قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2537|ئىنكاس: 40
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ۋە ئەۋلادلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

1

دوست

979

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   95.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30148
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 38
تۆھپە : 308
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-8
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ۋە ئەۋلادلىرى

   1697-يىلى چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى كاڭشى قۇمۇل تارخانبېگى (قۇل بېگى) ئەبەيدۇللاغا تارخانبەگ دەپ ئوتۇغات بەرگەندىن باشلاپ، 1-ئەۋلاد ۋاڭلىق باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن قۇمۇل ۋاڭلىقى شىنجاڭدىكى ھەر قايسى جايلاردىكى ھەر مىللەت ۋاڭلىرى ئىچىدە مەركىزىي خانلىق ئەڭ بالدۇر ئوتۇغات بەرگەن ۋاڭلىق بولۇپ قالدى.
   قۇمۇل ۋاڭلىقى 1-ئەۋلاد ۋاڭ (1-ئەۋلادتىن 3-ئەۋلادقىچە مەركىزىي خانلىق ۋاڭ دەپ ئوتۇغات بەرمەي، 4-ئەۋلادتىن باشلاپ ۋاڭ دەرىجىسىنى ئوتۇغات بەرگەن، لېكىن ئاۋام خەلق 1-ئەۋلادتىن باشلاپ ھەممىسىنىلا ۋاڭ دەپ ئاتاپ ئادەتلەنگەن) دىن باشلاپ، 1930-يىلى ۋاپات بولغان شاھ مەخسۇت ۋاڭغىچە 233 يىل تۇققۇز ئەۋلاد داۋاملاشقان. قۇمۇل ۋاڭلىرى ھەققىدە ھازىرغىچە يېزىلغان ھەرخىل كىتاب، ئەسەر ۋە ماقالىلاردا بولسا تۇققۇز ئەۋلاد، ئون ئەۋلاد، 11ئەۋلاد داۋاملاشقان دېگەن ئوخشاش بولمىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
9-ئەۋلاد ۋاڭ شاھ مەخسۇت 1930-يىلى ۋاپات بولۇش بىلەنلا، ۋاڭلىقنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئۆتكۈزۈۋالغان بولغاچقا، شاھ مەخسۇت ۋاڭنىڭ يالغۇز ئوغلى نەزەرمۇ ۋە 1934-يىلى نەزەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بىشىرمۇ ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلىپ، 10-ئەۋلاد ۋە 11-ئەۋلاد ۋاڭ بولۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ۋاڭ بولمىدى. شۇڭا، بۇ ۋاڭلىق شاھ مەخسۇت ۋاڭغىچە تۇققۇز ئەۋلاد، 233 يىل داۋاملاشتى دېگەن يەكۈننى چىقىرىمىز.
   قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ۋە ئەۋلادلىرى توغرىسىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھازىرغىچە بىرلىككە كەلمەيۋاتىدۇ. «قۇمۇل ۋىلايىتى تەزكىرىسى» ۋە «قۇمۇل ناھىيەسى تەزكىرىسى»دىمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب يوق. قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ نەسەبى، ئەجدادلىرى توغرىسىدا خەلق ئىچىدە تۆۋەندىكىدەك ئوخشاش بولمىغان قاراشلار بار.
