- تىزىملاتقان
- 2013-12-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2381
- نادىر
- 0
- يازما
- 154
ئۆسۈش
12.7%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Weliyop تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-5 00:11
تۈركىمەنىستانىڭ پايتەختى: ئاشخابات. تۈركمەنىستان ئىراننىڭ شىمالىغا جايلاشقان،شەرقى جەنۇبى ئافغانىستان بىلەن،شەرقى شىمالى ئۆزبىكىستان بىلەن،غەربى شىمالى قازاقىستان بىلەن چگرالانغان، غەرىب تەرىپى بولسا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ تۇزلۇق كۆل بولغان كاسپى دىڭىزى بىلەن تۇتاشقان بىر ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. يەر كۆلىمى بولسا 491200كۋادىرات كىلومىتىر،يەر مەيدانى قازاقىستاندىن قالسىلا ئىككىنجى چوڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى ھىسابلىنىدۇ،دۇنيا بويىچە 52-ئورۇندا تۇرىدۇ، ئسپانىيەدىن سەل كىچىك ئەمما كالفورنىيە شىتاتىدىن چوڭ.
تۈركمەنىستاندا تۈركمەن مىللىتى 77%نى،ئۆزبىكلەر 9.2%نى،رۇسلار 3%نى ئىگىلەيدۇ،ئۇنىڭدىن باشقاقازاق،ئەرمەن،تاتار ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق 100دىن ئارتۇق مىللەت بار. ھۆكۈمەت تىلى تۈركمەن تىلى،رۇس تىلى بولسا ئاممىباپ ئىشىلتىدىغان تىل ھىسابلىنىدۇ.تۈركمەنىساننىڭ نىفىت ۋە تەبئى گاز بايلىقى ئىنتايىن مول،تەبئىي گاز زاپىسى دۇنيا بويىچە 5-ئورۇندا تۇرىدۇ،سوۋىت ئىتىپاقىدىن ئايرىلغان جۇمھۇرىيەتلەر ئارىسىدا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ.
1927-يىلىدىن بۇرۇن تۈركمەن تىلى ئەرەب يىزىقنى ئىشىلتەتتى،كىيىن لاتىن يىزىقىنى ئىشلەتكەن،1940-يىلىدىن باشلاپ سىلاۋىيان يىزىقىنى ئىشىلتىشكە باشلىغان. تۈركمەنىستان خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىغا ئىتقات قىلىدۇ(سۇننى مەزھىپى)،رۇسلار ۋە ئەرمەنلەر پراۋوسلاۋىيە دىنىغا ئىتقات قىلىدۇ. يەر كۆلىمى بولسا 491200كۋادىرات كىلومىتىر،يەر مەيدانى قازاقىستاندىن قالسىلا ئىككىنجى چوڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى ھىسابلىنىدۇ،دۇنيا بويىچە 52-ئورۇندا تۇرىدۇ، ئسپانىيەدىن سەل كىچىك ئەمما كالفورنىيە شىتاتىدىن چوڭ. تۈركمەنىستان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، كۆپىنچە يەرلىرى ئويمانلىق ،تۈزلەڭلىكلەر ئاساسەن دېڭىز يۈزىدىن 200مىتىر تۆۋەندە ،80%زىمىنىنى قاراقۇم قۇملۇقى قاپلاپ تۇرىدۇ. جەنۇبى ۋە غەربىگە كوپېت تاغ تىزمىسى ۋە پاروتېمېز تاغ تىزمىسى جايلاشقان.ئاساسلىق دەريالاردىن ئامۇر دەرياسى، دەرياسى،دەرياسى ۋە دەرياسى قاتارلىقلار بار،ئاساسلىقى شەرىق تەرىپىگە تارقالغان.شەرقتىن غەرىبكە سوزۇلغان قاراقۇم چوڭ قانىلىنىڭ ئۇزۇنلىقى 1450كىلومىتىر كىلىدۇ،ئۇ 300مىڭ گىكتار كىلىدىغان زىمىننى سۇغۇرۇپ كەلگەن.تۈركمەنىستاننڭ ئىقلىمى كۈچلۈك چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا كىرىدۇ،دۇنيادىكى ئەڭ قۇرغاق رايونلارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ. تۈركمەنىستان ھىمالاياــ ئوتتۇرا دېڭىز يەر تەۋرەش بەلۋىغىغا جايلاشقان،دائىم يەر تەۋرەشنىڭ تەھتىتىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ.1948-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى پايتەخىت ئاشخاباتتا ئاپەت خاراكتىرلىك يەر تەۋرەش يۈز بىرىپ،نۇرغۇن كىشلەر ھاياتىدىن ئايرىلغان. تۈركمەنىستاننىڭ كاسپى دېڭىز بىلەن تۇتاشقان دېڭىز ساھىلىنڭ ئۇزۇنلىقى 1768كىلومىتىر كىلىدۇ،مالنى سۇ يولىدىن ئىكسپورت قىلىش ئۈچۈن چوقۇم رۇسىيەنىڭ ۋولگا دەرياسى ۋە دەرياسىدىن مېېڭىشىغا توغرا كىلىدۇ. ئاساسلىق شەھەرلىرى پايتەخىت ئاشخاباتتىن باشقا،يەنە كاسپى دېڭىزى بويىغا جايلاشقان شەھەر تۈركمەنباشى Turkmenbayشەھىرى بار.
