدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئاستىلىشىنى قوبۇل قىلىش سالمىقىنىڭ زورىيىشىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.
سوئال: جۇڭگو نېمىشقا ئۆسۈم تۆۋەنلىتىدۇ؟
جاۋاب: ئاساسلىق سەۋەبى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشقا بولغان ئەندىشىسى ئېغىرلاشتى. 2014-يىلى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشى %7.4 بولۇپ، نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى، 25 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ ئاستا ئىقتىسادىي ئېشىش بولدى. باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە ئوخشاش، جۇڭگومۇ پۇل پاخاللىقى تارىيىش تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە. باھانىڭ تۆۋەنلىشى ئىستېمالچىلار چىقىمى ۋە كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەپ قويىدۇ. ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو ئىستېمالچىلار باھاسى يەنىلا ئۆسمەكتە، ئەمما ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەمەلىي قەرز تەننەرخى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. باھا سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش مۇۋاپىق تەدبىر دەپ قارايدۇ.
سوئال: كېيىنكى قەدەمدىكى ھەرىكەت نېمە؟
جاۋاب: بارلىق كۆز مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا تىكىلىدۇ. ئەگەر جۇڭگو بۇلتۇرقىغا ئوخشاش %7.5 ئەتراپىدىكى ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانىدا قەتئىي چىڭ تۇرسا، ئۇنداقتا بېيجىڭنىڭ تېخىمۇ كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئېشىشنى قوزغىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نىشاننى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش ھەتتا نىشان بېكىتمەسلىك جۇڭگونىڭ تېخىمۇ تۆۋەن ئىقتىسادىي ئېشىشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىدىن، ئىقتىسادنى قوزغىتىش بېسىمىنىڭ چوڭ ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ئىقتىسادشۇناسلار مەركىزىي بانكىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈم تۆۋەنلىتەمدۇ يوق ياكى ئۆلچىمىنى چۈشۈرەمدۇ يوق دېگەنگە قاتتىق دىققەت قىلىدۇ.
سوئال: نېمە ئۈچۈن 2-ئاينىڭ 28-كۈنى شەنبە ئۆسۈم تۆۋەنلىتىدۇ؟
جاۋاب: جۇڭگو ئەمەلدارلىرى كەچتە ياكى ھەپتە ئاخىرى زور تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىشقا ئامراق، بۇ نۇقتىدا داڭقى چىققان. شەنبە كۈنى ئۆسۈم تۆۋەنلەتكەنلىكىنى جاكارلىشىنىڭ يەنە بىر نىسبەتەن بىۋاسىتە سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. ئۇدا ئارام ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگو دائىم ھەپتە ئاخىرىنى قانۇندا بېكىتىلگەن خىزمەت كۈنى قىلىپ تەڭشەيدۇ. جۇڭگو يېڭىلا باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئالدىنقى شەنبە كۈنى قانۇندا بېكىتىلگەن خىزمەت كۈنى بولۇپ قالدى.
تەرجىمىدە: ئوكيان تورى
|