    بىر خىلى، قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ئەرەبلەردىن كەلگەن دېگەن قاراش؛ ئىككىنچى خىلى، يەركەندىن كەلگەن دېگەن قاراش؛ ئۈچىنچى خىلى، چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادلىرى دېگەن قاراش؛ تۆتىنچى خىلى، يەرلىك ئۇيغۇرلار دېگەن قاراش. خەلق ئارىسىدا يەنە قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئەجدادلىرى تۇغلۇق تۆمۈرخان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى شاھ مەشرەپ دېگەن قاراشمۇ بار، ئاخىرقى قاراشنىڭ قىلچىمۇ ئاساسى يوق. چۈنكى، 1657-يىلى تۇغۇلۇپ، 1711-يىلى ئاففانىستاندا 54 يېشىدا قەتل قىلىنغان شاھ مەشرەپ قانداق قىلىپ شاھ مەشرەپتىن تەخمىنەن 300 يىلدەك بۇرۇن، يەنى تۇغۇلۇپ، 1364-يىلى 34 يېشىدا ۋاپات بولغان تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ئاتىسى بولسۇن؟ 1890-يىللاردا شىنجاڭدىن باش مۇپەتتىش بولغان تاۋمۇ (1834-1902) ئەينى ۋاقىتتا شاھ مەخسۇتقا خەت يېزىپ: «سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلار يەركەندىن كەلگەنمۇ؟» دەپ سورىغان. شاھ مەخسۇت ئۇنىڭ يازغان جاۋاب خېتىدە:«ئائىلە جەمەتىمىزدىن ئەبەيدۇللادىن باشلاپ ئوتۇغات بېرىش باشلانغان، ئەبەيدۇللانىڭ ئاتىسى مۇھەممەدشاھ غازى، ئۇنىڭ ئاتىسى يارمۇھەممەت غازى، ئۇنىڭ ئاتىسى باقى غازى، ئۇنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم غازى بولۇپ، تۆت ئەۋلادىمىزدىن قۇمۇل بەگلىرى. بىزنى يەركەندىن كۆچۈپ كەلگەن دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىغان» دېگەن. قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ نەسەبنامىسى بار بولۇپ، 1913-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىگە يوللانغان. مەركىزىي ھۆكۈمەتكە يوللانغان «قۇمۇل ۋاڭ، گۇڭ، تۆرە، تەيجى، بەگلەرنىڭ ئەمەل ناملىرى تىزىملىكى» ناملىق بۇ نەسەبنامە ھازىر نەنجىڭدىكى مەركىزىي 2-ئارخىپخانىسىدا ساقلانماقتا. ئۇنىڭ يەنە بىر نۇسخىسى 1951-يىلىدىكى ئىجارە كېمەيتىش ھەرىكىتىدە قۇمۇلدىن يىغىۋېلىنىپ، ئاپتونۇم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلانماقتا. ھازىر ۋاڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قولىدا بۇ نەسەبنامىنىڭ كۆچۈرۈلگەن بىر نۇسخىسى ساقلانغان. مەن بۇ يەرلىك تەزكىرىچى ئېلىشا بەگ 1930-يىلى كۆچۈرگەن نۇسىخىسىنى تېپىۋېلىپ، قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ باشلىقى مەرھۇم ئابدۇللا ئەخمەتكە تاپشۇرۇپ بەرگەنىدىم. تا ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىۋاتقىنىم ۋە بۇ ماقالىنى يېزىشتا ئاساس قىلغىنىم پېشقەدەم مۇزىكانت، مەرھۇم ئىبراھىم شاھنىڭ 1983-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى كۆچۈرگەن «قۇمۇل ۋاڭلىرى ئەۋلادلىرىنىڭ نەسەبنامىسى» دېگەن نۇسخىسى بولۇپ، بۇ نۇسخىدا «مۇھەممەدشاھ غازىبەگدىن ئاخىرقى ۋاڭ شاھ مەخسۇت ۋاڭ ۋاپاتىغىچە قۇمۇلدا 11 ۋاڭ، 16 تەيجى، تۇققۇز خوجا ئۆتكەن» دەپ ئېنىق مەلۇمات بېرىلگەن. تۆۋەندە بۇ 11 ۋاڭ، 16 تەيجى، تۇققۇز خوجا ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ۋە ئەۋلادلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.  
