نېفىت بازىرىدا قاراقۇ ۋەقەسى كۆرۈلىشى مۇمكىن
ۋول كوچىسى گېزىتى مەخسۇس ماقالىسى (لىيام دېننىڭ-Liam Denning): سەئۇدى ئەرەبىستان ھەمدە ئۇ تايىنىدىغان يەر شارى نېفىت بازىرىدا كاشىلا ئامىللىرى پەيدا بولماقتا، ھازىرغا قەدەر ئاساسلىقى تەمىنلىگە تەرەپكە مەركەزلەشتى. شىمالىي ئامېرىكىنىڭ سلانتىس نېفىتى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى شىددەت بىلەن ئېشىپ، يەر شارى بازىرىدىكى كۈنسېرى ئوتتۇرا شەرق خام نېفىتىغا تايىنىشنى چۆرىدىگەن مۆلچەردە بۇرۇلۇش پەيدا قىلدى.
ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ۋەزىرى ئەلى ئەل-نائىمى نېفىتى ئېھتىياجىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا. ئۇ ئالدىنقى ئايدىكى بىر يىغىندا، 2050-يىلدىن ئىلگىرى ئالدىن بىلگىلى بولمايدىغان قاراقۇ ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا نېفىت ئېھتىياجىنى نۆلگە چۈشۈپ قويامدۇ يوق؟ دەپ سوئال سورىدى.
يېقىندا نېفىت باھاسى قاتتىق چۈشۈپ كېتىش ۋەزىيىتىدە نائىمى ئويلاشقىنى بىر قىسىم يوشۇرۇن كاشىلا ئامىللىرى، مەسىلەن يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكىسى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش تىرىشچانلىقى قاتارلىقلار.
مۇنداق قاراپ باقساق، بۇ خىل ئەندىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دېيەرلىك. خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ئوتتۇرا مەزگىللىك پەرەزدە كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلغا بارغاندا يەر شارىنىڭ خام نېفىت ئوتتۇرىچە ئىستېمال مىقدارى 6 مىليون 600 مىڭ باك ئاشىدىكەن.
لېكىن بۇ ئومۇمىي يۈزلىنىشتە، ئەھۋالدا ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىش يۈز بەرمەكتە. 2014-يىلدىكى پەرەزگە سېلىشتۇرغاندا، خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى كەلگۈسى بەش يىلدا يەر شارى نېفىت كۈندىلىك ئىستېمال مىقدارىنى ئوتتۇرىچە بىر مىليون باك تۆۋەنلەتتى. بۇ سان ئاڭلىماققا چوڭ ئەمەس. ئەمما مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئارتۇقچە تەمىنلەش مىقدارى كۈنىگە 1 مىليون 500 مىڭ باكتىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.
تېخىمۇ مۇھىمى، ئېھتىياج قۇرۇلمىسىدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى مۇمكىن.
ئۈچ يىل ئىلگىرى، خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى 2015-2017 يىللىرى يەر شارى نېفىت ئېھتىياجىنىڭ كۈندىلىك مىقدارى 3 مىليون 860 مىڭ باك ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئىدى. بۇنىڭدا %79 ئېھتىياج ئاتالمىش كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىن كېلىدۇ. ئەڭ يېڭى مۆلچەر يۇقىرىقى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن ھەمدە پەقەت %63 ئېھتىياج يۇقىرىقى رايونلاردىن كېلىدۇ.
خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى ئامېرىكىنىڭ ئېھتىياجى سۇسلايدۇ دەپ قارايدۇ. مەزكۇر مەھكىمىنىڭ 2008-يىلدىن 2014-يىلغىچە بولغان ئوتتۇرا مەزگىللىك مۆلچەرى ئامېرىكا نېفىت ئىستېمالىنىڭ بەش يىل ئىچىدە تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئىدى. ھازىرقى مۆلچەرى بولسا 2019-يىلغا بارغاندا ئامېرىكىنىڭ كۈندىلىك نېفىت ئېھتىياجى 380 مىڭ توننا ئاشىدۇ.
ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ بېنزىن باھاسى نىسبەتەن تۆۋەن چاغدا نىسبەتەن چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىلغا ئامراقلىقىنى ئويلاشقاندا، بۇ مۆلچەر ئەقىلگە مۇۋاپىق. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرىمۇ يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارنىڭ ئېشىشىنى يوققا چىقاردى.