ئىقلىم بايلىقى . تۈركمەنىستان ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان،شۇڭلاشقا تىپىك مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلىق ئىقلىمىغا كىرىدۇ،بۇ يەر دۇنيادىكى ئەڭ قۇرغاق رايونلارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە تىمپۇراتۇرىسى 14-16℃كىلىدۇ، كىچە-كۈندۈز ھەمدە قىش-يازنىڭ تىمپۇراتىرا پەرقى چوڭ،يازلىق تىمپۇراتۇرا 35℃تىن يۇقىرى(شەرقى جەنۇبىدىكى قاراقۇم قۇملۇقى Karakumدا ئىلگىرى 50℃قا چىققان خاتىرىلەر بار)،قىش پەسلىدە ئافغانىستانغا يېقىن تاغلىق رايون Gushgyدا 33-℃غا چۈشۈپ قالىدۇ. يىللىق ھۆل يىغىن بولسا غەربى شىمال قۇملۇقلىرىدىكى 80مىللىلىتىردىن ،شەرقى جەنۇب تاغلىق رايونلىرىدىكى 240مىللىتىرغىچە ئېشىپ بارىدۇ. كان بايلىقلىرى . تۈركمەنىستاننىڭ كان بايلىقلىرى مول، ئاساسلىقى نىفىت، تەبئىي گاز،تازلانغان شور،يود، رەڭلىك ۋە ئاز ئۇچرايدىغان مىتاللار قاتارلىقلار بار.تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتى ئاشكارلىغان ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، خام نىفىت ۋە تەبئىي گازنىڭ كەلگۈسىدىكى زاپىسى 20.8 مىلىيارد توننا ۋە 2ترلىيون460مىلىيارد كۇب مىتىر كىلىدىكەن،دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن.نىفىت ۋە تەبئىي گاز سانائىتى بولسا تۈركمەنىستاننىڭ تۈۋرۈك كەسىپلىرى ھىسابلىنىدۇ. ئاساسلىق تىرىلىدىغان زىرائەتلىرى پاختا،بۇغداي ۋە شال قاتارلىقلار. تۈركمەنستانلىقلار يەنە گىلەم توقۇشقا ماھىر، ئىنچىكە قوي يۇڭىدا توقۇلغان گىلەملىرى دۇنياغا داڭلىق. قاتناش. قاتنىشى تۆمۈر يول، تاش يول ۋە نىفىت تەبئىي گاز توشۇش تۇربىسىنى ئاساس قىلىدۇ.تۆمۈر يوللىرىنىڭ ئۇزۇنلىقى 2300كىلومىتىر ، تاش يول 13600كىلومىتىر كىلىدۇ. نۆۋەتتە پەقەت پايتەخىت ئاشخاباتتىلا خەلقئارالىق ئايرۇدوروم بار،ئون نەچچە دۆلەت ۋە رايونلارغا قاتنايدۇ.ئاشخابات خەلقئارالىق ئايرۇدورومى شەھەر رايونىغا ئىنتايىن يىقىن،ئاپتۇبۇس ۋە تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئايرۇدورومغا بىرىش ئىنتايىن قولايلىق.تۈركمەنىستاندىكى ئاساسلىق شەھەرلەر نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ئۇلانغان،تاشيول،تۆمۈريول قاتنىشىمۇ بىرقەدەر قولايلىق، تۈركمەنىستان ئايرۇدوروملىرى ئەگەر يولۇچىلار چىگرىدىن ئايرىلماقچى بولسا ئالدىن ئىككى سائەت بۇرۇن ئايرۇدۇرۇمغا كىلىپ بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
تارىخى. مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 1000يىل بۇرۇن تۈركمەنىستاندا سىنىپىي جەمئىيەت بارلىققا كەلگەن، مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىردىن كىيىن ئۈزلۈكسىز باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن تاجاۋۇز قىلىنغان ۋە ھۈكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان.تارىختا ئىلگىرى پارىسلار،ماكىدۇنىيلىكلەر،تۈركلەر،ئەرەبلەرۋە مۇڭغۇل تاتارلىرى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.