بىرىنچى، 11 ۋاڭ، قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ھەققىدە ھازىرغىچە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە 1-ئەۋلاد ۋاڭ ئەبەيدۇللا تارخانبەگدىن باشلانغان. ئۇنىڭ ئاتىسى مۇھەمەشاھ غازىبەگ بولۇپ، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنى جۇڭغار مۇڭغۇللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىپ مۇسۇلمان قىلغان. 8-ئەۋلاد غۇلام مۇھەممەتكىچە ۋاڭلىق قانداشلىق مۇناسىۋەت بويىچە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالغان. 9-ئەۋلاد ۋاڭ شاھ مەخسۇت ئالدىنقى ۋاڭلارنىڭ بىۋاستە پۇشتى بولماي، يېقىن تۇغقىنى دېگەن قاراش بىردەك تەكىتلەنگەن. 11 ئەۋلاد ۋاڭ دېگەن قاراشتا 9-ئەۋلاد ۋاڭ شاھ مەخسۇتنىڭ ئوغلى نەزەر 10-ئەۋلاد، نەزەرنىڭ چوڭ ئوغلى بىشىر 11-ئەۋلاد دېگەن پىكىر ئاساس قىلىنغان بولسا كېرەك. يوقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، 9-ئەۋلاد ۋاڭ شاھ مەخسۇت ۋاپات بولۇشى بىلەنلا، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋاڭلىقىنىڭ  مەمۇرىي باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولغاچقا، نەزەر ۋە بىشىرلار ئەمەلىيەتتە ۋاڭ بولالماي، ئاۋام خەلق ئىچىدە ئاتاققىلا «ۋاڭ» دەپ ئاتالدى ۋە قىسقا بىر مەزگىل ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن مائاشنىلا ئالدى. 9-ئەۋلاد شاھ مەخسۇتنىڭ ئىلگىرىكى ۋاڭلارنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى بولمىسىمۇ، 9-ئەۋلاد ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلىۋالغىنىغا كەلسەك، 8-ئەۋلاد ۋاڭ غۇلام مۇھەممەت تۇغما پالەچ بولغاچقا، ئۇنىڭ ۋاڭلىق ھوقۇقىنى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسى (7-ئەۋلاد ۋاڭ مۇھەممەت بىشىرنىڭ ئۈچىنچى ئايالى، ئېلى گۇڭ بەگلىكىنىڭ 1850-يىللىرىدىكى ھاكېمبېگى خالزاتنىڭ سىڭلىسى سۇمانخاننىڭ قىزى) مېھرىبانۇ (1823-1896) يۈرگۈزگەنىدى. مۇھەممەر بىشىر ۋاڭ 1867-يىلى قەتل قىلىنغاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى بىر يىلدىن كېيىن مېھرىبانۇغا ۋاڭنىڭ پۇجۇڭى دېگەن پەخرىي نام-ئاتاق ئوتۇغات بەرگەن. 