بۇ خىل ئۆزگىرىش نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سېلىشى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ تۆۋەن نېفىت باھاسىغا بولغان ئىنكاسى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 90-يىللاردىكىگە ئوخشىماسلىقى كېرەك. ئەينى چاغدا، ئاساسلىق خىزمەت يېشىدىكى نوپۇس ۋە باشلامچى نوپۇس يەنىلا كۈچلۈك ئېشىۋاتقان بولۇپ، ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچلۈك ماشىنا ۋە ئېلېكتر ماشىنىلار يەنىلا ناھايىتى ئاز ئىدى.
خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى يەنىلا ئامېرىكىنىڭ نېفىت ئېھتىياجىنى 2019-يىلى يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى. ئامېرىكىنىڭ نېفىت سىجىللىقى يەنى نېفىت ئىستېمال مىقدارى بىلەن دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ، جۇڭگونىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولىدۇ. خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئوتتۇرا مەزگىللىك مۆلچەرىدە، يەر شارى نېفىت ئېھتىياجىنىڭ يىللىق بىرىكمە ئېشىش نىسبىتى %1.16 بولۇپ، 2009-يىلدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە بولدى.
نېفىت ماگناتلىرى ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى ئاستىلاشتىن تامچە ھالەتكە، ھەتتا تامامەن توختاپ قېلىش ھالىتىدىكى دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىشى ناھايىتى تەس. ئېكسون موبىل 2040-يىلى يەر شارى نېفىت ئېھتىياجىنىڭ تەخمىنەن ھەر كۈنى 117 مىليون باك بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. لېكىن 2007-يىلى مەزكۇر شىركەت نېفىت ئېھتىياجىنى 2030-يىلى بۇ سەۋىيەگە يېتىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن ئىدى. لېكىن ئېكسون موبىلنىڭمۇ خاتالاشقان ۋاقتى بولغان. مەزكۇر شىركەت 21-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى 10 يىلىدا ئىستراتېگىيەلىك يوشۇرۇن قىياستىكى نېفىت نىسبپىي ئەرزان بولۇپ، ئامېرىكا ئىمپورت قىلىشقا ئېھتىياجلىق نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئۈزلۈكسىز ئاشىدۇ، دەپ پەرەز قىلدى. لېكىن ئەمەلىيەت بۇ پەرەزنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
ئوخشاشلا، بازاردا يەنە كۆپلىگەن ئىنتايىن مودا قاراشلار بار، مەسىلەن توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ باتارېيەسىنىڭ ياخشىلىنىشى ئىنتايىن ئاستا، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلاردا ھەربىر ئادەم نېفىت يولۋىسى دەپ ئاتاشقا بولىدىغان ئاپتوموبىلغا ئىگە بولىدۇ قاتارلىقلار. لېكىن بۇ پەرەزلەردە ئەڭ ئاخىرى يىراقنى كۆرەرلىك كەمچىل ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىشى مۇمكىن. مەيلى يانفون، تەكشى ئېكرانلىق تېلېۋىزور، ياكى سىلانتىس سۇ بېسىمى بىلەن يېرىش تېخنىكىسى بولسۇن، يېڭى تېخنىكا بىخلانغاندىن كېيىن بىر كېچىدىلا پىشىپ يېتىلىدۇ ھەمدە تېزلىكتە كونا تېخنىكىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. ئەگەر ئېھتىياج ئەندىزىسى ئۆزگەرسە، ئۇنداقتا كانادا نېفىت قۇمىدەك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ساقلاپ قالىدىغان ئۇزۇن مەزگىللىك نېفىت تۈرى قارىماققا ناھايىتى ئاجىز كۆرۈنىدۇ.
نېفىت باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە تەۋرىنىشى، يەنە كېلىپ نېفىتنىڭ جۇغراپىيىۋى سىياسەت ۋە مۇھىتدىن ئىبارەت ئېغىر يۈكى دەل نېفىتنى ئىشلىتىشنى ئازايتىشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ تەمىنلىدى. يۈزەكى قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىستراتېگىيەسى نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان رىقابەتچىلىرىنى قورقىتىشتۇر. ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ ئېھتىمال ئىستېمالچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشتىكى ھەمكارلىق تىرىشچانلىققا ۋەكىللىك قىلغان بولۇشى مۇمكىن. نۆۋەتتە ئىستېمالچىلارنىڭ تاللىشى گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما تاللاشقا بولىدىغان تۈرلەر شىددەت بىلەن ئاشماقتا.
مەنبە:ۋول كوچىسى گېزىتى تورى؛ تەرجىمىدە: ئوكيان
|