مىلادىيە9-10 ئەسىرگىچە توخرى پادىشاھلىقى، سامانىيلار پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان.11-15ئەسىرگچە مۇڭغۇل تاتارلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان.15-ئەسىردە تۈركمەن مىللىتى ئاساسەن شەكىللەنگەن.16-17ئەسىرگىچە خىيۋە خانلىقى ۋە بۇخارا خانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان.19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن80-يىللىرىنڭ ئوتتۇرىغىچە بىرقىسىم زىمىنى رۇسىيەگە قوشۇۋىلىنغان. تۈركمەن خەلقى 1917-يىلىدىكى فىۋرال ئىنقىلابى ۋە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1917-يىلى 12-ئايدا سوۋىت ھۆكۈمىتىنى قۇرغان ھەمدە زىمىنى تۈركىستان سوۋىت سوتسىيالىزىم ئاپتۇنوم جۇمھۇرىيىتگە ھەمدە خارەزىم ۋە بۇخارا سوۋىت جۇمھۇرىيىتىگە قۇشۇۋىتىلگەن. مىللىي باشقۇرۇش رايونى بەلگىلەپ بىرىلگەندىن كىيىن ،1927-يىلى10-ئاينىڭ27-كۈنى تۈركمەن سوۋىت سوتسىيالىزىم جۇمھۇرىيتىنى قۇرغان ھەمدە سوۋىت ئىتتپاقىغا ئەزا بولغان.1990-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى تۈركمەن ئالىي سوۋىتى دۆلەت مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى ئىمزالىغان،1991-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇستەقللقىنى جاكارلىغان، دۆلەت نامىنى تۈركمەنستانغا ئۆزگەتكەن،شۇيىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە قاتناشقان.2005-يىلى8-ئاينىڭ26-كۈنى قازان يىغىنىدا مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىن چىكىنگەنلىكىنى ئىلان قىلغان.2006-يىلى 12-ئاينىڭ21-كۈنى زۇڭتۇڭ سەپەر مۇراتنىيازوف يۈرەك كىسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى،قۇربان بەردىمۇھەممەدوف ئۇنىڭ ئورنىغا زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى.2007-يىلى2-ئايىڭ11-كۈنى زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. بەردىمۇھەممەدوف زۇڭتۇڭلىققا سايلاندى.
ھۆكۈمەت ئورگانلىرى. 1992-يىلى5-ئاينىڭ18-كۈنى بىرىنجى قانۇننى ئمزالاپ ،تۈركمەنىستان دىمكوراتىك،قانۇن بويىچە باشقۇرىدىغان ۋە دىندىن خالىي دۆلەت قىلىپ بىكىتىلگەن، ئۈچ ھوقۇق ئايرىلغان زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى قىلىپ بىكىتلگەن،قانۇن تۇرغۇزۇش،مەمۇرىي ھۇقۇق،ئەدلىيە ئۆزئارا مۇستەقىل،ئۆزئارا باراۋەر ۋە بىربىرىنى چەكلەپ تۇرىدۇ. زۇڭتۇڭ بولسا تۈركمەنستاننىڭ دۆلەت رەھبىرى ۋە ئەڭ يۇقىرى مەمۇرىي ھوقۇق رەھبىرى ھىسابلىنىدۇ.خەلق كومىتىتى بولسا دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ھوقۇق ۋەكىللك ئورگىنى ھىسابلىنىدۇ.قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇقى ۋە ئەدلىيە ھوقۇقى ئايرىم ئايرىم ھالدا خەلق پارلامىنتى ۋە سوت مەھكىمىسىگە تەۋە.1995-يىلى12-ئاينىڭ27-كۈنى خەلق كومتىتى ئاساسىي قانۇنغا تۈزۈتۈش تۇلۇقلاش ئىلىپ بېرىپ،تۈركمەنستاننىڭ بىتەرەپ دۆلەتلىك ئورنىنى ئاساسى قانۇنغا كىرگۈزدى ھەمدە دۆلەت شېئىرى ۋە دولەت بايرىقىدا ئۇنى ئىپادىلىدى.1999-يىلى 12-ئايدا تۈركمەنستان خەلق كومىتىتى ۋە پارلامىنىت زۇڭتۇڭ نىيازوفقا «مەڭگۈلۈك زۇڭتۇڭلۇق ھوقۇقىنى يۈرگۈزۇش ھوقۇقى»نى بەردى.2003-يىلى8-ئايدا يىڭى ئاساسىي قانۇننڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۈركمەنستان قولىدا چەتئەل پاسپورتى بار،باشقا دۆلەت پۇقرالىرىنى ئۆز دۆلىتى پۇقراسى قىلىپ ئىتراپ قىلمايدىغانلىقنى جاكارلىدى.
مەنبە بەيدۇدىن تەرجىمە قىلىندى ،تەرجىمەدە يىتەرسىزلىكلەر بۇلىشى مۇمكىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۈزۈتۈپ ئوقۇشنى تەۋسىيەقىلىمەن .
تۈۋەندىكى ئىنكاس يازىدىغان ئۇرۇنغا تۈركىمەنىستانغا ئائىت بىرقىسىم رەسىملەر بىرىلدى،كۈرۈپ باقايسىلەر.
كېلىش مەنبەسى:
http://www.baidu.com/link?url=iT ... 7%89%B9&inputT=1439
|
|