8-ئەۋلاد ۋاڭ غۇلام مۇھەممەد 1882-يىلى ۋاپات بولۇش بىلەن مۇھەممەد بىشىر ۋاڭنىڭ ئوغۇل ئەۋلادى قالمىغان. مۇھەممەد بىشىر ۋاڭدىن مېھرىبانۇ تۇغقان جەۋھەربانۇ دېگەن قىزىنى ۋاڭ جەمەتىدىكىلەردىن 4-ئەۋلاد يۈسۈپ ۋاڭنىڭ 3-ئوغلى ئەمەت تەيجىنىڭ ئەۋرىسى تاجىدىن تەيجىنىڭ يالغۇز ئوغلى شاھ مەخسۇت 1878-يىلى 29 يېشىدا ئەمرىگە ئالغان بولۇپ، ئوردىنىڭ مۆھۈردارلىق ئىشلىرىنى قىلىشقا باشلىغانىدى. مېھرىبانۇ پۇجۇڭ (ئاۋام خەلق بەزىدە ۋاڭ، بەزىدە پۇجۇڭخان دەپ ئاتاپ كەلگەن) ياشىنىپ قالغاچقا، دەسلەپتە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە كۈيئوغلى شاھ مەخسۇتنى ۋاڭلىق تەختىگە چىقىرىشىنى تەۋسىيە قىلىپ دوكلات يوللىغاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدىن 1882-يىلى 8-ئايدا تەستىقلاپ يارلىق كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن شاھ مەخسۇت 9-ئەۋلاد ۋاڭلىق تەختىگە چىققان (خەلق ئىچىدە چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا دوكلات يوللاشتا مېھرىبانۇ ۋاڭ، شاھ مەخسۇتنى مۇئاۋىن ۋاڭلىققا كۆرسىتىپ يوللاشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، شاھ مەخسۇت ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن ئوردىنىڭ كاتىپلىرىنى مېھرىبانۇنى مۇئاۋىن ۋاڭ، ئۆزىنى ۋاڭ ۋاڭ دەپ يوللاشقا ماقۇل قىلىپ يوللاتقاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدىن شاھ مەخسۇت ۋاڭ، مېھرىبانۇ مۇئاۋىن ۋاڭ بولسۇن دېگەن يارلىق كەلگەن دېگەن رىۋايەتمۇ تارقالغان).
تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ نەسەبىگە كەلسەك، ئۇ شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ 1-قېتىملىق خانى ۋە چىڭگىزخاننىڭ 7-ئەۋلاد نەۋرىسى بولۇپ، ئاتىدىن بالىغا تۇتاشتۇرغان تەرتىپ بويىچە ئەۋلادى مۇنداق بولىدۇ: تۇغلۇق تۆمۈرخان، ئىلياسخان، مەۋلانە شەيىخخان، ھەسەن غازى، يارمۇھەممەد غازى، مۇھەممەدشاھ غازى، ئەبەيدۇللا تارخانبەگ، گۇپا بەگ، ئىمىن گۇڭ، يۈسۈپ ۋاڭ، ئىسھاق ۋاڭ، ئەدەشىر ۋاڭ، مۇھەممەد بىشىر ۋاڭ، غۇلام مۇھەممەد ۋاڭ، ئاتا-بالا ئەۋلاد تەرتىپى بويىچە بۇ 17 ئەۋلاد يۇقىرىقىدەك بولۇپ چىقىدۇ.  خىزىر خوجا بولسا تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئىلياسخاندىن كېيىنكى 2-ئوغلى بولۇپ، بارىكۆلدىكى 18 كۈنلۈك غازات ئۇرۇشىدا 1399-يىلى شېھىت بولغان ۋە جەسىتى تۇرپاننىڭ پەمشى دېگەن جايىدا دەپنە قىلىنغان (يەنە بەزى رىۋايەتلەردە قۇمۇلنىڭ شەرقىدىكى ئىچكى ئۆلكىدىكى غازات ئۇرۇشىدا شېھىت بولغان دېيىلىدۇ). تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئەجدادلىرىنى ئۇيغۇر تارىخچىلىرىدىن مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر، شاھ مەھمۇت جوراس، موللا مىرسالىھ قەشقەرى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدە بالىدىن ئاتىغا (ئەۋلادتىن ئەجدادقا) باغلاپ تۇتاشتۇرغان نەسەبى مۇنداق: « ھەزرىتى ئىسمايىلخان، ئابدۇرېھىمجان، ئابدۇرەشىتخان، سۇلتان سەئىدخان، ئەھمەتجان، يۇنۇسخان، ئۇۋەيسخان، شىرئەلىخان، مۇھەممەد خىزىر خوجا، تۇغلۇق تۆمۈر، ئىسەن بۇقاخان، داۋاخان، بەراقخان، يىسۇن قاراخان، مۇۋاتوكانخان، چاغاتايخان، چىڭگىزخان، يەسۇگەيخان، بەرىتاخان، قىبلىخان، تۇنىبتەخان، بايسىنقۇر، قايدۇر، دۇتۇم مىننىخان، بۇقاخان، بودەنچىر قائان، ئالانقۇۋا كۆرۈكلۈك». چىڭگىزخاننىڭ 10-ئەۋلاد ئەجدادى بولغان ئالانقۇۋا كۆرۈكلۈكتىن ئەجدادىنى يەنىمۇ ئالدىغا (ئاتىغا تۇتاشتۇرۇپ) سۈرۈۋەرسەك، رىۋايەتلەردىكى نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ياپەسكە تۇتىشىدىكەن.
تۇققۇز ئەۋلاد ۋاڭنىڭ ئەۋلادلىرى: 1-ئەۋلاد ۋاڭ ئەبەيدۇللا تارخانبەگ (1697-يىلىدىن 1709-يىلىغىچە) تەختتە ئولتۇرغان، ئۇنىڭ گۇپا (ۋاپا) بەگ، باقى بەگ، ئىسلام بەگ دېگەن ئۈچ ئوغلى بولۇپ، گۇپا بەگدىن باشقىلىرىنىڭ ئەۋلادى تۈزۈلگەن. 1-ئوغۇل گۇپا بەگ (1709-يىلىدىن 1711-يىلىغىچە) تەختتە ئولتۇرغان، ئۇنىڭ ئىمىن گۇڭ دېگەن بىر ئوغلى بولۇپ، 2-ئەۋلاد ۋاڭ گۇپا بەگنىڭ ۋاڭلىق تەختگە ۋارىسلىق قىلغان. 3-ئەۋلاد ۋاڭ ئىمىن گۇڭ (1711-يىلىدىن 1740-يىلىغىچە) تەختتە ئولتۇرغان. ئۇنىڭ يۈسۈپ بەگ، يۇنۇس بەگ، ئۆمەر بەگ، ئابدۇللا بەگ دېگەن تۆت ئوغلى ۋە ھۇمايخېنىم دېگەن قىزى بولغان ( قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى 3-ئەۋلاد ۋاڭ ئىمىن گۇڭنىڭ مۇشۇ بەش پەرزەنتىدىن باشلاپ كۆپىيىپ، ھازىرقى ھالەتكە يەتكەن). يۈسۈپ بەگ 4-ئەۋلاد ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلغان، يۈسۈپ ۋاڭ (1740-يىلىدىن 1766-يىلىغىچە) تەختتە ئولتۇرغان، ئۇنىڭ ئىبراھىم بەگ، ئىسھاق بەگ، ئەھمەت تەيجى دېگەن ئۈچ ئوغلى بولۇپ، 1766-يىلى چوڭ ئوغلى ئىبراھىم بەگ بىلەن بېيجىڭ خانغا سالامغا بېرىپ قايتىشىدا چېچەك يۇقتۇرۇۋېلىپ، ئاتا-بالا ئىككىيلەن يولدا ۋاپات بولغاچقا، 2-ئوغلى ئىسھاق 5-ئەۋلاد ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلغان. ئىسھاق ۋاڭ 1766-يىلىدىن 1780-يىلىغىچە) تەختتە ئولتۇرغان، ئۇنىڭ ئەدەشىر دېگەن بىرلا ئوغلى بولۇپ، 6-ئەۋلاد ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلغان. ئەدەشىر ۋاڭ (1780-يىلىدىن 1813-يىلىغىچە) تەختتە ئولتۇرغان، ئۇنىڭ مۇھەممەد بىشىر ۋە مۇھەممەد نەزەر دېگەن ئىككى ئوغلى بولۇپ،  مۇھەممەد بىشىر 7-ئەۋلاد ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلغان. مۇھەممەد بىشىر (1813-يىلىدىن 1867-يىلىغىچە) تەختتە ئولتۇرغان. مۇھەممەد بىشىر ۋاڭنىڭ غۇلام مۇھەممەد دېگەن بىرلا تۇغما پالەچ ئوغلى بار بولۇپ، 8-ئەۋلاد ۋاڭلىقا ۋارىسلىق قىلىپ، 1867-يىلىدىن 1881-يىلىغىچە ۋاڭلىق تەختدە ئولتۇرغان بولسىمۇ، ۋاڭلىق ئەمەلىي ھوقۇقنى ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسى مېھرىبانۇ پۇجۇڭ يۈرگۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا قانداشلىق مۇناسىۋەت بويىچە داۋاملاشقان ۋاڭلىق مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەن بولسىمۇ، 8-ئەۋلاد ۋاڭ غۇلام مۇھەممەدنىڭ قېيناكىسى، مېھرىبانۇ پۇجۇڭنىڭ كۈيئوغلى، مۇھەممەد بىشىر ۋاڭنىڭ تەيجىسى تاجىدىن تەيجىنىڭ يالغۇز ئوغلى شاھ مەخسۇت 9-ئەۋلاد ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلغان ۋە 1882-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە ۋاڭلىق تەختىدە ئولتۇرغان.
ئىككىنچى، 16 تەيجى. 1-ئەۋلاد ئەبەيدۇللا تارخانبەگدىن 3-ئەۋلاد ۋاڭ ئىمىن گۇڭ زامانىسىغىچە (1697-يىلىدىن 1740-يىلىغىچە) بولغان 43 يىل جەريانىدا ۋاڭ ئوردىسىدا تەيجى ئەمەل دەرىجىسى ھەر خىل ھاكىمبەگلەر ۋاڭ ئوردىسىنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ ئەمەلدارلىرى بولغان. بۇ ئەمەلدارلارنى ئاۋام خەلق شەخسنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە بەگ ياكى خوجا دېگەن ئىسىمنى قوشۇپ  ئاتاپ كەلگەن. مەسىلەن: ئەبەيدۇللا تارخانبەگنىڭ بالىلىرىنى گۇپا بەگ، باقى بەگ، ئىسلام بەگ ۋە ئىمىن ەۇڭنىڭ بالىلىرىنى يۇنۇس بەگ، ئابدۇللا بەگ، ئۆمەر بەگ دەپ ئاتىغان.
بەگلەرنىڭ مەلۇم ساندا ئۆزىگە قاراشلىق ئادىمى ۋە ئائىلە مۇلازىملىرى بولغان. ھەر دەرىجىلىك بەگلەرنىڭ ۋاڭغا، يۇقىرى دەرىجىلىك بەگلەرگە ئولپان تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولغان. 4-ئەۋلاد يۈسۈپ ۋاڭدىن ئىلگىرى ۋاڭلارغا قاراشلىق بەگلەرگە مائاش ۋە ئاشلىق بېرىلمەي كەلگەن. 1759-يىلىدىن كېيىنلا ئاساسلىق بەگلەرگە  بىر قىسىم يەر ۋە يانچى سەپلەپ بېرىلگەن. ۋاڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆزىگە بەگ ياكى خوجا دېگەن نامنى مەيلىچە قوشۇۋالغان بولغاچقا، بەگلەرنىڭ سانىمۇ ئەۋلادىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ھە دەپ ئېشىپ كەتكەن. شاھ مەخسۇت ۋاڭ زامانىسىدا تۆۋەن ئوردا بولغان ئورداخىي مەھەللىسىدە بەگلەرنىڭ سانى 1900-يىللاردا شۇ مەھەللىدىكى نوپۇسنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كەتكەن. شاھ مەخسۇت زامانىسىدا ۋاڭ ئوردىسىدا سىياسەت-تەدبىر بەلگىلەيدىغان كېڭەش يىغىنى تەسىس قىلىنىپ، چوڭ، كىچىك تەيجى ئىككى ئادەم، مۇشاۋىر ئىككى ئادەم، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئەلەم ئاخۇنۇم بىر ئادەم، خەنزۇ مىرزىبەگ بىر ئادەمدىن تەركىب تاپقان ۋاڭ ئوردىسى يۇقىرى قاتلام ھۆكۈمرانلىق گۇرۇھى شەكىللەنگەن. چوڭ، كىچىك ئىككى تەيجى بولسا بۇ كېڭەش يىغىنىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى تۇتقان ئەڭ مۇھىم ئەمەلدار بولغان. 4-ئەۋلاد يۈسۈپ ۋاڭ زامانىسىدىن باشلاپ تەيجى ئەمىلى تەسىس قىلىنىپ، 1930-يىلىغىچە 170 يىل جەريانىدا جەمئىي 16 ئادەم تەيجى بولغان. تەيجى بولغانلارنىڭ ھەممىسى ھەر قايسى ئەۋلاد ۋاڭلارنىڭ بىۋاستە تۇغقانلىرى (ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى) بولۇپ، ئاۋام خەلقتىن تەيجىلىككە ئادەم تەيىنلەشكە رۇخسەت قىلىنمىغان. تەيجىلىككە تەيىنلىنىدىغان ئەمەلدارنى ۋاڭ ئوردىسىدىن كۆرسىتىپ، ناھىيەلىك ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئارقىلىق مەركىزىي ھۆكۈمەتكە يوللاپ، ئەنگە ئالدۇرۇپ كەلگەن. مەسىلەن، 1-ئاينىڭ 18-كۈنى قۇمۇل ئۇيغۇرلار يۇرتى خوشۇن ئىشلىرى ياردەمچى نازارەتچى ئامبىلە توسىرا قىچىبەگ ھاشىر تەيجى ۋاپات بولغاندا، شاھ مەخسۇت ۋاڭ شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى شىنجاڭنىڭ  باش تۇتۇقى ياڭ زېڭشىن ئارقىلىق يۇنۇس نۇشىرۋاننى ئۇنىڭ ئورنىغا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشقا يوللىغاندىن كېيىن، 1914-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى بۈيۈك زۇڭتۇڭ يۈەن شىكەينىڭ تەستىق يارلىقى چۈشۈرۈلگەنىدى.
16تەيجىنىڭ ئىسىملىكى: ئەمەت تەيجى، سۇلايمان تەيجى، ئابدۇلبەيزى تەيجى، بەھمەن تەيجى، مۇھەممەنەزەر تەيجى، پەتەنۇش تەيجى، مۇنۇر تەيجى، پازىل تەيجى، نۇشىرۋان تەيجى ، تاجىدىن تەيجى ئۇۋەيس تەيجى، نەمتۇللا تەيجى، ئەبەيدۇللا تەيجى، ھاشىر تەيجى، يۈسۈپ تەيجى.
ئۈچىنچى، تۇققۇز خوجا. قۇمۇل ۋاڭلىرى 1-ئەۋلاد ۋاڭ ئەبەيدۇللا تارخانبەگدىن باشلاپلا تەيجى، بەگ دېگەن مەمۇرىي باشقۇرغۇچى ئەمەلدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ناملاردىن باشقا، ئۆزلىرىنىڭ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ «ئەۋلادى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ۋاڭ جەمەتىدىكىلەر ئىسىم-شەرىپىنىڭ كەينىگە خوجا دېگەن نامنىمۇ قوشۇپ ئىشلەتكەن، بۇنىڭ بىلەن قۇمۇل ۋاڭلىرى جەمەتىدىكىلەر قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنى باشقۇرۇشتا ھەم مەمۇرىي باشلىق ھاكىمبەگ بولغان، ھەم قۇمۇلنىڭ ئىسلام دىنى ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى خوجا بولۇپ، قوش ئەمەللىك ھۆكۈمران بولۇۋالغان. ئەمەلىيەتتە قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئەجدادلىرى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئەۋلادى بولسۇن ياكى يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن بولسۇن، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى بولۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.
تۇققۇز خوجىنىڭ ئىسىملىكى: شادى بەگ، مەمەت شېرىپ بەگ، ياھيا بەگ، مىلىك بەگ، شاھ مەخسۇت، يۇنۇس نۇشىرۋان، يۈسۈپ جۈبەيرىبەگ، تۆمۈرخان، تاھىر ھاجىبەگ.
پايدىلانمىلار :
1.        ئابلىز ئورخۇن:«نەسەبنامە ۋە ئۇيغۇر نەسەبنامىچىلىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە» («شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژورنىلى، 1995-يىلى 1-سان، 8-بەت).
2.        «قۇمۇل، تۇرپان ئۇيغۇر ۋاڭلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995-يىلى، خەنزۇچە نەشرى.
(ئاپتور:«قۇمۇل گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ پېنسىيۇنىرى)

مەنبە: قۇمۇل ئەدەبىياتى 2008-يىللىق 8-سانىدىن ئېلىندى.

1

تېما

2

دوست

4674

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 301
تۆھپە : 1238
توردىكى ۋاقتى: 352
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
شاھ مەخسۇت ۋاڭدىن كېيىنكى ئەۋلادلارچۇ. ۋاڭ ئەۋلادلىرى قۇمۇلدا ھازىرمۇ باردۇ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

44

تېما

2

دوست

7438

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 719
تۆھپە : 1897
توردىكى ۋاقتى: 480
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    شامەخسۇتنىڭ قانچىنچى يىلى تۇغۇلغانلىقى توغرىلىق مەلۇمات يوقمۇ؟
    چۈنكى بۈگۈنگىچە شامەخسۇت مۇنچىنچى يىلى تۇغۇلغان دەپ ئاڭلىمىدىم.

3

تېما

0

دوست

2058

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15671
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 662
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يەر
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھازىرمۇ ئەۋلادلىرى بار،ئۇلارنىڭ چىرايىغا بىرلا قارىغان ئادەم گەپ-سۆزسىزلا ئۇلارنىڭ
پەيغەمبەر ئەۋلادىمۇ ياكى چىنگىزخاننىڭمۇ ؟  % 100   بىلەلەيدۇ...

15

تېما

1

دوست

4132

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1248
توردىكى ۋاقتى: 310
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
5#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى بىلەن تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ قانداق باغلىنىشى بار؟
مۇشۇ قۇمۇل ۋاڭلىرى ئىچىدە كىمنىڭ تۆھپىسى ھەممىدىن زور؟شامەخسۇتنىڭ قىلغان
ياخشى ئىشلىرى بارمۇ؟

14

تېما

1

دوست

979

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   95.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30148
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 38
تۆھپە : 308
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-8
6#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
tikan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 19:01
قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى بىلەن تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ قانداق با ...

قومۇلدا ئۇرۇش يېغى كۆپ بولۇپ، ئادەم قالمىغاندا قۇمۇل ۋاڭلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نوپۇس كۆچۈرگەن.
كۆچۈرۈپ كەلگەن بۇ نوپۇستا تۇرپانلىقلار كۆپ، ئاندىن قالسا قەشقەر ۋە غۇلجىدىن كۆپ.
شۇڭا ھازىرقى قۇمۇلنىڭ خېلى كۆپ ئۇيغۇرلىرىنى تۇرپانلىقلارنىڭ ئەۋلادى دېيىشكە بولىدۇ.
شىۋىلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بەك يېقىن.

1

تېما

2

دوست

4674

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 301
تۆھپە : 1238
توردىكى ۋاقتى: 352
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9
7#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
alaqehan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 16:25
بولسىمۇ پوققا پايدىسى يوق. زىيىنى بار قوڭالتاق ۋاڭلار

نېمىشقا بۇنداق دەيسىز، ھازىرقى ئەۋلادلىرىدىن سىزگە زىيان يەتكەنمىتى.

0

تېما

0

دوست

1472

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31294
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 470
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
8#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alaqehan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-5 12:15  
.........................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )